bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 07:22:51

NASA: «يەر شارى كۈنى» پائالىيىتىگە تەكلىپ

ناسا سىزنى «يەر شارى كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 22-ئاپرېل

«بىرلەشكەن دولەتلەر مائارىپ، ئىلىم-پەن، ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى» (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «UNESCO» دەپ يېزىلىدۇ) 1970-يىلى قارار ئېلىپ، ھەر يىلى 22-ئاپرېل كۈنىنى «خەلقئارا يەر شارى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.  شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلنىڭ 22-ئاپرېلدىكى «يەر شارى كۈنى» خاتىرلىنىپ كەلىۋاتقان بولۇپ،  ھازىر بۇ پائالىيەتكە جەمى 192 دۆلەت قاتنىشىدۇ.  

2014-يىللىق «يەر شارى كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ناسا « #GlobalSelfie » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالاھىدە پائالىيەت  ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، سىزنى شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا بارلىق كىشىلەرنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، بۇ پائالىيەتكە سىزنىڭمۇ قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

2014-يىلى ناسا نىڭ يەر شارى ئىلمى ئۈچۈن بىر ئىنتايىن مۇھىم يىل بولۇپ، بىزنىڭ ئانا پلانەتىمىزغا ئائىت ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن،  بۇ يىل ناسا جەمى 5 دانە ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدۇ.  ناسا بۇ مۇھىم يىلنى «ھازىرقى يەر شارى» (Earth Right Now) دەپ ئاتىلىدىغان بىر پائالىيەت بىلەن خاتىرلىمەكچى.  بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 22-ئاپرېل «يەر شارى كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ناسا سۈنئى ھەمرالىرى ئالەم بوشلىغىدا تۇرۇپ، يەر شارىغا ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرىدۇ.   شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قېتىم ناسا سىزدىن يەر شارىنىڭ قايەرىدە بولسىڭىز، شۇ يەردە تۇرۇپ ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يەرنى رەسىمگە ئېلىپ، ئۇنى « #GlobalSelfie » دېگەن بەلگە بىلەن تۆۋەندىكى 5 ئىجتىمائىي مېدىئالارنىڭ بىرىگە چىقىرىپ قويىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىدۇ.  بۇ يىل 5-ئايدا ناسا ئاشۇ رەسىملەرنى يىغىپ، شۇلارنى ئىشلىتىپ، يەر شارىنىڭ بىر پارچە موزايكا رەسىمىنى ياساپ چىقىدۇ ( The indiwidual piktures tagged #globalselfie will be used to kreate a mosaik image of earth -- a new "blue marble" built bit by bit with your photos).  بۇ رەسىم «كۆك رەڭلىك مار مار تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى مۇنداق:

(1)تۆۋەندىكى تور بېتىگە كىرسىڭىز:
http://www.nasa.gov/content/goddard/globalselfie/#.U1bEJRBjtVA
ئۇ يەردە تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە ئوخشاش بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان بىر پارچە رەسىم بار.  ئۇنى بېسىپ چىقىرىڭ.

(2) ئۇ رەسىمدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئىسمىنى يېڭىز.

(3) سىز ئاشۇ رەسىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سىز تۇرىۋاتقان يەرنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈڭ.  ئۇ رەسىم تۆۋەندىكى 2-رەسىمگە ئوخشىسۇن.

(4) رەسىمنىڭ ئىسمىغا«#GlobalSelfie»  دېگەن سۆزنى قوشۇپ، بۇ رەسىمنى تۆۋەندىكى 5 ئىجتىمائىي مەدىئالارنىڭ بىرىگە چىقىرىڭ:

