fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 09:07:12

Matlab ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fistik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 09:15  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى:
خىزمەت مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن matlab يۇمشاق دىتالىنى تىز سۈرئەتتە ئۈگىنىپ ئۇنىڭدىن ئۆزەمگە لازىملىق سان سىفىرلاردىن رەسىم سىزىپ چىقالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىمىسام بولمايدىغان بولۇپ قالدى...شۇنىڭ ئۈچۈن قايسىڭلاردا مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە  كىتاب ،ئىلكىتاب ،سىنغا ئىلىنغان ۋىدىئولار، ۋە ياكى خەنچە بولسىمۇ مۇشۇ دىتالغا دائىر ماتىرياللارنىڭ توپلىمى بار؟ قەشقەردە  ئۈرۈمچىدە مۇشۇ دىتالنى  ئۈگۈتىدىغان كۇرۇسلار بارمىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇ دىتالنى پىششق بىلىدىغان بىرسى بولسىمۇ پۇل تۆلەپ بولسىمۇ ئوقۇۋالسام ،ئۈگىنىۋالغان بولسام بولاتتى ،،رەخمەت،،،،،
قوشۇمچە:  ئۆزىڭىزلا ئۈگنىۋالسىڭىز بولىدىغۇ دىگۈچىلەرگە:
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەزەلدىن بىلمىگەن بىر نەرسىنى باشتىن تارتىپ مالتىلاپ ئىزدىنىپ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش سەل تەس ئىكەن....

laqin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 12:36:42

قايسى ساھەدە پايدىلانماقچى ئىدىڭىز؟ Matlabنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ، ئەمما ئۆگىنىشكە بولغان تەلەپمۇ يۇقۇرى .
ئەگەر ئادەتتىكى فۇنكىسىيىلىك ھىسابلاشلار(فۇنكىسىيەنىڭ گىرافىكلىرىنى سىزغىلى بولىدۇ)، قۇرۇلۇش كەسپىدىكى ھىسابلاشلار (فورمۇلا بولسىلا نەتىجە چىقىدۇ)، تەڭلىمىلەر سېستىمىسىنى يىشىش ، ئاددىيراق ماترىكىسلىق ھېسابلاشلار بولسا،Math CAD نى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۆگىنىش تېز، ئۈنۈمى ھەر ھالدا بولىدۇ.
دەسلەپتە تېز كۇنۇپكىلىق مەشغۇلات قىلىشنى بىر كۆرۈۋالسىڭىزلا ، كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايسىز، قالغىنىنى بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ ، ئاستا - ئاستا ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ.

Matlab نى ئۆگەنمىسەم بولمايتتى دىسىڭىز، بۇ تور بەتتىن بىر قىسى ماتىرىياللارغا ئىرىشەلەيسىز:
http://forum.simwe.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=19
MathCADنىڭ بۇ تور بەتتىكى مۇنبەر ئۇلىنىشى:
http://forum.simwe.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=63

MathCAD نىڭ ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە نۇسخىسى MathCAD15.0، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىي قىلىدىغان نۇسخىسى MathCAD Prime 3.0,( Primeنۇسخىلىرى PTC شىركىتى  MathCADنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، بارلىق قۇرۇلما ۋە ھىسابلاش ئۇسۇللىرى، كۆرۈنۈشلىرىنى قايتىدىن يازغان نۇسخىسى. بۇ نۇسخىسى داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ)

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 14:29:01

laqin يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 12:36 static/image/common/back.gif
قايسى ساھەدە پايدىلانماقچى ئىدىڭىز؟ Matlabنىڭ ئىقتىدارى  ...

مەن ئاساسلىقى线性拟合 ھەم矩阵计算،图形处理 تەرەپلەرگە ئىشلەتمەكچى ئىدىم....مۇشۇ گەپلىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى جىق ئويلىنىپ تاپالماي خەنچىسىنى ئىشلىتىپ تۇردۇم..تىللاپ كەتماڭلار يانا....

function يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 14:32:22

قەشقەردە ئۇنداق كۇرس يوق، ئۈرۈمچىدىمۇ يوق بولىشى مۇمكىن، ئالى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىدىكى تاتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تونۇشلار بولسا، شۇلار بىلىشى مۇمكىن.

laqin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 15:42:10

Math CAD نىڭ سىزىقلىق تەقلىدىي بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىقتىدارى  خېلى كۈچلۈك، ئۆزىنىڭمۇ بىر قىسىم  تەقلىدىي بىرلەشتۈرۈش تەييار فۇنكىسىيەلىرىمۇ بار.
ماترېسسا لىق ھېسابلاش بۇ جەھەتتىمۇ ھەر ھالدا بولىدۇ (مەنمۇ بەك مۇرەككەپ ماترېسسا ھىسابلاشلىرىغا يۇلۇقۇپ باقمىدىم).
سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتا توردا خېلى مەزمۇنلار بار ئىكەن، پەرىزىمچە بۇ ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك ئەمەستەك...
شۇنداقتىمۇ بۇ بەتنى كۆرۈپ بېقىڭ، Mathcad图像处理扩展包
http://baike.baidu.com/link?url=epZUVLFuReRnS5DbkKp2xCRz7zuk5ukHz_LLsB3q0NeldPUaXwvYlf-J5MgZLrKWVHgnCTJcy4OyajQNo0js3K

