xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 01:49:43

ئاقكۆڭۈل ئايالنىڭ مۇھەببىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-22 02:31

ئاقكۆڭۈل ئايالنىڭ مۇھەببىتى

ئەلىس مۇنرۇ

ۋوللىيدىكى مۇزېي يىگىرمە نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى، مۇزېي يېڭى قۇرۇلغاندا بىر قىسىم سۈرەتلەر، بىر دانە قايماق قوچۇش ماشىنىسى، ئات جابدۇقلىرىدىن بىر نەچچە يۈرۈش، چىش دوختۇرىنىڭ كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئوپراتسىيە ئورۇندۇقى، كالانپاي ئالما ئاقلاش ماشىنىسى ھەم بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر بىلەن ستولبىلاردا توك سىملىرىنى مۇقۇملايدىغان ماگنىت تاياقچە قاتارلىقلار بار ئىدى.
ساقلانمىلارنىڭ ئارىسىدا قىزىل رەڭلىك جابدۇق ساندۇقىدىن بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە (كۆزئەينەكچى ئۇستام D.M ۋىللېنس) دەپ
ئويۇلغان ئىدى، مۇزېينىڭ چۈشەندۈرۈش خېتىدە ( بۇ جابدۇق ساندۇقى گەرچە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق پاجىئە خاتىرلەنگەن، بۇ D.M ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساندۇقى، ۋىللېنىس ئەپەندى 1951-يىلى پېرگرۈيىن دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان.كېيىن نام-شەرىپىنى قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان بىر ئەپەندىم تەرىپىدىن مۇزېيخانىمىزغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، بۇ ساندۇق مۇزېيخانىمىزدىكى ساقلانمىلارنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇردى.) دەپ يېزىلغان ئىدى.
جابدۇق ساندۇقىدا كۆزئەينەكچى ئۇستام ئىشلەتكەن كۆز تەكشۈرۈش ئەينىكى بار بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى سىزگە قار ئادىمىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستى ئىچى كاۋاك بىر تۇتقۇچقا مۇقىمدالغان چوڭ كىچىك ئىككى دېسكىدىن تەركىپ تاپقان،كىچىك دېسكا چوڭ دېسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە، چوڭ دېسكىدا بىر تۆشۈك بولۇپ، ھەر خىل ئەينەكلەرنى نېرى سۈرۈۋەتسەك ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ، ئىچى كاۋاك تۇتقۇچ ئانچە سىپتا ئەمەس، چۈنكى ئىچىگە باتارېيە سېلىنىدۇ، ئەگەر باتارېيەنى ئېلىۋىتىپ، بۇرۇن سەپلەنگەن ئىككى يېقىدا بىردىن كىچىك دېسكا بار تېرەكنى ئورناتساقلا توك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۈسكۈنە توك يوق رايونلاردا ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ساندۇقتىكى كۆز پەردىسىنى سىناش ئەينىكى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، يۇپيۇمىلاق ماڭلاي قىسقۇچنىڭ ئاستىدا يۈزلىرى ياپىلاق ھەم ئۇچلۇق مېتال قالپاق كىيگۈزۈلگەن شەيتانچاقنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار. بۇ نەرسە 45 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىنىپ ئىنچىكە بىر تاياقچىغا ئورنىتىلغان، تاياقچىنىڭ ئۇچىدا ئاجىز نۇر يالتىراپ تۇرىدۇ. ياپىلاق يۈزى بولسا قېنىق رەڭلىك ئەينەكتىن ياسالغان. پۈتۈن ئۈسكۈنە قارا رەڭدە سىرلانغان، بىر قانچە يېرىدىكى سىر دوختۇرنىڭ داۋاملىق تۇتۇشىدىنچۈشۈپ كەتكەچكە مېتالنىڭ ئەسلى رەڭگى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 02:33:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-22 02:35

1-جۇتلاند
بۇ جاينىڭ ئىسمى جۇتلاند. ئىلگىرى بۇ جايدا بىر تۈگمەن ھەم يامان ئەمەس بىر قىشلاق بار ئىدى، بىراق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىللىرى
ئىنسى-جىنمۇ قالمىغان، تارىختا ئالاھىدە شۆھرىتىمۇ بولمىغان، نۇرغۇن كىشىلەر جۇتلاند دېگەن بۇ ئىسىم، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر
قېتىملىق مەشھۇر دېڭىز جېڭىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قويۇلغان دەپ قارايدۇ، بىراق دېڭىز جېڭى بولۇشتىن خېلى بۇرۇنلا بۇ جاي قاقاسلىققا ئايلىنىپ
بولغان.
1951-يىلى باش باھاردىكى بىر شەنبە كۈنلىكى سەھەردە، بۇ جايدىن ئۈچ ئوغۇل بالا چىقىپ كەلدى، ئۇلارمۇ بارلىق ئوغۇل بالىلارغا ئوخشاش جۇتلاند
دېگەن بۇ ئىسىم ساھىلدىكى پاتقاقلارغا پېتىپ قالغان كونا پاراخوت شادىلىرىدىن كەلگەن دەپ قارايتتى.
شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى سۇ رايونىدىكى ئىلىپتەك تۈز لېكىن تەكشى بولمىغان ياغاچ تۈۋرۈكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ بىلەتتى.
(ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى سېمونت كەشىپ قىلىنماستىن بۇرۇن ياسالغان توسمىنىڭ ئىزنالىرى ئىدى.) تىكلەپ قويۇلغان تاختايلار بىلەن دۆۋە-دۆۋە
ئۇلتاشلار، بىر پارچە سېرىنگۈل چاتقاللىقى، بىر نەچچە تۈپ قاداقلارغا تولغان قېرى ئالما دەرىخى، يەنە ھېلىقى ھەر يىلى ياز پەسلىدە چاققاق ئوتلار
ئۆسۈپ كېتىدىغان تۈگمەن بار تېيىز ئۆستەڭ، پەقەت مۇشۇلارلا بۇ يەرنىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتىنىڭ ئاخىرقى ئىزلىرى ئىدى.
بۇ جايدا بىر چىغىر يول بار، ياكى ئۇنى ماشىنا يولى دېيىش كېرەكتۇ، بۇ يول دەريا قىرغىقى بىلەن بازارغا بارىدىغان تاشيولنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ،
بىراق بۇ يولغا ئەزەلدىن تاش ياتقۇزۇلمىغان، خەرىتىدىمۇ ئىنتايىن قىسقا ھەتتا كۆرگىلىمۇ بولمايدىغان بىر تال سىزىقتىن ئىبارەت.
لېكىن ياز پەسلىدە كىشىلەر دائىم بۇ يولدىن پايدىلىنىدۇ، كۈندۈزى بۇ يولدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ، دەريا بويىغا بېرىپ سۇ ئۈزۈشىدۇ، كېچىسى بولسا
ئاشىق-مەشۇقلار ماشىنىلىرىنى توختىتىپ قويۇشۇپ قىزغىن مۇھەببەتلىشىدۇ.
چىغىر يول ئۆستەڭگە تۇتىشىدۇ، يەنە ئازراق ئالدىغا ماڭسا بىر پارچە قۇرۇق يەر بار، ماشىنا بۇ يەردىن بېشىنى قايدۇرالايدۇ، بىراق سۇ ئۇلۇغ بولۇپ قالغان
يىللىرى بۇ جايدا چاققاق ئوت، قېرىقىز يەنە شەمشادلار ئائىلىسىگە تەۋە غوللۇق چاتقاللار بار، بۇنداق چاغدا ماشىنىلار بۇ يولدىن ئاسان قايتالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلى كەلگەن يولى بىلەن مېڭىپ چوڭ يولغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
شۇ يىلى باھاردىكى سەھەردە، ماشىنىنىڭ دەريا بويىدىكى ئىزلىرى تېخى ناھايىتى روشەن ئىدى، بىراق بۇ ئۈچ بالا ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا دەريادا ئۈزۈپ ئويناشنىلا ئويلايتتى،( ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بۇنى سۇ ئۈزۈش دەپ ئاتىشاتتى،) بازارغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن كىشىلەرگە: ‹قارتېخى ئېرىپ بولالمىغاندا بىز جۇتلاندتا سۇ ئۈزۈپ ئوينىغان› دەپ ماختىنالايتتى.
بۇ پېرگرۈيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن ئېقىندىكىدىن سوغۇق، دەريا قېشىدىكى دەل-دەرەخلەر تېخى يۇمران يوپۇرماق
چىقارمىغان، كۆزگە كۆرۈنگەن يېشىللىقلارمۇ دەريا ساھىلىدىكى ئۆستەڭگە يانداش ئوت-چۆپ دۆۋىسى ئىدى، پالەكتەك يۇمران تىرناقگۈللەر
شىلدىرلاپ ئېقىپ دەرياغا قۇيۇلۇۋاتقان جىلغا سۈيىنى بويلاپ لەيلەپ چۈشەتتى.
بالىلار قارشى قىرغاقتىكى كىدىر ياغىچىنىڭ ئاستىدا ئۆزلىرى بەكلا قىزىقىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ قالدى.
تۆۋەن تەرەپتە تېخى پۈتۈنلەي ئېرىپ بولالمىغان قار دۆۋىسى تۇراتتى، ئاپئاق قار كۈل رەڭگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خۇددى تاش پەلەمپەيگىلا ئوخشايتتى.
توڭ تېخى ئېرىمىگەن، شۇڭا ئۇلار سۇغا چۈشۈپ سوغۇقنىڭ سۆڭەك-سۆڭەكلەرگە ئۆتكەن ئاغرىقىنى تېتىپ باقماقچى بولدى، نەشتەردەك پىچاقلار
ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن سانجىلىپ ئۆتۈپ، مېڭە سۆڭەكلىرىگە قادىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى قالايمىقان تىپىچەكلەشكە باشلايتتى، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قىرغاققا چىقىشاتتى، توڭلىغانلىقتىن جالاقلاپ تىترەيتتى، ئاستىن-ئۈستۈن چىشلىرى بىر-بىرسىگە تېگىپ كاسىلداپ كېتەتتى،
چاققانلىق بىلەن كىيىملىرىنى كىيىۋېلىشاتتى، قاننى قىزىتىدىغان كۈچلۈك ھەركەتلەرنى قىلغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ قېتىپ قالغان پۇت-قوللىرى ئاستا
ئەسلىگە كېلىشكە باشلايتتى، ئاندىن سەل قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى، نېمىلا بولمىسۇن ئۇلار پو ئاتمىغان ئىدى، ئۇلار راستىنلا سۇغا چۆمۈلۈپ باقتى.

بالىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان ھېلىقى ماشىنا ئىزى ئۆستەڭنى كېسىپ ئۆتكەن، جىلغا ھەم ئاق يەرلەر تېخى كۆكەرمىگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى سارغىيىپ قالغان ئوت-چۆپلەرلا بار ئىدى.
بالىلار دەريا بويىغا بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئۇلارنى ماشىنا ئىزىدىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇرغان نەرسە-ئاسماننىڭ سۇ يۈزىدە قالدۇرغان ئەكسى ئەمەس، بەلكى ئۇ سۇ ئورىكىگە قىيسىيىپ قالغان
بىر ماشىنا ئىدى، سۇ يۈزىدە سۇس كۆكۈچ نۇر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، لېكىن ماشىنىنىڭ تۇمشۇقى بىلەن ئالدى چاقى پاتقاققا پېتىپ قالغان بولۇپ، كەينى قىسمى سۇ يۈزىدىن چوخچىيىپ چىقىپ تۇراتتى، ئۇ يىللىرى سۇس كۆك رەڭلىك ماشىنىلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايتتى، بۇنداق كەڭ گەۋدىسى بولغان ماشىنىلارمۇ ئالاھىدە كۆرۈنەتتى، بالىلار بىر قاراپلا بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالدى، ئەنگىلىيەدە ئىشلەنگەن بۇ خىل ئائۇستىن ماشىنىدىن بازاردا پەقەت بىرسىلا بار بولۇپ، بۇ كۆزەينەكچى ئۇستام ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى ئىدى.
ۋىللېنىس ئەپەندى ماشىنا ھەيدىگەن چاغدا كارتون فىلىملەردىكى پېرسوناژلارغا ئوخشاپ قالاتتى، ئۇ ھەم پاكار ھەم سېمىز بولغاچقا، دىقماق مۈرىلىرىگە يوغان دۈگىلەك بېشىنى پاتۇرۇپ قويغاندەك كۆرىنەتتى، ھەر قېتىم ماشىنىغا چىققاندا ناھايىتى كۈچەيتتى، ھەركىتى گويا بىر پور سېمىزنىڭ كىيىمىنى تارتقۇچلاپ كىيىپ يىرتىۋاتقىنىغا ئوخشايتتى.
ۋىللېنىس ئەپەندى ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى داۋاملىق ئېچىپ قويىدىغان كىچىك كۆزنەك ھازىر سۇدىمۇ ئېچىقلىق تۇرۇپتۇ، ئۇلار ماشىنا ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. سۇس كۆك رەڭلىك ماشىنا گەۋدىسىغۇ سۇ ئاستىدا ئېنىق كۆرىنىدىكەن، بىراق دەريا سۈيى ئانچە سۈزۈك بولمىغاچقا بەزى يەرلىرى
كۆرۈنمەي قالغانىدى. بالىلار ئېنىق كۆرىۋېلىش ئۈچۈن باشتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتى، كېيىن بىراقلا دۈم يېتىپ كىچىك تاشپاقىلاردەك قاراشقا باشلىدى.
ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى كۆزنەكتىن قاپقارا، يۇڭلۇق بىر نەرسە كۆرۈنۈپ تۇراتتى، قارىماققا ھايۋاناتلارنىڭ تۈكلۈك قۇيرۇقىغا ئوخشاپ قالاتتى، ئېقىنىنىڭ سۇنى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇتۇپ تۇرىشىدىن ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۇ نەرسىنىڭ توم تىۋىتلىق، قېنىق رەڭلىك چاپاننىڭ يېڭىگە سېپىلگەن بىر
جەسەتنىڭ بىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈشتى.
ماشىنا ئىچىدە بىر جەسەت بار بولۇپ، بۇ ئېنىقلا ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ جەسەتنىڭ ماشىنا ئىچىدىكى قىياپىتى بەكلا غەلىتە، بۇ چوقۇم سۇ ئېقىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. تۈگمەندىكى سۇ كۆلچىكىدە بولغان تەقدىردىمۇ، باش باھار پەسلىدىكى سۇ ئېقىنى شىددەتلىك ئىدى. سۇنىڭ زەربىسى ۋىللېنىس ئەپەندىنى شوپۇرنىڭ ئورنىدىن ئايرىپ، چايقاپ تۇرغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىر مۈرىسى ماشىنىنىڭ ئۆگزىسىگە تېرىلىپ قالغان،
يەنە بىر مۈرىسى بولسا كۆزنەكتىن چىقىپ كەتكەن، بېشى بەلكىم ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكىگە ياكى ئەينەككە قاتتىق سوقۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
ماشىنىنىڭ ئالدى چاقى چوڭقۇر پېتىپ كەتكەنلىكتىن، ماشىنا گەۋدىسى قىيپاش كۆرۈنەتتى، يەنە كېلىپ بىر يانغا ئۆرۈلەيلا دەپ قالغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، كۆزنەك ئوچۇق بولسا، ئۇنىڭ بېشى كۆزنەكتىن چىقىپ قالسا. ئۇنىڭ قىياپىتى ئاندىن مۇشۇنداق بولۇپ قالاتتى، ۋەھالەنكى بالىلار بۇنى بىلىپ يېتەلمەيتتى. ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەسىراتىغا ئاساسەن ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ يۈزىنى قىياس قىلىشتى، ئۇنىڭ يۈزى يۇمىلاق يۈز بولۇپ، دائىم ئويۇن قويۇۋاتقاندەك قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرسىمۇ، بىراق ھېچقاچاندا كىشىنى قورقۇتالىغان ئەمەس، ئۇنىڭ جانسىز بۈدۈر چاچلىرى قىزغۇچ ياكى مىس رەڭدە بولۇپ، دائىم پىشانىسىغا چاپلىشىپ قالاتتى، قېشىنىڭ رەڭگى چېچىنىڭ رەڭگىدىن قېنىق بولۇپ، ناھايىتى قويۇق، خۇددى كۆزىنىڭ ئۈستىدە ئېسىلىپ قالغان يۇغان ئىككى تۈكلۈك قۇرتقا ئوخشايتتى، بۇ چىراي بارلىق چوڭلارنىڭ چىرايىدەك بالىلارغا غەلىتە بىلىنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سۇغا چىلىشىپ تۇرغاندا، بالىلار بەكمۇ قورقۇپ كەتمىدى. بىراق بالىلار ئۇنىڭ ئاشۇ بىلىكى بىلەن ئاقىرىپ كەتكەن قولىنىلا كۆردى، ئەگەر ئۇلار سۇ ئاستىدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلىگەن بولسا، ئۇ قولنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلىگەن بولاتتى.
ئۇ بىر تال پەيدەك سۇ ئىچىدە لەيلەپ تۇراتتى، يەنە بىر قاراشتا بىر كاللەك خېمىرگىمۇ ئوخشايتتى، پەقەت سىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆنۈپلا قالسىڭىز، ئۇنىڭدىن ھېچ غەيرىلىك سېزەلمەيتتىڭىز، ئاشۇ تىرناقلار پاكىز كىچىك يۈزلەرگە ئوخشايتتى، ئادەتلەنگىنىدەك كىشىلەر بىلەن سالاملىشاتتى، خۇددى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەنسىرەپ باقمىغاندەكلا.
بۇ ئۈچ كىچىك بالىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىپ بۇنداق يىراق يەرگە كېلىپ ئوينىشى ئىدى، ئۇلار ئاۋۋال پېرگرۈيىن دەرياسىنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتى، كۆۋرۈك يۈزى كەڭ ئەمەس ئىدى، پەقەت بىرلا ماشىنا ئۆتەلەيتتى، كۆۋرۈكنىڭ ئىككى ئەگمىسىنى كىشىلەر
(جەھەننەم دەرۋازىسى) ھەم (ھالاكەت توزىقى) دېيىشەتتى. راستىنى ئېيتقاندا كىشىلەر دېيىشىۋاتقان خەتەر ھەم ۋەھىمە كۆۋرۈكنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى كۆۋرۈكنىڭ جەنۇبى بېشىدىكى ئاشۇ بىر بۆلەك تاش يولدا، ئۇ يەردە بىر جىددىي ئايلانما بار.
كۆۋرۈكتە پىيادىلەر يولى بار، بىراق بالىلار بۇ يولدا ماڭمايدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن پىيادىلەر يولىدا ماڭغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، بەلكىم تولىمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا، چوڭلار بىلەن بىللە مېڭىپ باققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىشلارنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشتى، ھەتتا ئەينى يىللىرىدىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىشسىمۇ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىسىمۇ ئۇلار كۆۋرۈكتىن ئۆتكەنلىكىنى ھەرگىز ئىقرار قىلمايدۇ.
كۆۋرۈكتىكى پىيادىلەر يولىنىڭ قارشىسىدا كۆۋرۈكتىن بىر فۇت ئېگىز، كەڭلىكى سەككىز فۇت كېلىدىغان جازا بار، بالىلار ھازىر ئاشۇ تۆمۈر جازىنى ياقىلاپ ئاستا ئىلگىرلەشكە باشلىدى، پېرگرۈيىن دەرياسىدا توڭ ئېرىپ بولغان بولۇپ، قالدۇق قار-مۇزلار يىراقتىكى ھۇرۇن كۆلىگە قاراپ ئۆركەشلەپ
ئاقاتتى. ھەر يىللىق تاشقىن پەسلىدە تۈزلەڭلىكنى سۇ بېسىپ كېتەتتى، قىيان بارغانلىكى يەردە، كۆچەتلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، كېمە ياكى كەپە ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى.
قىيان ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، پېرگرۇيىن دەرياسىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، توسمىدىن تېشىپ چىقايلا دەپ قالاتتى، ئېتىزلاردىن ئېقىتىپ كەلگەن كېرەكسىز ئەخلەتلەر دەريا سۈيىنى بۇلغاپ، سېرىق ماي ئارىلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر قازان كەمپۈت ئۇيۇتمىسىغا ئوخشىتىپ قوياتتى. لېكىن سىز ئېھتىيات قىلماي دەرياغا چۈشۈپ كەتسىڭىز، ئېنىقكى توڭلاپ قالىسىز، توسمىدا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇدۇل ھۇرۇنلار كۆلىگە ئېقىپ كىرىپ كېتىسىز.
كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋاتقان ماشىنىلار ئۇلارغا سىگنال بېرىپ، ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇلار پىسەنتىگە ئېلىپمۇ قويماي، بىر سەپ بولۇۋېلىپ چۈش سەيلىسى قىلىۋاتقاندەك بىخىرامان مېڭىلىۋەردى.
ئۇلار كۆۋرۈكنىڭ شىمالىي بېشىغا بېرىۋالغاندىن كېيىن، يېقىن بىر يول بىلەن تۈزلەڭلىككە چىقىپ، ئۆتكەن يىل ماڭغان يولىنى تېپىۋېلىشتى.
بۇ يىللىق قىيان يېقىندىلا يانغاچقا، بۇ يولدىن مېڭىش ئانچە ئاسان ئەمەس ئىدى، بۇ يولدىن مېڭىش ئۈچۈن سىز چەيلەنگەن چاتقاللىقنىڭ ئارىسىدىن يېڭى يول تېپىشىڭىز، ئوت-چۆپلەرنى ئاتلاپ مېڭىشىڭىز كېرەك.
بەزىدە بالىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپمۇ كېتەتتى، پۇتلىرى يېغىلىپ قالغان سۇلارغا ياكى پاتقاققا پېتىپ قالاتتى، بىراق پۇتلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، سازلىقتا داۋاملىق يول تاللاپ مېڭىشتىن ۋاز كېچىپ، تاكى رېزىنكە ئۆتۈكلىرى لايغا توشۇپ كەتكىچە پاتقاقلىقتا قارا-قويۇق مېڭىشقا باشلايتتى.
ئىللىق باھار شامىلى ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى ئۇچۇرۇپ، خۇددى كونا قوي يۇڭىدىن ئېشىلگەن يىپلارغا ئوخشاپ قالىدىغان يول-يول سىزىقلارنى ھاسىل قىلغانىدى، ھەمىشە كۆل يۈزىگە شۇڭغۇپ يېمەكلىك تۇتۇپ يەيدىغان ھەر خىل سۇ قۇشلىرىنىڭ سايراشلىرى ھەم قاغىنىڭ توختىماي قاقىلداشلىرى ئاڭلىناتتى. ساقىيقۇش سەگەكلىك بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرەتتى.
قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل چاڭگىسىغا قايتىپ كەتتى، قىزىل قاناتلىق تۇردۇس قۇشى جۈپ-جۈپى بىلەن ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى گويا بايىلا رەڭلەپ قويغاندەك قاپقارا ھەم نۇرلۇق ئىدى.
-22 مىللىمىتىرلىق مىلتىقتىن بىرنى ئېلىۋالىدىغان ئىشكەن.
-12 مىللىمىتىرلىقنى ئېلىۋالغان بولساقمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۇلار ھازىر چوڭ بولدى، ئەمدى تاياقنى مىلتىق قىلىپ، ئاغزىدا مىلتىق ئاۋازىنى دوراپ ئوينىمايدۇ،
ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا ئەپسۇسلىنىش، خۇددى مىلتىق ئۇلار خالىغانچە ئالالايدىغان نەرسىدەك.
ئۇلار شىمالىي قىرغاقتىكى توسمىغا كەلدى، بۇ يەردە بىر پارچە قۇملۇق يەر بولۇپ، ھەر يىلى تاشپاقىلار تۇخۇم قويىدىغان پەسىلدە مۇشۇ جايغا كېلەتتى، بىراق بۇ يىل تېخى بالدۇر.
ئەمەلىيەتتە تاشپاقىنىڭ بۇ يەردە تۇخۇم قويىدىغانلىقى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى دېيىلىپ كېلىۋاتقان ئىش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇلار يەنىلا بىرەر يېڭى بايقاشقا ئېرىشىپ قېلىش ئۈمىدىدە قۇملارنى دەسسەپ-چەيلەپ باقتى.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار يەنە بىر يەرنى ئىزدەشتى، ئۆتكەن يىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى يەنە بىر ئوغۇل بالا بىلەن شۇ يەردە قايسى قۇشخانىدىن كېلىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان كالىنىڭ ناھايىتى يۇغان داس سۆڭىكىنى تېپىۋالغان ئىدى.
ھەر يىلى تاشقىن سۈيى زور بىر تۈركۈم ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەرنى ئېقىتىپ كېلىپ قىرغاققا چىقىرىپ قوياتتى، بەزىلىرىنىڭ ھەجىمى غايەت چوڭ، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارمۇ ئۇچراپ قالاتتى، يۆگەپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان توك سىملىرى، ئىگىلىپ كەتكەن گۈرجەك، ئاشلىق قاچىلايدىغان كومزەك، يەنە ساپساق شوتا قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.
ھېلىقى كالىنىڭ داس سۆڭىكى لەيلەپ كەلگەن سىر دەرىخىگە ئىلىنىشىپ قالغان بولۇپ، قارىماققا سىر دەرىخىنىڭ شېخىغىلا ئوخشايتتى، چۈنكى ئاشۇ سىلىق دەرەخ شاخلىرى كالىنىڭ ياكى قانداغاينىڭ مۈڭگۈزىگە ئوخشاپ قالاتتى، بەزىلىرىدە تېخى ئاللىقاچان قۇرۇپ، قورۇلۇپ كەتكەن مېۋىلىرى بار بولاتتى.
ساس.فورنېس ھېلىقى دەرەخ ئارچىسنى توپتوغرا كۆرسىتىپ بەردى.
ئۇلار ئەتراپنى بىر ھازا ئىزدىگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە ھېچنىمە تاپالمىدى.
ھېلىقى بىر پارچە كالا سۆڭىكىنى ساس.فورنېس بىلەن ئېپى.دىېرلې رۇر ئىككىسى ئۆتكەن يىل مۇشۇ جايدا تېپىۋالغان، كالا سۆڭىكى توغرىلىق گەپ بولسىلا ساس.فورنېس ‹ئېپى ئېلىپ كەتتى› دەپلا جاۋاب بېرەتتى.
ھازىر ساس بىلەن بىللە كەلگەن ئىككى بالىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى جىمي بۇركس، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى باد. سائۇلت.
ئۇلار ساسنىڭ گېپىنىڭ باش ئاخىرىنى بىلىشىدۇ، ساس ئەزەلدىن بۇنداق چوڭ نەرسىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ باقمىدى، ناۋادا نەرسە كىچىك بولسا، يوشۇرىۋېلىشقا ئەپلىك بولسا ئاندىن ئۇ دادىسىدىن يوشۇرۇنچە ئۆيىگە ئېلىپ كېلەلەيتتى. ئۇلار ماڭغاچ قىممىتى بار بىرەر نەرسە ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن دېيىشتى. نەچچە يىل بۇرۇن تېپىۋالغان نەرسىلىرىنى ئەسلەشتى. تېپىۋېلىنغان رىشاتكىنى سالغا ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغىلى بولاتتى، ئېقىپ كەلگەن ياغاچ-ماتىرىياللارنى يىغىپ كىچىك ياغاچ ئۆي ياساشقا ياكى پىششىقلاپ ئىشلەپ كېمە ياساشقا بولاتتى.
ناۋادا ئىپار چاشقىنى تۇتىدىغان قىسماق تېپىۋالسا ئامىتىنىڭ كەلگىنى شۇ ئىدى، سىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سودا قىلالايتتىڭىز. ئاۋۋال يېتەرلىك ياغاچ ماتېرىيال تېپىپ كېلىپ پەشخۇن ياسىۋېلىپ، ئاندىن ئىپار چاشقىنىنىڭ تېرىسىنى سويىدىغان پىچاقنى ئوغۇرلاش كېرەك.
ئۇلار بىكار تۇرغان قوتانغا ئىگە بولۇشنى تىلغا ئېلىشتى، باشقىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ خالتا كوچىنىڭ ئىچىدە، بىر ئېغىز ئۆي ئىلگىرى يەم-خەشەكخانا قىلىنغان بولۇپ، قوتاننىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىنغان، بىراق دېرىزىدىن كىرگىلى بولۇشى مۇمكىن. كېچىدە دېرىزىدىكى تاختاينى ئېلىۋىتىپ، تاڭ
يورىغاندا يەنە جايىغا سېلىپ قويسا بولىدۇ. توغرا، قول چىراغ ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك!
ياق، پەنەر ئىشلىتىش كېرەك، چىراغ يورۇقىدا ئىپار چاشقىنىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىپ، تاختايغا چاپلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن بازارغا ئاپارساق، يۇقىرى باھادا ساتىمىز.


