تىمىسىز
مەن سىنى سۆيەتتىم نىگار،سۆيۈشلىرىم چوڭقۇر شۇقەدەر،
ئۇزۇن كىچە كۈتۈپ بىتاقەت
تەلمۈرمەكتىمەن خىياللىرىمدا،
گۈزەل بىر قىز ماڭىدۇ ئاستا،
يۈرىكىگە دەسسەپ زىمننىڭ،
....
ئەركەكلىكىمگە تاشلاپ بىر سۇئال،
كىلىسەن ئەي گۈزەل گۈزەل نىگارىم،
بىلىمەن سەن ئۇنچە يىراق ئەمەسسەن
چىدام غەيرەت بولسىلا مەندە.
ئۆزۈڭنى قاچۇرماستىن ئۇنچىلىك يىراق،
ئىشىنىمەن بىر كۈن ئاچىسەن قۇچاق،
ئۇ كۈندە گۈللەر شاتلىنىپ كۈلىدۇ تۇپراق...
كىچە جىمجىت خىياللار ئويغاق،
مەن پەقەت ئىنتىزار ئىنتىزار ساڭا!
بىلەمدىغانسەن كۆيۈشلىرىمنى؟
ئاھ يۈرىكمدە ئوت كۆيەر قەۋەت.
شۇنداق بىر كۈن كەلسىكەن دەيمەن
قۇشلار سايراپ گۈللەر ئىچىلسا،
ياشلىق كۆزلەر كۈلسە شات خۇرام.
لەختە يۈرەك بولارمۇ شادىمان
ئۇسسۇزلۇققا قانغان بۇلبۇلدەك.
ئىنتىزارمەن پەقەتلا ساڭا،
شۇڭا دەيمەن بولسامكەن ئويغاق،،،
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يىزىلدى
رابىيەم ئابدۇللا ئاھ، بۇلدۇقللاپ تۇرغان ھېسىياتلار!!!
توي قىلدىم، يوق بولدى.
شۇڭا مۇھەببەت شائىرلارنىڭ توي قىلماسلىقى بىكار ئەمەسكەن. ئايال كىشى بولسىڭىزمۇ ئەرنىڭ ھىسياتىنى ياخشى ئىپادىلەپسىز رومانتىك ھېسلارغا تويۇنغان شىئېر بوپتۇ ، ئاپرىن مىنى قوللىغان دوستلارغا رەھمەت ، بىر شىڭگىل قۇشاق كەتتى@.........@
خۇلقى بىر ئوت ئەي گۈزەل قىزچاق،
‹‹كۈلكەڭ يېڭى گۈلدىكى پوراق››.
مەن ئىشقىڭدا گۇيا سەۋدايى،
سەن پەرۋاسىز ئۈتسەن بىراق.
ياستۇق بىلەن سېردىشىپ كۈندە،
ئۇيقۇم ھارام بولغىلى نەۋاق.
قاچان ئاشار دىلدىكى ئارمان،
دەپ سۇرايمەن ئۆزەمدىن سۇراق.
سېغىنىپ مەن سىنى بۈگۈنمۇ،
يېزىپ قالدىم يۇقىلاڭ قۇشاق.
قوغلاشقاندەك سىنى مەن دائىم،
قوغلاپ قالدىم قاپىيە تۇراق.
نىمە بولدۇم پەقەت بىلمەيمەن،
ئېغىزىمدىن ئۆتمىدى تاماق.
ئوتوڭ بىلەن سالدىڭمۇ ياكى
ھېچ بىلمىدىم،ئشتەيگە ياماق.:lol
داۋامى بارئىدى، سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم...... سىرىتقا چىقپ كىرىپ بولغىچە،داۋامى قېچىپ كېتىپتۇ.تاپالمىدىم:lol شەھۋەتخورلار:lol:lol:lol paliwan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 15:37 static/image/common/back.gif
بىر شىڭگىل قۇشاق كەتتى@.........@
خۇلقى بىر ئوت ئەي گۈزەل ق ...
:loveliness: ياخشى يىزىپسىز kinglion يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 21:03 static/image/common/back.gif
شەھۋەتخورلار
شىئىر ئارقىلىق ھىسياتنى ئىپادىلسە شەھۋەتخورلۇق ھىساپلىنامدۇ؟ئەمىليەتتە مەن قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى ئىپادىلىمىگەن ،پەقەت بۇ مەندىكى ئۇيغۇرۇمغا بولغان بىر تىلەك ئىدى خالاس،مۇھەببەت توغۇرلۇق تەھلىل قىلغىنىڭلارغا قاراپ راست قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى يالقۇنلۇق مۇھەببەت ھىسياتىنى ئۇرغۇتىۋەتكەندەك ھىس قىلدىم
بەت:
[1]