irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 11:15:22

كۆزنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز؟

       تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
          كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، قىزىتىلغان ئىككى قولنى كۆزگە يېقىپ بېرىش، قول بارماقلىرىنى پىشانىگە قارىتىپ ئالقاننى مەڭىز سۆڭىكىنىڭ ئۆستىگە قويۇش، ھەر قېتىمدا بەش مىنوت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىلىش لازىم. يەنە كۆز ئالمىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: دېرىزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا قاراپ بەرسە، بۇنىڭدا دېرىزىنىڭ سول ئۈستۈنكى بۇلۇڭىدىن سول ئاستىڭقى بۇلۇڭىغا، سول ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن ئوڭ ئاستىنقى بۇلۇڭىغا، ئوڭ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن ئۇڭ ئۈستۈنكى بۇلۇڭىغا قاراپ كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۈرۈش، دېرىزىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىغا كەلگەندە كۆزنى بىرقانچە قېتىم چىمىلدىتىش، بۇ خىل قاراش ھەركىتىنى ئۇدا بەش قېتىم تەكرارلاش، ئاندىن ئىككى كۆزنى يۇمۇپ بىر قانچە سىكونت ئارام ئالدۇۇرش، بۇ ھەركەتنى تەتۈر يۆلىنىش بويىچە تەكرارلاش لازىم.
           كۆزنى دائىم چىمىلدىتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆزنى يېقىن ئارىلىقتىكى بىر نىشانغا ئۇزۇن ۋاقىت يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن، كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىپ بېرىش ياكى كۆزنى يۇمۇپ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش، ئىككى كۆزنى ئەركىن ھاللەتتە تۇرغۇزۇش لازىم. كۆزنى چىمچىقلىتىشمۇ بىر خىل ئۇۋۇلاش بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىلەتكىلى، شۇنىڭدەك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش– داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
      كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر. مەسىلەن: تەركىبىدە كاروتىن كۆپرەك بولغان كالا سۈتى، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، خاسىڭ، سەۋزە، شوخلا، كۆممىقۇناق، كاۋا، يېشىل رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆز نۇرىنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار قۇياش قالپىقى كىيىۋېلىشى ۋە قۇياش كۆزەينىكى تاقىۋېلىشى لازىم. ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىششىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
       ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈزنى يۇيىدىغان چاغدا، لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بوشراق سىقىۋەتكەندىن كېيىن ، دەرھال قاتلاپ پىشانىگە ۋە ئىككى كۆزگە يېپىپ، باشنى سەل ئۈستىگە قارىتىپ، كۆزنى بوشراق يۇمۇپ ، تەخمىنەن بىر مىنوتتىن ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇش ، لۆڭگە سوۋۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا قىزىق سۇغا چىلاپ، يۇقىرىقى ھەركەتنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش لازىم . بۇنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۇتىنى ئاسرىغىلى، كۆرۈش قۇۋۇتى ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەنبە : ھەدىيە دوختۇرخانىسى تور بېتى
http://www.xjadiya.com/uy

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 13:18:27

كۆزگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر. مەسىلەن: تەركىبىدە كاروتىن كۆپرەك بولغان كالا سۈتى، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، خاسىڭ، سەۋزە، شوخلا، كۆممىقۇناق، كاۋا، يېشىل رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆز نۇرىنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەسىلەن: ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار قۇياش قالپىقى كىيىۋېلىشى ۋە قۇياش كۆزەينىكى تاقىۋېلىشى لازىم. ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىششىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

...
ياخشى تېمىكەن، ساۋاتقا ئىگە بولدۇق.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 14:33:28

يولداشلىنى نىمانداق تىكتاك توپنى كۆپ ئوينايدىكى دىسەم ماندا پايدىسى باركەندە

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 15:19:27

تېلۋېزور ، كومپىيوتىر ، يانفۇن ئېكرانىغا ئۇزاق قارىۋالماسلىق كېرەك دەپ قارايمەن .

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 15:53:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mart22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 15:55  

يانفون، كومپىيوتىر ئىكرانىنىڭ يورۇقلۇقۇنى ئىمكان با تۆۋەن قىلىپ تەڭشەيمەن.

ئۇندىن باشقا chrome نىڭ  Stylish قىستۇرما دىتالى ئارقىلىق تور بەتنىڭ رەڭگىنى كۆزگە ئارام بىرىدىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋالىمەن.



Stylish نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:
https://chrome.google.com/webstore/detail/stylish/fjnbnpbmkenffdnngjfgmeleoegfcffe/related?hl=zh-CN

كود:  body  {background-color:#C7EDCC !important;}  
  div   {background-color:#C7EDCC !important;}  
  table {background-color:#C7EDCC !important;}  
  td    {background-color:#C7EDCC !important;}  

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:07:00

تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


          شۇڭا كۆزەينەك تاقاپ ئوينايدۇ ئاۋۇلار:lol
بەت: [1]
: كۆزنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز؟