xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:54:13

« كەچمىش » ۋە مەدەنىيەت ئەستلىكى

« كەچمىش » ۋە مەدەنىيەت ئەستلىكى
دوكتور ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ
       « كەچمىش » رومانى يېڭى ئەسىر  ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا يېڭى بىر ھالقىش ياراتتى. بۇ خىل ھالقىش كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسىرات، سۆھبەتلىرى  ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئايرىم تەلقىنلىرى ئارقىلىق ياخشى باھالارغا ھەم ئېتىراپقا ئېرىشتى. بارلىق ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىغا ئايانكى « كەچمىش » تىكى ھالقىش يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ زور چەكتە ھالقىش بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلىشىشقا يۈزلەنگەن ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت تېمىلىرىنىڭ يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
خالىدە ئىسرائىل ئالدىنقى 25 يىللىق پروزا ئىجادىيىتىدە ھىكايە ۋە پوۋېست  ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ پروزا ئۇسلۇبىنى نەپىس ۋە لىرىك، يېقىملىق ۋە نازاكەتلىك دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. خالىدە ئىسرائىلنىڭ پروزا ئۇسلۇبنىڭ شەكىللىنىشى يازغۇچىنىڭ جىنسى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. يازغۇچى ئەڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە قىزغىنلىق بىلەن ئىنساننىڭ قەلب گۈزەللىكلىرىنى ئېچىپ بېرىش يولىدا ئىزدەنگەن بولۇپ، پاكىزلىق ۋە ساددىلىق دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق گۈزەللىكلىرىدىن ئىدى. پروزا تېمىلىرى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم نۇقتىلىرى ياكى ئوبرازلارنىڭ چىن – گۈزەل قەلب تىۋىشلىرىنى يېزىشتىن بارا – بارا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە تۇرمۇش سەھنىسىدىكى ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئوبرازلارنى قېزىشقا يۈزلەنگەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ پروزا ئۇسلۇبىدىكى نەپىسلىك ۋە لىرىكىلىق بارغانسېرى كۈچىيىشكە، يېقىملىق ۋە نازاكەتلىككە مەردانىلىق ۋە يۈكسەكلىك قوشۇلۇپ، خالىدە ئىسرائىلغا خاس بولغان بىر بەدىئىي زىمىننى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۇ بەدىئى زىمىنىدا بۈگۈنكى زامانىۋى شەھەرلەردىكى ياتلاشقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە مەنئىۋىي قىياپەتلەر ئاياللار ئوبرازى ئارقىلىق تېخىمۇ رەڭدارلىق ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بولدى.
خالىدە ئىسرائىل ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە تونۇش بولغان شەھەر تۇرمۇشى ۋە ئاياللار مەسىلىسىنى تېما قىلىپ تاللىغان بولۇپ، سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش جەريانىدىكى ياتلىشىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىكى ئاڭلىق ئىجادىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولدى. گەرچە « قۇملۇقنىڭ چۈشى »، « مەختۇمسىلا » قاتارلىق ئايرىم پوۋېستلىرىدا رىۋايەت، ئەپسانە دېتاللىرىغا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرلەردە يەنىلا ئاياللارنىڭ روھى، خاراكتېرى، قىممەت قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.
« كەچمىش » رومانىنى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىلگىرى ئىجادىيەتلىرى بىلەن سېلۇشتۇرۇپ كۆرۈش توغرا كەلسە، مەيلى ژانىر تۈرى ياكى  تېما ياكى ئۇسلۇب يېقىدىن چوڭ پەرقلەر بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بىر سېستىمىغا قويۇپ كۈزىتىشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى پوۋېستتىكى ئەپسانىۋىي مۇھىت ۋە كەيپىيات، خەلق فولكلورى ئىزىدىن مېڭىش، ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە قەلب دۇنياسى بىلەن تەبىئەت ئوتتورىسدىكى ئىچكى گارمونىيەنى قېزىش  يازغۇچىنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرىدە ئاللىقاچان نەتىجە ياراتقان بولۇپ، « كەچمىش » رومانىدا تېخىمۇ ئىزچىللىققا، كۆلەم جەھەتتە كېڭىيىشكە، تەپەككۈردە چوڭقۇرلاشقا ئېرىشتى.
