Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 19:58:59

ۋىندوۋىس تېلىفونىنىڭ ئاچقۇچىلار نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى(سىن)


          ۋىندوۋىس تېلىفونىنىڭ wp 8 سېستىمىسى يېڭىلىنىپ ،4-ئاينىڭ 15- كۈنى wp8.1 ئەپ ئاچقۇچىلارئۈچۈن تەمىنلەنگەن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى . ئەلۋەتتە wp8.1   دە يېڭىلىقلار خېلى كۆپ ، بەلكىم بىر قىسىم دوستلار تېلىفونىنىڭ سېستىمىسىنى wp8.1 ئەپ ئاچقۇچىلارئۈچۈن تەمىنلەنگەن نۇسخىسىغا كۆتۈرگەندۇ ، ئەمما يەنىلا سىز بايقىمىغان بىرقىسىم يېڭىلىقلار بۇلۇشى مۇمكىن . تور ئارىلاۋېتىپ توۋەندىكى سىننى ئۇچۇرتىپ قالدىم(سىن خەنزۇتىلىدا ) ،بۇ سىندا wp8.1 ئەپ ئاچقۇچىلارئۈچۈن تەمىنلەنگەن نۇسخىسىنى خېلى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپتۇ .ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ بېقىڭ ، بۇ سېستىمىدىكى تېلىفونلارنىڭ ئىشلىتىپ كۆرمىگەن بولسىڭىز ئوخشىمىغان سېستىمىدىكى تېلىفونلاردىكى ئۆزگىچلىكتىن بەھىر ئېلىڭ  .  ۋېندوۋىس تېلفونىدا گەرچە يەنىلا بىر قىسىم يىتىشسىزلىكلەر ساقلانغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ قېتىم ئىلگىرلەش ھەقىقەتەن زور ،iso  ,  android   سېستىمىلىرى بىلەن بەس سېلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىۋاتىدۇ  . (ئەسكەرتىش : تېلىفون سېستىمىڭىزنى wp8.1 ئەپ ئاچقۇچىلارئۈچۈن تەمىنلەنگەن نۇسخىسىغا كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىڭ ، بىر قىسىم كىشىلەر ۋىندوۋىس تېلىفوننى wp8.1 ئەپ ئاچقۇچىلارئۈچۈن تەمىنلەنگەن نۇسخىسىغا كۆتۈرۈش جەريانىدا تېلىفونى كېرەكتىن چىققان‹كېسەككە ئايلانغان ›. )

http://v.youku.com/v_show/id_XNzAwOTE0MDA0.html

ماۋۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار .
http://v.youku.com/v_show/id_XNzAwMjUzOTY0.html

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 07:56:10

نەچچە يىلدىن بۇيان ۋىندوۋس تېلفۇنلىرىغا بولغان ئالاھىدە ھېسياتىم تۈپەيلى بۇ سېستىمىنى چىقىدۇ دېگەن كۈنىدىن باشلاپ تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەنتىم،نېمىشقا دەمسىز؟چۈنكى ئۇيغۇر ئاناتىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ تۇنجى بولۇپ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە سېستىما ئىشلىگەن دەل مۇشۇ مىكروسوفت شېركىتى ئەمەسمۇ.ۋىنفون 7دىن تارتىپ8.1گىچە بولغان 3يىل جەريانىدا بىرقانچە تېلفۇنلارنى ئالماشتۇرۇپ بولدۇم ئەمما سېستىمىنى ئالماشتۇرمىدىم،15-ئاپرىل كۈنى8.1ئېلان قىلىنغان تۇنجى كۈنىلا توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ سېستىمامنى ئاچقۇچىلار نۇسخىسىغا كۆتۈرىۋالدىم شۇنداقلا 8.1گىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كۆتۈرىۋالدىم،مانا يېڭى سېستىمىنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر ھەپتە بوپتۇ،شۇنداق پىچەت{:112:}
سېستىمىدىكى يېڭىلىقلار يۇقىردىكى سىنلاردا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپتۇ.مېنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرىم بولسا ئالدى بىلەن سېستىمىنى يېڭىلاپ بولۇپ بىرىنچى بولۇپ تىل بولىقىنى تەكشۈرۈپتىمەن.ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرچە تېخى كۆرۈنمەپتۇ،كونۇپكا تاختىسىنى تەكشۈرۈپتىمەن ئۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرچە يوق.ئەمما رايون فورماتى ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە دېگەن يېرى يەنە باركەن،ۋىن8دىن باشلاپ قوشۇلغان ئىدى.شۇنىڭغا قاراپ ئۆزۈمگە ئازراق تەسەللىي بەرگەندەك بولدۇم،بەلكىم يازدىكى 8.1نىڭ ھەقىيقى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندا ئىنشائاللاھ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ قوشۇپ چىقىرار.ئۇنىڭدىن باشقا سېستىمىنى كۆتۈرگەن تورداشلار ئېغىر كۆرمەي تىلىنى ئىنگىلىز تىلىغا دۆلەت رايونىنى ئامرىكىغا يۆتكەپ تېلفۇننىڭ ئاۋاز ياردەمچىسى يەنى cortanaنى ئىشلىتىپ بېقىڭ،مانا يېڭىلىق دېگەن{:112:}نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزنى قولاي قىلىدىكەن،ناھايىتى ئەقىللىق ھەم قىززىقچى خانكەن بۇ،ئاۋاز بۇيرۇق ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتەلەيسىز،نېمە ئەۋەتمەكچى بولغىنىڭىزنى پەقەت دېسىڭىزلا بولدى ئۇ ئۆزى كىمگە ئېۋەتىشنى سورايدۇ، ئاندىن تېكىس ھۆججىتى بىلەن دېگەنلىرىڭىزنى ئېۋەتىپ بېرىدۇ،تېلفۇنىڭىزنىڭ قوڭغىرىقىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز «مېنى سائەت مانچىدە ئويغۇتۇپ قويۇڭ سۆيۈملۈكۈم»دېسىڭىزلا بولدى كۇپايە.يەنە شۇنىڭدەك «ئەتەھاۋا قانداق بولار؟»«بۈگۈن كەچ بارسىلونا كوماندىسى يەڭدىمۇ»دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ كۆرۈڭ  قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپلارغا ئېرىشىسىز،ئەلۋەتتە ھازىرچە cortanaپەقەت ئىنگىلىزچە بىلەنلا چەكلىنىدۇ،ئەتە ئۆگۈن ئەگەر ئۇيغۇرچىسى چىقىپ قالسا ۋاھ ۋاھ:lol
ئىشقىلىپ سېستىما نوچىكەن بۇ تېخى سىناق نۇسخىسى ئەتە ئۆگۈن ھەقىقىي نۇسخىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى مۇمكىن.ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقەززا بىلەن كۈتىمىز