Math CAD نىڭ سىزگە كېرەكلىك بولغان خەنزۇچە ماتىرىياللارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، توردىكى ئەمىلىي مىساللارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قۇرۇلۇش ساھەسىدە، يۇقىرىراق سەۋىيىدىكى مودىل ياساش ، قېلىپ ياساش ۋە تەھلىل قىلىشقا ئائىت ماتىرىياللار  بەك ئاز ، ئاساسىي جەھەتتىن ئېنگىلىزچە، بىلىدىغانلارمۇ ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدىكەن...

  ئىشقىلىپ، مەن ماتىماتىكىلىق ھىسابلاش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، يۇقۇرىراق سەۋىيىدە ئۆگىنىمەن دىسىڭىز، يەنىلا ئۆزىڭىزگە تايانماي ئامال يوق، بولسا ئېنگىلىزچە ماتىرىياللارنى كۆرەلىسىڭىز ئەڭ ياخشى.
************************************************************************************
ئاساسلىق مەقسىتىڭىز سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئوخشايدۇ، ئەگەر قۇرۇلۇش ساھەسىدا ئىشلەتكەن بولسىڭىز MathCAD نى تەۋسىيە قىلاتتىم ، قارىغاندا يەنىلا Matleb  ئۆگەنسىڭىز بولغىدەك

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 18:55:12

matlab دىسىڭىزلا ئالي مەكتەپتىكى ئىلمىي ماقالە يازغان ۋاقتىم ئىسىمگە كىلىدۇ ،  
ئەگەر تەپسىلى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۈرۇمچىدىكى نەنمىندىكى شىنخوا كىتاپخانسىدا مۇشۇ تۇغۇرلۇق بىر كىتاپ بار ،  بىر باشتىن ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىسىڭىز قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق،    ئازراق ئاساسىڭىز بولسا بەلىكىم 1 ھەپتە ئىچىدە بەلىگىلىك سەۋىيەگە يىتەلەيسىز،   


ئەگەر مەن ئۇرۇمچىدە بولغان بولسام ، شۇ كىتاپنى سىزگە بىرەر ئىدىم،  ھازىر ئىھىتىياج بولغاچقا نەچچە يىل بولدى تاشلاپ قويدۇم،  ھەم matlgb ئىشىلىتىشىنى ئۇنتۇلۇپلا كەتتىمغۇ دەيمەن

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:12:37

elxat421 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 18:55 static/image/common/back.gif
matlab دىسىڭىزلا ئالي مەكتەپتىكى ئىلمىي ماقالە يازغان ۋا ...

ئىسمى نىمىدۇ ئاشۇ كىتاپنىڭ ،،ھازىر بارمىدۇ،،،بۇ جەھەتتىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆزەمگە سۈرتكىدەك بولدۇم،،،

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:14:27

elxat421 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 18:55 static/image/common/back.gif
matlab دىسىڭىزلا ئالي مەكتەپتىكى ئىلمىي ماقالە يازغان ۋا ...

مەن بىر نەنمىن كىتاپخانىغا بىرىپ تازا بىر ئاقتۇرۇپ باقاي،،ئەگەر تىپىلمىسا ماڭىلا پوچتىدىن سىلىپ بەرمەمسىز،،،سىتىۋالاي

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 22:58:46

بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇرچە كىتاب تاپالمايسىز .. بەلكىم ماۋۇسى مەتلەب توغرىسىدا يىزىلغان ئۇيغۇرچە يازما بولۇشى مۇمكىن .2010 -يىللىرى ئۆزۈم يازغان ئىدىم ،  ئادرىسى مانا   
http://www.uztaj.com/matlab-%d9%86%d9%89%da%ad-amd-%d8%af%d8%a7-%d8%a6%d9%89%d8%b4%d9%84%d9%89%d9%85%db%95%d8%b3%d9%84%d9%89%d9%83%d9%89%d9%86%d9%89-%da%be%db%95%d9%84-%d9%82%d9%89%d9%84%d9%89%d8%b4

خەنچە كىتابلا خىېلە كۆپ ئاق قوۋۇقتىكى كىتابخانىغا بىرىپ  matlab一本通 , matlab快速入门  نىڭ خالىغان بېرىنى سىتىۋىلىپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ . ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز دوسلۇقتىكىسىگە بېرىڭ

