mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 01:32:11

(كارىزى) «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 21:27  

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ھۈنەر- سەنئەتكە دائىر مەزمۇنلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىگە نەزەر

ئادىل غاپپار كارىزى

«تۈركىي تىللار دىۋانى» 11-ئەسىردە (تەخمىنەن مىلادى 1076 – 1077 – يىللار ئارىلىقىدا) بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن يېزىلغان مونىمىنتال ئەسەر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» تۈركىي تىلى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئەرەب تىلى بىلەن ئىزاھلاش ئارقىلىق قاراخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى ۋە مەدەنىي ھاياتىنى باي تىل ماتىرىياللىرى (7500 سۆزلەم) ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىزاھلىق لوغەت. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا دائىر مەلۇماتلار بار. مەسىلەن: ياخشى كۆرىدىغان ئايرىم غىزالارنى ئېتىش يوللىرى ، مەي ئېچىتىش ئۇسۇللىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇش قوپۇشقا دائىر ئەدەب-قائىدىلەرنى ئاپتور پەقەت سۆزلەم تەرىقىسىدىلا بېرىپ قالماي، بەلكى چۈشەندۈرۈپ يازغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن بۇ مەلۇماتلار، بىزنى  10-،11- ئەسىرلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۆنەر-كەسىپ تۈرلىرى، ئەنئەنىۋىي ھۆنەر-كەسىپ تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ-قۇراللار توغرىسىدا مۇئەييەن بىلىشكە ئىگە بۇلۇشتا ۋەئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئۆرپ-ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ ماقالىدا، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى قول-ھۈنەرۋەنچىلىككە ئائىت مەزمۇنلارنى فولىكلورشۇناسلىق ۋە تىل ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ھۈنەر- سەنئەتكە دائىر مەزمۇنلار ئاساسىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تۈرلىرى، فونكىسيىسىنى، شۇنداقلا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزىلىش شەكلى، مەزمونى ۋە ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇئەييەن بىلىشكە ئىگە بولغىلى بۇلىدۇ
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ جەھەتتىن 15تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى توغرىسدىكى مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن بۇلۇپ، بۇ ئەنئەنىۋىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىملىرى،ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ياساش ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. تىل ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزلەر ۋە مەزمۇنلارنىڭ ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەرگىزمۇ بىر تاسادىبىلىق ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن كۈندىلىك تۇرمۇش ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بىزەپ ھوزۇرلىنىدىغان ئۆرپ-ئادەت ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ مۇكەممەل ئىزناسى دەپ قاراش مۇمكىن. چۈنكى، تىل تارىخىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مىللەت تىلنىڭ ئەڭ دەسلەپتە شەكىللەنگەندە، شۇ مىللەت ياشاۋاتقان ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى بىر تىلنىڭ فۇنىتىكىسى، لىكسىلوگىيىسى، گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە دىئالىكتىكىسى قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئوخشاش بىر ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇمىنىڭ نامىنى، ئوخشاش بولمىغان قەبىلىلەر ئوخشاش بولمىغان سۆز ۋە تەلەپپۇزدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بىر ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ناملىرىنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. دېمەك، 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرىنى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئىزنالار «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى لىكسىكا كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغان ئىسىم، سۈپەت، پېئىل قاتارلىقلاردا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھال بىزگە 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ھۈنەر-سەنئەت ئۆرپ-ئادىتى – كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ياساش ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بىزەپ ھوزۇرلىنىش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇب بولۇپ، ئۆرب-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئەڭ قەدىمكى سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيىتىنىڭ ماددىي  مەدەنىيەت ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىيەت ساھەسىنى ئۆزىگە كېلىش مەنبەسى قىلغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت قۇدرىتىنى ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىپادىلەن بەرگەنىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «ھۈنەر – سەنئەتنىڭ باشلىنىش مەنبەسىنى ئىنسانلار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تاش قوراللار گەرچە ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمى بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ بىزەكچىلىك گۈزەللىك ئېڭىنىڭ قوراللاردىكى بىرخىل بىخلىنىش ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ.
يوقارقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۆنەر-سەنئەت ئۆرپ-ئادىتىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا بارلىققا كەلگەن دېيىش مۇمكىن. بۇ توغرىسىدا ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى «ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپ رىساللىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىدا مۇنداق دەپ يازغان:«تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۈنەر كەسىپلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنى ئېتىقادى پەيدا بولۇشتىن كۆپ ئەسىرلەر بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن: كۆنچى دەريا ۋادىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنلا بۇغداي تېرىلغان، چارۋا مال بېقىلغان، ئىپتىدائىي كۆن – خۇرۇم، كىگىز، ئۇچلۇق تۇماق ئىشلەنگەن. يۇڭ رەخت توقۇلغان، يۇڭ رەخت ۋە ئاشلانغان تېرىدىن كىيىم تىكىلگەن. ياغاچتىن ھەيكەل ئويۇلغان، قۇرمىتام ئۆيلەر بىنا قىلىنغان. ساپال بۇيۇملار ياسالغان». «‹ئۇيغۇر ھۈنەر كەسىپ رىسسالىلىرى› بايانىدا، ئۇيغۇرلاردا 365 خىل ھۈنەر-كەسىپ بولغانلىقى مەلۇم». ئەمما ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ھۈنەر-كەسىپلەردىن تېرىقچىلىق (دىھقانچىلىق)، ناۋايلىق، ئاشپەزلىك، باققاللىق، قۇيمىچىلىق، قاسساپلىق، كىگىزچىلىك، تېرىچىلىك، جۇۋا-تۇماقچىلىق، شامچىلىق، سوپۇنچىلىق، باپكارلىق (توقۇمىچىلىق)، بوياقچىلىق، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، سودىگەرچىلىك، ساتىراچلىق قاتارلىق 22 خىل ھۈنەر-كەسىپىنىڭ رىسالىسى بار». مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەپ قالدۇرغان قول-ھۈنەرۋەنچىلىككە ئائىت سۆز ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ جەھەتتىن 15تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى توغرىسدىكى مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. بىز بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ جەھەتتىكى15تۈرلۈك قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشىنۋالالايمىز. تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ جەھەتتىكى 15تۈرلۈك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئادىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
1.يىمەك-ئىچمەك ھۈنەر-سەنئىتى
     يىمەك-ئىچمەك سەنئىتى – ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن يىمەك-ئىچمەك توغرىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يىمەك-ئىچمەك ئادەت ۋە پەرھىزلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتى، ئوزۇقلۇقنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغان جۇغراپىيىىك مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك رايونىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەردە ئوخشاش بولمىغان يىمەك-ئىچمەك سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. جۇغراپىيىلىك رايونىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يىمەك – ئىچمەكنىڭ تۈرى، ياساش ئۇسۇلى ۋە ئىستىمال قىلىش ئادەت ۋە قاراشلىرىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدە بارلىققا كەلگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتى ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئەينى دەۋردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك سەنئىتىگە دائىر مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار بىزنىڭ 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنى چۈشىنىشىمىز  ۋە تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىگە دائىر مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي يىمەك – ئىچمەك سەنئىتى – ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدا شەكىللەندۈرگەن. يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ يۇغۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكە ئىگە بولغان ئۆزگىچە يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىدۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئۆزگىچە يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماق تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىستىمال قىلىش ئادەتلىرىگە ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاماق تۈرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن:
1) ئۇن تائام تۈرلىرى : ئۇن تائام تۈرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدە بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ، پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساسلىق تىرىكچىلىك مەنبەسى قىلىدۇ. ئۇن تائاملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇخىل تىرىكچىلىك ئىقتىسادىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. «تۈركىي تىللاردىۋانى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇن تائام تۈرلىرىنىڭ نامى ۋە ياساش ئۇسۇللىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ دەل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن ئۇن تائام تۈرلىرىنىڭ ناملىرى ۋە ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، 11 – ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇن تائاملارنى ياساش سەنئىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. بۇ ھال بىزگە 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇرلانىڭ تېرىقچىلىق ئىقتىسادىنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە (سەنئەت) گۈزەللىك ئېڭىنىڭ بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇن تائاملىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
توقاچ-  (1 – توم 504 – بەت )
ئۇ ئۇن ئەلگەتتى ( 1- توم 349   – بەت )
قاتلىما نان- (  1- توم 34  – بەت )
قاتلىما نان – ( 3 – توم 44 – بەت )
تۈرمەل – (1 – توم  622   – بەت )
ئۈگرە –  (1 – توم 171 – بەت )
ئۇن –  (3 – توم 62 – بەت )
سىم – بىر خىل تاماق  (3 - توم187 – بەت )
نان جىگدە – (3 - توم 202 – بەت )
قوت – تۇغۇتتا قانسىرىغان ئايال يەيدىغان تاماق  (3 - توم223 - بەت )
قۇيماق –  (3- توم239 – بەت )
to  - بۇلماققا ئوخشاش تاماق ( 3 - توم 287 – بەت)
سۇيۇق تاماق -(  3 – توم326 – بەت)
مۆتىدىل تاماق – (3 - توم331 – بەت )
نان –(1- توم137 – بەت )
گۆشسىز ئاش –  (3- توم48 – بەت )
چۈرۈش – (1- توم 477 – بەت )
«بۇغداي سورۇلدى» – (2- توم 336 – بەت )
top بىر خىل يىمەكلىك (1- توم 417 – بەت )
قاغۇت – بىر خىل تاماق (1- توم 528 –بەت )
چۆپ – (1 – توم 591 – بەت )
قۇچقاچ تىلى ئاش – (1 – توم 683 – بەت )