ئۇلار سۆزلەشكەنسېرى خۇددى راستىنلا مۇشۇنداق ياخشى ئىشقا يولۇقۇپ قالغاندەك ھاياجانلىنىپ كېتىشتى، كېيىن بىردىنلا بۇنداق قىممەت باھالىق تېرىنى قوتانغا قويۇپ قويسا بىخەتەر بولماسلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئاندىن بىرسى قېلىپ كۈزەتتە تۇرىدىغان قالغانلىرى داۋاملىق قاپقان قۇرىدىغان بولۇشتى. ھېچكىم كۈندۈزى مەكتەپكە بېرىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى.
شەھەردىن چىققاندىن بۇيان ئۇلار مانا مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ كېلىۋاتاتتى. بەئەينى ئۇلار تامامەن ئەركىن ئادەملەردەك، خۇددى ئۇلار ئەمدى مەكتەپكە بارمىسىمۇ بولىدىغاندەك، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنمۇ بىللە ياشىشىنىڭ ھاجىتى يوقتەك، يېشى سەۋەبلىك كەمسىتىلمەيدىغاندەك، يەنە كېلىپ ئۇلار ھەرىكەت قىلسا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلسا، كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىنى، بۇ سەھرا ھەم باشقىلار تەييارلاپ قويغاندەك، ئۇلار ئازراقلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلسا، ئازراقلا كۈچەپ قويسا بولىدىغاندەك ھېسسىياتتا گەپ قىلىشاتتى.
بالىلارنىڭ شەھەر سىرتىدىكى سۆھبىتىدە يەنە بىر ئۆزگۈرۈش بولغان ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار بىر-بىرسىنى ئاساسەن ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرمايۋاتاتتى،
ھەتتا بارد دېگەن ئىسىمنىمۇ ئېغىزغا ئېلىشمىدى، مەكتەپتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك بىردىن لەقىمى بار بولۇپ، بەزى لەقەملەرنى ئادەمگە قاراپ ياكى ئۇلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىغا قاراپ قويۇشىۋالغان ئىدى، مەسىلەن: پالكۆز ياكى ۋىت-ۋىت...دېگەندەك. يەنە سېسىق قوڭ، توخۇ ئوغرىسى دېگەندەك لەقەملەر شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ياكى راس يالغىنى ئېنىق بولمىغان ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ياكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولاتتى، چۈنكى بۇ خىل لەقەملەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپمۇ قالاتتى.
بالىلار سەھرادىكى چاتقاللىقتا ياكى دەريا بويىدىكى ئوتلاقتا ئويناۋاتقاندا، بۇ لەقەملەرنىڭ ھەممىسىنى بىرەر قۇر ئاتاپ چىقىشتى. ئەگەر ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولسا
«ھەي!» دەپلا چاقىراتتى، ئاندىن ئەدەپسىز، چوڭلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان ھەم دېيىلسە كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان لەقەملەرنى ياغدۇرۇۋېتەتتى. چۈنكى بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ تەققى-تۇرقى، ئادىتى، ئائىلىسى ھەم شەخسىي تارىخىنى ئەرزىمەس ئىشلار دەپ قارايتتى.
لېكىن ئۇلار ئۆز ئارا قارشى تەرەپنى دوستۇم دەپ قارىۋالمايتتى، ئۇلار ھەرگىزمۇ پالانچى مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ، پۇستانچى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېمەيتتى، قىزلارغا ئوخشاش بۈگۈن سەن ياخشى، ئەتە ئۇ ياخشى دېيىشىپ ئادەم قىينىمايتتى، ئۇلار تۇرىۋاتقان رايوندا ئۇلار دىمەتلىك بالىلاردىن ئون نەچچىسى بار، مەيلى كىم بولسۇن ئۈچىسىنىڭ ئارىسىدىكى ھەر قاندىقىنىڭ ئورنىنى باسالايتتى، بۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ يېشى كۆپ بولسا توققۇز ياشتىن ئون ئىككى ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، ھويلا ھەم مەھەللىلەر ئەمدى ئۇلارنى باغلاپ تۇرالمايتتى، خىزمەت
قىلسۇن دېسە يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا دۇكاننىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈش ياكى تاماق توشۇش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ بۇيرىغىلى بولمايتتى.ئۇلار ئاساسەن بازارنىڭ شىمالى تەرىپىدە ئولتۇراتتى، بۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق ئىشلارنى تېپىپ ئىشلىيەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھېچكىم
ئاپلېبي ياكى كانادا ئىنىستىتوتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلمەيتتى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كەپىدە ئولتۇرىدىغان بالىلارمۇ ئەمەس، تۇققانلىرىنىڭ ئىچىدە تۈرمىدە ياتقانلارمۇ يوق. لېكىن گەپ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، ياشاش شارائىتى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈستىدە بولغاندا پەرقنىڭ ئىنتايىن چوڭلىقى بىردىنلا بىلىنىپ قالاتتى،
بىراق ئۇلار بازاردىن چىقىپ، ناھىيە تۈرمىسى، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ يارغۇنچىقى، چېركاۋنىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسى كۆرۈنمىگۈدەك يەرگە بېرىۋالسىلا، بۇ پەرقلەر سەللىمازا ئۇنتۇلاتتى.
ئۇلار قايتىش يولىدا سۈرئىتىنى تېزلەتتى، بەزىدە ئۇچقاندەك ماڭسىمۇ يۈگۈرۈشۈپ كەتمىدى. ئۇلار ئەمدى كەپسىزلىك قىلىپ سەكرەپ تاقلاشمىدى، سۇ ئازگاللىرىدىن كېچىشمىدى.
كەلگەندە قىلىشقان ئاشۇ شوخلۇقلىرى، ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى ئەمدى يوق. قىيان ئېقىتىپ كەلگەن ھەر بىر نەرسە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى،بىراق ئۇلار ئانچە ھايال بولۇپ كەتمىدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوڭلارغا ئوخشاش ئالدىراۋاتاتتى، ئەڭ مۇۋاپىق يولنى تاللاپ، سالماق قەدەم باساتتى، ئەمدى قاياققا بېرىش، قانداق قىلىش توغرىلىق ئويلىشاتتى.
كۆز ئالدىدىكى بايىقى بىر مەنزىرە ئۇلارنى بۇ رېئاللىقتىن ئايرىۋەتكەن ئىدى، بۇ مەنزىرىنى كۆپ قىسىم چوڭلارمۇ ھاياتىدا تېخى ئۇچرىتىپ باقمىغان. سۇ كۆلچىكى، ماشىنا، بىلەك ھەم قول...
ئۇلاردا ئورتاق بىر تۇيغۇ بار، ئۇلار مەلۇم بىر جايغا بارغاندا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراپ كېتىشى مۇمكىن، يول بويى ئۈنلۈك توۋلاپ كىچىك بازارغا كىرىشى مۇمكىن، ئېلىپ كەلگەن خەۋىرىنى ھەممەيلەنگە ئاڭلىتىدۇ، بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى چوقۇم چۆچۈپ كېتىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىنى قەيسەر، قورقماس كۆرسەتمەكچى بولۇشۇپ،بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۆمۈر رىشاتكىنى بويلاپ چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ئويلاشمىدى.
شۇنداق بولغانكىن پىيادىلەر يولىدىن ماڭسىمۇ بولۇۋېرەتتى.
جىددىي ئايلانما بار ئاشۇ تاش يولدىن پورتتىكى مەيدانغا بارغىلى بولاتتى، بىراق بالىلار بۇ يولدىن ماڭماي، تۆمۈر يول لاپىسىغا يېقىن يەردىكى چىغىر يولنى بويلاپ مېڭىپ ئۇدۇللا دەريا قېشىغا ياماشتى. سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سائىتى داڭ ئۇردى، بۇ 12 دىن چارەك ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى.
كۆپچىلىك ئۆيىگە قايتىپ ئىسسىق تامىقىنى يېيىشكە ئالدىرىشاتتى، ئۇلارنىڭ ئۈستەللىرىدە كالا گۆشى پۆرىسى،قېزا، قاينىتىلغان كالا گۆشى ھەم يېسۋىلەك تۈرمىلى، ھوردالغان بەرەڭگە ياكى بەرەڭگە ئومىچى، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن قومۇش چېچىكى، كۆكچېچەك ھەم قايماقلىق پىياز قاتارلىق كۆكتاتلار بار ئىدى. (ئاز بىر قىسىم باي خانىملار ھەم تاماق ئېتىشكە قېرىقلار سۇياپ ياكى قايماقلىق كۆك پۇرچاق كانسىرۋاسى ئېچىپ قوياتتى) ئەلۋەتتە بولكا، قاتلىما، مېۋە مۇرابباسى قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەر ھەم ھەر خىل پۆرىلەرمۇ كام بولسا بولمايتتى.
بويتاقلاردىن تارتىپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيىگە قايتالمىغانلارمۇ كانپۇلاندىكى دۇك سارىيىغا ياكى سودا مېھمانسارىيىغا بارسىمۇ، ياكى بەك ئاۋارە بولغۇسى كەلمەي شىيا قاۋاقخانىسىنىڭ ئانچە پاكىز بولمىغان ئەينىكىنىڭ كەينىدە بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىپ ئولتۇرسىمۇ، يەيدىغىنى يەنىلا مۇشۇنداق يېمەكلىكلەر ئىدى.
چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە قايتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر، ئاياللار بۇ ۋاقىتتا ئۆيىگە كېلىپ بولغان بولىدۇ، ياكى ئۇلار ئەزەلدىنلا ئۆيدە ئىدى.
بەزى ئوتتۇرا ياش ئاياللار دۇكانلاردا ياكى ئىشخانىلاردا ئىشلەيتتى، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېرى بىر بولسا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ياكى كېسەلچان، ياكى ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن ئېرى بولۇپ باقمىغان.
ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن دوست، نېرىقى كوچىدا كۆرۈپ قالسىمۇ توختىتىۋېلىپ ئەھۋال سوراپ كېتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تېتىك، شوخ تەلەپپۇزى ئادەمگە يىراقتا قالغان بالىلىق دەۋرلىرىدىكى ئىشلارنى بىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، (بۇد. سائۇلت بۇ كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشقا ئەڭ ئۆچ، كىشىلەر ئۇنى شاكىچىك دېيىشىدۇ.

