tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 01:23:12

كەت يوقال دىگەنلىك تالاققا تەڭمۇ ؟

ھازىر موشۇ يېڭى توي قىلغان ياشلارنىڭ قېنى بەك قىززىقتە ، خوشلۇقى تۇتسا ئۇلار رۇمانتىكىلىقىدا ياۋرۇپالىقلاردىنمۇ ئېشىپ كىتىدۇ ، ئەمما خۇيى تۇتۇپ قالسا بىر بىرىنى سەتلەپ سىلكەشلەپ ، كەت ، كۆزۇمدىن يوقال ، ئاجراشقىنىم ئاجراشقان دىگەندەك ، سەندىن  تويدۇم ئۈزلىشەيلى بولدى ، بۇنداق ئۆيدىن گۆر ياخشى دەپ  دىيىشىپ كىتىشى ئادەمنى ئەنسىىرىتىپمۇ قويىدۇ .بىر كۇنى بىر شۇنداق سويمىدىن بىرسى كەپتۇ ، ئاخشام خوتۇننى كىتىڭ كىتىڭ كىتىڭ دەپ ئۈچ قېتىم دىگەنتىم .ئەمىسە كىلىڭ كىلىڭ كىلىڭ دەپ ئۇچ قېتىم دىسىڭىز ئىش تۇگىمىدىمۇ ، ياق ئاپام بىر ئاخۇنۇمدىن ئاڭلاپتىكەن . ئۇچ قېتىم كىتىڭ دىسە بىر قېتىم تالاق دىگەن بىلەن باراۋەر بولىدىكەن . ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن قايتا نىكاھ يېڭىلامدىم يوق ؟ بۇ .................................................

بىرىنچى خىل قاراش : ئاجرىشايلى كۆزۇمدىن يوقال ، كەت ، چىق ئۆيدىن دىگەنلىك  تالاق بىلەن ئوخشاشلا كۇچكە ئىگە ، بۇ خىل قاراشتىكىلەر نىكاھنى ئۇيغۇرچە ئوقسىا بولىدۇيۇ تالاق سۆزىىنىمۇ ئۇيغۇرچەئاجىرشايلى ، كۆزۇمدىن يوقال ،كەت چىق ئۆيدىن دىسىمۇ كۇچكە ئىگە .

ئەمما تالاق سۆزى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق سۇرە ئايەتلەر ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان  سۆز ، بۇنى ئۇيغۇرچە كەت يوقال ئاجىرشايلى دىگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولماسمىكىن ،

ئىككىنچى خىل قاراش :باشقا سۆزلەر تالاق سۆزىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ .

ئۇچۇنچى خىل قاراش : باشقا سۆزلەر تالاق سۆزىنىڭ ئورنىنى باسالمىسىمۇ ئەمما يوقارقى كەت يوقال ، تويدۇم ، ئۈزلىشىەيلى دىگەندەك سۆزلەر نىكاھقا تەسىرى يەتكۇزىدۇ ، ئىمكان بار ساقلانغان ياخشى ،

يەنە بىر ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىش  تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن يېنىشقاندا باشقىدىن نىكاھ ئوقۇتۇش كىتەمدۇ ياكى بۇرۇنقى نىكاھ نىكاھ بولۇۋىرەمدۇ ؟  


يوقۇرقى سۆزلەر ھەرگىز مېنىڭ ھۆكۇم خاراكتىرلىك سۆزلىرىم ئەمەس بەلكى  ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ سۇئاللىرىدىن ئىبارەت ، ھەممە ئادەم بىلىمىگەن نەرىسىسىنى توردىن ئىزدەيدىكەن  ، مەنمۇ شۇڭا تورغا يوللاپ باقتىم . بىلگەنلەر جاۋاپ بەرسە بىلىمىگەنلەر بىلىۋالار .

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 02:03:26

بۇ مەسىلە ھازىرقى ياشلاردا ناھايىتى ئېغىركەن. ئەزخەرىلەر مۇنبىرىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان چاغدا پەتىۋا سەھىپىسىدە ساپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار بىلەن تولغاننى كۆرەتتىم.
ئۇستازلارنىڭ بەرگەن جاۋابى : تالاقنى نىيەت قىلىپ دېگەن بولسا(تالاق نىيىتىدە كەت، يولاق...دېگەندەك گەپلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تالاق ھېساب بولغان بولىدۇ. پەقەت ئاچچىقنىڭ كەتنىگە كىرىپ دەپ سالغان بولسا، مەيلى نەچچە قېتىم دېگەن بولسۇن تالاق ھېساب بولمايدۇ.

