Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 23:16:15

بۆرەكتىكى تاشنى قانداق داۋالاتساق بولار؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 23:25  

          مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئىككىلا بۆرىكىدە تاش بولۇپ، 1993-يىلى بىر تەرىپىنى، 2009-يىلى ئىككىنچى تەرىپىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تاشنى ئالدۇرغان(ئۇ چاغدا ئاۋۇ تاشنى ئېلىۋەتكەن تەرەپكىمۇ يەنە تاش يىغىپ بولغان ئىكەن). ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئىككىلا بۆرىكى يەنە بىئارام قىلىپ يۈرگەنلىگى ئۈچۈن بۇ يىل 1-ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا يەنە ئاپىرىپ ياتاقتا ياتقۇزۇپ نەيچە ئارقىلىق تېشىپ ئوپراتسىيە قىلغۇزدۇق. ئەينى چاغدا بىر بۆرىكىدىكى تاش چوڭراق ھەم ئاغرىتىدىغان بولۇپ، يەنە بىر بۆرىكىدىكى تاش ئاغرىتمايدىكەن. بىز ئەسلى ئېغىرراق تەرەپنى ئاۋال داۋالىتىشنى نىشانلاپ ئاپارغان. لىكىن دوختۇرلار ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بىزگە ئاۋال يېنىك تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى. بىز ئۆز پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما ئۇلار «ئاۋال يېنىك تەرەپنى ساقايتىۋىتىپ ئاندىن ئېغىر تەرەپكە ئۆتۈش »مەنتىقىسىنى بىزگە ئېزىپ ئىچۈرۈپ، باش دوختۇر ۋە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرى ئىكەنلىگىنى قەيت قىلىۋەرگەنلىگى ئۈچۈن بىز ئاخىرىدا بەرىبىر ئىككىلا بۆرەكنى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ داۋالىتىدىغان بولغاندىن كىيىن دوختۇرلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلايلى دەپ قوشۇلدۇق. نەيچە كىرگۈزۈپ تاشنى ئېتىپ پارچىلاپ ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر نەچچە ئۇششاق پارچىلانغان تاشنى ئاپتۇ، بىزگە كۆرسەتتى. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە قايتۇرۇپ چىقتۇق. ئەينى چاغدا قايتا تەكشۈرگەندە بۆرەكتە يەنە بىر كىچىكرەك داغ كۆرۈنۈپتۇ، دوختۇرلار ئۇنى ئوپراتسىيە جەريانىدىكى قان ئۇيۇمىسى دەپتۇ.
          ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كىيىن  بۇ قېتىم ئاي بېشىدا ئىنىم دوختۇرلارنىڭ بۇ قېتىم يەنە مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلغانلىق تېلىفونىنى تاپشۇرۇۋىلىپ يەنە ئۇ دوختۇرخانىغا باردى. ياتاق رەسمىيەتلىرى ۋە تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ئەتىدىكى ئوپراتسىيىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەن كۈنى دوختۇرلار ئىنىمنىڭ سورىغان سۇئالىغا (ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاشۇ بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرى تەكشۈرۈشلەرنى تولۇق قىلىدىكەن، ئەمما كېسەل سورىمىسا كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرمەيدىكەن، سورىسىمۇ ئۇلار بەكلا ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن تومتاقلا جاۋاپ بېرىشىدىكەن، تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ۋە پىكىرلىشىش مەۋجۇت ئەمەسكەن) جاۋاپ بېرىپ، ئەتە ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى، ئۆتكەن قېتىم ئوپراتسىيە قىلغان تەرەپتە تاش چالا قالغانلىغى ئۈچۈن بۇ قېتىم شۇ تەرەپتىكى چالا تاشنى ئېلىۋىتىپ، كېلەر قېتىم كەلگەندە ئاۋۇ ئېغىر تەرىپىنى داۋالايدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. بۇ چاغدا ئىنىم بىلەن دوختۇرلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مۇنازىرە، دىئالوگلار بولۇپ ئۆتتى. ئىنىم ئاۋال ئېغىر تەرەپنى ساقايتىۋىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلار «كەسپى مەسئۇلىيەتچانلىق نوقتىسىدىن» بۇ مەسىلىگە ناھايىتى «ئەتراپلىق قاراپ»، چوقۇم ئاۋال يېنىك تەرەپنى سەللىمازا ساقايتىۋىتىپ ئاندىن ئېغىر تەرەپكە ئۆتىدىغانلىغىنى، بۇنىڭ مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ پىكرى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ۋە ئىنىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ئوپراتسىيە تەييارلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېرىپتۇ.