خالىدە ئىسرائىل توغراقلىقلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئاددىي لېكىن گۈزەل رىۋايەتنى ھىكايە قىلىۋاتقىنىدا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبىسى ۋە كۈزىتىشىدىكى شەھەر ئېڭىنى ئەمەس، شەھەردىكى ئايرىم ئوبرازلارنىڭ تەقدىرىنى ئەمەس، بەلكى بىر جەمەتنىڭ كوللېكتىپ مەدەنىيەت ئېڭىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى.  ئەمىلىيەتتە خىيابان  مۇھىتتا يارىتىلغان توغراقلىق دىگەن بۇ يۇرت ۋە توغراقلىقلىقلار  سىموۋۇل بولۇپ، خالىدە ئىسرائىل بۇ بىر جەمەت ۋە بىر يۇرتنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىن پايدىلىنىپ «بىز كىم ؟   بىز نەدىن كەلدۇق ۋە نەگە بارىمىز ؟ » دىن ئىبارەت مەدەنىيەت – كۈلتۈر ئېتىراپى مەسىلىسىنى پۈتۈن مىللەتنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئەلۋەتتە « كەچمىش » تە ئوتتورىغا قويۇلغان بۇ مەسىلە ئوبراز ۋە ھەر خىل ئېستىلىستېكىلىق ۋاستىلەر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق گۈزەللىك قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۈرىدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدىكى دادىللىق ۋە ئۆزگىچىلىك كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
ھەر بىر يەككە شەخسنىڭ ئەس – يادى، خاتىرىسى بولغانغا ئوخشاش، بىر ئۇرۇق  ياكى بىر قەۋم شۇنداقلا بىر مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كوللېكتىپ ئەس – خىيال ياكى كوللېكتىپ خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. بۇ مەزكۇر  ئىجتىمائىي توپ ياكى مىللەت ئورتاق بېشىدىن كەچۈرگەن ئۆتمۈشى بولۇپ، بەلگىلىك مەدەنىيەت – كۈلتۈر ئالاھىدىلىكلىرى،  ۋاستىلىرى ئارقىلىق قېلىپلىشىش ۋە تۇراقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆز مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستلىكىنى  زامان نۇقتىسىدىن  يېراق ئەپسانە – رىۋايەت دەۋرلىرىگە ياكى  يېزىق پاكىتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان  يېقىنقى يىللارغىچە تەكشۈرۈش مۈمكىن.
« كەچمىش » رومانى مۇتلەق ئېنىق بولغان ۋاقىتتىن ھالقىغان، ئەگەر بۇ ھالقىش كەينىگە داۋاملىق قايتۇرۇلسا، قەدىمكى ئەپسانە – رىۋايەتلەر دەۋرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. ئاپتور روماننىڭ بېشىدىلا سېھرىي بىر خىل مۇھىتنى تەشكىللەپ، ئۆز نەزىرىدىكى زامان ئۇقۇمىنىڭ فىزىكىلىق ۋاقىت چۈشەنچىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  مەدەنىيەت ئەستىلىكى مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدىكى مەدەنىيەت خاتىرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋە توپلىنىش جەريانىنىڭ مۇتلەق ئېنىق چېكى بولماسلىقى مۈمكىن، ھەتتا ئىككى – ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ  - يېتىلىش خاتىرىسى ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خاتىرىسىنى قايتا قۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن خالىدە ئىسرائىلنىڭ « توغراقلىق » تىن ئىبارەت ماكان ۋە زامان نۇقتىسىدىن ئەپسانە  ۋە رىۋايەت دەۋرىگە تۇتىشىپ كەتكەن سىموۋۇلنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىجادىيەت تەپەككۈرىدىكى ئاڭلىق تاللاش بولۇپ، بۇ خۇددى گارسىيو ماركوزنىڭ ماكوندىيەنىڭ غېرىپلىقىدا كولومبىيەنىڭ، لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ غېرىپلىقىنى يەتكۈزگىنىدەك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « قۇم باسقان شەھەر » سىموۋۇلىدا پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ چەكسىزلىكتىكى پىسخىك تارىخىنى يورۇتۇپ بەرگىنىگە ئوخشايدۇ.
ئەپسانە – رىۋايەت دەۋرىگە تەۋە ماكان ياكى زامان يارىتىش پەقەت بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەسەردە بۇ فىزىكىلىق ھالەتتىن ھالقىپ، پىسخىكىلىق كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن بۇ پىسخىكىلىق كەيپىياتنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرى « قۇم باسقان شەھەر » رومانىغا قارىغاندا تېزلا بۇرۇلۇش ياسىغان بولۇپ، روماندىكى ۋەقەلەر ۋە ئوبرازلار بارا – بارا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 200 يىللىق تارىخىغا قايتۇرىلىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى خۇددى نۇر ئوقىنىڭ ئېتىلغىنىغا ئوخشاش بولۇپ يىراقتىن نەپىس، سۈزۈك كۆرۈنگەن نۇر تالالىرى كۆز ئالدىمىزغا كەلگەندە تېخىمۇ يارقىن ۋە جانلىق، ئېنىق ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