ئەسلى پەتىۋانى نەقىل كەلتۈرۈشكە ئامالسىز بولۇپ قالدىم. ئاشۇ مەنبەلەرنى زىيارەت قىلالايدىغانلار بولسا چاپلاپ قويسا...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 02:12:47

تالاق سۆزى قايسى تىلنىڭ؟مەنىسى نىمە؟
بۇ سۆز ئەرەپچە بولسا ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى نىمە؟ كەت دىگەنلىكمۇ ؟
مۇشۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ پەتىۋا بېرىلسە توغرا بولىدۇ

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 02:23:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muzepper تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 02:27  

مۇناسىۋەتلىك  پەتىۋادىن بىرنى ئۇچراتتىم ، بەلكىم تېمىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋابى چىقىپ قالار...
----------------------------
چېسلا: 2011-06-12
سۇئال نومۇرى:179
نىكاھ يېڭىلاپ تۇرۇش 
سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر، ئەر -خۇتۇنلار ئارىسىدا ئۇنداق- مۇنداق جېدەل-ماجىرا يۈزبېرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق ھالدا تالاق يۈزبەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يىلدا بىر قېتىم نىكاھ يېڭىلاش كېرەك دەيدىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ نىكاھ يىڭىلاش قانداق ئەھۋاللاردا بولىدۇ؟

جاۋاب:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم  بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە بولغان تەقدىردە تاكى ئۇنى بىكار قىلىدىغان ئېنىق تالاق قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نىكاھ يىڭىلاش زۆرۈر ئەمەس. 
بەزى ئەھۋاللاردا ئالىملار نىكاھنى يېڭىلاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. مەسىلەن:
1. ئەر ياكى ئايالنىڭ ئاغزىدىن كۇپۇر ھېسابلىنىدىغان سۆز چىقىپ قالغان تەقدىردە بەزى ئالىملار نىكاھنى يېڭىلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.
 2. نىكاھ قىلغان چاغدا ئەر ياكى ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى ناماز ئوقۇمايدىغان بولۇپ، كېيىنچە ناماز ئوقۇيدىغان بولغان بولسا، نىكاھنى يېڭىلىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. بۇ قاراش نامازنى پەقەت ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر دېگەن قاراشقا تايانغان بولۇپ، بۇ يەنىلا بىرىنچى ئەھۋالدىكى ئاغزىدىن كۇپۇر سۆز چىقىپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشايدۇ. چۈنكى كۇپۇر سۆزنى قىلغاندا نىكاھقا تەسىر يېتىدۇ.
 3. ۋەلىنى شەرت قىلغان ئالىملار ۋەلىسىز نىكاھ قىلغان ئەھۋالدا ۋەلى بىلەن نىكاھنى قايتىدىن قىلىۋېتىشنى توغرا تاپقان. 
دېمەك، كۇپۇر ھالىتىدە ياكى نىكاھنىڭ بىرەر شەرتى توشمىغان ئەھۋالدا قىلىنغان نىكاھ بولسا، كېيىن بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن نىكاھ يېڭىلاش بار. 
ئەمما باشقا ئەھۋاللاردا ۋۇجۇتقا چىققان توغرا نىكاھ بۇزۇلمىسا ئۇنى يېڭىلاش ھاجەتسىز، يېڭىلايمەن دېسە بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، نىكاھقا تەسىرى يوق، ئىككىنچى نىكاھ تەكىتلەش بولىدۇ. يېڭىدىن مەھرى كەتمەيدۇ. لېكىن يېڭىلىمىغان تۈزۈك.
 شۇنداقلا بەزىدە بىر يەردە تولۇق پۈتۈپ بولغان نىكاھنى رەسمىيەت ياكى باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن باشقا ئورۇندا ياكى باشقا بىر شەھەردە قايتىدىن قىلىش كېرەك بولسا، زىيىنى يوق. بۇنىڭدىمۇ ئىككىنچى نىكاھ تەكىتلەش بولىدۇ. يېڭىدىن مەھرى كەتمەيدۇ.
 يەنە ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش ياكى بىر يەرگە جەم بولالماسلىق سەۋەبىدىن ئېھتىيات قىلىپ نىكاھ يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ، يېڭىلىغۇسى كەلسە يېڭىلىسا بۇ ھېچ نەرسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ بۇرۇنقى نىكاھنى تەكىتلەشتۇر. 
ئەگەر ئايال تەرەپ نىكاھنى يېڭىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ئەر بۇنىڭغا ماقۇل كەلسە، بۇ نىكاھنى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولمايدۇ. پەقەتلا تەكىتلەپ قويۇش بولىدۇ.
 سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەرەخنىڭ سايىسىدا بەيئەت قىلغان، شۇ چاغدا ماڭا: «ئى سەلەمە! بەيئەت قىلمامسەن؟» دېۋىدى، مەن: مەن دەسلەپكىدىلا بەيئەت قىلىپ بولغان، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «كېيىنكىسىدىمۇ يەنە قىلغىن» دېدى.() سەھىھۇ مۇسلىم رىۋايىتىدە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 3 قېتىم بەيئەت قىلغان.() 
يۇقىرىقى ھەدىس شەرھىدە ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنۇل مۇنىير: بۇ ھەدىستىن نىكاھتىكى ۋە باشقا توختاملاردىكى لەۋزنى قايتىلاش دەسلەپكى توختامنى بۇزىۋەتكەنلىك بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ، بۇ ئاشۇنداق دەپ قارىغان شافىئىي مەزھەبتىكىلەرنىڭ قارىشىغا خىلاپتۇر، دېگەن. مەن دەيمەنكى، شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراش بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئوخشاش قايتىلاش دەسلەپكى توختامنى بىكار قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ، دېگەن قاراشتۇر."() 
ئەگەر نىكاھ يېڭىلاشنى تالاق قىلغانلىققا ئىقرار قىلغانلىق دەپ قارىساق، يېڭى نىكاھ قىلغاندا يېڭى تويلۇق بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئەھۋال 3 قېتىم تەكرارلانغان ئەھۋالدا 3-قېتىمدىن كېيىن ئايالنى قايتا نىكاھ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا نىكاھ يېڭىلاش ئىشىنى تالاقنى ئىقرار قىلغانلىق ئەمەس، دەپ قاراش لازىم. يۇقىرىقى ھەدىس شۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.
 ۋەللاھۇ ئەئلەم.
 پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-7-15 
() سەھىھۇل بۇخارىي 7208-ھەدىس.
() سەھىھۇ مۇسلىم 1807-ھەدىس.
() فەتھۇل بارىي 13/199. 