     بىز كۆپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى داۋالاشتىن ۋاز كېچىشنى، دەرھال بۇ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقىشنى قارار قىلدۇق. بۇ چاغدا مەسئۇل دوختۇر ئىنىمغا كۆپ خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي دەرھال ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قايىل قىلماقچى بوپتۇ، ئىنىم قايىل بولمىغاندىن كىيىن دوختۇر ئىنىمنىڭ دەسلەپتىكى تەلىۋىگە (ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىش تەلىۋىگە) قوشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپتۇ، بىز ئۆز قارارىمىزدىن يانمىدۇق. ئىنىمنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان تەرەپنى داۋالاشقا دوختۇرلار قوشۇلىۋاتسا ئۇنىڭ يەنىلا بۇ ئوپراتسىيەدىن ۋاز كېچىش، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىش قارارى دوختۇرنىڭ زادىلا كاللىسىدىن ئۆتمەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرىشكە قوشۇلماپتۇ، ئوپراتسىيە تەييارلىقلىرى داۋام قىلىۋېرىپتۇ، دوختۇر ئىنىمغا ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ كېلىشنى، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قايىل قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. ئىنىم ۋە بىز ئاخىرقى قارارىمىزدىن يانمىدۇق.
     دوختۇرلار قوشۇلمىغان ئەھۋالدا مەن ئىنىمغا دوختۇرلارغا ئۆزىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ رەسمىيەت بىلەن كارى بولمايلا قايتىپ چىقىۋېرىشنى ئېيىتتىم. ئىنىم دوختۇرغا بۇنى يەتكۈزگىلى ئاخىرقى قېتىم ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئىنىمنىڭ «ئاڭسىزلىغى»، مۇشۇنداق مۇھىم پەيىتتە داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىشى دوختۇرنى قاتتىق ئەپسوسلاندۇرۇپتۇ. بۇ دوختۇر ئىنىمغا بولغان «چەكسىز ھېسىداشلىق» ۋە «كېسەللەرگە بولغان چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتى» بىلەن ئىنىمغا ئاخىرقى قېتىم كۆپ نەسىھەت قىپتۇ، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قوشۇلسىلا ئۆز تەلىۋى بويىچە ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى، چالا قويماي پاك-پاكىز ئېلىۋىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ (ئۇلارنىڭ نەچچە سائەت ئاۋالقى پىكىرلىرىدە ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىپ تاشنى پاكىز ئېلىش مۆمكىن ئەمەس، ئۇ بۆرەكتە 3سانتىمىتىرلىق تاشتىن ئۈچى، ئۇنىڭدىن كىچىك تاشلاردىن نۇرغۇنى بولۇپ، چوڭلىرىنى ئامال قىلىپ ئالسىمۇ ئۇششاقلىرىنى پاكىز تازىلاپ بولۇش مۆمكىن ئەمەس دىيىلگەن، ئىنىم ماڭا قىلغان تېلىفونىدا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران قالغانلىغىنى، ئۆزىنىڭ بۆرىكىدە تاش بارلىغىغا ئىشەنسىمۇ ئەمما ئاشۇ كىچىككىنە بۆرەكتە 3سانتىمىتىرلىق تاشتىن 3 يەنە نۇرغۇن ئۇششاق تاشلار بار ئىكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىغىنى ئېيىتقان ئېدى.  ئەلۋەتتە ئىنىم «تىببى رەسىمنى چۈشەنمىگەچكە» ئۇلار ئىنىمغا رەسىمنى كۆرسىتىپ يۈرمىگەن ئىكەن).
     ئۇ دوختۇر يەنە ئەگەر ئىنىم قوشۇلسا ئۇ ئىنىمغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا 5000يۈەن تالۇن يېزىلمايدىغان مۇتەخەسىس ھەققىنىڭ 3000يۈەنىنى كەچۈرۈم قىلىپ پەقەت 2000يۈەن مۇتەخەسىس ھەققى ئېلىپلا داۋالاپ قويىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. دوختۇر شۇنچە «كۆيۈنۈپ» شۇنچە «مىھرىبانلىق» كۆرسىتىۋاتسىمۇ بىزلەر ساراڭدەك ئۆز قارارىمىزدىن يانماي ئىنىمنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ كەلدۇق. ھازىر تەييارلىق قىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىببى ئۈنۋېرسىتىت قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇۋاتىمىز.
    ئىنىم ھازىر 36ياشقا كىردى. 3قېتىم بۆرەك ئوپراتسىيىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىر 4-قېتىملىغىنى كۈتۈۋىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تىببى ساھەدىكىلەر ۋە بۇ كېسەلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ساقايغانلار مەسلەھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار،.
    1. بىز بۇ كېسەلگە قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاپ قوللانساق ئەڭ مۇۋاپىق؟ 2
    2 .  2سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتكەن تاشنى دورا بىلەن ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوقمۇ؟
    3. بۆرەكنىڭ يەنە داۋاملىق تاش يىغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

function يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:29:24

نېمە ئۈچۈن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ؟ بىر قېتىم ئوپراتىسىيە قىلىپ ئېلىۋەتسە، نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە تاش چۈشۈپتۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ تاش چۈشۈش ئېرسىيەت ئەمەستۇ؟ سۇ بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يە؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:50:22

دادام رەھمىتى بۇ كېسەل بىلەن 20 يىل ئېلىشقان، ئاپراتسىيە قىلماي، سىز دورا ئوكۇلغا دوختۇرغا بەك تايانماڭ، بۆرەك كۈچلۈك بولسا تاشنى ھەيدىگىلى بولىدۇ، بەشكىرەمدە بىرەيلەن مەخسۇس تاش چۈشۈرۈپ بەكلا داڭ چىقىرىپ كەتتى، بېرىپ بېقىڭ، يوپۇرغىلىق ئەمەستۇرسىز

Basay2 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:51:56

فىزىكىلىق داۋالاش ياخشىراقمىكى.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 09:00:29

@tadubeg   

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 09:41:31

يانا شۇ كىرەمباغ دوختۇرخانىنىڭ گىپى ، مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى ئوغرىلا كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە .
تەكشۈرتۈش قەغەزلىرىنى كۆتۈرۈپ 2-دوختۇرخانىغا بىرىپ باقمىدىڭلارمۇ ؟ ئاڭلىسام شاڭخەينىڭ دوختۇرلىرى ياردەمگە كەپتىمىش . ئۇنىڭدىن باشقا يىڭشەھەردىكى ئازاتلىق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرسىتىپ بىقىڭلار . ئىلھامجان دەپ بىر دوختۇر بار ، ھازىر ئامبولاتورىيەدە(جىددى كىسەل بۆلۈمىدە) كىسەل كۆرەۋىتىپتۇ ، سۈيدۈك يولى كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسى.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 09:42:37

bahwan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 08:50 static/image/common/back.gif
دادام رەھمىتى بۇ كېسەل بىلەن 20 يىل ئېلىشقان، ئاپراتسىي ...

بولسا ئاشۇ بەشكىرەمدىكى داڭ قازانغان تىۋىپنىڭ ئالاقە ئۇسۇلى ياكى ئادرىسىنى ، ھىچ بولمىسا مۇبارەك ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 10:10:54

http://bbs.misranim.com/thread-100752-1-1.html

مۇشۇ ئادرىسقا كىرىڭ ،ئادىرسى تەپسىلى باركەن .

قەشقەر شەھرىدىن يولغا چىقىپ بەشكىرەمگە قاراپ مېڭىپ، بەشكىرەم يېزا مەركىزىگە بېرىپ، بىر يىگىتدىن تۇرسۇن قارىھاجىمنىڭ ئۆيىنى سوردۇم.ئۇ يىگىت يەنە شەرىققە قاراپ ئۇدۇل بەش ئالتە كىلومىتىر مېڭىپ، يول بويىدىكى چوڭ كۆلنىڭ بويىدا توختاپ سولغا بۇرۇلۇشىمنى ئېيىتتى.

