bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:02:28

بۇ مەكتەپتە ئاخىرقى باھار

                       ]                                             بۇ مەكتەپتە  ئاخىرقى باھار                           
                                                                            (ھېكايە )
                                                               مۇھەممەتتۇرسۇن.بەگئالىپ

مەن بۇ مەكتەپكە كەلگىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ  ئىسمىمنى  ھېچكىم ئۇخمايتتى، بەلكىم ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغان بۇلۇشۇم مۇمكىن ئىدى، چۈنكى مېنى  ھېچكىم چاقىرىپ باقمايتتى ھەم چاقىرىشقا ئېھتىياجىمۇ چۈشمەييتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان بىزگە ئىزچىل دەرىس بېرىپ كېلىۋاتقان مۇئەللىم  مەندىن ھەر سائەتتە دېگۈدەك  سۇئال سۇرايتتى  ،ھەر قېتىم سورىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىنى بۇرۇن ئەجەپ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،  يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىمۇ ؟ -  دەپ  قۇياتتى .بۇ سۇئال ساۋاقدشلىرىمنىڭ تالاش تارتىشىغا سەۋەپ بۇلاتتى:                                      
     - شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ،مەنمۇ تېخى بۈگۈنلا كۆردۈم.                       
دەيتتى ياتاقدىشىم،.
    -ياق ،مەن ئۇنى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى كۆرگەندەك قىلغان  دەيتتى ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز.
- ئەمسە بىزگە ئۈچ يىلدىن بۇيان سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇئەللىمدىن سۇراپ باقايلى دەيتتى ، ئۆزىنى سىنىپ باشلىقىدەپ ئاتىۋالغان بىرى . لېكىن سىنىپ مۇدىرىمۇ بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيتتى.
بىر كۈنى ئاشخانىغا كارتامنى ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ماڭا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تاماق سېتىپ بېرىۋاتقان ئاشپەزگە كارتىنى كەچتە سۈرۈۋەتسەم بۇلامدۇ دېدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ ناتۇنۇشلىقىمنى بانە قىلىپ قۇشۇلماي قويدى .
مەن بۇ مەكتەپتە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنى تۇنۇمايتتىم .  ھەم تۇنۇشقىمۇ ھەركەت قىلمايتتىم. چۈشلۈرۈممۇ شۇنداق ئىدى ، ھېچكىمنى چۈشەپ قالمايتتىم . ھەر كۈنى ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا يات بىر كىشىلەر بىلەن  بىر ياتاقتا تۇرغىنىمنى ، ۋە ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغا بالىلار بىلەن  بىر سىنىپتا ئولتۇرغىنىمنى كۈرەتتىم . لېكىن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تىزىملىكى ئۈچ يىلدىن بۇيانبىر قېتىممۇ  ئۆزگۈرۈپ باقمىغان ئىدى.  