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 08:40:18

تالاق
(ئەرنىڭ نىكاھ توختامىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تۈزىدىغان توختامى)
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەدىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەرنىڭ، ئايالىنى يا چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىشى لازىمدۇر…»- (بەقەرە 2/229).
ئايەتنىڭ «تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى ئەتتالاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دۇر. ئەتتالاقۇ «الطَّلاَقُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەلىف لام «ال» ئەھد «العهد» ئۈچۈن بولۇپ، «بىلدۈرۈلگەن» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئەلىف لام «ال» نىڭ جىنس «الجنس» ئۈچۈن بولۇشىغا يەنى تالاقنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىشىغا بۇ ئايەتتىن كېيىنلا كېلىدىغان ئايەتنىڭ بېشىدىكى فەئىنتەللەقەھا «فَإِن طَلَّقَهَا… (ئەگەر ئەر ئايالىنى يەنە بىر قېتىم تالاق قىلسا…» دېگەن ئىپادە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە ئۈچىنچى قېتىملىك تالاقنى كۆرستىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمى بولغان ئىككى قېتىمنىڭ، قېتىملارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھەر كىم بىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ: ئەتتەلاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا مەنىسى: «بىلدۈرۈلگەن تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ  بۇ سۆزىدە بىلدۈرۈلگەنلىكى ئەلىف لام  «ال» بىلەن ئىپادىلەنگەن تالاق، قۇرئان كەرىمنىڭ 65- سۈرىسى بولغان تالاق سۈرىسىدە ئېنىق بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ سۈرىدە بىر قېتىملىك تالاقنىڭ شەكلىنى ۋە بۇ بىر قېتىملىق تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.
دېمەك، ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، بۇ سۈرىدە تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بىلدۈرگەن. يۇقىرىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە بولسا، بۇ تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ تالاقنى ئەينەن ئىجرا قىلغان.
ئەپسۇس! ئىسلام دىنىنىڭ كىتابى ئوتتۇرىغا قويغان، پەيغەمبىرى ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسى بىلەن، مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن تالاق سىستېمىسى بىر-بىرىگە ھېچ ئوخشىمايدۇ. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق سىستېمىسى بىر ۋادىدا، مەزھەپلەردىكى تالاق سىستېمىسى باشقا بىر ۋادىدىدۇر.
توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى خاتانىڭ داۋاملىشىشىغا، ئەڭ مۇھىمى توغرىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىمىزگە بىر دىنى ۋەزىپە دەپ بىلىپ بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق.
ئىشىنىمىزكى، تەتقىقاتىمىزنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ھەر ئەقىل ئىگىسى ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسىنىڭ «مۇكەممەل بىر نىزام» ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
1- تالاقنىڭ شەكلى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن؛ ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
  ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار. سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. ئاللاھ ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىڭلار. مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىم ئاللاھدىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ئويلىمىغان يېرىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى»- (تالاق 65/1-3).
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە تالاقنىڭ شەكلىنى، تالاقتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «مانا بۇ ھۆكۈملەر بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە نەسىھەت قىلىنىدۇ» دەپ، بۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشنىڭ بىۋاسىتە ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دەپ، تالاقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزىنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229 – ئايىتىدە بولسا، بۇ شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى، ھەر قېتىمدىن كېيىن ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 230 – ئايىتىدە، ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشقا يول قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئايالىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ ھالدا تالاق قىلغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغانلىقى (بۇخارى، ئەھكام 13) ۋە ئۇنىڭغا ئايالىنى تالاق قىلش ئۈچۈن ئارتۇقچە بىر پاكىزلىق دەۋرى كۈتۈش جازاسى بەرگەنلىكى تالاقنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچىمىدىن باشقا بىر ئۆلچىمىنىڭ يوقلىقىغا، شۇنداقلا باشقا شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
تالاق سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ «كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن قىسمى، پەيغەمبىرىمىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە بەرگەن جازانىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە تالاق قىلالايتتى. لېكىن ئۇ ئالدىراپ كېتىپ ئايالى ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە تالاق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىدىن ئۆتتى ۋە پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن يۇقىرىدىكى جازاغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا «ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولدى».
مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئىدى. دادىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى، ھەيزدىن پاكىزلانغۇچىلىك يېنىدا تۇتسۇن. ئاندىن قايتا ھەيز كۆرۈپ پاكىزلانغۇچە ساقلىسۇن. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا خالىسا ئۇنى نىكاھىدا تۇتسۇن، خالىسا ئۇنى بىر تۆشەكتە بولماستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ، ئاللاھ تائالا ئىچىدە ئاياللارنىڭ تالاق قىلىنىشىغا ئەمر قىلغان ئىددەتتۇر»- (بۇخارى، تالاق 1، 3، 44، 45؛ ئەھكام 13، تەفسىر، تالاق 1؛مۇسلىم، تالاق 1، 14؛ مۇۋاتتا، تالاق 53؛ ئەبۇ داۋۇد، تالاق 4؛ تىرمىزى، تالاق 1؛ نەسەئى، تالاق 1، 2، 3، 4؛ ئىبنى ماجە، تالاق 1).
دېمەك، ئايالنى «ئىددىتى ئىچىدە» تالاق قىلىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى، ئەگەر پاكىزلىق مەزگىلىدە بولسا، ئۇ پاكىزلىق مەزگىلى ئىچىدە ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى شەرتتۇر. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق شەكلى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.