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 07:26:52

قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدىن قارىغاندا سىز پەقەت سىزگە لازىملىق ئالگورىزىملارنىڭ Matlab تىكى فۇنكىسىيەسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر C تىلى ئاساسىڭىز بولسا مەتلەب نىڭ گرامماتىكىسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، يېڭىدىن باشلاپ ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى مەتلەب تە ھەممە سانلىق مىقدارلار ماترىكىس ئىچىدە ساقلىنىدۇ، بارلىق مەشغۇلاتلار ماترىكىسنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Matlab- Matrix library ئەمەسمۇ.
Digital image processing in matlab  يەنى Matlab数字图像处理  دىگەن نامدا ئىزلەپ كۆرۈڭ، سىزگە لازىملىقى شۇ . مېنىڭچە كىتاپ سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئېلكىتاب ۋە تەييار كود لار تورلاردا تۇرۇپتۇ. Matlab ئۆزى تەمىنلىگەن ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان.

omar14 ئەپەندىم يازغان ئاۋۇ تىمىغا ئوخشاش مەسىلىگە يېقىندا ئۇچرىغان، توردىن تېپىپ ھەل قىلغان ئىدىم، بۇرۇنراق كۆرگەن بولسامچۇ ... ئەمما AMD دىگەنگە يېقىن كەلمەيمەن جۇمۇ.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 09:37:33

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 22:58 static/image/common/back.gif
بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇرچە كىتاب تاپالمايسىز .. بەلكىم ماۋۇ ...

مەنمۇ جىق ئىزدىدىم .....ئۇيغۇرچە ماتىرياللار تىپىشىم تەس ئوخشايدۇ......يەنىلا خەنچە يىزىلغان كىتاپتىن بىرنى باشتىن ئاخىرخىچە كۈرۈپ چىقمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ ،،،،رەخمەت

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 09:38:38

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 07:26 static/image/common/back.gif
قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدىن قارىغاندا سىز پەقەت سىزگە  ...

ماقۇل شۇنداق قىلاي ...رەخمەت

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:10:41

توردىن ھەقسىز ئۈگىتىش فىلىمى چۈشۈرۈپ كۆرۈپلا ئۈگىنىڭ

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:34:42

fistik يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 20:14 static/image/common/back.gif
مەن بىر نەنمىن كىتاپخانىغا بىرىپ تازا بىر ئاقتۇرۇپ با ...

كىتاپ ھازىر ئۇرۇمچىدىكى ئۆيۈمدە،  5-ئاي ئىچىدە ئۇرۇمچىگە بىرىپ قىلىشىم مۈمكىن،  بارسام سىزگە بىرەي،  بىكار تۇردۇ ھازىر توپا بىسىپ ،  

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:40:53

ئىسىمى Matlab数字图像处理  مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدۇ

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 10:42:58

ئەگەر ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگىنمەن دىسىڭىز،  شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتتى ماتىماتىكا ئىنسىتوتىدا ئۇقۇۋاتقان ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تۇنۇشىڭىز بولسا ئىزدەپ كۆرۇپ،     

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 11:32:41

elxat421 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 10:40 static/image/common/back.gif
ئىسىمى Matlab数字图像处理  مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدۇ

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=129634403&uk=4197717621&fid=910351726   مۇشۇ شۇما؟

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 17:50:33

مەندە  چىڭخۇا ئونۋېرسېتىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، 33 سائەتلىك ئۇقۇتۇش سىنتەخسىسى بار ‹‹مەتلەب ئاساسىدىكى ئالى ماتىماتىكا مەسلىلىرىنى يىشىش


基于MATLAB的高等数学问题求解
دىگەن كىتاپ بار ، ئەگەر كۇچار رايۇنىدا بولسىڭىز ئارىيەتكە بىرىپ تۇراي.
ئۇنىڭدىن باشقا رايۇندا بولسىڭىز دەرس ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ئالامەت يولتۇز تورىدا بار:
http://video.chaoxing.com/s?type=all&sw=MATLAB
كىتاپ ئىزدىمەكچى بولسىڭىزمۇ شۇ يەردە بار ، خالىغان ماتىرىيالنى بۇلۇپمۇ دىيارىمىزدا تاپقىلى بولمايدىغان ماتىرىياللارنى تېپىشقا بۇلىدۇ ،
مەتلەبكە دائىر كىتاپلارنىڭ مەنزىلى :
http://book.chaoxing.com/search/all/MATLAB/bookList1_.html
ئۇگىنىشڭىزگە ياردىمى بۇلۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 21:24:41

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 17:50 static/image/common/back.gif
مەندە  چىڭخۇا ئونۋېرسېتىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، 33 ...

رەخمەت رەخمەت ،،،بۇ تور بەتتە بەك ئوبدان نەرسىلەر بار ئىكەن...ئا كىتابىڭىزنىغۇ توردا پ د ف نۇسخىسى باكەن ..ماڭا ئىچىدىكى ئەسلى كود ھۆججىتىنى ياكى سىن ھۆججىتىنى ئىۋەتىپ بەرسىڭىز .....ماس قەدەمدە سىلىشتۇرۇپ ئۈگىنىشكە پايدىسى بولاتتى كود بىلەن كىتابنىڭ .......

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 02:41:10

fistik يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 21:24 static/image/common/back.gif
رەخمەت رەخمەت ،،،بۇ تور بەتتە بەك ئوبدان نەرسىلەر بار ...

بۇلدۇ
بەت: [1] 2
: Matlab ھەققىدە