hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 16:03:53

يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى ئون ئىككى قانۇنىيەت

يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى ئون ئىككى قانۇنىيەت
تېۋىپ بولغۇچى يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى ئون ئىككى قانۇنىيەتنى بىلىشى كېرەك.
1.        ھەر بىر يەككە دورىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىللاردىكى ئاتىلىشىنى پىششىق بىلىىشى كېرەك. بۇ يەككە دورىلاردىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىشتا كېرەك بولىدۇ.
2.        ھەر بىر يەككە دورىنىڭ ماھىيىتى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، يېپىشقاقلىقى، قوپاللىقى، باشقا دورىلار بىلەن قارشىلىشىشچانلىقى، ئۇزۇن، قىسقىلىقى قاتارلىقلارنى بىلىشى كېرەك.
3.        دورا سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇ دورىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە پايدىلىق.
4.        يەككە دورىنىڭ تۆت كەيپىياتىنىڭ دەرىجىسىنى بىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق قانداق دورىلارنى قانچىلىك مىقداردا قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
5.        ھەر بىر يەككە دورىنىڭ قايسى ئەزاغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
6.        يەككە دورىنى قانداق ۋە قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىش، يالغۇز ئىشلىتىش كېرەكمۇ، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ يۇيۇپ ئىشلىتىش، يۇمشاق سوقۇپ ئىشلىتىش ۋە ياكى چالا سوقۇپ ئىشلىتى كېرەكمۇ دېگەندەك قائىدىلەرنى ياخشى بىلىشى كېرەك.
7.        ھەر بىر يەككە دورىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلىشى كېرەك.
8.        ھەر بىر يەككە دورىنىڭ تۈزەتكۈچىسىنى بىلىشى كېرەك.
9.        توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈك دورىنىڭ ھەر بىرىنى يەككە ئىشلەتكەندە قانچىلىك، باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندە قانچىلىك ئېلىنىدىغانلىقىنى، مەتبۇخ قىلىنامدۇ، تالقان قىلىنامدۇ، ئۇسارىسى ئېلىنامدۇ، ياپرىقى ئېلىنامدۇ، يىلتىزى ئېلىنامدۇ قاتارلىق  ساۋاتلارنى پىششىق بىلىشى كېرەك.
10.        بەدەل دورىلارنىڭ بىلىشى كېرەك. نۇسخىدا كۆرسىتىلگەن يەككە دورىنىڭ ئۆزىنى تاپالمىغاندا ئۇنىڭو ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان دورا ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى بىلىشى كېرەك.
11.         دورىنىڭ يېغىۋېلىنىدىغان ۋاقتىنى بىلىشى كېرەك، دورىنى مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋالغاندا، دورىنىڭ تەسىرى يۇقىرى بولغاندىن سىرت دورىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
12.        دورىنىڭ قەيەردىن چىقىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

مەنبەسى: تەزكىرە ئەنتاكى ناملىق كىتابتىن پەقىرنىڭ تەرجىمىسى

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:05:54

تېۋىپ ھەكىملەرنىڭ خۇسۇسى ئولتۇرىشى بولغىدەك.:lol
مەندە بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغۇدەك سەۋىيە يۇقكەن.{:87:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:19:04

ئوبدان تېما بوپتۇ بۇ. ئومومىي جەھەتتىن ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك يازما بوپتۇ.
بەدەل دورا دېگەننى ئورۇنباسار دەپ ئالساق مەنىسى تېخىمۇ ئىنىق بولىدىغاندەك. ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتە ئىمكان بار ئاممىباب، ئۆزىمىزگە يېقىنراق، ئاسان چۈشىنەلىگۈدەك ئېيتساق ياخشى بولامتىكى دەيمەن. بولمىسا ئارسىلانمەمەتتەك كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار خۇسۇسىي ئولتۇرۇش قىلىۋىتىپسىلەر ھە دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتكۈدەك. :lol

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 09:08:26

ھەكىملەردىن سوراپ باقسام ھازىرقى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ تۈرى نەچچە خىلغان يىتىدۇ؟ھىندىستان،پاكىستان
قاتارلىق تەرەپلەردىن نەچچە خىل دورا ئەكىرىدۇ؟دىيارىمىزنىڭ قايسى جايلىرى مۇشۇ تىبابەت دورىلىرىنى تېرىشكە
ماس كىلىدۇ؟ ھازىر تېرىغۇچىلارغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت يۇقۇرىراق بۇلۇۋاتقان دورىلار قايسىلار؟
بەت: [1]
: يەككە دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى ئون ئىككى قانۇنىيەت