  2- تالاقنىڭ شەرتى
ئا- تالاق قىلىنىدىغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
ئە- ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى،
ب- ئەرنىڭ تالاق مەيدانىغا ئادىل ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىشى.
تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىنىڭ بېشىدىكى «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە ئاۋۋالقى ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرۈۋاتقان ياكى ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولغان پاكىزلىق ئىچىدىكى ئايال «ئىددەت ئىچىدە» ھېسابلانمايدۇ.
ئۇ سۈرىنىڭ (تالاق سۈرىسىنىڭ) 2- ئايىتىدىكى «سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە، تالاقنىڭ 3- شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە «تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتىنى توشقۇزغان چاغدا، ئۇنى چىرايلىقچە نىكاھدا تۇتۇش ياكى ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش» ئەسناسىدا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئايالنى تالاق قىلىدىغان چاغدىمۇ ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ، تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دېيىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3- تالاقتىن كېيىنكى ئىشلار
بىر ئەر ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا تالاق قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئەر-ئايال تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىدۇ:
ئا- ئەر ئايالنىڭ ئىددىتىنى سانايدۇ،
ئە- ئەر ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ،
ب- ئايال ئىددىتى چىقىپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغان ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
پ- ئايال ئىددىتى توغرۇلۇق ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارغا (ئاياللارغا)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدا ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ»- (بەقەرە 2/228). بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايال ھەيز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدىم دېسە گۇناھكار بولىدۇ.
ت- ئايال ئىدەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بارغاندا، ئەر خالىسا ئۇنىڭ بىلەن «چىرايلىقچە» يارىشىپ قالىدۇ، خالىسا ئۇنىڭدىن «چىرايلىقچە» ئايرىلىپ كېتىدۇ. – (بەقەرە 2/231، تالاق 65/2).
ج- ئەرنىڭ، قىلغان تالىقىدىن ئايالغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئىددىتىنى ئۇزارتىش نىيىتى بىلەن قايتىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى يا چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار…»-(بەقەرە 2/231).
يەنى ئەر قىلغان تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولسا، «چىرايلىقچە» يارىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ «چىرايلىقچە» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«…ئەگەر ئەرلىرى ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، ئىددەت ئىچىدە ئۇلارنى نىكاھىغا قايتۇرۇشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر…»- بەقەرە 2/228). بۇ ئايەتتىكى «ئىسلاھ قىلىشنى خالاش» ئەرنىڭ بۇ يارىشىشتىن ئەر-خوتۇنلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئائىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
  ئەگەر ئايال، ئېرىنىڭ يامان نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ قايتىشىنى قوبۇل قىلمىسا بولىدۇ. يامان نىيەتنى ئىسپاتلاش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «… ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ…»- بەقەرە 2/231).
4- تالاق نىزامىنىڭ ھېكمەتلىرى
ئا- ئەر كىشى ھەيز كۆرۈۋاتقان ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولىدۇ. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىدۇ، بىر تۆشەكتە بولسا ئۇ ھەۋىسى تۆۋەنلەيدۇ.
ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولۇۋاتقان چېغىدا ياكى ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشى تۆۋەنلىگەن چېغىدا ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدىلا يەنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان چاغدىلا تالاق قىلالايدىغانلىقى، تالاقنىڭ ئالدىدا تەبىئىي بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.
ئە – تالاق قىلىنغان ئايال تالاق بىلەن بىرلىكتە ئېرى بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىغان ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار» دېگەن سۆزىدىكى «ئۆيلىرىدىن» ئىپادىسى ئۇ ئۆينىڭ، ئىددىتى توشقۇچە ئايالنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى ۋە ئىددەتنى ئەرنىڭ سانىشى، بۇ ئەر-خوتۇننى بىر-بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا زورلايدۇ، شۇنداقلا ئەرگە ئەھۋالنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ تېخىمۇ توغرا بىر قارار بېرىش پۇرسىتى، ئايالغا ئېرىنى قايىل قىلىپ، ئۇنى تالىقىدىن ياندۇرۇش پۇرسىتى بېرىدۇ. چۈنكى ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان سۆز-ھەركەتلىرىدە بىر چەك-چېگرا يوق. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت ئۆتتىمۇ ئەر ئايالىغا قايتقان يەنى قىلغان تالىقىدىن يانغان بولىدۇ.
ئەگەر ئايال ئۆيىدىن چىقرىلسا ياكى ئۆزى چىقسا، بۇ ئەر-خوتۇن باشقا بىرىگە دەردىنى تۆكۈپ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پىتنە-پاسات تېرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قايتا يارىشىپ قېلىشلىرى تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ زىيىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا: «كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دەپ ئۇلارنى بۇ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
خۇلاسە
نىكاھ بىر توختام بولۇپ، ئۇنى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا تۈزىدۇ. ئەسلىدە پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ، ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ توختامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشى بىلەن تۈزىلىدۇ. شەرتلىرىگە رىئايە قىلىنىپ تۈزۈلمىگەن نىكاھ توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن:
بىر ئەر يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئايالغا: «مەن سىزنى ئالدىم» دېسە، ياكى  بىر ئايال يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئەرگە: «مەن سىزگە تەگدىم» دېسە، بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. يەنى ئۇ سۆزلەر بىلەن ئۇلار ئەر-خوتۇن بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر دېيىلگەندە نىكاھنىڭ شەرتلىرى تېپىلمىغان.