ئەرلەر بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا ھەر قانچە تونۇش بولۇپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشمايدۇ، ئۇلارنى:‹ھوي بالا، شاكىچىك، ئەپەندى› دەپ ئاتىشىدۇ،
-ياخشىمۇ سەن ئەپەندى،
-ھوي بالا ئۆيگە قايتقان ئوخشىمامسەن.
-ھەي شاكىچىكلەر، چۈشتىن بۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭلار؟
بۇنداق سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا ھەزىل ئارىلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا پەرقلىق ئىدى، شاكىچىك دېگۈچىنىڭ مىجەزى ھەي بالا دېگۈچىدىن ياخىشىراق بىلىنەتتى، ھېچ بولمىسا ئۇ ياخشى تەسىر بېرىشقا تىرىشاتتى. ‹ھەي بالا!› بەلكىم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تەنبىھلەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دېيىلىۋاتقان ئىش مۇجمەل بولۇشىمۇ، كونكىرتنى بولۇشىمۇ مۇمكىن، شاكىچىك دەپ چاقىرغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ئۇنۇتمىغان تېخى كىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى، ‹ئەپەندىم› دېگەنلىك ئەخمەق قىلىش، مەسخىرە قىلىش مەنىسىدە ئىدى، بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكۈچى سىزنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر ئاسان ئاچچىقلانمايتتى.
بالىلار جاۋاب بەرگەندە كۆپىنچە بېشىنى كۆتۈرۈپ خانىملارنىڭ سومكىسىغا ياكى ئەرلەرنىڭ كۆزىگە قارىمايتتى. ئۇلار ئېنىق قىلىپ: ‹ياخشىمۇ سىز!› دەيتتى، ئەگەر ناۋادا ئۇنداق قىلمىسا، بەلكىم بەزى ئاۋارىچىلىقلارغا قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
كىشىلەر ئۇلاردىن سوئال سورىغاندا، ئۇلار:‹شۇنداق ئەپەندى!›، ‹ياق ئەپەندى!› دەيتتى، ياكى ‹ھېچ ئىش بولمىدى› دېيىشەتتى.
بولۇپمۇ بۈگۈن بۇنداق سوئال سورىغان ئاۋازلار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ سالماق بولۇپ كەتتى.
بىر كوچىنىڭ يەنە بىر بېشىغابارغاندا ئۇلار خوشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولۇشتى، ساس.فورنېس دائىم ھەممىدىن بەك ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرايتتى.‹-چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كۆرىشەيلى!› دەپ قويۇپ بىرىنچى بولۇپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
-توغرا، چۈشتىن كېيىن بىر يەنە شەھەرگە كىرىمىز،-دېدى باد.سائۇلت.
ئۇلار ئۇنىڭ چۈشتىن كېيىن بازاردىكى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىمىز، دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، نۆۋەتتە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش. بىراق ئۇلار ئۆيىدىكىلەرگە بۇ ئىشنى دېيىش-دېمەسلىك توغرىلىق ئۆز-ئارا ھېچنىمە دېيىشمىدى، باد. سائۇلت بىلەن جىمېي. بۇركىس دەپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ساس ئەزەلدىن ئىشلىرىنى ئۆيىدىكىلەرگە دەپ يۈرمەيدۇ.
ساس.فورنېس يالغۇز بالا، ئاتا-ئانىسى باشقا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ياشقا چوڭدەك كۆرىنىدۇ، بەلكىم تەقدىر-پېشانە ئۇلارنى بالدۇر قېرىتىپ قويغاندۇ!؟ ساس دوستلىرى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، بۇرۇنقىدەكلا ئەڭ ئاخىرقى كوچىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئالدىرىغانلىقى
ياكى مۇشۇنداق قىلسام پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى بۇ كوچا قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئانىسى ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئىنتايىن ياخشى ئۇ ئاللىقاچان ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، لېكىن ئۇچىسىدا ئۇخلاش كىيىمى بار ئىدى، دادىسى ئۆيدە يوقكەن، بۇمۇ بولغىنى، دادىسى ئاشلىق ئامبىرىدا ئىشلەيدۇ، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن دەم ئالىدۇ، بۇ ۋاققىچە كەلمىگەن بولسا، كانپۇلانغا كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۇنىڭ بىلەن كەچتىلا يۈز كۆرۈشكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ ساس. فورنېس. ۋوللېيىدە ساس دېگەن بۇ ئىسىمنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ ھەم ئامراقلىق قىلىشىدۇ.
ئوتتۇز-قىرىق يىللاردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بەزىلەر ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا، دېيىلىۋاتقان كىشىنىڭ چوڭ ساس ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.
ئەگەر بازارغا كېيىن كەلگەنلەر:‹بۇ ساس ئەمەسقۇ؟› دېسە، ھېچكىم قايسى ساس دەپ سوراپ ئولتۇرمايلا:‹-بۇ ساس ئەمەس، بىز ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يەنى چوڭ ساسنىڭ گېپىنى قىلىشىۋاتىمىز.› دەيدۇ.
كىشىلەر دائىم ساس فورنېس دوختۇرخانىغا بارغان ياكى ئاپىرىلغان ئاشۇ ئىشنى دېيىشىدۇ، ئۇ بەلكىم ئۆپكە كېسەل ياكى باشقا ئېغىر كېسەل بىلەن ئاغرىغاندۇ، ئۇ چاغدا ئۇ ئوتتەك قىزىپ تۇراتتى. سېسترا ھۆل قىلىنغان لۆڭگە ھەم كىرلىك بىلەن ئۇنى يۆگەپ قىزىتمىسىنى چۈشۈرمەكچى
بولدى. ئۇ تازا بىر تەرلىگەندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن كىرلىك سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ تېنىدىكى نىكوتىننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى،
سېسترا ئەزەلدىن بۇنداق بىمارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. لېكىن ساس بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ:
-ئون يېشىمدىن باشلاپلا تاماكا يوپۇرمىقى بىلەن ھاراق بوتۇلكىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغانمەن،- دېدى.
كىشىلەر يەنە ئۇنىڭ چېركاۋغا بارغان ئىشىنى دېيىشتى، ئۇنىڭ چېركاۋغا بارغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ بىر باپتىسلار چېركاۋى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى باپتىسلار مەزھىپىنىڭ مۇرىتى بولغاچقا، ساس ئايالىنى خۇش قىلىۋېتىش خىيالىدا چېركاۋغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بارغان يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدا نەزىرە ئېشى تارقىتىلىۋاتقان ئىكەن.
-بولكا ھەقىقىي بولكا بولسىمۇ ھاراق ئورنىغا ئۈزۈم شەربىتى بېرىلىپتۇ، بۇ نېمە؟ ئەگەر بۇ ئەيسانىڭ قېنى بولسا، ئۇ ئەبلەخ چوقۇم قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانكەن،-دەپ توۋلاپ كەتكەن ئىكەن ئۇ شۇ چاغدا.
فورنېسلارنىڭ ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق تەييارلىنىۋاتاتتى، ئۈستەلدە كېسىپ قويۇلغان تۇزلۇق بولكا تۇراتتى، ياغدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تەييارلانغان بىر قۇتا قىزىلچا توغرامچىسى بىلەنبىر نەچچە پارچە ئىتالىيە قېزىسى تۇخۇمدىن كېيىن ياغقا سېلىنىشى كېرەك بولغاچقا، ئىسسىق تۇرسۇن دەپ ئوچاق
بېشىغا قويۇپ قويۇلغان ئىدى.
ساسنىڭ ئانىسى تۇخۇم پۇشۇرىۋاتقان بولۇپ، ئوچاق سۇپىسىغا يۆلىنىپ قالغان ئىدى،بىر قولىدا كەپكۈر،يەنە بىر قولىدا قورسىقىنى مۇجۇقلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
ساس كەپكۈرنى ئېلىپ ئۆزى تۇخۇم پۇشۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ ئوتنىڭ تەپتىنى يۇقىرى بولۇپ كېتىپتۇ دەپ قاراپ، توك ئوچاقنىڭ ئوتىنى پەسلەتتى، ئاندىن ئوچاق بېشى مۇزلىغىچە تاۋىنى ئېلىۋەتتى، بۇنداق قىلغاندا تۇخۇمنى يۇمشاق پۇشۇرغىلى بولاتتى، تۇخۇم ئېقى ئاسانلىقچە كۆيۈپ كەتمەيتتى. ساس قازاندىكى كونا ماينى يۇيۇۋېتىپ يېڭى ماي ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ئۇنىڭ ئانىسى دائىم قازاندا ئېشىپ قالغان ماينى يۇيۇۋەتمەيتتى، زادى ئامال بولمىغاندا ئازراق ماي قۇيۇپ سالمىسا، ئاشۇ ماينى نەچچە ۋاق تاماققا ئىشلىتىۋېرەتتى.
ھازىر ئوچاقنىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇۋاپىقلاشتى، ساس تاۋىنى ئوتقا قويۇپ، تۇخۇمنىڭ گۈللۈك گىرۋەكلىرىنى ئېھتىيات بىلەن يۇمىلاق شەكىلگە كىرگۈزۈشكە باشلىدى.
ئۇ بىر پاكىز قوشۇق بىلەن قازاندىكى قىزىق مايدىن ئېلىپ تۇخۇم سېرىقىغا تېمىتتى، ئۇ ھەم ئانىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۇخۇم پۇشۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى. بىراق ئانىسى ساستەك ياخشى قىلالمايتتى، دادىسى تۇخۇمنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پۇشۇرغاننى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ تۇخۇمنى
قازان نېنىدەك يېيىتىپ، ئاياغنىڭ تۇمشۇقىدەك قاتۇرۇپ، ئاندىن بىر قەۋەت قارىمۇچ سېپىپ تەييارلايتتى، ساس دادىسىنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ بىلەتتى.
باشقا ئوغۇل بالىلار ئۇنىڭ بۇنداق ھۈنىرى بارلىقىنى بىلمەيتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش ساسنىڭ يەنە بىر مەخپىيەتلىكى بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. تاماقخانا دېرىزىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى، ياپون ساتىراشخانىسىنىڭ كەينىدە بىر ئۆلۈك بۇلۇڭ بار ئىدى، ساس ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى مۇشۇ يەرگە يۇشۇرۇپ قوياتتى.
ساس تۇخۇم پۇشۇرىۋاتقاندا، ئانىسى دېرىزە ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كوچىغا قاراۋاتاتتى.
ساسنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز كېلىپ يېمەكلىك ئىزدەپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇ مەس بولۇپ قالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ ئىش ھەركىتى ھاراقنىڭ مىقدارىغا قاراپ بەلگىلەنمەيدۇ، مەسىلەن: ئۇ ھازىر قايتىپ كەلسە، ساسنى تۇخۇم پۇشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن: ‹پەرتۇقىڭ نەدە؟› دەپ سورايدۇ ئاندىن ‹ساس چوقۇم ئەڭ قالتىس خوتۇن بولىدۇ.› دەيدۇ.
ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلاردا ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، ئەگەر كەيپى ياخشى بولمىسا، ئۇ ئاۋۋال ساسقا غەلىتە قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىدۇ، يەنە ئاشۇ مەسخىرىۋاز چىرايى بىلەن ئۇنىڭغا ئېھتىيات قىلىشنى دەيدۇ.
-سەن شۇمتەك، ياخشى ئاڭلاپ تۇر، مەن ساڭا دەپ قوياي، ئەڭ ياخشىسى دىققەت قىل!
ھەر دائىم مۇشۇنداق چاغلاردا، ساس دادىسىغا ئالىيىپ قويسا، ياكى قارىمىسا، كەپكۈرنى تاشلىۋەتسە ۋە ياكى بىر ياققا ئۆتۈپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھېچنىمىگە چېقىلماي، ئاۋازمۇ چىقارمىسا، ئىش قىلىپ ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىي نەزەر دادىسى ھامان ئازابلىق بىر توۋلايدۇ،
چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، ھۆرپىيىپ ئىتقىلا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر ئىش. راستىنلا بەك كۈلكىلىك، بىراق دادىسى شۇنچىلىك ئەستايىدىل بولۇپ كېتىدۇكى، كەينىدىنلا پول قاچا-قۇچا سۇنۇقلىرى ھەم يېمەكلىكلەرگە تولۇپ كېتىدۇ. ئۈستەل-ئورۇندۇقلار ئۆرىۋېتىلىدۇ. ئۇ
ساسنى قوغلاپ ئۆيگە بىر كېلىدۇ، بۇ قېتىم ئۇنى قانداق ئەدەبلەيدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بېشىنى ئوچاققا بېسىۋىلىپ، قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى سورايدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز قېرى ساسنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالىسىز. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئىشىك چېكىلىپ، قېرى
ساسنىڭ ئاغىنىسى ئۇنى سىرتقا چىقىشقا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇ دەرھال چىرايىنى ئۆزگەرتىپ ئىشىكنى ئاچىدۇ، قىزىقچىلىق بىلەن مېھماننىڭ ئىسمىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئاتايدۇ.
ئاندىن:
-ھازىرلا ماڭايلى، سىزنى راستىنلا ئۆيگە تەكلىپ قىلغىم بار ئىدى،بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، خانىمىم يەنە قاچا-تەخسىلەرنى ئۇرۇپ چاققىلى تۇردى،-دەيدۇ.
مەيلى خەق ئىشەنسۇن ئىشەنمىسۇن، ئىش قىلىپ ئۇ ئۆيىدە يۈز بەرگەن بۇ غەۋغانى چاقچاق سۈپىتىدە يوشۇرماقچى بولىدۇ.
ئانىسى ساستىن:
-ھاۋا ئىللىپ قاپتىمۇ؟ چۈشتىن بۇرۇن نەگە باردىڭ؟-دەپ سورىدى.
-شۇنداق،-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ،-بىز دەريا بويىغا بېرىپ ئوينىدۇق.
ئانىسى بۇنى ئاللىقاچان ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان پۇراقتىن بىلىپ بولغانلىقىنى دەپ بەردى.
-تاماقتىن كېيىن نېمە ئىش قىلغۇم كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟-دەپ سورىدى ئانىسى،-مەن گىرىلكىنى ئېلىپ دەرھال كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلايمەن. ئەگەر ئىسسىپ قالسام، بىرەر ئىش قىلىش خىيالىغا كېلىپ قېلىشىم مۇمكىن.
مانا بۇ ئۇ داۋاملىق قىلىدىغان ئىش، بىراق ئۇ ھەر دائىم خۇددى ھازىرلا خىيالىغا كەلگەن، ئۈمىدكە تولغان ئۇلۇغ بىر قارارنى جاكارلاۋاتقاندەك بىر قېتىم جاكارلاپ قويىدۇ.
باد.سائۇلتنىڭ ئىككى ئاچىسى بار، ئەزەلدىن ئانىسى بۇيرۇپ تۇرمىسا دۇرۇس ئىش قىلىپ باقمايدۇ.
ئاچا-سىڭىل ئىككىسى كۈن بويى ئۆيدىن چىقماي، سورۇن تاللىماي چاچ ياساپ، تىرناق ئېلىپ، ئاياغ سۈرتۈپ، قېنىق گىرىم قىلىپ ئولتۇرىشىدۇ، ھەتتا ئىچ كىيىملىرىنى مېھمانخانىدا ئالماشتۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ تارغاق-سۈزگۈچ، تىرناق ئالغۇچلىرى، چاچ بوغقۇچ، ئۇپا-ئەڭلىكلىرى ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە چېچىلىپ ياتىدۇ.
يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلارغا يېڭىدىن دەزمال سالغان پلاش ھەم ئىچ كىيىملەرنى ئېسىۋېتىدۇ. ئۆينىڭ بىكار يېرى بولسىلا لۆڭگىلەر سېلىنغان، ئۈستىدە بولسا ئۇلارنىڭ قۇرۇتۇش ئۈچۈن تاشلاپ قويغان مايكىلىرى بار. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىگە يېقىنلىشىپ قويسىڭىزلا، ئۇلار ئالاتاغىل چىرقىراشقا باشلايدۇ.
ئىشىك ئالدىدىكى كىيىم ئاسقۇچنىڭ ئەينىكى، تاماق تەييارلاش سۇپىسىدىكى ئەينەك، ئاشخانا ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى ئەينەك، ئىش قىلىپ ئەينەكلا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىگە قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىدۇ. ئاشخانا ئۆينىڭ يېنىدىكى ئەينەكنىڭ ئاستىدا بىر تارتما بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچى دائىم قادىغۇچ، چاچ قىسقۇچ، مېتال تەڭگە، تۈگمە ھەم قېرىنداشتەك نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولىدۇ، بەزىدە ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، بىر پارچە ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنى ھەر خىل قىياپەتتە كۆرۈپ باقىدۇ، چىشىغا قاراپ باقىدۇ، چېچىنى ئارقىدىن بىر بوغۇپ باقىدۇ، يەنە قويىۋېتىپ، سىلكىپ ئالدىغا چۈشۈرۈپ باقىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەينەكنىڭ ئالدىدا يىگىرمە نەچچە مىنۇت تۇرىۋېتىدۇ، قاچانكى ئۆزىدىن رازى بولغاندا ياكى مۇشۇنچىلىك بولسا بولدى دەپ ئويلىغاندا نېرى كېتىدۇ، بىراق باشقا ئۆيگە چىقىپ يەنە بىر پارچە ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بايىقى ھەركەتلەرنى قايتا تەكرارلاپ باقىدۇ، خۇددى يېڭىدىن كاللا ئالماشتۇرغاندەكلا.
بۇ ۋاقىتتا باد.سائۇلتنىڭ چوڭ ئاچىسى يەنى ئۆزىنى چىرايلىق چاغلايدىغان شۇ بىرسى ئاشخانا ئۆينىڭ يېنىدىكى ئەينەككە قاراپ چېچىدىكى چاچ قىسقۇچنى ئوڭشاۋاتقان ئىدى. بېشىدىكى تۈرۈم-تۈرۈم پارقىراق چاچلىرى ئۇنى قۇلۇلىگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.
ئىككىنچى ئاچىسى ئاپىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئاشخانىدا بەرەڭگە ئۇمىچى تەييارلاۋاتاتتى. تۆت ياشلىق ئىنىسى تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا ۋېلكا پىچاقلارنى ئوينىغاچ:‹-تاماق پىشتى! تاماق پىشتى!› دەپ قوياتتى. ئىنىسى بۇنداق دېيىشنى دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغان، دادىسى بۇرۇن دائىم مۇشۇنداق چاقچاق قىلاتتى.
باد ئاستا ئىنىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بوش ئاۋازدا،-قارا ئۇنىڭغا، چاقماق قەنتنى بەرەڭگە ئۇمىچىغا سېلىۋەتتى،-دېدى.
ئۇ ئىنىسىنى، ئاچام ئاللىقاچان قەنتنى بەرەڭگە ئۇمىچىغا سېلىۋەتتى، خۇددى قۇرۇق ئۈزۈمنى بۇغداي ئۇيۇتمىسىنىڭ ئۈستىگە چېچىۋەتكەندەك، دەپ ئىشەندۈرۈپ بولغان ئىدى.
ئىنىسى ئەمدى غەلۋە قىلماي، غۇدۇراشقا باشلىدى:
-راستىنلا قەنت سېلىۋەتكەن بولسا، مەن بىر قوشۇقمۇ ئىچمەيمەن، ئاڭلاۋاتامسەن ئاپا! بىر قوشۇقمۇ ئىچمەيمەن!
-بولدى قىل!-دېدى ئاپىسى، ئۇ ئالما ياپراقچىسى، پىياز، چوشقا قوۋۇرغىسى، قېزا پىشۇرۇۋاتقاچ،-بوۋاق بالىدەك توختىماي غەلۋە قىلىۋەرمە!
-ھەممىنى باد ئۈگەتتى،-دېدى چوڭ ئاچىسى.
-بەرەڭگە ئۇمىچىغا قەنت سېلىۋەتتى،-بات دائىم ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دەيدۇ، ئەمما ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، نېمىنى ئاڭلىسا شۇنىڭغا ئىشىنىپلا قالىدۇ.
-بادنىڭ ئاغزىغا شاپىلاق يېگۈسى كەپتۇ،-دېدى بەرەڭگە ئۇمىچىنى قوچۇۋاتقان كىچىك ئاچىسى دورىس. بىر قېتىم ئۇ بادنىڭ يۈزىگە تىرنىقىنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.
باد تاماق ئىشكاپىنىڭ يېنىغا بېرىپ ساپسېرىق ھەم يۇغان بىر پۆرىنىڭ سوۋۇتۇشقا قويۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. باد ۋېلكىنى ئېلىپ تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوغرى مۈشۈكلەردەك پۆرىنى تېشىشكە باشلىدى. پۆرىدىن مىزىلىك دارچىن پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قىيمىدىن تېتىپ باققۇسى كېلىپ كەتتى، ئىنىسى ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، قورقۇپ ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمىدى، ئۇنى ھەممىسى ئەركىلىتىپ يامان ئۈگىتىپ قويغان، ئىككى ئاچىسى ئۇنىڭكىنىلا راس قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆي بويىچە بادنىلا ھۆرمەت قىلاتتى.
-تاماق پىشتى!-ئۇ يەنە ۋاقىراشقا باشلىدى، بىراق ئاۋازىدا بەلگە بەرگەندەك قىلاتتى.
دورىس تاماق ئىشكاپىنىڭ يېنىغا بەرەڭگە ئۇمىچىنى ئالىدىغان يۇغان قاچا ئالغىلى كېلىپ، بادنى كۆرۈپ قالدى، باد دىققەت قىلمايلا بىر پارچە پۆرە جىلتىسىنى تېشىپ قويدى.
-ئاپا، ئۇ يەنە پۆرىنى بۇلغىغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇ پۆرىنى ئوغرىلاپ يەۋېتىپتۇ!-دەپ توۋلىغىلى تۇردى دورىس.
-سېسىق ئاغزىڭنى يۇم،-دېدى باد.
-پۆرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئادەم تىللاشقا، چېقىشتۇرۇشقا بولمايدۇ! سىلەر ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار!-دېدى ئانىسى سۈرلۈك تەلەپپۇزدا.
جىمېي، بوركىس ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تامىقىنى يەۋاتاتتى. بۇ بىر چوڭ ئائىلە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، تۆت ياشلىق ھەم ئالتە ياشلىق ئىككى سىڭلىسى مومىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، مومىسىنىڭ ئۆيىدە يەنە مالى ھاممىسى بىلەن تېخى ئۆيلەنمىگەن فۇرېد تاغىسى بار. جىمېينىڭ دادىسى ئۆينىڭ كەينىدە ياسىۋالغان كەپىدە ۋېلىسىپىت ياسايدۇ، ئانىسى خوناك مىلىچ ماللار شىركىتىدە مال ساتقۇچى.
جىمېينىڭ دادىسى 22 ياش ۋاقتىدا، يۇلۇن سۇر ماددىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، كېسەللىك ئاسارىتى قالغان ئىدى، ھاسا تاياقتا بىلىنى ئېگىپ مۈكچىيىپ يول يۈرەتتى. گەرچە ئۇنىڭ قىياپىتى غەلىتە بولسىمۇ باشقىلار ئەزەلدىن ئۇنى دوراپ مەسخىرە قىلمايتتى.
ئۇ ئىلگىرى ئىنتايىن قالتىس كالتەك توپ ماھىرى ئىدى، مۇز توپنىمۇ يامان ئەمەس ئوينايتتى، شەھەرلىك ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ گەۋدىسىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئىزنالىرىنى ھېلىمۇ تاپقىلى بولاتتى. ئۇ پات-پات بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىپمۇ قويىدۇ، تۇرمۇشقا قىزغىن باقىدۇ، بىر جۈپ كۆزىدىن ئەكس ئېتىپ تۇرغان ئۇيقۇسىزلىق ئازابلىرىنى ئىقرار قىلمايدۇ.
بۇ خىل كەيپىيات كىشىلەردە ئۇنىڭ ھازىرقى قىياپىتىگە بولغان توغرا قاراشنى پەيدا قىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ساس. فورنېسنىڭ دادىسىدەك ئۆيىگە قايتسىلا چىرايىنى ئۆزگەرتىۋالمايتتى.
ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئۆيى ئەمەس، ئۇ مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆيلەنگەن، بىراق ئۇ كېسەل بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن چاي ئىچۈرۈلگەن بولغاچقا ئايالىنىڭ ئۇنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىدى. بۇنداق قىلغاندا بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئايالى سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە،
قېيىنئانىسى بالىلارغا قارىشىپ بېرەتتى. قېينانىسىغا نىسبەتەنمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئىنتايىن نورمال ئىش ئىدى، خۇددى ئۆزىنىڭ سىڭلىسى مالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغىنىدەكلا نورمال ئىدى.
يەنە ئۇنىڭ ئوغلى فورېد تولىمۇ خىجىلچان يىگىت ئىدى، جىمېينىڭ مومىسى ئۇنى مۇۋاپىق ئۆي تېپىپ، كۆچۈپ كەتكىچە ئەلۋەتتە بۇ ئۆيدە تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايتتى.
بۇ ھەر قانداق ئېغىرچىلىقلارغا پىسەنت قىلمايدىغان ئائىلە. ئەمەلىيەتتە ھېچكىم جىمېينىڭ دادىسىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە گەپ قىلمايدۇ، ياكى مالى ھاممىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى ئائىلىدىكىلەرگە يۈك دەپ قارىمايدۇ، شۇنداقلا فورېدقىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. بەخت بىلەن كېلىشمەسلىك
ئايرىلالمايدۇ، تۇرمۇشتىكى مۇھتاجلىققايەككە يېگانە يۈزلەنگىلى بولمايدۇ.
ئائىلىدىكىلەر جىمېينىڭ مومىسىنى قالتىس ئاشپەز دەپ ئىشىنىدۇ، ئىلگىرى شۇنداق بولغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئائىلىدە دەرىجىدىن تاشقىرى تىجەشلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ھۈنىرى ئازراق چېكىنىپ قالدى. بىراق ئۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى،
ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىرىمى ئۇلارنىڭ چىقىمىنى تامامەن قامداپ كېتەلەيتتى. جىمېينىڭ ئانىسى بىلەن تاغىسىنىڭ كىرىمى يامان ئەمەس ئىدى، مالى ھاممىنىڭمۇ بىر كىشىلىك پېنسىيە پۇلى بار ئىدى، رېمونتخانىنىڭ سودىسىمۇ ئاۋات ئىدى.
بىراق بۇرۇن ئۈچ تۇخۇم ئىشلىتىدىغان يەرگە ھازىر بىرلا تۇخۇم ئىشلىتىشىدۇ، گۆشناننىڭ قىيمىسىغىمۇ بىر ئىستاكان سۇلۇ قوشۇپ قويۇشىدىغان بولۇشتى. جىمېينىڭ مومىسى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تېتىتقۇلارنى كۆپرەك سالاتتى. رويالغا تەم تەڭشىگۈچ ئارىلاشتۇراتتى.
كۆپچىلىك ماختاپ تۇرۇپ يېيىشەتتى، ھېچكىم نازارى بولۇپ باقمايتتى. نارازىلىق بۇ ئائىلىدە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلەتتى.
ئەگەر بىرەرسى ئېھتىياتسىزلىقتىن يەنە بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتسە، ئۆزئارا كەچۈرۈم سورىشاتتى، ھەتتا كىچىك بالىلاردىنمۇ كەچۈرۈم سورايتتى.
تاماق ئۈستىلىدە شۇنچىلىك تەكەللۇپ قىلىشاتتىكى، خۇددى كۈندە مېھمان كېلىپ تۇرغاندەك قىلىشىپ كېتەتتى. كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتەتتى، بىر مۇنچە ئادەم بىللە ياشاۋاتقاچقا، تاملارنىڭ بىر نەرسە ئاسقۇدەك يېرى بولسىلا ئالا قويماي كىيىم-كېچەكلەرنى ئېسىۋېتەتتى. بالداقتا پەلتولار دۆۋىلىشىپ كېتەتتى، جىمېي بىلەن تاغىسى ياتىدىغان بېرزىنىت كارىۋات كۈندۈزى داۋاملىق ئاشخانا ئۆيدە يېيىقلىق تۇراتتى. دەزمال سالىدىغان، يامايدىغان بىر دۆۋە كىيىملەر تاماق ئىشكاپىنىڭ ئاستىدا تۇراتتى.
كۆپچىلىك پەلەمپەيدىن چۈشۈپ چىققاندا، ئىشىك ياپقاندا ئامال بار ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشاتتى، رادىئونى ئەزەلدىن يۇقىرى ئاۋازدا قويمايتتى، ئۆزئارا ئازراقمۇ گەپ تالىشىپ قالمايتتى.
بەلكىم مۇشۇنىڭ ئۆزىلا نېمە ئۈچۈن جىمېينىڭ شەنبە چۈشتە ئۆيىدىكىلەرگە ھېچنىمە دېمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتەرلىك بولسا كېرەك. ئۇ كۈنى جېمىيلا ئەمەس ساس بىلەن بادمۇ ئوخشاشلا ئۆيىدىكىلەرگە ئۇ ئىشنى تىنمىدى.
ساسنىڭ دادىسى ئەزەلدىن ئوغلىنىڭ بىرەر چوڭ بايقاشقا ئېرىشىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئوغلى بىر يالغانچى.
بىراق ئانىسى دادىسىنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قارايدۇ، ئۇ ئوغلى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆينىڭ تىنجىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ساسنى سۈكۈت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، جىمېي بىلەن بادنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوڭلۇق كىشىلەر بولغاچقا ئۇلارغا
بۇ ئىشنى دېسىمۇ بولۇۋىرەتتى. بولۇپمۇ جىمېي، ئەگەر ئۇ بۇ ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە دېسە، ئۇلار باشتا قورقۇپ كېتىپ جىمېيغا تاپا-تەنە قىلسىمۇ، ناھايىتى تېزلا جېمىينىڭ خاتالىقى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. بادنىڭ ئاچىسى قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىككى ئىشنى مەجبۇرى چېتىۋېلىپ، پەقەت بادتتەك قىلىقسىز كىشىلەرلا ئۆلۈككە ئۇچراپ قالىدۇ دەپ تۇرىۋالىدۇ.
بىراق ئۇنىڭ دادىسى زېرەك ھەم سەۋىرچان ئادەم، ئۇ ۋوگزالنىڭ يۈك توشۇش ئورنىدا ئىشلىگەچكە دائىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇ ئىككى قىزىنى جىمىقتۇرۇپ، ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن بادتىن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ بولۇپ، ئوغلىنىڭ يالغان ئېيتمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ساقچى باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلىشى مۇمكىن.
جىمېي بىلەن بادنىڭ ئۆيىدە شۇ شەنبە كۈنى نېمە ئۈچۈندۇر ئادەممۇ جىق، ئىشمۇ جىق بولۇپ كەتكەچكە، ئۆيىدىكىلەر بىلەن سۆزلەشكۈدەك پۇرسەت بولمىدى. ساسنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولۇپ، گەرچە دادىسى ئۆيدە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاچچىقلانغاندىكى تەلۋە قارام تۇرقى ساسنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىدى.
-سەن دېدىڭمۇ؟
-سەنچۇ؟
-مەنمۇ دېمىدىم.
ئۇلار بازار مەركىزىگە بارغۇچە بۇ يولدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، غەربىي پۇكا كوچىسىغا قايرىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ۋىللېنىس ئەپەندىلەر ئولتۇرۇشلۇق، سېمونت سۇۋاقلىق، ئايۋانلىق ئۆيىنىڭ ئالدىدىن كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۆينىڭ چوڭ ئىشىكىنىڭ ئىككى يېنىدا سىرتقا قارىتىپ ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ دېرىزە بار، ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەينىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپى ئىككى ئورۇندۇق قويغىدەك كەڭتاشا بولۇپ، يازنىڭ كەچقۇرۇنلىرى ۋىللىنىس ئەپەندى بىلەن خانىمى دائىم مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ سالقىندايدۇ.
ئۆينىڭ يان تېمىغا يانداشتۇرۇلۇپ بىر ئېغىز ئۆي سېلىنغان، ئىشىكى يولغا قارىتىلىپ ئېچىلغان ئىدى، ئىشىككە (كۆزەينەكچى ئۇستام M.D ۋىللېنىس ئەپەندى) دەپ يېزىلغان ئىدى، ئۈچ بالا بۇ ئۆيگە ئەزەلدىن كىرىپ باقمىغان، بىراق جىمېينىڭ ھاممىسى قەرەللىك كېلىپ كۆزىگە دورا تېمىتىپ تۇراتتى. مومىسى كۆزئەينەك ياساتقان ئىدى. بادنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزەينىكىمۇ مۇشۇ يەردە سەپلەنگەن ئىدى.
ئۆينىڭ سىرتقى تېمى تۇتۇق قىزىل رەڭدە، ئىشىك-راملىرى قېنىق چىلان رەڭدە،قىشتا ئىسسىقلىق ساقلايدىغان دېرىزە بازاردىكى باشقا ئۆيلەرگە ئوخشاش تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن، ئۆينىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە تەرىپى يوق، بىراق ئۆينىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكنىڭ خېلى داڭقى بار. ۋىللېنىس خانىم داڭلىق باغۋەن ئىدى. ئۇ جىمېينىڭ مومىسى ھەم بادنىڭ ئاپىسىدەك كۆكتاتلىقنىڭ قىرىغىلا ئۇزۇن بىر نەچچە رەت گۈل تېرىپ قويمايتتى. ۋىللېنىس خانىم ھويلىدىكى چىملىقنىڭ تۆت ئەتراپىغا يۇمىلاق ياكى يېرىم يۇمىلاق گۈللۈكلەرنى ياسىغان بولۇپ، دەرەخ غولىنىڭ چۆرىسىمۇ يۇمىلاق گۈللۈك قىلىنىپ ئىچىگە ھەر خىل گۈل-گىياھلار تېرىلغان ئىدى. يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن چىملىقتىكى نەركەس گۈللىرى ئېچىلىپ كېتەتتى. ھازىر بۇلۇڭدىكى ئېگىز ئۆسكەن قارىدان چېچەكلىگىلى تۇرغان بولۇپ، ئېگىزلىكىدىن پىشايۋانغا تاقاشقىلى ئازلا قالاتتى. فونتاندا چېچىلغان سۇلاردەك گۈل چاڭلىرى ھاۋانى قاپلىغان ئىدى. ئېگىز-ئېگىز قارىدان شاخلىرى شامال چىقمىسىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئارىسىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن بېغىر رەڭ بىر سايە چىقىپ كەلدى. ئۇ كونىراپ كەتكەن باغۋەنلەر كىيىمى كەيگەن ۋىللېنىس خانىم بولۇپ، ئۇ ھەركەتلىرى تازا قولاشمىغان ۋىجىك موماي ئىدى.
بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق كىيىۋالغان ئىدى، بەلكىم ئېرىنىڭ بولسا كېرەك، كۆزىگە كىيىلىپ قالغىلى تاس قاپتۇ. قولىدا گۈل قايچىسى باركەن. بالىلار ئۇنى كۆرۈپ دەرھال قەدىمىنى ئاستىلىتىشتى، ئۇلار ئۆزلىرىچە ۋىللېنىس خانىم بىزگە دىققەت قىلمايدۇ دەپ قالغان بولسا كېرەك، بىراق ۋىللېنىس خانىم ئۇلارنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ ئىلدام قەدەملەر بىلەن گۈللۈكتىن چىقىپ چوڭ دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ:
-قارىسام سىلەر قارىدانغا قىزىقىپ قالغاندەك قىلىسىلەر، ئۆيۈڭلەرگە ئازراقتىن ئېلىپ كېتىشنى خالامسىلەر؟-دەپ سورىدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇلار نەدىمۇ قارىداننىڭ چېچەكلىشىگە قىزىقىپ قالسۇن، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقىنى پۈتكۈل مۇھىت ھەم ئۆي، ئامبۇلاتورىيە ئىشىكىدىكى ئىسىم تاختىسى، يەنە سۈزۈك دېرىزە پەردىسى ئىدى. بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىدىن ھېچقانداق قورقۇنچ، شۇملۇق بايقىغىلى بولمايتتى.
سىز بۇلارغا قاراپ ۋىللېنىس ئەپەندىنى بۇ يەردە يوق، ئۇنىڭ ماشىنىسى ئارقا ھويلىدىكى ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئەمەس، جۇندىلادتىكى سۇ كۆلچىكىگە چۆكۈپ كەتتى دېيەلمەيتتىڭىز.
ھازىر قارلار ئەمدى ئېرىپ بولدى، ۋىللېنىس خانىم گۈللۈكىگە ئىشلىگىلى كەلدى، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىش، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بالىلارنى توختاپ تۇرۇڭلار دەۋاتقىنىنى، ئاۋازىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنىڭ دەستىدىن پۈتۈپ قالغانلىقىنى، تەلەپپۇزىنىڭ قوپاللىقىنى، رەت قىلغىلى بولمايدىغان لېكىن يەنىلا دوستانە ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايسىز.
ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، مەھەللىنىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-توختاپ تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە ئازراق ئۈزۈپ بېرەي،-دېدى ئۇ چاققانلىق بىلەن ئاچ سېرىق رەڭلىك گۈل شېخىدىن يېتەرلىك بولدى دېگۈدەك كېسىۋېلىپ بالىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ،-ئېلىڭلار! بۇنى ئاپاڭلارغا ئاپىرىپ بېرىڭلار، باھار پەسلىدە قارىدان گۈلىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر ئىش.
ئۇ سۆزلىگەچ گۈل شاخلىرىنى ئۈچكە بولدى.
-بۇنى گاللۇغا ئوخشاش ئۈچ قىسىمغا بۆلدۇق، ئەگەر سىلەر لاتىن يېزىقىنى بىلسەڭلار چوقۇم بىلىسىلەر.
-بىز تېخى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقمىدۇق،-دېدى جىمېي، ئۇ ئائىلىدە خانىملار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى.
-تېخى بىلمەمسىلەر،-دېدى ۋىللېنىس خانىم،-ئەمسە يەنە ئۆگىنىشىڭلار كېرەك ئىكەن، ئاپاڭلارغا دەپ قويۇڭلار، بۇنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قويسۇن، مەنچە ئاپاڭلار بۇنى چوقۇم بىلىدۇ. مەن كېسىۋالغان بۇ شاخلار تېخى غۇنچە تۇتمىدى، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.
بالىلار خانىمغا رەھمەت ئېيتىشىپ، گۈلنى ئېلىپ شەھەر رايونىغا قاراپ مېڭىشتى. ئۇلار كەينىگە قايتىپ، بۇ گۈللەرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئويلاپمۇ باقمىدى، ئۇ ئايالمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇلار كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، ئۇ ئايالنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغان-تۇرمىغانلىقىغا ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقتى.
ئۇ قارىماپتۇ، پىيادىلەر يولىغا يانداش سېلىنغان ئۆي ئۇنىڭ كۆزىنى توسىۋالغان ئىدى.
قولىدىكى بىر باغلام قارىدان بالىلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭسا غەلىتىلا تۇراتتى، تاشلىۋېتەي دېسە تېخى، مۇشۇ بىر باغلام قارىدان بولمىغان بولسا ئۇلار ۋىللېنىس ئەر-ئايالنى خىيال قىلغان بولاتتى.
ۋىللېنىس خانىم قانداقمۇ گۈللۈكتە ئىشلەپ يۈرگەندۇ؟ ۋىللېنىس ئەپەندى قانداق قىلىپ ماشىنىسىدا ئۆلۈپ قالغاندۇ؟ ۋىللېنىس خانىم ئېرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇ بىلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
ۋىللېنىس خانىم ئېرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا، ھەممە ئىش بۇرۇنقىدەكلا تۇرغاندەك قىلىدۇ، ھېچقانداق غەيرىلىك يوق.
ئۇ بالىلارنى كۆرگەنلىرىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى.
ئىككى قىزچاق ۋېلسىپىت مىنگىنىچە كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن قايرىلىپ ئۇلار تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بادنىڭ كىچىك ئاچىسى دورىس ئىدى. ئىككى قىزچاق دەرھال ھەيرانلىق بىلەن سۆزلەپلا كېتىشتى.
-ھەي قارا ئۇنىڭ گۈلىگە، نېمە دېگەن چىرايلىق، توي مۇراسىمى قەيەردە ئۆتكۈزىلىدۇ؟ قارىغىنە نېمە دېگەن چىرايلىق قىز قولداش بۇ!
باد ئۆزى ئويلىيالىغان ئەڭ زەھەرلىك گەپ بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
-ھەي، قارا! كاسساڭ قانداق بۇلغىنىپ كېتىپتۇ.
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كاسسىسىدا قان يوق ئىدى، بىراق بىر قېتىم دۇرىس مەكتەپتىن قايتقۇچە يوپكىسىنىڭ بىر يېرى ئازراق قان بولۇپ قالغان ئىدى، بۇنى يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى كۆرگەن ئىدى، بۇ ئىشنى ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ.
باد دۇرىسنى ئۆيگە بارغاندىن كېيىن چېقىمچىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، ئۇ قېتىملىق ۋەقە ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋەتكەن بولغاچقا بۇ قېتىم ئۇ بۇدنىڭ چىشىغا تەگمەكچى ئىدى. ئۇلار قولىدىكى گۈللەرنى بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، گۈللەرنى يول بويىدىكى ماشىنىنىڭ ئاستىغا تاشلاپ قويۇشتى، ئاندىن كىيىمىدىكى گۈل چاڭلىرىنى قېقىۋېتىپ، دوقمۇشتىن قايرىلىپ مەيدانغا قاراپ مېڭىشتى.
ئۇ دەۋرلەردە شەنبە كۈنى كىشىلەر ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم كۈن ھېسابلىناتتى. بۇ كۈنى شەھەر سىرتى ھەم سەھرالاردىن نۇرغۇن كىشىلەر شەھەرگە كىرىشەتتى، مەيداننىڭ ئەتراپى، كوچا بويلىرى توختاقلىق ماشىنىلارغا تولۇپ كېتەتتى، شەھەردىكى، سەھرادىكى ياش قىز-يىگىتلەر، بالىلار كىنوخانىدا كۈندۈزلۈك كىنو كۆرۈشەتتى.
ساقچى ئىدارىسىغا بېرىش ئۈچۈن كوچا رايونىغا جايلاشقان خۇناك مىلىچ ماللار دۇكىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. دۇكاننىڭ كوچىغا قارىغان ئەينەكلىك دەرىزىسىدىن جىمېي ئاپىسىنى كۆرۈپ قالدى.
ئۇ بۇرۇنلا قايتىپ كېلىپ بولغان بولۇپ، مودىلنىڭ شىلەپىسىنى تۈزەپ، كىيىمىنى ئوڭلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بويى ئېگىز بولمىغاچقا، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرغاندىلا بۇ ئىشلارنى قىلالايتتى.
ئۇ ئايىقىنى سېلىۋېتىپ، تىۋىتلىق پالاز ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەچكە، نېپىز پايپىقىدىن ئۇنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس كۆتۈرۈلۈپ تۇرىۋاتقان قىزغۇچ تاپانلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە يوپكىسىنىڭ كەينى چېكىدىن پاقالچاقلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى، يەنە ئازراق ئۈستىگە قارىسا ئۇنىڭ كەڭرى ھەم چىرايلىق ساغرىسى ئىدى. جىمېيغا ئۇنىڭ ئادەتتىكى غىڭشىشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى، بۇرنىغا ئاپىسىنىڭ پايپىقىنىڭ پۇرىقى پۇراۋاتاتتى، ئاپىسى ئۆيگە كىرىپلا پايپىقىنى ئىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ سېلىۋېتەتتى.
پايپاق بىلەن ئىچ كىيىم، ھەتتا ئاياللارنىڭ پاكىز يۇيۇلغان ئىچ كىيىملىرىدىنمۇ ئاياللارنىڭ سۇس ھەم سىرلىق پۇرىقى كېلىدۇ، بۇ پۇراق ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ ھەم كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ.
جىمېي ھازىر ئىككىلا ئىشنى ئارزۇ قىلىپ قالدى، بىرسى ھەمرالىرىنىڭ ئاپىسىغا دىققەت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلسا،(بىراق ئۇلار ئاللبۇرۇن كۆرۈپ بولدى، بىر ئانا بولغۇچىنىڭ ئاشۇنداق كىيىنىپ بازاردىكى ئاممىۋىي سورۇنلاردا يۈرۈشى ئۇلار ئۈچۈن بەكلا غەلىتە ئىش ھېسابلىناتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھېچنىمە دېيەلمىگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايتتى.) يەنە ئاپىسىنىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزىنى كۆرۈپ قالماسلىقىنى تىلەيتتى. ئۇ جىمېينى كۆرۈپ قالسىلا ئەينەكنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ئۇنى چاقىرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئاپىسى خىزمەت قىلغاندا ئۆيدىكى ئاشۇ ئېغىر بېسىق، مۇلايىملىقى يوق بولۇپ كېتەتتى، مۇلايىم ئەدەپلىك ئاپىسى بىردىنلا شوخلىشىپ قالاتتى، جىمېي ئىلگىرى ئاپىسىنىڭ بۇ تەرىپىدىن خۇش بولغان ئىدى. ئوخشاشلا خۇناك مىلىچ ماللار دۇكىنىمۇ ئۇنى شادلاندۇراتتى.
دۇكاننىڭ ئۇزۇن دېرىزىسىگە پارقىراق زىننەت ياغاچلىرى تۇتۇلغان بولۇپ، پەلەمپەينىڭ ئەڭ ئۈستىدە بىر نەچچە يۇغان تىكلىمە ئەينەك بار ئىدى، جىمېي ھەر قېتىم ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئاياللار كىيىملىرى بۆلۈمىگە كىرگەندە، ئاشۇ ئەينەكلەردىن ئۆزىنى كۆرەتتى.
ئاپىسى ئۇنى خىزمەتداشلىرىغا مېنىڭ كەپسىز شۇمتىكىم دەپ تونۇشتۇراتتى. بەزىدە ئۇنىڭغا بىر تەڭگە مېتال پۇلمۇ بىرەتتى. بىراق جىمېي ئەزەلدىن دۇكاندا ئۇزۇن تۇرمايتتى. خۇناك ئەپەندى بىلەن خانىمى بەلكىم ھازىرمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
‹كەپسىز شۇمتەك› شۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق چاقىرىش تەڭگىنىڭ جىرىڭلىشىدەك قۇلاققا خۇش ياقسىمۇ، لېكىن ھازىر ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.
ياخشى بولدى، ئۇلار ئاخىرى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈۋالدى.
ئەمدى بالىلار كانپۇلادىكى دوك سارىيىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ساس جىمېيغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئازىراقمۇ قورقمىدى، دادىسى چۈشلۈك تاماققا قايتمىغاندا، چوقۇم مۇشۇ يەردە بىر قانچە سائەت ھايال بولۇپ قالىدۇ، بىراق كانپۇلاد دېگەن بۇ ئىسىم ئۇنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدۇ. ئۇ تېخى بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا، ناھايىتى ئېغىر بىر نەرسە قاپقارا سۇ ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل ئىچىنىشلىق چۈشكۈن تۇيغۇدا بولاتتى.


