OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:30:05

ھايات

ھايات
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى
*ھايات قارا رەڭمۇ بار ھەسەن-ھۆسەنگە ئوخشايدۇ.
*ھايات دېڭىزغا ئوخشايدۇ،ئادەملەر كىلىپ كىتىدۇ،دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ پەسىيىدۇ،مانا بۇ ئۇنىڭ تولۇق تارىخى.
*ھايات بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ،بىز ھەربىرىمىز ئۇنىڭغا تارىخىمىزنى يازىمىز.
*ھايات ياخشى بىر قول قەرتكە ئىگە بولۇشتا ئەمەس بەلكى قولىڭىزدىكى قەرتنى ياخشى ئويناشتا.
*ھايات شاھماتقا ئوخشايدۇ،بىر ئۇرۇقنى خاتا ماڭسىڭىسز مات بولىسىز، ھەتتا ھايات شاھماتقا يەتمەيدۇ،چۈنكى ئۇنى يەنە بىر مەيدان ئوينىغىلى بولمايدۇ،ھەم يېنىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ.
*ھاياتتا پۇتبول مۇسابىقىسىدىكىگە ئوخشاش توپچىنى يەڭگۈشلىگىلى بولمايدۇ،ئادەم ئالماشتۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ،كۆرۈنۈشنى قايتۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ.
* ھايات بىر ئاساۋ ئاتقا ئوخشايدۇ،سىز ئۇنىڭغا مىنمىسىڭىز، ئۇ سىزگە مىنىدۇ.
*ھايات بىر قاپ سەرەڭگىگە ئوخشايدۇ،ئۇنى ئىشلەتمەسلىك ھاماقەتلىك،قالايمىقان ئىشلىتىش خەتەرلىك.
*ھايات تىنىم تاپمايدىغان،ئارام ئالمايدىغان،رەھىمسىز جەڭ.
*ھايات ئويۇنغا ئوخشايدۇ،ئەگەر سىز قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالىسىڭىز ئالقىشلىنىسىز،قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالمىسىڭىز لەنەتكە قالىسىز.
مەنبە:«ساتىرا ۋە يومۇرگېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانى
بەت: [1]
: ھايات