بۇ ئەھۋال، پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەردە مۇشۇنداقتۇر. قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا: «مەن سىزنىڭ پالانى مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا ئالدىم، مەن سىزنىڭ پالانى ئۆيىڭىزنى ياكى پۇستانى دۇكىنىڭزنى ئايلىقى مانچە پۇلدىن، مانچە يىللىق ئىجارىگە ئالدىم…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. يەنى بىر تەرەپنىڭ ئۇنداق سۆزلىرى بىلەن ھېچبىر توختام تۈزۈلمەيدۇ.
تالاقمۇ ئەنە شۇنداق بىر توختام بولۇپ، ئۇ نىكاھ مۇناسىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. تالاق توختامىنىڭ باشقا توختاملارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ توختامنى نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بولغان ئەر، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىرى بولغان ئايالنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن ئەمەس، ئاللاھ تەئالانىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن يەنى ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە تۈزىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ تۈزگەن تالاق توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئاللاھ بەلگىلىگەن يول يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنىدەك، تالاق سۈرىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىر كىشى ئايالىنى بۇ يول بويىچە ئىككى قېتىم تالاق قىلالايدۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇ يول بويىچە تالاق قىلسا، ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول قالمايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ۋە 230- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا تالاق سۈرىسىدە ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە قىلىنمىغان ھېچبىر تالاق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يەنى بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە، ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ تالاق قىلسا تالىقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
دېمەك، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق رىئايە قىلىنغان بولۇشى لازىم:
1- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
2- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدىن پاكىزلىنىپ، تالاق قىلىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى،
3- تالاق قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تالاققا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشى.
بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنماستىن قىلىنغان تالاقلارنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ھېچبىرى بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى، ئۇنى پەقەت «ئىددىتى ئىچىدە» لا تالاق قىلالايدۇ. بولمىسا قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئايالنىڭ «ئىددىتى ئىچىدە» بولۇشى ئۈچۈن ھەيز كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم.
ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال ۋە ھامىلىدار ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي ئۆتۈش بىلەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن چىقىدۇ.- (بەقەرە 2/228؛ تالاق 65/4). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايالنىڭ ئەرلىرى (ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىش شەرتى بىلەن) بۇلارنى خالىغان چېغىدا بىر تالاق قىلالايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆۋەندىكى شەكىلدە بولىدۇ:
1-   ھەيز كۆرىدىغان ئايال:
تالاقتىن بۇرۇنقى        ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان        تالاقتىن كېيىنكى بىرىنچى        تالاقتىن كېيىنكى ئىككىنچى        تالاقتىن كېيىنكى
ئىككىنچى        تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى        تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى
ھەيز مەزگىلى        پاكىزلىق مەزگىلى        ھەيز مەزگىلى        پاكىزلىق مەزگىلى        ھەيز مەزگىلى        پاكىزلىق مەزگىلى        ھەيز مەزگىلى
بۇ مەزگىلدە قىلىنغان تالاق كۆچكە ئىگە ئەمەس.        ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى مۇشۇ پاكىزلىق ئىچىدە بىر تالاق قىلالايدۇ ۋە بۇ پاكىزلىق ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ.        تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بىرىنچى ھەيز        بۇ پاكىزلىق ئىچىدە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.        تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئىككىنچى ھەيز        بۇ پاكىزلىقنىڭ ئاخىرىغىچە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.        بۇ ھەيز باشلانغان ھامان ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ.

2- ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال
تالاق قىلىنغان ئاي        ئىككىنچى ئاي        ئۈچىنچى ئاي        تۆتىنچى ئاي
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ        ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ        ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ        بۇ ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ.

3- ھامىلىدار ئايال
تالاق قىلىنغان مەزگىل        تۇغقان ۋاقتى
ئايال بۇ مۇددەت داۋامىدا «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ.         بۇ ۋاقىت بىلەن ئىددەت چىقىپ بولىدۇ

ئايالىنى تالاق قىلغان كىشى، ئايالىنىڭ ئىددىتى ئاخىرىلىشىپ بولغۇچە تالىقىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالالايدۇ. ئىددەت ئاخىرلاشقان ھامان ئۇنىڭ بۇنداق بىر ھەققى قالمايدۇ. بۇ تەقدىردە ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچىنچى قېتىملىق تالاق بولمىسا ئۇ ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇپ، ئايال قوبۇل قىلسا ۋە ۋەلىيلىرى قوشۇلسا، ئۇنىڭ بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.
ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچۈنچى قېتىملىق تالاق بولسا، ئايال مەيلى  ئىددىتىنىڭ ئىچىدە بولسۇن مەيلى ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغان بولسۇن، ئۇ ئەر ئۇ ئايال بىلەن قايتا نىكاھلىنالمايدۇ. لېكىن ئايال باشقا بىر ئەرگە تېگىپ، بۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن  بۇ ئايالنى قويۇۋەتكەن بولسا، ئىددىتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كونا ئېرى بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار:توغرىسىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك نۇرغۇن ئائىلىلەر تۇتۇشقا تىگىشلىك بولغان ئۆيلىرىنى تۇتالماي بالىرىنى يىتىم قىلىپ سەرسانلىق كويىغا چۈشۈۋاتىدۇ،ئوقۇپ چۈشۈنەلىگەن قىرىنداشلارنىڭ توغرا كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ قۇتقۇزۇۋىلىشقا تىگىشلىك ئائىلىلەرنى قۇتقۇزىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،اللا ھەممىڭلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن مەنبە:مۇسۇلمانلار تورى ئۇلىنىش:musulmanlar.com

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 08:50:14

مانا بۇ يەنە بىرخىل قاراشتىكىلەر . بۇ خىل قاراشتىكىلەر  ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچقانداق ئايىتىنى ياكى ھېچقانداق ھەدىسنى دەلىل قىلماي تۇرۇپ پەتىۋا بەرگەن :


ئەر ئايالىغا مېنى يالغۇز قوي، يوقال، سەن ئۆيدە بولساڭ بىر ۋەقە چېقىپ قالغۇدەك! دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، ئايالى تالاق بولامدۇ؟
201702-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن بىلەن يولدىشىم ئارىسىدا ماجرا يۈز بەردى، يولدىشىم ئاچچىقىدا، مېنىڭ كېتىشىمنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشۇمنى، ئەگەر كەتمىسەم بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆز تالاق ھېسابلىنامدۇ؟. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا تىلىفۇن قېلىپ مېنىڭ تالاق مەسىلەم توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇردى. ئۇنىڭدىن سىز ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا نېمىنى نىيەت قىلغان دەپ سورالغاندا، ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلەشكەندە مېنى تالاق قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نىيىتى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق تالاق چۈشەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
تالاق دېگەن سۆز؛ لەۋزىدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغان ۋە كىنايە يەنى تالاقنى ۋە باشقا مەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان بولىدۇ.
ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغان لەۋزى بىلەن بولغاندا ئايالىغا: ”سەن تالاق قىلىندىڭ“ دىسە، بۇ سۆزدىن تالاقتىن باشقا مەقسەت ئىپادىلەنمەيدۇ.
كىنايە شەكلى بىلەن بولغاندا، بۇنىڭدىن تالاق ۋە تالاقتىن باشقا مەقسەتلەرمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: ئەر كىشى ئايالىغا: ”سەن بويتاق ياكى سەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ياكى ئىختىيار ئۆزۈڭدە ياكى ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىگە كەت ياكى مېنىڭ ساڭا ھاجىتىم يوق“ دېگەندەك سۆزلەردىن ئىبارەت.
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، كىنايە شەكىلدە ئېيتىلغان لەۋزىلەردە پەقەت شۇ سۆزنى تالاقنى مەقسەت قىلىپ دېگەندە تالاق ھاسىل بولىدۇ. ئەمما تالاقنى مەقسەت قىلماستىن ئۇرۇشۇپ، ماجرا قىلىپ، ئاچچىقىدا دېگەن بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.
بۇ توغرىدىكى پەتىۋانى بىلمەكچى بولسىڭىز (120947) نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتقان سۆزىگە كەلسەك: سىزنىڭ كېتىشىڭىزنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشىڭىزنى، ئەگەر كەتمىسىڭىز بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقى، بۇ كىنايە تالاق بولۇپ، ئەگەر سىز كەتمىسىڭىز چوقۇم بىرەر ۋەقە يۈز بېرىدىغان بولسا ۋە بۇ سۆزدىن ھەم تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ سۆز بىلەن تالاق ھاسىل بولىدۇ.
سىز كەتمىسىڭىز بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىسە ياكى يۈز بېرىپ قالسىمۇ يولدىشىڭىز بۇ سۆزدىن تالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، بۇ سۆز بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.
يولدىشىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سىزنىڭ تالاق مەسىلىڭىز توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقان شۇ ۋاقىتتا سىزنى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەمما تالاقنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلمىغانلا بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.
يولدىشىڭىز ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قېلىش جەريانىدا تالاقنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلغان بولسا ياكى تالاقنى مەقسەت قىلىپ ئوچۇق سۆزلىمەستىن كىنايە شەكىلدە تالاقنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزىلەرنى سۆزلىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا تالاق ھاسىل بولىدۇ.
بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىش بار:
بىرىنچى: ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، سىزنى تالاق قېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇرۇن ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا كەتكىن دېگەندە تالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، دەسلەپتە نېمىنى مەقسەت قىلغان بولسا شۇنىڭغا ھۆكۈم قېلىنىدۇ، كېيىن قېتىلغان نىيەتنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمگە ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.
ئىككىنچى: ئەر كىشى كۆڭلىدە تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ۋە مەقسەتلىك كىنايە سۆزلەرنىمۇ قىلمىغان بولسا، بۇ مەسىلە 81726- نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
ئەر ئايالىغا مېنى يالغۇز قوي، كۆزۈمدىن يوقال، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ئايالى تالاق بولامدۇ؟
[ الأويغوريە - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 11:56:54

uyghuruqun يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 08:50 static/image/common/back.gif
مانا بۇ يەنە بىرخىل قاراشتىكىلەر . بۇ خىل قاراشتىكىلەر  ...