مۇشۇنداق يېزىلىپتۇ .

Sahibkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 10:11:56

atiyan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 09:42 static/image/common/back.gif
بولسا ئاشۇ بەشكىرەمدىكى داڭ قازانغان تىۋىپنىڭ ئالاقە ...

http://bbs.misranim.com/thread-100752-1-1.html

مۇشۇ ئادرىسقا كىرىڭ ،ئادىرسى تەپسىلى باركەن .

قەشقەر شەھرىدىن يولغا چىقىپ بەشكىرەمگە قاراپ مېڭىپ، بەشكىرەم يېزا مەركىزىگە بېرىپ، بىر يىگىتدىن تۇرسۇن قارىھاجىمنىڭ ئۆيىنى سوردۇم.ئۇ يىگىت يەنە شەرىققە قاراپ ئۇدۇل بەش ئالتە كىلومىتىر مېڭىپ، يول بويىدىكى چوڭ كۆلنىڭ بويىدا توختاپ سولغا بۇرۇلۇشىمنى ئېيىتتى.

مۇشۇنداق يېزىلىپتۇ .

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 12:32:02

  پالەك، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىق يۇقىرى كالتىسىي تەركىبتىكى يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇڭ. باچكىنى ئۆيدە كۈنجۈت مىيىدا قورۇپ يەڭ. ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىڭ، ئەمما بۆرەك ئاجىزلاپ قالمىسۇن، قالايمىقان دورا يېمەڭ. بولسا ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈتۈپ، نېمە ئۈچۈن تاش چۈشكەنلىكىنى ئېنىقلىتىپ كۆرۈڭ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 12:44:12

function يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 08:29 static/image/common/back.gif
نېمە ئۈچۈن بۆرەككە تاش چۈشىدۇ؟ بىر قېتىم ئوپراتىسىيە ق ...

  ئېرسىيەت ئەمەس. جەمەتىمىزدە ئىنىمدىن باشقىلاردا بۇ كېسەل بولۇپ باقمىغان.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 12:45:39

bahwan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 08:50 static/image/common/back.gif
دادام رەھمىتى بۇ كېسەل بىلەن 20 يىل ئېلىشقان، ئاپراتسىي ...

  دادىڭىز ئوپراتسىيە قىلدۇرماي تەلتۆكۈس ساقىيالىغانمىدى؟
  بەشكېرەمدىكى ئۇ تېۋىپنىڭ دورىسنىمۇ بىر مەزگىل يىدى، مەنپەئەت قىلمىدى بولغاي.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 13:16:11

قەشقەردە  بولسىڭىز  13119981025  مۇشۇ  نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىڭ  تەجىربىسى  با  بۆرەكتىكى تاشنى چۇشۇرۇشكە  دۇرىسمۇ ئۇچ خىللا

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 16:07:28

ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم
بىز بۇرۇن ئوغلۇمىزنىڭ بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قىلىش كىسىلىدىن تەل تۈكۈس قۇتۇلغان ئىدۇق.
          سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغان دۇختۇرخانە:
ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئونۋىرىست قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانە(يىشويەن)سۈيدۈك يۇلى كىسەللىكلەر بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى ‹‹ئېرىك››دوختۇرنى ئىزدەپ شۇ كىشىگە كۆرۈنۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
چوڭ ئوغلۇم 2ياشقا كىرگەن يىلى تويۇقسىز سۈيدۈكى بوغۇلۇپ قىلىپ ناھىيەلىك دوختۇرخانىگە ئىلىپ چىقساق بۆرىكىدە تاش باركەن دىدى،ھەمدە ئۆزلىرنىڭ داۋالىيالايدىغانلىقىنى تاشنى پاڭ قىلىپ ئىتىپلا ھەممىسىنى چۈشۈرۋىتىدىغانلىقىنى پەقەت كىچىك يارىلىق ئوپىراتسىيە ئارقىلىقلا بالىڭىزنىڭ كىسىلىنى تەلتۈكۈس ساقايتىمىز دىگەن گەپلىرگە ئىشەنمەي بالامنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئونۋىرىست قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانە(يىشويەن)سۈيدۈك يۇلى كىسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئىلىپ كەلدىم ھەمدە مۇشۇ يەردىكى تۇنۇشۇم ئارقىلىق مۇشۇ كىسەل جەھەتتىكى مۇتەخەسسىىس،بۇ جەھەتتىكى كىسەللەرنى داۋالاش تەجىربىسى مول بولغان ‹‹ئېرىك››دوختۇرغا بالامنى كۆرسەتتىم.
بۇ دوختۇر بۇ كىسەلنى داۋالاش لاھىيەسىنى ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك تەجىربىسىنى ماڭا مۇنداق چۈشەندۈرگەنتى:


بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندا بۆرەك جامىنىڭ ئىچىدىكى خالىغان ئۆچ ئورۇندا پەيدا بولىدىكەن يەنى بۆرەك ئاستى.بۆرەك ئوتتۇرسى.بۆرەك ئۆستى دىگەندەك ئورۇنلاردا....

بۇنىڭ بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندا بىزنىڭ نۇرغۇن بىمارلىرمىز كىسەلدىن تىز قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھىلىقى يامان ھەممىگە قادىر پاڭ قىلىپلا سىزنىڭ تاشلىرڭىزنى چۈشۈرۋىتىدىغان مىلتىق بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىكەن.
ئۇ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدىكەن.يەنى بۆرەكنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئورۇندا يەنى بۆرەك ئاستى،ئوتتۇرسى،يۇقىرسى قاتارلىق ئورۇنلاردا سۈيدۈك سويۇقلىقى قايناپ چىقىدىغان بۇلاق باركەن،بۇ بۇلاقنىڭ نۇرغۇنلىغان كىچىك تۈشۈكچىلىرى بۇلىدىكەن،بىز مىلتىق بىلەن ئالدىراپ تاشنى بەدەن سىرتىدىن ئىتىپ چۈشۈرۈش ئۇسولىنى قوللغاندا تاش پارچىلىنىپ چۈشكەندەك قىلغان بىلەن ئىتىپ پارچىلاش جەريانىدا ھاسىل بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تاش پارچىلىرى يەنىلا بۆرەكنىڭ مۇشۇ كىچىك بۇلاق تۈشۈكچىلىرگە تىنۋالىدىكەن.(چۆكۈۋالىدىكەن)بۇنداق چۈكۈۋالغان كىچىك تاشلار ئىتىشتىن كىيىنكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا كۆرۈنمەيدىكەن،چوڭلىرى بولسا چۈشۈپ كىتىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىمار مەن ساقايدىم دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ھىلىقى كىچىك تۈشۈكچىلەرگە تىنىۋالغان كىچىك تاشلار قايتا چوڭلاپ كىسەل يەنە قايتا قوزغىلىدىكەن.بۇ بۇ كىسەللىكنىڭ تەكرار قوزغىلىشىنىڭ سەۋەپلىردىن بىرى ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان بىمارلار يەرلىك ئۇسوللار ئارقىلىق داۋالاشنى ئاساس قىلىپ داۋالانغاندىن كىيىن تاشنىڭ بۆرەكتە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كىتىدىكەن.يەنى ئەسلى بۆرەكتە تاش يوق ئىدى،كىيىن تاش پەيدا بولۇپ چوڭلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ بۆرەكنىڭ مۇسكۇلىنى مەلوم دەرىجىدە كېرىپ مەلوم بوشلۇقنى ئىگەللەپ تۇرىدىكەن،تاشىڭ بۆرەكنىڭ ئىچىدە بۆرەكنى سىرىتقا كىڭەيتىپ مۇشۇنداق بوشلۇق ئىگەللەپ تۇرۇش نەتىنجىسىدە بۆرەك مۇسكۇلىنىڭ ئۇزىراش،قىسقىراش ئىقتىدارى يوقىلىپ(تاشتۇرغان يەر خالتىلىشۋالىدىكەن)تاش بار ئورۇن چوڭلاپ قالىدىكەن،سىز كىيىن تاشنى چۈشۈرۋەتسىڭىزمۇ تاش چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئورۇن بۆرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىلىش سەۋەپلىك(تاش ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكتىن)ئەسلىگە كىلەلمەي خالتىلىشىپ قالىدىكەن،ھەمدە كىيىن بۇ يەرگە ئاسانلا سۈيدۈك يىغىلىپ سۈيدۈك تەركىبىدىكى چۈكۈندى ماددىلارنىڭ يىغىلۋىلىشى تەسىرىدىن تاش ئاسانلا قايتا پەيدا بولىدىكەن.
مۇشۇ خىل سەۋەپلەر دەل مۇشۇ كىسەلنىڭ تەكرار قوزغىلىشىنىڭ سەۋەپلىردى بىرىكەن،ھەمدە قايتا قوزغىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
شۇڭلاشقا بۇ كىسەلدە ۋاقىتنى كەينىگە سوزماسلىق،تاشنىڭ ئورنىغا قاراپ ئامال بار ئوپىراتسىيە قىلىپ تاشنى ۋاقتىدا ئالغۇزۇپ بۆرەكنىڭ خالتىلىشىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش زۆرۆركەن.
دوختۇر مىنىڭ كىچىك دوختۇرخانىلاردا قالايمىغان داۋالاش قىلدۇرمىغىنىمنى ماختىغاچ بالامنىڭ كىسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دەرھال ئوپىراتسىيە قىلغۇزۇپ تاشنى ئالدۇرۋىتىشىمنى ئېيىتتى.
شۇنداق قىلىپ مەن بالامنى ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئونۋىرىست قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانە(يىشويەن)سۈيدۈك يۇلى كىسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئوپىراتسىيە قىلغۇزدۇم.ئوپىراتسىيە جەريانىدا بالامنىڭ كەينى بەل تەرىپىدىن كىچىك بىر تۈشۈك تىشىپ شۇ يەردىن بۆرەكنىڭ ئىچىدىكى تاشنى ئالدى.بۇ  بۇ جەرياندا بۆرەك ئىچىگە بىر تەرەپتىن يۇيۇش سۇيۇقلىقى ماڭغۇزۇپ بىر تەرەپتىن تاشنى پارچىلاپ ئىلۋىتىدىكەن.
پۈتۈن جەريانغا 2سائەت ۋاقىت كەتتى.
ئوپىراتسىيەدىن چىقىپ بالامنى بىر ھەپتە ياتاقتا ياتقۇزغاندىن كىيىن ياتاقتىن چىقتۇق،بىر يىلدىن كىيىن كىلىپ تەكشۈرتىشىمىزنى تاپىلاپ يولغا سالدى.
بىر يىلدىن كىيىن چىقىپ تەكشۈرۈتتۇق،بالامنىڭ بۆرىكى شۇنداق ياخشىكەن،قايتا تاش پەيدا بولۇپ قالماپتۇ.
مىنى ئەڭ قايىل قىلغىنى:بۇ دوختۇرخانىنىڭ ماڭا مۇشۇ بى يىل جەريانىدا تىلىفون قىلىپ بالامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇشى بولدى،بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئوخشىمىغان كىسەللەرگە نىسبەتەن داۋالىشىنىڭ قانداق ئۈنۈم بەرگەنلىكى،قايسى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىقىشىدا كىيىنكى تەتقىقات داۋالاش ئىشلىرغا بىرىنچى قول ماتىريال بۇلىشىنى بىزلەر ئويلاپ يىتەلەيمىز ئەلۋەتتە،بەلكىم دوختۇرخانىلارنىڭ پەرقى مۇشۇ يەردە ئىپادىلىنىپ چىقسا كېرەك.