1)Twitter
2) Instagram
3) Google+
4) #GlobalSelfie event page on Facebook

5) #GlobalSelfie group on Flickr


ھازىرغىچە بىر قانچە مىڭ تاشقىي پلانېتىلار بايقالدى.  ئەمما، ناسا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يەر شارىنى تەتقىق قىلغاندەك تەتقىق قىلمايدۇ.  ھازىر ناسا نىڭ يەر شارىنى تەكشۈرىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇرلىرىدىن 17 سى بار بولۇپ، ئۇلار توختىماي يەر شارىنىڭ يەر يۈزى، دېڭىزى ۋە ئاپموسفراسىنى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.  ئاشۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق يىغىلغان ئۇچۇرلار يەر شارىنىڭ بىر كۆرىنىشىنى، يەنى ئىلىم-پەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۈزەتكەندىكى كۆرىنىشىنى نامايان قىلىدۇ.  بۈگۈنكى «يەر شارى كۈنى» دە ناسا يەر شارىنىڭ باشقا بىر يېڭى كۆرىنىشىنى، يەنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان كۆرىنىشى ياساپ، شۇ ئارقىلىق بىر «كۆك رەڭلىك مار-مار تېشى» رەسىمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى.

ئەگەر سىز بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالسىڭىز، سىز تەييارلىغان رەسىمنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز.  رەھمەت.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

Make a #GlobalSelfie with NASA on Earth Day





رەسىملەر:

1-رەسىم: رەسىمگە چۈشكەندە قولىڭىزدا كۆتىرىۋالىدىغان، سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز

2-رەسىم: باشقىلار تارتقان رەسىمدىن بىر مىسال

3- ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەسىملەر:  2014-يلى 22-ئاپرېل كۈنى ناسا مەركىزى ج پ ل دە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارى كۈنى» دىن بىر قانچە كۆرىنىشلەر.  بۇ رەسىمدىكى ماشىنىلار ھېچ قانداق ئىس چىقارمايدىغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن ئىكەن.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:24:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 10:09  

ئۇيغۇرچە يېزىپ يوللىساقمۇ بولسا مانى كۆرۈپ بىقىڭلار رەسىمنى تولۇق چۈشۈرسىڭىز ئاندىن پۈتۈن رەسىم كۆرنىدۇ..رەسىمگە قاراپلا ئىملاسى خاتادەك تۇيغۇ بىرىدىكەن..رەسمنى چۈشۈرسىڭىز ئاندىن تولۇق كۆرنىدىكەن

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:39:02

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:24 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە يېزىپ يوللىساقمۇ بولسا مانى كۆرۈپ بىقىڭلار

بەك ئوبدان ياساپسىز. رەھمەت!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:44:42

يىرىد دەپ تۇرىدىغۇ؟
يېرىدە دەپ تولۇق ئالغان بولسىڭىز بولاتتىكەن

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:44:48

رەسىمگە چۈشكەنلەر رەسىمنى مۇشۇ ئشىنى بىلدىغان ،بىرسنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا يولساق سەل ئوڭ توختايتى..
ئاندىن رەسمىلەرنى توپلا بىر تەرەپ قىلسا....
كىم مۇشۇ ئشىنى قىلالايدۇ؟ ئېلخەت ئادرىسى قايسى؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:44:51

يىرىد دەپ تۇرىدىغۇ؟
يېرىدە دەپ تولۇق ئالغان بولسىڭىز بولاتتىكەن

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:47:55

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:44 static/image/common/back.gif
يىرىد دەپ تۇرىدىغۇ؟
يېرىدە دەپ تولۇق ئالغان بولسىڭىز ب ...

رەسمنى چۈشۈرسىڭىز ئاندىن تولۇق كۆرنىدۇ...رەسىمنىڭ ھەممە يىرى كۆرۈنمەيدىكەن ..سىزدىگەن ئىشلارغا ئەلۋۋەتتە دىققەت قىلدىم

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:48:44

ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئۇچۇر بەرگىنىگە رەھمەت.

رەسىمنى بېسىپ چىقىرىش شارائىتى يوقلار ئاشۇ رەسىمنى ئوخشىتىپ سىزىپ ئىشلەتسىمۇ بولارمۇ؟
ئ

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:56:03

تەپسىلى ئادىرىس تولدۇرىمىزمۇ؟ مەسلەن دۆلەت، رايۇن ئۆلكە، شەھەر ناھىيە، يېزا قىشلاق دىگەندەك…

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:58:17

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-04-23 09:56:03 static/image/common/back.gif
تەپسىلى ئادىرىس تولدۇرىمىزمۇ؟ مەسلەن دۆلەت، رايۇن ئۆل
يۇقارقى بەش ئالاقە تورىنىڭ ھېچقايسىسى ئېچىلمايدۇ بىزدە

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:58:25

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:48 static/image/common/back.gif
ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئۇچۇر بەرگىنىگە رەھمەت.