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن يوقارقى ئۇن تائام ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، 10 – 11 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە، يىمەك – ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك بولغان رەۋەندىچىلىك (ئۇن تارتىش)،ئاشپەزلىك، ناۋايلىق قاتارلىق يىمەك – ئىچمەك ھۈنەر – سەنئەت ئادىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۇن تائام تۈرلىرىنىڭ بۇنداق كۆپلىكى، نامىنىڭ كۆپ خىللىققا ئاساسلانغاندا، 10 – 11 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار يىمەك – ئىچمەك ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ.
2) گۆش تائام تۈرلىرى: گۆش يىمەكلىكلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى بۇ خىل مەدەنىيەت تىپلىرى ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى بىقىشنى ئاساىي تىرىكچىلىك مەنبەسى قىلىدىغان بولغاچقا، گۆش بۇ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق ئىستىمال ئوبىكتى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشاش بولمىغان گۆش يىمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىش ئادەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «تۈركىي تىللاردىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ گۆش يىمەكلىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا بىر قىسىم مەلۇماتلار بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي گۆش يىمەكلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
ھېسىپنىڭ بىر خىلى – (1- توم  543  – بەت )
كاۋاپ – ( 3 – توم 333 – بەت )
ھېسىپ –( 3 – توم 74 – بەت)
قېزا –  3 - توم309 – بەت )
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، ئاساسلىق ئىستىمال تۈرى بولغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن خىلمۇخىل تائاملارنى ياساش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئىستىمال قىلىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھىسىپنىڭ بىرقانچە خىلىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىمال قىلىشقا بولمىغان ھايۋانلارنىڭ پەقەت گۆشىنىلا يىيىشتىن، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىنمۇ ئەڭ يىيىشلىك بولغان تائاملارنى بارلىققا كەلتۈرگەنىكىنىڭ ئىپادىسى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن گۆش تائام تۈرلىرىنىڭ ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، 10 – 11 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە، كاۋاپچىىق، ئۆپكە ھىسسىپچىلىق، ھۈنەر كەسىپ ئادىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشكە بولىدۇ. كاۋاپ ۋە ھېسىپنىڭ بىرقانچە خىل تۈرىنىڭ ناملىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئەينى دەۋرىدە، بۇ خىل ھۈنەر – كەسىپلەرنىڭمۇ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
3) ئىچىملىك تۈرلىرى: ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدا ئوخشاش بولمىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىىش ئادەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، سۈت، قېتىق، شورپا، ئاساسلىق ئىچىملىك ئوبىكتى قىلىنغان. تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا بولسا، چاي، مېۋە شەربىتى قاتارلىقلار ئاساسلىق ئىچىملىك ئوبىكتى قىلىنغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن ئىچىملىك توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىچىش ئادەتلىرى – چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىچىملىك ئىچىش ئادەتلىرىنى يۇغۇلمىسى دېيىش مۇمكىن.چۈنكى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ خىل مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىچىملىك ئىچىش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى خاتىرلەنگەن. مەسىلەن:
بوزا – ئىچىملىك (3 - توم 81 – بەت )
شاراب – (3 - توم 167 – بەت )
سىركىنىڭ بىر تۈرى –  1- توم548 – بەت )
قېتىق – پىشلاق (1- توم 462 – بەت )
ھاراق –  (1 - توم470 – بەت)
ئايران –  (1- توم 163 – بەت )
ئۆرۈك قېقى شىرنىسى – (1 - توم 165 – بەت )
قېتىق  - (1 - توم195 – بەت )
سۈت ئارىلاشمىسى – (1 - توم 137 – بەت)
ھەسەل – (  3 – توم 213  -بەت)

بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، 11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىچىش ئادەتلىرى بىر قەدەر ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپ خىل ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىىلق ۋە چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ  تەڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن ئىچىملىك تۈرلىرىنىڭ ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، 10 – 11 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە، شاراپچىلىق، سۈت – قېتىقچىلىق، سىركىچىلىك، شىرنىچىلىك، بوزچىلىق (ئىچىملىك)، ھەسەلچىلىك قاتارلىق ئىچىملىق ياساش كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل ياساش ھۈنەر – كەسىپنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار ئىچىملىق ياساش ھۈنەر-كەسىپنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى بىر سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
4) مىۋە-چىۋە ۋە يەل-يىمىش تۈرلىرى: باغۋەنچىلىك-ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىپتىدائىي دەۋرىدىكى تەبىئەتتىن يىغىپ توپلاش تۇرمۇش ئادىتىنى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىغا ماسلاشتۇرغانلىقنىڭ مەھسۇلى. باغۋەنچىلىك ئىقتىسادىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشىدا، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي بىلەن گىرەلەشمە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇيغۇرلار باغۋەنچىلىك ئىقتىساددىكى ئېشىنچى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مىۋىلەرنى تاۋارلاشتۇرۇش، پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باغۋەنچىلىك كەسىپىي ۋە ئۇنىڭ مېۋە پىشىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇلار خاتىرلەنگەن.
ئالما-  1 – توم،186-، 520- بەت
ئالىگىرات- 1 – توم 155 – بەت
ياڭاق –  3 – توم 36 – بەت
جىگدە –  3 – توم  39 – بەت
ئۈزۈم – 1 - توم 103 – بەت
ئامۇت – 1 - توم 128 –بەت
ئالۇچا – 1- توم 164 - بەت
مىۋە –  3 – توم  13  - بەت

قۇرۇق مىۋىچىلىك: مىۋە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىنسانلارنىڭ بوستانلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدە بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك-ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى بوستانلىق ئىقتىسادىي باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىپ، مىۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساسلىق تېرىكچىىك مەنبەسى قىلىدۇ. مىۋە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇخىل تېرىكچىلىك ئىقتىسادىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. «تۈركىي تىللاردىۋانى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىستىمالى بولغان قۇرۇق مىۋە تۈرلىرىنىڭ نامى ۋە ياساش ئۇسۇللىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ دەل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يىمەك – ئىچمەك سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن قۇرۇق مىۋە تۈرلىرىنىڭ ناملىرى ۋە ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىۋە قۇرۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قۇرۇق مىۋىلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
قۇرۇق مېۋىلەر:
قۇرۇق ئۈزۈم –  1 – توم  216 – بەت
گۈلە – 3 – توم 322 – بەت
ئامۇت قېقى –   3 – توم 444 – بەت
قاق –  3 – توم  179 – بەت
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن يۇقارقى مىۋە ۋە قۇرۇق مىۋىلەرنىڭ ناملىرىغا ئاساسلانغاندا، 10- 11 -ئەسىردىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئالما ئۆستۈرۈش، ئالۇچ ئۆستۈرۈش، جىگدە ئۆستۈرۈش، ياڭاق ئۆستۈرۈش، ئۈزۈمچىلىك ۋە ئۈزۈم قۇرۇتۇش، گۈلچىلىك، ئامۇت ئۆستۈرۈش ۋە ئامۇت قۇرۇتۇش (تېخنىكىلىرىنىڭ) ئادەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ھەربىر خىل مىۋىنى قۇرۇتۇشنىڭ ئۆزىگە ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي قول – ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، يەنە ئۇيغۇرلار يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئىشلىتىدىغان قورال – ئەسۋابلارمۇ خاتىرلەنگەن. مەسلەن: تەڭنە (566- بەت)، ياغاچ چېلەك (593 – بەت)، ئاشتاختا (50 – بەت)، چىغرىق، تۈگمەن چاقى (549 – بەت)، قىڭراق (522 – بەت)، پىچاق(499 – بەت)، كوزا (501 – بەت)، ئىدىش (83 – بەت)، ئاياق، قاچا (114 – بەت)، چىنە (566 – بەت)، زىخ (432 – بەت)
بۇ خاتىرىلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يىمەك-ئىچمەك سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرى ئاسسىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن يىمەك-ئىچمەك ئۆرپ ئادىتى ۋە گۈزەللىك قارىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. بۇ خىل ئادەت قاراشلار بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىكى ئالاھىدىكلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

2. توقۇمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى
توقۇمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى ئىنسانلارنىڭ كىيىم-كىچەككە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ھۈنەر تېخنىكا بولۇپ، ئىنسانلار تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىنىڭ مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن. بۇ خىل تېخنىكا بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ كۆپ تېخنىكلارنىڭ ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىك قاراشلىرىنىڭ مۇجەسسەملىىنىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى توقۇمىچىلىققادائىر مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى – ئۇيغۇر خەلقى بوستانلىق تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن رەخت توقۇش ئۆرپ-ئادىتى ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
ئىككى خىل نەرسىدىن توقۇلغان رەخت  (3   – توم 17 –بەت )
يۈرۈن – يىپەك رەخت پارچىسى (3 – توم 26 – بەت)
داستىخان – (1- توم 558 –بەت )
رەخت تۈرى – 1- توم581 – بەت )
يىپ –  (1 - توم631 – بەت )
رەخت – (1 - توم 636 – بەت )
يىپەك رەخت بۇيۇملىرى –  1 – توم 108 – بەت )
يىپەك رەخت –( 1 - توم 121 – بەت )
يىپەك رەخت – (1 - توم 197 – بەت )
ئىگىرىلىگەن يىپ – 1 - توم 142 – بەت )
گىلەم –  (1 – توم 474 – بەت )
تويدا يىرتىلىدىغان رەخت – (1 – توم 475 – بەت)
يىپەك رەخت – 1 - توم 426 –بەت )
يىپەك رەخت –  (1 - توم427 – بەت )
تاغار – (1 - توم 535 – بەت )
يىپەك رەخت –  3 - توم595 – بەت )
توق سېرىق رەڭلىك بىرخىل يىپەك رەخت – ( 1 – توم 56 – بەت )
يىپەك پارچىسى – ( 3 - توم499 – بەت )
يىپەك رەخت – (3 - توم 507 – بەت )
يىپ كاللىكى-  (3 – توم 510 – بەت )
چىت، ئالاچىپار رەخت –  (3 – توم 166 – بەت )
رەخت – ( 3 – توم 213 – بەت)
تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن يوقارقى توقۇمچىلىققا ئائىت خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي توقۇمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، يىپ ئىگىرىش، يىپەكتىن رەخت توقۇش، گىلەم توقۇش، تاغار توقۇش ۋە رەڭلىك رەخت توقۇش تېخنىكىلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە بولىدۇ.

3.تىككۈچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى
ئىنسانلارنىڭ (ئەڭ ئاساسلىق) ھاياتلىقنى ساقلاش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش فۇنكىسىيىگە ئىگە بولغان كىيىم – كىچەك، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىنى مىللىي خاسلىقنى ۋە جېنىنى ئىپادىلەش ئىھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ خىل ئىھتىياجلار ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشى جۇغراپىيىلىك شەرت – شارائىت، دىنىي – ئېتىقاد ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادەت – قاراشلىرىغا ماس ھالدا، مەلۇم خىل كىيىم – كىچەك تىگىش ھۈنەر – سەنئىتى بارلىققا كەلدى. تىككۈچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا مەۋجۇت ئىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تىككۈچىلىككە دائىر مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تىككۈچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا  ئېتىقاد قىلغان دىنىي ئەقىدىلەر ۋە گۈزەللىك قاراشلار ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە بىر خىل كىيىم-كىچەك تىگىش ئۆرپ-ئادەت ۋەتېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تىككۈچىلىككە دائىر مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تىككۈچىلىك ھۈنەر سەنئىتى – ئۇيغۇرلارنى كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كىچەككە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش جەريانىدا، بارلىققا كەلتۈرگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تىككۈچىلىككە ئائىت تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
بوخچا –  3 – توم 330 – بەت
تىككۈچى – 3 – توم 297 – بەت
پەردە (چىغدان)  - 3  - توم 177 – بەت
توپچا –  3 – توم 332 – بەت
يامغۇرلۇق بۆك – 3– توم  530 – بەت
يامغۇرلۇق –  1 – توم 507 – بەت
جۇۋا –  1 – توم 458 – بەت
كۆرپە –  3 – توم 50 –بەت
جۇۋا قىلىنىدىغان تېرە – 1 – توم 148 – بەت
بوخچا –1 – توم 168 – بەت
خۇتۇنلارنىڭ پۈركەنچىنىڭ يۇقۇچى – 1 – توم  182 – بەت
قولياغلىق –  187 –بەت
ئىشتانباغ –  1 – توم 206  – بەت
پەلەي – 1 – توم  207 – بەت
ئۆتۈك – 1 – توم  93 –بەت
يىپىنچا –  1 – توم 98 –بەت
جىلىتكە –  1 – توم 133 – بەت
تېرە جىلىتكە – 1 – توم  138 – بەت
كۈشۈگە، پەردە – 1 – توم  596 – بەت
رومال – 1 – توم  634 – بەت
كۆرپەر –  1 – توم 570 – بەت
كۆرپە –  1 – توم  589 –بەت
يىپىنچا يامغۇرلۇق –3 – توم 44 – بەت
ساپما (كەش) –  3 – توم 23 – بەت
كۆرپە – تۆشەك –  3 – توم 23 – بەت  
ياستۇق –  3 – توم 57 – بەت
يانچۇق – 3 – توم  60 –بەت
ئويماق – 3 – توم 61 – بەت

