waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 13:29:34

ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانلىرىمىز خوتەندە مۇسابىقىلىشىدۇ

  
   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 24-ئاپرېل خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگەللىشىمىزچە،  2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئىلىپ بىرىلىدىكەن.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى تەكلىپ مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، NBL   جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.
مۇسابىقىگە خوتەندىكى يەرلىك مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە شىنجاڭ ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.   بۇ قىتىمقى مۇسابىقە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە كۈلىمى چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.
خوتەندە ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بۇلۇپ، ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى  دائىم ئۆتكۈزۇلۇپ تۇرىدۇ. يىقىندىن بۇيان  « مۇبارەك لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئۆتكۈزۈلۇپ. پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مۇرات، مەۋلان قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىز تەكلىپ بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خوتەندىكى ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۈچۇن ئىسىل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبول ئىشلىرىغا كۈڭۇل بۆلگەن مىللى كارخانىلارغا تەشەككۇر بىلدۈرىمىز ۋە بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۇلىشىگە تىلەكداشمىز.


  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 00:04:17

خوتەندىكىلەر پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭلار ماقما! بى كەتسە ئەمدى كەمەيتۇ........

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 13:30:52

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 00:04 static/image/common/back.gif
خوتەندىكىلەر پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭلار ماقما! بى كەتس ...

ئانداما دەپ كەتمىسىلە ماقما، كەگىسى كەسە كېلىۋىتۇ يىنا. خوتەن دېگەننىڭ مېھيى ئىسسغ يە بۇ. پۇيسەتلىيى بوسا سىلىمۇ كەسە، بىز قايشى ئالىتمىز:lol

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 19:57:31

altunchi  ئەپەندىم خوتەنچە گەپلىرى تازا قاملىشىپتۇ. مەن بىر نەچچە ئىغىز كەلتۈرۈپ قويسام،، ئاخىرىنى بەلەن  چۈشۈرۋىتىپلىغۇ!:lol:lol:lol:lol:lol:lol
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانلىرىمىز خوتەندە مۇسابىقىلىشىدۇ