ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 14:32:03

ئون ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ

ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوۋباما، 4 ئاينىڭ 23-كۈنى يەنى تۈنۈگۈن ياپونىيەدىكى 3كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.


4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوۋباما ياپۇنىيە مېدىئالىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسى ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق كاپالىتى شەرتنامىسىگە تەۋە مەسىلە دەپ كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى. تۈنۈگۈن ياپۇنىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىغاندىن كىيىن، دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچۇرىششىدىن كىيىنكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئىنىق قىلىپ دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا - ياپونىيە ئامانلىق كاپالىتى شەرتنامىسىگە تەۋە مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوۋباما بۇنۇڭدىن باشقا يەنە باش ۋەزىر ئەنبىينىڭ ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەرنىڭ ئاسىيا رايونىدا قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق كاپالىتى شەرتنامىسى ۋە ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقى دىگەن ئىككى ئوقۇمنى چۈشۈنۈش لازىم.
ئامېرىكا-ياپونىيە ئامانلىق كاپالىتى شەرتنامىسى: (美日安保条约) ئىككىنچى دۇنىيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.(托管)  بۇ شەرتنامىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىسا، ئامېرىكا ھەربىي كۈچ بىلەن ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بەدىلىگە ياپونىيە مۇستەقىل ئارمىيە تۇرغۇزۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ.
ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقى: ( 集体自卫权 )  مىلادى  1945-يىلى تۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51- ماددىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ھەرقانداق دۆلەت ئايرىم ياكى ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. ھەمكارلىق قوغدىنىش دىگىنىمىز، ئۆز دۆلىتى ھۇجۇمغا ئۇچىراش ياكى ئۇچىرماسلىقتىن قەتئى نەزەر، ئىتتىپاقدىشى باشقا دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرغان چاغدا، ھۇجۇم قىلغۇچى دۆلەتكە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ زەربە بەرسە ياكى ئارلاشسا بولىدۇ.

دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىگە قارىتا ئوۋبامانىڭ بۇ قېتىمقى قارارى، ئامېرىكا پىرىزدىنتىنىڭ تۈنجى قېتىم ئىنىق ۋە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرىشى ھېساپلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسگە قارىتا جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى  ئىتىراز بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇ - ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، بۇرۇن ئىلان قىلغان بىتەرەپ تۇرۇش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىمدا، دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئىچىكى كابىنتىنىڭ ھەمكارلىق قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى قوللاش مەسىلى تېخىمۇ موھىم. ياپونىيەگە خوشنا ئەللەر ئىزچىل قارشى تۇرىۋاتقان ياپونىيە ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى بەلكىم ئەمەلىي بىر قەدەم تاشلىشى مۇمكىن. ئاساسىي قانۇننىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلغان ياپونىيە بىر سەكرەپلا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتتىن ھەربىي كۈچىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك بولغان دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

بۇ خەۋەرگە يانداشقان ھالدا كۆرسۈتۈپ ئۆتىدىغان يەنە بىر موھىم ئىش، ئامېرىكا ئورۇنباسار پىرزدېنتى ھازىر ئوكرائىنادا زىيارەتتە بولىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى راسىت ئەمەلىي قەدەم بولۇشىمۇ مۇمكىن ياكى سىياسىي، ئىقتىسادى مەنپەئەت تۈپەيلى ئوينالغان بىر ئويۇن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىر جەڭ دەيدىكەن كونىلار.
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە پاترول قاتارلىق مۇشاۋىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھېس قىلغان ئانالىز ئۇسۇلى بويىچە تەھلىل قىلىۋەردىمغۇ.:lol
كۆپچىلىك ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

شەرتنامە، يەرجاي ناملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك ئاتىلىشىنى بىلمىگەچكە، چۈشەنچەم بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئېلىۋەردىم. خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ قويغايسىلەر.
ئىزدىنىش مۇشاۋېرى پاترول ئەپەندىمنى بۇ تېمىغا تەكلىپ قىلىمەن. قالغان مۇشاۋېرلارمۇ ئەركىن پاراڭ سېلىشىپ باققان بولساق.