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرلەنگەن يوقارقى كىيىم-كىچەك تۈرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋىي كىيىم -كىچەك تىكىش ھۈنەر-سەنئىتىنى جۇۋا – توماقچىلىق ، پەردە تىكىش ھۈنەر-سەنئىتىنى، بوخچا تىكىش ھۈنەر – سەنئىتىنى ، يوتقان كۆرپە ياستۇق تىكىش ھۈنەر – سەنئىتى، رومال ياغلىق تىكىش ھۈنەر – سەنئىتى،  كەش – ئۆتۈك تىكىش، ئىشتان – كۆڭلەك تىكىش ھۈنەر – سەنئىتى، يامغۇرلۇق تىكىش ھۈنەر – سەنئىتى ، پەلەي تىكىش قاتارلىق بىرقانچە كونكرت تۈرگە بولۇش مۇمكىن. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا يەنە تىككۈچىلىككە ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم قورال - سايمانلارنىڭ ناملىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. مەسلەن: توپچا ( 3 – توم 332 – بەت) ، ئويماق( 3 – توم 41 – بەت)
بۇلاردىن قارىغاندا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تىككۈچىلىك ھۈنەر – سەنئىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.

4 . كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش) ھۈنەر-سەنئىتى
كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش) ھۈنەر-سەنئىتى-ئىنسانلارنىڭ كىيىم كېچەك ۋە ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش) ھۈنەر-سەنئىتى ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىساددىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللاردىۋانى» دىكى كۆنچىلىككە دائىرمەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆنچىلىك ھۆنەر  سەنئىتى – ئۇيغۇرلار ئوۋچىىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرۈپ، كېيىنكى تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكە ئىگە بولغان ھايۋانات تىرىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە دائىر ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت، تېخنىكىلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش) ھۈنەر-سەنئىتىدۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش) ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي خۇرۇم كىيىم-كىچەكلىرى، ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۇلارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇللىرى ۋەئىشلىتىش ئادەتلىرىدە ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ.«تۈركىي تىللاردىۋانى»دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆنچىلىك (خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش)  ھۈنەر-سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.
تاسماقىيىش-قىيىشتىن ئۆرۈلگەن ئارغامچا  - 3-توم15 - بەت
كەمەر – 1 – توم  631 – بەت
تاسما –  1 – توم 478 – بەت
قۇيقا ، خام تېرە – 3 – توم 238 –بەت
ئۆتۈك – 1 – توم  93 –بەت
تېرە جىلىتكە – 1 - توم 138  – بەت
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆنچىلىك ھۆنەر-سەنئىتىدە، تاسمىچىلىق، كەمەرچىلىك، ئۆتۈكچىلىك، تېرە كىيىم تىكىش ۋە تېرە پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

5. بوياقچىلىق ھۈنەر سەنئىتى
بوياقچىلىق ھۈنەر سەنئىتى–ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىغا ماسلاشقان ئېستىتىك قاراشلىرى ۋە رەڭ قاراشلىرى ئاساسىدا بارلققا كەلگەن تەبىئىي بۇياق ماترىياللىرىنى تۇنۇش ۋە ئۇلاردىن پايدىلنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بۇياش جەھەتتە بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بوياقچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بوياقچىلىق ھۈنەر سەنئىتى – ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىلىرىدا ئېتىقاد قىلغان كۆپ خىل دىننىي ئەقىدىلەر ئاساسىدىكى دۇنيا قاراشى، گۈزەللىك قارىشى ۋە رەڭ قاراشلىرىنى ماددىي شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان بوياق ياساش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى رەڭ ئارقىلىق بىزەش جەھەتتە بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ.«تۈركىي تىللاردىۋانى»دا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بوياقچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.
بوياق – 3- توم  222 – بەت
سىر –3 – توم 214 – بەت
بويىدى –  3 – توم 355 – بەت
بوياق –  1 – توم 186 – بەت
چىت، ئالاچىپار رەخت – 3 – توم 166 –بەت
توق سېرىق رەڭلىك بىرخىل يىپەك رەخت – 1 – توم 56 – بەت
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بوياقچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، بۇياقچىلىق، سىرچىلىق، يىپەك رەختلەرنى بۇياش قاتارلىق چالغۇ بوياقچىلىق ھۈنەر سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل بوياقچىلىق ھۈنەر سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىساددىي تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بىرىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغانلىقىدىنمۇ بىشارەت بېرىدۇ.

6. ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى
ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى – ئىنسانلارنىڭ ئۆزتارىخى-تەرەققىيات جەريانىدا،ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن ياغاچتىن قۇرال-سايمان ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش توغرىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا بارلىققا كېلىپ، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر مەدەنىيەت ئىقتىسادىي تىپىدا ئەڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ياغاچچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى–ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇغۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىچە ياغاچ پىشىقلاپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئۆزگىچە ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۇلارنىڭ ياسىلىش ھەم ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردا ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ياغاچچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.
ياغاچ – 3 – توم 9 –بەت
يىلىم – 3 – توم 24 –بەت
چىغرىق ، تۈگمەن چاقى1 - توم 549- بەت
ياغاچ ئاياق –  1 – توم  560 – بەت
ساندۇق – 1 – توم 560 – بەت
تەڭنە – 1 - توم566 – بەت
ساندۇق ، تاۋوت – 1 – توم 107 –بەت
تاغاق – 1 - توم 611 – بەت
خانتاغتا –1 – توم 145 – بەت
ئاشتاختا ، نانتاختا – 3 – توم 50 –بەت
ياغاچ چىلەك، سوغا  –  1 – توم 495 – بەت
ئۆي جاھازلىرى – كېلىن بولغۇچى قىز ئۈچۈن تەييارلانغان 1 – توم 418   –بەت
شۈمەك – 1 - توم 505 –بەت
بۆشۈك –  1 - توم531 – بەت
ياغاچ ساپان، ئاماچ – 1 - توم 73 – بەت
ھاسا –3 – توم، 227 – بەت
يالپا – ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان تېيىز تاۋاققا ئوخشاش ياپىلاق نەرسە 3 – توم، 38 –بەت

بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ياغاچچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، ساندۇقچىلىق، بۆشۈكچىلىك، ھارۋىچىلىق، سېۋەتچىلىك، ياغاچ ئويمىچىلىق، تاغاقچىلىق، تەڭنىچىلىك، چىلەكچىلىك قاتارلىق ياغاچ پىشىقلاپ ئىشلەش كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل ياغاچ پىشىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي- ئىجتىمائىي تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

7. چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەر-سەنئىتى
چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەر سەنئىتى-ئىنسانلارنىڭ ئۆز تارىخى تەرەقىياتىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى جەريانىدابارلىققا كەلتۈرگەن مۇزىكا چىقىرىدىغان ئەسۋابلارنى  ياساش توغرىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھۈنەر-سەنئەت ئىنسانلار ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىشقا باشلىغان دەۋىرلەردىلا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي مەەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەر-سەنئىتىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىق دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى چالغۇ ئەسۋابلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇ ئەسۋاب ياساش سەنئىتى –ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مۇزىكا چىقىرىدىغان ئەسۋابلارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇغۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىچە چالغۇ ئەسۋاب ياساش ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىىتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇ ئەسۋاب ياساش سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
قۇۋۇزنىڭ بىر خىلى – 3 – توم  238 – بەت
بۇرغا –  3 – بەت 331 – بەت
چالغۇ – 1 – توم  185 – بەت
قۇبۇز –1 - توم 473-بەت
چاڭ-3 – توم 487 – بەت
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدە، قۇۋۇز ياساش، بورغا ياساش قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاب ياساش كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مول-مەزمونلۇق، رەڭدار  بولىشىدا بەلىگىلىك رول ئويناپ كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

8. كېمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتى
كېمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتى-ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش قۇراللىرىنى ياساش جەھەتتىكى يەنەبىر قىتىملىق يۈكسىلىشى بۇلۇپ، دەريا-دىڭىز، كۆل بويىدا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش قاتناش قوراللىرىنى ياساش جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. كېمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتى ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا بارلىققا كېلىپ، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا ئەڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللاردىۋانى» دىكى كېمىچىلىككە ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتى – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى دەريا(كۆل) بويىدا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شەكىللەندۈرۈپ، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا ناھايىتتى يۇقىرى بىر سەۋىيىگە يەتكەن كېمە ياساش ياساش جەھەتتىكى ئەنئەنىۋىي ھۈنەر تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كېمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
قېيىق –  3- توم  496  –بەت
كۆرەك، قېيىقنىڭ پالىقى – 1 – توم  422 – بەت
كېمە – 3 – توم 323 – بەت
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كېمىچىلىك ھۈنەر سەنئىتىدە، قېيىق ياساش، كېمە ياساش كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. بۇ خىل كېمىچىلىك ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەريا(كۆل) ئىقتىسادىنىڭمۇ  بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.

9. تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى
تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى – ئىنسانلارنىڭ ئۆز تارىخى-تەرەقىيات جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن تۈمۈردىن قۇرال-سايمان ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش توغرىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۈمۈر قۇرالارنى ئىشلىتىش تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى –ئىسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا بارلىققا كېلىپ، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر مەدەنىيەت ئىقتىسادىي تىپىدا ئەڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى تۆمۈرچىلىككە ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى–ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇغۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكە ئىگە بولغان ئۆزگىچە تۆمۈر تاۋلاش، تۆمۈر قوراللارنى ياساش قاتارلىق تۈمۈر پىشىقلاپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۆمۈرچىلىك ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئۇلارنىڭ ياسىلىش ھەم ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردا ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
پىچاققا ساپ ياسىلىدۇ –  3 - توم300 – بەت
زىق ، زىقچە – 3 - توم 173 –بەت
قىڭراق – 3 – توم  522 – بەت
قوڭغۇراق –  3 – توم 528 –بەت
يىڭنە تۆشۈگى – 68     – بەت
تۆشۈك تېشىدىغان ئۈشكە – 1 – توم  63 –بەت
ئاچقۇچ –  1 – توم 463  – بەت
پىچاق – 1 – توم  168 – بەت
ئوغاق – 1 – توم  161 –بەت
ئەگرى پىچاق – 1  - توم  168 –بەت
دەزمال –  1 – توم 93 –بەت
تۆمۈر پىچاق – 1 – توم  129 –بەت
ئوغاق – 1 – توم  594 – بەت
خەنجەر – 1 –توم  545 – بەت
ئۇستۇرا –  3 – توم 240 – بەت
سوقا – 3 – توم  299 –بەت
ئىشىكنى قۇلۇپلىدى – 47 – بەت مىس – 467- بەت
مىس ئاقچا ئىسدى – 468 – بەت
پىلتە – 621 – بەت
كان ئوچاق – 147 – بەت
ئۇ پىچاق دەستىسىنى يەملىدى، 3- توم 477 –بەت
كىچىك پىچاق – خوتۇنلار يېنىدا تاقايدىغان ياكى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك پىچاق 1 – توم 625 – بەت  
قىلىچ ۋە خەنجەرگە ئوخشايدىغان نەرسىلەرنىڭ سىپىنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىكىپ قويۇلىدىغان ئىنچىگە تۆمۈر زىقچە 549 –بەت
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىدە، خەنجەر-پىچاقچىلىق، سەندەل ياساش،ئۇشكە ياساش، زىقچىلىق، قۇلۇپچىلىق، دەزمالچىلىق،ئوغاق ياساش، كەتمەن ياساش، قايچا ياساش، كەكە-پالتا ياساش، ئۇستۇرا ياساش، مىسگەرچىلىك، قۇيمىچىلىق قاتارلىق تۆمۈر پىشىقلاپ ئىشلەش كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۆمۈرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي- ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تۇلۇق كۆڭۈل بۆلگەن بۇلۇپ، ئۇيغۇرلاردا تۆمۈر پىشىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ بۇنداق كۆپلىكى، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بالىگىلىك رول ئويناپ كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

