tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 07:59:57

ۋاللەي توشقىنى ھەقىدە تەسىرات

1. كىتاپ ئوقۇش تەسىراتلىرىنىمۇ تولا يېزىپ كەتتىم ، ئەمما بىر ئىستىمالچى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن ئۇيغۇر جەميىتىگە يېڭىلىق ، باللىرىمىزغا يېڭى تەم يېڭى روھى ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ۋاللەي توشقىنى ھەقىدىمۇ پەقەت بىر ئىستىمالچى سۈپۈتىدە ئىككى كەلىمە گەپ قىلغۇم كەلدى .

2.شۇنداق قىلىپ بالامغا ئىزدىنىش تورىدىكى ۋاللەي توشقىنىنى كۆرسۇتۇپ قويغاندىن كىيىن بالادا قالدىم . ۋاللەي قومۇلغا كەپتۇمۇ قاچان كەلگۇدەك ، دىگەندەك سۇئاللار كاللامنىقۇچۇۋەتتى ھەتتا ئامالسىز تېلفۇن قىلدۇق ، بىر نەچچە كۇندىن كىيىن قومۇلغا يىتىپ كەلگۇدەك دىگەن جاۋاپنى ئالغاندىن كىيىن بالام بىر نەچچە كۇن دىگەن زادى نەچچە كۇن دەپ سوراپ تۇرۋالدى ، مەن ئۇچ كۇن دەپ قويسام بالام تېلفۇن ئۇرغان كۇننىمۇ قوشۇپ ئەتە ئۆگۇنلەككە دەپ سانىغىلى تۇردى .................

3. قومۇل مىللى بازاردا بۇ ۋاللەي توشقاننى تۇنجى كۆرگىنىمدە بالام يېنىمدا يوق ئىدى ، بالام تەلەپ قىلمايلا نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارنى تەغدىم قىلۋەتكەنلىكىمنى ئەسلەپ ، ئازراق قىزىقىشىنى قوزغاپ ئاندىن ئېلىپ بەرسەممۇ بولغۇدەك دەپ ئالماي قايتىپ كەتتىم ، كەچتە ئۆيدە ۋاللەي كەپتۇ كۆردۇم ، دىيشىمگە بالام ۋاررىدە يىغلاپ سەن نىمە دەپ ئەپ كەلمەيسەن دەپ مېنى سوراققا تارتىپ قىزىپ كەتتى . ھازىر باراينىڭ دەپمۇ قوياتتى ، ھەي ھازىر دىگەن كەچ ،مەن شۇنداق قىلىپ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ۋاللەي ئويۇنچۇقىنى ئېلىشنى يەنە ئۇچ كۇن كىچىكتۇردۇم ، ئۇچۇنچى كۇنى بالامنىڭ قىزىقىشى 90 گە چىققاندا ئاندىن مىللى بازارغا بېرىپ 160 سومغا ۋاللەي ئويۇنچىقىنى سېتىۋالدۇق .

4. بالامنىڭ قىزغىنلىقى خېلى ياخشى ، كۇندىزى قولۇدا كۆتۇرىۋالىدۇ ، كىچىسى ياستۇقىنىڭ ئۇستىگە قويىۋالىدۇ ، ھېلى ناخشا ئاڭلايدۇ ، ھېلى ھىكايە ئاڭلايدۇ ، بالام تۇغۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئويۇنچىقى بولۇپ قالدىبۇ ۋاللەي توشقان .

5. سىغىم كارتىسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن ، تۆنۇگۇن كومپۇيۇتۇرغا چېتىپ قارىسام 2گىگا بوشلۇقتىن يەنە 1.6 گىگا بوشلۇق باركەن ، يەنە نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ۋە ئۆزەم ئاۋازغا ئالغان قوشاقلارنى كىرگۇزۇپ قويدۇم .

6. ۋاللەي شېركىتىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ باللىرىمىز ئۇچۇن تېخىمۇ ياخشى ئويۇنچۇقلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇيغۇرباللىرىغا يېڭى ئويۇنچۇق يېڭى تەم روھى ئوزۇق ۋە كۆڭۇل خوشاللقىنى ئېلىپ كىلىشنى ئۇمۇت قىلىمەن ،

7. بالام ھازىرمۇ توختىماي ۋاللەي قونچاقنى ئويناۋاتىدۇ ، ئەمىليەتتە ئۇ بىلىپ بىلمەيلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ نازۇك مەنا شىۋە ئاھاڭلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئۆگۇنىۋاتىدۇ . ھەقىقەتەن كاتتا ئىش بولدى .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:00:56

قارامايدا يوقما؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:05:56

ئەللەي بالام ئەللەي
سالىھ بالام ئەللەي
بولدى ئەمدى يىغلىماڭ
ئېلىپ بېرەي ۋاللەي...