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 17:02:49

جۇڭگو ئاخبارات تورى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى، ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ياپونىيە، كورىيە، مالايسىيا ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن. پەرەز قىلىشقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىپ، TPP   سۆھبىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە كورىيە ياپونىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بولسا ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوباما «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش» ئىستراتېگىيىسىنى تەكىتلەپ، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئەمما ئابي شىنزو ھۆكۈمىتى ئوڭچىللىقنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ياپونىيە كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ ماڭغان، ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ ماڭغان ۋاقىتتا، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ناھايىتى زور ئۈنۈم يارىتىدىكەن.
      گەرچە كۆپچىلىك ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا زىيارىتىنى 2013-يىلى 10-ئايدا «ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكىنى تاقاش» سىياسىتى تەسىرى تۈپەيلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاسىيا سەپىرىنى تولۇقلىمىسى دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنا كرىزىسى داۋالغۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئابي شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭچىللىققا قاراپ يۈزلىنىپ بېرىشى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە يەنىلا ھەممە دىققەت قىلىدىغان ئاساسى مەسىلىگە ئايلانغان.
        ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ھەممە ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، بۇ شەك-شۈبھىسىز بىر قىسىم ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ زېمىن تالاش-تارتىش مەسىلىسى بار ئىكەن. ئوبامانىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستراتېگىيىسىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكى كەڭ دائىرىدە مۇلاھىزە قوزغىغان.
      ھەر قايسى تەرەپنىڭ پەرىزىگە نىسبەتەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى لەسنىڭ 18-چېسلادىكى ئىنكاسى بىر قەدەر گۇمانلىق بولۇپ، ئۇ ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىنى «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتىنى مۇستەھكەملەش» دەپ سۈپەتلىگەن، ھەمدە بىر قىسىم ئىشلارغا جاۋاب بېرىشىنى رەت قىلغان.
        ئاق ساراينىڭ قايتۇرغان پوزىتسىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر ئوبامانىڭ ئاسىيا سەپىرى ئىمكانقەدەر جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارىغان. ئىلگىرى شەرقى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى لود بىر قىسىم ئىشلارنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئەكسىچە جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىكەن.
       تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو پات ئارىدا بۇ يىلقى كۈزلۈك بېيجىڭAPEC يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىنى ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوبامانىڭ يەنە يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن بىرگە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بولسا بۇ قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولماسلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولۇپ قالىدىكەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدىكى، ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ياپونىيە، كورىيە، مالايسىيا ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن.
ئاناتۇپراق ئۈندىدار سالۇنىدىن كۆچۈرۈلدى

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 17:04:35

قاچانمۇ دۆلىتىمىزدىن «تومۇر ئايال » ساچىر خانىمدەكتىن بىرسى چىقار دەيمەن .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:16:58

ئامرىكا ياپۇنيەدىن تىخىمۇ ياخشىراق پايدىلانماقچى بولسا كىرەك ،شۇڭا ياپۇنيەنىڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرشىغا ئانچە بەك
ئۆكتە قوپۇپ كەتمىدى ، ياپۇنيەنىڭ ھەربى جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئامرىكا چەك قويشى مۇمكىن ياپۇن تەرەپمۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ سۆزقىلىش پۇرسىتىگە ئىرشىدۇ مۇھىمى ئامرىكىنىڭ بويۇن تۇرقىنى ئازراق بولسىمۇ بوشتىۋالىدۇ .
ياپۇنيەنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى دۆلەتلەر ئىلگىركى ياپۇنيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا نارازىلىق بۈلدۈرۈپ ھىسىياتىنى
ئىپادىلەپ كىلۋاتقان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە كىم بىلەن دوسلىشىپ كىم بىلەن دۈشمەنلىشىشنى ئوبدان ئايرىيالىغۇدەك سەۋيەدە ھەم ئۇلارنىڭ ئارتۇقچە خەۋىپسىرەش تۇيغىسنى بىرقانچە دۆلەتتىكى ئامرىكىنىڭ ھەربى بازىلىرى يوق قىلىپ كۆڭلىنى تىندۇردى ،،دىمەك قاشى قىرغاقتا جاھانگىر تاجاۋۇزچىلار ئورتاق ئىدىيە ئورتاق تونۇشقا كىلىپ بىرلىك سەپ
ھاسىل قىلۋالدى يۇۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلايدىغان چىراي ئەمەس ،،مەسىلە قۇدرەتلىك دۆلتىمىزنىڭ ئىتراز بۈلدۈرۈشتىن ئىبارەت بەشمىڭ يىللىق ئەنئەنۋى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش تاكتىكىسىدىن رەڭگارەڭ دۈشمەنلەر قورقامدۇ يوق ؟ {:101:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:18:13