پىقھى-نىكاھ-تالاق دېگەن ئىنچىكە مەسىلە جۇما. ئېغىزىمىزغا دىققەت قىلايلى.

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 13:33:53

hezret يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 11:56 static/image/common/back.gif
پىقھى-نىكاھ-تالاق دېگەن ئىنچىكە مەسىلە جۇما. ئېغىزىمى ...

شۇ ئىنىق بولسۇنكى بۇنى مەن بۇرۇن ساقلىۋالغانلىرىمدىن يوللىدىم . بۇ ھەرگىزمۇ مىنىڭ گىپىم ئەمەس .
ئەلۋەتتە بىرەر ئىشقا پەتىۋا بىرىش ھەرگىزمۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس . ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمگە مۇراجەت قىلىش ، ئاندىن ئىشەنچلىك ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلىش كىرەك .
شۇنىڭ ئۈچۈن 2- ئىنكاسىمدا يوللىغان يازمىدا ھېچقانداق ئايەتتىن ياكى ھەدىستىن نەقىل ئالمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دىگەنىدىم .

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 14:04:32

«ھەنىەفىي فىقھىسى» دىگەن كىتاپتا نىكاھ-تالاققا ئائىت مەزمۇنلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانكەن. ئۇنىڭدا دەلىللىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. شۇنداق تەپسىلىي رەتلەنگەن كىتاپتىن تالاق توغرىلۇق مەزمۇنلارنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.  ئۇنى ياخشى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىزىن بىرەرسى شۇنىڭغا تۇغرا كېلىدىغان ئىشنى سورىسا ھۆكۈمىنىڭ نىمە ئىكەنلكىنى دەپ بېرەلەيسىز. ئەمما ئۇنىڭدا دىيىلگەن ئايەت ۋە ھەدىستىن دەلىللىرى ئېسىڭىزدە بولىشى ناتايىن. بۇ چاغدا سىزنىڭ يەتكۈزگىنىڭىز سىز چىقارغان پەتىۋا بولماستىن، ھۆكۈمىنى  يەتكۈزگەن بولىسىز، خالاس. ئەمما خاتا چۈشىنۋېلىپ، بىر تەرەپلىمە چۈشىۋېلىپ خاتا تەدبىقلاپ پاراڭ قىلىپ سېلىشتىن قورقۇش كېرەك.  

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 15:32:54

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 16:50:14

بۇنداق پاراڭلارغا بىر نىمە دىمىگەن ياخشى ( بىلمىگەندىكىن ) ،،،

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 17:55:36

ھەممە مۇنبەرلەرگە چاپلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار تېما دەپ قارىمىدىم مەن. بۇنداق زىل مەسىلىلەرنى مەخسۇس دىنىي تور بەتلەردىن كۆرۈپ بىلىۋالغۇلۇق.

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:40:40

uyghuruqunنىڭ كۆرسەتمىسى ناھايىتى ئورۇنلۇق ۋە توغىرا بولۇپتۇ.

قۇرئان كەرىمدە 65 - سۈرە تالاق سۈرىسىدۇر. ناھايىتى تەپسىلى بايان قىلىنغاندۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە پەتىۋا كىتەمدۇ؟ يەنە قايسى بىر ‹ئالىم › لارنىڭ كۆرسەتمىسى كېتەمدۇ؟

تالاق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەمەليەتتە - نېكاھتىن ئاجىرىشىش ھەركىتىدۇر، مۇنداقچە ئېلىپ ئېيىتقاندا: نىكاھتىن ئاجىراشقانلار ئىككى قېتىم يېنىشىۋىلىشقا بولىدۇ، ئۈچىنچى قېتىم ئاجىراشقاندا يېنىشىۋىلىشقا بولمايدۇ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 12:16:56

بۇنىڭغا مەۋلانە  ئەپەندىم بىرنىمە دېسە بۇلۇركەن ،بىزدىن بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىگە سەۋەپ بۇلۇش كۆرۈلۈپ قالۇرمىكىن .
بەت: [1]
: كەت يوقال دىگەنلىك تالاققا تەڭمۇ ؟