رەسىمنى بېس ...


ئاشۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ.   مېنىڭ پەرىزىمچە قەشقەردىن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئاشۇنداق رەسىمنى يوللاپ، ئەگەر ئۇ رەسىم تاللىنىپ قالسا، ھېلىقى «كۆڭ رەڭلىك مار-مار تېشى» پۈتكەندە، رەسىمدىكى قەشقەرنىڭ ئورنىنى چەكسىڭىز، چوقۇم ئاشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ رەسىمى چىقىشى مۇمكىن:  ئەگەر بۇ ئىشنى مەن قىلغان بولسا، مانا ئاشۇنداق بولىدىغان قىلىپ قىلاتتىم.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:59:55

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:44 static/image/common/back.gif
رەسىمگە چۈشكەنلەر رەسىمنى مۇشۇ ئشىنى بىلدىغان ،بىرسنى ...


چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن بىرسىڭلار مۇشۇ ئىشقا ياردەم قىلساڭلار بولۇپتىكەن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:01:09

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:56 static/image/common/back.gif
تەپسىلى ئادىرىس تولدۇرىمىزمۇ؟ مەسلەن دۆلەت، رايۇن ئۆل ...


مېنىڭ چۈشىنىشىمچە پەقەت ئاشۇ رەسىمنى يوللاپ قويسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:01:31

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:58 static/image/common/back.gif
يۇقارقى بەش ئالاقە تورىنىڭ ھېچقايسىسى ئېچىلمايدۇ بىز ...

لىكىن بىزنىڭ ئۇلاردا ئېچىلىدۇ…

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:08:09

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:39 static/image/common/back.gif
بەك ئوبدان ياساپسىز. رەھمەت!

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئەركىن سىدىق ئاكا بىز رەسىمگە چۈشۈپ سىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىپ بەرسەك سىز چىقىرىپ قويالارسىزمۇ؟ بىزدە ئېنەىلىسچە بىلمەيدىغانلارغا سەل قۇلايسىز بوپ قالىدىكەن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:22:23

kumbah يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 10:08 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ئەركىن سىدىق ئاكا بىز رەسىمگە چۈ ...

بولىدۇ.bilimxumarmen@gmail.com  گە ئىۋەرتىپ بېرىڭ (ئەسلىدە بۇ ئىشقا چەت ئەلدىكى باشقا بىرەر قېرىندىشىمىز ياردەم قىلغان بولسا ياخشىراق بولار ئىدى).

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:31:20

رەھمەت، مەن رەسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتىپ بېرەي.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:11:54

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 09:58 static/image/common/back.gif
يۇقارقى بەش ئالاقە تورىنىڭ ھېچقايسىسى ئېچىلمايدۇ بىز ...

https://www.flickr.com/groups/nasa_globalselfie/
بۇ ئادرىس ئىچىلىدىكەن، ياخۇ ھېساباتىڭىز بىلەن كىرسىڭىز بولىدۇ.
قىلالايدىغانلار ئۆزەڭلار قىلىڭلار، bilimxumar ئەپەندىنى ئاۋارە قىلمايلى.

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 12:25:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mart22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 12:33  


مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندەك...

GlobalSelfie# Karghilik, Xinjiang, China

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 14:59:03

مەن تېخى تۆنۈگۈنلا ناسانىڭ كۆك مەرمەر كېيىنكى ئەۋلاد پىروگراممىسى (Blue Marble Next Generation) ھەققىدە ماقالە ئوقۇغانىدىم. كۆپ رەھمەت.
بەت: [1] 2
: NASA: «يەر شارى كۈنى» پائالىيىتىگە تەكلىپ