OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 12:02:37

باي ناھىيەسىدىكى ئارشاڭ

ئۆيدىكىلەر بىر نەچچە ھەپتە بولدى بايدىكى ئارشاڭغا ئاپار دىگىلى ئاڭلىسام ئارشاڭغا چۈشسە تېرە قىچىشقاق قاتارلىق كېسەللەرگە بەك پايدا قىلىدىكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلىۋالغانلار ھازىر قۇلاق مىڭەمنى يەپلا كەتتى .
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم مەن ئۈزۈم كۇچا ناھىيىسىدىن بايغا ۋە مىڭ ئۆيگە كۆپ باردىم لىكىن مۇشۇ ئارشاڭغا بېرىپ باقماپتىمەن . نەچچە كۈندىن بىرى كىشىلەردىن سورىسام ئارشاڭنى خەنزۇلار ساياھەت رايۇنى قىلىۋەتتى . سۈيىنى ھەپتە ئون كۈنگىچە ئالماشتۇرمايدۇ . ئاق كۆك دىگەندەك گەپلەر تولا ئويلاپ باقسام مۇشۇ مۇنبەردە پىنھان ،زىلتار قاتارلىق بايلىق بالىلار بولغاندىكىن ۋە شۇ ئارشاڭغا بېرىپ باققانلار بولسا مۇشۇ بالىلاردىنلا بىر سوراپ باقاي دەپ مۇشۇ تېمىنى يوللىشىم .

يەنە تىۋىپلاردىن سورايدىغىنىم مۇشۇ ئارشاڭنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار مۇشۇ توغۇرلۇق ئىككى شىڭگىل سۆزلەپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:06:24

نايناھىيەسىنەبوپ كەتتىدەيمەنتېخى :lol

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:33:15

Erktekin يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 13:06 static/image/common/back.gif
نايناھىيەسىنەبوپ كەتتىدەيمەنتېخى

ب بىلەن ن نىڭ ئورنى يېقىن بولغاچقا ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا بېسلىپ كىتىپتۇ :L   يازغۇچىدا ئەيىپ يوق ئوقىغۇچى تۈزۈتۈپ ئوقىسۇن :lol

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:33:59

باي ناھيەسىدى ئارشاڭ تېرەك كۈمۈركاندىن ئۆتۈپ نەچچە كىلومىتىر تاغنىڭ ئىچىگە كىرسەك يىتىپ بارىمىز . بۇ جاي بۇرۇنقى ئۆزگەرتىلمىگەن ۋاختىدا تەبىي تاش كۆلچەكلەر بولۇپ ، شۇ كۆلچەكلەرنىڭ ئاستىدىن بۇلاق سۈيىگە ئوخشاش قايناق سۇ چىقىدىغان بولۇپ ، بۇ كۆلچەكلەر دەريانىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان ، ئوتتۇردا زىيادە سوغاق دەريا سۇيى ئېقىپ تۇراتتى . بۇ كۆلچەكلەرنىڭ كىچىكلىرىگە ئىككى ئۈچ ئادەم ، چوڭلىرىغا سەككىز-ئون ئادەم سىغاتتى . يېقىن زاماندا بۇ جاينىمۇ ناھيىمىزنى تەرەققى قىلدۇردىغان يولداشلار سۇنى بىر جايغا يىغىپ ، تۇربا ئارقىلىق ئايرىم مۇنچا ئۆيلەرگە ئەكىرىپ سائەتلىگى مانچە پۇل دەپ سېتىۋاتىدۇ . يەنە بىر چوڭ بىتۇن كۆلچەك بار ، ئۇنۇڭغا بىر-ئىككىيۈز ئادەم پاتىدىغان ، بۇ جايدا ئەر-ئايال ، ئوغۇل-قىز ئارلاش يۇيۇندۇ ، سۇغا چۈشۈش كىيىمى( تۇماچە ئىشتان ) ئالمىسىڭىز كىرگۈزمەيدۇ . چوڭ شەھەرلەردىكى ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئوخشايدۇ . بىز بايدا بولغان بىلەن ئاساسەن بېرىپ كەتمەيمىز ، قالغىننى ئۆزىڭىز ئويلۇشۇڭ .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:34:30

يازمىنى تەستىقلىغانلارماۋزۇنى ئوقۇمىغانمىدۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:04:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-22 14:06

سىرلىق جلىغا تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار باشقۇرۋاتقانئارشاڭغا بېرىپ بېقىڭ بولمىسا ، گەرچە شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ ئارشاڭغا چۈشكەندەك بولىسىز ، ساپما كەش ، ئەدىيال ، كىيىم باقىدىغان بىرەرسىنى ئېلىۋېلىشنى قەتئى ئۇنتۇماڭ ، ئارشاڭ ئېغىزى تاغ قاپتىلىدا، سەل ئىگىزرەك ، شامال سوقۇپ تۇرىدۇ . ئارشاڭدىن چىقىپلا شامالدىۋالسىڭىز چاتاق چىقىدۇ .چىلىنىپ يۇيۇنىدىغان سۈيى يوق ، ھوردىنىسىز ،ئەر ئايال چۈشىدىغان ئۆيلىرى ئايرىم ، كەپە ئۇسلۇبى. 10 كوادرات مىتىرلىق ئۆيدە 10-15 ئادەم ھاسىراپ ئولتۇرۇپ ھوردىنىسىلەر .:lol