ئىقتىساد شۇناسلارمۇ بىرنىمە دەپ باقساڭلار ،،،،،،،

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:20:01

ياپۇنىيەنىڭ ھەربى تەشۋىقات فىلىمىلرى .........

http://player.youku.com/player.php/sid/XNDY4NTYwNDI4/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzk3NTI3MjQ4/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XNTEwMzYxODA0/v.swf

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 19:46:25

بۇ قېتىمقى زىيارەت نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇنى بەك بىلگۈم بار ئىدى. بۇرۇنقىغا ئوخشاش قۇرۇق تىرە تاراقشىتىپ ھەيۋە قىلىشمۇ ياكى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟
مېنىڭ قارىشىمچە ھېچ بىر ھەيۋە قىلىۋاتقاندەك ئەمەس. تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋەزىيەت سەل كەسكىنلىشىپ قالغاندەك.

يېقىندا جۇڭگۇنىڭ 7 ھەربىي رايونىنىڭ قۇماندانلىرى جەمئى 17 ئادەم  باش سېكىرتار شىجىنپىڭغا كۆللىكتىپ ھالدا ساداقەت بىلدۈردى.
ئەلۋەتتە بۇ ئىشنىڭ جۇڭگۇنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىنىق. لىكىن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش بولۇش ئىھتىماللىقى بار.  
گوگۇلنىڭ ئېچىلماي تۇرۋېلىشى بەك ئىچىمى سىقتى. بەيدۇ دىگەن قوتۇر ئېشەكتىن ھېچ بىر نەپ چىقمايدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 19:48:11

http://www.nur.cn/news/2014/04/166279.shtml
بۇشنىڭ ئىنىسى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشماقچى

جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ ئىنىسى جون جېب بۇش 23-ئاپرېل نىيويوركتا ئۆزىنىڭ 2016- يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
جېب بۇش شۇ كۈنى نىيويوركتا خىرىستىئان دىنىنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋاقتىدا بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىغان.
جون جېب بۇش چاقچاق قىلىپ بەزى كىشلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاپىسى بارباراغا تېلفون قىلىپ، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغان قاتناشسا بولىدىغان بولمايدىغانلىق پىكىرىنى ئالغانلىقىنى ئېيتقان. بارابارا ئىلگىرى جېبنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كىيىن بارابارانىڭ مەيدانى ئۆزگەرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئوغلىنىڭمۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىغا ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولغان.
جون جېب بۇش ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي سىياسىي ئىستىقبالى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن سىرت، ئاساسلىقى تېمىسى مائارىپ ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولغان. ئۇنىڭ بايانلىرى پائالىيەتتىكى 200 دىن ئارتۇق تىڭشىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
نىيويوركتىكى چوڭ كاتالوك جېبنىڭ مائارىپ تەرەپلەردىكى سىياسىتىنى ئاشكارا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر 61 ياشقا كىرگەن جېب بۇش ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ ئىككىنچى ئىنىسى بولۇپ، ئىلگىرى فىلورىدا شىتاتىتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان ،جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.
2008-يىلى ۋە2012-يىلى جېبنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغان، ئەمما جېب ئۆزى بۇ خەۋەرنى رەت قىلغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا سايلام رىقابەت جېڭىگە قاتناشمىغان.
جون جېب بۇش بىر ھەپتە ئىلگىرى يەنە 2016- يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرىسىدا« سىتراتىگىيەلىك بەلگىلەنگەن جەريان» لاھىيەلىمىگەنلىنى ئاشكارلىغان. ئەمما بۇ ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ناۋادا جېب بۇش سايلام رىقابىتىدە پەيدا بولسا، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە پارلامېنت ئەزاسى راند پائۇل بىلەن رىقابەتلىشىشى مۇمكىن،فوكۇس تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلق رايى تەكشۈرىشىچە، جېب بىلەن راند پائۇل ۋە يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ باشلىقى كىرىستى ئۈچىنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەسلىكىنى، جېب بۇشنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسى تەرەپتىكى رەقىبىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھىلارى كىلىنتون بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  