كانپۇلادىكى دوك سارىيى بىلەن شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئارىلىقىدا شېغىل ياتقۇزۇلمىغان بىر خالتا كوچا بار، ساقچى ئىدارىسى شەھەرلىك مەھكىمىنىڭ كەينى تەرىپىدە. ئۇلار كىچىك كوچىغا كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئىچكىرى بىر جايدىن چىقىۋاتقان ۋاراڭ-چۇرۇڭنىڭ كوچىدىكى ئاۋازلارنى
بېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. دوك سارىيىدىكى ئاۋازلارنىڭ سىرتقا ئاڭلىنىپ كېتىشى ناتايىن، چۈنكى ساراينىڭ دېرىزىسى ھاجەتخانىلارنىڭ دېرىزىسىدەك كىچىك ھەم ئېگىز ئېچىلغان بولغاچقا ، ۋارقىراشقان ئاۋازلار سىرتقا ئاڭلىنىپ كەتمەيتتى. بۇ ئاۋازلار ساقچى ئىدارىسى تەرەپتىن
ئاڭلىنىۋاتاتتى.ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى چوڭ ئېچىۋېتىلگەچكە، يېقىن بارماي تۇرۇپلا، پاپروس ھەم غاڭزىنىڭ ئاچچىق ئىسى پۇرايتتى.بۇ يەردە قىشتا مەش بار، يازدا شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىدۇ، لېكىن بۈگۈنكىدەك ھاۋا ياخشى كۈنلىرى، ئىشىكنى ئۇلۇغ ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇراتتى، بولۇپمۇ شەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن ئىدارىدە ئولتۇرغانلار خاسلا ساقچىلار بولماي قالاتتى. پولكوۋنىك بۇركسمۇ ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن، بالىلار سىرتتا تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ بوغۇق ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ زىققا كېسىلى بار ئىدى. كۈلگەندە خېلىغىچە خىقىراپ قالاتتى.
ئۇ جىمېينىڭ تۇغقىنى ئىدى، بىراق جىمېيلار بىلەن ئانچە قويۇق بېرىش كېلىش قىلمايتتى، سەۋەبى ئۇ جېمىينىڭ دادىسىنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلمىغان ئىدى، كېيىن پولكوۋنىك جىمېينى كۆرگەندە، ھەيرانلىق بىلەن مەسخىرە قىلغاندەك پاراڭلاشقان ئىدى.جىمېينىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ئەگەر پولكوۋنىك پۇل ياكى باشقا نەرسىلەر بەرگۈدەك بولسا، ھاجىتى يوق دېگىن دەپ ئۆگەتكەن ئىدى، بىراق پولكوۋنىك بۇركس جېمىيغا ھېچنېمە بېرىپ باقمىدى.
پوللوك ئەپەندىمۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بار، ئۇ دورىخانىدىن پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن. يەنە فلوسس ئەپەندىمۇ بار. ئۇ گەرچە پۈتۈنلەي ئەقلىدىن ئازمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز قالغان ئىدى، چۈنكى ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە زەھەرلىك گازدا زەھەرلەنگەن ئىدى.
ئۇلار كۈندە قارت ئوينايتتى، تاماكا چېكىشەتتى، ھېكايە ئېيتىشىپ، قەھۋە ئىچەتتى( بادنىڭ دادىسىنىڭ دېيىشىچە ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى خەجلەيتتى.)
كىمدە كىم ئەرز ئېيتقىلى ياكى بىرەر ئىشنى دوكلات قىلغىلى كەلسە ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى، يەنە تېخى ئۇلار ئاڭلاپ قالسا، يولىنى توسىۋېلىپ سوراق قىلىشتىن يانمايتتى.
بالىلار دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالدى، ھېچكىم ئۇلارغا دىققەت قىلمىدى، پولكوۋنىڭ بۇركىس باشقىلارغا گەپ قىلىۋاتاتتى، ئۇ ھە دەپ:‹-مەن تېخى ئۆلمىدىم!› دېگەن ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزىنى قايتىلاۋاتاتتى. بالىلار بىشىنى تۆۋەن قىلىپ، شېغىللارنى دەسسەپ ئاستا كىرىپ كەلدى، ئۇلار ساقچى ئىدارىسنىڭ تام تۈۋىدىن ئۆتۈپلا قەدىمىنى تېزلەتتى، ھاجەتخانىنىڭ تېمىدا تېخى يېڭىلا چاپلىشىپ قالغان مەينەت تۈكۈرۈك ئىزى بار ئىدى، تاش يولدا يەنە تېخى ئىككى دانە قۇرۇق ھاراق بوتۇلكىسى تۇراتتى. بالىلارغا ئەخلەتخانا بىلەن بازارلىق مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئېگىز دېرىزىسىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى، ئاندىن ئۇلار شېغىللىق
يولدىن ئايرىلىپ مەيدانغا قايتىپ كەلدى.
-مەندە پۇل بار،-دېدى ساس. ئۇنىڭ بۇ مەردانە جاكىرىدىن بالىلارنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ قالدى. ساس قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ مېتال پۇللارنى شاراقشىتىپ قويدى.
ئۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قاچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى دەپ قويۇش ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە ئاپىسى بەرگەن پۇل ئىدى.
-ئۆزۈڭ كىيىم ئاسقۇچتىن بەش تەڭگە ئېلىۋال،-دېگەن ئىدى ئاپىسى.
بەزىدە ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئازراق پۇل پەيدا بولۇپ قالاتتى، بىراق ساس ئەزەلدىن دادىسىنىڭ ئاپىسىغا پۇل بەرگىنىنى كۆرۈپ باقمىدى.
ھەر قېتىم ئاپىسى ئۇنىڭغا پۇل بەرگەندە، ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشتىن خىجىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، ئۇ ئوغلىنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلاتتى، ئوغلى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىناتتى.
ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ھەر قانچە ئۇ بەرگەن پۇللارغا ئامراق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاپىسىغا ئۆچ بولۇپ كېتەتتى. بولۇپمۇ ئۇنى ياخشى بالا دەپ ماختىغاندا، ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق ئىشلىرىدا، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى يوق دەپ ئويلاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانلىرىدا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتەتتى.
ئۇلار پورتقا تۇتىشىدىغان چوڭ يولغا قاراپ مېڭىشتى، باكۇئېت رېمونتخانىسىنىڭ يېنىدا يېمەكلىك ساتىدىغان بىر يايما بار ئىدى، يايما غوجايىنى باكۇئېت خانىم بۇ يەردە ساندۇۋىچ، مارۇژنى، قەنت-گېزەك ھەم تاماكا ساتاتتى. بۇرۇن بىر قېتىم باكۇئېت خانىم ئۇلارغا تاماكا سېتىپ
بەرگىلى ئۇنىمىغان ئىدى، ھەتتا جىمېي بۇركىس تاغامغا سېتىۋالىمەن دېسىمۇ ئۇنىمىغان ئىدى، بىراق ئۇ بۇ ئىش توغرىلىق ئۇلارغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرمىدى، ئۇ يېگەن ئىچكەندەك، چىرايلىق كانادالىق فرانسۇز ئىدى.
بالىلار ئازراق بۇيا شىرنىسى قوشۇلغان، ئۈستىدە قارا ھەم قىزىل زىننەتلىرى بار تاتلىق-تۈرۈملەردىن سېتىۋالدى. ئۇلار چۈشلۈك تاماقنى سىڭدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مارۇژنى ئېلىپ يېمەكچى بولۇشتى، يېقىن ئەتراپتا بىر دەرەخ بولۇپ، غولىغا كونىراپ كەتكەن ماشىنا ئورۇندۇقىدىن ئىككىسى يۆلەكلىك
تۇراتتى، يازدا كىشىلەر ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ سالقىندىۋالسا بولاتتى، ئۇلار شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن تاتلىق-تۈرمىلىرىنى بۆلۈشۈپ يېيىشتى.
ئورۇندۇقلارنىڭ يەنە بىرسىدە كاپىتان تۈۋىت ئولتۇراتتى. ئۇ ئىلگىرى راستىنلا بىر كاپىتان بولۇپ، ئىچكى دەريادىكى پاراخوتتا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ھازىر ئالاھىدە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپ ئالدىدىكى چوڭ يولدا تۇرىۋېلىپ، ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ياكى توختىتىش مەنىسىدە قول ئىشارىتى قىلاتتى، ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتى، قىشتا ئۇ يەنە چانا تېيىلىپ مەكتەپكە كەلگەن بالىلارغا قارايتتى.
ئۇ ئۈشتەك چالغاچ، ئاق پەلەي كىيىۋالغان يوغان قولىنى كۆتۈرەتتى، ئۇ قول قارىماققا ھەييارنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بويى ئىنتايىن ئېگىز، بەدىنى ئىلىپتەك تۈز، يەلكىلىرى كەڭرى ئىدى،
مەيلى ماشىنىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇناتتى.
كېچىلىرى ئۇ ئەتراپنى كۆزىتەتتى، دۇكانلار ئىشىكلىرىنى تاقىدىمۇ-يوق دەپ تەكشۈرەتتى، بىرەرسىنىڭ غىپپىدە كىرىۋېلىپ ئوغرىلىق قىلىشىدىن ساقلىناتتى. كۈندۈزلىرى ئۇ سىرتتىلا ياتاتتى. ھاۋا ياخشى ئەمەس كۈنلىرى كۈتۈپخانىغا كىرىپ ئۇخلايتتى، ھاۋا ياخشى بولسا مانا مۇشۇنداق سىرتتا ئولتۇرۇپ ئارام ئالاتتى. ئۇ ۋاقتىنى ساقچى ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، سەۋەبى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايتتى، ئاۋدىفون تاقىمىسا باشقىلارنىڭ نېمە
دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيتتى. لېكىن ئۇمۇ كۆپ قىسىم قۇلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ئوخشاش ئاۋدىفون تاقاشقا ئۆچ ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ يالغۇزلۇققا كۆنۈپ كەتكەن، ئۆزى يالغۇز پاراخوت بېشىدا ئولتۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا نەزەر سالاتتى.
ئۇ قۇياشقا يۈزىنى قاقلىماقچى بولغاندەك، كۆزىنى يۇمۇپ بېشىنى كەينىگە تاشلاپ ئولتۇراتتى.
بالىلار كۆرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا دېيىشتىن ئاۋۋال (ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئۇلار ئالدىنئالا مەسلىھەتلىشىۋالمىغان، پەقەت ئۆزئارا ئامالسىز ھەم قورقۇنچتا تىنچىمايۋاتقان قاراشلىرى بىلەن بېقىشىۋالغان ئىدى) بوۋاينى ئويغاتمىسا بولمايتتى، بوۋاي ئويغىنىپ خېلىدىن كېيىن ئېسىگە كەلگەندەك بولدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى، بۇ ئۈچ بالىنىڭ كىملىكىنى، ھازىر يەنە قايسى ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كېيىن، خۇددى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن
ۋاقىت سوراش ئۈچۈن كەلگەندەك، خېلىغىچە سىيپاشتۇرۇپ يانچۇقىدىن كونا پوسۇندىكى بىر دانە سائەتنى چىقاردى.
بىراق بالىلار ھاياجان بىلەن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى.
ئۇلار:
-ۋىللېنىس ئەپەندى جۇدلاندتىكى ھېلىقى سۇ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، بىز ئۇنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۈق، ئۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قاپتۇ،-دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشتى.
بوۋاي بىر قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى توختاپ تۇرۇشقا ئىشارە قىلىپ، يەنە بىر قولىدا شىمىنىڭ يانچۇقىدىن ئاۋدىفونىنى ئالدى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن باشلىرىنى لىڭشىتىپ بالىلارنى ئالدىرىماي ئاستا سۆزلەڭلار دەپ مەدەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇ ئاۋدىفونىنى قۇلىقىغا تاقىۋالدى، ئاندىن ئۇنى سىناشقا باشلىدى، قوللىرىنى يېيىپ تۇرۇپ،- تىنىچلىنىڭلار! تىنىچلىنىڭلار!-دېدى. ئاخىرىدا چاققانلىق بىلەن بېشىنى بىر چايقىۋېتىپ، كەسكىن تەلەپپۇزدا:‹قېنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!› دېدى، بىراق بۇ كەسكىنلىك ئۇنىڭ قىلغان بارلىق سۆزلىرىنى
قىزىقچىلىققا ئوخشىتىپ قويدى.
ئۈچ بالىنىڭ ئارىسىدا جىمېي ھەممىدىن ئەدەپلىك، بادنىڭ گېپى بەك جىق، بىراق ساسلا ھەممىدىن جىمىغۇر ئىدى، لېكىن مانا مۇشۇ جىمىغۇر ساس ھەممە
ئىشنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
-ئىشتىنىڭىزنىڭ ئالدى ئېچىلىپ قاپتۇ،-دېدى ساس بوۋايغا.
ئۇلار گەپنى قىلىپ بولۇپلا قىقاس سۈرەن كۆتۈرۈشۈپ قىيغىتىپ قېچىشتى. بۇ ئەركىنلىكنىڭ زىلزىلىسى، ئۆزىنى قويۇۋېتىشنىڭ شادلىقى. نەقەدەر چەكتىن ئاشقان تەۋەككۈلچىلىك-ھە!
بالىلارنىڭ ھاياجىنى ئۇنداق ئاسان بېسىلمىدى، بىراق بۇ خىل ھاياجان ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان ياكى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلار ئەمدى ئايرىلمىسا بولمايتتى.
ساس ئۆيگە كېلىپلا ھويلىدىكى ھېلىقى ئۆلۈك بۇلۇڭغا كىرىۋالدى، بۇ ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدىغان جايى ئىدى، قاتتىق كارتون قەغەزدىن ياسالغان پول توڭ ئېرىگەندىن كېيىن، سۇغا چىلىشىپ كېرەكتىن چىقىپ كەتكەچكە، ئالماشتۇرۇۋەتمىسە بولمايتتى.
جىمېي ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىۋالدى، ئۇ تېخى يېقىندىلا بۇ يەردىن بىر كىچىك ساندۇق تېپىۋالغان بولۇپ، ساندۇقنىڭ ئىچىدە فلايىس بۇرۇن ئىشلەتكەن كونا ئوۋ مىلىتىقى ھەم مىشەكلەر بار ئىدى.
باد ئۆيىگە كىرىپ ئاپىسىنىڭ تاماقخانىنىڭ پولىغا موم سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ بىرەر سائەت ئەتراپىدا رەسىملىك كىتاب كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئۇ ئاپىسىنى مۇستەقىل قارار چىقىرالمايدۇ، نېمىلا ئىشقا يولۇقسا دادىسىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەتلەشمىسە،
قانداق قىلىشىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن دەل ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، ئاپىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپلا، ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلدى، ئاندىن دادىسىغا تېلېفون ئۇردى. بىرسى بېرىپ ساس بىلەن جىمېينى تېپىپ كەلدى.
ساقچى ماشىنىسى چوڭ يولنى بويلاپ جۇتلانددىكى كۆلچەككە بېرىپ ھەممە ئىشنى ئېنىقلاپ كەلدى.
بىر ساقچى بىلەن پوپۋىللېنىس خانىمنىڭ ئۆيىگە باردى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ۋىللېنىس خانىم ساقچىغا ( مەن ئەسلى سىلەرنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماي، ئۇنى كەچكىچە ساقلاپ باقماقچى بولغان ئىدىم) دەپتۇ.
ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، ۋىللېنىس ئەپەندى ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن ياشانغان بىر بىمارىنىڭ كۆزىگە دورا تېمىتىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن، ئادەتتىمۇ ئۇ سىرتقا چىقىپ كېسەل كۆرگەندە ئانچە-مۇنچە ھايال بولۇپ قالىدىكەن، بەزىدە ياناشىدا باشقا بىمارلىرىنىڭ
كېسىلىنى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، بەزىدە ماشىنا بۇزۇلۇپ قالىدىكەن.
ساقچى ئۇنىڭدىن ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ بىرەر ئىشقا ئىچى پۇشقانلىقىنى ياكى شۇنىڭدەك بىرەر ئىش بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغاندا:
-ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق، ئۇ تېخى بىزنىڭ خور ئەترىتىمىزنىڭ باشلامچىسى،-دەپ گەپ قىستۇردى ياندا تۇرغان پوپ.
-ئۇنىڭدا ھېچقاچان بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان،-دەپ جاۋاب بەردى ۋىللېنىس خانىممۇ.
ئۈچ كىچىك بالا ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئىشنى بايقىدى، لېكىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۆيىدىكىلەرگە بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى، كېيىن تاتلىق يېمەكلىك ئېلىشىپ يېيىشتى. ئەمدى بۇ بىر قاتار ئىشلارنىڭمۇ خۇلاسىسى چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ‹جەسەت› دېگەن يېڭى لەقەم بۇ ئۈچ كىچىك بالىغا سىڭىپ
قالدى. جىمېي بىلەن باد تاكى بۇ بازاردىن ئايرىلغىچە باشقىلار ئۇلارنى مۇشۇنداق ئاتاشتى، بالدۇرلا ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ ئاشلىق ئىسكىلاتىدا ئىشقا چۈشكەن ساس بۇ لەقەمنىڭ ئىككى ئوغلىغا كۆچكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. ئۇ چاغلاردا بۇ لەقەمنىڭ نېمىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئەسلەپ بېرەلمەيتتى. ئۇ ئۈچىسىنىڭ كاپىتان تۈۋىتكە قانداق ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى ئاشكارىلانمىدى، ئەگەر يەنە ئۇنىڭ ئاشۇ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىلىكىنىڭ ئاستىدىن
ئۆتۈش پۇرسىتى كېلىپ قالسا، چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتكىچە، ھەر بىرسى مەلۇم بىر خىل ئەسكەرتىشنى، مەلۇم بىر خىل ئۇلۇغۋار نەزەرنى، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ئازاب ھەم ئەيىبلەشنى كۈتىدۇ، بىراق بوۋاي ئاشۇ پەلەي كىيىۋالغان ئالىيجاناپ ھەم كۈلكىلىك يوغان قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغىنىچە، بۇرۇنقىدەكلا شۇنچىلىك سەمىمىي، شۇنچىلىك مېھرىبان ھالدا رازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 02:37:14