« كەچمىش » تە يېزىلغىنى  توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ توغراقلىقنى ماكان قىلغان ۋاقتىدىن كېيىنكى 200 يىللىق جەريان بولۇپ، توغراقلىقنى بەرپا قىلغۇچى توختاخۇندىن باشلاپ  يەتتە ئەۋلاتنىڭ تارىخى سۆزلىنىدۇ. ئارىلىقتا بىرنەچچە قېتىم ھاكىمىيەت ئالمىشىدۇ، توغراقلىق بەزىدە جاھاندىن خالىي، پىنھان يەنە بەزىدە سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل تەسىرلەر نەتىجىسىدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىچىدە قالىدۇ. روماننىڭ قۇرۇلمسىنىڭ بۇ خىل تۈزىلىشى « يۈز يىل غېرىپلىق » قا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ جەمەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پېرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىش ۋە سيۇژېتنى جەمەت تارىخى لېنىيىسىدە قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت گارسىيا ماركوزچە قاپلانما شەكىللىك ھىكايە قۇرۇلمىسىدىن ئىجادىي پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ رومانىدا بىر جەمەتنىڭ ئىككى ئەسىردىكى ئۆزگىرىش جەريانى ئارقىلىق تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرى ئارىسىدا غۇۋالىشىپ كەتكەن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكى، مەدەنىيەت خاتىرىسىنى  ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا رومان ئىدىۋىيىلىكى چوڭقۇر بولۇپ، ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۈرى ئۈچۈن ھازىرلانغان بوشلۇقلارمۇ خېلى كۆپ، بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك يازغۇچىنىڭ بايان سۈرئىتى بەكلا تېز بولۇپ، ئوتتورا ھەجىملىك روماندا 7 ئەۋلادنىڭ 200 يىللىق كەچۈرمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى قېيىن، يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش.
« كەچمىش » روماننىڭ بەدىئىي تەسىرلىرى ئىچىدە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تولۇق تېكىستكە سىڭىپ كەتكەن سىموۋۇل ئۇسلۇبى ۋە ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى ئەپسانە – رىۋايەت شەكلىدىكى بايان ئۇسلۇبىدىن باشقا ئەسەردىكى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى سېلۇشتۇرۇش دەپ ئېيتىش مۈمكىن. توغراقلىق بىر سىموۋۇل ئىماگى  بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن – ئاخىر توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يەرگە كەلگەن چاغدىكى خىيابان، ئەپسانىۋىي ھالىتىگە سېلۇشتۇرۇلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل سېلۇشتۇرۇش يوشۇرۇن بولۇپ يازغۇچىنىڭ خېلى چوڭقۇر تەبىئەت قارىشى ۋە ئېكولوگىيە ئېڭىنىڭ نەتىجىسى پارلاپ تۇرىدۇ.
توغراقلىقنىڭ « كەچمىش » رومانىدىكى ۋەزنى  پەقەت توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھاياتلىق ماكانىغا ئايلانغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ   تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي كۈرەشلىرى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكى بىلەنلا ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك. خالىدە ئىسرائىل « توغراقلىق » ئىماگى ئارقىلىق ئاز بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بەدىئى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بىرىنچى، ئۆز ھىسسىياتى ۋە مەنئىۋىي سۈپىتىنى ماددىلاشتۇرۇپ، روماننىڭ ئېستېتىك كۈچىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى؛ ئىككىنچى، كىتاپخاننىڭ تەپەككۈرى، تەسەۋۋۇرى ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرۇپ، كىتاپخانلىق ئېستېتىكىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئۈچىنچى، تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىش بىلەن تارىخنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلالماي قالىدىغان قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، روماندا چىن ۋە تەسىرلىك بەدىئىي مۇھىتنى بەرپا قىلالىدى؛ تۆتىنچى، پۈتۈن رومان ۋە  ھەرقايسى قىسىملاردا ئۆزىنىڭ نىمىنى يېزىش ۋە يازماسلىقى ھەققىدە ئېنىق قاراشقا ئىگە بولۇپ، « توغراقلىق » تىن ئىبارەت مەركىزىي ئىماگنى دەۋر قىلىپ،  ئايرىم باپلاردا يەنە كىچىك ئىماگلار ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئېرىشتۈردى.
« كەچمىش » رومانىدا يازغۇچى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن « توغراقلىق » ئىماگىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئىماگنى قايتا چۇۋۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ يۈكسەك مەنئىۋىي سۈپىتىنى ھىس قىلالايمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىي مەنزىلىگە يېتىپ بارالايمىز. خالىدە ئىسرائىل « توغراقلىق » ئارقىلىق ناھايىتى كۈچلۈك مەدەنىيەت – كۈلتۈر روھىنى ۋە پىسخولوگېيىلىك تېندىنسىيىنى ئىپادىلىگەن. خالىدە ئىسرائىل توغراق ۋە ئىنسان، توغراق ۋە زىمىن، توغراق ۋە تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈلتۈرى ۋە مەنئىۋىي پەزىلىتىدىكى ئالىجاناپ روھ،  قەيسەر ئىرادە، تېز پۈكمەس ئەقىدە، مەڭگۈلۈك كۈرەشنىڭ ئەنئەنىۋىي مەنبەسىگە ئىچكىرىلىگەن.   