بوشنىڭ ئىنىسى زوڭتوڭ بوپ قالسا ، بۇ شاھمات راسا قىزامۇ؟ {:87:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 20:30:01

ناۋات چاينى دەملەپ قوياپ........ بىر كۆرىدىغان يېرىگە كېلەي دېدى ما تېما

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 20:39:44

   ئوبامانىڭ بۇرۇنمۇ ئەمەس،كىيىنمۇ ئەمەس،دەل ئوكرائىنا بىلەن روسيە ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن قىرىم تالاش-تارتىشىدا، دىياۋيۈ ئارىلى(بېلىقچىلىق ئارىلى)نى ياپۇنيە بىلەن ئاېرىكا تۈزگەن «قوغدىنىش شەرتنامىسى»دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى تۈنجى قېتىم ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرغا قۇيۇشىدا چۇقۇم باشقا سىياسى مەقسىتى بار.بۇرۇن گەرچە ھېلارى باش كاتىپلىق سالاھىيىتى بىلەن دىياۋيۈ ئارىلى(بېلىقچىلىق ئارىلى)نى ياپۇنيە قۇغدىنىش شەرتنامىسى دائىرىسىگە كىرىدۇ،دىگەن بولسىمۇ،لىكىن ئوباما پېرىزدىنتلىق سالاھىيىتى بىلەن دىمىگەن،چۈنكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قۇيۇشى مۇمكىن ئىدى.
  ئوكرائىنا كىرىزسى يۈز بەرگەندىن كىيىن،روسيە بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ،ھېچ بەدەلسىزلا قىرىمنى يۈتىۋالدى.بۇنىڭ ياپۇنيە،فېلىپىن،ۋېيتنام قاتارلىق جۇڭگو بىلەن ئارال زىمىن تالاش-تارتىشى بار دۆلەتلەر دەككە-دۈككىگە چۈشىشى مۇقەررەر،چۈنكى جۇڭگونىڭمۇ روسيەنى ئۈلگە قىلىپ،تالاشتا قالغان زىمىننى يۈتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغىرسىدىكى قارارى ياپۇنيە،فېلىپىن،ۋېيتام قاتارلىق ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن زور تەسسەللىي.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 20:42:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 20:46  

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 19:46 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىمقى زىيارەت نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۇنى بەك بىلگ ...

ۋاڭيىدىكى يولداشلار ئوبدانلا سوۋۇپ قاپتۇ.
几十年来,朝鲜一直把“西方国家”当作贬义词灌输给我们,他们告诉我们美帝是最坏的。但当我们长大后,却发现他们的子女在西方国家,他们的存款在西方国家,甚至他们的退路都在西方国家……留在这里的,只有从小以来被洗脑被欺骗得不成人样的我们。

تىيەنيادىكى قىزىققانلار :
钓鱼岛本来就在日本的实际控制之下, 这有什么可质疑的? 七十年代八十年代九十年代00年代保钓登岛的中国人不是都被日本警察抓去的吗? 中国外交部还向日本外交部去要人、、、

  当然, 你硬把眼睛闭起来瞎说一气, 别人也没办法。

中国的固有领土在日本的实际控制之下:很自豪吗? 对得起"已经崛起了的大国"的自称吗? 对得起军力世界笫二的自封吗? 对得起全球最有钱的国家的实力吗?
  -----------------------------
  谁说中国军力世界第二了,我看连前十也进不了,中国还需要扩大军费,最起码得有美国的十分之七八才差不多,全球最有钱国家,那是美国吧……

 钓鱼岛本来就在日本的实际控制之下, 这有什么可质疑的? 七十年代八十年代九十年代00年代保钓登岛的中国人不是都被日本警察抓去的吗? 中国外交部还向日本外交部去要人、、、

  当然, 你硬把眼睛闭起来瞎说一气, 别人也没办法。



  --------------------------

  现在是2014了,睁开你的狗眼
  
قارىغاندا كۆنۈپمۇ قالىدىغان ئوخشايدۇ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 20:48:12

  18_قۇرۇغتاي ۋاقتىدا يامان قىززىۋاتىتى بۇ سىنكو ئارلى ۋەقەسى.  ھازىر جىمپلا قالدا :lol    شۇنچىلا چوڭ ئىش بوپتۇ بولمىسا.  