ئېنىدنىڭ نەزىرىدە بۇنداق گەپنى دېيىش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ دېمىدى، ئەگەر دېگەن بولسا ئاپىسىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولاتتى.
مەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ۋەدە بېرەلمەيمەن، ئەگەر مەن چوقۇم بىرەر ئىشقا ۋەدە بېرىشىم كېرەك بولسا، سەۋەبىنى بىلەي، سىز ئۇنىڭ نېمىشقا مەندىن ۋەدە ئالماقچى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلسىڭىز، ماڭا دەپ بېرىڭ!
بۇ ئۇنىڭ ھازىرقى خىيالى.
-ئۇ، قىزلار سېسترا بولسا، قوپاللىشىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ،- دېدى ئاپىسى.
-قوپاللىشىپ كېتىدۇ؟-دەپ قايتىلىدى ئېنىد.
ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، دادىسى قىزى خاس سېسترا بولۇش جەريانىدا ئەرلەرنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇنداق ئايرىلماي كۈتۈش بىر قىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ بۇ قىزغا بولغان كۆز قارىشىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا تەسىر يېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بەزى ناتوغرا ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ، بەزى ئەرلەر ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئەرلەر ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
-مېنىڭچە داداڭ سېنىڭ كەلگۈسىدىكى نىكاھ ئىشىڭنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاۋاتىدۇ،-دېدى ئاپىسى.
-ئەگەر شۇنداق بولسا راستىنلا چاتاق بولغۇدەك.
بىراق ئۇ ئاخىرى ماقۇل بولدى، ئاپىسى ئۇنىڭغا:
- بۇ تاللىشىڭنىڭ سېنى خۇش قىلىشىنى تىلەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ تاللىشىڭ داداڭ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭ ئۈچۈن،-دېدى
ئاپىسى ئېنىدتىنمۇ بۇرۇن بۇ ۋەدىنىڭ كىشىنى ئۆزىگە قانچىلىك مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەدە ھەم قۇربان بېرىش قانچىلىك بىمەنە بولسا شۇنچە ياخشى. ئېنىد ئاشۇ بىمەنلىك ئۈچۈن قۇربانلىق بەردى، دادىسىغا بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ قۇربان بېرىشتىن ئېرىشىدىغان تەلۋە ھاياجاننى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن دادىسىغا ۋەدە بەردى.
-ئەگەر ئۇ سەندىن، سەن ئانچە قىزىقمايدىغان ئىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، سەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشما دېگەن بولار ئىدىڭ. مەسىلەن ئۇ سەندىن لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولسا، سەن ھازىر يەنىلا سۈرۈپ يۈرگەن بولاتتىڭ،-ئېنىد ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ئاپىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتاتتى.
-سەن بۇ ئىش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ باقتىڭمۇ؟-دەپ سورىدى ئاپىسى كەسكىنلىك بىلەن.ئېنىد دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېنىد سېستىرالار مەكتىپىدىن چېكىنىپ، ئۆيدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئائىلىسىدە ئۇنى بېقىپ كېتەلىگۈدەك پۇل بولغاچقا ئۇ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلمىسىمۇ بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئېنىدنىڭ سېسترا بولۇشىغا ئەڭ دەسلەپتە قارشى تۇرغان ئادەم ئاپىسى ئىدى، ئاپىسى نامراتلارنىڭ قىزلىرىلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلىدۇ دەپ قارايتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى يوق ئالىي مەكتەپكە بارالمايدىغان قىزلار ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى چىقىش يولى ئىدى. ئېنىد ئاپىسىغا ھېچنىمە دېمىدى، ئۇ ھويلىنىڭ رىشاتكىلىرىنى سىرلاپ چىقتى، ئەتىرگۈل شاخلىرىنى بوغۇپ قىشتىن ئۆتۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. ئۇ يەنە تاماق ئېتىشنى قەرت ئويناشنى ئۈگىنىۋالدى. ھەپتە ئاخىرلىرى ئۇ دادىسىنىڭ ئورنىدا ئاپىسى بىلەن بىرلىشىپ ۋىللېنىس ئەر-ئايال بىلەن بىر نەچچە قول قەرت ئويناپمۇ قويدى. بىر نەچچە قول ئوينىغاندىن كېيىن ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، رەقىبىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئۇستىغا ئايلاندى. ئۇ دائىم ۋىللېنىس ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ ئوينايتتى، بىراق ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ ماھارىتى تازا ياخشى بولمىغاچقا دائىم شاكىلات ياكى بىر تال ئەتىرگۈل قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، كەمچىلىكىنى تولۇقلايتتى.
قىش كەلدى، ئاخشاملىرى ئۇ مۇز تېيىلغىلى باردى، ئۇ يەنە پەي توپ ئويناشنى بىلەتتى.
ئىلگىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بار ئىدى، ھېلىمۇ دوستلىرى كاملاپ قالمىدى، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەتتى، يەنە بەزىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچى، سېسترا، ياكى بوغالتىر بولغانلىرىمۇ بار، بىراق ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرەلمەي قالغانلار بىلەن ئارىلاشقىلى تۇردى.
ئۇلار ئوتتۇرا يولدا مەكتەپتىن چېكىنىپ بەزىلىرى بانكىغا كىرىپ ئىشلىدى، بەزىلىرى تىككۈچى بولدى، بەزىلىرى تۇرۇبا ئىشچىسى بولدى، بولۇپمۇ قىزلار بەكلا شاللىنىپ كەتتى، ئۇلار ئۆزئارا نىكاھقا چۆكۈپ كەتتۇق دېيىشەتتى.
ئېنىدمۇ كېلىنچەكنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ باقتى، قىز مېلى تەييارلايدىغان چايلاردا ياردەملىشىپمۇ يۈردى، ئىككى يىلدىن كېيىنكى چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىدا، كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان چوقۇندۇرغۇچى ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈردى، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق بالىلار ئۇنى ‹ھامما› دەيتتى.
يەنە كېلىپ ئۇ ئاپىسى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئاياللار ياكى تېخىمۇ چوڭراقلار ئالدىدا ئاتاق قىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، ياش قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇلۇبلىرىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇيدىغان باغچا ئۇيۇشمىلىرىغا بېرىپ ئۈگىنىدىغان ۋاقتى بار ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاسانلا مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم ئەمما تەنھا رولغا چىقىپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رولى بۇرۇندىلا مۇشۇنداق ئىدى، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى، تۇغما شوخ، كۆيۈمچان، ئۆزىمۇ چىرايلىق، بىراق سەل ئۆزگىچە ئىدى.
ئېنىدنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن يىگىتلەر بار ئىدى، لېكىن ھېچقايسى ئۇنىڭ يۈرگىنى ئەمەس، ئۇ ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەرسىنى تاللاشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئالدىرىمايتتى، ئۇنىڭ بارلىق ئەس يادى ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىدى. ياشلىق دەۋرىگە يېڭىلا قەدەم قويغاندا دىن تارقاتقۇچى بولغۇسى كەلدى، كېيىن سېسترا بولماقچى بولدى، ئۇ تېخى سېسترالىقنى تويدىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشىم دەپ قارىمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئىدى. قىلغاندىمۇ تەرتىپ بويىچە قېلىپقا چۈشۈرۈپ قىلماي، بەئەينى ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندەك قىلىش ئىدى.
ھارپا كېچىسى ئۇ شەھەرلىك مەھكىمىدىكى يېڭى يىللىق تانسا كېچىلىككە قاتناشتى، بىر ئەپەندى كېچىلىكنىڭ تەڭدىن تولىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تاڭسا ئويناپ چىقتى، كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدى، خوشلىشىدىغان چاغدا تېخى ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى. 40 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئەپەندى، قايماق شېركىتىنىڭ دېرىكتورى بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان ئىدى، ئۇ تانسىنى قالتىس ئوينايتتى، تانسىدا ئاسانلىقچە ھەمرا تاپالمايدىغان قىزلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مۇلايىم دوست بولالايتتى.
-بەلكىم ئۇ ئازراق سودا دەرسلىكى ئۈگىنىشى كېرەكتۇ،-دېدى ئاپىسى،ئاندىن ئېنىدتىن،- سەن نېمىشقا داۋاملىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايسەن؟-دەپ سورىدى.
ئۇ چوقۇم ئۇ يەردىكى ئەرلەر تېخىمۇ ساپالىق دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
-يېشىم چوڭىيىپ كەتتى،-دەپ جاۋاب بەردى ئېنىد.
ئاپىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
-مانا بۇ سېنىڭ تېخى چوڭ بولمىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ،-دېدى ئۇ. بەلكىم ئۇ قىزىدىن شۇ ياشتىكىلەردە بولىدىغان ئەخمەقلىقنى بايقىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار 21 ياش بىلەن 18 ياش ئارىسىدا ئىنتايىن يىراق ئارلىق بار دەپ قارايتتى.
-مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىن ئەمدى چىققان بىرنېمىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگۈم يوق، دېگەنلىرىم راست، سەن نېمە ئۈچۈن مېنى قوغلىۋەتمەكچى بولىسەن؟ مەن بۇ يەردە شۇنداق ياخشى تۇرىۋاتىمەن،- دېدى ئېنىد.
بۇنداق غەزەپلىك ھەم ئاچچىق سۆزلەر ئاپىسىنى خۇشال ھەم خاتىرجەم قىلاتتى.بىراق بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ، ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن، ھەيران قېلىۋاتىمەن،-دېدى.
شۇ يىلى سېنتەبىردە، شەھەردە قىزىل يامراپ كەتتى، يەنە يۇلۇن سۇر ماددىسى پەيدا بولۇپ، دوختۇرخانا يېتىشەلمەي قالغىلى تۇردى، ئېنىدنىڭ دادىسىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دوختۇر، ئېنىدنىڭ پىراكتىكا ۋاقتىدىكى ئىپادىسىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇ ئېنىدتىن بىر مەزگىل ئائىلىلەردە سېسترالىق قىلىپ ياردەملىشىپ بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىدى.
ئېنىد:
-ئويلىنىپ جاۋابىنى بېرەي،-دېدى.
-سەن تىلاۋەت قىلىشنى دېمەكچىمۇ؟-دەپ سورىدى ئاپىسى.
ئېنىدنىڭ چىرايىدا جاھىل ھەم يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بىر خىل ئىپادە ئەكس ئەتتى، ئەگەر باشقا قىزلار بولغان بولسا چوقۇم يىگىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولاتتى.
ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپىسىغا
-ھېلىقى ۋەدە، دوختۇرخانىدا ئىشلەشنى كۆزدە تۇتىدۇ، شۇنداقمۇ،-دېدى.
ئاپىسى ئۇنىڭ قانداق چۈشەنگەنلىكىنى سورىدى.
-مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، رويخەتتىكى سېسترا بولۇشنى كۆزدە تۇتامدۇ دېمەكچىمەن.
-شۇنداق، شۇنداق.
-ئەگەر بىرەرسى ئائىلىدە كۈتۈنۈشكە موھتاج بولسا، بىركىم دوختۇرخانا چىقىمىنى كۆتۈرەلمىسە ياكى دوختۇرخانىغا بارغۇسى كەلمىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ پەرۋىش قىلسام، رويخەتتىكى سېسترا سالاھىيىتىدە ئەمەس، بەلكى كىشىلەر دەيدىغان تەجرىبىلىك سېسترا سالاھىيىتىدە پەرۋىش قىلسام، ئۇ ھالدا مەن ۋەدەمدە تۇرمىغان بولمايمەن، توغرىمۇ؟ يەنە كېلىپ كۆپ قىسىم پەرۋىشكە موھتاج بولۇۋاتقانلار بالىلار ھەم تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللار، ياكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ياشانغانلار. شۇنداق بولغاندا مەن تومپاي ئاتىلىپ قېلىش خەۋىپىگە ئۇچرىمايمەن، شۇنداقمۇ؟
-لېكىن ئېسىڭدە چىڭ تۇت، سېنىڭ پەرۋىشىڭگە موھتاج ئەر مەڭگۈ كارۋاتتىن چۈشەلمەيدىغان بىمار بولسا ئاندىن سېنىڭ گېپىڭ يوللۇق بولىدۇ،-دېدى ئاپىسى،
بىراق ئۇ ئۆزىنى باسالماي يەنە سۆزلەپ كەتتى، بۇنىڭ ھەممىسى ئېنىدنىڭ دوختۇرخانىدىن ھۆرمەتلىك بىر خىزمەت تېپىشتىن ۋاز كېچىپ، نامرات كەپىلەرگە بىرىپ ئادەمنى ھاردۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان قارا ئىشلارنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
-كىرىمى يوقنىڭ ئورنىدا ئاشۇ ئىپلاس قۇدۇقتىن سۇ تارتىدۇ، قىشتا يۈز يۇيىدىغان داستىكى مۇزنى چوقۇيدۇ، يازدا بىكار تۇرماي چىۋىن ئۆلتۈرىدۇ. ھاجەتخانىغا كىرىش ئۈچۈن تالاغا چىقىدۇ، كىرئالغۇ يوق، كىر يۇسا تاختاي ئىشلىتىدۇ، كىرسىن چىراغ ياقىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا كېسەلگە قارايدۇ. بىچارە ھەم كەپسىز بالىلارغا تاقابىل تۇرمىسا بولمايدۇ، بىراق ئەگەر سېنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىڭ شۇ بولسا، مەن بۇ خىزمەتنىڭ جاپاسىنى قانچە سۆزلىگەنسېرى سەن تېخىمۇ قەتئىيلىشىپ كېتىسەن، شۇنداق بولسىمۇ مەن سەندىن ئىككى ئىشتا ماڭا ماقۇل بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ماڭا ماقۇل بول، خەقنىڭ ئۆيىگە بارغاندا چوقۇم قاينىغان سۇنى ئىچ، كەلگۈسىدە بىرەر دېھقانغا ياتلىق بولۇۋالماسلىققا ۋەدە بەر.
-قارا سېنىڭ ئويلاپ تاپقان گېپىڭنى،-دېدى ئېنىد.
بۇ 16 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار، ئالدىنقى ئىككى يىلدا كىشىلەر بارغانسېرى نامراتلىشىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا ياتالمايدىغان ئادەملەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ئېنىد بارغان ئاشۇ ئائىلىلەرنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىدى، پات-پات ئوساللىقتا ئانىسى تەسۋىرلىگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالاتتى.
بىر بولسا كىر ئالغۇ بۇزۇلۇپ قېلىپ رىمۇنىت قىلغىلى بولمايتتى، بىر بولسا توك توختاپ قالاتتى، ياكى ئەزەلدىن توك تارتىلىپ باقمىغان بولاتتى.
بۇنداق ئائىلىلەردە كېسەل باقسا، كىرلىك بىلەن سۈيدۈك لاتىلىرىنى قولدا يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېنىد بۇ ئىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەق ئالىدۇ. بولمىسا بۇ كەسىپنى قىلىدىغان، باشقا تاللاش يولى يوق ئاياللارغا ئۇۋال بولىدۇ.بىراق ئۇ دائىم بالىلارغا ئاياغ ھەم قىشلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىپ چىش دوختۇرىغا كۆرسىتىدۇ، يەنە تېخى ئۇلارغا روژدىستىۋا بايرىمىلىق ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىدۇ، شۇنداق قىلىپ كۆپ قىسىم ئىش ھەققىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بولىدۇ.
ئاپىسىمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن دوستىنىڭ ئۆيىدىن بىكار تۇرغان بوۋاقلار كارۋىتى، ئورۇندۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەردى، يەنە كونا ئەدىيال كىرلىكلەرمۇ بار ئىدى. ئۇ كىرلىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ، پارچە-پارچە قىلىپ يىرتىپ، بالىلارغا سۈيدۈك لاتىسى تەييارلىدى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئېنىدتەك قىزى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ دېيىشەتتى، ئۇ ھەقىقەتەن قىزىدىن بەك پەخىرلىنەتتى.
-بەزىدە ئادەم بۇنداق ئىشنى قىلىۋەرسىمۇ بىزار بولۇپ قالىدىكەن، بۇ ئەۋلىيانىڭ ئاپىسى قىلىدىغان ئىشلار،-دەيتتى ئانا ئېغىر خورسىنىپ.
كېيىن ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى، مەيلى ئالدىنقى سەپ ياكى كەينى سەپ بولسۇن زور بىر تۈركۈم دوختۇر ھەم سېستىرالارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتتى. ئېنىد خۇددى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكىدەك ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئالقىشقا ئېرىشتى. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن بوۋاقلار تۇغۇلغان ئىدى. پەقەت ھازىرلا دوختۇرخانىنىڭ كېڭىيىشى ھەم قورۇقلارنىڭ ئاۋاتلىشىشى بىلەن ئېنىدنىڭ مەسئۇلىيىتى يىنىكلەپ بىر قىسىم غەلىتە ياكى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن مىجەزىنىڭ ئوساللىقىدىن بالنىستتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرنى پەرۋىش قىلىدىغان بولدى.
بۇ يىل ياز يامغۇر-يېشىن كۆپ بولدى، كۈن ئارىلاپلا چىلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كېتەتتى، يامغۇر توختىغاندا ھاۋا ئېچىلىپ ئىنتايىن ئىسسىق بولاتتى. يامغۇر سۈيىگە تويۇنغان دەرەخ يۇپۇرماقلىرى ھەم ئوت-چۆپلەر، پارلاپ چىققان قۇياش نۇرىدا جىلۋە قىلاتتى.
كۆپ يامغۇرلۇق ياز پەسلىنىڭ سەھەرلىرى تۇمانلىق بولىدۇ، بۇ يەر دەريا بويىغا يېقىن بولغاچقا تۇمان تېخىمۇ قويۇق. تۇمان تارقاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەتراپقا قاراپ يىراقنى ھېچقانچە كۆرگىلى بولمايدۇ، سەۋەبى يازنىڭ قايناق ھاۋاسى نەملىكنى ئاشۇرۇۋەتكەچكە، دەل-دەرەخلەر، چاتقاللار، ياۋا ئۈزۈم ھەم ۋىرگىنىيە ھەشقىپىچەكلىرى، قۇناق، بۇغداي، ئارپا شاللار بەسلەشكەندەك بوي تارتىشىپ كەتكەنىدى.
روبىت شالنى ئورۇپ باغلاپ، ئامبارغا توشۇپ، يامغۇر سۈيىدە ھۆل بولۇپ سېسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمىدى. ئۇ ھازىر سەھەردىن كەچكىچە ئىشلەپ، كۈندىن-كۈنگە كەچ قايتىدىغان بولدى. بىر كۈنى كەچتە قايتىپ كېلىپ، ئۆي ئىچىنىڭ قاپقاراڭغۇ تۇرغانلىقىنى، پەقەت بىر تال شامنىڭ ئاشخانا ئۆيدىكى ئۈستەل ئۈستىدە يېقىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.
ئېنىد ئالمان-تالمان كېلىپ تور ئىشىكنى ئېچىپ، روبىتنى ئۆيگە كىرگۈزدى.
-توك توختاپ قاپتىمۇ؟-سورىدى روبىت.
ئېنىد پەس ئاۋازدا ئۈستىنكى قەۋەت بەك ئىسسىپ كەتكەچكە، بالىلارنىڭ بۈگۈن پەستە ئۇخلىغانلىقىنى دېدى.
ئۇ بىر قانچە ئورۇندۇقنى جۈپلەپ، ئۈستىگە كىرلىكنى يېپىپ، ياستۇقلارنى قويۇپ، كىچىك كارىۋات ياسىغان ئىدى، ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ بالدۇراق ئۇخلىشى ئۈچۈن، چىراقنى ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى. ئۆزى بولسا بىر تارتمىدىن بىر تال شامنى تېپىپ چىقىپ، يېقىۋېلىپ ئولتۇرۇپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتاتتى.
-ئۇلار بۇندىن كېيىن بۇ يەردە ئۇخلىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئادەم بالىلىقىدىكى بەزى ئىشلارنى، بولۇپمۇ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئۇخلىغىنىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ،-دېدى ئېنىد.
روبىت بىر قەغەز ساندۇقنى پولغا قويدى.ئىچىدە ۋۇللىيدىن ئېلىپ كەلگەن شامالدۇرغۇچ بار بولۇپ، ئۇنى چۇئىن خانىمنىڭ ھوجرىسىنىڭ تورۇسىغا ئېسىپ بەرمەكچى ئىدى. ئۇ بىر پارچە گېزىتنى ئېنىدقا سۇنغاچ:
-پەرىزىمچە سىز بۈگۈنكى خەۋەرلەرنى بىلىشكە قىزىقىسىزغۇ دەيمەن،-دەپ سورىدى.
ئېنىد ئۈستەلدىكى خاتىرىسىنىڭ يېنىدا گېزىتنى ئاچتى، گېزىتتە ئىككى كۈچۈكنىڭ فونتان ئاستىدا سۇ ئۈزۈپ ئويناۋاتقان ھەجۋىي رەسىمى بار ئىدى.
ئۇ گېزىتتىكى ئىسسىق ئېقىم توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ،-كۆرىدىغان كۈنىمىز باركەندە،-دەپ قويدى.
روبىت يەشىكتىكى شامالدۇرغۇچنى ئېھتىيات بىلەن ئېلىۋاتاتتى.
-بۇ يامان ئەمەسكەن، ھازىر چۇئىن خانىمنىڭ ھوجرىسى بەك تىنجىق، لېكىن ئەتىدىن باشلاپ ئۇ راھەتكە چىقىپ قالدىغان بولدى،-دېدى ئېنىد.
روبىت :
-مەن ئەتە ئەتىگەن كېلىپلا بۇنى ئورنىتىۋېتىمەن،-دەپ بولۇپ خانىمىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى سورىدى. دوختۇرنىڭ بەرگەن يېڭى دورىسى ئۇنىڭغا پايدا قىلغاندەك قىلاتتى، پۇتلىرى بۇرۇنقىدەك ئاغرىمايدىغان بولغان ئىدى.
-بۇ دورىنىڭ بىردىن بىر ئاۋارىچىلىقى، خانىم ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا ئۇخلاپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىكىڭىز تەسمىكىن،-دېدى ئېنىد.
- ئۇ ئۇخلىغان بولسىلا بولدى،-دېدى روبىت.
ئىككىسىنىڭ شام يورۇقىدا شىۋىرلىشىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشى ئېنىدقا تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى، بۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى.
روبىتنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان ئىشلار ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغان، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى، روبىت ئۇنىڭ كەينىدىكى ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇلار دائىم قىسقا ھەم ئاددىيلا پاراڭلىشاتتى. سۆز تېمىسى ھامان كۆز ئالدىدىكى ئىشلار ئۈستىدە بولاتتى. مەسىلەن، سىزدە سىياھنى سۈمۈرۈۋالىدىغان بۇلۇت بارمۇ؟ سىز “ شىكايەت“ دېگەن بۇ سۆزنى قوشۇپ يازالامسىز؟ تىرەنۇ (ئىتالىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر دېڭىز) دېڭىزى نەگە جايلاشقان؟ دېگەندەك ...
ھەر دائىم ئېنىد باشتا سۆز باشلايدۇ، ئۇ كەينىگە قارىسىلا روبىتنى كۆرەلەيتتى، ئۇنىڭ ئۆزىگە نەقەدەر يېقىنلىقىنى ھېس قىلاتتى. ئۇ سىياھ سۈمۈرگۈچكە ئېھتىياجلىق ئەمەس، روبىت بىلەن يېقىن ئۆتمەكچى خالاس.
ئىلگىرى ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن روبىتقا قىلغانلىرىغا چىن قەلبىدىن پۇشايمان قىلاتتى، ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى كېلەتتى. رەسمىي كەچۈرۈم سوراشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايتتى، يەنە تېخى روبىتنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى.
روبىت ئېنىدنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆزىگە تىك قارىيالمايۋاتقىنىنى ھېس قىلسىلا كۆڭلى ئارام تاپاتتى.
ھەر قېتىم كوچا دوقمۇشىدا ئۇچرىشىپ قالغاندا، روبىت تاكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە ئۇنىڭغا قارىماي ماڭاتتى، ئاندىن مۈجمەللا سالام قىلاتتى، بىراق ئېنىدنىڭ “ ھەي، روبىت!“ دېگەن جاراڭلىق ئاۋازى، ئۆزىگە ئاشۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەكچى بولغان ئازابلىق كونا ئاھاڭنى ئەسلىتىپ قوياتتى.