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:14:20

جىمسار بىلەن فۇكاڭنىڭ ئوتتۇرسىدا 五彩湾 دەپ بىر يەر بار ، مۇشۇ يەردە بىر ئارشاڭ بار ، بەك داڭلىق.بېلىتى 100سومدىن ئارتۇققۇ دەيمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:18:43

كۈرۈپ كەتسەڭلار بۇلىدۇ ، بايرامدا ئ‍ادەم كۆپ، تازىلىق مەسلىسىدە ئ‍ايرىم ئ‍ۆيلىرى سەل ياخشى، بىر قېتىم ئ‍ىشلىتىدىغان سۇلىياۋ بىلەن ۋاننىدا پولتەك ئ‍ىتىمىز، سۇ ئ‍ۈزۈش كۆلچىكىدە كۆزىنىڭ پىتىنى ئ‍ۆلتۈرىمىز،،،ھاھاھىھى

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:20:25

سىرىتتىن بەك جىق كېلىدۇ،مەنپەئ‍ ەت قىلسا كېرەك،

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 18:06:56

مەنمۇ ئاڭلىسام بەك بۇلغىنىپ كەتتى دەيدۇ ، ئايرىم ئۆيلىرى سەل ياخشى بۇلشى مۇمكىن ، كىمنىڭ بۇلغىغىنىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايان .

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 18:15:15

ئۆزەم بايدا تۇغلۇپ تېخې بېرىپ باقمىغان ئىدىم قايسى كۈنى بېرىپ كەلدىم ئىشقىلىپ ياخشى جاي،،، كۇچا توقسۇ شاياردىن تولا ئادەم كىلدۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 18:31:52

بايرامدا كەلمەڭلار،كىيىنراق چارشەنبە كۈنكۈنى توغرلاپ كەلسڭلار سۇ ئ‍ۈزۈش كۆلىنىڭ سۈينى ئ‍الماشتۇرۇپ يۇيدىغان ۋاقتى شۇ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 18:42:56

ئاقسۇغا كەلسەڭلابەك پەيزى يەرلەربار، تاڭ تازنوم ئاغلى كەگەندە مۇشۇ يەردە تاھارەتئالامتا ئىشقىلىپ (نىمەبىلمەن مەن ) بىر ئىشلاربىلەن بۇ ئاشاڭدىن ئىسسىق سۇ ئاقىدىغان بوپ قاغان ... {:92:}
يەنەتاڭ تازئۈنسۇ قىرمىشئاتامغابارغاندا ئتنى باغلاپ قۇيامدائىشقىلىپ بىرنىمەقىلساھېلقى دەرەخ ئاشتاخ كۆكلەپ كىتىدۇ ... بېشىداقىرمىش ئاتام مارزىرنى ‹‹دىن چەكلەنگەن رايۇن ›› دەپ بىكىتىپئۈزنى بۇددادىنى راھىپى دەۋالغان مەخلۇقات بولغان تاڭ تاز ، جۇ چوشقا ، سوڭ تۈك باش، شاسىڭدىياۋسى لارنىڭ ھەيكىلنى قاتۇرۇپ قوينغنى قىززىق ماۋۇ ئىچكىردىن پاھىشۋاز، پاھىشە، قوڭچى ، ... لارنىڭ ....
ھازىرئاڭلىسام نامى مۇبارەك جايمەخپى پاھىشخانىغائايلنىپ قاپتۇمىش.... تۈكۈرەي دىگەن ، ئۇ ئالەمدەتۈكۈركۈم ياقامنى سىقمىسۇن يانامىنى خارلىدىڭ دەپ ....
بىرچاغلاردا مىسرانىم مۇشۇنداق ، شاسىڭ دىگەنتاز ھىجىقىزشەرىققەنوم ئاغىلى بارماي ئويناپ كۆڭۈل ئاچىقىلى كەپتۇكەممۇ دىگەندەكراق بىرتىماكۆرگەن مەن ....
بىر ئوبدان سۈزۈك بۇلاققائىشت بېلىقلار چۈشتى ....
مۇشۇ ھىجىقىز ، پاھىشىلەركەلدى سۇنى سېتۋېلىپ ئىچتۇق .... ئازقالدى بىزنى ھاۋانى سېتۋېلىپ نەپەسئالدىغان قىپ قويغىلۋاتىدۇ .... ئانا......ڭىنى ....

ئىچىم ھەجەپ بۇشاپ قالدا....

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:33:30

ئايالىم بايلىق.كەچتە ئالدىرماي بىر سوراپ باقمىسام.....:lol

eldos يوللانغان ۋاقتى 2014-4-25 00:01:24

غۇلجىنىڭ باياندايدا تاغنىڭ ئۈستىدە بىر ئوت ئارشاڭ باركەنتۇق . 10 يىل بۇرۇن بىر بېرىپ چۈشكەن . بەك ياخشىكەنتۇق . ھازىرمۇ بارمۇ ؟ ئاڭلىسام يۆتكىۋەتتى دەيدۇ ؟
بەت: [1]
: باي ناھىيەسىدىكى ئارشاڭ