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:21:01

بۇ ئويۇنچۇق قانچە ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىكەن قېرىنداشلار؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:24:46


سېغىم كارتىسى چۈشۈدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولسىچۇ دەپ قالدىم.
مەن ئادەتتە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ چۆچەك سەھىپىسىدىكى ئېسىل چۆچەكلەرنى، بالىلار ناخشىلىرىنى م پ 3 قويغۇچلارغا قاچىلاپ بەرگىنىمنى كەچلىرى ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلايدۇ. ۋاللەيدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. كۆڭلۈڭلارغا كەلمىسۇن يانا :lol
مەن تۈنۈگۈن قولۇمغا ئىلىپ كۆردۈم تېخى. سېرتقى كۆرنىشىمۇ چىرايلىق لايىھەلىنىپتۇ. بولسا ھەر خىل رەڭدىكىلىرىنى، چوڭ-كىچىك شەكىللىرىدىكىنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭلار. ئەمما ، راست گەپنى قىلسام ماڭا بۇ ئويۇنچۇقنىڭ تۇنجى بەرگەن تەسىراتى بۇ ئويۇنچۇقتىن بەكرەك ئىلىكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا تەۋەدەك تەسىر بەردى.
مېنىڭچە كىلەر قېتىم قىلىچ، ئات، ماشىنا، تاپانچا دېگەندەك ھەر خىل تۈردىكى ئويۇنچۇقلارغىمۇ يۈرۈش قىلىپ باقساڭلار.
مەسىلەن: قىلىچنى بىر شىلتىسا شارتتىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ‹‹ يوقال يالماۋۇز، چىن تۆمۈر باتۇر كەلدى›› دېگەندەك ئاۋاز چىقسا، ئاتنى سىلكىسە ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە باردۇر، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا ياتۇر ›› دېگەندەك قوشاقلارنى ئوقۇپ بەرسە ... مەن ئەسلى ۋاللەينىڭ ئويۇنچۇقلىرى مۇشۇنداقراق شەكىللەردە ياسىلىپ بازارغا سىلىندىمىكى دەپ ئويلىغان ئىدىم. بوپتۇ، بۇمۇ ياخشى باشلىنىش.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:27:03

سەل تاققا-تۇققۇ گەپ قىلىپ ساپتىمەن، ھازىر ئوقۇسام، لىكىن تەكلىپلىرىمنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ:P.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:49:15

baytekin يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 09:21 static/image/common/back.gif
بۇ ئويۇنچۇق قانچە ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىكەن قېرى ...

كۈندۈزلىرى مەن، كەچتا قىزىم ئويناۋاتىدۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندا 0 ياشتىن 70 ياشقىچە دىسەك بولارمىكىن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:11:24

مەن ئېلىپ بېرەي دىسەم بىر ياشلىق قىزىمنىڭ ئوينىشىغا سەل بالدۇرلۇق قىلغۇدەك دەپ ئېلىپ بەرمىدىمغۇ ھازىر
90 كويلۇقى بېشىنى تۇتسا ۋاي بېشىم دەيدىغىنى بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ياخشى بىلىندى ماڭا ، لېكىن باتارىيە سالىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىپتۇ
160 كويلۇقىغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 12:22:55

نەدە ساتىدىكىن ...توردىن ئالغىلى بولامدۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:00:19

تاۋباۋدا بىر دۇكان ئېچىڭلار. ئۈرۈمچىدىن باشقا يەردىكىلەرمۇ ئالايلى.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:44:19

تەكلىپ پىكىر بەرگەن ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرلىرىگە دىققە قىلىۋاتمىز رەھمەت !
Birzat@ تەكىۋىڭىز ئورۇنلۇق ئويلشىمىز، سىغىم كارتىسى بار، توشقانچاقنىڭ سىز مېۋە بالىنى ئالغان ئوخشايسىز.

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 15:42:28

ۋاللەي دەپمۇ ئىسىم بولدىكىنە:lol، باشقىلارغا غەلىتە تۇيۇلمىدىمۇ؟ خەنزۇچە ئىسىممۇ يە؟
نىمە دىگەن گەپكەن، بىر چۈشەنچە بېرىۋەتسە.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 16:03:33

welld يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 15:42 static/image/common/back.gif
ۋاللەي دەپمۇ ئىسىم بولدىكىنە، باشقىلارغا غەلىتە تۇي ...

كىچىك ۋاقتىڭىزدا ۋاللەي توۋلاپ باقمىغانما ؟ ۋاللەي ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرىنىڭ بىر خىلى، كېرەكلىك قوراللارگاگا كالتەك دەپ ئاتىلىدۇ . 80- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار بىلمەسلىكى مۇمكىن .نومۇر ئالالماي ئۇتتۇرغانلار ۋاللەي ۋاللەي دەپ يۈگرەيتى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايتى ئۇتقانلار كەينىدىن كالتەك بىلەن نوقۇپ قوغلاپ ماڭاتتى.