بىراق روبىت ئۇنىڭ مۈرىسىنى نوقۇپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغاندا، ئالدىغا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئاشۇ قۇيۇق قارا چاچلىرىغا (ئۇ قىسقا چاچ قويسىمۇ، چۇۋۇلۇپ كەتكەندەكلا كۆرىنەتتى) تېگىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، ياكى تېگىپ كەتكەندە، ئۆزىنى كەچۈرۈمگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلاتتى، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنى بەختىيار ھېسابلايتتى، ھەقىقىي ھۆرمىتىمنى تاپتىم دەپ قارايتتى.
-نەدە؟ تىرەنۇ دېڭىزى زادى نەدە؟
ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە روبىتنىڭ ئاشۇ ئىشلارنى يەنە ئەسلىيەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلاندى.
ئېنىد گېزىتنىڭ بەتلىرىنى ئايرىۋەتتى، گېزىتتە ماگارىت. تۇرمان(ئامرىكا سابىق ئەلباشىنىڭ قىزى، كۆپ قېتىم دادىسى بىلەن بىرگە ئەلباشى ئەلچىسى سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان.) ئەنگىلىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ئوردا دوختۇرى رەسمىي يوسۇندا ۋىتامىن E نى پادىشاھنىڭ بيۇرگېر كېسىلىگە سىناق قېلىشقا باشلىدى... دېگەندەك خەۋەرلەر بار ئىدى.
-مېنىڭ خەت قوشۇش ئويۇنى ئوينىغىم بار،-دېدى ئۇ، گېزىتنىڭ باش ئىستون بېتىنى روبىتقا سۇنۇپ بېرىۋىتىپ،-بۇنداق بولغاندا بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىم ئاسان تۈگەيدۇ.
روبىت ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئېنىد ئۇنىڭدىن چاي لازىممۇ دەپ سورىغاندا، روبىت ئەلۋەتتە لازىم ئەمەس دەيتتى، شۇندىمۇ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چاي دەملىدى، ئۇ سەھرالىقلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ ماقۇل دېگەن مەنىسىمۇ بارلىقىنى بىلەتتى.
ئۇ گېزىتكە قاراپ ئويلىنىۋىلىپ،-جەنۇبىي ئامېرىكىغا ئالاقىدار خەت تېپىشمىقى، ئاندىن لاتىن ئامېرىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاندىن بىرىنچى قۇرىدا مۇزىكىنىڭ... كىيىم-كېچەك...دېگەندەك خەتلەر بار،- دېدى.
-‹مۇزىكىنىڭ›، ‹كىيىم-كېچىكى›...كىيىم كېچەكنىڭ سۆزى بەك كۆپ ئىكەن، ھە تاپتىم، بۈگۈن مېنىڭ ئامىتىم كەپتۇ، خورن تۇمشۇقى!
-قاراڭ بۇلارنىڭ دۆتلىكىنى،-ئېنىد ئورنىدىن تۇرۇپ ئىستاكانغا چاي قۇيدى.
ئەگەر روبىتنىڭ ئېسىدە بۇرۇنقى ئىشلار بولسا، ئۇ يەنىلا ئېنىدقا ئۆچمەنلىك قىلامدىغاندۇ؟ بەلكىم ئۇ ئېنىدنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئاشۇ پەرۋاسىز دوستانىلىقىنى ياقتۇرماسلىقى، ئۇنى بىر خىل يوغانچىلىق، بۇرۇنقى ئەخمەق قىلىشلار بىلەن پەرقى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن.
تۇنجى قېتىم ئۇ بۇ ئۆيدە روبىتنى كۆرگەندە، روبىت ھېچقانچە ئۆزگەرمەپتۇ دەپ قالغان ئىدى، ئىلگىرىكى ئۇ ئېگىز بوي، مەزمۇت، يۇمىلاق يۈزلۈك ئوغۇل بالا ئىدى. ھازىرقى ئۇ بولسا، ئېگىز، تەمبەل، يۇغان يۇمىلاق يۈزلۈك ئەر بولۇپ قاپتۇ. ئۇ ئىلگىرى چېچىنى قىسقا ياسىتىۋالاتتى، شۇڭا ھازىر چېچى شالاڭلاپ، قېنىق قوڭۇر رەڭدىن كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ قارىماققا ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەندەك كۆرىنەتتى. مەڭگۈلۈك كۈن داغلىرى ئۇياتچان يۈزلىرىدىكى قىزىللىقلارنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ. ئەگەر ئۇ ئازابلانسا بۇرۇنقىدەك چىرايىدا ئىپادىلىنەتتى.
ئۇ ھازىر دۇنيادا بىر كىشىلىك بوشلۇقنى ئىگىلەپ، باشقىلار چاقىرىدىغان ئىسمى بار، مەلۇم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۇنى چۈشىنىمىز دەپ قارايدىغان ئادەمگە ئايلانغان ئىدى.
ئېنىد يەنە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا روبىت بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرغان ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى. ئۇ چاغدا سىنىپتا بالىلار ئازلاپ كەتكەن ئىدى. تىرىشمايدىغان، غېمى يوق، نەتىجىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەنلەر شاللىنىپ كېتىپ، پىشىپ يېتىلگەن، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ھەم گەپ ئاڭلايدىغان بالىلار بىرلىكتە ئۈچ بۇرجەك گېئومېتىرىيە ھەم لاتىن يېزىقى ئۈگىنەتتى.
ئۇلار ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر خىل تۇرمۇشقا، مەلۇم بىر خىل ئادەم بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز دەپ قارايتتى. ئۇ بىر كىتابنى ئوقۇغىنىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ قېنىق يېشىل رەڭلىك يۇمشاق تاشلىق ‹ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ھەم دىن تارىخى› دېگەن كىتاب ئىدى.
كىتاب بەك كونا ئىدى، قارىماققا ئوننەچچە ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتكەندەك كۆرىنەتتى. ئۇ چاغلاردا ھېچكىم پۇل خەجلەپ يېڭى دەرسلىك كىتاب سېتىۋالمايتتى. كىتابنىڭ تىتۇلى ئىلگىرىكى ئىگىلىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن تولغان ئىدى. ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر يەرلىكتىكى ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان ئائىلە ئاياللىرى ياكى تىجارەتچىلەر ئىدى.
ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەينى يىللىرى بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىغا ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ، يەنە تېخى بەزىلىرى ‹نانتېس خان يارلىقى› نىڭ ئاستىغا قىزىل رەڭلىك قەلەمدە سىزىق سىزىپ، كىتابنىڭ قۇرۇق يېرىگە ‹دىققەت› دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ئىدى.
ئۇ چاغلاردا كىتابلاردا سۆزلىنىدىغانلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا توشۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز ھەم غەلىتە نەرسىلەر ئىدى.
ئېنىد بۇلارنى ئەسلىگەندە ئىنتايىن باغرى يۇمشاقلىق ھەم ھاڭۋاقتىلىقنى سەزدى.
ئۇلارنى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى دېگىلى بولمايتتى، روبىت ئەزەلدىن باشقا ئىش قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان، ئۇنىڭ خىيالىدا پەقەت دېھقانچىلىق مەيدانىلا بار ئىدى.
ئۇ خېلىلا بوپ قالىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانى ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ يالغۇز بالا ئىدى، ئېنىدمۇ ئاخىرى كىچىكىدىن ئارزۇلايدىغان سېسترالىق كەسپىنى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئارزۇسىغا يېتەلمىدى، كەلگۈسى ئۈچۈن توغرا يول تاللىيالمىدى دېيىشكە بولمايتتى، ئۇلار پەقەت ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالغان ئىدى، ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرى كۆپ ئەمەس، بەلكى بەك ئاز بولۇپ قالغان ئىدى.
-‹ئامازون دەرياسىدىكى بولكا›، ‹ئامازون دەرياسىدىكى بولكا›،-دېدى ئۇ.
-مانىھوت.
-يەتتە ھەرپلىك، يەتتە ھەرپلىك بولسا توغرا بولىدۇ.
-مانىھوت ئۇنى.
-مانىھوت ئۇنى؟ قوش Sھەرىپىدىن تۈزۈلگەنمۇ؟ مانىھوت ئۇنى؟
چۇئىن خانىم كۈندىن كۈنگە تاماق تاللايدىغان بولۇپ كەتتى. بەزىدە قۇرۇق بولكا يەيمەن دېسە، بەزىدە سۈت بىلەن بانان قوشۇپ بېرىڭلار دەيتتى. يەنە بىر كۈنلىرى پىرەنىككە يەر ياڭىقى قىيامى سۈرتۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بىراق ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە يېمەكلىكنىڭ تۇرقى ھەم پۇرقىغا تاقەت قىلالمايتتى. بولۇپمۇ مېۋە ئۇيۇتمىسىنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمايتتى.
بەك شاۋقۇنى يۇقىرىكەن دەپ شامالدۇرغۇچنىمۇ بىر نەچچە كۈن ئاچقىلى قويمىدى، بىراق نەچچە كۈن ئۆتۈپلا رادىئو ئاڭلاشقا باشلىدى، ئۇ رادىئو ئىستانىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇغۇلغان كۈن، خاتىرە كۈنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پروگراممىسىنى ئاڭلايتتى. بۇ پروگراممىغا قاتناشقۇچىلار توغرا جاۋاب بېرەلىسە، نىئاگارا شارقىراتمىسىنى ساياھەت قىلالايتتى، ياكى بىر باك كۆمۈر گازىغا، بىر پاتمان يېمەكلىكلەرگە ئېرىشەلەيتتى، يەنە تېخى كىنو بىلىتى بېرىدىغان مۇكاپاتلىرىمۇ بار ئىدى.
-بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ئۇلار يالغاندىن بىرسىنى چاقىرىپ سوئالغا جاۋاب بەرگۈزگەندەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئادەم ئۇلارنىڭ يېنىدىلا، يېنىدىكى ئۆيدە، ئۇ بالدۇرلا سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىپ بولغان. مەن ئىلگىرى ئىستانسىدىكى بىرسىنى تونۇيتتۇم، ماڭا بۇلارنى شۇ دەپ بەرگەن،-دەپ سۆزلەپ كېتەتتى چۇئىن خانىم.
بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ تومۇر سوقۇشى تىزلىشىپ كېتەتتى، گەپنى ناھايىتى تېز قىلاتتى، بىراق ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بەزىدە نەپسى يېتىشمەي قالاتتى.
بىر قېتىم ئۇ ئېنىدتىن،-ئاپىڭىز قانداق ماشىنا ئالدى؟-دەپ سورىدى.
-سۆسۈن رەڭلىكتىن بىرنى ئالدى،-دېدى ئېنىد.
-نېمە ماركىلىق؟
ئېنىد بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ راست گەپ ئىدى، ئۇ ئىلگىرى بىلەتتى، لېكىن ھازىر ئۇنتۇپ قالدى.
-ئاپىڭىز ماشىنىنى سېتىۋالغاندا يېڭىمىكەنتۇق؟
-شۇنداق، يېڭى ئىدى، بىراق ئۇ ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپ.
-ئۇ ئاشۇ يۇغان تاش بىنادا ۋىللېنىس ئەپەندى بىلەن قوشنا ئولتۇرامدۇ؟
-شۇنداق.
-ئۇ تاش بىنادا نەچچە ئېغىز ئۆي بار؟ 16 ئېغىز؟
-ساناپ باقمىدىم.
-ۋىللېنىس ئەپەندى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغاندا، ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتىڭىزمۇ؟
-ياق، مەن ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئانچە ياقتۇرمايمەن.
-مېنىڭ ئەسلى بارغۇم بار ئىدى، ئۇ چاغدا مەن تېخى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالمىغان ئىدىم. ئەسلى خۋېرلار بىلەن بىللە بارماقچى بولغان، ئۇلار مېنى ماشىنىسىغا چىقىرىۋالماقچى بولغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن سىڭلىسىمۇ بارىدىغان بولۇپ قالدى، كېيىن كلېۋى بىلەن ئولىۋىي بارماقچى بولدى، ئەسلى ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋالساممۇ بولاتتى، بىراق ئۇلارنىڭ مېنى چاقىرىۋېلىش خىيالىغىمۇ كەپ قويمىدى. سىزچە ئۇ ئۆزى سۇ ئورىكىگە چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانمىدۇ؟
ئېنىدنىڭ ۋىللېنىس ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغان ۋاقتىدىكى كۈلكىلىك مۆتىۋەرلەرچە قىياپىتى ئېسىگە يېتىپ، تاتلىق كەمپۈت يەپ چىشىنىڭ نېرىپلىرىغا ئاغرىق كىرىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى.
-بىلمەيدىكەنمەن، مەنچە ئۇنداق ئەمەستۇ.
-ئۇنىڭ ۋىللېنىس خانىم بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشىمۇ؟
-مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار ئىنتايىن بەختلىك كۆرىنەتتى.
-شۇنداقمۇ؟
چۇئىن خانىم ئۆزىچە، ئېنىدنىڭ تارتىنچاق ئاھاڭىنى دورىماقچى بولغاندەك “ئىنـــــــــتايىن بەخـتلىك” دەپ سوزۇپ تەكرارلاپ قويدى.
ئېنىد چۇئىن خانىمنىڭ ھوجرىسىدىكى ئۇزۇن دىۋاندا ئۇخلايتتى، خانىمنىڭ بەدىنىدىكى ئاشۇ جاننى ئالغۇدەك قېچىشىش بېسىقىپ قالغاندەك قىلاتتى، سۈيدۈكىمۇ ئازلاپ كەتتى، بىر ئۇخلىسىلا يېرىم كېچىلەرگىچە ئويغانماي ئۇخلايتتى، بىراق يېقىمسىز پۇشۇلداپ خورەك تارتاتتى. لېكىن ئېنىدنىڭ ئارامىنى بۇزغان، كېچىلەپ ئۇيقۇسىز قويغىنى چۇئىن خانىمنىڭ خورىكى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قايغۇسى ئىدى.
يېقىندىن بېرى ئېنىد بەتبەشىرە قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپ باقمىغان، ئەڭ ناچار دەپ قارىغان چۈشى مۇنداق ئىدى.
ئۇ ناتونۇش چوڭ بىر ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇدەك، قاتار-قاتار ئۆيلەر توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرارمىش. ئىشلارنى قىلسا-قىلسا تۈگىمەسمىش، قىلىپ بولدۇم دەپ ئويلىغانلىرى ئەمەلىيەتتە قىلىنمىغان ئىشلارمىش ۋە پىكرى چېچىلىپلا تۇرارمىش.
ئەلۋەتتە ئۇ شۇ چاغلاردا ئۆزىچە رومانتىك دەپ قارايدىغان چۈشلەرنىمۇ كۆرگەن، چۈشىدە بىر ئەر ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالغۇدەك، ئۇ ئەرنى بىر تۇرۇپ تونۇغۇدەك، يەنە بىر تۇرۇپ تونۇيالمىغۇدەك. بەزىدە بىر ئادەمنى بۇنداق ئويلاش ئويناشقانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ چۈشلەر ئۇنى چوڭقۇر خىياللارغا غەرق قىلاتتى.
ياكى ئاز-پاز دىلنى يارا قىلاتتى. بىراق ئۆزىدە بۇنداق ھېسسىيات بارلىقىنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىنى ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان ئىش ئىدى. بۇنداق چۈشلەرنى ئويلىغاندا ئادەم ئوڭايسىزلىنىپ قالاتتى. بىراق ئۇ چۈشلەر ئېنىدنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقان چۈشلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. ئۇ ھازىرقى چۈشلىرىدە، باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلاتتى ياكى شۇنىڭغا ئۇرۇنۇپ باقاتتى، (بەزىدە باشقىلارنىڭ كىرىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ياكى ئورۇن ئالمىشىپ كېتىپ مۇرادىغا يېتەلمەي قالاتتى). ئوبيېكت قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان، ياكى كىشى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇدرۇق تىپىرلاپ تۇرىدىغان بوۋاقلار، بىنتلانغان بىمارلار، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ بار ئىدى.
ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ۋەسۋەسىدە ، ئۇنىڭ بەدەنلىرى تولۇپ سىلىقلىشىپ كېتەتتى، بوش ئىڭرايتتى، ئۇ ئەسەبىيلىشىپ بىر خىل مۇدھىش كەيپىيات بىلەن قارشىلىشاتتى. ئۇ ئۆزىگە:
ـ شۇنداق، چوقۇم مۇشۇنداق قىلىش كېرەك! ئەڭ ياخشىسى بولمىغاندا، مۇشۇنداق بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ،-دەيتتى.
بۇ خىل باغرى تاشلىق، بۇ خىل ھەقىقىي چۈشكۈنلۈك ئۇنىڭ نەپسىنى قوزغىۋېتەتتى.ئۇ ئويغانغاندا، ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيتتى، قارا تەرگە چۆمۈپ، تاكى ئۆزىگە كەلگۈچە ھالسىزلىنىپ جەسەتتەك يېتىپ كېتەتتى.
ئۇنىڭ تەرلىرى قۇرىدى، ئىللىق ئاخشامدا جايىدا يېتىپ تىترەيتتى. كۆڭلى ئېلىشاتتى، نومۇس قىلاتتى، ئۇ قايتا ئۇخلاشقا پېتىنالمايتتى.
ئۇ قاراڭغۇلۇققا ھەم سۇس يورۇقلۇق چۈشۈپ تۇرغان تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك دېرىزىگە كۆندى، بىمار باشتا ئۇنى تىللاۋاتقاندەك گاژىلداپ تىنىپ، كېيىن جىمىقىپ قالدى.
ئەگەر مەن كاتولىك مۇرىتى بولسام، بۇنداق ئىشنى تۆۋە قىلغاندا ۋاقىتتا دېسەم بولامدۇ؟ بۇ ئىشنى ھەتتا ئۆزى يالغۇز ئىبادەت قىلغاندىمۇ دېيىشكە بولمايدۇ. مەن ئەمدى بارمىسام بولمايدىغان رەسمىي تىلاۋەتلەردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىبادەت قىلغىلى بارالمايمەن. قىلغان ئەتكەنلىرىمنى تەڭرىگە دېيىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، يەنە كېلىپ بۇ تەڭرىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ گەپلەرنى تەڭرى ئاڭلىسا، ئۆزىنى ھاقارەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. مەن ئۆزۈمنىڭ روھى تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىپ بولدۇم. مېنىڭ ئېتىقادىم ئۈمىدكە تولغان. كومىدىيىلىك ئەخلەتكە ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدۇ، ئالۋاستى چۈشۈمنى ئىگىلىۋالدى، مېڭەمدىكى ئىپلاسلىقلار تېنىمدە، ئۇ مېنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىلماقچى، بۇنىڭ قىلچە مەنىسى يوق، ئۇ پەقەت مېڭەمدىكى ئەخلەت خالاس.
ئۆيدىن دەريا بويىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر پارچە ئوتلاق بار بولۇپ، بىر توپ كالا پادىسى بۇ يەردە يايلايتتى، ئېنىد ئۇلارنىڭ كېچىدىكى كۆشەشلىرىنى، ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتكەن ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايتتى، ئۇ لەيلىگۈل ھەم كۆكچېچەكلەرنىڭ ئارىسىدا ياتقان كالىلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۇلار نېمە دېگەن ئەركىن-ھە! دەپ ئويلىدى.
ئەلۋەتتە، كالىنىڭ بۇ ئەركىنلىكى قۇشخانىدا ئاياغلىشاتتى، ئاياغلىشىشنىڭ ئۆزى ئاپەت ئىدى.
بىراق ئادەملەرمۇ ئوخشاش، رەزىللىك ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا پەيدا بولۇپ ئۇلارنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. ئازاب ھەم پارچىلىنىش دەل شۇ يەرگە مۆكۈنۈۋالغان، ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، تەننىڭ ۋەھىمىسى ھامان سىزنىڭ ئىشتىن بۇرۇن پەرەز قىلغىنىڭىزدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، كارىۋاتنىڭ راھىتى، كالىنىڭ تىنىقى، كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇ مۇشۇ يەردە، ئۇ-ئېنىد دەل مۇشۇ يەردە، ئۇ تىنماي ئىش قىلىدۇ، ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، ئۇ بىمارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىشى كېرەك، ئۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىشى كېرەك.
ساخاۋەتچى پەرىشتە-ئىلگىرى ئاپىسى ئۇنى شۇنداق چاقىرغان ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، گەپ-سۆزلەردە كىنايە ئازلاپ قالدى، بىمار ھەم دوختۇرلارمۇ ئۇنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەملەر ئېنىدنى ئەخمەق دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا قاراپ بىمارلارمۇ ئۆزىچە ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام، ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايتتىم دېيىشى مۇمكىن، ئەمدى ئەخمەق بولسا بولمايدۇ، ھەرگىز بولمايدۇ!
‹بىچارە گۇناھكار›ئېنىد ئۆزىنى شۇنداق ئويلىدى، ‹بىچارە گۇناھكار!› تۆۋە قىلغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىن.
ئېنىد ئەمدى يېتىۋەرسەم بولمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدە، خىزمەتلا ئەڭ ياخشى تۆۋە قىلىش ئۇسۇلى ئىدى، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ناھايىتى يىنىك بولۇپ، تاڭ يورۇغىچە توختىماي ئىشلىدى، ئۇ قاچا-قۇچا ئىشكاپىدىكى ئۇماچ قېتىپ كەتكەن چېنە-تەخسىلەرنى پاكىز يۇيدى، ئاندىن ئۇلارنى ئىشكاپقا رەت-رېتى بىلەن تىزدى. ئىلگىرى قاچا-قۇچا ئىشكابى بەك قالايمىقان ئىدى، چاي ئىستاكانلىرى پەمىدۇر سائۇسې بىلەن قىچا تالقىنى قۇتىسىنىڭ ئارىسىغا قويىلاتتى، ھەسەل قاچىسىنىڭ ئۈستىدە بىر ئورام تازلىق قەغىزى بار ئىدى. ئىشكاپنىڭ ئىچىگە ماي ئۆتكۈزمەس قەغەز ياكى كېرەكسىز گېزىت چاغلىق نەرسە سېلىنمىغان بولۇپ، خالتىدىكى قارا شېكەر داڭگالدەك قېتىپ كەتكەن ئىدى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئۆي ئىچىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكىنىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولسىمۇ، بىراق بۇ يەر ئەزەلدىن تازلىنىپ باقمىغاندەك قىلاتتى. بارلىق دەرپەردىلەر مەينەتچىلىككە توشۇپ، تەكچىلەر مايلىشىپ كەتكەن، قۇتىدىكى مېۋە مۇرابباسى بۇزۇلۇپ قالغان، چوڭ لوڭقىدا ئىلگىرى گۈل بېقىلغان بولسا كېرەك، ئىچىدىكى سۇ سېسىق پۇراپ كەتسىمۇ، بىرەرسى ئۇنى تۆكۈۋېتەي دېمىگەن. ئۆي كونىرىغان، مەينەت بولسىمۇ، بىر قۇر سۈرتۈپ تازلىغاندىن كېيىن يامان ئەمەس بولۇپ قالدى. بىراق ياتاق ئۆينىڭ پولىدىكى قالايمىقان سۇۋاپ قويغان توق قوڭۇر رەڭگە ئامال قىلغىلى بولمىدى.
كۈندۈزى قولى بىكار بولغاندا ھويلىدىكى گۈللۈكنى رەتلىدى. بۇ گۈللۈكنى روبىتنىڭ ئاپىسى ياسىغان ئىدى. ئۇ كۆپ يىللاردىن بېرى ئۆسۈملۈكلەرنى بېسىۋالغان ئەتىۋالىق قېرىقىز ھەم بېرمۇدا ئوتلىرىنىڭ ھەممىنى يۇلۇۋەتتى.
تاماق ۋاقتىدا بالىلارغا رەسمىي يوسۇندا قوشۇق ئىشلىتىشنى ھەم تاماقتىن بۇرۇن دۇئا قىلىشنى ئۆگەتتى.
-تەڭرىنىڭ دۇنياغا بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر.
-تەڭرىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە تەشەككۈر.
ئۇ يەنە بالىلارغا چىش چوتكىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى، ئەتىگەنلىكى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن سەھەرلىك ئىبادەتنى قانداق قىلىشنى ئۈگەتتى.
ئىككى بالا بىرلىكتە،-تەڭرىم دادام، ئاپامنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ئېنىدنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، ئولىۋېي ھاممامنى، كلىفتۇن چوڭ ئاتامنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، بىزنىڭ ئېلزابىت مەلىكىمىز بىلەن روسى مەلىكىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،-دەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا ئىسىملىرىنى قوشۇپ قويۇشتى. مۇشۇنداق بىر مەزگىل داۋاملاشتى. بىر قېتىم سيلۈۋى:-بۇ نېمە گەپ ؟-دەپ سوراپ قالدى.
-نېمىنى دەيسىز؟
-تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي دېگەن نېمە گەپ؟
ئېنىد بىر كۈنى ھەتتا ۋانىللامۇ قوشماي ئازراق تۇخۇم تۈرمىلى قىلىپ كىچىك قوشۇقتا چۇئىن خانىمغا يېگۈزدى، خانىم يېمەكلىكنى ئازراق-ئازراقتىن يېگەندىلا ئاندىن يۇتالايتتى. ئەگەر بۇنى يېيەلمىسە، ئېنىد قىزىتىلغان زەنجىۋىل پىۋىسىنى بېرەتتى.
ھازىر چۇئىن خانىم كۈنگە قاقلىنىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى، خۇددى ئالدىنقى ۋاقىتلاردا بارلىق ئاۋازلاردىن بىزار بولغاندەك ھەر قانداق يورۇقلۇق ئۇنى بىزار قىلاتتى. ئېنىد ئامالسىز قېلىن يوتقاننى دېرىزىگە تارتىپ قويدى. ھەتتا دېرىزىنى يېپىۋەتكەندىمۇ يوتقاننى تارتىپ قوياتتى. چۇئىن خانىم يەنە شامالدۇرغۇچنى ئەتكۈزۈۋەتتى، نەتىجىدە ئۆي ئىچى چىدىغۇسىز تىنجىق بولۇپ كەتتى.
ئېنىد كارۋاتقا ئېڭىشىپ پەرۋىش قىلغاندا ئىسسىقنىڭ دەردىدىن مۇنچاق-مۇنچاق تەرلىرى تاراملاپ تۆكۈلەتتى، بىراق خانىم بولسا مۇزلاپ دىرىلداپ تىترەيتتى، ئۇنى مەڭگۈ ئىسسىتقىلى بولمايتتى.