شۇنداق قىلىپ بۇ كىسەلنى داۋالاشتا مۇنۇ ئۇسولنى قوللىنىپ باقسا بولىدىكەن دەپ قالدىم.
  يەنى:بالدۇر داۋالىتىش
قالايمىقان داۋالاش قىلدۇرماسلىق
بىرلا قىتىمدىلا نوپوزلۇق دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئىلىپ بېرىپ تاشنى ئىلۋەتكەندىن كىيىن تىباتىمىزدىكى ھەكىملەرنى ئىزدەپ شۇلارنىڭ يەرلىك ئۇسوللىرنى قوللىنىپ تاشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پاكىزلاش مەقسىتىگە يىتىش.
بۇنىڭدا تىبابىتىمىزنىڭ مىجەز تەڭشەش دورىلىرمىزدىن پايدىلنىپ مىجەز تەڭشەپ تاشنىڭ قايتا پەيدا بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.يەنى سۇيۇقلۇققا تىنىپ قالغان چۈكۈندى ماددىلارنى تازىلاپ ئىلۋىتىپلا بۇ چۈكۈندىلەرنىڭ ھاسىل بۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان سۇيۇقلۇق تەركىبىدىكى ماددىنى تازلىمىساق بۇرۇن قىلغان ئىشىمىزنىڭ بىھودە بىر ئاۋارچىلىق ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز.شۇڭلاشقا تىببى ئونۋىرىستتا ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تاشنى ئىلىپ ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق شىپاخانىغا بېرىپ مىجەز تەڭشىتىڭ.
شۇڭلاشقا:
سىز ئامال بار ئىنىڭىزنى ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي ئونۋىرىست قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانە(يىشويەن)سۈيدۈك يۇلى كىسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئىلىپ كىلىپ مۇشۇ يەردە داۋالىتىڭ.
ھازىر چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ چىقىمى بەك جىق ئەمەس،ھەمكارلىق كىنىشكىڭىز بولسا ياتاقتىن چىقسىڭىزلا پۇلىڭىزنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ،ناھىيەلەردەك نەچچە ساقلىمايسىز.
ئىنىڭىزنىڭ كىسىلى ياخشى بولۇپ كەتكەي....ۋاقتىدا داۋالىتىڭلار....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 17:30:26

يۇقىرىقى تورداش  ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ گېپىنى قىلماي غەرپچە دوختۇرخانىنىڭ گىپىنى قىلغان بولسا ئىنكاسى ياخشى چىقىپتىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 17:33:47

تىما ئىگىسىگە
1. بىز بۇ كېسەلگە قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاپ قوللانساق ئەڭ مۇۋاپىق؟ 2
بۇنى ئۆزىڭىز  قارار قىلىڭ.

     2 .  2سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتكەن تاشنى دورا بىلەن ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوقمۇ؟
ئىمكانىيىتى بار.

    3. بۆرەكنىڭ يەنە داۋاملىق تاش يىغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ئاۋال تاش چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارنى بېرىش، تاش پەيدا قىلىدىغان  سەۋەبلەردىن نېرى تۇرۇش كېرەك.
مۈجمەل بىر جاۋاپ بولۇپ قالدى.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:35:32

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 17:33 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسىگە
1. بىز بۇ كېسەلگە قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇل ...

  2 .  2سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتكەن تاشنى دورا بىلەن ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوقمۇ؟
ئىمكانىيىتى بار.

   ماڭا كېرىگى دەل مۇشۇ جاۋاپ ئېدى. ئەمما سىزنىڭ بۇ جاۋابىڭىز بەكلا كالتە ئىكەن. بۇ ئىمكانىيەت نەدە؟ سىزنىڭ بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. سىزدە مۇشۇ خىل كېسەللەرنى ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بويىچە داۋالاپ ساقايىتقان تەجرىبىلەر بولغانمۇ؟ ئىنىمنى سىز داۋالاپ كۆرۈپ باقامسىز؟ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:52:53

ئاشۇ تاش بىرلا تاشمۇ ياكى بىر نەچچچىلگەن تاشنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىلللەنگەن تاشمۇ؟ قۇمسىمانمۇ ياكى؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 18:58:56

ھازىر بۇ ھەقتە بىر نەچچەلىگەن تېۋىپلار  پىكىرلىشىۋاتىمىز ، ئەتە ئەتىگەنگىچە ياخشى جاۋابىنى يەتكۈزىمەن.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 19:08:13

بۇرۇنلاردا ب تىپلىق ئۇلتىرا نۇر ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈپلا مۇنچە تال تاش بار ئىكەن، چوڭلۇغى مۇنچىلىك ئىكەن دەپ بېرەتتى، ھازىر س ت يەنە بىر نىمە دىگەن ئالى ئاپپاراتلاردا تەكشۈرىدىكەن، ئەمما نەتىجىسىنى دەپ بەرمەيدىكەن.
بەت: [1] 2 3
: بۆرەكتىكى تاشنى قانداق داۋالاتساق بولار؟