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 21:20:01

قاتتىق ئىنتىراز بىلدۈرۈش كىرەك !!!
يوقالسۇن ئامىركا جاھانگىرلىكى (ھاياجان {:101:})
تۇرۇپ تۇرۇپ ئىماملارنىڭ شۇنداق دىگىننى ئاڭلاپ قالىمەن .
بىر خەنزۇ يولداش بولدىغان پاراڭلىشىپ قالدۇق .
جۇڭگۇ بىلەن ياپۇن ئۇرۇششا سەن قانداق قىلسەن دەيدۇ ؟
مەنمۇ سەن قانداق قىلسەن دىسەم ،
باج تۆلەپ دۆلەتنى، ئەسكەرنى باقتۇق شۇلار ئۇرۇشسۇن .
مەن ئەسكەر ئەمەس، دۆلەتنى قوللايمەن. ئامما ئۇرۇشقا قاتناشمايمەن. (ئەسكەر بولمايمەن دەيدۇ)
مەنمۇ مەنمۇ دۆلەتكە باج تاپشۇردىكەنمەن، مۇشۇمۇ دۆلەتنى قوللىغۇنۇم دىسەم .
خوش بوپ كەتتى .

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 21:28:48

جۇڭگۇ -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تىكتاك توپ دىپلوماتىيىسى دەپ ئوقوغان ئىدىم قايسى بىر كىتاپتىن. دىياۋيۇ ئارىلىرى جۇڭگۇ -ئامېرىكا مۇناسىۋەت  شاخمات تاختىسىدىكى  بىر پىشكا ،ياپۇنىيە بولسا ئۇفىتسىردەك تۇيىلىدۇ ماڭا {:90:}

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:10:55

ئاۋۇنى كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى دىسەك بىزدەك كوممۇنانىڭ پاخىلىنى يەپ باققان كىشىلەرگە بەكرەك تۇنۇش ئاڭلىدۇ ياكى تېخىمۇ جانلىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كوللىكتىپ قوغدىنىش ھەرىكىتى دەپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ. خېنەنلىكلەرنىڭ گېپى  بۇيىچە ئوباما ئابى شىنزۇنىڭ ‹ئۇرۇشقا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسى› بىجىرىشىگە سوجاڭلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆھھۆ دەپ بەردى. ياكى نىقابىنى ژىتىپ-ژىتىپ تاشلاپ يۈزۈمىزنىڭ تۈكىنى چىقىرىپ ئوباما ئابى شىنزۇغا ياردەمچى ساقچىلىق كىنىشكىسى بەردى دىسەكمۇ بۇلىدۇ. چۈنكى، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداشقا مادارى يەتمەسلىك سەۋەبىدىن كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكچى بۇلىۋاتمايدۇ. ئەكسىچە رايۇندىكى ئۆزىنىش قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز دەپ قاراۋاتىدۇ. ئابى شىنزۇنىڭ بۇ قارىشى قەيەردىن كەلگەن؟ ياپونىڭ چوڭ دۆلەتلىك سالاھىيتىدىن كەلگەن. گەرچە ئىقتسىادى جەھەتتە ياپونىيە ئىزچىل شەرقىي ئاسىيانىڭ سەركىسى بۇلۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، سىياسىي-ھەربىي ئىشلاردىكى بەزى چەكلىمىلەر ياپونىيىنى ھەربىي كۈچى كۈنسىرى زورىيىۋاتقان جۇڭگۇ ئالدىدا بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتىۋاتقاندەك تەسىر پەيدا قىلىپ قويدۇ. بۇخىل ئەھۋالدا ياپونىيە رايۇندىكى سىياسىي-ھەربىي تەسىر كىڭەيتىش، يەرلىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگۇغا قارىتا ئىستىراتىگىيە ۋە تاكتىكا قاتلىمىدىن ئۈنۈملۈك چەكلەش ئېلىپ بارالايدۇ. ئابى شىنزۇ ھۆكۈمىتى بۇ پىلان ئۈچۈن سىياسىي، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ھەممە جەھەتتىن ماس قەدەمدە كۈچەۋاتىدۇ ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ‹چۈشۈنىشى›گە ئېرىشتى. توغرىسى ئورتاق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئوبامانىڭ بۇ قېتىم بىلىقچىلىق ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە ياپونىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرىشى  بىلىقچىلىق ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ياپونىيە زۆرۈر كىرەك بولغاندا بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتسا ياپونىيىنىڭ قىلمىشىنى يوللۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوباما بۇ گەپنى مەقسەتسىز ئېيتىۋاتمايدۇ. بۇلتۇر ئاۋغۇستتا ماككائىن ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا بىلىقچىلىق ئارىلىنىڭ ياپونىيىنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم بۇ ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامىتنىڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۇ قېتىم ئوباما نەزەرىيە جەھەتتتىن ماككائىننىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى.
ئوبامانىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپ،لىنىيىسىدىن قارىغاندا سىياسىي جەھەتتە جۇڭگۇنى چەكلەشتىكى بىرىنچى ئارال زەنجىرىنى چىڭىتىۋاتقاندەك ھالەت شەكىللىنىدۇ. مۇھىمى ياپونىيىنىڭ كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە سالاھىيىتى توشقانلىق كۆرسەتمىسى بەرگەندىن كىيىن يەنە بىر مۇھىم ئىتتىپاقدېشى-كورىيىگە خىزمەت ئىشلەپ ياپونىيە-ئامىرىكا-كورىيە بىرلەشكەن مۇداپىئە گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشقا كۆندۈرۈش. چۈنكى شەرقىي ئاسىيانىڭ ۋەزىيەت يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا ئامىرىكا مۇناسىۋىتى ‹تۈركىيە بىلەن گىرىتسىيە›گە ئوخشاپ كىتىدىغان شەرقىي ئاسىيادىكى بۇ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پارچە غەۋغانى تاشلاپ يېقىندىن ئورتاق مەقسەتتە قول تۇتۇشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:14:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 22:36  

