يېڭى مائارىپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى تۇرس...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Alif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-25 09:39ئىلاۋە: ئاتۇشتا قوزغالغان ئىككىنچى قېتىملىق مائارىپ ھەركىتىدە مۇھەممەد ئەلى (مەمتېلى تەۋپىق) بىلەن بىرگە مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان يەنە بىر مۇھىم شەخىس، مەسلەكدىشى ۋە كەسىپدىشى دەل تۇرسۇن ئەپەندىدۇ! ئەينى چاغدا «ئىزچىلار ئەتىرتى»نى تەشكىللەپ مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان شەخىسلەرنىڭ يەنە بىرى دەل تۇرسۇن ئەپەندى ئىدى.
مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى: تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئوغلى.
يېڭى مائارىپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى تۇرسۇن ئەپەندى توغرىسىدا
(ئەسلىمە)
ئىمىنجان تۇرسۇن
تۇرسۇن ئەپەندى 1886- يىلى ئاتۇش ئېكساق يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ھاتەم شۇ يېزىنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە ئىشچان دېھقانلىرىدىن بىرى بولۇپ، دېھقانچلىق بىلەن ئوتتۇراھال تۇرمۇش كەچۈرەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقىدى. 1894- يىلى ئۇ ئېكساقتىكى يېڭى مەكتەپ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» گە كىرىپ ئوقىدى. 1899- بۇ مەكتەپنى تۈگىتىپ ئائىلىسىگە قايىتقاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئاتىسىغا ھەمكارلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللاندى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇدى. ئەينى زاماندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىسلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەرىپەتپەرۋەر باھاۋۇدۇن مۇساباي ئۇغلى كامىل ئەپەندى، ھەسەن ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر ياشنى بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ماڭغۇزىدۇ. ئەنە شۇ ياشلار ئىچىدە تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بار ئىدى.
تۇرسۇن ھاتەم ئوغلى 1902- يىلىدىن 1905- يىلىغىچە ئىستانبۇلدىكى قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇيىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. لېكىن، بىلىم ئېلىش تەشنالىقى كۈچلۈك بولغان تۇرسۇن ئەپەندى ۋەتىنى ئۈچۈن تېخىمۇ چۇڭقۇرراق ئۆگىنىش ئارزۇسىدا 1905- يىلىنىڭ ئاخىرىدا «سۇلتانەم» ناملىق يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىغا ئىلتىماس قىلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1910- يىلى بۇ مەكتەپنى ئەليۇلئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. تۇرسۇن ئەپەندى «سۇلتانەم» بىلىم يۇرتىدا ئىنگىلىز تىلى ۋە فرانسوز تىلىنى پىششىق ئۆگىنىدۇ ھەمدە شۇ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كېرىپ ياخشى ماھارەت ئىگىلەيدۇ.
تۇرسۇن ئەپەندى 1910- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئېكساقتىكى ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. قوشۇمچە ئەرەبچە، پارسچە ئۆگىنىپ ماڭىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرسۇن مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قانچە ئاقىلانە تەدبىرلەرنى يۈرگۈزىدۇ، مەسىلەن:
1. ئەسلىدىكى بەش سىنىپنى سەككىز سىنىپقا كۆپەيتىپ ئېكساقنىڭ قوشنا يېزىلىرىدىن بولغان بەيساق، يولچىلار، ئوچار، تارقۇت قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سانى 310 نەپەردىن ئاشقان.
2. يېڭى زامان تەنھەركەتلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، پۇتبول مەيدانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە پۇتبولدىن باشقا 10 نەچچە خىل يېڭى تەنھەركەت تۈرلىرىنى يولغا قويغان ئىدى.
3. تەنھەركەتنى رەسمىي دەرس سېتكىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئىككى سائەت دەرستىن كېيىن «تەنتەربىيە پائالىيىتى» يۈرگۈزۈشكە بېكىتكەن. بۇنى ئەينى زاماندا «گەزمە» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەردىمۇ دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خېلى قانات يايدۇرۇلغان ئىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى ئېكساق مەكتىپىدە ئۇزۇن يىللار رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش جەريانىدا ئەقلى، ئەخلاقى ۋە جىسمانىي تەربىيىگە ئوخشاش ئېتىبار بەرگەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەچ كۇرۇسلارنى يولغا قويغان ۋە تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرۇسلىرىنى تەشكىللەپ ئۆزى دەرس ئۆتكەن. ئەنۋەر ئەپەندى، پەخرىدىن ئەپەندى، غوپۇر ئەپەندى قاتارلىق 75 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە ئۇلارغا باشقا ناھىيىلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تونۇشتۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرگەن.
تۇرسۇن ئەپەندى بىلىمنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تەرىپلەپ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆگەتكەن مەكتەپ شېئىرىدا مۇنداق يازغان ئىدى:
ئارقاداشلار توپلىنايلى جەھلىن ئۆينى بۇزغىلى،
ئەل كۆزىن ياپقان قاراڭغۇ پەردىلەرنى يېرتقىلى؛
ئىنقرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقازغۇچى ئىلىم ئىرۇر؛
بىزلەرنىمۇ بۈگۈن دەل ھەم بىلىم ئۆزى قۇتقۇزۇر.
تۇرۇسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەرىپەت توغرىسىدىكى يەنە بىر شېئىرىدا: «ئوقۇمىغان ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ كائىناتتا ھېچقانداق ھۆرمەت ئېتىبارىنىڭ بولمايدىغانلىقى» توغرىسىدا جاراڭلىق خىتاب قىلىدۇ.
ئەخلاق پەزىلەت توغرىسىدا ئۇ، مەخسۇ قائىدە- نىزام ئورناتقان ئىدى. بۇ قائىدە- نىزام مەزمۇنلىرى دەرسخانا تەرتىپى، ئوقۇتقۇچىلارغا، چوڭلارغا ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، مەكتەپ ۋە خەلق مۈلكىنى سۆيۈش، تازىلىققا رىئايە قىلىش، كىيىم- كېچەكلىرىنى پاكىز ۋە رەتلىك كېيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە ئەمىلى ئىجرا قىلاتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى ئۇزۇن مۇددەت مەكتەپ مۇدىرى بولۇش جەريانىدا 37 خىلدىن ئارتۇق مەكتەپ شېئىرى ئوقۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ شېئىرلىرىنىڭ بەز تېكىستلىرىنى ئۆزى يازغان، بەزىلىرىنىڭ ئاھاڭىنى ئۆزى ئىجات قىلغان. مەكتەپ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىغا بىلىم- مەرىپەت، ئەخلاق- پەزىلەت روھى چۇڭقۇر سېڭدۈرلگەن بولۇپ، ئەينى زاماندا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.
بىر يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر يېقىنى زامان تەنھەركەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇ يېتەكچلىك قىلغان پۇتبول كوماندىسى 1927- يىلى مايدا ئىنگىلىز ۋە شىۋېت كونسۇل پۇتبول كوماندىلىرنى يېڭىپ، پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى زىلزىلغا كەلتۈرگەن ۋەقە خەلقىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى (بۇ ھەقتە تەنتەربىيە توغرىسىدىكى تەسۋىرىمىزدە ئايرىپ توختىلىمىز).
تۇرسۇن ئەپەندى تاكى 1933- يىلىغىچە ئىزچىل ئېكساق مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىدا بولۇپ تۇردى. 1931- يىلدىن 1932- يىللىرى جىڭ شۇرىننىڭ ئىستىبات ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەر مىللەت خەلقى ئارقا- ئارقىدىن قوراللىق قوزغولاڭ كۆتۈرگەن چاغدا، تۇرسۇن ئەپەندى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئىستىبات ۋە جاھالەتكە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. ئۆز مەكتىپىدە «ئىزچىلار» ئەترتىنى تەشكىللەپ تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتى. ئىزچىلارغا بىر خىل سىماۋى رەڭلىك كېيىم كېيگۈزۈپ، قوللىرىغا قىزىل بوياقلىق كالتەك تۇتقۇزۇپ مەشقلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. قوزغىلاڭ داۋامىدا تۇرسۇن ئەپەندى مائارىپ سېپىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى. 1933- يىلى قەشقەر قەشقەر رايونىدا بىرقەدەر تىنىچلىق مۇھىت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېڭى مەكتەپ ئارقا- ئارقىدىن تەسىس قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن ئوقۇتقۇچى قىس ئىدى. تۇرسۇن ئەپەندى تېزدىن قىسقا مۇدەتتلىك ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىپ، 26 نەپەر مۇئەللىم تەربىيىلەپ نو بېشى، بۇلاقسۇ، تاشمىلىق، يېڭى ئۆستەڭ ۋە بەشكېرەم قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرگە مۇئەللىم يەتكۈزۈپ بەردى. يەنە 50 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن تەشكىل قىلىنغان تەشۋىقات ئەترىتىنى تەشكىللەپ ئۈچ ئاي كوچا- كوچىلاردا مائارىپ ئۈچۈن سەپەرۋەلىك ئېلىپ بارغان ۋە پۈتۈن قەشقەر شەھەر ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. 1934- يىلى تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى بىلەن بىللە مەمتىمىن ئىمىن، ئابدۇكېرىم ئولتا قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ كېلىپ قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ قەشقەر رايونى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى 1937- يىلى 11- ئايدا شېڭ شىسەي ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاندى (ئادەم كاۋىپىدا مەمتېلى ئەپەندى بىلەن بىرگە قەتل قىلىنىغان). ئۇنىڭ جان كۆيدۈرۈپ يىققان كىتاب، ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى.
مەرھۇم تۇرسۇن ئەپەندى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، خۇشخۇي تەبىئەتلىك كەلگەن، پۈتۈن ھاياتىنى خەلق مائارىپىغا بېغىشلىغان، تاكى بىزدىن ئايرىلىغىچە بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىنى زايە قىلماي ئۆگەنگەن، كىشلەرگە تەلىم بېرىپ زېرىكمەيدىغان سادىق پىداكار خەلق ئاقارتقۇچىسى ئىدى.
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن چىقىرلغان «مەشئەل» ناملىق ژورنالدىن ئېلىندى.
بۇ كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش زۆرۈر. مېنىڭ تەۋسىيەرىم.
تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ سۈرتى مەندە بار ئىدى .
پۇرسەت بولغاندا يوللاپ قۇيارمەن .
رەھمەت سىزگە .
بەت:
[1]