PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 01:25:15

ماۋۇ قېرىندىشىمىزغا بىر ياردەم قۇلىمىزنى سۇنساق

دوسلىرىم، قېرىنداشلىرىم بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمى بۇئالىيە روزتوختى، خۇتەن ناھىيە خانئېرىق يىزىسى كۇسا كەنتى دىھقان  ئائىلسىدىن. ھازىر 3 ياشقا كىردى، 2 ياشقا كىرگەندە سول كۆزىدە گۆش ئۈسۈپ قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا (474-قىسىم دوختۇرخانىسى) ئوپراتىيسىيە قىلنىپ كۆز قارىچۇغى ئىلىۋىتىلگەن. ھازىر كۆزى ياللۇغلىنىپ قېلىپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەن. ھازىر داۋالىنىشقا پۇلى يوق، كۆزى خەتەر ئىچىدىكەن. بۇ بالىمىزنىڭ ئانىسى ئالدىنقى يىلى تۇغۇتىدا تۈگەپ كەتكەن، دادىسى ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئائىلىسىدە نىمە ئىشلار بۇلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان بۇلۇپ نىرۋىسىدىن چاتاق چىققان. چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېكىم ئاخۇن بۇلۇپ، بۇ بۇۋاينىڭمۇ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. ئالدىنقى يىلى بالىنى داۋالاتقان ۋاقتىدا ساتىدىغاننى سېتىپ بارلىق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان. بۇ بۇۋايمۇ ھازىر ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كىسەل سەۋەبى بىلەن داۋالىنىۋاتىدۇ. ھازىر بۇلارنىڭ ھالىدىن دادىسىنىڭ ئاكىسى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، خۇتەن ۋىلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق يامان سۈپەتكە ئۆزگەرگەنلىكى ۋە بۇ يەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى چەكلىك بولغاچقا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەشكە توغرا كىلىدىكەن.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ 50-60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدىكەن، كەڭ ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلارنىڭ ماۋۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىپ، كىسەللىك ئۆزگىرىشى يەنە بىر كۆزىگە ئۆتۈپ بولغۇچە، ئوپراتىيسىيە قىلىشقا ياردەم قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە بۇ مۇراجەتنامىنى سۇندۇق. تاما-تاما كۆل بۇلار دىگەندەك ئاز-ئازدىن ياردەم قىلىپ بولسىمۇ ماۋۇ قېرىندىشىمىزنى قۇتۇلدىرىۋالساق،  ھىچ بولمىغاندا ماۋۇ ئۇچۇرنى باشقا تور بىكەتلەرگە بولسىمۇ يوللاپ قويساق .
بانكا كارتا نۇمۇرى: 6210082036907559 يىزا ئامانەت قەرىز كارتىسى
رۇزى توختى ھېكىم نامىدا.
ئالاقىلشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 15109034849

مەزكۇر ئۇچۇرغا كەمىنە دىققەت قىلۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، كەمىنە مەزمۇر ئۇچۇرنى يوللاش جەريانىدا، بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ خۇتەندىن ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپارغانلىقىنى، لىكىن داۋالاش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىغا يۆتمىكەكچىلكىدىن خەۋەر تاپتىم. بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ ماۋۇ قېرىندىشىمىزنى ھىچ بولمىغاندا يوقلاپ، ۋاقتى بارلار تەرجىمان بۇلۇپ دىگەندەك ھەمدەمدە بولساق.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئاستىدىن كۈرۈڭ.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:02:31

يازمىدىكى رەسىملەر قەيەرگە كەتكەندۇ.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:04:13

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:11:35

بۇگۇن ئەتتىگەنكى ئۇچۇردىن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ۋە خەنزۇچىدىن خەۋرى بولمىغاچقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چىقرىپ يوقلاپ تەرجىمانلىق قىلىپ بىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

北京市海淀区永定路69号武警医院  مۇشۇ دوختۇرخانىغا يولغا چىقىپتۇ.
بەت: [1]
: ماۋۇ قېرىندىشىمىزغا بىر ياردەم قۇلىمىزنى سۇنساق