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 08:06:20

ئۇبۇنتۇچــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــۇ ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:34:35

adil621 دېگەندەك ئاۋۇ cortana ئىقتىدارى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچىنىمۇ قوللاپ قالارمۇ؟... ياقەي، بۇ ئېھتىمالدىن يىراق. {:99:}

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:57:07

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 11:34 static/image/common/back.gif
adil621 دېگەندەك ئاۋۇ cortana ئىقتىدارى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچىنى ...

           wp تېلىفونلارغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە كۇنۇپكا تاختىسى قۇشۇلسا ، بۇ خىل سېستىمىدىكى تېلىفونلارنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ  سانى كۆپ بولسا بەلكىم ئويلىشىپ قالۇر  ، ئەمما مىنىڭچىمۇ بۇ خىل ئېھتىماللىق ناھايىتى يىراقتا .

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:36:52

8.1 توكنى بەك يەيدىكەن.ۋاقىت بولسىلا نوكىياغا ئىنكاس قىلىش دىگەن يەرگە كىرىپ يانفۇننىڭ ئۆزىدە ئىنگىلىسچە خەنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كۇنۇپكا تاختىسى قىنى دەپ يىزىپ يوللاپ قۇيىۋاتىمەن  سىلەرمۇ شۇنداق قىلىپ قۇيۇڭلار پايدىسى تىگىپ قالار.ياكى ئۇيغۇرچە يىزىپ چاپلاپ  ئەۋەتسەكمۇ بۇلىدۇ.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 16:48:45

مەنمۇ نوكىيا ۋىنفون ھەۋەسكارى. نېمىشقىكىن بۇ سېستىما ماڭا بەكلا ياقىدۇ. بىر يىل بولدى ئىشلىتىۋاتقىنىم نوكىيا لۇمىيا 820. بىر يىلدىن بىرى سېستىمىسىدا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر، يېڭىلىقلار بولدى.
8.1 سېستىمىغا يېڭىلاشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئەمما، ھەقىقىيقى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندا يېڭىلىسام بولۇرمۇ، دەپمۇ ئىككىلىنىۋاتىمەن. شۇ، سېلەر دېگەندەك ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى، ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسى يوق، كىسىپ- چاپلاش بەك ئاۋارىچىلىق. تېزراق قوشسا بولاتتى، ھازىرچە تىل بۇلىقىنى قوشمىسىمۇ كونوپكا تاختىسىنى بولسىمۇ قوشۇپ بەرسە...
كورتانا ئادىل ئەپەندى دېگەندەك پەيزى بولسا مېنىڭمۇ ھازىرلا يېڭىلاپ سىناپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، دېسە...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 23:44:26

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-8579-1-1.html
بەت: [1]
: ۋىندوۋىس تېلىفونىنىڭ ئاچقۇچىلار نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى(سىن)