10.  زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى
زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى –ئىنسانلارنىڭ مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن مەخسۇس پارقىراق مىتال بۇيۇملاردىن زىبۇ – زىننەت ياساش ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ زىبۇ-زىننەت ياساش تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى–ئىسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدا بارلىققا كېلىپ، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر مەدەنىيەت ئىقتىسادىي تىپىدا ئەڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دىيىشكە بولىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى  زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي  زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى–ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەريانىدىكى مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن مەخسۇس پارقىراق مىتال بۇيۇملاردىن زىبۇ – زىننەت ياساش ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە زەرگەرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي زىبۇ-زىننەت ياساش ھەم ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردا ناھايىتى روشەن ئەكس ئېتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
مارجان – 3 - توم 301  - بەت
كۈمۈش – 1 - توم  481 – بەت
ئالتۇن – 1 – توم  162 – بەت
ئۈزۈك – 3 – توم 22 – بەت .............
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي زەرگەرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىدە، ئالتۇن تاۋلاش، كۇمۇش تاۋلاش، مارجان ياساش، ئۈزۈك ياساش قاتارلىق  زەرگەرچىلىك ھۈنەر-سەنئەت كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي  زەرگەرچىلىك ھۈنەر سەنئىتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار گۈزەللىك قارىشنىڭ ماددىي شەكىلدە ئىپادىلىنىشى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە  ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىتال بۇيۇملارغا بولغان بىلىشلىرىنىڭ كونكرت ئىپادىسى دىيىش مومكىن.

11. ساپالچىلىق ھۈنەر سەنئىتى
ساپالچىلىق ھۈنەر سەنئىتى– ئىنسانلارنىڭ تاش قۇراللارنى ياساش تېخنىكىسىدىن كېيىن بارلىققا كەلتۈرگەن، تۇپراقتىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تېخنىكا ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىلىرىدىكى خەلقلەردە كەسپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ناھايىتى يۇقىرى بىر سەۋىيىگە يەتكەن.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ساپالچىلىققا دائىر مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىق ھۈنەر سەنئىتى–ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ئىقتىىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن تۇپراقتىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
كوزا  ( 3  - توم 501  – بەت)
ساپال قاچا( 1 – توم 535-بەت)
تەشتەك(1 – توم، 495 – بەت )
كۆندۈك(قاچا)( 1 – توم 627-بەت)
ئىدىش (  1 - توم83 – بەت)
ئاياق، قاچا  (1 – توم 114 – بەت )
چىنە (1 – توم 566   – بەت)......
بۇ مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، كوزا ياساش، ئىدىش ياساش، ئاياق-قاچا ياساش، چىنە ياساش قاتارلىق ساپالچىلىق ھۈنەر-سەنئەت كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىق ھۈنەر سەنئىتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا  ئەڭ يېقىن كەسىپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىق ھۈنەر سەنئىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەللىك قاراشلىرى ماددىي شەكىلدە ئىپادىلىنپلا قالماي، بەلكى يەنە  ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بولغان بىلىشلىرىنىڭ كونكرت ئىپادىسى دىيىش مومكىن.

12. تاشچىلىق ھۈنەر سەنئىتى
تاشچىلىق ھۈنەر سەنئىتى –ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى تاش قۇراللارنى ياساش تېخنىكىسىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى بۇلۇپ، تاشتىن پايدىلىنىپ تاش قوراللارنى ياساش، تاش بۇيۇملارنى ئۇيۇش، سىلىقلاش ۋە تاشتىن قۇرۇشلارنى سېلىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» تاشچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاشچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى تاش قورال ياساش تېخنىكىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، كېيىنكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا تەرەققىي قىلغان تاش قوراللارنى ياساش تاش بۇيۇملارنى ئۇيۇش، سىلىقلاش ۋە تاشتىن قۇرۇشلارنى سېلىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تېخنىكىلىرىدىن ئىبارەت. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاشچىلىق ھۈنەر – سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
تۈگمەن تېشىنى چەكتى(3 – توم 364 – بەت )
تۇما ياسىدى(3 – توم 445 -بەت)
بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاشچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، تۈگمەن تېشى ياساش، تۇما ياساش قاتارلىق تاشچىلىق ھۈنەر-سەنئەت كەسىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تاشچىلىق ھۈنەر سەنئىتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش قۇرال-سايمانلىرىنى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.