بۇ مەكتەپتە  مەن ۋە ئۇنىڭدىن بۆلەك جۈپسىز يۈرىيدىغانلار يوق ئىدى . سىنىپتىمۇ ھەمىىسى بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇراتتى . پەقەت مەنلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا يالغۇز ئولتۇراتتىم.  سىنىپتىمۇ ھەمىىسى بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇراتتى.يولدىمۇ ئىككىمىزدىن بۆلەك يالغۇز ماڭىدىغانلار يوق ئىدى .ئاشخانىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش ئىدى ؛ پەقەت مېنىڭ  بىلەن  ئۇنىڭلا  قارشى تەرىپىمىزدىكى  ئورۇن بوش ئىدى ،  ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى  بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كەلمەستىن ،ئۆزىنىڭ دائىم يالغۇز ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا كېتەتتى .  بىر قېتىم مەن قەستەن ئۇنىڭ تاماق يەيدىغان جايىغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىمدە ئولتۇرىۇپ تاماق يېيىشىنى كۈتكەنىدىم،  بىراق ئۇ ئۇنداق قىلمىدى : ئورنىغا لاپپىدە قارىدىيۇ كەينىگە يېنىپ مېنىڭ بوش تۇرغان ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردى .
    مەندە ئېسىل بىر تىلفۇن بار ئىدى ، بىراق تېلفۇنۇمدا ھېچكىمنىڭ نۇمۇرى يوق ئىدى  ؛ ھېچكىمگە تىېلفۇن  ئۇرماتتىم ھەم ھېچكىمدىن تىلفۇن كەلمەيتتى.
     مەن كۈندە كەچ ئۇ دائىم ئۆتىدىغان يولنىڭ بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  تېلفۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭدىشاتتىم. ئالدىمدىن جۈپ - جۈپ قىز يىگىتلەر ئۆتىشەتتى. دەل شۇ چاغدا  ئۇ   يالغۇز ھالدا تېلفۇننىڭ يۇقۇرى ئاۋازىنى ئېچىۋېتىپ بىر ئادەم بىلەن پاراڭلشقان پېتى ئالدىمدىن ئۈتەتتى،  لېكىن تېلفۇندا ئۇنىڭ بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقىنى مەن ئەمەس  باشقا بىر ئەركىشى  ئىدى. ئۇ تىلفۇندا سۆزلىشىۋاتقاندا چىرايلىق كۆزلىرى دائىم كۈلۈپ تۇراتتى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۈلكىسى مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولسىمۇ  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ قۇياتتىم.
     مەن مەكتەپكە كېلىپ ئىككى يىل بولغاندا ئۇنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم.  بەلكىم ئۇ  مەن مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى دىققەت قىلغان ئادەم بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەرۋاھتەك ئەگىشىپلا يۈرەتتىم .  قاچان ،قايسى سىنىپتا دەرەس ئوقۇيدىغىنى،  قايسى يولدىن ماڭىدىغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى . پەقەت كۈندۈز بولسىلا  مەن ئۇنى قىلچە كۈچىمەيلا تېپىۋالالايتىم .
كېيىن مەن ئۇنىڭ سىنىپىغا كىرىپ دەرىس ئۇقۇيدىغان بولدۇم ،  ئۇ گەرچە مەندىن ئىككى يىل تۆۋەن ئۇقۇسۇمۇ پەرۋاسىز ھالدا ئۇنىڭ سىنىپىغا كىردىم، چۈنكى مەن قايسى سىنىپتا ئوقۇسام بەرىبىر ئىدى ، بۇرۇنمۇ ئاغرىپ قېلىپ نەچچە ھەپتە  سىنىپقا چىقالمىساممۇ ھېچكىم ئىزدىرىكىمنى قىلىپ قويمايتتى. شۇكۈنى ئۇنىڭ سىنىپىغا كىردىم. مېنىڭ  كىرگىنىمگە ھېچكىم ھەيران قالمىدى، مېنىڭ بۇرۇنقى سىنىپ مۇدىرىم بۇ سىنىىپقىمۇ دەرىس بېرەتتى، لېكىن سەزمىدى . ئۇ سىنىپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا  ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى. مەن بولسام سول تەرەپتە ئۇنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئولتۇراتتىم . مېنىڭ بۇ سىنىپقا كىرىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ماڭا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى.بىر كۈنى مۇئەللىم يوقلىما قىلىۋاتقاندا مەن تۇنجى قېتىم باشقا بىراۋنىڭ ئىسمىغا دىققەت قىلدىم ؛ مۇئەللىم دىلرەبا بارمۇ دېۋىدى ئۇ بار،  دېدى ، دېمەك ئۇنىڭ ئىسمى دىلرەبا ئىدى  ، مەن بۇ ئىسىمنى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا كۆپ قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. ئەلۋەتتە،  خۇددى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ،ھۆسنىمۇ ، ئاۋازىمۇ چىرايلىق ئىدى.
  ئۇ قېتىم مەن ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان پارتىسىنى ئوغرىلىقچە باشقا سىنىپقا يۆتكىۋەتتىم. ئەمدى ئۇنىڭغا مېنىڭ يېنىمدىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلاشتىن باشقا يول يوق ئىدى ، لېكىن ئۇ يېنىمغا كەلمىدى ؛ ئۇ   يېنىمدا تۇرغان بوش ئورۇنغا لاپپىدە قارىدىيۇ، سىنىپنىڭ بىر بۈرجىكىدە تۇرغان يۈلەنچۈكىمۇ يوق كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ دائىم ئولتۇرىدىغان جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.
           دەرۋازىۋەن بەكلا ئاكتىپ ئىدى ، مەن بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان كۈندە ئوننەچچە قېتىم دەرۋازىدىن كىرىپ چىقمىساممۇ، دائىم دېگۈدەك ئالدىمنى توسۇپ كىنىشكەمنى تەكشۈرۈپ ئاندىن ئۆتكۈزەتتى. تېخى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى،  بىردە ئىسمىمغا بىردە سۈرىتىمگە قاراپ مېنى ئېسىدە تۇتۇۋالماقچى بۇلاتتى، لېكىن كېيىن قېتىم دەرۋازىدىن كىرگىنىمدە ناتۇنۇشلىقىمنى باھانە قىلىپ  يەنە قايتا تەكشۈرەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تېخى مۇشۇ يىللا  كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولغان ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرمەيلا ئۆتكۈزىۋېتىپ مېنىڭ ئالدىمنى توستى، دەل شۇ چاغدا ماڭا بۇ مەكتەپتە بىردىن بىر تۇنۇش بولغان .ئاشۇ سىما  كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى ، مەن ئۇنىڭغا يالتىىدە قارىدىم ، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى ، ئۇ  ماڭا قاراپ چىرايلىققىنە كۈلۈپ قويدى،  لېكىن نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈم ئىپادىسىزلا ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان   قېلىن قارلار ئاستىدا  كۆمۈلۈپ ياتقان ئەرۋاھلارمۇ يوق تىمتاس قەبرىستانلىققا ئوخشايدىغان يۈرىكىمگە باھارنى باشلاپ كەلدى. دەل مۇشۇ ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا  ئۈستەل ئۈستىدىكى جەدىۋەلگە بىر نەرسە يېزىۋاتقان يىگىت بېشىنى كۆتۈردى دە ئۇنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتۇپ ئۇنى ۋە ئەمدىلا كەلگەن باھارىمنى ئېلىپ  كېتىپ قالدى .(ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ  كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ كۆزى ۋە قېشى ماڭا بەكلا ئوخشايتتيۇ، لېكىن بوي- بەستى ئوخشىمايتتى).
     مەن تۇرغان جايىمدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم، يۈرۈكۈمدە باياملا ئېچىلغان  گۈللەر تۇيۇقسىزلا توزۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى قېلىن قار، قاپقاراڭغۇ ھاڭ  ۋە ئادەم يەيدىغان تىمتاسلىق  قايتىدىن ئېگەللىدى.
ئۇنىڭ ئاشۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سوۋغا قىلغان كۈلكىسى مېنىڭ قەلبىمگە تۇنجى ۋە ئاخىرقى باھارنى ئېلىپ كەلدى ،
      بۇ يەردە ئەمدى مەڭگۈ باھار بولمايتتى......
      ھەئە، بۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ  ئاخىرقى باھار ئىدى .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 20:19:42

ئەسەر مەنىسىزلەشتۈرۈش ئۇسسۇلۇبىدا يېزىلدى

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:04:09

ماڭا مەنىسىزلەشتۈرۈشتە ئەمەس سىمۋۇلدەكلا بىلىندى

Ahunbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 10:42:08

ماڭا تەرجىمە ئەسەردەكلا تۇيغۇ بەردى

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 11:29:00

ماڭا مەغلۇپ بولغاندەك بىلىندى.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 14:32:49

taz يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:04 static/image/common/back.gif
ماڭا مەنىسىزلەشتۈرۈشتە ئەمەس سىمۋۇلدەكلا بىلىندى

بەلكىم سىمىۋولمۇ بىلىپ بىلمەي قىستۇرۇلغاندۇ، لېكىن  بىر مۇئەللىم ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بىلەن ۋەقەلىكىنى  مەنىسىزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىبىدا يېزىپسەن دېگەن  :)

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 14:35:26

Ahunbag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 10:42 static/image/common/back.gif
ماڭا تەرجىمە ئەسەردەكلا تۇيغۇ بەردى

مەن ئادەتتە چەت ئەل ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئۇقۇيمەن ،شۇڭا يازغان نەرسىلىرمنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىكى شۇلارنىڭكىگە تەبىيلا ئوخشاپ قالىدىكەن:)

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:18:03

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 11:29 static/image/common/back.gif
ماڭا مەغلۇپ بولغاندەك بىلىندى.

ئەسەردىكى باش پېرشۇناژ ،بىر ياۋاش،ئىچ مىجەز ،ھېچكمنىڭ كارى بولمايدىغان،بىر بالا،ئۇ بىر قىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزلىكى ۋە ياۋاشلىقى سەۋەبىدىن،ئېفىز ئاچالمايدۇ كېيىن ئۇ قىزنى يىگىتى بىلەن بىللە كۆرۈپ قاتتىق ئۈمۈدسۈزلىنىپ كېتىدۇ

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:18:21

ئەسەردىكى باش پېرشۇناژ ،بىر ياۋاش،ئىچ مىجەز ،ھېچكمنىڭ كارى بولمايدىغان،بىر بالا،ئۇ بىر قىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئىچ مىجەزلىكى ۋە ياۋاشلىقى سەۋەبىدىن،ئېفىز ئاچالمايدۇ كېيىن ئۇ قىزنى يىگىتى بىلەن بىللە كۆرۈپ قاتتىق ئۈمۈدسۈزلىنىپ كېتىدۇ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 20:30:21

مەخپىي گەپلەرنى قىلىۋېتىپسىلەرمۇ دەيمە:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 08:23:49

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 20:18 static/image/common/back.gif
ئەسەردىكى باش پېرشۇناژ ،بىر ياۋاش،ئىچ مىجەز ،ھېچكمنىڭ ...

(ھېكايە)ڭىزدىمۇ شۇنى يېزىپسىز، مەن ھېچبىر مەنىسىزلەشكەن يېرىنى بايقىيالمىدىم، مەقسەت ئوچۇقلا بىلىنىپ تۇرس، ئىنكاسىڭىزدا مەنىسىزلەشتۈرۈپ يازدىم دەپ يۇغان قالپاق كىيىۋالغىنىڭىز قىززىقكەن.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:44:32

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 08:23 static/image/common/back.gif
(ھېكايە)ڭىزدىمۇ شۇنى يېزىپسىز، مەن ھېچبىر مەنىسىزلەش ...

بۇ قالپاقنى  يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم كەيگۈزگەن، ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرنىشى مۇبالىغە بىلەن مەنىسىزلەشتۈرۈلۈپتۇ(دېمىسىمۇ، بۇنداق ئۈچ يىل ئۇقۇپ ،ھېچكىم تۇنۇمايدىغان ئادەم تېپىلماسلىقى مۇمكىن )بۇنى نەزىريەدە مەنىسىزلەشتۈرۈش دەپ ئاتايمىز دېگەن

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-26 19:46:51

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 20:30 static/image/common/back.gif
مەخپىي گەپلەرنى قىلىۋېتىپسىلەرمۇ دەيمە

، نەدە?ئۇندا گەپ يوققۇ{:101:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 06:20:15

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-26 19:44 static/image/common/back.gif
بۇ قالپاقنى  يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم كەيگۈزگەن، ئەسەرنىڭ  ...

:lol  ئەمسە شۇنداق ئوخشايدۇ. مۇئەللىمنىڭ دىگىنى ئەلۋەتتە بەرھەق...
بەت: [1]
: بۇ مەكتەپتە ئاخىرقى باھار