توغراقلىقنىڭ دەسلەپكى ھالىتى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى توختاخۇن يازغۇچىنىڭ قارىشىدا مۇقەددەس بىر ئىماگ. توغراقلىق ۋە كېيىنكى 200 يىللىق تارىخىي جەرياندىكى توغراقلىقلىقلار ئەشۇ ئىپتىدائى، خىيابان، مۇقەددەس ماكانغا ۋە بۇ يەرگە قەدەم باسقان ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانغا باغلىنىپ بارىدۇ. بۇ خىل باغلىنىش يازغۇچننىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئىتىدىكى سېلۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تارىخنىڭ تۈز، ئۇدۇل بايان ئۇسۇلىدا ئەمەس بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ئوبرازلىق، تەسىرلىك سەنئەت قانۇنىيىتىگە ئىگە بايان ئۇسۇلىدا تەشكىللەنگەن بولغاچقا، 200 يىل جەريانىدىكى بىرقانچە دەۋر ۋە يەتتە ئەۋلاتنىڭ سېلۇشتۇرۇلىشىدا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكلىرى، مەدەنىيەت خاتىرىلىرى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، ئېنىقلىشىدۇ ھەم  ئوقۇرمەنمۇ ئۆزىگە ئەڭ قىممەتلىك كىشىلىك قىممەت قارىشىنى تېپىپ چىقالايدۇ.
ئەلۋەتتە توختاخۇننىڭ ئۇزاق سەپىرى ھەم توغراقلىقتىن ئىبارەت زىمىنغا قەدەم باسقاندىن كېيىنكى كىچىككىنە ھاردۇق ئېلىش  ۋە بىر ئۇخلاپ ئويغۇنۇش جەريانى سېھرىي رىئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەم ئەپسانە – رىۋايەتلەرنىڭ بايان ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەگەر زامان نۇقتىسىدىن ۋاقىت چېكىنى ئېنىقلاش توغرا كەلسە، بۇ جەريان نەچچە ئىككى يۈز يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۈرىدە دەل ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكى، خاتىرىسى، ئېڭى، ئېتىقادى، تەبىئەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئىدىئالى روماندىكى بۇ ناھايتى ئاز سەھىپىنىڭ ئىچىگە پىرىسلىنىپ كېتىدۇ. بۇ بۆلەكتە يازغۇچى ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدىكى زىددىيەتلەرنى ئوتتورىغا تاشلىمايدۇ، بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ ھەرىكەت تارىخىنى ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ ئىدىيە تارىخىنى، پىسخىك تارىخىنى يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش كېرەك. خالىدە ئىسرائىل دەل مانا ناھايىتى قىسقا سەھىپىدە  ئۆز مىللىتىنىڭ خاراكتېر، پىسخىكا تېندىنسىيىسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ ساپ شۇنداقلا ئەڭ يۈكسەك ئىدىئالى ــــــــ ئىنسان بىلەن زىمىن، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتورىسىدىكى دىئالوگنى قېزىپ چىقىرالىدى.
گارسىيا ماركوزنىڭ « يۈز يىل غېرىپلىق » رومانىدىكى بوئىندىيە ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۇرسۇلا ئەسلى گۇناھ تۇيغۇسى ۋە چوشقا قۇيرۇقلۇق پەرزەنت كۆرۈش قورقۇنچىسىدا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ماكوندودىن ئىبارەت يېڭى بىر يۇرتنى بەرپا قىلىدۇ. لېكىن خالىدە ئىسرائىلنىڭ « كەچمىش » رومانىدىكى يېڭى يۇرتنى بەرپا قىلغۇچى توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالى مەيلى قانداق سەۋەپلەردىن توغراقلىققا قەدىمى يەتكەن بولمىسۇن ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسى ئىچكى خاتىرخەملىككە ۋە ساپ ئېتىقادقا تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ بەزىلىرىدە بۇ خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇشى ئوقۇرمەننى قانائەتلەندۈرىدۇ. مانا بۇ يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆزلۈك مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئىزدەش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىجادىيەت مەنزىلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
   « كەچمىش » توغراقلىق ۋە توغراقلىقلىقلار ھەققىدىكى كىتاپ ئەمەس، بىر جەمەتنىڭ تارىخى تەزكىرىسى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكى ھەققىدىكى كىتاپتۇر. بۇ كىتاپ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « قۇم باسقان » شەھەردىن كېيىن يېزىلغان يەنە بىر نادىر پىسخىك تارىخ. بۇ كىتاپ مىللەتنىڭ  مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ھەر خىل ئوبرازلار ئارقىلىق سۈزۈكلۈككە ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ. گەرچە بۇ ئوبرازلار ئەدەبىياتنىڭ مۇقىمسىز خاراكتىرى ئارقىلىق بىزگە پەقەت ئابستراكېتنى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلىسىمۇ، لېكىن كىتاپنىڭ ئوقۇرمەنگە بېرىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر، بەلكىم  « قۇم باسقان شەھەر » 20 – ئەسىردە ئۇيغۇرنىڭ پىسخىك تارىخى يېزىلغان ئەڭ نادىر رومان بولۇپ قالغىنىدەك، « كەچمىش » ھەم 21 – ئەسىردىكى مۇشۇ خىلدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ  ئالدى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
                                         2014 – يىلى  7- يانۋار