  13. تامچىلىق ھۈنەر سەنئىتى (قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ھۈنەر سەنئىتى)
تامچىلىق ھۈنەر سەنئىتى (قۇرۇلۇش ھۈنەر سەنئىتى) –ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى بۇلغان ئولتۇراقلىشىش ئۆرپ-ئادەتىنىڭ مەھسۇلى بۇلۇپ، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئۆرپ – ئادەت ۋە تېخنىكىلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن تامچىلىق (قۇرۇلۇش) ھۈنەر سەنئەتىنى كۆرسىتىدۇ.  
«تۈركىي تىللاردىۋانى» دىكى تامچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تامچىلىق ھۈنەر سەنئىتى – ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدىكى ئولتۇراق ئوي قۇرۇلۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تېخنىكىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تامچىلىق (قۇرۇلۇش) ھۈنەر سەنئەت ۋە تېخنىكىسىدۇر. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تامچىلىق (قۇرۇلۇش)ھۈنەر –سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
مەرەپ- ئۈستىگە كىيىم – كىچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىزىپ قويىدىغان لىمتاق(3 – توم 60   -بەت)
قالاق- لاي ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئەسۋاب( 3 – توم 320  -بەت)
ئۇچاق (1-توم 88-بەت)
بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تامچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىدە، ئۆيگە مەرەپ قويۇش ۋە ئۇچاق سېلىش ئادەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلشىكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تامچىلىق ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدىكى بۇ خاتىرىلەر، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.  

14. كىگىزچىلىك ھۈنەر سەنئىتى
كىگىزچىلىك ھۈنەر سەنئىتى –ئىنسانلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدا بارلىققا كەلتۈرگەن چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بۇلۇپ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ يۇڭىدىن پايدىلىنىپ كىگىز باسىدىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى كىگىزچىلىككە دائىرمەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىگىزچىلىك ھۈنەر-سەنئىتى – ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىدىن پايدىلىنىپ كىگىز باسىدىغان ئۆرپ-ئادىتى ۋە ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىگىزچىلىك ھۈنەر سەنئىتىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.
كىگىز:1 – توم 474-بەت
كىگىز:كۆرپىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان ۋە يامغۇرلۇق تىكىلىدىغان يۇپقا كىگىز3 – توم 243-بەت
كىگىز:  ئوغۇزچە 3 – توم 302 –بەت
قىز ئانىسىغا كىگىز شىرىپ بەردى(2-توم 128-بەت)
بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىگىزچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىدە، كىگىزنىڭ بىر قانچە تۈرلىرىنىڭ، شۇنداقلا كىگىز بىسىشنىڭمۇ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلشىكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كىگىزچىلىك ھۈنەر سەنئىتى توغرىسىدىكى بۇ خاتىرىلەردىن، بىز ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ يۇڭىدىن پايدىلنىپ كىگىز باسىدىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە تېخنىكىسىنىڭ  يۇقىرى بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسىگە ئىگە بولالايمىز.

15. باشقا ھۆنەر-سەنئەتلەر
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھۆنەر-سەنئەت كەسىپلىرىدىن باشقا يەنە شامچىلىق، ئارغامچا ئىشىش، كۆكتاتچىلىق، يار-يىلىمچىلىق، ساتىراچلىق، ئەينەكچىلىك، قاسساپچىلىققا دائىر بىرقىسىم مەزمونلارمۇ خاتىرىلەنگەن. مەسلەن:
1) شامچىلىق: چىراق(3 – توم 31- بەت )،  پىلىك-  چىراق پىلىگى ، ئارغۇچە ( 1 – توم 621 – بەت)،  شامدان(3 – توم 516   -بەت)،
2)ئارغامچا ئىشىش: ئات بەيگىسىدە ۋە چوگەن ئويۇنىدا مەيداننىڭ چېكىگە تارتىلغان ئارغامچا . (1  - توم 474-بەت)
3)كۆكتاتچىلىق : سەۋزە قەشقەردە تېرىلىدىغان تاتلىق ئاق سەۋزە(1 – توم 175-بەت)،
4)يار-يىلىمچىلىق : شىلىم(3- توم، 332 – بەت )،  يار-يىلىم(3 – توم 29 – بەت )
5)ساتىراچلىق :ئۇستۇرا ( 3 – توم 240-بەت)
6)ئەينەكچىلىك :كۆزگۈ( 3 - توم517-بەت)،
7)قاسساپچىلىق :قۇشخانا( 1 – توم 169-بەت)
8)سودىگەرچىلىك: سېتىق (1-توم، 485 – بەت)؛  تاۋار (1 – توم 469 –بەت)
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى بۇخاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئىتى ئونۋېرساللىققا ئىگە بۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تۇلۇق كۆڭۈل بۈلۈپ كەلگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئەت ئۆرپ-ئادىتى –ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، يايلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى، بوستانلىق- تېرىم ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىسادىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنى  ياساش ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بىزەپ ھوزۇرلىنىش ئۆرپ-ئادەت ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-سەنئەت ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا  بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ، 11-ئەسىرلەردە ناھايىتى گۈللەنگەن بىر مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ھۈنەر سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى بىر قەدەر ئىنچىكە ئايرىلغان بۇلۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.
ئىزاھاتلار
خالىدە ئىبراھىم:«ئىبراھىم مۇتىھى ماقالىلەر توپلمى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل ، 126-بەت
تۈركىي تىللار دىۋانى  1 - توم22 – بەت
  ۋۇ جۇڭ جۈن:«جوڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى»، شەرىي شىمال مالىيە ئىقتىساد ئونۋىېتىتى نەشىرىياتى، 2001-يىل، 143-بەت
  ۋۇ جۇڭ جۈن:«جوڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى»، شەرىي شىمال مالىيە ئىقتىساد ئونۋىېتىتى نەشىرىياتى، 2001-يىل، 143-بەت
  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 1994 – يىل 4 – ماي، 3 – بەت
  جەمىلە ئابلا، «ئۇيغۇرلار قاڭالتىرچىلىق»، (شىنجاڭ تەزكىرىسى) 2003 – يىل، 1 – سان، 63 – بەت
  ئەنۋەر سەمەت قورغان «ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋىي كەسپىي ئەخلاق» بۇلاق 2005 – يىل 2 – سان، 81 – بەت

بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىنجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.
بەت: [1]
: (كارىزى) «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئەنئەنىۋىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك