enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 21:36:34

چەتئەل مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن:كارمېن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-22 02:33

پروسپېر مېرىمې

كارمېن

(پوۋېست)

ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى

ئاياللار چەكسىمۇ جاپا- مۇشەققەت، باردۇر ھەم ئۇلارنىڭ خۇشال دەملىرى،
بىرى، كارۋاتتا ئۇنتار ھەممىنى، يەنە بىرى،ئۆلۈمدە تۈگەر غەملىرى.
                                    ــــــــ پاراداس (قەدىمقى يۇنان)
1
جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، موندا ئۇرۇشى قەدىمقى باستۇللار بىلەن قەدىمقى پۇنىكلارتوپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى ماربېللانىڭ شىمالىغا 7-8كىلومېتىر كېلىدىغان مونداغا توغرا كېلىدىكەن، مەن ئىزچىل بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار- يوقلىقىدىن گۇمانلىنىپ كەلدىم. مەن ئاپتورى ئېنىقسىز بولغان «ئىسپانىيە جەڭ تارىخى» ۋە گىراف ئوسۇنا كىتاپ ئامبىرى بىناسىدىن يىغقان ماتىرىياللارنى تەتقىق قىلىپ چىقارغان يەكۈنىمگە ئاساسەن، تارىختىكى كەيسا بىلەن رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ داھىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇ قانلىق ئۇرۇشنى موندىيانىڭ يېقىن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن دەپ قارىدىم. 1830- يىلى باش كۈزدە، مەن ئاندالۇسىيەدىن ئۆتكۈچە ئۇزۇن بىر ساياھەتنى قىلىپ كاللامدىكى گۇماننى تارقىتىۋەتكەن ئىدىم. يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان ئىلمىي ماقالەمنىڭ ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان بارلىق ئارخىئولوگلارنىڭ كاللىسىدىكى تۈگۈننى يېشىۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بىراق مەن بۇ ئىلمىي ماقالەم ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپادىكى ئىلىم ساھەسى ھەل قىلالمىغان ئۇ جۇغراپىيەلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىككە كىچىككىنە بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. ھېكايەمدە موندا ئۇرۇشىنىڭ زادى قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ قىزىقارلىق مەسىلىگە ھەرگىزمۇ ئاۋال كەسكىن ھۆكۈم چىقارمايمەن.
گوردابادا بىر يول باشلىغۇچى ۋە ئىككى ئاتنى ياللاپ، ھەممە يۈك- تاقام بولغان كەيسانىڭ «گائۇل ئۇرۇشى» ناملىق كىتابى ۋە بىر نەچچە قۇر كۆينىكىمنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. بىر كۈنى مەن كارچىنا دەرياسى ھاۋزىسىدىكى تۈزلەڭلىك شارائىتى سەل ئېگىز بولغان جايدا ھارغىنلىق، چاڭقاش، بەدەن ۋە تېرىلىرىم يال-يال كۆيگەن ھالداكەيسا ۋە پومپېينىڭ ئەۋلادلىرىنى راسا تىللىغان پېتىم كېتىۋاتاتتىم.تۇساتتىن، مېڭىۋاتقان يولۇمغا خېلى يىراق بولغان بىر جايدا بىر پارچە يېشىللىقنى، رەتلىك ئۆسكەن چىمئوت ۋە قومۇشلارنى كۆردۈم. بۇ ئۇ يەردە چوقۇم سۇ مەنبەسى بارلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. يېقىن بېرىپ قارىسام يېشىللىق ئەسلىدە جىلغا سۈيىدىن ھاسىل بولغان بىر زەيلىك ئىكەن. جىلغا سۈيى گابرىللا تاغ تىزمىسىدىكى ئىككى تىك يارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ تار بىر جىلغىدىن چۈشكەندەك قىلاتتى. مەن شۇنداق ھۆكۈم قىلدىم: ئېقىننىڭ قارشى يۆنۈلىشىنى بويلاپ ماڭساق چوقۇم ئېقىننىڭسۈيى سۈزۈك، سۈلۈك ۋە پاقىلىرى ئاز جايىغا يېتىپ بارالايمىز، بەلكى قىيا ئارىلىقلىرىدىن سايىدىغۇدەك يېشىللىقمۇ تېپىلىپ قالىدىغاندۇ. جىلغا ئىچىگە ئەمدى كىرىپ كېلىشىمىزگە ئېتىم بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇزاق بىر كىشنىدى، ئۇنىڭغا مەن كۆرەلمەيدىغان جايدىكى يەنە بىر ئاتمۇ كىشنەپ جاۋاپ قايتۇردى. يۈز قەدەمدىن ئارتۇقراق ماڭغاندىن كېيىن، جىلغا ئېغىزى بىردىنلا ئېچىلىپ، بىر يۇمۇلاق تەبىئىي مەيدان ئايان بولدى. ئۇنىڭ 4 ئەتراپى تىك قىيا بولۇپ، پۈتۈن مەيدانغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. بىز بۇ يەردە توختاپ بىر ئاز دېمىمىزنى ئېلىۋالماقچى بولدۇق، بۇنىڭدەك راھەت جاينى يەنە ئۇچرىتالمايتتۇق. تىك قىيانىڭ ئاستىدا بۇلاق سۈيى بۇلدۇقلاپ ئاققىنىچە بىر كۆلچەكنىڭ ئىچىگە قۇيۇلاتتى. كۆلچەكنىڭ ئىچىدىكى قۇم قاردەك ئاق ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا 5-6 تۈپ يوغان، ئېگىز ئۆسكەن سەندەل دەرىخى بار بولۇپ، يىل بويى بوران تەگمەي، پاكىزە بۇلاق سۈيىدىن ئوزۇقلىنىپ، قويۇق سايە ئاستىدا ئۆسكەچكە زۇمرەتتەك يالتىراپ كۆلچەككە سايە تاشلاپ تۇراتتى. كۆلچەكنىڭ ئەتراپىغا ياپ-يېشىل يۇمران ئوتلار ئۆسكەن بولۇپ 40كىلومېتىر دائىرىسىدىكى مېھمانخانىلارنىڭ كارىۋىتىمۇ بۇنىڭدەك راھەت ئەمەس ئىدى.
بىراق، خىلۋەتتىكى بۇ گۈزەل جاينى ئاۋال تاپقىنى بىز بولماي قالدۇق. بىز بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا بۇ يەردە بىر كىشى ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. بىز جىلغىغا كىرگەن ۋاختىمىزدا ئۇ چۈش كۆرۈۋاتقان بولىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئېتى ئۇ مۈگدەۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىدىكى ئوتلارنى بەخىرامان يەۋاتاتتى. ئۇ ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئېتىنىڭ يېنىغا كەلدى. يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي، قاۋۇل، سىنچى كۆز، ھاكاۋۇر كۆرۈنەتتى.تېرىسى ئەسلىدە چىرايلىق بولسا كېرەك، لېكىن ھازىر ئاپتاپتا كۆيۈپ چېچىنىڭ رەڭگىدىنمۇ بەك قارىداپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بىر قولى بىلەن ئىگەرنى تۇتۇپ يەنە بىر قولىغا كاناي كالبېرلىق بىر مىلتىقنى ئالدى. راستىنى ئېيتقاندا مەن مىلتىق بىلەن ئۇنىڭئوسال تۇرقىدىن بىر ئاز قورقتۇم. مەن ئىلگىرى ھەمىشە باشقىلاردىن باندىتلار ھەققىدە ئاڭلاپ تۇراتتىم، ئەمما بىر قېتىممۇ باندىتلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمەيتتىم. شۇڭا توخۇيۈرەك سەھرالىقلار تولۇق قوراللىنىپ ئارقىمدىن نۇرغۇن قېتىم قوغلىغان بولسىمۇ، ئەمما مىلتىق كۆتۈرىۋالغان بۇ ئادەمدەك خەتەرلىك ھىس قىلمىغان ئىدىم.
«لېكىن» دېدىم ئىچىمدە، «بۇ بىر نەچچە قۇر كۆينىكىم بىلەن ئىلسايۋىر نۇسخىسىدىكى «جەڭ تارىخى» دېگەن كىتابىمنى ئۇ نېمىمۇ قىلار؟»
شۇنىڭ بىلەن مىلتىق كۆتۈرىۋالغان بۇ ئەزىمەتكە ناھىيىتى دوستانە ھالدا بېشىمنى لىڭشىتىپ سالام قىلدىم ھەم كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلغان- قىلمىغانلىقىمنى سورىدىم. ئۇ جاۋاپ بېرىش ئورنىغا بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقتى. رازى بولغاندەك قىلدى-يۇ، ئارقىدىنلا بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان يول باشلىغۇچىمغا سىنچىلاپ قارىدى. يول باشلىغۇچىمنىڭ چىرايى تۇيۇقسىز ئاپئاق تاتىرىپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى! «چاتاق!» دېدىممەن ئىچىمدە، ئېھتىيات يۈزىسىدىن، ئۇ ئادەمگە ھەر قانداق ئالاقزادىلىگنى كۆرسەتمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. ئاتتىن چۈشتۈم-دە، يول باشلىغۇچىمغا ئاتنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم، ئارقىدىن، بۇلاقنىڭ تۈۋىگە يۈكۈنۈپ بېشىم ۋە قولۇمنى سۇغا تىقتىم.ئارقىدىن گىدېئوننىڭ تومپاي ئەسكەرلىرىدەك سۇنى دۈم يېتىپ ئىچتىم.
بىراق مەن يول باشلىغۇچۇم بىلەن ئۇ ناتونۇش ئادەمنى دىققەت بىلەن كۈزەتتىم. يول باشلىغۇچى تولىمۇ ئوسال كەيپىياتتا مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى، ناتونۇش ئادەم بىزدىن خاتىرجەملىنىپ ئېتىنى يەنە قويۇۋەتتى، ئەمدى تۈز تۇتۇپ تۇرغان مىلتىقىنىڭ ئاغزىنى يەرگە قاراتقان ئىدى.
مەن ئۇنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىغىنىنى كۆرۈپ سەل ئەجەپلەنگىنىمچە چىمنىڭ ئۈستىدە ياتتىم ھەمدە خاتىرجەم ھالدا يانچۇقۇمدىن بىر تال سىگارتنى چىقىرىپ ئۇنىڭدىن چاقماقتېشى سورىدىم. ئۇ يەنىلا زۇۋان سۈرمەي يانچۇقىدىن بىر چاقماقتېشىنى چىقىرىپ سىگارىتىمنى تۇتاشتۇرۇپ بەردى. ئېنىقكى، ئۇنىڭ پوزېتسىيىسى يۇمشىغان ئىدى ۋە كۆز ئالدىمدىلا ئولتۇردى. بىراق مىلتىقىنى قولىدىن ئايرىمىدى. مەن سىگارىتىمنى شوراۋېتىپ سىگارتلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ ياخشىسىدىن بىرنى تاللاپ ئالدىم-دە، ئۇنىڭ تاماكا چېكىدىغان- چەكمەيدىغانلىقىنى سورىدىم.
- چېكىمەن ئەپەندى، - دېدى ئۇ جاۋابەن. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم زۇۋان سۈرىشى ئىدى. مەن ئۇنىڭ « S »نى ئاندالۇسىيەلىكلەردىن پەرقلىق تەلەپپۇز قىلغىنىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىزگە ئوخشاشلا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم، بىراق ئۇ ئارخىئولوگ ئەمەس ئىدى.
- ماۋۇ سىگارتنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز،- دېدىم مەن بىر تال ھەقىقىي ھاۋانا سىگارتىنى سۇنۇپ بېرىۋېتىپ.
ئۇ ماڭا قاراپ بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويدى، ئاندىن مېنىڭ سىگارىتىمنىڭ چوغىدا قولىدىكى سىگارتنى تۇتاشتۇرۇپ ماڭا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن سىگارتنى چېكىپ بېقىپ مەمنۇن بولغىنى چىرايىغا تەپتى.
 -پاھ،- دېدى ئۇ تۇنجى شوراشتىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىسىنى ئېغىز ۋە بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن ئاستا- ئاستا قويۇپ بېرىپ،-ئۇزۇن بوپتىكەن تاماكا چېكىپ باقمىغىلى!- دېدى ئۈنلۈك قىلىپ.
 ئىسپانىيىدە بىر تال تاماكىنى قارشى تەرەپكە سۇنسىڭىز قارشى تەرەپمۇ سىگارتىڭىزنى قوبۇل قىلسا بۇ دوستلۇقنىڭ باشلىنىشى. بۇ خۇددى شەرقلىقلارنىڭ مېھماننىڭ ئالدىغا بولكا ۋە تۇزنى قويۇپ قويغاندەكلا بىر ئىش. ئۇ ئادەم مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ پاراڭچى ئىكەن.
ئۇ گەرچە ئۆزىنى موندىيالىق دېگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ رايوننى ئانچە ياخشى چۈشەنمەيدىكەن، بىز ھازىر تۇرىۋاتقان خىلۋەتتىكى بۇ گۈزەل جاينىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدى. ئاخىرىدا، مەن ئۇنىڭدىن يېقىن ئەتراپتىن كومزەك- ساپال، تاشقا ئويۇلغان بۇت بار بىر خارابىلىكنى كۆرگەن- كۆرمىگىنىنى سورىدىم. ئۇ بۇنداق نەرسىلەرگە ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەكسىچە ئۇ ئاتنى خېلى تەتقىق قىلغان ئىكەن، مېنىڭ ئېتىمنى بىر قۇر باھالاپ چىقتى. بۇ ئەلۋەتتە ئانچە قىيىن ئىش ئەمەس ئىدى. ئارقىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىنىڭ سورتى ئۈستىدە توختۇلۇپ، گوردوبادىكى مەشھۇر ئات بېقىش مەيدانىدىن كەلتۈرۈلگەنلىگى، ئەلا نەسىللىك، چىداملىق ئىكەنلىگى، ئىلگىرى بۇ ئاتنى مىنىپ بىر كۈندە 120 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقانلىقىنى ئېيتتى. تېخى بۇ ئات رەسمى ئۇچقاندەك چېپىپ ئەمەس، ئاقساپ مېڭىپتۇ... ئۇ زوق- شوق بىلەن سۆزلەۋېتىپ، تۇيۇقسىز گېپىنى توختىتىۋالدى. ئۇ ئۆزىنى گەپنى بەك كۆپ قىلىۋەتتىم دەپ ئويلاپ قېلىپ پۇشايمان قىلغان ئىدى.
- مەن ئالدىراش گوردۇباغا ماڭغان ئىدىم،- دېدى ئۇ بىر ئاز خىجىل بولغاندەك گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بىر دېلو ئۈستىدە سوتچىدىن ئۆتىنىدىغان ئىشىم بار ئىدى...
ئۇ سۆزلىگەچ يول باشلىغۇچىمغا قارىدى، يول باشلىغۇچىم ئىتتىك يەرگە قارىۋالدى.
دەرەخ سايىسى، بۇلاق سۈيىدىن كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئىدى. تۇساتتىن، موندىيادىن يولغا چىقىدىغان ۋاختىمدا، دوستلىرىمنىڭ بىر نەچچە پارچە سۈرلەنگەن گۆشنى يول باشلىغۇچىمنىڭ خورجىنىغا سېلىپ قويغانلىقى ئېسىمدىن كەچتى.مەن يول باشلىغۇچىمغا ئۇنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىدىم ھەمدە ناتۇنۇش كىشىنى بەھوزۇريىيىشكە تەكلىپ قىلدىم. باياتىن ئۇ ماڭا تاماكا چەكمىگىنىگە ئۇزاق بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىراق ئۇنىڭغا قارىسام 48 سائەتكىچە ھېچنېمە يىمىگەندەك قىلاتتى. ئۇ گۆشنى ئاچ قالغان بۆرىدەك يالماپ يۇتۇشقا باشلىدى. بۇ بىچارىنىڭ ماڭا يولۇققىنى بىر شەپقەت يۇلتۇزىغا ئېرىشكەندەك ئىش بوپتۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئۇنىڭ ئەكسىچە يول باشلىغۇچىم گۆشتىن ئازراق يەپلا تۇيۇپ قالدى، سۇنىمۇ ئاز ئىچتى. يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاختىمىزدا ئۇ ھەممىدىن خۇشال گەپ قىلىۋاتاتتى، مانا ئەمدى بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. مېھمىنىمىز بولسا بۇ يەردىن ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى، ھەر ئىككىمىز ئۆزئارا ئېھتىيات قىلىشىۋاتاتتۇق، بۇنىڭ زادى قانداق ئىشلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. ھەش- پەش دېگۈچە، بولكا ئۇۋاقلىرى ۋە سۆڭەكلەرنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، ھەر بىرىمىز يەنە بىر تالدىن سىگارت چېكىشتۇق.
مەن يول باشلىغۇچىمغا ئىككىمىزنىڭ ئېتىنى توقۇۋېتىشكە بۇيرۇپ، يېڭى بۇرادىرىم بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم. ئۇ بۈگۈن كەچ نەدە قونىدىغىنىمىزنى سورىدى. مەن يول باشلىغۇچىم قىلغان كۆز ئىشارىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا كولۋو مېھمانخانىسىدا قونىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم.
- ئەپەندى، ئۇ مېھمانخانا بەك قالايمىقان، سىزگە پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ...مەنمۇ شۇ يەرگە بارماقچى، قوشۇلسىڭىز بىللە ماڭايلى، - دېدى ئۇ.
- بەك ياخشى بولدى،- دېدىم مەن ۋە ئاتقا مىنمەكچى بولدۇم. يول باشلىغۇچىم مېنى ئاتقا يۆلەپ چىقىرىۋېتىپ يەنە كۆز ئىشارىسى قىلىپ ئۇنداق قىلماڭ دېگەننى بىلدۈردى. مەن مۈرەمنى كۆتۈرۈپ قويۇپ پۈتۈنلەي خاتىرجەم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن بىز بىللە يولغا يولغا چىقتۇق.
ئانتونىئونىڭ سىرلىق كۆز ئىشارىسى، ئالاقزادە كەيپىياتى، ناتۇنۇش بۇرادەرنىڭ قولاشمىغان گەپلىرى، بولۇپمۇ، ئېتىم بىر كۈندە 120كىلومېتىر چاپالايدۇ،دەپ ئۇرغان لاپلىرى ماڭا بۇ سەپەردىشىم ھەققىدە مەلۇم تونۇش ھاسىل قىلغان ئىدى.
شەك- شۈبھىسىزكى، مەن ھازىر بىر ئەتكەسچى ياكى بىر باندىت بىلەن ھەمسەپەر بولىۋاتاتتىم. بىراق، بۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى ؟ مەن ئىسپانلارنىڭ مېجەزىنى ناھىيىتى ئوبدان چۈشىنەتتىم. جەزىم قىلالايمەنكى، داستىخاندا بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشكەن، بىللە تاماكا چېكىشكەن ئادەمنىڭ ھېچقانداق قورققۇدەك يېرى يوق. ئۇ قېشىمىزدا بولسا ھەرقانداق يامان دۈشمەندىن بىزنى قوغدايتتى. مېنىڭ تېخى قاراقچىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بەك كۆرگۈم بار ئىدى. بۇ ھەر كۈنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس-تە. بىر خەتەرلىك ئادەم بىلەن بىللە تۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇلايىم ۋە باغرى يۇمشاق پەيتىدە سىردىشىغا ئايلىنىش ئەرزىگۈدەك بىر ئىش.
مەن تەدرىجى ھالدا ناتۇنۇش بۇرادەرنى راست گەپ قىلىشقا قىستاپ گەپ قىلدىم، يول باشلىغۇچۇمنىڭ كۆز ئىشارىسىگە پەرۋا قىلماي گەپ تېمىسىنى قەستەن يول ئۈستىدىكى ئوغرى- قاراقچىلارغا يۆتكىدىم. ئەلۋەتتە، ھۆرمەت تەلەپپۇزى بىلەن. بۇرۇن ئاندالۇسىيەدە بىر داڭلىق ئوغرى بولىدىغان، ئىسمى خېساي مارىيا بولۇپ ئۇ توغرىلىق قىزىقارلىق سۆز- چۆچەكلەر تارقالغان ئىدى. « يېنىمدىكى بۇ كىشى خىساي مارىيا بولۇپ قالمىسۇن يەنە» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىلىدىغان ئۇ باتۇرنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەردۇ- مەردانىلىقىنى يۇقۇرى باھا بىلەن ماختىدىم.
خېساي مارىيا ئادەتتىكىلا بىر ئادەم،- دېدى ناتۇنۇش بۇرادەر سوغۇقلا قىلىپ.
« بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىمۇ ياكى ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىكىمۇ؟» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. چۈنكى بۇ سەپەردىشىمنى ئەستايىدىل كۈزەتكەندىن كېيىن ئاندالۇسىيەدىكى نۇرغۇن شەھەر- بازارلارنىڭ قوۋۇقىغا چاپلانغان خېساي مارىيانىڭ سۈرىتىگە بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدىم.
«توغرا، دەل ئۆزى شۇ!...... ئالتۇن چاچ، زەڭگەر كۆز، قولى كىچىك، يوغان ئېغىز، چىشلىرى رەتلىك، زىغ-زىغ تۇتۇۋالغان كۈمۈش تۈگمىلىك چاپان كىيىۋالغان، پاچىقىغا ئاق تېرە گۆجەي باغلىغان، چىلان تورۇق ئارغىماق مىنىدىغان......دەل ئۆزى شۇ! بىراق گەپنى تۇيدۇرماي ئەگىتىپ دېيىشىم كېرەك»
بىز بىر كىچىك ساراينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇ خاتا ئېيتمىغان ئىكەن، بۇ سارايدەك شارائىتى ناچار مېھمانخانىدىن بىرنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. پەقەت بىر ئېغىزلا چوڭ ئۆي ئىدى. ئاشخانىمۇ، تاماق يەيدىغان زالمۇ ۋە ياتاقمۇ شۇ ئىدى. ئوتتۇرىسىدا بىر شىبەن تاش بولۇپ، ئۈستىگە ئوت يېقىلسا ئىسى ئۆينىڭ تورۇسىدىكى بىر تۆشۈكتىن چىقىپ كېتەتتى ياكى يەرنىڭ ئۈستىدىن بىر نەچچە چى ئېگىزلىكتە بۇلۇتتەك لەيلەپ يۇرەتتى. تام ياقىلاپ 5-6پارچە كونا پالاز سېلىنغان بولۇپ، مېھمانلار مانا مۇشۇ يەردە ئۇخلايتتى. سارايدىن 20 قەدەم نېرىسىدا بىر ھارۋا قويىدىغان جاي بار ئىدى، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئېغىل دېگەن تۈزۈك. بۇ چاققان تۇرالغۇدا پەقەتلا بىر مومايبىلەن 10-12 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز بار بولۇپ، ئۆڭى قارا، كىيىملىرى ئىنتايىن جۇل- جۇل ئىدى. « ئەجىبا بۇلار قەدىمقى موندادىكى بۇدېكا پۇقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىدۇ؟ ھەي كەيسا! ھەي سىستوس پومپېي! ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلەلىگەن بولساڭلار ئۇلارنى كۆرۈپ چوقۇم ھەيران قالماي تۇرالمايتىڭلار!»
موماي ھەمرايىمنى كۆرۈپلا ئۆزىنى تۇتالماي توۋلىۋەتتى:
پاھ! دون خېساي غوجامغۇ بۇ!
دون خېساي قاپىقىنى تۈرۈپ، سۈرلۈك ھالدا قولىنى بىر كۆتۈرىۋېدى، موماي شۇ ھامان جىم بولدى. مەن بېشىمنى بۇراپ يول باشلىغۇچۇمغا كۆز ئىشارىسى قىلدىم-دە، بۈگۈن كەچتىكى بۇ ھەمرايىمىزنى تولۇق چۈشەنگىنىمنى، ئۇنىڭ ئەمدى يالغان گەپ قىلالمايدىغىنىنى بىلدۈردۈم. پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، كەچلىك تاماق ناھىيىتى مول تارتىلدى. غىزالار بىر تاق پۇتلۇق شىرەنىڭ ئۈستىگە تىزىلدى. قىزىلمۇچ بىلەن قورۇلغان خۇراز گۆشى، ماي بىلەن قورۇلغان قىزىلمۇچ، ئەڭ ئاخىرىدا «گاسباسو» كەلتۈرۈلدى. ئۇ بىر خىل قىزىلمۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان سالات ئىكەن. 3 خىل قورۇمىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاچچىق ئىدى. بىز تۇلۇمغا قاچىلانغان ئۈزۈم ھارىقىنى ئېلىپ كېلىپ ئىچمەي تۇرالمىدۇق. بۇ ھاراقنىڭ تەمى ياخشى ئىدى. تاماقتىن كېيىن مەن تامغا ئېسىلغان بىر مىندوتنى كۆردۈم. ئىسپانىيىنىڭ ھەممە يېرىدە مىندوت بار ئىدى، مەن قىزچاقتىن ئۇنى چالالايدىغان- چالالمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
چالالمايمەن،- دېدى قىزچاق جاۋاپ بېرىپ، - بىراق، دون خېساي بەك ئوبدان چالىدۇ.
ماڭا ناخشا ئېيتىپ بەرسىڭىز قانداق، مەن سىلەرنىڭ خەلق ئاھاڭلىرىنى بەكمۇ ياختۇرىمەن،- دېدىم مەن دون خېسايغا.
- ئەپەندى، سىز بەك ئوبدان مۆتىۋەر ئىكەنسىز، ماڭا شۇنداق ئېسىل سىگارتلارنى بېرىۋاتسىڭىز تەلىۋىڭىزنى قانداقمۇ رەت قىلاي،- دېدى ئۇ خۇشال جاۋاپ بېرىپ، ئارقىدىن مىندوتنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى چېلىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بوم چىقاتتى، لېكىن مۇڭلۇق دېيىشكە بولاتتى، مىلودىيىسى قۇرغاق ھەم غەلىتە ئىكەن. تېكىستىنى پەقەتمۇ چۈشىنەلمىدىم.
- خاتالاشمىسام،- دېدىم ئۇنىڭغا،- سىز باياتىن ئوقىغان ناخشا ئىسپانچەئەمەسقۇ دەيمەن، مەن چەتئۆلكىدە ئاڭلىغان «زورچېك» كۈيىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ، تېكىستى باسكو تىلىدەك قىلىدۇ.
- توغرا،- دېدى دون خېساي چىرايى تۇتۇلغان ھالدا جاۋاپ بېرىپ. ئاندىن ئۇ مىندوتنى يەرگە قويۇپ،ئۆچەي دەپ قالغان ئوتقا سىنچىلاپ قارىدى. يۈزىنى شىرە ئۈستىدىكى پەنەر يورۇتۇپ تۇراتتى، ماڭا ئۇ تولىمۇ باھادىر ھەم قەبىھ كۆرۈنۈپ، مىلتوننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى سارداننى ئېسىمگە سالدى. بەلكىم مېنىڭ بۇ ھەمرايىممۇ سارداندەك ئۆينى تەرك ئېتىپ چىقىپ كەتكەندۇ، بىر قېتىملىق ئېزىشتىن كېيىن ياقا يۇرتلارغا سەرگەندان بولۇپ چىقىپ كەتكەندۇ. مەن گەپ تېمىسىنى يۆتكىمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇ زۇۋان سۈرۈشنى خالىماي، غەمكىن خىيالغا غەرق بولدى. بۇ چاغدا موماي ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى، موماي ئۇخلاش ئورنىغا بىر تانىنى تارتىپ تانىنىڭ ئۈستىگە بىر كونا كۆرپىنى ئارتىپ ئايرىۋەتكەن ئىدى. قىزچاقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەخسۇس ئاياللارغا تەئەللۇق بولغان بۇ جايغا كىرىپ كەتتى. يول باشلىغۇچۇم ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا:
- ئات ئېغىلىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلىمۇ ،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دون خېساي خىيالىدىن ئويغاندى-دە، قاتتىق تەلەپپۇزدا ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى سورىدى.
- ئات ئېغىلىغا،- دېدى يول باشلىغۇچۇم جاۋاپ بېرىپ.
- نېمىگە بارىسەن؟ ئاتنىڭ يەيدىغىنى بار، بۇ يەردە ئۇخلا، ئەپەندىم بۇنىڭغا ياق دېمەيدۇ.
- ئەپەندىنىڭ ئېتىنى ئاغرىپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرىۋاتىمەن، مەن ئەپەندىم ئۆزى بېرىپ قاراپ باقسىكەن دەپ ئويلىدىم، بەلكى ئەپەندىم قانداق داۋالاشنى بىلىدىغاندۇ.
ئىنتايىن ئېنىقكى، ئانتونىئونىڭ مەن بىلەن ئايرىم سۆزلەشكۈسى باردەك قىلاتتى، بىراق مەن دون خېسايدا گۇمان تۇغدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم، بولۇپمۇ بۇ ۋەزىيەتتە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مۇتلەق خاتىرجەم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. شۇڭا مەن ئانتونىئوغائاتقا نىسبەتەن كەسپ ئەھلى ئەمەسلىكىمنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ھېرىپ كەتكەنلىگىمنى ئېيتتىم. دون خېساي يول باشلىغۇچۇم بىلەن بىللە ئېغىلغا چىقىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەيلا ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلدى ۋە ئاتقا ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يول باشلىغۇچۇمنىڭ ئېتىمنى ناھىيىتى قىممەت باھالىق كۆرۈپ چاپىنى بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتقانلىقىنى ئېيتتى.
- ئۇ بۇ خىزمەتنى بەك ياختۇرىدىكەن، كېچىچە قىلىدىغان ئوخشايدۇ، - دېدى ئۇ.
بۇ چاغدا مەن پالاز ئۈستىدە يېتىپ بولغان، پالازغا تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن پىلاشىمنى چىڭڭىدە يېپىنچاقلىۋالغان ئىدىم. دون خېساي «كەچۈرۈڭ» دەپ يېنىمدا ياتتى. ھەمدە ئىشىكتىن كۆزىنى ئۈزمەي مىلتىقىنىڭ ئوقدىنىنى ئالماشتۇرۇپ، ئېھتىيات بىلەن ياستۇق كىرلىكىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى. بىر ئۆزئارا خەيرلىك كەچ دېيىشىپ، 5 مىنۇتتىن كېيىن ئۇيقۇغا غەرق بولدۇق.
مەن ئۆزەمنى بەك ھېرىپ كەتتىم، بۇ يەردە ئۇخلىيالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق بىر سائەتتىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىم چىدىغۇسىز قىچىشىپ ئويغىنىپ كەتتىم.مەن سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆيدىن تالا ياخشىكەن دەپ ئويلىدىم. مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ئىشىك ئالدىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان دون خېساينىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم، ھەرىكىتىمنى شۇنداق ئېھتىيات بىلەن قىلدىمكى، ئۆيدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى ئويغىتىۋەتمىدىم. ئۆينىڭ يېنىدا بىر كەڭرى ئورۇندۇق بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە يېتىپ بۇ بىر كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم. ئىككىنچى قېتىم كۆزۈمنى يۇمىدىغان ۋاختىمدا تۇساتتىن، كۆز ئالدىمدا بىر ئادەم ۋە بىر ئاتنىڭ سايىسى پەيدا بولدى. ئۇلار يول ماڭغاندا ئازراقمۇ شەپە چىقارمايتتى. مەن ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئانتونىئو ئىكەنلىكىنى تونىدىم. ئۇنىڭ بۇ كەم بولغاندا ئات ئېغىلىدىن چىققانلىقى بەكمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى.
- ئۇ قەيەردە؟- دەپ سورىدى ئۇ تولىمۇ بوش ئاۋازدا.
- ساراينىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتىدۇ، پىت- بۈرگىدىن قورقمايدىكەن، سەن نىمىشقا ئاتنى يېتىلەپ ماڭدىڭ؟
بۇ چاغدا بايقىدىمكى، ئانتونىئو ئېغىلدىن ھېچقانداق شەپە چىقارماي چىقىش ئۈچۈن ئاتنىڭ تۇيىقىنى كونا پالازنىڭ پارچىلىرى بىلەن يۆگىۋېتىپتۇ.
- ئۆتۈنۈپ قالاي بوشراق گەپ قىلسىڭىز، - دېدى ئانتونىئو،- بۇ ئادەمنىڭ كىملىگىنى بىلمەيسىز. خېساي ناۋارو دېگەن شۇ، ئاندالۇسىيەدىكى مەشھۇر ئوغرى. پۈتۈن بىر كۈن كۆز ئىشارىسى قىلسام قاراپمۇ قويمىدىڭىز.
- ئۇنىڭ ئوغرى بولۇش- بولماسلىقى بىلەن نېمە ئىشىم بار؟- دېدىممەن جاۋاپ بېرىپ،- ئۇ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئوغۇرلىمىدى، چېكىپ باقسام ھېچ بىزنى بۇلايدىغاندەك ئەمەس.
- ناھىيىتى ياخشى! كىم ئۇنى ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ بەرسە 200 دۇكاتو مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. مەن بۇ يەردىن 6 كىلومېتىر نېرىدا بىر قۇراللىق ئەسكەرلەر قاراۋۇلخانىسى بارلىقىنى بىلىمەن. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن مەن بىر نەچچە قاۋۇل ئەسكەرنى باشلاپ كېلىمەن. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېتىنى ئېلىپ قاچاي دېگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئېتى بەك يامان ئىكەن، ناۋارودىن باشقا ئادەمنى يېقىن كەلتۈرمىگۈدەك.
- شورىڭ قۇرىسۇن!- دېدىم ئۇنىڭغا، - بۇ بىچارە ئادەم ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانغا تۇتۇپ بېرىسەن؟ سەن ئۇنىڭ ئەشۇ ئوغرى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلالامسەن؟
- جەزىم قىلالايمەن، باياتىن ئۇ مەن بىلەن بىللە ئېغىلغا كىرگەندە ماڭا تەھدىت سېلىپ ‹ سەن مېنى تونۇيدىكەنسەن، ئەگەر سەن ئاۋۇ ياخشى نىيەتلىك خۇجايىنىڭغا كىملىگىمنى دەپ قويىدىغان بولساڭ مېڭەڭنى چۇۋۇۋېتىمەن› دېدى، سىز كەتمەي ئۇنىڭ يېنىدا قېلىڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ يېنىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى بىلسە قىلچە گۇمانلانمايدۇ.
بىز بۇ گەپنى دېيىشىۋېتىپ، سارايدىن يىراقلاپ كەتتۇق، ئات تۇيىقىنىڭ ئاۋازىنى ئەمدى ھېچكىم ئاڭلىيالمايتتى. ھەش- پەش دېگۈچە، ئانتونىئو ئات تۇيىقىغا يۆگەپ قويغان لاتىلارنى ئېلىۋېتىپ ئاتقا مىندى. مەن ئۆتۈنۈش ھەم تەھدىت بىلەن ئۇنى توسۇپ قالماقچى بولدۇم.
- ئەپەندىم، مەن بىر نامرات، - دېدى ئۇ ماڭا، - 200 دوكاتودىن ۋاز كېچەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكتىكى بىر زىيانداشنى يوقاتقان بولىمەن. بىراق سىز ئېھتىيات قىلىڭ، ناۋارو ئويغىنىپ قالسا سىزنى بوش قويمايدۇ. مەنچۇ؟ مەن يولۋاسقا مىنىپ بولدۇم، ئەمدى چۈشەلمەيمەن، قاراپراق ئىش قىلارسىز.
شۇنداق دەپ بۇ ئەبلەخ ئاتقا مىندى-دە، ئىككى پۇتىنى بىر قىسىپلا ئاتنى چاپتۇرۇپ قاراڭغۇلۇقتا غايىپ بولدى.
ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئاچچىقىم كەلدى ھەم تولىمۇ خاتىرجەمسىزلەندىم. بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ساراي ئىچىگە قايتىپ كىردىم. دون خېساي تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ. قارىغاندا، بىر نەچچە كۈنلۈك سەپەر ھاردۇقىنى چىقارماقچىدەك قىلاتتى. مەن ئۇنى كۈچلۈك سىلكىپ ئويغاتتىم. ئۇنىڭ ۋەھشى بۆرىدەك بىر جۈپ كۆزى ۋە مىلتىقىنى ئاختۇرغان ھەرىكىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسمەن، بەختكە يارىشا، مىلتىقنى سەل نېرىغا ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان ئىدىم.
- بۇرادەر،- دېدىم ئۇنىڭغا، ئويغىتىۋەتكىنىمنى كەچۈرۈڭ، بىراق سىزدىن شۇنداق سوراشقا مەجبۇرمەن: بەش- ئالتە قوراللىق ئەسكەر بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، كارىڭىز يوقمۇ؟
ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى- دە، ئۈنلۈك قىلىپ سورىدى:
بۇنى سىزگە كىم دېدى؟
- ئاگاھلاندۇرۇشنى توغرا دەپ قارىساق، ئۇنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىغا قارايمىز.
- يول باشلىغۇچىڭىز ماڭا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيمەن! ئۇ قەيەردە؟
- بىلمەيمەن...ئېغىلدىدۇ....پەرىزىمچە...بىراق ماڭا بۇ گەپنى باشقا بىرسى ئېيتتى...
- كىم ئېيتتى؟...موماينىڭ ئېيتىشى مۈمكىن ئەمەس...
- ناتونۇش بىرسى...بولدى، سىز ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ياتمايدىغانسىز. مۇبادا ئۇنداق ئويلىمىغان بولسىڭىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، بولمىسا سىزگە خوش دەي، چۈشلىرىڭىزنى بۇزۇۋەتكىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭ.
- ھەي، سىزنىڭ ئۇ يولباشلىغۇچىڭىز!مەن باشتىلا ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن...بوپتۇ، ھامىنى ئۇنىڭدىن ھېساپ ئالماي قويمايمەن!......خەير- خوش ئەپەندى، قىلغان ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن تەڭرىم سىزنى ئامان قىلسۇن. مەن سىز ئويلىغاندەك ئەسكى ئادەم ئەمەس...راست دەۋاتىمەن، ئادەمگەرچىلىكنى بىلىمەن، سىزدەك سەمىمىي بىر ئېسىلزادىنىڭ خەيرخاھلىق قىلغىنىغا ئەرزىيمەن... ئامان بولۇڭ ئەپەندى...ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرالمىغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن.
- ئەگەر ياخشىلىقىمنى قايتۇرماقچى بولسىڭىز دون خېساي، ئۇنداقتا ماڭا ماقۇل دەڭ، ھېچكىمدىن گۇمانلانماڭ ھەم ئۆچ ئېلىشنى ئويلىماڭ، ئېلىڭ، بۇ سىگارتنى يولدا چېكەرسىز، سىزگە ئاقيول تېلەيمەن!- دېدىم مەن ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇنۇپ.
ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي قولۇمنى چىڭ سىقتى-دە، مىلتىقى بىلەن خورجۇنىنى ئېلىپ، مومايغا مەن چۈشەنمەيدىغان يەرلىك تىلدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئېغىلغا قاراپ ماڭدى. سەلدىن كېيىن ئۇنىڭ چۆل تەرەپكە ئۇچقاندەك چېپىپ چىقىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم.
مەن ئورۇندۇققا كېلىپ ياتتىم، لېكىن ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۆز- ئۆزۈمدىن سورىدىم: بىر قاراقچى، بەلكى بىر قاتىل جىنايەتچىنى دار ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرغىنىم راست توغرىمۇ؟ توغرا بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرلەنگەن گۆش ۋە ۋالۇنسىيەچە قورۇما يىگىنىم ئۈچۈنمۇ؟ ئەجىبا، مەن قانۇننى ھىمايە قىلىدىغان يول باشلىغۇچۇمنى سېتىۋەتمىدىممۇ؟ جىنايەتچىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدىممۇ؟ بىراق، دوستلار ئارا مەرت- ساداقەتلىك ئەلا-دە!...مەن يەنە شۇنداق دېدىم: ھەقىقەتەن نادانلىق قىلىپ ساپتىمەن، كەلگۈسىدە قاراقچىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرى ماڭا ئارتىلىدىغان بولدى...بىراق، تەبىئىتىمدىكى ئۆزگەرتىش تەس بولغان ھىسداشلىقنى نادانلىق دېگىلى بولماس؟ بەلكى، قىل ئۈستىدىكى ئەشۇ شارائىتتا قانداقلا قىلغان بولسام پۇشايمان قىلىشتىن ساقلىنالماس بولغىيتتىم.
مەن ئۆز ھەرىكىتىمنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە توغرا كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرغاندا، تۇساتتىن ، 6 ئاتلىق ئەسكەر پەيدا بولدى، ئانتونىئو ئەڭ ئاخىرىدا ئېھتىيات بىلەن كېلىۋاتاتتى. ئالدىغا چىقىپ، قاراقچىنىڭ قېچىپ كەتكىنىگە 2 سائەت بولغانلىقىنى ئېيتتىم. موماي ئەترەت باشلىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ ناۋارونى تونۇيدىغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانتۇل موماي بولغاچقا ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى پاش قىلمىغىنىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ناۋارونىڭ ھەر قېتىم كەلگەندە يېرىم كېچىدە كېتىدىغىنىنى ئېيتتى. ماڭا كەلگەندە، 10 كىلومېتىر نېرىسىغا ئاپارغاندىن كېيىن پاسپورتىمنى چىقارغۇزۇپ كۆردى. بىر سوتچىنىڭ ئىمزالىق تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمغا قوشۇلدى. ئانتونىئو مەندىن نەپرەتلەندى، قولىغا چۈشەي دەپ قالغان 200 دۇكاتودىن قۇرۇق قالغىنى ئۈچۈن غۇم ساقلىدى. لېكىن بىز گوردوبادا يەنىلا تەكەللۈپ بىلەن خوشلاشتۇق. مەن ئىقتىسادىمنىڭ يار بېرىشىچە ئۇنىڭغا خېلى كۆپ پۇل بەردىم.

2
گوردۇبادا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىم، بىر كىشى ماڭا دومىنفو چېركاۋىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بىر قوليازمىنىڭ بارلىقىنى، ماڭا قەدىمقى موندالىقلار توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ماتىرىياللارنى تېپىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاقكۆڭۈل پوپلار مېنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى. كۈندۈزى مۇناستېر ئىچىدە ھارغىچە ئىشلەپ كېچىسى شەھەرگە يېنىپ كىرەتتىم. گوردۇبادا گۇگۇم چۈشۈشى بىلەن گۋاداگىۋېر دەرياسىنىڭ ئو قىرغىقىدا ھامان بىر توپ بىكارچى كىشى بولاتتى. ئۇ يەردە قەدىمدىن تارتىپ داڭقى بار خرۇم زاۋۇتىدىن چىققان پۇراقنى پۇرىغىلى بولاتتى، يەنە بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان مەيدانمۇ بار ئىدى. كەچلىك تىلاۋەت قوڭغۇرىقى چېلىنىشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن بىر توپ ئاياللار دەريا قىرغىقىدىكى ئېگىز دامبىنىڭ ئاستىغا يىغىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىرمۇ ئەر كىشى يۈرەكلىك بارالمايتتى. كەچلىك تىلاۋەت قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن ئاياللار كىيىمىنى سېلىپ سۇغا سەكرەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس كۈلكە، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاينايتتى. ئەرلەر كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە قىرغاقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تەرىپىدە تۇرۇپ يۇيۇنىۋاتقان بۇ ئاياللارغا قارايتتى، لېكىن ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى. بىراق كۆكۈش دەريا يۈزىدە گىرىمسەن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق بەدەنلەر شائىرانە تۇيغۇغا باي ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغاپ، ئازراق كاللا يۈگۈرتسىلا دىئاننا ۋە پەرىشتىلەرنىڭ سۇغا چۆمىلىشى توغرىسىدىكى مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى. بىراق، ئاكتىۋىندەك تەقدىرگە دۇچار بولارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر كۈنى بىر نەچچە قىلىقسىز بىكار تەلەپلەر ئاز-پاز پۇل يىغىش قىلىپ چېركاۋنىڭ قوڭغۇراقچىسىنى سېتىۋېلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەچلىك تىلاۋەت ۋاختىدىن 20مىنۇت بۇرۇن قوڭغۇراق چېلىشنى تەلەپ قىپتۇ. گەرچە ئەتراپ خېلىلا يورۇق بولسمۇ ئەمما گۋادىگىر دەرياسى بويىدىكى ساھىپجاماللار كەچلىك تىلاۋەت قوڭغۇرىقى ۋە قۇياشقا ئىشەنگەن ھالدا قىلچە ئىككىلەنمەستىن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ پەقەت نېپىز رۇباشكىسى بىلەنلا سۇغا سەكرەپتۇ. ئۇ چاغدا مەن يوق ئىدىم، بار چېغمدا قوڭغۇراقچى پارا ئالمىدى. تاڭەي، قاراڭغۇدا پەقەت مۈشۈكلا ئەڭ قېرى ماندارىن ساتقۇچى موماي بىلەن گوردوبادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايال ئىشچىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
بىر كۈنى كەچ، ئەتراپقا پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق يېيىلىپ بولغان چاغ ئىدى. مەن قىرغاقتىكى رىشاتكىغا يۆلەنگىنىمچە تاماكا چېكىۋاتاتتىم. تۇساتتىن، بىر ئايال دەريا لېۋىدىكى پەلەمپەيدىن يۇقۇرىغا ئۆرلەپ قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى. چېكىسىگە قىستۇرىۋالغان يوغان يەسىمەنگۈلدىن كېچە قوينىغا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان خۇشپۇراق تارقىلاتتى. كىيىنىشى ئاددى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشتىن- ئاياق قارا رەڭلىك بولۇپ كۆپ ساندىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ كېچىلىك كىيىمىگە ئوخشايتتى. پەقەت ئاقسۆڭەك ئاياللارلا ئەتىگىنى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ كەچتە فىرانسىيە ئۇسلۇبىدا ياسىنىشدۇ. ئايال قېشىمغا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ باش ياغلىقىنى قەستەن مۈرىسىگە سىيرىلدۈرۈپ چۈشۈردى. يۇلتۇزلارنىڭ ئاجىز نۇرىدا ئۇنىڭ تولىمۇ ياش، لىۋەن، بىر جۈپ يوغان كۆزى بار قىزلىقىنى بايقىدىم. مەن قولۇمدىكى سىگارتنى دەرھال يەرگە تاشلىدىم. ئۇ مېنىڭ تىپىك فىرانسىيەچە ئەدەپ بىلدۈرگىنىمنى چۈشىنىپ دەرھال ماڭا گەپ ئاچتى. ئۇ تاماكا پۇرىقىغا ئامراقلىقىنى، ياخشى تاماكا بولسا چېكەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. تاماكا قۇتامدا بىر نەچچە تال سىگارت بار ئىدى، دەرھال تەڭلىدىم. ئۇ راستىنلا بىر تالنى ئالدى، بىر بالا ئۇنىڭغا چوغسىراپ تۇرغان بىر پىلىكنى ئەكىلىپ بەردى. ئۇ بالىغا بىر دانە كەمپىتنى بەرگەندن كېيىن تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بىز تاماكا چېكىشكەچ ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، تاكى قىرغاقتا مەن ۋە ئۇ ساھىپجامالدىن بۆلەك بىرمۇ ئادەم قالمىغۇچە. مەن ئۇنى سوغۇق قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلسام رەت قىلماس دەپ ئويلىدىم. ئۇ بىرئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن ماقۇل بولدى. بىراق بىر قارارغا كېلىشتىن بۇرۇن سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. سائىتىمنى بېسىشىمغا قوڭغۇرىقى ئاۋازلىق بەلگە بەردى. ئۇ تولىمۇ ھەيران قالدى.
- سىلەر چەتئەللىكلەرنىڭ كەشپ قىلمايدىغان نەرسىسى يوق! ئەپەندىم، سىز قايسى دۆلەتتىن؟ خاتالاشمىسام ئەنگىلىيىلىكقۇ دەيمەن؟
- ئۇنىڭ نېرىسىدىكى فىرانسىيىدىن، سىزچۇ؟ خانقىز دەيمۇ ياكى خانىممۇ؟ خاتالاشمىسام سىز گوردۇبالىققۇ دەيمەن؟
- ياق.
- ئەمىسە ئاندالۇسىيەلىك. تەلەپپۇزىڭىز بەك يۇمشاق ئىكەن، مەن شۇنداق ئويلىدىم.
- تەلەپپۇزنى پەرق ئېتىشكە بۇنچە ئۇستا بولسىڭىز مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى چوقۇم بىلەلىگۈدەكسىز.
- مەن سىزنى جەننەتكە ئىككى قەدەملا كېلىدىغان ئەيسانىڭ يۇرتىدىن دەپ ئويلىدىم.(بۇ ئىستىئارە ئاندالۇسىيەنى كۆرسىتەتتى، مەن بۇنى دوستۇم، مەشھۇر بۇقا سوقاشتۇرۇش تەنھەركەتچىسى فرانسېس سېۋىلىيەدىن ئۆگىنىۋالغانىدىم)
- ئاشۇرىۋەتتىڭىز، جەننەت...بۇ يەردىكىلەرنىڭ دېيىشىچە جەننەت بىز ئۈچۈن تەييارلانماپتىكەن.
- ئەمىسە سىز مورلىقمۇ؟ ياكى....
مەن توختاپ قالدىم، يەھۇدىلارنىڭ بۇ نامىنى تىلغا ئېلىشتىن ھەزەر ئەيلىدىم.
- بولدى! بولدى! سىز ئېنىق بىلىپ بولدىڭىز، مەن بوخېمىيەلىك. پال ئاچتۇرامسىز؟ كارمېن خېنىم دەپ دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ كارمېن خېنىم دېگەن مەن شۇ.
15 يىل بۇرۇن پەقەتلا جىن- ئەرۋاھقا ئىشەنمەيتتىم، شۇڭا پېرىخونلارنىڭ قېشىدا تۇرسام قورقۇپ قېچىپ كەتمەيتتىم. «قالتىس!» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، «ئۆتكەن ھەپتە يول توسىدىغان بىر قاراقچى بىلەن تاماق يەپتىمەن، بۈگۈن بىر پىرىخون بىلەن تاماق يىگۈدەكمەن. ئۆيدىن باش ئېلىپ چىقسا ھەر ئىشنى كۆرىدىكەن ئادەم»
مېنىڭ ئۇنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىمدە يەنە بىر مەقسەت بار ئىدى. ئېيتىشتىن خىجىل بولساممۇ دەۋېرەي: ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت پېرىخونلۇقنى تەتقىق قىلىپ بىر نەچچە قېتىم جىن- شاياتۇنلارنى ھەيدەپ باققان ئىدىم. گەرچە بۇ ھەۋىسىمدىن ئاللىبۇرۇن قول ئۈزگەن بولساممۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئېتىقاد شەكىللىرىنى كۆرسەملا چوقۇم ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالاتتىم. بوخىمېيەلىكلەرنىڭ جىنكەشلىكتە قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى بىلىش مېنى قىزىقتۇرىدىغان ئىشنىڭ بىرى ئىدى. پاراڭلاشقاچ سوغۇق قەھۋە دۇكىنىغا كىرىپ بىر كىچىك شىرەنى تېپىپ ئولتۇردۇق. شىرەنىڭ ئۈستىنى بىر پەنەر يورۇتۇپ تۇراتتى. شۇندىلا مەن بۇ سىگان قىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردۈم. دۇكاندىكى بىر نەچچە خېرىدار مېنىڭ شۇنداق گۈزەل بىر قىز بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قېلىشتى.
مەن كارمېن خېنىمنىڭ ساپ بوخېمىيەلىك ئىكەنلىگىدىن گۇمانلاندىم. ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇ مەن كۆرگەن باشقا بوخېمىيەلىك ئاياللاردىن يۈز ھەسسە چىرايلىق ئىدى. ئسپانلارنڭ قارشىچە، بىر ئايال گۈزەل بولۇش ئۈچۈن چوقۇم 30 شەرتنى ھازىرلاش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنى سۈپەتلەيدىغان 10 سۆزگە ماس كېلىشى ھەمدە ھەر بىر سۈپەت ئۇنىڭ بەدىنىدىكى 3 جايغا چوقۇم ماس كېلىشى كېرەك ئىدى. ئالايلۇق، 3 قارا بولۇش: كۆز، قاپاق ۋە قاش. 3 ئىنچكە بولۇش: بارماق، لەۋ، چاچ دېگەندەك...بۇرانت تومنىڭ ئەسىرىگە تەپسىلى قاراڭ.
يېنىمدىكى بۇ بوخېمىيەلىك قىز ئەلۋەتتە مۇكەممەل گۈزەللەردىن ئەمەس ئىدى. تېرىسى يۇمران بولسىمۇ ئەمما مىسرەڭگە مايىل ئىدى. كۆز قۇيرىقى ئۈستىگە تارتىلغان بولۇپ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى؛ لەۋلىرى سەل قېلىن بولسىمۇ شەكلى چىرايلىق بولۇپ سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چاچلىرى يىرىك، ئۇزۇن ھەم قارا بولۇپ، قاغىنىڭ قانىتىدەك پارقىراپ تۇراتتى. ئوقۇرمەنلىرىمنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يىغىنچاقلاپلا دەي، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەر بىر نۇقسان ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بىر خىل ئۆزگۈچە بولغان ياۋايى گۈزەللىك. ئۇنىڭ ھۆسىن- جامالى بىر قاراشتىلا مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك ھەيران قالدۇراتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە ئوتلۇق ۋە ياۋۇز ئىدىكى، ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق ئوتلۇق بىر جۈپ كۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بوخېمىيەلىكلەر بۆرە كۆز. ئىسپانلارنىڭ بۇ ئىدىئومىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر كۆزەتكەندىن كېيىن چقارغان يەكۈنى دېيىشكە بولاتتى. ئەگەر سىزنىڭ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا بېرىپ بۆرىنىڭ كۆزىنى تەتقىق قىلغۇدەك ۋاختىڭىز بولمىسا، مۆشۈكىڭىزنىڭ قۇچقاچقا ئېتىلغان چاغدىكى كۆزلىرىگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
مەن قەھۋەخانىدا پال ئاچقۇزسام باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشتىن قورقتۇم. شۇڭا بۇ گۈزەل ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ شۇ ھامانلا ماقۇل بولدى. لېكىن يەنە بىر قېتىم سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سائەتنىڭ قوڭغۇرىقىدىن ئاۋاز چىقىرىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى.
ـ جىڭ ئالتۇندىن ياسالغانمۇ؟- دېدى ئۇ سائەتكە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆز تاشلاپ.
بىز قەھۋەخانىدىن چىققاندا كېچە بىر يەرگە بارغان بولۇپ، دۇكانلار ئاساسەن تاقىلىپ، كوچىدا بىرمۇ ئادەم قالمىغان ئىدى. بىز گۋادىگىۋىر دەرياسىنىڭ چوڭ كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ شەھەرنىڭ ئايىقىدىكى دوقمۇشقىچە مېڭىپ ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختىدۇق. ئىشىكنى بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئېچىپ بەردى. بوخېمىيەلىك بۇ قىز ئۇ بالىغا مەن چۈشەنمەيدىغان تىل بىلەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. كېيىن بىلدىمكى، ئۇ روماننى ياكى چىپۇكالى دەيدىغان سىگانلارنىڭ تىلى ئىكەن. بالا گەپنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال كەتتى. بىز ناھىيىتى كەڭرى بىر ھوجرىنىڭ ئىچىدە يالغۇز قالدۇق. ھوجرىنىڭ ئىچىدە بىر كىچىك شىرە، ئىككى ئورۇندۇق ۋە بىر ياغاچ ئىشكاپ بار ئىدى. توغرا، يەنە بىر قۇتا كونسېرۋا، بىر دۆۋە ماندارىن ۋە بىر باغلام پىيازمۇ بار ئىدى.
ھوجرىدا پەقەت ئىككىمىزلا يالغۇز قالغاندىن كېيىن، بوخېمىيەلىك ئايال ئىشكاپ ئىچىدىن تولا شىلانغىنىدىن پۈرلىشىپ كەتكەن بىر قارت، بىر ماگنېت تېشى، قۇرۇپ كەتكەن بىر ئۆلۈك يىلان ۋە بىر نەچچە بۇرغىنى ئالدى. ئاندىن ماڭا بىر تەڭگىنى بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سول قولۇمغا بىر كىرىسىت سىزىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن ئۇ پال سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى تەسۋىرلەپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ پال سېلىش تەرتىۋىگە قاراپ تۈزۈك بىر نەرسىنى ئاڭقىرالمىدىم. بىراق، پال سېلىش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىراۋ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردى.
ئىشىك تاراققىدە ئېچىلىپ، پۈتۈن بەدىنىنى قارا كىيىم بىلەن ئوراپ پەقەت كۆزىنىلا ئوچۇق قويغان بىر ئەر ئۆيگە ئۈسۈپلا كىردى-دە، ھېچقانداق تۈزۈت قىلمايلا بوخېمىيەلىك قىزغا ۋارقىراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى چۈشىنەلمىدىم، لېكىن تەلەپپۇزىدىن قاتتىق ئاچچىقلانغىنى چىقىپ تۇراتتى. سىگان قىز ئۇنى كۆرۈپ قىلچە قورقۇپ كەتمىدى ھەم ئاچچىقلانمىدى. پەقەت ئەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ باياتىن ماڭا ئىشلەتكەن سىرلىق تىل بىلەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. مەن پەقەت ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىم «چەتئەللىك» دېگەن سۆزىنىلا چۈشىنەلىدىم. مەن بوخېمىيەلىكلەر چەتئەللىكنى كۆرگەندە شۇنداق ئاتايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. مەن ئۇلارنىڭ مەن توغرىلىق سۆزلىشىۋاتقىنىنى پەرەز قىلىپ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم- دە، ئورۇندۇقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پەيتنى تېپىپ ئۇ چاقىرىلمىغان مېھماننىڭ بېشىغا ئاتماقچى بولدۇم. كۈتۈلمىگەندە ئۇ بوخېمىيەلىك قىزنى قوپاللىق بىلەن يانغا ئىتتىردى-دە، ماڭا قاراپ يېقىن كەلدى، لېكىن، ئارقىسىغا بىر قەدەم داجىپ كەتتى:
ھوي، ئەپەندىم، بۇ سىز ئىكەنسىزغۇ!
مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ دوستۇم دون خېساي ئىكەنلىكىنى تونىدىم. بۇ چاغدا، ئۇنى باشقىلارغا تۇتۇپ بەرمىگىنىم ئۈچۈن راستىنلا پۇشايمان قىلدىم.
- ئەستا، بۇرادەر، بۇ سىزمۇ!- دېدىم مەن قاقاھلاپ كۈلگىنىمچە چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ،- خانقىز ماڭا پال سېلىۋاتاتتى، سىز كېلىپ پالنى بۇزۇۋەتتىڭىز.
ـ ئۆگۈنۈپ قالغان خۇيى! ئۇنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ، - دېدى ئۇ چىشىدىن يەل قاچۇرۇپ سۆزلەپ ھەمدە ئۇ قىزغا قەبىھ بىر نەزەردە قارىدى.
بوخېمىيەلىك قىز ئۆز تىلىدا ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى ھەمدە بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ ئىككى كۆزى غەزەپتىن چاقناپ، مەڭىزلىرى ئېسىلگىنىچە يەرگە توختىماي تەپتى. قارىماققا ئۇ ئەرنى نېمىگىدۇر مەجبۇرلاۋاتاتتى-يۇ، بىراق ئىككىلىنىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. نېمە ئىشلىقىنى مەن ئېنىق چۈشەندىم. چۈنكى ئايال نازۇك قولى بىلەن گېلىنى پىچاق سۈركىگەندەك تېز-تېز سۈركەيتتى. مەن ئۇ بىر ئادەمنى بوغۇزلىماقچى بولسا كېرەك، ئۇ چوقۇم مەن دەپ ئويلىدىم. ئۇ توختىماي سۆزلەۋەردى. بىراق، دون خېساي ئىككى ئېغىزلا جاۋاپ قايتۇردى. بوخېمىيەلىك ئايال قىلچە مەنسىتمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى- دە، ئاندىن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا بېرىپ چازاقۇرۇپ ئولتۇرغىنىچە ماندارىن يىيىشكە باشلىدى.
دون خېساي بىلىكىمدىن تۇتتى-دە، ئىشىكنى ئېچىپ كوچىغا ئېلىپ چىقتى. بىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي 200 قەدەمچە ماڭدۇق. ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇزۇتۇپ:
- ئۇدۇل ماڭسىڭىز چوڭ كۆۋرۈككە يېتىپ بارىسىز، - دېدى.
ئۇ ئۆرۈلۈپلا ناھىيىتى تېز كېتىپ قالدى. مەن تولىمۇ پەرىشان ھالدا مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدىم. ئەڭ چاتاق يېرى، كىيىمىمنى سېلىۋاتقىنىمدا سائىتىم يوق تۇراتتى. ئۇندا ئويلاپ، بۇندا ئويلاپ ئەتىسى سائىتىمنى قايتۇرۇپ كېلىشكە بارمىدىم ھەم شەھەر باشلىقىغا ئادەم ئەۋەتىپ سائىتىمنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلمىدىم.
مەن دومىنىفو چېركاۋىدىكى ئۇ قوليازمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىشىمنى ئاياقلاشتۇرۇپ سېۋىلىيەگە كەتتىم. ئاندالۇسىيەدىكى بىر نەچچە ئايلىق ساياھەتتىن كېيىن مادرېدقا قايتماقچى بولدۇم. بۇنداق بولغاندا يەنە بىر قېتىم گوردۇبادىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇزاق ساقلىغۇم كەلمىدى. بۇ گۈزەل شەھەر ۋە گۋادىگىۋىر دەرياسى بويىدىكى ئۇ ئايالدىن ئاللىقاچان كۆڭلۈم قالغان ئىدى. بىراق بىر نەچچە بۇرادىرىم كۆرۈشەيلى دەپ تۇرىۋالدى، يەنە باشقىلار ھاۋالە قىلغان بىر قانچە ئىشنى بېجىرىمەن دەپ، بۇ قەدىمىي ئىسلام شەھىرىدە 3-4 كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم.
مەن يەنە بىر قېتىم دومىنىفو چېركاۋىغا باردىم، موندا خارابىلىگىنى تەتقىق قىلىشىمغا ناھىيىتى قىزىقىدىغان بىر پوپ قۇچىقىنى كەڭ ئاچقىنىچە ئالدىمغا كەلدى:
ـ پەرۋاردىگارىمغا رەھمەت، قارشى ئالىمەن قەدىرلىك دوستۇم،- دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ، ـ بىز جاندىن ئەزىز دوست ئەمەسمۇ. ئىشلىرىڭىزغا خەيرلىك تىلەپ نەچچە كۈنگىچە تەۋرات بىلەن مۇقەددەس ئانا سۈرىسىنى ئوقىدىم. ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلمايمەن، چۈنكى سىز قەستلەشتىن ئامان قالدىڭىز، باشقىلارغا نەرسىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويغىنىڭىزنى بىلدۇق.
ـ بۇ زادى قانداق ئىش؟ - دېدىم مەن تەئەججۈپ بىلەن ئۇنىڭدىن سوراپ.
ـ شۇ ئەمەسمۇ، بىلىسىز، سىزنىڭ ۋاقىتنى مەلۇم قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان سائىتىڭىز بەك چىرايلىق ئىدى، كۈتۈپخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاختىڭىزدا ھەر قېتىم مۇناجات ئاڭلىغىلى بارىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋاختىمىزدا سائەتتىن بىر قېتىم ئاۋاز چىقىراتتىڭىز. سائىتىڭىز قايتىپ كەلدى، سىزگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچىمىز.
ـ دېمەك، - دېدىم مەن بىر ئاز تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، مەن يۈتتۈرۈپ قويغان ئۇ سائەت...
ـ ئۇ ئەبلەخ ھازىر تۈرمىدە. ھەممە بىلىدۇ، ئۇنىڭدەك ئادەملەر كىچىككىنە پۇل ئۈچۈن بىر خىرىستياننى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. ئۇنىڭ سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن بەك ئەنسىرىدۇق. بىز بىللە شەھەر باشلىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇ چىرايلىق سائىتىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەيلى. بۇنداق بولغاندا دۆلىتىڭىزگە قايتقاندىن كېيىن ئىسپانىيىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمىنى مازاق ئەتمەيسىز!
ـ راستىنى ئېيتسام،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا، سائەتنى يۈتتۈرۈشكە رازىمەنكى ئەمما بىر بىچارىنىڭ دارغا ئېسىلىشى ئۈچۈن سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمايمەن. بولۇپمۇ ئۇ....ئۇ...
ـ ئوۋ! خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىشقا تېگىشلىك، بىر قېتىم دارغا ئېسىلسا ئۇنىڭغا ئازلىق قىلىدۇ. دارغا ئېسىلىدۇ دەپ خاتا ئېيتىپ قويۇپتىمەن، نەرسىڭىزنى ئېلىۋالغىنى بىر ئاقسۆڭەك ئىكەن. شۇڭا ئۆگۈنلۈككە بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ئىجرا قىلىنىدىكەن، جازادىن ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم قىلىنمايدىكەن. قاراڭ، مەيلى بىر قېتىم قىلغان بولسۇن مەيلى كۆپ قېتىم قىلغان بولسۇن بۇلاڭچىلىق قىلغان بولسىلا ئۇنىڭغا چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر ئۇبۇلاڭچى بولسا پەرۋاردىگارغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك! بولمىسا ئۇنىڭ قان قەرزى يىغىلىۋەرسە بېرىدىغان ھېساۋى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتىدۇ.
- ئۇنىڭ ئىسمى نېمە ئىكەن؟
- يەرلىكلەر ئۇنى خېساي ناۋارو دەپ ئاتايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ باسكوچە يەنە بىر ئىسمى بار. ئادەمنىڭ تىلىغا كەلمەيدۇ. توغرا، بۇ ئادەم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. سىز غەلىتە ئىشلارنى ئىزدەشكە ئامراققۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز، ئىسپانىيىلىك ئەبلەخلەرنىڭ بۇ دۇنيادىن قانداق ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئۇ ھازىر كىچىك چېركاۋدا. پوپ مارتىنىز سىزنى باشلاپ بارسۇن.
بۇ دومىنىفو پوپىنىڭ «قىزىقارلىق بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى»نىڭ تەييارلىقىنىڭ قانداق ئىشلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىشىنى پەقەتمۇ رەت قىلالمىدىم. شۇڭا بىر قاپ سىگارتنى ئېلىپ ئۇ مەھبۇسنى يوقلاپ كەلمەكچى بولدۇم. مەن ئۇنىڭ مېنىڭ بەغەرەزلىگىمنى كەچۈرىۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.
مەن دون خېساينىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىلغىنىمدا ئۇ تاماق يەۋاتقان ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ سوغۇقلا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ناھىيىتى ئەدەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سوۋغىتىمغا ھەشقاللا ئېيتتى. قۇتىدىكى سىگارتلارنى سانىغاندىن كېيىن، ئارىسىدىن بىر نەچچە تالنى ئىلغاپ ئېلىپ ئاشقىنىنى قايتۇرۇپ بەردى.
مەن ئۇنىڭدىن ئازراق پۇل خەجلەپ ياكى دوستلىرىغا ھاۋالە قىلىپ جازاسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ باشتا سوغۇق بىرنى كۈلۈپ قويۇپ مۆرىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى. بىراق ناھىيىتى تېزلا ئەستايىدىل قىياپەتكە كىرىپ مەندىن ئادەم تېپىپ مىسسا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەلەرسىزمۇ دەپ ئۆتۈندى.
- سىز، - دېدى ئۇ خىجىللىق بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سىزگە يامانلىق قىلغان ئادەم ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ياخشىلىق قىلالارسىزمۇ؟
ـ ئەلۋەتتە، قىلىپ بېرىمەن دوستۇم،- دېدىم ئۇنىڭغا،- بىراق بىلىشىمچە بۇ يەردە ھېچكىم ماڭا يامانلىق قىلمىدى.
ئۇ قولۇمنى ئالقىنىغا ئېلىپ قىزغىنلىق بىلەن چىڭ سىقتى. بىر دەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن:
- ماڭا ۋاكالىتەن بىر ئىشنى بېجىرىپ بېرەلەرسىزمۇ؟...دۆلىتىڭىزگە قايتاشىڭىزدا بەلكىم ناۋارودىن ئۆتەرسىز، ھېچبولمىغاندا ئۇ يەرگە يېقىن بولغان ۋېكتورىيەدىن ئۆتىسىز.
ـ توغرا،- دېدىم مەن،- چوقۇم ۋېكتورىيەدىن ئۆتىمەن. ئايلىنىپ مېڭىپ بەمبۇروناغا بېرىشىم مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، سىز ئۈچۈن ئايلىنىپ مېڭىشنى بەخت ھېساپلايمەن.
ـ ياخشى بولدى!- دېدى ئۇ ماڭا،- بەنبۇراناغا بارسىڭىز چوقۇم سىزنى قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى كۆرمەي قالمايسىز...ئۇ گۈزەل بىر شەھەر...بۇ تۇمارنى سىزگە بېرەي(شۇنداق دەپ بوينىغا ئېسىۋالغان بىر كىچىك تۇمارنى ئېلىپ كۆرسەتتى)، قەغەزگە ئورىۋېلىڭ...- ئۇ ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ھاياجىنىنى بېسىشقا تىرىشتى،- بۇنى بىر ياشانغان ئايالغا بېرىڭ ياكى باشقىلار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئادرېسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىمەن.
ـ سىز مەن ئۆلىمەن دېمەكچىمۇ، ھەرگىز بۇنداق دېمەڭ.
مەن ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن بۇ ئىشنى قىلىشقا قوشۇلدۇم. ئەتىسى ئۇنى يەنە يوقلاپ بېرىپ مەلۇم ۋاقىت مۇڭداشتىم. تۆۋەندىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا سۆزلەپ بەردى.


3
مەن باستان ئويمانلىقىدىكى ئېلدىدو شەھىرىدە تۇغۇلدۇم،- دېدى ئۇ گېپىنى باشلاپ، ـ ئىسمىم دون خېساي لىسالابېنگو. ئەپەندىم، سىز ئىسپانىيىنى چۈشەنسىڭىز ئىسمىمنى ئاڭلىشىڭىز بىلەنلا باسكولىق ئىكەنلىگىمنى بىلەلەيسىز، ئەجدادىمنىڭ ھەممىسى خىرىستيان مۇرىتى. ئىسمىمنىڭ ئالدىدىكى دون خېتى مېنىڭ مەرتىۋە نامىم. ئەگەر ئېلىندودا بولغان بولسام سىزگە كۆنگە يېزىلغان ئائىلە شەجەرىمنى كۆرسۈتۈپ قويغان بولاتتىم. ئۆيۈمدىكىلەر مېنى چوڭ بولسا پوپ بولسۇن دەپ كىتاپ ئوقۇشقا زورلايتتى. لېكىن مەن كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقمىدىم. سېتكە توپ ئويناشقا ئىنتايىن ئامراق ئىدىم، ئۇ ئۆمرۈمنى نابۇت قىلدى. بىز ناۋارالىقلار سېتكە توپ ئوينىساقلا ھەممىنى ئۇنتۇيتۇق. بىر كۈنى مەن ئۇتىۋالدىم. ئاراۋا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر يىگىت قايىل بولماي جېدەل چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىمىز قولىمىزغا ماگىلا تۆمۈر كالتىكىنى ئېلىشتۇق. نەتىجىدە مەن يەنە ئۈستۈنلۈك قازاندىم. لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان يۇرتۇمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. يولدا بىر ئاتلىق قوشۇنغا يولۇقتۇم. شۇنىڭ بىلەن ئامېنىسا ئاتلىق قوشۇنىغا ئەسكەر بولۇپ قېتىلدىم. بىزدەك تاغلىقلار ئۇرۇش ماھارىتىنى بەك تېز ئۆگىنىۋالايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مىلادشى سېرژانت بولدۇم. يۇقۇرى سېرژانتلىققا ئۆستۈرەي دەۋاتقاندا مېنى پالاكەت باستى. سېۋىلىيەدىكى تاماكا زاۋۇتىغا قاراۋۇلۇققا ئەۋەتىۋېتىلدىم. ئەگەر سىز سېۋىيىلىگە يېتىپ بارسىڭىز چوقۇم شەھەر سىرتىدىكى گۋاداگىۋىر دەرياسى بويىدىكى ئۇ بىنانى كۆرىسىز.تاماكا زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسى بىلەن قاراۋۇلخانا ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا. ئىسپانىيىلىكلەر نۆۋەتچىلىكتە تۇرغاندا قەرت ئوينىماي ئۇخلايدۇ. مەندەك بىر يۇۋاش ناۋارالىقنىڭ ھەمىشە ئويلايدىغىنى ئازراق ئىش تېپىپ قىلىش. مەن بىر ئورام مىس سىم بىلەن مىلتىقىمنىڭ ئۈستىدىكى تۆشۈكلەرگە ئۆتكۈزىدىغان ھالقا ياساۋاتاتتىم. تۇساتتىن قول ئاستىمدىكى بىر ئەسكەر:
- قوڭغۇراق چېلىندى، قىزلارنىڭ ئىشلىگىلى كېلىدىغان ۋاختى بولدى!- دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلىدىم. سىز بىلىسىز ئەپەندىم، تاماكا زاۋۇتىدا 4-5 يۈزچە ئايال ئىشچى بىر چوڭ سېختا تاماكا ئورايدۇ. ئەرلەر « 24 سىزىق» ئۇنۋانى بارلارنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ئاياللار كىيىمنى ئۆزى خالىغىنىچە كىيىۋالىدۇ، بولۇپمۇ ياش قىزلار. ئايال ئىشچىلار چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ زاۋۇتقا قايتقاندا نۇرغۇن ياش يىگىتلەر ئۇلارنى كۆرگىلى كېلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قاش ئېتىپ شوخلۇق بىلەن چاخچاق قىلىشىدۇ. قىزلار تارفو يىپەك رومىلىدەك سوۋغاتلارنى كۆرسە ئاساسەن رەت قىلمايدۇ. نوچى يىگىتلەر قارماق تاشلىسا بېلىق دېگەن كۇرمىڭ. بىراق باشقىلار مېنىڭ دائىم ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغىنىمنىلا كۆرەتتى. ئۇ چاغدا مەن ياش بولغاچقا دائىم ئۆينى سېغىناتتىم. كۆك كۆينەك كىيمىگەن، ئىككى تال ئۆرۈم چېچى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرمىغان قىزلارنى ھەرگىزمۇ چىرايلىق دەپ قارىمايتتىم. مۇنداقچە ئېيتسام ئاندالۇسىيالىق قىزلاردىن قورقۇيتتىم، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا كۆنۈپ كېتەلمىگەن ئىدىم: زەھەرخەندە، قوپال، گەپلىرى ئۇياتسىز ئىدى. شۇڭا مەن بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ مىلتىقىمغا ھالقامنى ياساۋەردىم. تۇساتتىن بىرسىنىڭ:
- قاراڭلار، ھېلىقى سىگان قىز كەلدى!- دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ئۇ جۈمە كۈنى ئىدى، مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. كۆرگىنىم سىز تونۇيدىغان ئەشۇ كارمېن ئىدى. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سىزنى ئۇنىڭ ئۆيىدە كۆردۈمغۇ.
ئۇ تولىمۇ قىسقا بىر قىزىل كۆينەكنى كىيگەن بولۇپ، يىرتىلىپ كامار ئېچىلىپ قالغان پايپىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چىرايلىق قىزىل رەڭلىك بەتىنكىسىگە قىزىل بوقۇچ باغلىۋاپتۇ. رومىلىنى ئېلىۋېتىۋىدى، مۈرىسى ۋە كۆينىكىگە قىستۇرۇلغان يەسىمەن گۈللىرى كۆرۈنۈپ قالدى. تېخى بىر تال گۈلنى چىشلىۋاپتۇ. بەللىرىنى تولغاپ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋىدى، بەئەينى گوردوبا ئات بېقىش مەيدانىدىكى بايتالغىلا ئوخشاپ قالدى. يۇرتۇمدا بۇنداق ياسانغان قىزنى كىم ئۇچرىتىپ قالسا چوقۇم مەيدىسىگە كىرىسىت سىزماي قالمايدۇ. بىراق سېۋىلىيەدە ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى- قامىتى ھەممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولسا كېرەك. ئۇ كىشىلەر ئۆزىگە قانچە مەپتۇن بولغانچە قاش- كۆزلىرىدىن مىڭ ياڭزا خۇلۇق چىقىرىپ، ناز- كەرەشمىسى يامان بوخېمىيەلىك ئاياللار ئارىسىدا تارسىلداپ كېلىۋاتاتتى. مەن تۇنجى كۆرۈشتىلا ئۇنى ياختۇرماي قىلىۋاتقان ئىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم. بىراق ئۇ بارلىق ئاياللارغا ۋە مۈشۈككە ئوخشاش ئەرلەرنى قېشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خۇلق چىقىراتتى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.
ـ ئاكا،- دېدى ئۇ ئاندالۇسىيەچە ئادەت بىلەن، ـ ھالقىڭىزدىن بىرنى ساندۇقۇمنىڭ ئاچقۇچىغا باغ قىلىشىم ئۈچۈن بېرەلەمسىز.
ـ ئۇنى مەن مىلتىقىمنىڭيىڭنە ئۆتكۈزگۈچىسىگە ئورنىتىمەن، ـ دېدىم مەن جاۋابەن.
ـ يىڭنە!- دېدى ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ،ـ ئەپەندىم، كەشتە يىڭنىسى لازىممىتى، ئۇنداقتا ئەپەندىم كەشتىچىلىك قىلسا بولغۇدەك.
مەيدانىدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈپ كەتتى. مەن قۇلىقىمقىغىچە قىزىرىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قايتۇرالمىدىم.
ـ بولىدۇ ،- دېدى ئۇ ئارقىدىنلا،- ماڭا 7چى ئۇزۇنلۇقتىكى قارا گۈل كەشتىلەنگەن بىر رومال ئىشلەپ بېرەلەمسىز سۆيۈملۈك كەشتىچى ئۇستام!
ئۇ شۇنداق دەپ ئاغزىدىكى يەسىمەن گۈلىنى قولىغا ئېلىپ باش بارمىقى بىلەن بىر چېكىۋىدى، ئۇدۇل قاڭشىرىمغا كېلىپ تەگدى. ئەپەندىم، گۈل گويا بىر ئوقتەك ئۇچۇپ كەلدى...مەن ئۆزەمنى قاچۇراي دەپمۇ قاچۇرالمىدىم، جايىمدا خۇددى مېكىياندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ زاۋۇتقا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن يەسىمەن گۈلىنىڭ چاتىرىقىم ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەن چاندۇرماي سەپداشلىرىم دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە گۈلنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك قولۇمغا ئېلىپ قوينۇمغا سالدىم. بۇ مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قىلغان بىر ئەخمىقانە ئىش ئىدى!
3 سائەتتىن كېيىن مەن يەنىلا بۇ ئىشنى ئويلاپ ئولتۇراتتىم. تۇساتتىن، بىر قاراۋۇل ئۆڭسۈلى يوق ھاسىرىغان پېتى ئىشخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ دوكلات قىلدى:
ـ تاماكا ئوراش سېخىدا بىر ئايال ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، مۇھاپىزەتچىلەر بېرىپ قاراپ باقسا...
سېرژانت ماڭا 2 ئەسكەر بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ كېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەن ئىككى ئەسكەرنى باشلاپ بىناغا چىقتىم. ئەپەندىم، تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ زالغا كىرىشىم بىلەنلا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆرگىنىم 300دەك ئايالنىڭ رۇباشكا بىلەنلا تۇرغان ھالىتى بولدى. ئۇلار توختىماي قىيا- چىيا قىلىشاتتى، بىر نېمىلەرنى دەپ قوللىرىنى شىلتىشاتتى، ئاجراتقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە زاكۇنلىشاتتى. بۇ ھالەتتە گۈلدۈرماما ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى. بىر ئايال پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان ھالدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى، يۈزى قايچا شەكلىدە تىلىۋېتىلگەن بولۇپ بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك ئايال ئىشچى ئۇنى ئالدىراش قۇتقۇزىۋاتاتتى. يارىلانغۇچىنىڭ ئالدىدا 5-6 ئايالنىڭ كارمېننى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. يارىلانغۇچى ئايال:
- تېزدىن پوپنى چاقىرىپ كېلىڭلار، گۇناھىمغا تۆۋە قىلىۋالاي، ۋاي مەن ئۆلىدىغان ئوخشايمەن» دەپ ۋارقىرايتتى. كارمېن بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي كۆزلىرىنى يىلاننىڭ كۆزىدەك سۈرلۈك قىلىپ ئۇياق-بۇياققا ئايلاندۇراتتى.
- نېمە ئىش بۇ؟- دەپ سورىدىم مەن. ئايال ئىشچىلار بىرلا ۋاقىتتا چۇلدۇرلىشىپ ئىشنىڭ جەريانىنى بايان قىلدى. مەن مىڭ تەسلىكتە ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇقتۇم. ئىشنىڭ جەريانى تەخمىنەن مۇنداق ئىكەن: يارىلانغۇچى ئايال پو ئېتىپ يانچۇقۇمدىكى پۇل بىلەن تېرىئانا بازىرىدىن بىر ئېشەك سېتىۋالالايمەن دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كارمېننىڭ شۇ ھامان زۇۋاندارلىقى تۇتۇپ:
- سېنىڭ بىر سۈپۈرگەڭ بارغۇ، شۇنىڭغا شۈكرى قىلمامسەن؟ -دەپتۇ.
بۇ گەپ قارشى تەرەپكە ئېغىر كېلىپ، ئۆزىنى ئوسال بولغاندەك ھىس قىلىپ سۈپۈرگە بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشى يوقلىقىنى، چۈنكى بوخېمىيەلىكلەر بىلەن ئويناپ باقمىغانلىقىنى ھەمدە ئۇياتسىز ئىشلارنى قىلىپ ئاياللارنىڭ يۈزىنى تۆكمىگىنىنى، كېيىن شەھەر باشلىقى كارمېن خېنىمنى سازايى قىلغىلى ئېلىپ چىقسا كارمېن خېنىمنىڭ كەينىدىن ئىككى مالاي چىۋىن قورۇپ ماڭىدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا كارمېن خېنىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېشىگىنى ناھىيىتى تېزلا تونۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
- ئۇنداقتا ياخشى،- دەپتۇ كارمېن،- ئالدى بىلەن يۈزۈڭگە چىۋىن سۇ ئىچىدىغان بىر نەچچە ئېرىق قېزىپ قوياي، يەنە شاخمات تاختىسىمۇ سىزىپ قوياي-ھە...
ئۇ شۇنداق دەپلا تاماكا توغرايدىغان پىچاق بىلەن ئۇ ئايالنىڭ يۈزىنى شارت-شۇرت قىلىپ تىلىپ يانتۇ كىرىسىتتىن بىرنى سىزىپ قويۇپتۇ.
ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندىم، كارمېننىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن:
- ھەدە، مەن بىلەن مېڭىڭ، - دېدىم. ئۇ خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەك كۆزۈمگە لەپپىدە بىر قارىدى-دە، دۇدۇقلىغىنىچە:
- ماڭسام ماڭدىم، ياغلىقىم قېنى؟- دېدى.
ئۇ ياغلىقنى پەقەت يوغان بىر جۈپ كۆزىنىلا ئوچۇق قويۇپ چىگىۋالدى. ئارقىدىن خۇددى يۇۋاش قويدەك ئىككى ئەسكىرىمنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ماڭدى.
قاراۋۇلخانىغا كىرگەندىن كېيىن سېرژانت ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى، كارمېننى تۈرمىگە قاماش كېرەكلىگىنى ئېيتتى. ئۇنى مەن يالاپ ئېلىپ ماڭدىم. ئىككى ئاتلىق ئەسكىرىم ئىككى چەتتىن قىستاپ ماڭدى. مەن مىلادشى سېژانتلارنىڭ جىنايەتچىلەرنى يالاپ مېڭىش قائىدىسىگە ئاساسەن ئارقىسىدىن ماڭدىم. شەھەرگە مۇشۇ خىل ھالەت بىلەن كىردۇق. بوخېمىيەلىك قىز دەسلەپتە گەپ قىلمىدى. بىراق بىز يىلان كوچىسىغا كىرگەندە ـــــــ بۇ كوچىنى سىز بىلىسىز، ئەگرى- بۈگرى، ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ـــــــ ئۇ قەستەن رومىلىنى مۈرىسىگە سىيرىپ چۈشۈرىۋېلىپ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئوماق يۈزىنى ماڭا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بېشىنى ئارقىسىغا بۇرىدى.
باشلىق، مېنى نەگە ئاپىرىسىز؟- دېدى ئۇ.
- تۈرمىگە بىچارە قوزام،- دېدىم ئىمكان بار ئاۋازىمنى مۇلايىم چىقىرىشقا تىرىشىپ. جىنايەتچىلەرگە بولۇپمۇ ئايال جىنايەتچىلەرگە باغرى يۇمشاق ئەسكەرلەر مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى.
- ئەستا، مەن نېمە بولۇپ كېتەرمەن باشلىق غوجام. ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. سىز شۇنداق ياش ھەم بەك ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز!......ئارقىدىن ئۇ ئاۋازىنى پەسەيتىپ پىچىرلىدى،- مېنى قاچۇرىۋېتىڭ، مەن سىزگە بىر پارچە باراچى بېرەي، ئۇنى يېنىڭىزغا سېلىۋالسىڭىز ھەممە قىزلار سىزگە ئاشىق بولىدۇ.
ئەپەندىم، «باراچى» دېگەن بىر ماگنېت تېشى. بوخېمىيەلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلسىڭىز نۇرغۇن پال سېلىش ئۇسۇللىرىدا قوللانغىلى بولارمىش. ئازراق قىرىپ بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقىغا سېلىۋەتسە ئۇنى ئىچكەن ئاياللار شۇنداق ئىتائەتچان بولۇپ كېتەرمىش. مەن دۇرۇس نىيەت بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلدىم:
- ئاقماس گەپنى ئاز قىلىڭ، سىزنى تۈرمىگە قامىمىساق بولمايدۇ، بۇ دېگەن بۇيرۇق. بۇنىڭغا ھېچقانداق ئامال يوق.
بىز باسكولارنىڭ ئايرىم شىۋىسى بار. ئۇنى ئاڭلىغان ئادەم بىزنى ئىسپانىيىلىككەن دېمەيدۇ. ئىسپانلارنىڭ ئارىسىدا «بايى، تيۇنا» دېيەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇڭا كارمېن مېنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىمنى شۇ ھامانلا بىلىۋالدى. ئەپەندىم، سىز بىلىسىز، بوخېمىيەلىكلەرنىڭ ۋەتىنى يوق، جاھاننىڭ ھەممە يېرى ئۇلارنىڭ ئۆيى، ئۇلارغا ھەر خىل تىللارنىڭ ئۆگىيى يوق. كۆپ قىسمى پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، چەت ئۆلكىلەر ۋە گاتالونىستا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ھەتتا مورلار ۋە ئېنگىلىزلار بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيدۇ. كارمېن باسكو تىلىنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەن، تۇيۇقسىزلا ئېيتتى:
ـ لوگونا، ئېسنې، بىخۇچالىنا، جېنىم ساقام سىز ئەشۇ يەرلىكمۇ؟
ئەپەندىم بىزنىڭ تىلىمىز بەك پاساھەتلىك. خوشنا ۋە ياقا يۇرتتىكىلەر شىۋىمىزنى بىر ئاڭلىشى بىلەنلا تېنى جۇغغىدە قىلىپ كېتىدۇ...مەن سىرتقى ئۆلكىدىن كەلگەن پوپنىڭ ئالدىدا گۇناھىمغا تۆۋە قىلسام دەيمەن، دېدى ئۇ ئاۋازىنى بىردىنلا پەسلىتىپ، ئاندىن بىردەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
ـ مەن ئېلدىدولىق، - دېدىم مەن ئۇنىڭ يۇرتۇم شىۋىسىدە سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ باشقىچە ھاياجانلانغان ھالدا باسكو تىلىدا سۆزلەپ.
- مەن ئېسىرالىق،- دېدى ئۇ جاۋابەن (ئېسىرا مېنىڭ يۇرتۇمغا پەقەت 4 سائەتلىكلا يول)، بوخېمىيالىقلار مېنى سېۋىلىيەگە ئەكىلىپ قويدى. تاماكا زاۋۇتىدا ئىشلەشتىكى مەقسىدىم كىراغا تۇشلۇق پۇل تېپىپ ناۋارادىكى ئانامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىش ئىدى. ئانام پۈتۈنلەي ماڭىلا تايىنىدۇ، ئۆيىمىزدە پەقەت بىر كىچىك ھويلا، 12 تۈپ ھاراق ئېچىتىدىغان ئالما دەرىخى بار. ھەي، يۇرتۇمغا قايتىپ بېرىپ تاغ باغرىدىكى ئاپئاق قارلىقتا ئۆرە تۇرالىغان بولسام نېمىدېگەن ياخشى ئىدى- ھە! باياتىن ئۇلار مېنى تىللىدى، چۈنكى مەن بۇ يەرلىك ئەمەس-تە. ئۇ بىر قىسىم لۈكچەكلەرۋە ماندارىن ساتقۇچىلار بىلەن پەقەتمۇ پۇرچىقىم پىشمايدۇ. ئۇ ئىپلاس خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى مېنى يەكلەيدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا سېۋىلىيەنىڭ بارلىق باتۇر يىگىتلىرى قولىغا تىغ ئېلىپ چىقسىمۇ يۇرتۇمدىكى كۆك بۆكلۈك، قولىغا كالتەك ئالغان بىر يىگىتكە تەڭ كېلەلمەيدۇ، دېگەن ئىدىم.
بۇرادەر،- دېدىم مەن ئۇنىڭ بايانىغا سۆز قىستۇرۇپ،- ئەجەبا بىر قىز يۇرتدىشىڭىزنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئويلىمىدىڭىز؟
 -ئۇ بەك يالغانچى ئەپەندىم، ھەمىشە يالغان ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر بىر ئېغىز راست ئېيتقىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇ گەپ قىلسىلا مەن ئىشىنەتتىم، ھېچقانداق ئامالىم يوق ئىدى. باسكوچە تەلەپپۇزى شۇنچە ناچار ئىكەنلىكىگە قارىماي ناۋارالىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدىم. شۇغىنىسى ئۇنىڭ كۆزى، ئاغزى، ۋە تېرىسىدىن بوخېمىيالىق ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا مەن گاراڭ ھالەتتە ھېچنېمىگە دىققەت قىلماپتىمەن. كۆڭلۈمدە مەنمۇ ئىسپانىيەلىك بىرسى يۇرتۇمنى كەمسىتسە مەنمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى تىلىۋەتكەن بولار ئىدىم، دەپ ئويلىدىم. دېمەك، شۇ چاغدا مەن ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندەك قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىدىم، ئەخمىقانە ئىش قىلىشنى ئويلىدىم.
  - يۇرتدىشىم، مەن سىزنى ئىتتىرىۋېتەي، سىز يىقىلىپ چۈشكەن بولۇڭ، - دېدى ئۇ باسكوچە سۆزلەپ،- ئاۋۇ ئىككى گاستىللىق سولتەك مېنى تۇتىمەن دەپ چۆچۈرىنى خام سانىمىسۇن...
 تەڭرىم، مەن بۇيرۇق ۋە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئېنىق ئېيتتىم:
  - يۇرتدىشىم، جان ئومىقىم، قېنى سىناپ كۆرۈڭ، بۈۋى مەريەم سىزنى قوغدايدۇ!
 بۇ چاغدا بىز بىر خالتا كوچىدىن ئۆتۈۋاتاتتۇق. سېۋىلىيەدە بۇنداق خالتا كوچىلار بار ئىدى. كارمېن ئۇشتۇمتۇت ئۆرۈلۈپ كېلىپ مەيدىسى بىلەن ماڭا سوقۇلدى. مەن قەستەنگە ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتىم. ئۇ بىر سەكرەپلا ئۈستۈمدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بار كۈچى بىلەن قاچتى. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىلا كۆرەلىدىم!...ھەممە ئادەم باسكولىقلارنى يۈگرەك دەيدۇ. ئۇنىڭ پۇتى، ئۇنىڭ پۇتى ھەممىدىن يۈگرەك ئىدى...يۈگۈرگەندىمۇ بەك چىرايلىق يۈگۈردى. مەن دەرھال ئۆمىلەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. لېكىن مىلتىقىمنى توغرىسىغا تۇتۇپ ئىككى ئەسكىرىمنىڭ ئۆتەر يولىنى بىر ئاز توسۇپ تۇردۇم. ئارقىدىن، يۈگۈرەشكە باشلىدىم، ئۇلارمۇ ئارقىمدىن يۈگۈردى. بىز ھەربىي ئۆتۈك كىيىپ ھەربىي قىلىچ ئېسىپ مىلتىق كۆتۈرىۋالغان بولغاچقا كارمېنغا يېتىشىۋېلىشىمىز چۈشىمىز ئىدى! مەن سىزگە ھېكايەمنى سۆزلەپ بەرگەن مۇشۇنچىلىك ۋاقىتتا ئايال جىنايەتچى ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ كوچىدىكى ئاياللار ئۇنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلدى، ئەكسىچە بىزنى مازاق ئېتىپ باشقا نىشاننى كۆرسۈتۈپ قويدى. بىز ئەتراپنى نەچچە قۇر ئاختۇرغاندىن كېيىن قولىمىزدا تۈرمە باشلىقىنىڭ ئىسپاتى يوق ھالدا قاراۋۇلخانىغا قايتتۇق. ئىككى ئەسكىرىم جازالىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كارمېن بىلەن ئىككىمىزنىڭ باسكوتىلىدا سۆزلەشكىنىمىزنى چېقىپ قويۇپتۇ.
 ئۇلارنىڭ گېپى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىدى. بىر نازۇك قىز شۇنداقلا سوققانغا مەندەك بىر قاۋۇل يىگىتنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشى ھەقىقەتەن ئەمىلىيەتكە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. ھەممە ئىش گۇمانلىق ھەم تولىمۇ ئېنىق ئىدى. ئىش ئورنۇمدىن توختۇتۇلۇپ، ۋەزىپەمدىن چۈشۈرۈلۈپ بىر ئاي قاماققا ئېلىندىم. بۇ مېنىڭ ئەسكەر بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چارە كۆرۈلۈشۈم ئىدى. قولغا كېلەيلا دەپ قالغان سېرژانېت ئۇنۋانى شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى!
 تۈرمىگە تاشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە تولىمۇ ئازاپلاندىم. قوشۇنغا كىرگەن ۋاختىمدا ھېچ بولمىغاندا ھەربىي ئەمەلدار بولىمەن دەپ ئويلايتتىم. يۇرتدىشىم لۇنگا، مىنالار ئاللىبۇرۇن گېنىرال بولۇپ بولغان ئىدى. چا بورانتگارا، مىناغا ئوخشاشلا دېمۇكراتلار پارتىيىسىدىن ئىدى. ئۇمۇ باي دۆلەتكە قېچىپ بېرىپ مايور بولغان ئىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن 20 قېتىم سېتكە توپ ئوينىغان ئىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش نامرات ئىدى. شۇ چاغدا مەن ئۆز- ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:« جازالىنىشتىن بۇرۇنقى بارلىق تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتتى. ئەمدى ئارخىۋىمغا داغ چۈشتى. باشلىقنىڭ كاللىسىدىكى ئورنۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئەسكەر بولغان چاغدىكىدىن 10 ھەسسە تىرىشساممۇ بىكار! نىمىشقا چارە كۆرىلىمەن؟ مېنى ئەخمەق قىلغان ئەشۇ بوخېمىيالىق جالاپ ئۈچۈن. ھازىر بۇ قانجىق شەھەرنىڭ قايسى يېرىدە ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقاندۇ». بىراق مەن ئۇنى تاقەتسىز ھالدا سېغىناتتىم. ئەپەندىم، ئىشىنەمسىز؟ ئۇ قاچقان چاغدا مەن ئېنىق كۆرگەن بىر جۈپ يىرتىق پايپىقى ھامان كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. تۈرمىنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىدىن سىرىتقا قارىسام، كوچىدا كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئۇ جىنتەكنى بېسىپ چۈشكىدەك ئايالدىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇندىن باشقا ئۆزەممۇ تۇيمىغان ھالدا ئۇ ماڭا ئاتقان ھېلىقى يەسىمەن گۈلىنى ھىدلاپ كېتەتتىم. گەرچە گۈل قۇرۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن پۇرىقى بار ئىدى...
 مۇبادا بۇ دۇنيادا راست پېرىخۇن بار بولسا ئۇ قىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى!
 بىر كۈنى، زىنداننىڭ قاراۋۇلى كىرىپ ماڭا بىر ئاركالا بولكىسىنى بەردى. ھەمدە:
مە، بۇنى نەۋرە سىڭلىڭ ئەكەپتۇ،- دېدى.
مەن بولكىنى ئېلىۋېتىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. چۈنكى سېۋىلىيەدە نەۋرە سىڭلىم يوق ئىدى. بولكىنى كۆرۈپ خاتا ئەكىرىپ بەرمىگەندۇ، دەپ ئويلىدىم. بىراق، بولكا ئىشتىھايىمنى بەكلا قوزغىۋەتتى. تولىمۇ مەزىلىك ئىدى. شۇڭا قەيەردىن كەلگەنلىگى، كىم ئەۋەتكەنلىگى بىلەن كارىم بولماي يەۋەرمەكچى بولدۇم. بىراق، پىچاق بىلەن بولكىنى كېسىۋاتسام پىچاق قاتتىق بىر نەرسىگە تەگدى. بىر ئەنگىلىيە ئىكىگى ئىكەن، خېمىر يۇغۇرغاندا كىرگۈزۈپ قويغان چېغى. بولكىدىن يەنە 2 پىياس كېلىدىغان بىر ئالتۇن تەڭگە چىقتى. شەك- شۈبھىسىزكى، بۇنى كارمېن ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدەك ئىرىقتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئەركىنلىك ھەممە ئىدى. تۈرمىدە بىر كۈن بولسىمۇ ئاز يېتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىشتىن يانمايتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ قىز تولىمۇ ھىلىگەر بولۇپ بولكا بىلەنلا تۈرمە قاراۋۇلىنى ئىندەككە كەلتۈرگەن ئىدى. مەن بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئىكەك بىلەن تۈرمە دەرىزىسىنىڭ ئەڭ قېلىن تۆمۈرىنى ئاجرىتىپ، تەڭگىنى ئېلىپ ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى كونا كىيىم-كېچەك دۇكىنىدىن ھەربىچە پەلتۇيۇمغا بىر قۇر پۇقراچە كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ بولالايتتىم. 、ئويلاپ بېقىڭ، مەندەك يۇرتىدىكى تىك قىيالارغا نۇرغۇن قېتىم يامىشپ چقىپ بۈركۈتنىڭ چاڭگىسىنى بۇزىۋەتكەن ئادەمگە ئېگىزلىگى 30 چى كەلمەيدىغان دەرىزىدىن چوڭ كوچىغا يامىشىپ چۈشۈش قانچلىك ئىش دەيسىز. لېكىن، مېنڭ قاچقۇم يوق ئدى. مەن يەنىلا ھەربىيلەرنىڭ شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدىم، كىچىككىنە ناچار ئىشنىمۇ ئېغىر گۇناھ دەپ قارايتتىم. بىراق ئۇ خىل ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ئىپادىسى ئىپادىسى ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى. بىر ئادەم قاماقتىكى چاغدا، سىرىتتا ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستىنىڭ بولىشىنى ئويلايدۇ. تەڭگە مېنى بىر ئاز دىلىغۇللۇقتا قويدى. قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلىدىم. لېكىن ماڭا تەڭگىنى ئەۋەتكەن ئادەمنى نەدىن تاپىمەن؟ بۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.
ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، خورلۇققا چىداپ ئۆتمەكتىن باشقا چارەم قالمىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئادەمنىڭ نومۇسى كېلىدىغان ئىشنى قىلىشقا تۇتۇلدۇم. يەنى، قاماقتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ئاددى ئەسكەرلەرگە ئوخشاش پوستقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. سىز غۇرۇرلۇق بىر ئەركەكنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا قالغاندىكى ھېسسىياتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بۇنداق قىلغۇچە مېنى ئېتىۋەتسىچۇ، دېگەننى ئويلاپ كەتتىم مەن. شۇنداق بولغاندا جازا ئىجرا قىلىش مېنى يالاپ ئېلىپ ماڭغاندا ئۆزەمنى بىر ئادەم سۈپىتىدە ھىس قىلالايتتىم. كۆپچىلىكمۇ ماڭا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ كۆزىگە ئىلاتتى.
مەن مايورنىڭ ئىشىگى ئالدىدا پوستتا تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم. مايور باي ئائىلىنىڭ بايۋەتچىسى بولۇپ ئەركىن ۋە ئويۇنخۇمار ئادەم ئىدى. ياش ئوفېتسىرلار ئۇنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر مۇنچە ئاددىي پۇخرا ۋە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ناخشىچى ئىكەن. ماڭا پۈتۈن شەھەردىكىلەر خۇددى مېنى كۆرگىلى كېلىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مانا، مايورنىڭ پەيتۇنى كەلدى. مايورنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان مالاي ھارۋىكەشنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتى. پەيتۇندىن كىم چۈشتى بىلەمسىز؟......دەل ھېلىقى سىگان قىز. بۇ قېتىم ئۇ توزدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، ئېسىل ياقۇتتەك جىلۋىلىنىپ، تولىمۇ جەلىپكار بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇچىسىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەڭ، پۇتىغا ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆك ئاياق كىيىۋالغان بولۇپ، گۈل ئۇياقتا قالسۇن، پۈتۈن بەدىنىدىن ئالتۇننىڭ جىلۋىسى تۆكىلەتتى. قولىغا بىر باسكوچە دۇمباقنى ئېلىۋالغان بولۇپ بوخېمىيالىق بىر كەمپىر بىلەن بىر كىچىك قىز ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىدى. قائىدىگە ئاساسەن ھامان بىر ياشانغان ئايال باش بولاتتى. يەنە گېتار كۆتۈرىۋالغان بىر بوبوۋايمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىغا ساز تەڭكەش قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. سىز بىلىسىز، بايلار سورۇن قىلغاندا بوخېمىيالىق ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىپ رومالىس ئۇسسۇلى ئوينىتىدۇ. بۇ سىگانلارنىڭ ئۇسسۇلى. ئۇلارغا يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغۇزىدۇ.
كارمېن مېنى تونىدى. بىز ئۆزئارا كۆز بېقىشتۇق. مەن نېمە قىلىشنى بىلمەي يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.
دوستۇم، ياخشىمۇسىز، دېدى ئۇ،- يېڭى ئەسكەردەك پوستتا تۇرۇۋېتىپسىزغۇ!
مەن جاۋاپ بېرىپ بولغۇچە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئىچكەركى ھويلىدا ئىدى. گەرچە ئادەم كۆپ بولسىمۇ رىشاتكىدىن بېشىمنى تىقىپ قاراپ ئىچكەركى ھويلىنىڭ مەنزىرىسىنى شۇنداق ئېنىق كۆردۈم. مەن شاقىلداق بىلەن دۇمباقنىڭ چېلىنغىنىنى ئاڭلىدىم. بەزىلەر قاقاھلاپ كۈلەتتى، يەنە بەزىلەر ياخشى دەپ توۋلايتتى. ئۇ ئانچە-مۇنچە دۇمباقنى چالغاچ سەكرىگەندە مەن ئۇنىڭ بېشىنى كۆرۈپ قالاتتىم.مەن يەنە بىر قانچە ئوفېتسىرنىڭ مەن ئاڭلىسام يۈزۈپ قىزىرىپ كېتىدىغان گەپنى ئۇنىڭغا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ قانداق جاۋاپ بەرگىنىنى مەن ئاڭلىيالمىدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالدىم. چۈنكى مەن 3-4 قېتىم ھويلىنىڭ ئچىگە كىرىپ ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلىۋاتقان بايۋەتچىلەرنىڭ قورسىقىغا ھەربىي قىلىچىمنى تىقىۋېتىشكە تاس قالدىم. مەن توپ-توغرا بىر سائەت ئازاپلاندىم. ئاخىرى، بوخېمىيالىقلار يېنىپ چىقتى. ئۇلارنى پەيتۇن بىلەن ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولۇشتى. ئارىلىقتا، كارمېن سىز بىلىدىغان بىر جۈپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن ماڭا لەپپىدە قاراپ شۇنداق دېدى:
ـ يۇرتدىشىم، مەزىلىك بېلىق قورىمىسى يىگۈڭىز كەلگەن بولسا تىرىئاناغا بېرىپ لىلاس پاستىيانى ئىزدەڭ.
ئۇ گېپىنى تۈگۈتۈپلا شاققىدە پەيتۇنغا چىقىپ ئولتۇردى. ھارۋىكەش قېچىرنىڭ بىقىنىغا بىر تېپىۋىدى، پەيتۇندىكى قاقاھلاپ كۈلىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئېلىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى.
سىز چوقۇم تەسەۋۋۇر قىلالايسىز، مەن ئىشتىن چۈشۈشۈمگىلا تىرىئاناغا باردىم. بىراق، ئالدى بىلەن ساقىلىمنى ئېلىپ، كىيىملىرىمنى تازىلاپ پاراتتىن ئۆتىدىغان ئەسكەردەك چەستەي ياساندىم. كارمېن راستىنلا لىلاس پاستىيانىڭ ئۆيىدە ئىكەن. لىلاس پاستىيا بېلىق پىشۇرۇپ ساتىدىغان قېرى بولۇپ، بوخېمىيالىق ئىدى. تېرىسىنىڭ قارىلىقى مورلىقلارغا ئوخشايتتى. نۇرغۇن شەھەر پۇخرالىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ياغدا پىشۇرۇلغان بېلىق يەيتى، بولۇپمۇ كارمېن كەلگەندە.
- لىلاس، - دېدى كارمېن مېنى كۆرۈپلا ئۇ قېرىغا توۋلاپ،- بۈگۈن دەم ئالىمەن. ئەتىكى ئىشنى ئەتە دېيىشەيلى. ھۇي يۇرتدىشىم، يۈرۈڭ ئايلىنىپ كېلەيلى.
ئۇ رومىلىنى قاڭشىرىغىچە كۆتۈرۈپ ئورىدى- دە، چوڭ كوچىغا كىرىپ بىللە يۈرۈپ كەتتۇق. بىراق مەن قەيەرگە بېرىشىمىزنى بىلمەيتتىم.
ـ خېنىم،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا،- تۈرمىدىكى ۋاختىمدا ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت. بولكىنى يىدىم، ئىكەك بىلەن مىلتىقىمنىڭ ئۇچىنى سۈرتكىلى بولىدىكەن، ئۇنى خاتىرىگە ئېلىپ قالاي، لېكىن پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرمەكچىمەن.
- ئوھ! پۇلنى تېخىچە خەجلىمىگىنىنى،- دېدى ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ،- بۇمۇ بولغىنى، مەنمۇ ئانچە پۇللۇق ئەمەس. بىراق بۇنىڭ نېمە ئالاقىسى؟ ئىتمۇ سۆڭەك ئىزدەپ سوكۇلدايدۇ. يۈرۈڭ، ئۇنى پاك- پاكىزە خەجلەپ تۈگىتەيلى، مېنى مېھمان قىلىڭ.
بىز ئارقىمىزغا يېنىپ سېۋىلىيەگە باردۇق. يىلان كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىن ئاپېلسېن سېتىۋالدى، مەن ئۇنى قولياغلىقىم بىلەن ئورىۋالدىم. يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بولكا، قېزا، بىر بوتۇلكا مانسانىيا ئۈزۈم ھارىقى سېتىۋالدى. ئاندىن بىر مېۋە قېقى دۇكىنىغا كىرىپ مەن قايتۇرۇپ بەرگەن تەڭگىگە يەنە بىر تەڭگە ۋە پارچە پۇللارنى قوشۇپ پۇكەينىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يېنىمدىكى پۇللارنىڭ ھەممىنى چىقىرىشىمنى تەلەپ قىلدى. يېنىمدا ئاران بىر كۈمۈش تەڭگە ۋە ئازراق پارچە پۇل بار ئىدى، ھەممىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. مەندە بارى مۇشۇ ئىدى، تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم. مەن ئۇنىڭغا قاراپ پۈتۈن دۇكاننى سېتىۋالىدىغان چېغى،دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئۇ ئەڭ يىيىشلىك، ئەڭ قىممەت تۇخۇم سېرىقى كونسېرۋاسى، ئۈرۈك مېغىزى، سۈتلۈك كەمپىت، بال قاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدى، تاكى پۇلى پاك-پاكىز تۈگىگىچە. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قەغەز يەشىككە قاچىلاپ ماڭا كۆتەرتىپ قويدى. پانۇس كوچىسىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. ئۇ يەردە ئادىل پادىشاھ دون فېدېرونىڭ باش ھەيكىلى بار. بىز بۇ كوچىدىكى بىر كونا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. كارمېن كارىدورغا كىرىپ ئاستىنقى قەۋەتنىڭ ئىشىكىنى قاقتى. شەيتانغىلا ئوخشايدىغان بىر ئايال چۆرە بىلەن بوخېمىيالىق بىر كەمپىر كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى. كارمېن روماننى تىلىدا ئۇلارغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. كەمپىر باشتا بىر نېمىلەرنى دەپ دۇدۇقلاپ تۇرىۋالدى. كارمېن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ، بىر نەچچە ئاپلېسىن بىلەن بىر سىقىم كەمپىت بەردى. يەنە ئۈزۈم ھارىقىدىن بىر نەچچىنى ئوتلىتىپمۇ قويدى. ئارقىدىن ئۈستىدىكى پىلاشىنى سېلىپ كەمپىرگە يېپىنچىقلىتىپ قويدى-دە، ئۇنى ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ ياغاچ تاقاق بىلەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئەتتى. ئۆينىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ھەمدە «سەن رومو، مەن رومى» دەپ ناخشا ئوقىدى. مەن ئۆينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا، بايا سېتىۋالغان نەرسىلەرنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەي ئۆرە تۇراتتىم. ئۇ كېلىپ قولۇمدىكى يەشىكنى ئېلىپ يەرگە تاشلىدى-دە، بوينۇمغا ئېسىلدى:
ـ قەرزىمنى تۆلەيمەن! قەرزىمنى تۆلەيمەن! بۇ گالېلارنىڭ قائىدىسى! ئوۋ، ئەپەندىم، ئۇ كۈنى، ئۇ كۈنى!...
مەن ئېسىمگە ئېلىشىم بىلەنلا ئەتىنىڭ غېمىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىم.
(دون خېسەي بىر دەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن سىگارىتىنى تۇتاشتۇردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.)
بىز پۈتۈن بىر كۈن بىللە بولۇپ يەپ- ئىچكەندىن باشقا ئىش قىلىشمىدۇق. ئۇ 6 ياشلىق بالىغا ئوخشاش تاتلىق تۈرۈملەرنى يەيتتى، يەنە بىر مۇنچە تاتلىق- تۈرۈمنى كەمپىرنىڭ كۈپىگە سېلىپ:
- ئۇنىڭغا ئازراق سوغۇق مېۋە شەربىتى قىلىپ بېرەي...- دېدى.
ئىشقىلىپ، قىلمىغان كەپسىزلىكى قالمىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرگۈم بارلىقىنى ئېيتتىم. بىراق، شاقىلداقنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇ شۇ ھامان كەمپىرنىڭ بارى-يوق بىر تاللا تەخسىسىنى سۇندۇردى- دە، رومان ئۇسسۇلىنى ئوينىغاچ تەخسە سۇنۇقىنىڭ سىرى بار تەرىپىنى بىر-بىرسىگە چەكتى. ئاۋازى قارا ئەبنۇس ياغىچى ياكى پىل چىشىدىن ياسالغان شاقىلداقتەك چىرايلىق چىقتى. مەن سىزگە ھۆددە قىلىمەنكى، بۇ قىزنىڭ يېنىدا تۇرسا ھېچكىممۇ زېرىكىش ھىس قىلمايدۇ. كەچقۇرۇن بولغاندا گازارمىغا قايتىش دۇمبىقىنىڭ چېلىنغىنىنى ئاڭلىدىم.
- مەن ئەمدى گازارمىغا قايتىمەن،- دېدىم ئۇنىڭغا.
- گازارمىغا قايتىمەن؟- دېدى ئۇ مەنسىتمىگەندەك قىياپەتتە،- ئۇنداقتا سىزنىڭ بىر يۇندىخور مالايدىن نېمە پەرقىڭىز، باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپلا ياشامسىز؟ سىرتىڭىزدىن ئىچىڭىزغىچە ھەقىقىي سېرىق قۇچقاچ ئىكەنسىز. كېتىڭ، قورقۇنچاق چاشقان.
مەن ئاخىرى تۇرۇپ قالدىم، قاماققا قايتىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم. ئەتىسى سەھەردە ئايرىلىشنى ئۇ ئاۋال ئوتتۇرىغا قويدى:
ـ ماڭا قاراڭ، خېسەي جېنىم،- دېدى ئۇ، ـ ئەمدى قەرزىم تۈگىگەندۇ؟ يوسۇنىمىزغا ئاساسەن ئەسلىدىنلا سىزگە ھېچقانداق قەرزدار ئەمەس مەن. چۈنكى سىز بىر سەھرالىق. شۇغىنىسى سىز بەك كېلىشكەن بولغاچقا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ھازىر ھەر ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزدە قەرزى قالمىدى، ئامان بولۇڭ.
مەن ئۇنىڭدىن ئۇنى يەنە قاچان كۆرەلەيدىغىنىمنى سورىدىم.
ـ ئەخمەقلىقىڭىز تۈگىگەندە، - جاۋاپ بەردى ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ. ئاندىن سەل خىجىللىق بىلەن بىرنى سۆيۈپ قويۇپ،- سىزنى سەل ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قىلىمەن، بىلدىڭىزمۇ جېنىم ؟ بىراق، بۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بۆرە بىلەن قاپلان بىر نەچچە كۈن بىللە تۇرالمايدۇ. بەلكى سىز مىسىرلىق بولۇشنى خالىسىڭىز رۇمىڭىز بولۇشنى خالاپمۇ قالارمەن. بىراق بۇنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، مۈمكىن ئەمەس. بولدى يىگىت، گېپىمگە ئىشىنىڭ، بۇ قېتىم پايدىنى جىق ئالدىڭىز. سىز بىر ئالۋاستىغا يولۇقتىڭىز، توغرا بىر ئالۋاستىغا. بىراق ئالۋاستىنىڭ ھەممىسى ئەسكە ئەمەس، ئۇ بوينىڭىزنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ. مەن قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بولساممۇ لېكىن قوي ئەمەس. كېتىڭ، بۈۋى مەريەمنىڭ قېشىغا بېرىپ شام يېقىڭ. بۇ ئۇ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۆرمەت. بولدى، خەير-خوش، ئەمدى كارمېن خېنىمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، بولمىسا ئۇ سىزنى ياغاچ پۇتلۇق كېلىنگە نىكاھلاپ بېرىشتىن يانمايدۇ.
ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ، ئىشىكنىڭ تاقىقىنى ئېلىۋېتىپ، چوڭ كوچىغا چىقىپ پىلاشىنى كىيدى-دە، ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئۇزاپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئېيتقىنى توغرا ئىدى. مەن زېرەكرەك بولۇپ ئۇنى قايتا ئويلىماسلىقىم كېرەك ئىدى. بىراق مەن پەنەر كوچىسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇ بىر كۈندىن بۇيان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلاپ باقمىدىم. كۈنبويى ئۇياق-بۇياققا قاتراپ ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئۈمىت قىلدىم. ھېلىقى قېرى دەللە بىلەن ياغدا پىشۇرۇلغان بېلىق ساتىدىغان يايمىكەشتىن سۈرۈشتە قىلدىم. ھەر ئىككىسى كارمېننىڭ لالوروغا كەتكىنىنى ئېيتىشتى. ئۇلار پورتوگالىيىنى لالورو دەيدىكەن. بەلكى بۇ گەپنى كارمېن ئۇلارغا ھاۋالە قىلغاندۇ، لېكىن مەن ناھىيىتى تېزلا ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقىنىنى بىلدىم. پەنەر كوچىسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇ بىر كۈندىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە مەن شەھەر قوۋۇقىدا پوستتا تۇردۇم. شەھەر قوۋۇقىغا ئانچە يىراق بولمىغان قورغان تېمىنىڭ ئۈستىدە بىر كامار بار ئىدى. كۈندۈزى ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئادەم بولاتتى. كېچىسى قاراۋۇللارنىڭ كۆزىنى بوياپ ئەتكەسچىلەرنى ئۆتكۈزىدىغان ئادەملەر كېلەتتى. كۈندۈزدە مەن لىلاس پاستىيانىڭ پوستخانىغا يېقىن جايدا ئۇ ياقتىن- بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلىگىنى ۋە بىر قانچە سەپدىشىم بىلەن پاراڭلاشقىنىنى كۆردۈم. ئۇنى ھەممە ئادەم تونۇيتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تاۋا كاكچىسىنى. ئۇ قېشىمغا كېلىپ كارمېندىن خەۋەر ئالالىغان- ئالالمىغانلىقىمنى سورىدى.
ـ ياق،- دېدىم مەن.
ـ ئۇنداقتا قېرىندىشىم، ناھىيىتى تېزلا ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالايسىز،- دېدى ئۇ.
ئۇ خاتا ئېيتمىغان ئىدى. كېچىدە مەن كامار ئالدىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىلدىم. ئەترەت باشلىقى كەتتى. بىر ئايالنىڭ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. مەن ئۇنى چوقۇم كارمېن دەپ ئويلىدىم. لېكىن يەنىلا ئۈنلۈك قىلىپ:
- نېرى تۇر! بۇ يەردىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ!- دەپ ۋارقىرىدىم.
ـ قوپاللىق قىلماڭ،- دېدى ئۇ ماڭا يېقىن كېلىپ.
- نېمە! بۇ سىزمۇ! كارمېن!
- شۇنداق يۇرتدىشىم. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپكە كېلەيلى. بىر دۇرو تېپىشنى خالامسىز؟ ھازىرلا بىرسى بىر تۈركۈم مال ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنى ئۆتكۈزىۋېتىڭ.
- ياق،- دېدىم مەن جاۋابەن،- ئۇلارنى ئۆتكۈزمەيمەن، بۇ بۇيرۇق!
- بۇيرۇق! بۇيرۇق! پەنەر كوچىسىدا سىز بۇيرۇقنى كۆزگە ئىلغانمۇ؟
ئاھ! ئۇ ئىشنى ئەسلىشىم بىلەنلا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم، لېكىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم:
- ئۇ قېتىم بۇيرۇقنى ئۇنتىغىنىم ئەرزىيدۇ، بىراق ھازىر ئەتكەسچىلەرنىڭ پۇلىغا ئېھتىياجىم يوق،- دېدىم مەن.
- بولىدۇ، پۇلغا ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز قېرى دەللە دولوتىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر ۋاخ تاماق يەپ كەلسەك قانداق؟
- بولمايدۇ!- دېدىم مەن ئۆزەمنى ئاران تۇتۇۋېلىپ. گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىغىلى تاس قالدىم،- مەن بارمايمەن.
- ياخشى، سىز ئۇنداق دېگەن ئىكەنسىز مەن كىمنى ئىزدەش لازىملىقىنى بىلىمەن. مەن باشلىقىڭىزنى دولوتىنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىمەن. ئۇنىڭ قۇلىقى بەك يۇمشاق. مەن دېسەملا رىجە ئۇقىدىغان ئەسكەردىن بىرنى پوستقا ئەۋەتىدۇ. خەير-خوش، سېرىق قۇچقاچ، بىر كۈنى دارغا ئېسىلسىڭىز مەن خوش بولىمەن.
دىلىم يۇمشاپ، ئۇنى قايتىپ كېلىڭ دەپ چاقىردىم. مەن تەلەپ قىلغان پۇلنى بەرسىلا پۈتۈن بوخېمىيالىقلارنى ئۆتكۈزىۋېتىشكە رازى ئىكەنلىگىمنى ئېيتتىم. ئۇ دەرھال پۇلنى ئەتە بېرىدىغانغا ۋەدە قىلدى. ئاندىن يۈگۈرۈپ بېرىپ يېقىن جايدا ساقلاپ تۇرغان شايكىلىرىغا خەۋەر قىلدى.
ئۇلار جەمئىي 5 ئادەم بولۇپ، ئارىسىدا پاستىيالىقمۇ بار ئىدى. ھەممىسى ئەنگىلىيە ماللىرىنى يۈدۈۋالغان ئىدى. كارمېن شامالنى توسۇپ، كېچىلىك كۈزەتچىلەرنى كۆرسىلا شاقىلداقنى چېلىپ بەلگە بەرمەكچى بولدى. لېكىن بۇنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئىدى. ئەتكەسچىلەر ھەش-پىش دېگۈچە ئىشنى تۈگەتتى.
ئەتىسى پەنەر كوچىسىغا باردىم. كارمېن مىسىلداپ خېلى بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن كەلدى. چىرايىدىن خاپىلىق يېغىپ تۇراتتى.
- كاززاپ ئادەم بىلەن خوشۇم يوق،- دېدى ئۇ،- باشتا قىلغان ياردىمىڭىز بۇ قېتىمقىسىدىن چوڭ بولسىمۇ ھەق تەلەپ قىلىمىغان ئىدىڭىز. تۈنۈگۈن مەن بىلەن سودىلاشتىڭىز. يەنە نېمە دەپ كەلگەنلىگىمنى بىلمىدىم، ئەمدى سىزنى سۆيمەيمەن، ئېلىڭ، ئەمدى كېتىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر دۇرو بار.
تەڭگىنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتقىلى تاس قالدىم. بىز بىر سائەتكىچە ئۇرۇشقاندىن كېيىن ئاچچىقىمدا بۇ يەردىن كەتتىم. شەھەر ئىچىدە بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان ھالدا ساراڭدەك ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈردۈم. ئەڭ ئاخىرى، بىر چېركاۋغا كىرىپ، ئەڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭىنى تېپىپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىدىم. تۇساتتىن بىرسى گەپ قىلدى:
ئەجدىھايىم يىغلاپتۇ! مانا ھالىڭىزغا يەتكىلى كەلدىم!
بېشىمنى كۆتۈرۈپ كارمېننى كۆردۈم.
- يۇرتدىشىم، تېخىچە مەندىن نەپرەتلىنىۋاتامسىز؟- دېدى ئۇ ماڭا، - قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سىزنى سۆيمەسلىكىم مۈمكىن ئەمەسكەن. سىزسىز روھىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولىدىكەنمەن. قاراڭ، ھازىر سىزنى پەنەر كوچىسىغا بېرىشنى خالامدۇ- خالىمامدۇ دەپ تەكلىپ قىلغىلى كەلدىم.
بىز مانا مۇشۇنداق ئەپلىشىپ قالدۇق. بىراق، كارمېننىڭ مېجەزى يۇرتۇمنىڭ ھاۋا ئەڭ ئوچۇق كۈنلىرى تاغ يامغۇرى ياغىدىغان ھاۋارايىغا ئوخشايتتى. ئۇ دولوتىنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشىمىزغا قوشۇلدى. بىراق كەلمەي قويدى. دولوتى ئۇنىڭ مىسىرنىڭ ئىشى ئۈچۈن پورتۇگالىيىگە كەتكىنىنى ئېيتتى.
تەجرىبەمگە ئاساسەن نېمە ئىشلىقىنى بىلدىم. ھەمدە ئۇ بېرىش ئېھتىمالى بار جايلارغا بېرىپ ئۇنى ئىزلىدىم. پەنەر كوچىسىغا ھەر كۈنى 20 قېتىمدەك باراتتىم. بەزىدە دولوتىغا بىر نەچچە رۇمكا ئارپابەدىيان ھارىقى قۇيۇپ بېرىپ، ئۇنى سىزىقىمدىن چىقالماس قىلىۋېتىشكە تىرىشاتتىم. بىر كۈنى، مەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا كارمېن بىر يىگىتنى باشلاپ كىردى. ئۇ بىزنىڭ پولكتىكى لېيتېنانت ئىدى.
- تېز كەت،- دېدى كارمېن ماڭا.
مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم ۋە ئىنتايىن غەزەپلەندىم.
- بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن؟- دېدى لېيتېنانت،- تېز يوقال، چىق!
مەن ھاڭۋېقىپ بىر قەدەممۇ مىدىرلىيالمىدىم. لېيتېنانت كەتمەي ھەم شەپكەمنى ئالماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ بىردىنلا غەزەپلەندى- دە، ياقامدىن تۇتۇپ مېنى قوپاللىق بىلەن دۈشكەللەشكە باشلىدى. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم. ئۇ قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغاردى، مەنمۇ قىلىچىمنى قولۇمغا ئالدىم. قېرى دەللە قولۇمغا ئېسىلىۋالدى، لېيتېنانتنىڭ قىلىچى پىشانەمگە تەگدى، ھازىرمۇ ئۇنىڭ تاتۇقى بار. مەن ئارقامغا چېكىنىپ قولۇمنى بىر شىلتىپلا قېرى دەللىنى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتتىم. لېيتېنانت ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، مەن قىلىچىمنى ئۇنىڭ بەدىنىگە ئۇدۇللاپ تىقىۋەتتىم. كارمېن دەرھال چىراقنى ئۆچۈرۈپ بوخېمىيا تىلىدا دولوتىنى چاقىردى. مەن كوچىغا چىقتىم-دە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە جېنىمنىڭ بېرىچە قاچتىم، خۇددى بىرسى ئارقىمدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك. يۈرىگىم سەل جايىغا چۈشكەندە، كارمېننىڭ باشتىن- ئاخىرى مەندىن ئايرىلمىغىنىنى بايقىدىم.
- سېرىق قۇچقاچ، راستلا ئىنتايىن ھاماقەتسىز،- دېدى ئۇ ماڭا،- ئەخمىقانە ئىش قىلىشنىلا بىلىسىز. مەن باشتا سىزگە دېگەن، ھامان سىزنى پالاكەت باستۇرىمەن دەپ. بىراق، رىمدىكى فوللاندلىق ئايال بىلەن دوست بولسىڭىز ھەممە ئىشىڭىز ئوڭغا تارتىدۇ. ئاۋال ماۋۇ قولياغلىق بىلەن بېشىڭىزنى تېڭىۋېلىڭ، ئاندىن كەمىرىڭىزنى تاشلىۋېتىپ بۇ خالتا كوچىدا مېنى كۈتۈپ تۇرۇڭ، مەن ئىككى مىنۇتتىلا قايتىپ كېلىمەن.
ئۇ كەتتى. نەدىن تاپتىكىن، ناھىيىتى تېزلا بىر پىلاشنى ئېلىپ كەلدى. ھەربىيچە فورمىنى سېلىۋېتىپ ئۇنى كۆينىگىمنىڭ ئۈستىگە كىيىۋالدىم. مۇشۇنداق ياسىنىپ يەنە پىشانەمدىكى جارائەتنى قولياغلىق بىلەن تاڭغان تۇرقۇم بىلەن سېۋىلىيەدىكى باققالغا ئوخشاپ قالدىم. ئاندىن ئۇ مېنى بىر خالتا كوچىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆيكە باشلاپ كىردى. بەئەينى دولوتىنىڭ ئۆيىگىلا ئوخشايدىكەن. يەنە بىر بوخېمىيالىق ئايال بىلەن بىرلىكتە جارائىتىمنى تازىلاپ تېڭىپ قويدى. تېخنىكىسى ھەربىي دوختۇرنىڭكىدىن ئۈستۈن ئىدى. ماڭا يەنە قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىچۈرۈپ كۆرپىنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويدى. مەن تاتلىق ئۇيقىغا كەتتىم.
بۇ ئىككى ئايال ماڭا ئۇلارنىڭ مەخپىي رېتسىپىدە ياسالغان ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچۈرىۋەتكەن بولسا كېرەك، شۇ ئۇخلىغانچە ئەتىسى يېرىم كېچىدە ئويغاندىم. ھەمدە بېشىمنىڭ قاتتىق ئاغرىغىنىنى، ئازراق قىزىتىپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم. سەلدىن كېيىن ئالدىنقى كۈنى ئالدىنقى كۈنى بالا تېرىغىنىم ئېسىمگە كەلدى. كارمېن بىلەن ئۇنىڭ ئايال دوستى تېڭىقىمنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يېنىمدا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بوخېمىيا تىلىدا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى، قارىماققا كېسەللىك ئەھۋالىمنى تەھلىل قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككىيلەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، كېسىلىمنىڭ پاتلا ساقىيىپ كېتىغىنىنى، سېۋىلىيەدىن ئايرىلىشىم لازىملىقىنى، چۈنكى تاسادىپى تۇتۇلۇپ قالسام ئېتىپ تاشلىنىدىغىنىمنى ئېيتتى.
- يىگىت،- دېدى كارمېن،- ئازراق ئىش قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمدى سىزگە گۈرۈچ تامىقى بىلەن تىرىسكا بېلىقى بېرىدىغان خان تەمىناتى يوق، ئۆز نېنىڭىزنى ئۆزىڭىز تېپىپ يېمىسىڭىز بولمايدۇ. سىز بەك دۆت، ئوغۇرلۇق قىلىشنى قاملاشتۇرالمايسىز. لېكىن كۈچىڭىز بار ھەم چاققان، يۈرەكلىك بولۇپ دېڭىز ياقىسىغا بېرىپ ئەتكەسچىلىك قىلىڭ، مەن سىزنى دارغا تۇتۇپ بېرىمەن دېمىگەنمىدىم؟ ئەكسىچە ئەتكەسچىلىك قىلىش ئېتىلىپ كېتىشتىن ياخشىراق. قاملاشتۇرالىسىڭىز غالچىلار بىلەن دېڭىز مۇھاپىزەتچىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالمىسىڭىزلا پادىشاھتەك ياشايسىز.
شۇنداق قىلىپ بىر ئالۋاستىغا ئوخشايدىغان ئايال مېنى قەدەممۇ- قەدەم تۈرتۈپ ئاپىرىپ ئۆزى پىلانلىغان يولغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇ توغرا ئېيتقانىدى، ھازىر مەن قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلدىم، ماڭا ئەمدى مۇشۇ يولدا ماڭماقتىن ئۆزگە چارە يوق. ئەپەندىم، سىزگە يەنە نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۇ مېنى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا قايىل قىلدى. ماڭا بۇ خىل خەتەرلىك، خائىنلارچە ھايات كارمېن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى تېخىمۇ يېقىن قىلىدىغاندەك تۇيۇلدى. ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرالايمەن دەپ ئويلىدىم. مەن بۇرۇن بەزى ئەتكەسچى باتۇرلارنىڭ ئۇچقۇر ئات مىنىپ، قىسقا مىلتىق ئېسىپ سۆيگىنىنى ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈپ ئاندالۇسىيانىڭ ھەممە يېرىدە چېپىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. مەنمۇ گويا بۇ گۈزەل بوخېمىيالىق ئايالنى ئېتىمنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ تاغمۇ-تاغ چېپىپ يۈرگەندەك مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. بىراق مەن كارمېنغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئېيتقاندا، ئۇ،« ھەر بىر ئەر خوتۇنىنى يوتقان بىلەن قاپلانغان ياغاچ تۇڭغا سېلىۋالسا بۇنىڭ خوشاللىقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمىگۈدەك، چۆلمۇ بوستان كۆرۈنگىدەك» دەپ ئۈچىيى ئۈزۈلگىچە كۈلۈپ كەتتى.
تاغ ئارىسىدا ياتسام سىز ماڭىلا تەئەللۇق بولىسىز! قانداقتۇ، لېيتېنانت دېگەندەكلەر كېلىپ سىزنى مەندىن تارتىۋالالمايدۇ،- دېدىم مەن.
- ھە، يەنە كۈندەشلىكىڭىز تۇتتىمۇ، ئىختىيارىڭىز، نىمىشقىمۇ بۇنچە دۆت بولۇپ قالغانسىز؟ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى تېخىچە بىلمىدىڭىزمۇ؟ مەن ھېچقاچان سىزدىن پۇل تەلەپ قىلىپ باقمىدىم.
ھەر قېتىم ئۇ ماڭا شۇنداق دېگەن چاغدا ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرىۋەتكۈم كېلەتتى. ئۇششاق گەپلەرنى ئازراق قىلاي ئەپەندىم. كارمېن ماڭا بىر قۇر پۇقراچە كىيىم تەييارلاپ بەردى. مەن ئۇنى كىيىپ ئىنسى- جىنغىمۇ تۇيدۇرماي ھارلىسقا كەلدىم. يېنىمدا پاستىيانىڭ بىر ئارپابەدىيان ھارىقى سودىگىرىگە يازغان خېتى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيى ئەتكەسچىلەر باش قوشىدىغان جاي ئىكەن. مەن دەنكائىل لەقەملىك بىر ئاتامانغا تونۇشتۇرۇپ قويۇلدۇم. ئۇ مېنى ئەتكەسچىلەر گۇرۇھىغا قوبۇل قىلدى. بىز گوشىنغا يول ئالدۇق. كارمېن مېنى ئۇ يەردە ساقلايدىغىنىنى ئېيتقانىدى. ھەر قېتىم ھەرىكەتلەنگەندە ئۇ بىزگە تېپىپ بەرگەن ئادەم پايلاقچىلىق قىلىپ بېرەتتى ھەم ئىنتايىن ياراملىق چىقاتتى. بۇ قېتىم ئۇ جەبىلتارىق بوغۇزىدىن كەلدى، بىر پاراخوت خوجايىنى بىلەن پۈتۈشۈپ قويۇپتۇ. دېڭىز قىرغىقىدا كۈتۈپ تۇرۇپ ئەنگىلىيە ماللىرى كەلسە تاپشۇرۇپ ئېلىپ كېمىگە بېسىپ ئېلىپ ماڭىدىكەنمىز.
بىز ئىستېپوناغا بېرىپ مالنى كۈتتۈق، ئاندىن بىر بۆلۈك مالنى تاغ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇپ قويۇپ قالغىنىنى لونداغا ئېلىپ باردۇق. كارمېن ئالدىن بېرىپ تەييارلىق قىلماقچى بولۇپ، بىزدىن شەھەرگە قاچان كىرىدىغىنىمىزنى سورىدى. بۇ قېتىم ۋە كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىقى شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى. ماڭا ئەتكەسچىلىك قىلىش ئەسكەر بولۇشتىن كۆپ كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى. كارمېنغا سوۋغات ئېلىپ بەردىم. پۇلۇم بار بولدى، سۆيگۈنۈم ھەم بار بولدى. مەن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمىدىم. چۈنكى بوخېمىيالىقلارغا ئوخشاش ئېيتقاندا، كۈنلىرىم خۇشال، تەمرەتكىلىرىم قىچىشماي ئۆتىۋاتاتتىم. ھەرقانداق جايدا ئوبدان كۈتۈۋېلىشقا سازاۋەر بولاتتۇق، بۇرادەرلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ھۆرمەت بىلەن قارايتتى. سەۋەبى مەن ئادەمدىن بىرنى ئۆلتۈرگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلەرنىڭ تېخى قاراملىقتا نەتىجىسى يوق ئىدى. بىراق بۇ خىل يېڭى ھاياتتا مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى كارمېننى ھەمىشە كۆرۈپ تۇرالايتتىم. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى بۇرۇنقى ھەر قانداق چاغدىكىدىن چوڭقۇر ئىدى. بىراق بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مېنىڭ سۆيگۈنۈم ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلمايتتى. ھەتتا ماڭا تەڭرىنىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بۇرادەرلەرگە ئۇنداق ئەمەسلىگىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى. مەن بۇ قىز ئالدىدا ئىنتايىن مۇلايىم ئىدىم ھەمدە ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلاتتىم. بىر ھېساپتا بۇ ئۇنىڭ ئوبدان ئائىلىنىڭ قىزىدەك خىجىلچان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىنى ئىدى. مەنمۇ بەك ساددا ئىدىم، ئۇنى راستىنلا بۇرۇنقى ئەسكى ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتتى دەپ قالاتتىم.
گۇرۇھىمىزدا جەمئى 8-10 ئادەم بار ئىدى، پەقەت ھالقىلىق پەيتلەردىلا ئاندىن باش قوشىشاتتۇق. ئادەتتە ئىككى- ئۈچتىن بولۇپ شەھەر ئىچى ياكى سەھرادا ھەرىكەتلىنەتتۇق. ھەر بىرىنىڭ ئۆزى ئاتىۋالغان كەسپى بار ئىدى. ماۋۇنى قازانچى، ئاۋۇنى ئات سودىگىرى، مېنى يىپ- يىڭنە سودىگىرى دەيتتى.بىراق سېۋىلىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغىنىم ئۈچۈن شەھەرگە ئاساسەن كىرمەيتتىم. بىر كۈنى، تېخىمۇ ئېنىقىنى ئېيتقاندا بىر كۈنى يېرىم كېچىدە بىز ۋىخىلدا جەم بولۇشنى پۈتۈشتۇق. دەنكائىل بىلەن مەن ئاۋال يېتىپ باردۇق. ئۇ ئىنتايىن خۇشال ھالدا ماڭا:
_ بىزگە يەنە بىر ئادەم بولسا بولاتتى،- دېدى.
كارمېن قالتىس پىلاندىن بىرنى كۆرسۈتۈپ، ئۆز روموسىنىڭ تالىفادىكى تۈرمىدىن غەلىبىلىك قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ھەممە بۇرادەرلەر ئاساسەن بوخېمىيا تىلىدا سۆزلىگەچكە مەنمۇ بۇ تىلنى ئازراق چۈشىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. رومو دېگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى:
-         نېمە! ئۇنىڭ ئېرى! ئۇنداقتا ئۇ توي قىلغان ئىكەن-دە، - دېدىم مەن باشلىقىمغا.
- ئەلۋەتتە،- دېدى ئۇ جاۋابەن،- يەكچەشمە ئەجدىھا گارسىيە ئۇنىڭ ئېرى بولىدۇ. ئۇمۇ كارمېنغا ئوخشاش زېرەك بوخېمىيالىق. بۇ نەس باسقۇر يىگىت تۈرمىدە ئىدى، كارمېن تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنى باپلاپ ئېرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپتۇ، ھا!ھا!....ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇ بىر ئامال قىلىپ ئېرىنى تۈرمىدىن قاچۇرىۋەتمەكچى بولغان.بىراق تاكى تۈرمە دوختۇرى ئالماشقىچە غەلىبە قازىنالماي كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم يېڭى تۈرمە دوختۇرىنى تېزلا قارماققا ئىلىندۈرۈپتۇ.
سىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانچىلىك ئازاپلانغىنىمنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. ئۇزۇن ئۆتمەي مەن يەكچەشمە ئەجدىھا گارسىيەنى كۆردۈم. ئۇ ھەقىقەتەن بوخېمىيا مىللىتى ئىچىدىن چىققان بىر ۋەھشى ئالۋاستى ئىكەن: تېرىسى قاپقارا، دىلى تېخىمۇ قارا بولۇپ بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭدەك ئەسكى ئەبلەخنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. كارمېن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى ھەمدە ئۇ ئەبلەخنى كۆز ئالدىمدىلا رومو دەپ چاقىرىپ ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى. گارسىيە كېتىشىگە ماڭا يەنە يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ شەيتاندەك قىلىقلارنى قىلدى. مېنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقىم كېلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم. سەھەردە يۈك- تاقىلىرىمىزنى تېڭىپ ئەمدى ماڭايلى دەپ تۇرساق، 13-14 ئاتلىق كىشى بىزنى قوغلاپ كەلدى. ئارىمىزدىكى "ئادەم ئۆلتۈرسەك كۆزىمىز مىتمۇ قىلىپ قويمايدۇ" دەپ پو ئاتىدىغان ئاندالۇسىيالىق پوچىلار بۇ چاغدا قورقۇپ يىغلامسىرىغان ھالدا ھەر تەرەپكە پېتىراپ قاچتى. پەقەت دەنكائىل، گارسىيە ۋە لېيمىندادو ئىسىملىك ئىسىخالىق بىر كېلىشكەن يىگىت بىلەن كارمېنلاھودۇقۇپ كەتمىدۇق. قالغانلارنىڭ ھەممىسىقېچىر ۋە ئاتلىرىنى تاشلاپ تاغ جلغىسى تەرەپكە قاچتى. بىز قېچىرلارنى قوغداپ قالالمىدۇق.ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئاجرىتىپ ئېلىپ مۈرىمىزگە ئارتىپ ئەڭ تىك قىيالارنى بويلاپ تاغ-چوققىلاردىن ھالقىپ قاچتۇق. بىز ئالدى بىلەن بوخچىلارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا پەسكە سىيرىلىپ چۈشتۈق. قوغلاپ كەلگەن ئەسكەرلەر بىزگە قالايمىقان ئوق چىقاردى. مەن تۇنجى قېتىم ئوقنىڭ پاڭ-پۇڭ قىلىپ ئېتىلغىنىنى ئاڭلىدىم.لېكىن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدىم. كۆز ئالدىڭىزدا بىر ئايال تۇرسا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلىنىدىكەن. ئاخىرى قېچىپ قۇتۇلدۇق. پەقەت بىچارە لېيمىندادونىڭ بېلىگە ئوق تەگدى. مەن بوخچامنى تاشلىۋېتىپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدۇم.
- كالۋا،- دېدى گارسىيە ماڭا ۋارقىراپ،- بىزگە جەسەتنىڭ نېمە كېرىگى؟ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسەكلا بولدى. بىراق يىپ پايپاقلارنى چۈشۈرۈپ قويما.-
- ئۇنى تاشلىۋېتىڭ! ئۇنى تاشلىۋېتىڭ،- دېدى كارمېنمۇ ماڭا ۋارقىراپ.مەن ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەچكە لېيمىندادونى يانتۇلۇققا ياتقۇزۇپ قويدۇم. گارسىيە يېتىپ كېلىپ بىر دېسكا ئوقنى ئۇنىڭ بېشىغا ئاتتى.
_ ئەمدى كىمنىڭ كارامىتى بولسا ئۇنى تۇنىۋالسۇن،- دېدى ئۇ 12پاي ئوق تېگىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن چىراينى كۆرسۈتۈپ.
كۆرۈڭ ئەپەندىم ، مانا بۇ مەن كۆرگەن ياخشى كۈن.كەچتە بىز بىر مۇشەققەتلىك جايغا يېتىپ كەلدۇق. ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەننىڭ ئۈستىگە ھېچنېمە يېمىگەن ئىدۇق. قېچىرمۇ يوق بولغان ئىدى، يوقاتقاننى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايتتى. ئالۋاستى گارسىيە قانداق قىلدى دېمەمسىز؟ يانچۇقىدىن بىر باغلام قارتنى چىقىرىپ يانتاق ئوتىنىڭ سۇس يورىقىدا دەنكائىل بىلەن قىمار ئوينىدى. بۇ چاغدا مەن ئوڭدىسىغا يېتىپ يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمچە لېيمىندادونى ياد ئېتىپ ئۇنىڭدەك قەيسەر بولالمىغىنىنى ئويلىدىم.كارمېن مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پات-پات شاقىلداقنى سوققان ھالدا غىڭشىپ ناخشا ئوقۇشقا باشلىدى. ئاندىن يېنىمغا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىغاندەك قىلىپ مەڭزىمگە 2-3نى سۆيدى.
-         سىز بىر ئالۋاستى!- دېدىم ئۇنىڭغا.
- شۇنداق،- دېدى ئۇ جاۋاپ بېرىپ،- ئۇ بىر نەچچە سائەت ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن گوشىنغا كەتتى. ئەتىسى سەھەردە بىر پادىچى بىزگە بولكا ئەكىلىپ بەردى. بىز پۈتۈن بىر كۈندۈز ساقلىدۇق. كەچتە گوشىنغا يېقىن جايغا كېلىپ كارمېننىڭ خەۋىرىنى كۈتتۈق. بىراق، ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. تاڭ يورىغاندا قېچىر مىنگەن بىر ئايال كەلدى. رەتلىك كىيىنىپ، كۈنلۈك كۆتۈرىۋالغان بۇ ئايال چۆرىگە ئوخشايدىغان بىر قىزنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. گارسىيە بىزگە شۇنداق دېدى:
- قاراڭلار، ساينېت- نىگولا بىزگە ئىككى قېچىر بىلەن ئىككى ئايال ئەۋەتىپتۇ. بىراق مەن 4 قېچىرغا ماقۇل كېلىمەن. ئۇنى مەن بېرىپ جايلىۋېتىپ كېلەي!
ئۇ مىلتىقىنى ئېلىپ پاكار دەرەخلەرنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ پەسكە چۈشىدىغان چىغىر يولغا چۈشۈپ ماڭدى. دەنكائىل بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭغا يېقىن ئارىلىقتىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئوق ئېتىپ تەگكۈزگىدەك جايغا كەلگەندە ھەممىمىز سەكرەپ چىقىپ ئۇلارغا قېچىرلىرىنى توختۇتۇشقا بۇيرۇق قىلدۇق. ئۇ ئايال بىزنى كۆرۈپ قورقماق تۈگۈل ئەكسىچە قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، گەرچە بىز قورقۇنچلۇق تەلەت ياسىنىۋالغان بولساقمۇ.
ھەي، بۇ كالۋالارنىڭ مېنى ئېسىلزادە قىلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان!
ئەسلىدە ئۇ كارمېن ئىكەن، شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ياسىنىۋالغاچقا، باشقا تىل بىلەن سۆزلەۋەرسە مەن زادىلا تونىيالماس ئىكەنمەن. ئۇ قېچىردىن سەكرەپ چۈشۈپ دەنكائىل بىلەن گارسىيەگە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. ئاندىن ماڭا:
- سېرىق قۇچقاچ، سىز دارغا ئېسىلىشتىن بۇرۇن يەنە كۆرۈشىمىز. ھازىر جەبىلتارىققا بېرىپ مىسىرنىڭ ئىشىنى بېجىرىمەن. ناھىيىتى تېز ئارىدا خەۋەر يەتكۈزىمەن، - دېدى.
ئۇ بىزگە بىر نەچچە كۈن يوشۇرۇنغۇدەك جاينى كۆرسۈتۈپ قويغاندىن كېيىن خوشلاشتى. بۇ قىز ھەقىقەتەن گۇرۇھىمىزنىڭ قۇتقازغۇچ ئىلاھى ئىدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بىر ئايغاقچىدىن ئەۋەتكەن پۇلى بىلەن ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ئۇچۇرىغا ئېرىشتۇق. ئۇنىڭدا مەلۇم بىر كۈنى ئىككى ئەنگىلىيىلىك ئاقسۆڭەكنىڭ جەبىلتارىقتىن گىرىئاناداغا بارىدىغانلىقى ۋە ھەم قايسى يول بىلەن ماڭىدىغانلىقى يېزىلغان ئىكەن. ئەقىللىق ئادەملەر بىر قاراپلا بىلەلەيتتىكى، بۇ ئىككى ئاقسۆڭەكتە پارقىراپ تۇرغان پۇلدىن بۆلەك نەرسە يوق ئىدى. گارسىيە ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولدى. بىراق دەنكائىل بىلەن مەن قارشى تۇردۇم. چۈنكى بىزگە جىددى لازىمى كۆڭلەكتىن باشقا ئۇلارنىڭ پۇلى بىلەن قول سائىتىنىلا بۇلىساق بولاتتى. ئەپەندىم، بىر ئادەم يامانغا ئۆزگۈرەي دېسە ئۆزىمۇ تۇيماي قالىدىكەن. بىر لىۋەننى دەپ ئەس- ھۇشىڭىزنى يوقاتسىڭىز ئۇنى دەپ جاننى ئالغانقا ئېلىپ قويۇپ جەڭ قىلىدىكەنسىز، ئوتقا كىر دېسە ئوتقا، سۇغا كىر دېسە سۇغا كىرىدىكەنسىز. ئەتكەسچىدىن قاراقچىغا ئۆزگۈرىمەن دەپ ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئەنگىلىيىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىشىدىن كېيىن جەبىلتارىق بەلۋىغىدا ئۇزۇن تۇرالمايدىغىنىمىزغا كۆزىمىز يېتىپ لوندا تېغىغا كىرىپ كەتتۇق. سىز ماڭا خېسەي مارىيا توغرىلىق گەپ قىلغان ئىدىڭىز، شۇنداق توغرا كەلگەن بارمۇ، مەن ئۇنى ئەشۇ جايدا تونىدىم. ئۇ ھەر قېتىم ھەرىكەتنى باشلىغاندا سۆيگىنىنى ئېلىۋالاتتى. ئۇ بىر گۈزەل، ئىتائەتمەن، كىچىك پېئىل بىر ئايال ئىدى. يۈرۈش- تۇرۇشى لەتاپەتلىك بولۇپ، پەقەتمۇ قوپال گەپ قىلمايتتى ھەم تولىمۇ ساداقەتمەن ئىدى!......ئۇنىڭ ئەكسىچە، خېسەي مارىيا ئۇنى يەتكۈچە ئازاپلايتتى. ئادەتتە ئۇ ئاياللارنى كۆرسىلا بىرنى كۆرسە بىرنىڭ پېيىدە بولاتتى. ھەمدە ئۇلارنى خارلايتتى، بەزىدە تېخى كۈنلەپ دۇمبالايتتى. بىر قېتىم ئۇ بۇ سۆيگىنىگە پىچاق تىقىۋەتكەن ئىكەن. بىراق قىز ئەكسىچە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئاياللار تۇغۇلىشىدىنلا مۇشۇنداق. بولۇپمۇ ئاندالۇسىيالىق ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق. قىز بىلىكىدىكى پىچاق تاتۇقىدىن پەخىرلىنىپ باشقىلارغا ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق نەرسە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.
خېسەي مارىيا نامەرتلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر خۇمسى ئىدى!...
بىز يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغان ۋاختىمىزدا ئۇ ھىلە ئىشلىتىپ پايدىنىڭ ھەممىنى ئۆزى ئىگىلىۋالدى. لېكىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش بىلەن بار جاپانى بىز تارتتۇق. ھەي، مەن يەنىلا ئاساسىي تېمىغا قايتىپ كېلەي. بىز كارمېننىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. دەنكائىل:
- ئارىمىزدىن چوقۇم بىرسىمىز جەبىلتارىققا بېرىپ تىڭ-تىڭلاپ كېلەيلى. ئۇ چوقۇم سودىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، مەن باراي دېسەم جەبىلتارىقتا مېنى بەك كۆپ ئادەم تونۇيدۇ.
- مېنىمۇ تونۇيدىغان ئادەم بەك كۆپ،- دېدى يەكچەشمە،- ئۇ يەردە مەن قىزىل راكلار بىلەن بەك كۆپ ئوينىشىپ كەتتىم! ئۇندىن باشقا، مەن بىر كۆزلۈك، گىرىم قىلمىقىممۇ تەس.
ـ ئۇنداقتا مەن باراي،- دېدىممەن كارمېننى كۆرەلىگۈدەكمەن دەپ گۈلقەقەلىرىم ئېچىلغان ھالدا، - قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بېرىڭ.
- ئامال قىلىپ كېمىگە چىقىپ ئولتۇرامسەن ياكى ساينېت- لۇك بىلەن بارامسەن ئۆزۈڭ قارار قىل. جەبىلتارىققا بارغاندىن كېيىن پىرىستاندا لويۇنا ئىسىملىك بىر شاكىلات ساتقۇچى بار. ئۇنى تاپساڭلا ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيسەن، -دېدى دەنكائىل.
مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىمىز گوشىن تېغىغا باردۇق. بۇ ئىككى ھەمرايىم بۇ يەردە قېپ قالدى. مەن باققالدەك ياسىنىپ جەبىلتارىققا كەلدىم. لۇندادا بىر ئادىمىمىز ماڭا پاسپورت ياساپ بەردى. گوشىندا بىرەيلەن بىر ئېشەك بەردى. مەن ئۇنىڭغا لىققىدە ئاپلېسىن ۋە يەل-يىمىشلارنى ئارتىپ يولغا چىقتىم. جەبىلتارىققا كەلگەندىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ لويۇنانى تونۇيدىغىنىنى بايقىدىم. لېكىن ئۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن ياكى ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ يوق بولىشى مېنىڭ قارىشىمچە كارمېن بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىنىڭ سەۋەبى ئىدى. مەن ئېشەكنى بىر ئېغىلغا ئەكىرىپ قويۇپ، ئاپېلسېنلارنى مۆرەمگە ئارتىپ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە قاتراپ يۈرۈپ ساتتىم. ئەمىلىيەتتە مەقسىدىم كارمېننى ئۇچرىتىش ئىدى. بىراق بۇ يەرگە دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوغرى- قاراقچى يىغىلغان ئىدى. ھەتتا باگ مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ كوچىدا 10 قەدەم ماڭا-ماڭمايلا تۈرلۈك تىللارنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. مەن خېلى كۆپ سىگانلارنى كۆردۈم. لېكىن قارىسىغا ئىشىنىپ كەتمىدىم. ئۇلارنى دەڭسەيتتىم، ئۇلارمۇ مېنى دەڭسەيتتى. قارشى تەرەپنى ھامان دۈشمەن دەپ ئېھتىيات قىلىشاتتۇق. بىراق، مۇھىمى بىر گۇرۇھنىڭ ئادىمى ياكى ئەمەسلىگىمىزنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئىدى. مەن ئىككى كۈن بىكارغا قاتراپ لويۇنا بىلەن كارمېننىڭ ئازراقمۇ خەۋىرىنى ئالالمىدىم. مەن ئازراق نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىپ ھەمرالىرىمنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم.
بىراق، كەچقۇرۇندا كوچىدا كېتىۋاتسام تۇساتتىن، بىر ئايالنىڭ دەرىزىدىن مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
- ئاپلېسىن ساتقۇچى!...
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، كارمېن بىلەن قىزىل ھەربىي فورما كىيگەن بىر ئوفېتسېر ئىكەن. ئۇلار مۈرىلىرىنى يېقىن قىلىشىپ بالكۇندا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئوفېتسېرنىڭ مۈرىسىدە سېرىق پاگۇن، چاچلىرى بۈدرە بولۇپ، تەققى- تۇرقىدىن ئېسىلزادىلىگى چىقىپ تۇراتتى. كارمېن ئىنتايىن سالاپەتلىك كىيىنىۋالغان بولۇپ، ئۇزۇن مۆرە يېپىنچىسى ئارتىپ، چېچىغا ئالتۇن تارغاق قىسىپ، تاۋار- دۇردۇنغا پۈركۈنۈپ تۇراتتى. بۇ «ئايال خوجايىن» يەنىلا بۇرۇنقى پەدىسىدە خىرىلداپ كۈلۈپ تۇراتتى! ئەنگىلىيىلىك ئىسپان تىلىدا كېكەچلەپ تۇرۇپ مېنىڭ ئۈستىگە چىقىپ خانىمغا ئاپلېسىن سېتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. كارمېن باسكې تىلىدا ماڭا:
- ئۈستىگە چىقىڭ، چاندۇرۇپ يۈرمەڭ يەنە،- دېدى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇ ھەققىدە ھەيران قالغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى. مەن ئۇنى كۆرۈپ يا خۇشال بولۇشۇمنى يا خاپا بولۇشۇمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىشىككە قارىغۇچى ئېگىز، گىروي بىر ئەنگىلىيىلىك چاكار ئىكەن. بېشىغا ئۇن چېچىپ مېڭىپ بىر ھەشەمەتلىك ئۆيگە باشلاپ كىردى. كارمېن دەرھال باسكوچە سۆزلىدى:
- سىز بىر ئېغىزمۇ ئىسپانچە بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ، مېنىمۇ تونىماس بولىۋېلىڭ.
ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۇ ئوفېتسىرغا ئېيتتى:
سىزگە دېمىگەنمىدىم، مەن بىر قاراپلا باسكولارنى تونىيالايمەن. سىزگە بۇ تىل تولىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئادەم بەك گومۇش ئىكەن-ھە؟ خۇددى ئاشخانىدا باشقىلار تۇتۇۋالغان مۈشۈكتەك.
- سىزچۇ؟- دېدىم ئۇنىڭغا يۇرتۇمنىڭ تەلەپپۇزىدا،- سىز بىر نومۇسسىز پاھىشە. شۇ تاپتا ئاشنىڭىزنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنى تىلىۋەتسەم دەيمەن.
- مېنىڭ ئاشنام!- دېدى ئۇ،- ھىم، نېمە دېسىڭىز دەڭ، بىر كالۋا ھەسەتخورنىڭ گېپىغۇ بۇ؟ پەنەر كوچىسىدا ئۆتكۈزگەن ئەشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سىز بارغانسېرى دۆتلىشىپ كەتتىڭىز. كۆرمەيۋاتامسىز كالۋا، مەن ھازىر مىسىرچە سودا قىلىۋاتىمەن. ھېلە ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ. بۇ ئۆي مېنىڭ، ئاۋۇ راكلارنىڭ تىللا- كۈمۈشلىرىمۇ كەلگۈسىدە مېنىڭ بولىدۇ. مەن بۇنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزىمەن، بارسا- كەلمەس يولغا باشلاپ ئاپىرىمەن.
- مەن، - دېدىم ئۇنىڭغا،- مۇشۇنداق مىسىرچە سودىنى يەنە قىلىدىكەنسىز، ھەرگىز يول قويمايمەن.
- ئوھ، ماۋۇ گەپنى! سىز رومويىممۇ بۇنداق بۇيرۇق قىلىدىغانغا؟ يەكچەشمە مۇشۇنداق قىلىشىمنى قوللايدۇ، سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ سىز مېنى پەقەت ئاشنام دەپلا قارىيالايسىز، ئەجىبا بۇ يەتمەمدۇ؟
- ئۇ نېمە دەيدۇ؟- دېدى ئەنگىلىيىلىك كارمېندىن سوراپ.
- ئۇ ئۇسساپ كەتتىم دەيدۇ. بىر رۇمكا ئىچكۈسى بار ئىكەن،- دېدى كارمېن ئۆزىنى دىۋانغا تاشلاپ ۋە تەرجىمىسىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئەپەندىم، بۇ قىز كۈلىدىغان بولسا ھەر قانداق ئادەم ئەس- ھۇشىنى يوقۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلمەي قالمايدۇ. ئۇ ئەنگىلىيىلىك دارازىمۇ خۇددى ساراڭلاردەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتى ھەمدە مالىيىغا بۇيرۇق قىلىپ ماڭا ھاراق ئەكىلىپ بەردى.
ھاراقنى ئىچىۋاتقان چېغىمدا كارمېن:
- ئۇنىڭ بارمىقىدىكى ئاۋۇ ئۈزۈكنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنى ياقتۇرغان بولسىڭىز كەلگۈسىدە ئۇنى سىزگە بېرىمەن، -دېدى.
- ماڭا ئۈزۈكنىڭ كېرىگى يوق، بۇ ئاقسۆڭەكنى تاغ ئىچىگە ئېلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ. ھەر ئىككىمىز قولىمىزغا بىردىن ماگېلا كالتىكى ئېلىپ ئېلىشىپ باقسام دەيمەن،- دېدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن.
- ماگىلا دېگەن نېمە؟- دەپ سورىدى ئەنگىلىيىلىك.
- ماگىلا، - دېدى كارمېن قاقاھلاپ كۈلگىنىچە،- ئاپلېسىن دېمەكچى. ئاپلېسىننى ماگىلا دېسە قىزىقارلىق تۇيۇلمامدىكەن؟ ئۇ سىزنى ماگىلا بىلەن مېھمان قىلىمەن دەيدۇ.
- شۇنداقمۇ؟- دېدى ئەنگىلىيىلىك،- ئۇنداقتا ياخشى! ئەتە ئازراق ماگىلا ئېلىپ كەلسۇن.
بۇ گەپنى قىلىشىۋاتساق مالاي كىرىپ كەچلىك تاماقنىڭ تەييار بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنگىلىيىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا بىر كۈمۈش تەڭگىنى بەردى ۋە كارمېننى قولتۇقلىۋالدى. كارمېن كۈلكىدىن ئۆزىدىن توختىتىۋالالماي ئېيتتى:
- يىگىت، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلالمىدىم. بىراق، ئەتە پارات دۇمبىقى چېلىنىشى بىلەنلا ئاپلېسىنلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ، سىزگە بىر ياتاق ئۆيۈمنى كۆرسىتىمەن. لاھىيىلىنىشى پەنەر كوچىسىدىكى ھېلىقى ئۆيدىن كۆپ ياخشى. مەن يەنىلا سىزگە سىزنىڭ ئوماق كارمېنىڭىز ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن. ئاندىن بىز مىسىرچە سودا ھەققىدە پاراڭلىشىمىز.
مەن ئۈندىمىدىم. كوچىغا چىقىشىمغا ئەنگىلىيىلىك ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى:
- ئەتە ماڭا ماگىلا ئالغاچ كېلىڭ!
ئارقىدىن كارمېننىڭ كۈلگەن ئاۋازى جاراڭلىدى.
بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن نېمە قىلارىمنى بىلمىدىم. كەچتە ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىگىنى بۇ ئوغرى قىزغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىم تاشتى. ئۇنى كۆرگىلى بارغۇم كەلمىدى، ئۇدۇل جەبىلتارىققا كەتمەكچى بولدۇم. بىراق، بىرىنچى دۇمباق ئاۋازىنى ئاڭلىشىم بىلەنلا، دەرھال ئاچچىقىمدىن يېنىپ بىر سېۋەت ئاپلېسىننى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل كارمېننىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ يول ئالدىم. دەرىزىنىڭ يېرىم ئوچۇق قويۇلغان كۆزىدىن كارمېننىڭ يوغان ھەم قاپقارا شەھلا كۆزلىرىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغىنىنى كۆردۈم.
بېشىغا ئۇن سېپىۋالغان مالاي دەرھال مېنى ئۆيگە باشلاپ كىردى. كارمېن ئەنگىلىيىلىكنىڭ ئىش بېجىرگىلى كەتكەنلىگىنى ئېيتتى. ئۆيدە پەقەت ئىككىمىزلا قالغان چاغدا، كارمېن ئاغزىنى تىمساھنىڭ ئاغزىدەك يوغان ئېچىپ كۈلگىنىچە بوينۇمغا گىرە سالدى. مەن ھېچقاچان بۇنداق گۈزەل، ياسىنىشى مەريەم ئانىدەك سالاپەتلىك، خۇش ھىدى ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان بۇنداق ساھىپجامالنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم...ۋالىلداپ پارقىراپ تۇرغان ئۆي سەرەمجانلىرى، چىرايلىق كەشتىلەنگەن دەرىزە پەردىلىرى...ھەي!...شۇغىنىسى، مەن بىر ئوغرىغا ئوخشايتتىم.
- مەرھەممەت ئاكا!- دېدى كارمېن،- مەن بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى كۈكۈم- تالقان قىلىپ، بىراقلا ئوت قويۇۋېتىپ تاغقا قېچىپ كەتسەم دەيمەن.
ئاندىن ئۇ تولۇپ- تاشقان مېھرى بىلەن...يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن...مېنى سۆيدى...ئۇسسۇل ئوينىدى، كىيىملىرىنى يىرتىپ، موللاق ئېتىپ، شەيتاندەك خۇلق چىقىرىپ، شوخلۇقنى ھەقدادىغا يەتكۈزدى...سەلدىن كېيىن ئاندىن خىجىل بولغاندەك:
- ئاڭلاڭ، بۇ مىسىرنىڭ ئىشى. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ مېنى لوندا ئاپىرىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئۇ يەردە بىر ھەدەم مۇناخ دەپ يالغان ئېيتىمەن...(گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى) ئۆتەر يولىمىزنىڭ قەيەردىلىگىنى ئادەم ئەۋەتىپ سىزگە ئۇختۇرىمەن. سىلەر بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ پاك-پاكىزە قۇرۇقداپ قويۇڭلار، ئەڭ ياخشىسى بوغۇزلىۋېتىڭلار.
ئارقىدىن ئۇنىڭ يۈزىدە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ھەم ھېچكىم دورىيالمايدىغان زەھەرخەندە كۈلكە پارلىدى ھەمدە بىر جۈملە قوشۇپ قويدى:
- بىراق، قانداق قىلىشنى بىلەمسىز؟ يەكچەشمىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ سىز سەل ئارقىسىدىن مېڭىڭ. ئەنگىلىيىلىك راك بەك باتۇر، كۈچتۈنگۈر، يېنىدا ياخشى قۇراللار بار...چۈشەندىڭىزمۇ؟
ئۇ گېپىنى تۈگەتمەيلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. مەن شۈركىنىپ كەتتىم.
- ياق، دېدىم ئۇنىڭغا،- مەن گارسىيىگە ئۆچ بولساممۇ لېكىن ئۇ سەپدىشىم. سىز ئۈچۈن ھامان ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىم مۈمكىن. بىراق مەن ئۇنىڭدىن يۇرتۇمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ھېساپ ئالىمەن. مەن پەقەت تاسادىپى ھالدا مىسىرلىق بولۇپ قالدىم. بىراق، مەلۇم ئىشلاردا ماقال تەمسىلدە ئېيتقىنىدەك مەن يەنىلا ھەقىقىي بىر ناۋارالىق.
- سىز بىر ھاماقەت، كالۋا، سەھرالىق تومپاي. سىز يىراققا تۈكۈرەلىگىنى ئۈچۈن بويۇم ئېگىز ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان پاپىلارغا ئوخشايسىز. سىز مېنى سۆيمەيدىكەنسىز، كېتىڭ...
«كېتىڭ» سۆزىدىن ھاڭۋېقىپ قالدىم. ھەمرالىرىمنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىپ ئەنگىلىيىلىكنى كۈتۈشكە ماقۇل بولدۇم. بىراق ئۇ مېنىڭ يالغان كېسەل بولىۋېلىپ، جەبىلتارىقتىن ئايرىلىپ لۇنداغا بېرىشىمغا قوشۇلدى. جەبىلتارىقتا يەنە ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدىم. ئۇ قاپيۈرەكلىك بىلەن باشقىچە گىرىم قىلىپ مېھمانخانىغا كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى. مەن كەتتىم. مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق پىلانىم بار ئىدى. مەن ئۇ ئەنگىلىيىلىك بىلەن كارمېن ئۆتىدىغان يول ۋە ۋاقىتنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن جايدىن قايتىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان دەنكائىل بىلەن گارسىيەنى تاپتىم. بىز بىر ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە شەمشاد غوزىسدا قالانغان ئوتنىڭ ئىسسىقىغا قاقلىنىپ تۈنىدۇق. ئوت يالقۇنى بەك كۈچلۈك بولغاچقا گارسىيىگە قىمار ئويناش تەكلىپىنى بەردىم. ئۇ قوشۇلدى. 2- قېتىم قارت شىلىغاندا ئۇنىڭ ھۈنەر ئىشلەتكەنلىگىنى ئېيتتىم. ئۇ قاقاھلاپ كۈلدى. مەن قارتنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتتىم، ئۇ مىلتىقىنى ئالماقچى بولىۋېدى، پۇتۇم بىلەن دەسسىۋالدىم.
- ئاڭلىسام تىغ ئوينىتىشتا مالاككالىق باتۇر ئەزىمەتلەردىن قېلىشمايدىكەنسەن، مەن بىلەن سىنىشىپ باقامسەن؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
دەنكائىل ئىككىمىزنى ئاجرىتىۋەتتى. گارسىيەنى 2-3 مۇشت سالدىم. ئۇمۇ غەزەپتىن يۈرەكلىنىپ بىردىنلا خەنجىرىنى سۇغۇرۇپ ئالدى، مەنمۇ خەنجىرىمنى قولۇمغا ئالدىم. ھەر ئىككىمىز دەنكائىلغا ئورۇن بوشۇتۇشنى ئېيتىپ، ئادىل ئېلىشماقچى بولدۇق. دەنكائىل بىزنى توسۇشقا كۆزى يەتمەي بىر چەتكە ئۆتتى. دەنكائىل بېلىنى پۈكۈپ، چاشقانغا ئېتىلماقچى بولغان مۈشۈكنىڭ قىياپىتىدە سول قولىدا بۆكىنى قالقان قىلىپ تۇتۇپ خەنجىرىنى ماڭا توغرىلىدى. بۇ ئاندالۇسىيەچە پەنت ئىدى. بىراق مەن ناۋاراچە قەدەم ئېلىپ، قەددىمنى ئىلىپتەك تىك تۇتۇپ، سول قولۇم بىلەن سول پۇتۇمنى ئالدىغا چىقىرىپ خەنجىرىمنى ئوڭ يوتامغا يېقىن تۇتۇپ تۇردۇم، بۇ چاغدا ئۆزەمنى دېۋىدەك چەبدەس ھىس قىلدىم. گارسىيە يادىن ئايرىلغان ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى، مەن سول پۇتۇمنى كۈچەپ يانغا بۇرۇلدۇم، ئۇنىڭ ھۇجۇمى بوشقا كەتتى. بىراق، مېنىڭ خەنجىرىم ئۇدۇل ئۇنىڭ كىكىرتىكىگە قولۇم تاقاشقىچە چوڭقۇر كىرىپ كەتتى. خەنجەرنى كۈچ بىلەن قوچىۋەتتىم. پىچاقنىڭ سۇنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. تۈگىدى. بىلەك توملىقىدىكى قان ئېقىمى پىچاق كىرگەن تۆشۈكتىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ پور كۆتەكتەك ئوڭدىسىغا يىقىلدى.
- نېمە قىلدىڭ؟- دېدى دەنكائىل ماڭا.
- ئاڭلاڭ، ئىككىمىزنىڭ چوقۇم بىرسىمىز ئۆلۈشىمىز كېرەك. مەن كارمېننى سۆيىمەن، ئۇنى يالغۇز ئىگەللىشىم كېرەك. گارسىيە بىر ئىپلاس، ئۇنىڭ لېيمىندادوغا قانداق مۇئامىلە قىلغىنىنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ھازىر ئىككىمىزلا قالدۇق، ھەر ئىككىمىز ھەقىقىي شىرمەتلەردىن. مەن بىلەن قىيامەتلىك دوست بولۇشنى خالامسىز؟- دېدىم ئۇنىڭغا.
دەنكائىل ماڭا قولىنى ئۇزاتتى، ئۇ 50ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى.
ـ يىگىت- قىزلارنىڭ مۇھەببىتى قۇرۇپ كەتسۇن!- دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ،- ئەگەر سەن ئۇنىڭغا پۇل بەرگەن بولساڭ كارمېننى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولاتتى. مانا ئەمدى ئىككىمىزلا قالدۇق، ئەتە قانداق قىلارمىزكى؟
- ماڭا قويۇپ بېرىڭ،- دېدىم جاۋابەن،- ئەمدى ھېچنېمىدىن قورقمايمەن.
بىز گارسىيەنى كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن 200قەدەم نېرىسىغا بېرىپ قونالغۇ تاپتۇق. ئەتىسى كارمېن ھېلىقى ئەنگىلىيىلىك بىلەن ئىككى ئات باقار ۋە بىر مالاينى باشلاپ كېلىپ بۇ يەردىن ئۆتتى. مەن دەنكائىلغا ئېيتتىم:
 -ئاۋۇ ئەنگىلىيىلىكنى مەن جايلاي، قالغانلىرىنى سىز قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋېتىڭ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا قورال يوق.
ئەنگىلىيىلىك بەك يامان ئىكەن، كارمېن ئۇنىڭ بىلىكىنى قېقىۋەتمىگەن بولسا مېنى ئۆلتۈرمەي قويمايتتى. نېمىلا بولمىسۇن، كارمېننى يەنە قايتۇرىۋالدىم. ئۇنىڭغا قىلغان تۇنجى گېپىم گارسىيەنى ئۆلتۈرگىنىمنى ئېيتقىنىم بولدى. كارمېن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇققاندىن كېيىن شۇنداق دېدى:
 -سىز مەڭگۈ بىر ئەخمەق! گارسىيە ئەسلىدە سىزنى ئۆلتۈرىۋېتەلەيتتى. سىزنىڭ ناۋاراچە پەنتىڭىز    ناھىيىتى شۇ كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى. سىزدىن نى-نى كۈچلۈك ئادەملەر ئۇنىڭ قولىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭغا ئەجەل كەپتۇ، سىزگىمۇ ئاز قالدى.
- سىزمۇ شۇ،- دېدىم جاۋابەن،- ئەگەر يۇۋاشلىق بىلەن مېنىڭ رومىيىم بولمىسىڭىزلا.
-بەك ياخشى، قەھۋە قالدۇقىدىن كۆپ كۆرگەنمەن، ئىككىمىز بىللە ئۆلىمىز. بولدى، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنايلى.
ئاندىن ئۇ شاقىلداقنى چېلىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇ قانداقتۇ بىر كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھامان مۇشۇنداق قىلاتتى. بىر ئادەم ئۆز- ئۆزىنى تىڭشىسا ۋاقىتنى ئۇنتۇيدىكەن. بۇ پارچە-پۇرات ئىشلارنى ئاڭلىسىڭىز زېرىكىپ قالىسىز. مېنىڭ ھېكايەم ھازىرلا تۈگەيدۇ. بىز ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت بىرگە ياشىدۇق. دەنكائىل بىلەن يەنە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئىشەنچلىك بىر گۇرۇھنى تەشكىللەپ مەخسۇس ئەتكەسچىلىك قىلدۇق. راستىنى ئېيتقاندا، بەزى ۋاقىتتا يولمۇ توستۇق. لېكىن قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بولۇپ پەقەت ئامالىمىز قالمىغاندا ساياھەتچىلەرگە رەھىم قىلىپ پەقەت ئۇلارنىڭ پۇلىنىلا ئالدۇق. بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كارمېندىن تولىمۇ رازى بولدۇم. ئۇ داۋاملىق بىزگە ئاخبارات يەتكۈزۈپ بېرىپ سودىمىزنى راۋانلاشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ بىر دەم مالاككادا، بىردەم گوردوبادا، يەنە بىر دەم گىرىنادادا بولاتتى. بىراق مەن خەت ئەۋەتسەملا ھەرقانداق ئىشنى تاشلاپ چەت- ياقىدىكى دەڭ-ساراي، ھەتتا چېدىردا بىللە بولاتتۇق. بىراق بىر قېتىم مالاككادا مەندىن سەل خاتىرجەم بولالماي قالدى. مەن ئۇنىڭ بىر باي سودىگەر بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ قالغىنىنى بىلدىم، بەلكىم كونا سەنەمگە دەسسەپ جەبىلتارىقتىكى ھېلىقى ئادىتىنى تېپىۋالاي دېگەندۇ. دەنكائىلنىڭ نەسىھەت قىلىپ توسقىنىغا قارىماي كۈپ- كۈندۈزدىلا مالاككاغا كەلدىم. كارمېننى تېپىپ دەرھال ئېلىپ ماڭدىم. بىز ئۇرۇشۇپ كەتتۇق.
- بىلەمسىز،- دېدى ئۇ ماڭا،- مەن سىزنىڭ رەسمىي خوتىنىڭىز بولغاندىن كېيىن مۇھەببىتىم ئاشنا ئويناپ يۈرگەن ۋاختىمىزدىكىدىن كۆپ سۇسلىشىپ كەتتى. مەن باشقىلارنىڭ پۇتلىكاشاڭ بولىشىنى، بولۇپمۇ بۇيرۇق چۈشۈرىشىنى خالىمايمەن. ماڭا كېرىگى ئەركىنلىك. نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلسام دەيمەن. مېنى مەجبۇرلاشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بولمايدىكەن بىر توپ لۈكچەكلەرنى يىغىپ كېلىپ يەكچەشمىگە قىلغان مۇئامىلىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ كۆرسىتىمەن.
دەنكائىل بىزنى ياراشتۇرۇپ قويدى. بىراق، بىز ئۆزئارا يامان گېپىمىزنى دېيىشىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق. مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر نەس باسقۇر ئىش يۈز بەردى. بىز ھەربىي قىسىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ دەنكائىل بىلەن ئىككى ئادىمىمىز ئۆلۈپ، باشقا ئىككى ئادىمىمىز قولغا چۈشۈپ قالدى. مەن ئېغىر يارىلاندىم. ئەگەر ئېتىم تېز چاپمىغان بولسا مەنمۇ ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولاتتىم.
مەن ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن، بەدىنىمگە بىر پاي ئوق تەگكەن ھالدا ئامان قالغان سەپدىشىم بىلەن بىرلىكتە ئورمانلىققا قېچىپ كىرىپ يوشۇرۇنىۋالدىم. ئاندىن چۈشۈشۈمگىلا بېشىم قېيىپ كەتتى. ئوق تەگكەن توشقاندەك بۇ ئورمانلىق ئىچىدە ئۆلىدىغان بولدۇم،دەپ ئويلاپ كەتتىم ئىچىمدە. سەپدىشىم مېنى يۈدۈپ ئاپىرىپ بىزگە ناتۇنۇش بولغان بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇپ كارمېننى ئىزدىگىلى كەتتى. كارمېن گىرىننىدادا ئىدى، ئاڭلاپلا دەرھال يېتىپ كەلدى ۋە قېشىمدىن بىردەممۇ ئايرىلماي يېرىم ئايغىچە كىرپىك قاقماي كۆڭۈل قويۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. بىر ئايال ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېرىنىڭ ھالىدىن بۇنچىلىك خەۋەر ئالماس. مەن ئورنۇمدىن ئەمدىلا تۇرالىغۇدەك بولغاندا ئۇ مېنى ئوغۇرلۇقچە گىرىنناداغا ئېلىپ باردى. بوخېمىيالىق ئاياللارھەرقانداق جايدىن يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالايتتى. شۇنداق قىلىپ مەن بىر ئۆينىڭ ئىچىدە توپ-توغرا 6ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ ئۆي بىلەن مېنى تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىنى پەقەت ئىككى ئىشىكلا ئايرىپ تۇراتتى. مەن بىر نەچچە قېتىم دەرىزە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ ئۇنىڭ ئۆتكىنىنى كۆردۈم.ئاخىرى يارام ساقايدى، كېسىلىمنى ئۇنتۇپ، تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم. مەن كارمېنغا ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ يېڭى قۇرۇقلۇق (ئامېرىكا)قا كېتىپ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ قىلچە پىسەنت قىلمىدى.
- بىز تۇغۇلىشىمىزدىن دېھقان ئەمەس، بىر ئۆمۈر دېھقانلارنى باپلاپ كۈن ئۆتكۈزىمىز. توغرا، مەن جەبىلتارىقتىكى نادەن بىن يۇسېف بىلەن بىر سودىنى پۈتۈشۈپ قويدۇم.ئۇنىڭدا بىر ئاز يىپ مال بار ئىكەن، سىزنىڭ توشۇپ بېرىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىزنى ھايات قالاي دېسە ھەممىدە سىزگە تايىنىش كېرەكلىگىنى بىلىدۇ. بۇنى قىلمىسىڭىز جەبىلتارىقتا مالنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلارغا نېمە دەيمىز؟
مەن ئامالسىز كونا كەسپىمنى تېپىۋالدىم.
مەن گىرىننادادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان چېغىمدا، شەھەر ئىچىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى ئۆتكۈزۈلدى، كارمېنمۇ بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن ئىدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تورېئادور ھەققىدە بىر مۇنچە گەپ قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى لوكاس بولۇپ، بەك قاملاشقانمىش. ئۇ ھەتتا ئۇ مىنگەن ئاتنىڭ ئىسمى بىلەن كەشتىلىك چاپىنىنىڭ باھاسىنىمۇ ئېيتىپ بەردى. دەسلەپتە مەن پەرۋا قىلمىدىم.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ھايات قالغان بىردىن-بىر سەپدىشىم خۇئاننىتو ماڭا ساگرىتىئېن كوچىسىدىكىبىر سودىگەرنىڭ ئۇ يەردە كارمېن بىلەن لوكاسنىڭ بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىگىنى ئېيتتى. مەن بىردىنلا ئويغانغاندەك بولۇپ، كارمېندىن قانداقسىگە ۋە نېمە ۋەجىدىن ئۇ تورىئادور بىلەن تونۇشقانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ئېيتتى؛
-بۇ سولتەكنى ئىككىمىز ئىندەككە كەلتۈرەيلى،دەريادا تاش بولغانلىقى ئۈچۈنلا شاۋقۇن بولىدۇ. ئۇ تورېئادور 12مىڭ 2يۈز رىيال پۇل تېپىپتۇ. ئىككى خىل ئامالنىڭ بىرىنى قوللىنايلى: يا ئۇنىڭ پۇلىنى بۇلايلى،يا بۇ سولتەكنى گۇرۇھىمىزغا ئەكىرەيلى.ئۇ ئاتنى ئوبدان مىنىدۇ ھەم باتۇر. سەپداشلىرىمىز بىر-بىرلەپ ئۆلدى، سىز ئادەمگە مۇھتاج، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭ.
- ئۇنىڭ پۇلىمۇ، ئۆزىمۇ كېرەك ئەمەس،- دېدىم مەن جاۋابەن،- ئىككىڭلارنىڭ ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن.
- ئېھتىيات قىلىڭ،- دېدى كارمېن،- ماڭا نېمىنى قىلماڭ دېسىڭىز شۇ ھامان شۇ ئىشنى قىلىمەن!
بەختىمگە يارىشا ئۇ تورېئادور مالاككاغا كەتتى.بىزمۇ ھېلىقى يەھۇدىينڭ يىپ ماللىرىنى ئوغۇرلۇقچە توشىدۇق. بۇ قېتىم قىلىدىغان ئىشىم بەك كۆپ ئىدى، كارمېنمۇ شۇ. مەن لوكاسنى ئۇنتۇپ كەتتىم، بەلكى كارمېنمۇ ئۇنتىدى بولغاي، ھېچبولمىغاندا ۋاقتىنچە. تەخمىنەن ئاشۇ پەيتلەردە، ئەپەندىم، مەن سىزنى ئۇچراتتىم. ئالدى بىلەن موندىيەدە، ئاندىن كوردىۋادا. ئەڭ يېقىندا كۆرۈشكىنىمىزنى دېمەيلا قوياي، سىزنىڭ بىلىدىغىنىڭىز بەلكى مېنىڭكىدىن كۆپ. كارمېن سىزنىڭ سائىتىڭىزنى ئوغۇرلىدى، يەنە پۇلىڭىنى كۆزلىدى. بولۇپمۇ، قولىڭىزغا تاقىۋالغان مۇنۇ ئۈزۈكنى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئالۋاستى ئۈزۈكمىش، بەك قولغا چۈشۈرگىسى بار ئىكەن. بىز قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتۇق، مەن ئۇنى ئۇردۇم.ئۇنىڭ يۈزى تاتىرىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى، ئىنتايىن بەك ئازاپلاندىم. مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم، لىكىن ئۇنىڭ كۈنبويى مەن بىلەن كارى بولمىدى . مەن موندىيەگە قايتىدىغان چاغدا ، ئۇ ھەتتا مىنى سۈيۈپمۇ قويمىدى، قاتتىق ئازابلاندىم. بىراق، 3 كۈندىن كېيىن ئۇ مىنى ئىزلەپ كەلدى . چىرايىدا تەبەسسۇم يېغىپ توزدەك چىلۋىلىنىپ كىتىپتۇ. ھەممىنى ئۇنتۇپ ئەمدىلا تۇنۇشقان ئاشىق مەشۇقلاردەكگىرەلىشىپ كەتتۇق . ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئۇ ماڭا ئېيتتى :
گوردۇبادا بايرام بۇلىۋاتىدۇ. بېرىپ كىمنىڭ يانچۇقىدا پۇل بار ئۇقۇشۇپ ئاندىن سىزگە خەۋەر قىلاي.
مەن ئۇنى كەتكىلى قويدۇم . ئۈزەم يالغۇز قالغاندا بۇ بايرامنىڭ ئىشى ۋە كارمىننىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەنلىكىنى ئويلىنىپ قالدىم- دە ‹‹ئۇ چۇقۇم ئاچچىقىدىن ياندى . بولمىسا مەن بىلەن يارىشىپ قالغىلى كىلەتتىمۇ›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بىر يۇرتدىشىم كېردۇۋادا بۇقا سۇقۇشتۇرۇش بۇلىۋاتقىنىنى ئېيتتى . شۇ ھامان قانلىرىم قايناپ، ساراڭلاردەك نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدىم . بىر كىشى ماڭا لۇكاسنى كۆرسىتىپ قويدى . مەيداننىڭ ئالدىدىكى كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان كارمېننى كۆردۇم . مەن پەقەت ئۇنىڭغا بىر مىنۇت قاراپلا ھەقىقەتەن چاتىقى بارلىقىنى بىلدىم . دەرۋەقە ئىش مىنىڭ كۈتكىنىمدەك بولدى . لۇكاس بىرىنچى بۇقا بىلەن ئىلىشىۋاتقاندا تۇلىمۇ ئېھتىرام بىلەن كالىنىڭ بەدىنىدىكى يىپەك بانتىكنى ئېلىپ كارمېنغا سوۋغا قىلدى . كارمېن دەرھال ئۇنى بېشىغا ئارتىۋالدى . بىراق بۇقا مىنىڭ ئۆچۈمنى ئېلىپ بەردى . لۇكاس ئېتىنى يېتىلەپ كتىۋاتقاندا بۇقا مۈڭگۈزى بىلەن لۇكاسنىڭ كۆكسىگە بىرنى ئۈسسىدى . لۇكاس يىقىلغاندىن كېيىنمۇ بۇقا ئۇنى دەسسەپ ئۈتۈپ كەتتى . مەن كارمېنغا قارىدىم. بىراق ئۇ ئۇرۇندىقىدا يوق ئىدى . مەن چىقىپ كېتەلمىدىم . مەيداندىكىلەرنىڭ تارقىلىپ بۇلىشىنى كۈتتۈم. مەن سىز تۇنۇيىدىغان ھېلىقى ئۆيگە يۈگۈرۈپ بېرىپ يېرىم كىچىگىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ياتتىم . سەھەر سائەت 2 ئەتراپىدا كارمېن قايتىپ كەلدى . مىنى كۆرۈپ بىر ئاز ھەيران قالدى .
- بېرى كېلىڭ، - دىدىم ئۇنىڭغا .
- بۇلىدۇ ، ماڭايلى!
مەن بېرىپ ئاتنى يېتىلىدىم . ئۇنى ئات ئۈسىتىگە مىنگۈزدۇم ، بىز كېيىنكى يېرىم كېچىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي ماڭدۇق . تاڭ يۇراي دىگەندە بىز خىلۋەتتىكى بىر جىمجىت دۇكانغا يىتىپ كىلىپ ئازراق دېمىمىزنى ئېلىۋالدۇق . دۇكاننىڭ يېنىدا بىر تىلاۋەتخانا بار ئىكەن ئۇ يەردە مەن كارمېىنغا ئېيتتىم .
- قاراڭ، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، ھىچنىمە دىگۈم يوق . بىراق ماڭا قەسەم قىلىپ بېرىڭ ، مەن بىلەن ئامرىكىغا بارىسز، ئۇيەردە خاتىرجەم كۈن كەچۈرەيلى .
- ياق ، - دىدى ئۇ باتنىغانچە جاۋاپ بېرىپ، - ئامرىكىغا بارغۇم يوق ماڭا مۇشۇ يەر ياخشى .
- چۈنكى، لۇكاس بىلەن ئارلىقىڭىز بەڭ يېقىن، بىراق ئويلاپ بېقىڭ، ئۇنىڭ يارىسى ساقىيىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇزاق ياشىيالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتىسام مەن نىمىشقا ئۇنىڭدىن ھېساپ ئالغىلى بارغۇدەكمەن . ئاشنىلىرىڭىزنى بىر- بىرلەپ ئۆلتۈردۇم.بۇ قېتىم بىكار سىزنى ئۆلتۈرۈپ سالماي .
ئۇ ياۋايى كۆز نۇرلىرى بىلەن ماڭا مىختەك قادالغىنىچە ئېيتتى .
- مەن ئىزچىل سىزنىڭ قولىڭىزدا ئۆلمىسەم بولمايدىغانلىغىنى تۇنۇپ كەلگەن ئىدىم . سىزنى تۇنجى كۆرۈشتىن بۇرۇن ، ئۈيۈمنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر پوپنى ئۇچراتقان ئىدىم . تۆنۈگۈن كەچ گوردوبادىن ئايرىلغان ۋاقىتتا كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بىر ياۋا توشقان چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتكۈچە ئېتىڭىزنىڭ پۇتى ئارىسىدىن ئۈتۈپ كەتتى . بۇ تەقدىرىڭىزگە پۈتۈلگەننىڭ بىشارىتى .
-ئۇماق كارمېنىم ، - دېدىم ئۇنىڭغا،- ئەجەبا سىز مېنى ياخشى كۆرمەمسىز؟ ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى . بورىنىڭ ئۈسىتىدە جازاقۇرۇپ ئولتۇرۇپ بارمىغى بىلەن يەرنى سىزىپ ئوينىدى .
- تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى كارمېن ، - دىدىم ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ،- ئىككىمىز مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بىر جايغا كېتەيلى – سىز بىلىسىز، بۇ يەرگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى سەندەل دەرىخىنىڭ ئاستىغا 1 يۈز 20 ئۈنسىيە ئالتۇن كۈمۈكلۈك. ئۇندىن باشقا يەھۇدىي بىن يۈسېفتىمۇ پۇلىمىز بار .
ئۇ كۈلۈپ كېتىپ ئېيتتى:
- ئالدى بىلەن مەن ، ئاندىن كېيىن سىز. مەن چۇقۇم مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى بىلەتتىم .
 -ئوبدانراق ئويلىنىڭ،- دىدىم مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ،- تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار،قارار قىلىڭ، بولمايدىكەن، مەن قارار چىقىرىمەن .
  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، تىلۋەتخانىغا كىردىم، پوپ تىلاۋەت قىلىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ تىلاۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتتۈم. مەن ھەقىيقەتەن تىلاۋەت قىلماقچى بولدۇم . لېكىن قىلالمىدىم . پوپ ئورنىدىن تۇرىشىغا مەن قېشغا باردىم .
- پوپ ، - دىدىم ئۇنىڭغا ، سىز مۈشكۈلات ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئادەم ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىشىنى خالامسىز ؟
- مەن مۈشكۈلات ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەر ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىمەن . – دىدى پوپ.
- بىرسى تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا قايتىشىنى نىيەت قىلسا سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مىسا ئۆتكۈزۈپ بىرەلەمسىز ؟
- بۇلىدۇ،- دېدى ئۆز كۆزلىرىمگە تىككىدە قاراپ، چىرايىمنىڭ باشقىچە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چاخچاق ئارلاش دىدى :
- سىزنى كۆرگەندەك قىلىمەن .
مەن بىر كۈمۈش تەڭگىنى ئۇنىڭ ئۇرۇندىقىنىڭ ئۈسىتىگە قۇيۇپ قويدۇم .
- مىسانى قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىسىز ؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن :
- يېرىم سائەتتىن كېيىن ، ئاۋۇ دۇكان خۇجايىنىنىڭ ئوغلى كېلىپ مىسا ئۆتكۈزۈشۈمگە ياردەملىشىدۇ . يىگىت ماڭا ئېيتىڭ، ۋىجدانىڭىزنى ئازابلاۋاتقان قانداق ئىش بار ؟ سىز بىر خرىستيان مۇرتىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاشنى خالامسىز ؟
مەن يىغىلىۋەتكىلى تاس قالدىم . مەن ئۇنىڭغا سەل تۇرۇپ كېلىدىغىنىمنى ئېيتىپ ، دەرھاللا كەتتىم . مەن تا سائەت قوڭغۇرىقى چېلىنغۇچە چۆپلۈكتە ياتتىم . تىلاۋەتخانا ئالدىغا كېلىپ بولۇپ، ئىچىگە كىرمىدىم.مسا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان ئىدى . مەن مېھمانخانىغا قايتتىم . كارمېن خوددى قېچىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى، ئۇ مېنىڭ ئېتىمغا مىنىپ قاچسا پۈتۈنلەي بۇلاتتى ..... لىكىن ئۇ تېخچە ئۇ يەردە تۇراتتى . ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ مەندىن قورقۇيدىغىنىنى ئېيتىشىنى خالىمايتتى . مەن يوق چاغدا كۆينىگىنى يىرتىپ ئىچىدىكى قوغۇشۇننى ئالغان ئىدى . ھازىر ئۇ شىرەنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئېرىتىلىپ كۇمزەككە تاشلانغان قۇغۇشۇن پارچىلىرىغا ئەستايدىل قاراپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن سېھىر ئىشلەۋاتاتتى . ئۇ مىنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى تۇيمىدى . ئۇ پات- پات قوغۇشۇن پارچىسىنى ئېلىپ چىرايى تۇتۇلغان ھالدا ئۆرۈپ- چۆرۈيىتتى . بەزىدە يەنە قانداقتۇ بىر چۈشۈنۈكسىز ناخشىغا غىڭشىيتتى . بۇ ناخشا ئارقىلىق دۇن فىرۇنىڭ ئاشنىسى مارىيە پانىيانى چاقىراتتى .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئايال بۇ خېمىيەلىكلەرنىڭ تەڭشى يوق ئايال پادىشاھى ئىمىش .
- كارمېن ، - دەپ چاقىردىم ئۇنى ، - مەن بىلەن ماڭسىڭىز بوپتىكەن ؟ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھېجىرنى چۆرىۋىتىپ، مۈرە ياپقۇچىنى ئارتىپ مېڭىشقا تەرەددۇتلەندى . بىرەيلەن ئېتىمنى يېتىلەپ كەلدى . ئۇنى ئېتىمنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ چېپىپ چىقىپ كەتتىم .
- بۇنداق دېسەم كارمېن ،- دېددىم مەن بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا – سىز مەن بىلەن بىللە كېتىشكە ماقۇل بولدىڭىز شۇنداقمۇ؟
- توغرا، مەن سىز بىلەن بېرىپ ئۈلۈشكە رازى، ئەمما ئەمدى قەتئى سىز بىلەن بىرگە ياشىمايمەن .
بىز خلىۋەتتىكى بىر تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە ئېتىمنى توختاتتىم .
- مۇشۇ يەرمۇ؟ - دېدى ئۇ مەندىن سوراپ، ئاندىن بىر ئىرغىپلا يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ مۈرە ياپقۇچىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ پۇتىنىڭ ئاستىغا تاشلىدى . ئاندىن بىر قۇلىدا بېلىنى تىرەپ سۈرلۈك قىياپەتتە ئۆرە تۇرۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىدى .
- ماڭا شۇنداق ئايان، سىز مېنى ئۆلتۈرمەكچى، - دىدى ئۇ ،- بۇ پىشانەمگە پۈتۈلگەن ،بىراق مېنى باش ئەگدۈرەلمەيسىز .
- ئۈتۈنۈپ قالاي، - دېدىم ئۇنىڭغا،- ئۇنداق جاھىللىق قىلماڭ گىپىمگە كىرىڭ! بۇرۇنقىسىغا پۈتۈنلەي سالاۋات، بىراق بىلىشىڭىز كېرەك، مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى سىز ، سىز ئۈچۈن مەن قاراقچى ھەم قاتىلغا ئايلاندىم . كارمېن ! جېنىم كارمېن ! سىزنى قۇتقۇزۇشۇمغا يول قۇيۇڭ، سىزنى قۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە ئۈزەمنى قۇتقۇزۇشقا يول قۇيۇڭ.
- خېساي،- دىدى ئۇ جاۋابەن ، - تەلىۋىڭىزنى ئۇرۇندىيالمايمەن ، مەن ئاللىقاچان سىزنى سۆيمەس بولدۇم. بىراق سىز ھازىر مېنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلىۋاتىسىز، مەن سىزگە يالغان ئېيتىسام پۈتۈنلەي بۇلاتتى . بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزەمنى ئۇپراتقۇم كەلمىدى . ئارىمىزدىكى بارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي تۈگىدى . رومو بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن رومىنى ئۆلتۈرۈش ھۇقۇقىڭىز بار. بىراق ،كارمېن مەڭگۈ ئەركىن ، ئۇ تۇغۇلۇشىدىن گالوي............
- ئۇنداقتا لۇكاسنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز-دە ؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
- توغرا ، مەن ئۇنى سۆيگەن، سىزنى سۆيگەندەكلا سۆيگەن، بىراق بىردەملىكلا، بەلكى سىزنى سۆيگەندەك چوڭقۇر سۆيمىگەندىمەن. ھازىر مەن ھچكىمنى سۆيمەيمەن . سىزنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئۈزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن .
مەن ئۇنىڭغا ئالدىغا يۈكۈنۈپ ئىككى قولىنى تۇتقىنىمچە يامغۇردەك ياش تۆكتۈم ، ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ قوللىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى . مەن ئۇنىڭغا بىز بىللە ئۆتكەن چاغدىكى بەخىتلىك پەيىتلەرنى بىرمۇ- بىر بايان قىلدىم . يەنە ئۇ خوش بۇلىدىغان ئىش بولسىلا داۋاملىق قاراقچى بۇلۇشقا رازى ئىكەنلىكىمنى ئيېتتىم . ھەممىگە ، ئەپەندىم، ھەممىگە! مەن ھەممىگە ماقۇل بولدۇم . لىكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك مېنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلدىم ! ئۇ ماڭا ئېيتتى :
- بۇرۇنقىدەك سۈيۈشۈم مۇمكىن ئەمەس ، سىز بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە ئەمدى رايىم يوق .
مەن غەزەپتىن يالقۇنجاپ كۈيۈپ ، خەنجىرىمنى سۇغۇرۇپ ئالدىم . مەن ئۇنىڭ قورقۇشىنى، ماڭا يېلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلاتتىم . بىراق بۇ ئايال ھەقيقەتەن بىر ئالۋاستى .
- ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سوراي،- دېدىم مەن ۋارقىراپ،- مەن بىلەن ئۆتۈشنى خالامسىز؟
- ياق !ياق!ياق !- دىدى ئۇ يەرگە توختىماي تەپكىنىچە ھەمدە بارمىقىدىكى مەن ئىلگىرى سوۋغا قىلغان ئۈزۈكنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چاتقاللىقنىڭ ئارىسىغا تاشلىۋەتتى . مەن خەنجىرىمنى ئىككى قېتىم تىقىۋەتتىم . بۇ يەكچەشمىدىن ئولجا ئالغان خەنجەر ئىدى . مىنىڭ خەنجىرىم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى . ئىككىنچى خەنجەر كىرگەندە ، ئۇ تىن تارتماي يەرگە يېقىلدى . ھازىر مەن ئۇنىڭ ئاشۇ بىرجۈپ ھەم چوڭ ھەم قاپقارا شەھلا كۆزلىرىنىڭ ماڭا مىختەك تىكىلگىنىنى ، ئارقىدىن تەدرىجى خېرەلەشكىنىنى ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇمۇلغىنىنى كۆرگەندەك بۇلىمەن . مەن قاتتىق روھسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭ جەسىدى ئالدىدا توپ- توغرا بىر سائەت تۇردۇم . ئاندىن مەن كارمېننىڭ ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن دەرەخ ئاستىغا دەپنە قىلنىشىنى ياخشى كۆردىغانلىغىنى ئېيتقىنىنى ئىسىمگە ئالدىم . مەن پىچاق بىلەن يەرنى كولاپ ئۇنى ئوبدان ياتقۇزدۇم . ئۇ تاشلىۋەتكەن ئۈزۈكنى بىرمۇنچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىزدەپ ئاخىرى تاپتىم . ئۈزۈكنى ئۇنىڭ يەرلىكىگە ، ئۇنىڭ قېشىغا قويدۇم . ھەمدە بىر كىچىك كىرىستنى قۇشۇپ قويدۇم . بەلكىم بۇنداق قىلىشىم مۇۋاپىق ئەمەستۇ، دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېتىمغا مىنىپ ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ گوردۇباغا كەلدىم ۋە بىرىنچى قېتىم ئۇچراتقان ھەربى گازارمىغا كىرىپ ئۈزۈمنى مەلۇم قىلدىم. مەن كارمېننى ئۆلتۈرگىنىمنى ئېيتىسام ئېيتىمەنكى ، ئەمما ئۇنى ئۇ يەرگە كۆمۈپ قويغىنىمنى ھەرگىز ئېيتمايمەن . ھېلىقى تىلاۋەتخانىنىڭ پوپى بىر ئۇلۇغ ئادەم ، ئۇ چۇقۇم ئۇنىڭ رۇھى ئۈچۈن دۇئا قىلدى . ئۇنىڭ رۇھى ئۈچۈن مىسا ئۆتكۈزدى . بىچارە قىز ! بۇ پۈتۈنلەي مۇشۇنداق بىر قىزنى قاتارغا قوشقان گالويلارنىڭ خاتالىقى.

(4)
پۈتكۈل ياۋرۇپاغا تارقالغان بىر سەرگەردان مىللەت بار ، ئۇلار خېمىيالىق، سىگان ، جىپساي ۋە زىكوت دەپ ئاتىلىدۇ . ھەم ئىسپانىيىمۇ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ مىللەت ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساندىكىلىرى جەنۇبى ۋە شەرقى قىسىمدىكى ئاندالوسىيە، ئىسستىلا مادۇر ۋە مۇرسىيە پادىشاھلىقى قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقان ياكى سەرگەردان بۇلۇپ ئېقىپ يۈرىدۇ . گاتالۇنىيەدىمۇ خېلى كۆپ بار . ئۇلار ھەمىشە فىرانسىيەگە ئېقىپ كىرىدۇ . بىزنىڭ جەنۇبى قىسىمدىكى بازارلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئىزلىرى بار . ئەرلىرى ئادەتتە ئات سودىسى ، مال دوختۇرلىقى ۋە چارۋىلارنىڭ يۇڭىنى قىرقىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . يەنە قازان ياماش ۋە مىسكەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇبار. ئەتكەسچىلىك ۋە باشقا قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلامۇ بار ، ئاياللىرى پېرىخۇنلۇق بىلەن تىلەمچىلىك قىلىدۇ ھەم تۈرلۈك – تۈمەن زىيانلىق ۋە پايدىلىق دورىلارنىمۇ ساتىدۇ .
 بوخېمىيالىقلارنىڭ تەن ئالاھىدىلىگىنى ئاسان پەرق ئەتكىلى بۇلىدۇ . لىكىن تەسۋىرلىمەك تەس . پەقەت بىرنى كۈرۈپ باققان بۇلىسڭىزلا 1000 ئادەم ئىچىدىن بۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولغان كىشىنى ئاسانلا تۇنىۋالالايسىز بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ چىرايى بىلەن چىراي ئىپادىسى ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنى ئايرىشتىكى بىر بەلگە . ئۇلارنىڭ تېرىسى قارامتۇل بۇلۇپ، رەڭگى باشقا ئېرىقتىكىلەرگە سېلىشتۇرغادا قېنىقراق.
شۇڭا ئۇلار «گالوي» دېگەن لەقەمگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۆڭى قارىلارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان. ئۇلار ئادەتتە ئۆزلىرىمۇ ئۆزىنى شۇنداق ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز قۇيرۇقى ئۈستىگە تارتىلغان بولۇپ، ھەم قارا ھەم چىرايلىق، كىرپىكلىرى ئۇزۇن ۋە قويۇق. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى پەقەت ياۋا مۈشۈك بىلەنلا سېلىشتۇرۇش مۈمكىن. قورقۇمسىزلىق بىلەن قورقۇنچاقلىقنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىيەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇلارنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتى، ھىلىگەرلىگى، بىشەملىگىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بارۇزلارغا ئوخشاش «تۇغما قورقۇنچاق». ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلىشى ئاساسەن قەددى- قامەتلىك، ساغلام ۋە چەبدەس. مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ سېمىزلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. گېرمانىيىدىكى بوخېمىيا ئاياللىرى ئادەتتە ئىنتايىن چىرايلىق. لېكىن ئىسپانىيىدىكى سىگان ئاياللار ئىچىدە چىرايلىقلار ئەنقا تۇخۇمىدەك ئاز. ياش چاغلىرىدا سەت بولسىمۇ ئادەمنى بىزار قىلمىغان بىلەن ئەمما بىرنى تۇغقاندىن كېيىن ئادەمنى سەسكەندۈرگۈدەك بولۇپ كېتىدۇ.مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن چىركىنلىكتە ئۇچىغا چىققان. بوخېمىيا ئاياللىرىنىڭ چېچىنى كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر ئۇنىڭ ئەسلىدىكى رەڭگىنى ئاسانلىقچە تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.ئەڭ توم، ئەڭ مايلىق،ئەڭ تۇتۇق ئات قىلىمۇ ئۇنىڭدىن پاكىزرەك. ئاندالۇسىيەدىكى بىر نەچچە چوڭ شەھەردە كۆزگە بىر ئاز يېقىشلىق، ياسىنىپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىزلارمۇ بار. ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ پۇل تاپىدۇ، ئۇسسۇلى بىزنىڭ كارنىۋال بايرىمىمىزدىكى ئاممىۋى ئۇسسۇل پائالىيىتىدە ئويناش چەكلەنگەن ھېلىقىدەك ئۇسسۇلغا بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بورو ئەپەندى ئەنگىلىيىلىك بىر دىن تارقاتقۇچى بولۇپ، ئىلگىرى ئىسپانىيىدىكى بوخېمىيىلەرگە ئائىت ئىنتايىن قىزىقارلىق 2پارچە ئەسەرنى يازغان.ئۇ چېركاۋنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىپ ئۇلارغا دىن تارقاتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،سىگان قىزلىرى ھەرگىزمۇ يات ئىرىقتىكىلەر بىلەن مۇھەببەتلەشمەيدىكەن. مەن ئۇنىڭ سىگان قىزلىرى ئۆزىنى قاشتېشىدەك پاك تۇتىدۇ، دېگەن گېپىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىك دەپ قارايمەن. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئوۋىد تەسۋىرلىگەندەك سەت ئاياللاردۇر. يەنى، باشقىلار ياراتمىغان قىزلار ئەلۋەتتە پاك بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چىرايلىقلىرى بارلىق ئىسپان ئاياللىرىدەك يىگىت تاللاشتا بەكمۇ قۇسۇرچى كېلىدۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان يىگىتكە ھەرگىزمۇ ئاش بولمايدۇ. بورو ئەپەندى بىر ئىشنى مىسالغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئەخلاق قارىشىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان، ئەمىلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاق قارىشىنى بولۇپمۇ ئۆزنىڭ ئاقكۆڭۈللىگىنى ئىسپاتلىغان.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئۇ بىر ئىشقىۋاز ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئىشقىۋازنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىشقىۋاز بىر نەچچە ئۇنسىيە ئالتۇن بىلەن بىر سىگان گۈزىلىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەپتۇ.مەن بۇ ھېكايىنى ئاندالۇسىيەلىك بىرسىگە ئېيتىپ بەرسەم ئۇ كىشى شۇنداق دېدى:
- ئۇ ئىشقىۋاز 2-3 كۈمۈش تەڭگە چىقارغان بولسىلا بۇ ئىشتا غەلىبە قىلالىغان بولاتتى، چۈنكى، بىر نەچچە ئۇنسىيە ئالتۇننى بەرسە سىگان قىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.بۇ خۇددى دەڭ- سارايدىكى پاھىشىگە بىر- ئىككى مىليون پۇل بەرگەندەك بىر ئىش بوپتۇ.
مەيلى نېمە دېيىشتىن قەتئىنەزەر شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، سىگان قىزلىرى ھەقىقەتەن ئەرلىرىگە ئىنتايىن ساداقەتمەن، ئۇلار ئەرلىرى ئۈچۈن ئوتقا كىرىشتىن يانمايدۇ. بوخېمىيالىقلار ئۆزىنى يەنە رومې دەپمۇ ئاتايدىكەن، مەنىسى ئەر- خوتۇن دېگەنلىك بولۇپ، مەن بۇ سۆزنى بۇ مىللەتنىڭ نىكاھنى بەكمۇ ئۇلۇغلايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن دەپ قارىدىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆز مىللىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا بەكمۇ ۋىجدانلىق بولۇپ، يۇرت تۇيغۇسى بەكمۇ كۈچلۈك. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى، ئۇندىن باشقا ئۇلار ئۆزئارا ياردەملىشىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. ئىش چىققاندا سىر ساقلايدۇ، باشقىلارغا ساتقىنلىق قىلمايدۇ. بىراق،قانۇنسىز گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بار.
بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، مەن پوۋېر تېغى ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بىر توپ بوخېمىيالىقلارنى زىيارەت قىلغان ئىدىم.قەبىلىدىكى بىر ئايال موماينىڭ كىچىك ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇققاندارچىلىقى يوق، لېكىن ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر بوخېمىيالىق يىگىت بار ئىدى. بۇ يىگىت ئۆزى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈشنى خالىغان ئىكەن. ئۇ بۇ ئۆيدە ياتقىلى 13 ھەپتە بولغان بولسىمۇ،ئەمما موماينىڭ بالا- چاقىلىرى ۋە كيۇغوللىرىغا قارىغاندا ئوبدان كۈتىلىۋېتىپتۇ . ئۇ ياتقان كارىۋاتقا قۇرۇق ئوت- چۆپ ۋە مۇخ يېيىتىلغان بولۇپ ئىنتايىن راھەت ئىدى.يوتقان كىرلىگى ئىنتايىن پاكىز يۇيۇلغان بولۇپ، بىراق بۇ ئائىلىدىكى باشقا 11 ئادەم ئۇزۇنلىقى 3 چىمۇ كەلمەيدىغان ياغاچ شالدا ياتىدىكەن. ئۇلاردەك مېھماندوست كىشىلەرنى ئۇچراتماق ئىنتايىن تەس. مېھمانخانا ئۆيىدە بۇ ياشانغان مەرت ئايال بىمارنىڭ ئالدىدا ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى:
- ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
قىسقىسى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق بولغاچقا ئۆلۈمنى تىلغا ئېلىش ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىكەن.
بوخېمىيالىقلارنىڭ مېجەزىدىكى گەۋدىلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۇلار دىنغا پەرۋاسىز قارايدىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ كۈچلۈكلىگى ياكى دىنغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىدىن ئەمەس. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىلاھسىزلىقنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار قەيەردە تۇرسا شۇ جايدىكى دىن ئۇلارنىڭ دىنىدۇر. يەنى، ئۇلار باشقا جايغا كۆچىشى بىلەنلا شۇ جاينىڭ دىنىغا كىرىدۇ. مەرىپەت دەرىجىسى ئاجىز مىللەتلەر خۇراپىيلىقنى دىنىي ھېسسىياتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ. لېكىن بوخېمىيالىقلارنىڭ ئۆزى خۇراپىيلىققا ئىشەنمەيدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، باشقىلارنى ئالداپ ياشاشقا كۆنگەن ئادەملەر تېگىدىن خۇراپىيلىققا ئىشەنمەيدۇ.مەن ئىسپانىيەدىكى بوخېمىيالىقلارنىڭ جەسەتكە يېقىن كەلگەندە قاتتىق سەسكەنگەنلىگىنى كۆرگەن ئىدىم. پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا پۇل ئۈچۈن مېيىتنى قەبرىگە جايلاشتۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل بولىدىكەن.
مەن زور كۆپچىلىك بوخېمىيا ئاياللىرىنىڭ پالچىلىق بىلەن جان باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇلارنىڭ سودىسى يامان ئەمەس.لېكىن ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم يولى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ياشلىقنى ئۇرغۇتۇش دورىلىرىدۇر. ئۇلار پاقىنى پۇتىدىن كۆتۈرىۋېلىپ ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ ياكى ماگنېت ئۇۋىقى بىلەن سىزنى سۆيمەيدىغان ئادەمنى سىزگە كۆيدۈرۈپ بېرەلەيدۇ ھەمدە زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا دۇرۇت ئوقۇپ جىنلارنى قاچۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
ئۆتكەن يىلى، بىر ئىسپانىيەلىك قىز ماڭا تۆۋەندىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: بىر كۈنى ئۇ قىز روھسىز، تولىمۇ بىسەرەمجان ھالدا ئارگالا كوچىسىدا كېتىۋاتسا، پىيادىلەر يولىدا چازا قۇرۇپ ئولتۇرغان بىر بوخېمىيالىق ئايال ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ:
ـ چىرايلىق خانىم، سۆيگىنىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىپتۇ.
ئەمىلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن.
-ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرۇپ بېرەيمۇ؟- دەپتۇ ئايال يەنە.
قىز ئۇنىڭ موللا تاپقاقلىقىغا قايىل بولۇپ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ. ئىچكى دۇنيايىڭىزدىكى سىرنى بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنگۈڭىز كەلمىسۇن؟ مادرېتنىڭ ئەڭ ئاۋات چوڭ كوچىسىدا پال ئاچقۇزۇش بىئەپ بولغاچقا، ئىككىسى ئەتىسى كۆرۈشمەكچى بوپتۇ.
ـئۇ ئۈجمە كۆڭۈل يىگىتنى ئالدىڭىزغا ئەكىلىپ تىزلاندۇرۇشچاي ئىچكەنچىلىك ئاسان ئىش،- دەپتۇسىگان ئايال گېپىنى باشلاپ،- ئۇ سىزگە قولياغلىق،رومال ياكى مۈرىلىك دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قلغانمۇ؟
بوخېمىيالىق ئايال ئۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۇقىزغا بىر يىپەك رومالنى بېرىپتۇ:
- ھازىر سىز توق قىزىل مەشۈت يىپ بىلەن رومالنىڭ ماۋۇ بۈرجىكىگە بىر پىياسلىق كۈمۈش تەڭگىنى، ئاۋۇ بۈرجىكىگە يېرىم پىياسلىق كۈمۈش تەڭگىنى تىكىڭ. بۇ يەرگە بىر كىچىك كۈمۈش تەڭگىنى، ئاۋۇ يەرگە 2 رىياللىق تۆمۈر تەڭگىنى تىكىڭ. ئاخىرىدا چوقۇم رومالنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئالتۇن تەڭگىنى تىكىۋېتىڭ، ئەڭ ياخشىسى بىر دوبرۇن بولسۇن.
قىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ.
- ئەمدى رومالنى ماڭا بېرىڭ، يېرىم كېچىدە قوڭغۇراق چېلىنغاندا مەن ئۇنى قەبرىستانلىقتىن ئالىمەن. ئەگەر سىز قالتىس سېھىرگەرلىك ماھارىتىمنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن بىللە بېرىڭ، مەن سىزگە كاپالەت بېرىمەن، ئەتە ئاشىقىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
بوخېمىيالىق ئايال قەبرىستانلىققا ئۆزى يالغۇز بېرىپتۇ، چۈنكى ئۇ قىز جىندىن قورقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارماپتۇ. ئاشىقى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئۇ قىزچاق رومىلى بىلەن ئۈجمە كۆڭۈل ئاشىقىنى قايتا كۆرەلىدىمۇ- يوق، بۇنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزى پەرەز قىلالايدۇ.
نامرات ۋە كىشىنى بىزار قىلىشتىن قەتئىنەزەر، بوخېمىيالىقلار بىلىمسىز كىشىلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇلار دانالىقتا ئۆزلىرىگە بەكمۇ تەمەننا قويىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئارىسىغا ئالغان باشقا مىللەتلەرنى مەنسىتمەيدۇ. پوۋېر تېغى ئارىسىدا ياشايدىغان بىر بوخېمىيالىق ئايال ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى:
 - يات مىللەتلەر بەكمۇ دۆت، ئۇلارنى ئەخمەق ئېتىش ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس.
 بىر كۈنى، بىر يېزىلىق ئايال چوڭ كوچىدا مېنى چاقىردى،مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇنىڭ ئوچىقى ئىسلىشىپ كەتكەن ئىكەن،مېنى ئوڭشاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن يوغان بىر پارچە لوق گۆش بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئارقىدىن بوخېمىياچە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم:
  -سەن ھەقىقەتەن دۆت ئىكەنسەن، يارىلىشىڭدىنلا دۆت، ئۆلسەڭمۇ دۆت...
 مەن ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ ساپ نېمىس تىلىدا ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم:
 - ئوچىقىم ئىسلىشىپ كەتمىسۇن دېسەڭ، ئەڭ ياخشىسى ئوت قالىما.
 مەن شۇنداق دەپلا قېچىپ كەتتىم.
 بوخېمىيالىقلارنىڭ تارىخى باشتىن- ئاخىر بىر مەسىلە. ئەمىلىيەتتە، كۆپچىلىك بىلىدۇكى، ئۇلار مىلادى 15- ئەسىردىن بۇرۇن، ئازراقتىن- ئازراقتىن كېلىپ شەرقىي ياۋروپادا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئادەم سانى ئاز،لېكىن ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ قەيەردىن، نېمە سەۋەپتىن ياۋروپاغا كەلگەنلىگىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇلار ئوخشىمىغان رايۇنلارغا تارقالغان، ئۆزئارا ئارىلىقى تولىمۇ يىراق. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن ناھىيىتى قسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار ناھىيىتى تېزلا كېڭەيگەن. بوخېمىيالىقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئەجدادىدىن قالغان ھېچقانداق رىۋايەت يوق. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىگى مىسىرنى ئۆزىنىڭ قەدىمقى ئانا ۋەتىنى دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇ پەقەت قەدىمدىن بۇيان ئۇلار توغرىسىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بىر گەپ بولۇپ، ئۇلار بۇ گەپكە ئىشەنگەن خالاس.
 بوخېمىيالىقلارنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھىندىستان ئىكەن. ھەقىقەتەن، روماننىنىڭ نۇرغۇن تۈپ سۆزى ۋە گىرامماتىكا شەكلىنى سانسىكىرتچە دىئالىكتىكىدىن تاپقىلى بولىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، بۇخېمىيالىقلار ئۇزۇن مۇددەت سەرگەردانلىق ھاياتىدا يات مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن سۆزلۈكلىرىنى قوبۇل قىلغان. رومانلارنىڭ تۈرلۈك دىئالىكتىكىلىرىغا زور مىقدارىكى گىرىك تىلى ئارىلاشقان. مەسىلەن، سۆڭەك،ئات تاقىسى، مىخ...قاتارلىقلار.ھازىر بوخېمىيالىقلار تۈركىمى ھەر قايسى جايلارغا تارقاقلاشقان بولۇپ ئۆزئارا ئايرىلىپ ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تۈركىمى قانچە بولسا دىئالىكتىكىسىمۇ شۇنچىلىك بار. ئۇلار يەرلىك تىلنى ئۆزىنىڭ دىئالىكتىكىسىدىن راۋانراق سۆزلەيمىز دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىدا يات مىللەت بار مەيداندا پەقەت سۆزلىشىشنى قولايلىق دەپ قارىغاندىلا ئاندىن ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. گېرمانىيىدىكى بوخېمىيالىقلا بىلەن ئىسپانىيىدىكى بوخېمىيالىقلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلمىغىنغا نەچچە ئەسىر بولۇپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان دىئالىكتىكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئوخشاش سۆزلۈكلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىگىنى بايقايمىز. بۇ سەرگەردان مىللەت يەرلىكنىڭ تىلىنى ئىشلەتمەي مۈمكىن بولمىغانلىقى سەۋەپلىك، ئەسلىدىكى تىلى ۋە سېلىشتۇرما مەدەنىيىتى يەرلىك تىل بىلەن ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە رۆشەن ئۆزگۈرۈشلەرنى ياسىغان،پەقەت دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، خالاس. ئالدىنقى قۇردا نېمىس تىلى بىلەن ئىسپان تىلىنىڭ ھەر ئىككىسى روماننى تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىگىنى ئېيتقان ئىدىم.شۇڭا قاراڭغۇ ئورمان رايونىدىكى بوخېمىيالىقلار ئاندالۇسىيادىكى قېرىنداشلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئاسانلىقچە گېپىنى ئۇقتۇرالمايدۇ، گەرچە ئۇلار بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپلا سۆزلەۋاتقان دىئالىكتىكىسىنىڭبىر مەنبەدىن ئىكەنلىگىنى بىلىشسىمۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، بەزى كۆپ ئۇچرايدىغان خەتلەر ھەممە دىئالىكتىكىلار ئىچىدە ئوخشاش. چۈنكى بايقىشىمچە، مەن ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەر ئارىسىدا «pani» دېگىنى سۇنى، “manro” دېگىنى بولكىنى، «mas» دېگىنى گۆشنى، «lon» دېگىنى تۇزنى كۆرسىتىدۇ.
 رەقەملەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەممە جايدا ئوخشاش.مېنىڭ قارىشىمچە گېرمانىيىدىكى بوخېمىيالىقلارنىڭ دىئالىكتىكىسى ئىسپانىيىنىڭكىدىن خېلىلا ساپ. چۈنكى ئۇلار زور مىقداردىكى ئىپتىدائىي گىرامماتىكا شەكىللىرىنى ساقلاپ قالغان. لېكىن ئىسپانىيىدىكى سىگانلار بولسا كاستىيە تىلى گىرامماتىكا شەكىللىرىنى قوللىنىدۇ. بىراق، بىر نەچچە سۆز بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ بوخېمىيا تىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى بىردەكلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.ـــــ گېرمانىيىدىكى دىئالىكتىكىلار ئىچىدە، ئۆتكەن زامان رەۋىشىدىكى بۇيرۇق شەكلىنىڭ ئارقىسىغا «ium» قېتىلىدۇ. بىراق، بۇيرۇق شەكلى مەڭگۈ پىئېلنىڭ يىلتىزى. ئىسپانىيىدىكى روماننى تىلىدا ،پىئېللار پۈتۈنلەي كاستىيە تىلىنىڭ بىرىنچى خىل ئورۇن ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدىكى پىئېللارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتمەسلىك قائىدىسىگە بويسۇنىدۇ. ئەسلىدىكى «jamar» (يىيىش) دېگەن پىئېل سۆزى قائىدىگە ئاساسەن «jame» (مەن يىدىم)گە، «Lillar» (ئېلىش)دېگەن پىئېل «Lille» (مەن ئالدىم) گە ئۆزگۈرىدۇ. بىراق بىر قىسىم بوخېمىيالىقلار بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇلار «jayon, lilon» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. مەن يەنە قانداق پىئېللارنىڭ بۇ خىل قەدىمقى شەكىلدە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن.
مەن روماننىغا ئائىت يۈزەكىي بىلىملىرىمنى مۇشۇنداق كۆز- كۆز قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىرانسىيىدىكى بىر نەچچە يەرلىك سۆزنى بىزنىڭ باندىتلىرىمىزنىڭ بوخېمىيالىقلاردىن ئارىيەت ئالغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىم زۆرۈر. «پارىژنىڭ سىرى» دېگەن كىتاپ ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىگە شۇنداق بىلدۈرىدۇكى، «chourin» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پىچاق بولۇپ بۇ تېگىدىن روماننى تىلىدۇر. بارلىق دىئالىكىتلار ئىچىدە «tchouri» دېگەن بىر خەت بار. ۋىدوك ئاتنى «gres» دەيدۇ، بۇمۇ بوخېمىياچە « gras »، “gre”,”graste”,”gris”تىن ئۆزگەرگەن. يەنە «روماننى شېر» دېگەن خەت پارىژنىڭ يەرلىك شىۋىسىدە بوخېمىيالىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بوخېمىيالىق يىگىتلەرنىڭ «rommanne tchare» دېگەن تەلەپپۇزىدىن ئۆزگەرگەن. مەن پەخىرلەنگەن بىر ئىش شۇكى، «frimousse» يەنى، مەڭىز، يۈز دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنبىئىنى تاپقىنىم بولدى. بۇ مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمدە ۋە ھازىرقى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ قوللىنىدىغان بىر سۆزدۇر. ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇدەن 1640- يىلى تۈزگەن لۇغەتكە «firlimousse» دېگەن خەتنى كىرگۈزگەن. بىراق، «فىرلا»(firla)، «فىلا»(fila) دېگەن سۆز رومانى تىلىدا يۈزنى كۆرسىتىدۇ. «مۇي»(mui) نىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ سۆز لاتىن تىلىدىكى «os» سۆزىگە پۈتۈنلەي تەڭداش. باغلانما خەت «فىرلامۇي»(firlamui)نى بىر ئوقۇش بىلەنلا تىلنىڭ ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر بوخېمىيالىق زىيالىي دەرھال بۇ سۆزنى چۈشىنەلەيدۇ. مەنمۇ بۇ باغلانما خەتنى بوخېمىيا تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارايمەن.
ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولسا بولار، «كارمېن»نىڭ ئوقۇرمەنلىرى مېنىڭ روماننى ھەققىدىكى تەتقىقاتىم ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى دەپ قارايمەن. ئەمدى سۆزۈمنى بۇ ماقال بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىڭلار: «ئېغىز يۇمۇلسا ئاسانلىقچە چىۋىن كىرەلمەيدۇ».

(تۈگىدى)




ئىزاھاتلار:
ئەسلى تېكىستى گىرىك تىلى.
پاراداس- مىلادى 5- ئەسىردىكى گىرىتسىيە شائىرى.
(3)موندا ئۇرۇشى- مىلادىدىن بۇرۇنقى 45 – يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى رىمدىكى چوڭ ھەربىي ھۆكۈمران ۋە 3 كىشىلىك مەمۇرى ھۆكۈمراننىڭ بىرسى بولغان كەيسا ئىسپانىيەدىكى موندادا رىم ئىستىبدات ھۆكۈمرانى پومپېينى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان.
(4) باستۇللار ۋە پۇنىكلار- باستۇللار جەبىلتارىق بوغۇزىغا يېقىن جايدا ياشايدىغان قەبىلە، پۇنىكلار شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى فۇنىكلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
(5) ماربىللا- ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز پورت ئېغىزى، جەبىلتارىق بىلەن مالاككانىڭ ئوتتۇرىسىدا.
(6) كىتاپ ئامبىرى بىناسى- مادرېد شەھىرىدە.
(7) مىندىيە- ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شەھەر.
(8) گوردوبا- ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاندالۇسىيەرايۇنىدىكى شەھەرنىڭ نامى.
(9) كارچىنا- بىر كىچىك دەريانىڭ نامى.
(10) گابرىللا تاغ تىزمىسى- مىندىيەنىڭ جەنۇبىغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، شەرقتىن غەرپكە قاراپ سوزۇلغان.
(11) «تەۋرات. پالۋانلار قىسسىسى»دا ئېيتىلىشىچە، گىدېئون ئىسرائىلىيىلىكلەرنى باشلاپ مىدېئونلارغا زەربە بەرگەندە يەھيا ئەلەيھىسسالامگىدېئونغا شۇنداق دەپتۇ،سۇنى تىلى بىلەن يالاپ خۇددى ئىتقا ئوخشاش ئىچكەنلەرنى بىر ياققا، سۇنى قولى بىلەن ئۇچۇملاپ ئېلىپ ئىچكەنلەرنى يەنە بىر ياققا ئۆتكۈزۈپ ئۆرە تۇرغۇز. شۇنىڭ بىلەن قولى بىلەن سۇنى ئۇچۇملاپ ئىچكەنلەردىن 300ئادەم ئېشىپ قاپتۇ، قالغىنىنىڭ ھەممىسى سۇنى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تىلى بىلەن يالاپ ئىچكەنلەر ئىكەن. يەھيا ئەلەيھىسسالام گېدىئونغا شۇنداق دەپتۇ، مەن بۇ 300 ئادەم ئارقىلىق سىلەرنى قۇتۇلدۇرىمەن.
(12) ئاندالۇسىيەلىكلەر s نى تەلەپپۇز قىلغاندا يەل قاچۇرۇپ يۇمشاق ئاھاڭ c بىلەن z نىڭ ئارىلىقىدا تەلەپپۇز قىلىدۇ. بىراق ئىسپانلار بولسا يۇمشاق ئاھاڭ c بىلەن z نى ئېنگىلىزچىدىكى «th» غا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ «senor»(ئەپەندىم) دېگىنىنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭ ئاندالۇسىيەلىك ياكى ئەمەسلىگىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ــــــــ ئەسلى ئاپتوردىن.
(13)ھاۋانا- بۈگۈنكى كۇبانىڭ پايتەختىنى كۆرسىتىدۇ. سىگارتتىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
(14)مۇندا- بودىكا ـــــــ بودىكا قەدىمقى رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ مەمۇرى ئۆلكىسى. بۈگۈنكى ئاندالۇسىيەنى كۆرسىتىدۇ.
(15)ئىسپانىيەنىڭ چالغۇ ئەسۋابى مىندوت. روسىيەنىڭ بەرباپىغا ئوخشايدۇ.
(16) ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئۆلكىلەرنى مەسىلەن، ئاراۋا، بىسكاي. گىپۇزكۋا ۋە ناۋارانىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. باسكۇ تىلىدا شۇنداق ئاتىلىدۇ.
(17) «زورچېك»- باسكۇ مىللىتىنىڭ خەلق ئۇسسۇلى مۇزىكىسى.
(18)مىلتون- 17- ئەسىردىكى ئەنگىلىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى، «يوقالغان باغچا»،« قايتا گۈللىگەن باغچا»، «باتۇر سامسۇن» دېگەن ئەسەرلىرى بار.
(19) دۇكاتو- قەدىمقى ئالتۇن تەڭگىنىڭ نامى.
(20) ئاكتىۋىن- قەدىمقى يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئوۋچى، ئايال ئوۋ ئىلاھى دىئاننانىڭ يۇيۇنغىنىنى ئوغۇرلۇقچە مارىغىنى ئۈچۈن ئايال ئىلاھ تەرىپىدىن چىشى كىيىككە ئايلاندۇرۇلىۋېتىپ، ئىتقا تالىتىپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن.
(21) مۇز ۋە قارنى گەمىدە ساقلايدىغان جايلاردىكى قەھۋەخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىسپانىيىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كەنتلەردىلا بۇنداق مارۇژناخانا يوق- ئەسلى ئاپتوردىن.
(22) ئىسپانىيىدە ھېچقانداق ئاق رەخت ياكى يىپەك رەخت ئارتىۋالمىغان ساياھەتچىلەر بىردەك ئەنگىلىيەلىك دەپ قارىلىدۇ. شەرقتىمۇ شۇنداق- ئەسلى ئاپتوردىن.
(23) بروۋېن توم- 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فىرانسىيە يازغۇچىسى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «داڭلىق كىشىلەر داڭلىق سەركەردىلەر تەرجىمىھالى»، «داڭلىق ئايال ئېسىلزادىلەر»، «مەشھۇر ساھىپجاماللار» قاتارلىقلار بار.
(24) بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى- بۇ خىل جىنايى جازادا جىنايەتچىنى تۈۋرۈككە يېقىن ئولتۇرغۇزۇپ بوينىغا بىر تۆمۈر ھالقا ئۆتكۈزىدۇ. تۆمۈر ھالقىدا تۈۋرۈككە ئۆتكۈزۈلگەن بۇرما مىخ بولۇپ جازا ئىجرا قىلغاندا بۇرما مىخنى چىڭىتىش ئارقىلىق جىنايەتچىنىڭ نەپەس يولىنى سىقىپ ئۆلتۈرىدۇ.
(25) 1830- يىلى ئاقسۆڭەكلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندا يەنىلا دارغا ئېسىلماي بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى تاللىۋېلىش ئالاھىدە ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن (1837-يىلى)، ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمان قىلىندى. ـــــ ئەسلى ئاپتوردىن
(26) ئىسپانىيەنىڭ قانۇن- بەلگۈلىمىلىرىدە مەھبۇس جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن3كۈن چېركاۋدا تۇرۇپ پوپ ئالدىدا گۇناھىغا تۆۋە قىلسا بولاتتى.
(27) 17- ئەسىردىكى دىرامماتورگ مورىياننىڭ «پۇرسۇياك» دىراممىسىنىڭ 3- پەردە 3- مەيدانىدا چىقىدىغان گەپ.
(28) ناۋاررا- ئىسپانىيەدىكى بىر ئۆلكىنىڭ نامى، كۆپ سانلىق ئاھالىسىنى باسكۇلار تەشكىل قىلغان.
(29) ۋېكتورىيە- ئىسپانىيەدىكى باسكۇ رايۇنى ئاراۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى.
(30) بەمبورانا- ناۋارا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى.
(31) باستان- بۇ رايون ئىنتايىن باي بولۇپ، بىر مەزگىل جۇمھۇرىيەت بولغان، ئاھالىسى ئاقسۆڭەك ئاتالغان.
(32) ئېلدىدو – شەھەر نامى
(33) ماگىلا- باسكۇلار ئىشلىتىدىغان تۆمۈر كالتەك.
(35) ئىسپانىيەدە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمۇرى ئەمەلدار ھېساپلىنىدۇ. ــــ ئەسلى ئاپتور ئىزاھاتى.
(36) ناۋارا ئۆلكىسى ۋە باشقا باسكو ئۆلكىسىدىكى ئاياللار مۇشۇنداق ياسىنىدۇ ــــــ ئەسلى ئاپتور ئىزاھاتى.
(37) تىرىئانا- گۋادالكۈيۋىر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سېۋىلىيە شەھىرىنىڭ ياقىسىنى كۆرسىتىدۇ، سىگانلار ئولتۇراقلاشقان رايۇن.
(38)غەرپ رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئايال باخشىلار كېچىسى سۈپۈرگىنى مىنىپ ئۇچارمىش.
(39) ئىسپانىيەنىڭ بۇرۇنقى ئەلئارا جازاسى، ئادەتتە باخشى ئاياللار ياكى ئاياللار ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلسا ئېشەككە مىندۈرۈپ كوچىدا سازايى قىلىنىدۇ. ھەر كېسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان جازا ئىجرا قىلغۇچى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قامچا بىلەن ساۋاپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى خەلقلەر قەدىمقى زاماندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېشەككە مىندۈرۈپ سازايى قىلىش جازاسى قوللانغان.
(40) قەدىمقى كومېدىيەلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان كىنايە سۆز بولۇپ ئۇزۇن تارتۇقنى كۆرسىتىدۇ.
(41) ئەسلى تېكىستى باسكۇ تىلى، مەنىسى: بولىدۇ ئەپەندىم.
(42) ئەسلى تېكىستى باسكۇ تىلى.
(43) ئېسارال- ئېلدىدونىڭ شىمالىدا.
(44)كاستىل- ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايۇنى.
(45) لونگار، مىنا ۋە چاپالانگارا – 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيەنىڭ فىرانسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى ناۋارالىق مىنا بولۇپ كېيىن خان ئوردىسىدىكىلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچىا فىرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن.
(46) ئاركالا- سېۋىلىيىگە 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك بازار. بولكىلىرى تەملىك ھەم يىيىشلىك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ جاي بۇلاق سۈيىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن مەشھۇر. ھەر كۈنى سېۋىلىيىگە نۇرغۇن بولكا بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.ـ- ئەسلى ئاپتور ئىزاھاتى.
(47) مەنسانىيە- سېۋىلىيەنىڭ غەربىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك بازار. ئاق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، تەمى قىرتاقلىقى بىلەن مەشھۇر.
(48) روممانى- بوخېمىيا تىلىنى كۆرسىتىدۇ.
(49) رومۇ ۋە رومى- بوخېمىيا تىلىدا، رومۇ- ئەر، رومى- خوتۇنىنى كۆرسىتىدۇ. ــــ ئەسلى ئاپتوردىن.
(50) گالوي- بوخېمىيا تىلى، ئەسلى مەنىسى «قارا» بولۇپ، بوخېمىيالىقلار ئۆزىنى شۇنداق ئاتايدۇ. ئەرلەرنى گالو، ئاياللارنى گالى دەپ ئاتايدۇ. ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە گالوي بولىدۇ. – ئەسلى ئاپتوردىن.
(51) ئىسپانىيەدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر سېرىق ھەربىي كىيىم كىيىدۇ ـــــــ ئەسلى ئاپتوردىن.
(52) بوخېمىيالىقلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مىسىرغا باغلايدۇ.
(53) بوخېمىيا ماقالى.
(54) بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى ئىجرا قىلىدىغان ياغاچ جاھازنى كۆرسىتىدۇ. بوخېمىيا تىلى: قىزىل تۇپراق دۆلىتى – ئەسلى ئاپتوردىن.
(55) دۇرۇ- ئىسپانىيە كۈمۈش تەڭگىسى، 20 رىيالغا تەڭ.
(55) ئىسپان تىلىدا «ئەجدىھا» دېگەن بۇ سۆز رىۋايەتتىكى ئەجدىھا بىلەن دىراگون(ئەجدىھا) ئاتلىق ئارمىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. خېسەي دىراگون ئاتلىق ئارمىيىسىدىن بولغاچقا بۇ يەردىكى «ئەجدىھا» سۆزى قوش مەنىگە ئىگە.
(56) بوخېمىيانى كۆرسىتىدۇ.
(57) بوخېمىيالىق ئايال دېمەكچى.
(58) ئاندالۇسىيەدىكى شەھەرنىڭ نامى.
(59) گوشىن- جەبىلتارىق ۋە لوندا ئارىلىقىدىكى مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تاغلىق شەھەر.
(60) ئېستىپۇنا- گوشىننىڭ شەرقىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى پورت ئېغىزى.
(61) ۋىخىل – ئۇلۇغ تېنچ ئوكيان قىرغىقىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق شەھەر.
تالىفا- جەبىلتارىق بوغۇزى يېنىدىكى شەھەر، قەدىمقى دەۋردە قەلئە سوقۇلۇپ تۈرمە قىلىنغان.
(62) ئېسىجا- مىندىيەنىڭ غەربىگە 40كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شەھەر.
(63)ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى قىزىل كىيىم كىيىدۇ، بۇرۇن ئىسپانلار ئۇلارنى قىزىل راك دەپ ئاتايتتى – ئەسلى ئاپتوردىن.
(63) ساينىت- روك ـــــــ جەبىلتارىقنىڭ شىمالىدىن 6 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك شەھەر، ئەتكەسچىلەر جەبىلتارىققا كىرىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە پاسپورت ياسىتاتتى.
(64) مالاككا- ئاندالۇسىيەدىكى ئوتتۇرا دېڭىزغا يېقىن پورت شەھىرى.
(65) ئامېرىكىنى كۆرسىتىدۇ.
(66) بوخېمىيا ماقالى.
(67) ئوۋىد- قەدىمقى رىم شائىرى.
(68) پوۋېر تېغى، فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى تاغ تىزمىسى.
(69)ئارگالا چوڭ كوچىسى- مادرېد شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئاۋات كوچا.
(70) دوبرون- ئىسپانىيە ئالتۇن تەڭگىسى، تەخمىنەن 4 پىياسقا تەڭ.
(71) قاراڭغۇ ئورمان رايۇنى- گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايۇنى، فىرانسىيەنىڭ پوۋېر تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
(72) كاستىيە تىلى- ئىسپان تىلىنىڭ بىر دىئالىكتىكىسى، ھازىرقى زامان ئۆلچەملىك ئىسپان تىلىنىڭ ئاساسى.
(73)«پارىژنىڭ سىرى»- 19- ئەسىردىكى فىرانسىيە يازغۇچىسى ئولىن سونىڭ چاتما رومانى بولۇپ پارىژدىكى تۆۋەن قاتلامنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
(74) ۋىدوك- 19- ئەسىردە ئۆتكەن فىرانسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى، قاچقۇن جىنايەتچى، كېيىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىچىسى ۋە ئامانلىق قوغداش بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەي ئىستىپا سورىغان، ئۇنىڭ نامىدا نەشر قىلىنغان «ئەسلىمە» دېگەن كىتاپ ناھىيىتى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن.
(75) ۋۇدەن- 17- ئەسىردە ئۆتكەن فىرانسىيەلىك لۇغەتشۇناس.
(76) ئەسلى تېكىستى بوخېمىيا تىلىدا يېزىلغان.
 
 ئاپتور ھەققىدە: پروسپېر مېرىمې(1803-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ 1870-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان) فىرانسىيەنىڭ رومانتىزىملىق سەنئەت ئۇسلۇبىغا ئىگە رىئالىستىك يازغۇچىسى، ئۇ شېئىر، دىرامما ۋە تارىخىي رومانلارنى يازغان، ئۇ ئاساسلىقى ھېكايە ۋە پوۋېستلىرى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىنى تىكلىگەن. فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بىر باي، زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1819-يىلى پارىژ ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ قانۇن ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە ئېنگىلىز تىلى، ئىسپان تىلى، ئىتالىيان تىلى، رۇس تىلى، گىرىك تىلى ۋە لاتىن تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن. ھەمدە قەدىمقى ئەدەبىيات- پەلسەپە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىرلىق ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، خىزمەت يولىنى ھەمىشە ئەدەبىيات كونسىسىيىلىرىگە چېتىلدۇرغان. سىتىندال،چاتېبىريان قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمۇ يېزىقچىلىق قىلىشنى باشلاپ يېزىقچىلىقنى ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسىگە ئايلاندۇرغان. 1829-يىلى «چارلى XI دەۋرىدىكى ئىشلار» دېگەن رومانى نەشر قىلىنغان.
  1834- يىلى تارىخى مەدەنىي يادىكارلىقلار باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، گىرىتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەتتە بولغان. ئۇ يەرلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن سىرت تۈرلۈك قاتلامدىكى كىشىلەر بىلەن كەڭرى ئۇچرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىق پاراڭلىرى، ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ نۇرغۇن ساياھەت خاتىرىلىرىنى يازغانھەمدە رومان ئىجادىيىتىگە خام ماتىرىيال توپلىغان. 1829-يىلى، «ماتىئو فارگىنى» دېگەن ھېكايىنى يازغان(تۆۋەندە بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ھېكايىنىڭ ئەسلىدىكى ماۋزۇسى)، ھېكايە قىزىقارلىق، پېرسۇناژ ئوبرازى ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ، ئۇ يازغانسېرى ئېچىلىپ، شۇ يىلى يەنە «تامانگې» ۋە« فرىدېرىك» ناملىق ئىككى ئېسىل ئەسىرىنى يېزىپ چىققان.
 قىزى ناپولىئون III كە ياتلىق قىلىنىپ ئۆزى دۆلەت تاغىسىغا ئايلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ فرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى گىئورگې.ساننىڭ ئاشنىسى ئىكەن.
 مېرىمى ئۆمۈر بويى باي-باياشاتلىق ئىچىدە ياشىغان، بىلىمى مول بولۇپ، فىرانسىيە رىئالىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ رۆشەن زىيالىي تىپىدىكى يازغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، گەرچە سىتىندال، بالزاك قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭكىدەك ئۆتكۈر تەنقىدىي دىتنى ھازىرلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېكايىلىرىدىكى ئاجايىپ گۈزەل، ئۆزگۈچە مەنزىرە، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ھېكايە تەپسىلاتى ۋە خارەكتىرى ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ئوبرازى بىلەن بىرلىشىپ ئېنىق بولغان بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ فارانسىيىنىڭ رىئالىزىملىق ئەدەبىياتىدىكى كەم ئۇچرايدىغان بىر تالانت ئىگىسى. شۇڭا بارى-يوق ئون نەچچە پارچە ھېكايىسى بىلەنلا فرانسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئالاھىدە يۇقۇرى ئورنىنى تىكلىگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «كارمېن» فىرانسىيەلىك مەشھۇر مۇزىكانت بىزېت تەرىپىدىن شۇ نامدا ئوپېرالاشتۇرۇلۇپ دۇنياۋى شان-شۆھرەت قازانغان. «كارمېن» دېگەن بۇ ئوبراز غەرپ ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر تىپتۇر.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 08:52:43

سافا ھە... ھېلى ھاشا ئاياقلاشقاندا ئالدىرماي تەتقىق قىلمەن

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:48:08

بۇ ھېكايىنى ئوقۇسا سىگانلارنى ئوبدانلا چۈشىنىپ قالىدىكەن ئادەم، جۇلانىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 12:08:18

ئوخشاش نامدىكى بىر دۇنياۋى مەشھۇر مۇزىكا بولىدىغان. بۇ ئەسەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 15:05:50

ئەسەر ئىسمىنى كۆرۈپلا تىلىفۇنۇمدا دائىم ئاڭلايدىغان كارمىن دىگەن مۇزىكا ئېسىمگە كېلىۋېدى ، ئەسلىدە ھەقىقەتەن باغلىنىشى باركەندە ...
ئادلدىرىماي بىر ئوقۇپ چىقاي بۇ پوۋىستسىمان ھىكايىنى...

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:12:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ciao2013 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 22:04

تارىختىكى كەيسا بىلەن رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ داھىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇ قانلىق ئۇرۇشنى موندىيانىڭ يېقىن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن دەپ قارىدىم.
--------------------------------------
كەيسا دىگەن سۆزنى خەنزۇچە ئوقۇلۇشى بىلەن ئاپسىز ھە ، قەيسەر دەپ السىڭىز توغرا بولار ، يەنى جۇلىئۇس كايسار ، ياكى قەيسەر
يارايسىز ئەنۋەر جۇلا ، بەك ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز .ماڭا ئانا تىلىمدا يېزىلغان ئەسەردەك تۇيۇلدى .رەھمەت سىزگە . ئاجايىپ بىر ھوزۇرلىنىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم بۇ پوۋىستنى . كۆز ئالدىمدا كىنو ئېكرانىدەك ئېنىق گەۋدىلەندى . بەلكىم ئاپتورنىڭ تەسۋىرلىرى بەك جانلىق بولغاچقا مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ بېرەلىگەن ئوخشايدۇ .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:59:01

ئوقۇشنى باشلىدىم. كەيسا دەپ ئېلىش خەنچە ئەمەس. ئېنگىلىز تىلىدا كەيسا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. خەنچە ئاھاڭ تەرجىمىسى كەيسا بىلەن ئېنگىلىز تىلىدىكى ئەسلى ئاھاڭىنىڭ بۇنچىلىك ئوخشاپ كېتىشى ھەقىقەتنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.:lol

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:25:55

ئېنگىلىز تىلىدا سىزېر دەپ ئالغاننى كۆرگەن، كەيسا دەپ خاتا ئاڭلىۋالمىغانسىز

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:28:26

ئېنگىلىز تىلىدا سىزېر دەپ ئالغاننى كۆرگەن، كەيسا دەپ خاتا ئاڭلىۋالمىغانسىز

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 09:14:16

تەرجىمە ھەقىقەتەن راھەت چىقىپتۇ. ئەسەرمۇ ياخشى ئىكەن.
ئەپلەپسەپلەپ بۇادەر، مەن كەيسا دەپ چاقىرغاننى كېنودىن ئاڭلىغان. بىلىشىمچە كەيسا بارىلىق رىم پادىشاھلىرىنىڭ ئومۇمى نامى. بىز كۆزدە تۇتىدىغان قەيسەرنى ئالدىغا جۇلىئۇسنى قېتىپ، جۇلىئۇس كەيسا دەپ ئاتايدىكەن. ئېنگىلىزچە Caesar دەپ يازىدىغۇ دەيمەن. ئوقۇلىشى سىزار بولىدىكەن. لىكىن كېنودا كەيسا دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
گىلادىئاتور دەپ بىر كېنو بار شۇ كېنونى كۆرۈپ بېقىڭ. ياكى بولمىسا كەيسا ئەسلى رىمچە تەلەپپۇز بولۇشىمۇ مۇمكىن.
بەت: [1]
: چەتئەل مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن:كارمېن