گۈلەننىڭ قايسى بىر تىمىسىدا ‹پۈتكۈل دۇنيادا ئۇيغۇردەك خەلقارا ۋەزىيەتكە قىزىقىدىغان مىللەتتىن يەنە بىرسى بولمىسا كىرەك› دىگىنى يادىمدا .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:56:32

پاترول ئەپەندىمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرغىنى ياخشى بولدى.
تېمىدا بايان قىلغىنىمدا كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى مەسىلىسى موھىم مەسىلە دىگەن ئىدىم. پاترول تەپسىلى ئىزاھلاپ بېرىپتۇ.
بۇ ھوقۇق ناتو ۋە ئاللىقاچان يېمرىلگەن ۋارشاۋا ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ موھىم قانۇنى ئاساسلىرىنىڭ بىرى. زاغرا تىلدا دىسەك خەلقئارا شاھماتنىڭ ئويۇن قائىدىسىنىڭ بىرى.
ئىتتىپاقدېشى ھوجۇمغا ئۇچىرغاندا، باھانە ئىزلەپ يۈرۈشكە ھاجەت قالمايدۇ.

قەرىز تۆلىگەچ يەنە پاراڭ سېلىپ بەرسەڭلار بولاتتى پاترول باي{:87:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 01:12:45

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:14 static/image/common/back.gif
گۈلەننىڭ قايسى بىر تىمىسىدا ‹پۈتكۈل دۇنيادا ئۇيغۇردەك ...

ئەۋۋەل ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى ،ئۇنىڭدىن دۆلتىمىز قاتارلىق چوڭاملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا تەقدىرىمىز زىچ مۇناسىۋەتلىك ،،،يەرشارىدا
بىزدەك جىدەلنى تولا قىلغان ،،ئۇزۇن مۇددەت قويۇق سىياسى ئاتمۇسفىرادا ياشاپ كىلۋاتقان مىلەتتىن زادى قانچىسى باردۇ ؟ بىلىپ باقسام دەيمەن ،،
يىقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى قىسمەتلىرمىز بىرتوپتا شۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلمايمەن :handshake

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 01:14:58

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:56 static/image/common/back.gif
پاترول ئەپەندىمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرغىنى ياخشى بولدى.
ت ...

ئىقتىساد شۇناسلارنىمۇ تەكلىپ قىلساڭلار پەيزى بولاتتى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 01:18:42

patrol يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:10 static/image/common/back.gif
ئاۋۇنى كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى دىسەك بىزدەك كوممۇنا ...

ئىپى كەلگەن بولسا ھىلقى چەكلەنمىگەن پاراڭلىرڭىزدىن تۆت شىڭگىل قىلىپ بەرمىسىڭىز بولمىدى ،،،،خۇما يامان سەت تۇتۇپ كەتتى :handshake :L
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: ئون ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