( بۇ ماقالە شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ 2014 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان )
                                             

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:44:55

خالىدە ئىسرائىلنىڭ قۇملۇقنىڭ چۇشى دىگەن ئەسىرنى ياخشى كۇردىكەنمەن، بۇئەسىرىنى ئۇقۇپ باقسام بۇلغۇدەك.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:57:32

كەچمىش ئىسىل رومان.  ھەپتە ئالدىدا ئوقۇپ تۈگەتتىم.  

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:08:06

بەزىلەر يۈز يىل غېرىبلىققا ئوخشىتىىۋاتىدۇ.مەن پەقەت ئەسەردىكى باياننىڭ سۈرىتىنىڭ تىزلىكى جەھەتتە يۈز يىل غېرىبلىققا ئوخشىتىش مۈمكىن دەپ قارايمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:12:27

يۈز يىل غېرىبلىققا ئوخشاتقانلار بىلجىرلىغان، ئاز ئۇسلۇبنىڭ ئوخشاپ قالغانلىقى تەقلىد قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.
ئون كۈنلۈك سۆھبەتمۇ مىڭبىر كېچە ئۇسلۇبىنى قوللانغان، لېكىن يەنىلا ئۆز ئالدىغا  دۇنياۋى ئەسەر...

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:04:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meyxor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 22:08  

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 21:12 static/image/common/back.gif
يۈز يىل غېرىبلىققا ئوخشاتقانلار بىلجىرلىغان، ئاز ئۇسل ...

ئەدەبىياتتىكى تەسىرگە ئۇچراش نورمال ئەھۋال خالىدە ھەدىمىز ئۆزىمۇ «يۈز يىل غىرىبلىق»نى بەك ياقتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىپتىكەن.بەزىلەر مۇشۇ نوقتىنى چىڭ تۇتۇۋالغان.ئەمما ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىدە ئۇنچىلىك تەسىرگە ئۇچراشنى يامان دېگىلىمۇ بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ بىرى دۇنياۋى يازغۇچى يەنە بىرى بىر مىللەتنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئەمەسمۇ.سۇمۇ چوڭقۇرغا قاراپ ئاقىدۇ ئەمەسمۇ.ئەندىككىدەك ئىش ئەمەس.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:36:37

ئەجەپ مەن ئۇقۇماپتىمانا بىر ئۇقاي جۇمۇ
بەت: [1]
: « كەچمىش » ۋە مەدەنىيەت ئەستلىكى