-بەرداشلىق بېرىۋىتىپتۇ،-دېدى دوختۇر ئېنىدقا،-ئۇ چوقۇم سىز بەرگەن كالا سۈتىنىڭ كۈچىدىن ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرىپتۇ.
-تۇخۇم تۈرمىلى، بۇ بەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن،-دېدى ئېنىد.
ھازىر قاتتىق چارچاش ياكى ئاجىزلىشىشنىڭ دەستىدىن چۇئىن خانىمنىڭ گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالى قالمىدى. بەزىدە ئۇ ئاشۇ يەردە يېتىپلا ھوشىنى بىلمەي قالىدۇ، نەپەسلىرى ئىنتايىن ئاجىز، تومۇر سوقۇشى يوقنىڭ ئورنىدا. ئەگەر بىر يېڭىياچى بولۇپ قالسا، ئېنىدتەك تەجرىبىسى بولمىسا، ئۇنى جان ئۈزۈپ بوپتۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن.
بىراق باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ يەنە روھلىنىپ قالىدۇ، ئۇ روھلىنىپ قالسىلا رادىئونى ئاچقۇزىدۇ، كەينىدىنلا يەنە ئۆچۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا. ئۆزىنى، ئېنىدنى تونۇيدۇ، بەزىدە گۇمانلىق سىنچى نەزەرلىرى بىلەن ئېنىدقا قاراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يۈزىدە، بولۇپمۇ لەۋلىرىنىڭ ئەتراپىدا قان دىدارى قالمىغان بولسىمۇ، كۆزلىرى بارغانسېرى بۇرۇنقىدىنمۇ يېشىل بولۇپ كېتىۋاتقاندەك، بىر خىل ئاقۇش دۇغلاشقان يېشىل رەڭگە ئۆزگۈرۈپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
ئېنىد چۇئىن خانىمنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقىنىنى سەزگەندە، ئۇنىڭ مەقسىدىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشاتتى.
-پوپنى چاقىرىپ كېلەيمۇ؟
خانىم خۇددى ئۇنى چېقىۋالماقچى بولغاندەك،-مەن قارىماققا كاتولىك مۇرىتىغا ئوخشامدىكەنمەن؟-دېدى.
-ئەمسە باستېر چاقىرىپ بېرەي!
ئېنىد مۇشۇنداق سورىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن سورىغاندىكى ئىپادىسى توغرا ئەمەس، تەلەپپۇزى سوغۇق،زەھەرلىك ئىدى.
ياق! چۇئىن خانىمغا پوپمۇ، باستېرمۇ كېرەك ئەمەس، ئۇ ئاچچىقتىن چىچاڭشىپ كېتىدۇ، ئۇ تېخى سەكراتقا چۈشۈپ قالمىدى، يەنە جېنى بار، ئېنىدنىڭ قارىشىچە ئۇ نېمىگىدۇر كۈچىنى يىغىۋاتاتتى.
-بالىلار بىلەن پاراڭلاشقۇڭىز بارمۇ؟-دەپ سورىدى يەنە ئۇنىڭدىن.
-ياق.
-يولدىشىڭىزنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ئۇ ئۇزاققا قالماي قايتىپ كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئېنىد روبىتنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، نەچچە ئاخشام ئۇ بەك كەچ كەلدى، چۇئىن خانىم ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك دورىسىنى ئىچىپ بولۇپ ئۇخلاپ قالغاچقا، روبىت ئېنىد بىلەن بىردەم ئولتۇردى، ئۇ ھەر كۈنى ئېنىدقا گېزىت ئالغاچ كېلەتتى.
ئۇ ئېنىدنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمىلەرنى يازغانلىقىنى سورىدى، روبىت ئۇنىڭ ئىككى كۈندىلىك خاتىرىسى بارلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدى، ئېنىد ئۇنىڭغا بىر خاتىرىنى دوختۇرغا كۆرسىتىش ئۈچۈن يېزىۋاتقانلىقىنى، بىمارنىڭ قان بېسىمى، تومۇر سوقۇشى ھەم بەدەن تېمپىراتۇرىسى، يەنە بىمار نېمە يېدى، نېمە ياندۇردى، تەرىتى قانداق كەلدى، شۇنداقلا دورا ئىچىش ئەھۋالى، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قىسقىچە خاتىرىلەپ ماڭغانلىقىنى دەپ بەردى. يەنە بىر خاتىرىگە ئېنىد ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى يازاتتى، مەزمۇنى ئالدىنقى خاتىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنچىلىك ئېنىق ئەمەستى، لېكىن ئېنىد ئۇنىڭغا ھاۋا رايى، ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەم ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى خاتىرىلەپ ماڭاتتى.
ھېلىقى كۈنى مەن خاتىرىلىگەن مەزمۇن مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئېنىد.
ئۇ رۇيىس دېگەن گەپ ئىدى، ئۇ كۈنى رۇيىس بىلەن سىلۋېي ئۆيگە كىرگەندە گىرىن خانىم بېرىس دەرىخىنى قانداق قىلغاندا چوڭ يولنى بويلىتىپ يولنىڭ نېرىقى چېتىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ دەۋاتاتتى. رۇئىس ئاڭلاپلا:-بۇ ‹ئۇيقىدىكى ساھىپجامال› دېگەن ھېكايە بىلەن ئوخشاشكەن، دېدى. مەن بالىلارغا بۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇلار ئاڭلاپلا ئېسىدە تۇتىۋاپتۇ.
ئەتىگىچە مەن يولدىكى بىرىس دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى پۇتىۋېتەي،-دېدى روبىت.
ئېنىد بۇنى روبىت رۇيىسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەم بۇنى مېنىڭ خاتىرىلىۋالغىنىمنى بىلىپ تەسىرلەندى، لېكىن دېيەلمىدى، دەپ چۈشەندى.
بىر كۈنى كەچتە، روبىت ئېنىدقا بىر نەچچە كۈنلۈك سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى، ئۇلاغ بازىرىغا بارىدىغانلىقىنى، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغانلىقىنى، دوختۇرنىڭ بىر نەچچە كۈن يوقاپ كەتكەنگە ھېچ ئىش بولمايدۇ دېگەنلىكىنى دەپ بەردى.
ئۇ كۈنى ئاخشىمى خانىم دورا ئىچىپ ئۇخلاپ قېلىشتىن بۇرۇن روبىت قايتىپ كەلدى، ئېنىد بۇ چوقۇم روبىتنىڭ مېڭىش ئالدىدا خانىمىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگىنى دەپ بىلىپ، ئۇنى ئۇدۇللا خانىمنىڭ ھوجرىسىغا باشلىدى، روبىت ھوجرىغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى يېپىپ قويدى، ئېنىد گېزىتنى ئېلىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئوقۇماقچى بولدى، بىراق بالىلار ئۇخلىمىغان بولسا باھانە تېپىپ ئۇنى چاقىرىپ ئېلىپ كىرىپ كېتەتتى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئوقىسىمۇ بولاتتى، لېكىن ئۇ يەردە پاشا بەك جىق، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك قاتتىق يامغۇر ياققان كۈنلىرى تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ.
ئۇ يېقىنچىلىق قىلىشقان ئاۋازلارنى ياكى سوقۇشقان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قېلىشتىن قورقاتتى. كەينىدىنلا روبىت بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۇئىن خانىم ئۇزۇن ۋاقىت چىدىدى، بىر بوشىنىۋالمىسا بولمايدۇ، ئېنىد ئالدىراپ قالدى، بىراق ئۇ قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي تۇرغاندا بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئۇ ئۆز ئارا تىللاشقان، ياكى يېقىنچىلىق قېلىشقان ئاۋازغا ئوخشىمايتتى،ئېنىد ئىنتىزار بولۇۋاتقان چۇئىن خانىمنىڭ يىغا ئاۋازىغا تېخىمۇ ئوخشىمايتتى. بەلكى كۈلكە ئاۋازى ئىدى، ئۇ چۇئىن خانىمنىڭ بوش كۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، بۇ كۈلكە ئاۋازىدا، ئېنىدقا تونۇش بولغان مەسخىرە ھەم قانائەت بىلەن ئۇ ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان زەھەرخەندىلىك بار ئىدى.
گەرچە ئۇ كېتىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق جايىدىن مىدىرلىمىدى، روبىت بىردەمدىن كېيىن چىققاندا، ئۇ يەنىلا ئۈستەل يېنىدا ھوجرىنىڭ ئىشىكىگە تىكىلگىنىچە تۇراتتى. كۆزلىرى ئۇچراشقاندا ئېلىپ قېچىشمىدى،ئېنىد ئۈلگۈرەلمىدى، بىراق روبىت ئۇنى كۆردىمۇ كۆرمىدىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. روبىت ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ قاراشلىرى خۇددى توك سىمىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ كەچۈرىشىنى ئۆتۈنۈۋاتقاندەك كۆرىنەتتى.
كىمگە يالۋۇرىسەن؟ ئۆزەڭنىڭ كىشىنى تويغۇزۇۋېتىدىغان ئاپەت ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟
ئەتىسى چۇئىن خانىم كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ھالدا ئويغاندى. بۇنداق بىنورمال ساختا ياخشىلىنىشنى ئېنىد بۇرۇن باشقىلاردا بىر ئىككى قېتىم كۆرگەن ئىدى، چۇئىن خانىم ياستۇققا يۆلىنىپ بىردەم ئولتۇرماقچى، يەنە تېخى شامالدۇرغۇچنى ئاچقۇزىۋەتمەكچىمۇ بولدى.
-بۇ پىلان بولىدىكەن،-دېدى ئېنىد.
-مەن سىزگە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم بولىدۇ،-دېدى خانىم.
-ئۇنداق گەپلەرنى مەن كۆپ ئاڭلىغان.
-شۇنداق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان گەپلەر، باغلىشىمەنكى ھەممىسى يالغان گەپلەر، بىلەمسىز ۋىللېنىس ئەپەندى ئىلگىرى بۇ ئۆيگە كەلگەن....


enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 10:51:13

مونرونىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ قويۇپ تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم، رەھمەت. تېلېفۇنغا چاپلىۋېلىپ مەنزىرىلىك بىر جاينى تېپىپ ئوقاي بۇنى.
مونرو قىسقا ھېكايىچىلىقتا ئىككىنچى چىخوپ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تالانتلىق ئايالنىڭ ئۆمۈر بويى قىسقا ھېكايە يېزىپمۇ ئەدەبىيات ساھەسىكى گىگانتلاردىن بولالىغىنىنى ئويلىسام ئۆمۈر بويى قىسقا ھېكايە يازغۇم كېلىدۇ.
لېكىن ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدىكى قىسقا ھېكايىلەرگە ئورۇن بەرمەسلىك، ئىنتايىن پاخ-پاق بولسىمۇ ئىسمى رومان بولسىلا باس-باس نەشر قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلىسام روھىم سوۋۇپ كېتىدۇ. رەھمەت ئەجرىڭىزگە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 09:58:33

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2014-4-22 10:51 static/image/common/back.gif
مونرونىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ قويۇپ تېخى ئوقۇپ باقمىغان...

دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇنىڭ داۋامى ئازراق قالغان، نەچچە كۈن ئىچىدە يوللىۋىتىمەن.
تەرجىمە قىلغاچ ئويلاپ قالدىم، بۇ خانىم شۇ قەدەر ئاددى تىل بىلەنئەركىن يازىدىكەن .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 01:29:01

مەن نېمىشقائوقۇسام ئوقۇسام داۋامى باردەك ھېس قىلىدىغانمەن دەپتىمەن . بولىڭەمەلىكەشەھلاخاچامانىڭ داۋامىنى يوللاڭ .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 11:36:03

ئەسەرنىڭ مەنزىرە تەسۋىرلىرى ، بايانلىرىدىن روس يازغۇچىللىرىنىڭ پۇرىقى گۈپپىلدەپ تۇرىدىكەن، قارىغەندا بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى روس بولسا كېرەك . تەرجىمانمۇ ناھايىتى تالانتلىقكەن دەپ قالدىم ، چۈنكى ئەسەرنىڭ ئەسلى پۇرىقىيۇقاپ كەتمەپتۇ، ئاخىرىنى ساقلايمەن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 13:01:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-30 13:05

bagalip يوللىغان ۋاقتى2014-4-30 11:36 static/image/common/back.gif
ئەسەرنىڭ مەنزىرە تەسۋىرلىرى ، بايانلىرىدىن روس يازغۇچ ...

:funk:ئالىس مۇنرۇ ، يەكەنلىك.
بەت: [1]
: ئاقكۆڭۈل ئايالنىڭ مۇھەببىتى