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:09:19

قىزىمغا بىرنى ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدىم.

AZIZA97 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:25:32

ئاقسۇغا قاچان كىلەركىن ساقلاۋاتىمەن ؟ كەپبولدىمۇ يا ؟ ئالاقىلشىش ئۇسۇلنى قالدۇرۇپ قويساڭلاچۇ ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:53:36

paltahun يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 16:03 static/image/common/back.gif
كىچىك ۋاقتىڭىزدا ۋاللەي توۋلاپ باقمىغانما ؟ ۋاللەي ئ ...

2004 يىلى يامائويناپ قۇيدىغانھېلمۇ ئىسىمدە... ھازىرقى باللارئايپەتئوينايدىكەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:55:45

سېتىشئۇرنىغا قارسام بىرئاقسۇدىن باشقاھەممەيەردە باردەك قىلامدۇ نىمە ... تەتىلدەقايتاقاندائالاي ئاقسۇداسېتىشئورنى تەسىس قىلنسا،   قايتقاندائۇكۇلىرىمغائەپ بەرسەم 7 ياشلىق شۇملارقاراپ قۇيارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 18:55:35

پوسكامدا تېزراق سېتىش ئورنى تەسىس قىلىڭلا، خىزمەتكە چىقىپ بىرىنچى ئايلىق مائاشىمغا ئون ئىككى نەۋىرگە بىردىن ئالاي..... ئېتىبار قىلاسىلە ھە ۋاقتى كەلگەندە......{:92:}{:92:}

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 07:07:02

paltahun يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 18:03 static/image/common/back.gif
كىچىك ۋاقتىڭىزدا ۋاللەي توۋلاپ باقمىغانما ؟ ۋاللەي ئ ...

مەن 82 نىڭ بالىسى. ئىنكاسىىڭىزغا رەھمەت. ئەسلى مۇنداقكەندە.
مەنمۇ شۇ ئويۇنلارنى ئويناپ چوڭ بولغان. بىزنىڭ يۇرتىلاردا گاگار دەيتتۇق.
سىز دىگەن ۋاللەي نى ھاڭىراش دەيتتۇق.(ئىشەكنى دورايتتي) :lol

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 13:57:15

ۋاللەي ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر دەسلەپكى قەدەمدە مال كىرگۈزگەن ئورۇنلار:
ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس سېتىش ئورنى ،دۆڭكۆۋرۇك سودا بىناسى سىرىتقى ئوڭ تەرەپ 4- دۇككان (ئىككىنجى دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭىدىغان يول بويىدا)
قەشقەردە ئالتۇن ئاچقۇچ كىتابخانىسى,ناۋائىي كىتابخانىسى,ئېرپان كىتابخانىسى,ھېكمەت كىتابخانىسىدا.

خوتەندەخەلق مەيدانى يېنىدىكى يەرشارى كىتابخانىسى ,ئات بازىرىدىكى ساغلام بوۋاق بالىلار مەھسۇلاتلىرى دۇككىنىدا

چىرا ناھىيسىدە خۇشاللىق يۇلتۇزى ھامبۇرگ بولكىخانىسى ۋە ھەرقايسى تاللا بازارلىرىدا .

تۇرپان شەھىرى ۋە توقسۇن ناھىيسىدا ھەرقايسى تاللا بازارلىرى ۋە كىتابخانىلاردا

‏پەيزاۋاتتا: سەھەرچى كىتابخانىسى، ناھىيىلىك شىنخۇا كىتابخانىسى، مەنزىل تاللا بازىرى، فارابى كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى...

‏مارالبىشى ناھىيسىدە ئىھسان كىتابخانىسى(ناھىيەلىك قوشتىل تەجىربە باشلانغۇچ مەكتىۋى يىنىدا)

يۇپۇرغىدائېخلاستاللابازىردا

يەكەندە   يەكەن رىنا سودا سارىيى 12-دۇكان
1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى ئارمان تاللا بازىرى
موللا ھاجىم بىناسى مەرىپەت ئولتۇراق رايۇنى ئارمان تاللا بازىرى
بۇلاق كىتاپخانىسى
كونا شەھەر سۇلتان تاللا بازىرى

ئاقتۇدا   لىيەنتۇڭبىناسى مې ياڭياڭ   باللاركىيىم   كچەك   دۇككىندا

قۇمۇلدا مىللى بازار ئويۇنچۇق توپ- پارچە تارقىتىش دۇكىنىدا

قارىمايدانائىل تېز تاماقخانىسى ئۇدۇلىدىكى kiss baybeدۇككىنىدا

ئاتۇشتا سەفىيە چەتئەل مەھسۇلاتلىرى دۇككىنىدا (ئاتۇششەھەرلىكئانا -باللار ساقلىقنى ساقلاشئورنىنىڭقارشى   تەرپىدە   )
بەت: [1] 2 3 4
: ۋاللەي توشقىنى ھەقىدە تەسىرات