bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 18:17:24

مەنزىلسىز مەكتۇپلار

مەنزىلسىز مەكتۇپلار
بەگ  ئالىپ

بىرىنچى قىسىم:ھىجران تۈۋىگە كۆمۈكلۈك —مىنىڭ ئەقىدەم

     ساڭا دەيدىغانلىرىمنىڭ ھەممنى يېزىپ بولۇپ خەتنى كونۋىرتقا سالدىم ، خەت تېەىدىغان ئادىرىس ئۈستىگە يەنە سەن تۇرۇۋاتقان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن دەپ قارىغان شەھەرنىڭ ئىسمىنى ۋە خالىىغان ئادىرىستىن بىرنى يازدىم ئاندىن  كەينىگە سۈيۈملۈك بولغان ئىسمىڭنى ——رەيھانغا تېگىدۇ دەپ يېزىپ قويدۇم ، ئاخىردا سەن ماڭا ئېلىپ بەرگەن پوچتا ماركىلىرنىڭ بىرىنى تاللاپ كونۋىرت ئۈستگە چاپلىدىم ، لېكىن يەنىلا كۆڭلىم تىنمىدى ؛ خەتنى ناھايىتى ئاستا يازغان بولساممۇ لېكىن يەنىلا سەت يېزىلىپ قالغان ئىدى ، ئۇنى دېمىسىمۇ خېتىم بەكلا سەت ئىدى ، دوسلىرىم خېتىمنى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خېتىگە ئوخشايدۇ دېيىشەتتى، ئاشۇ قېتىم مەن ساڭا تۇنجى خەتنى يازغاندا ئاندىن بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدىم ، ئۇ قېتىم مەن بارچە كارامەتلىرىمنى ئىشقا سېلىپ ئۇخەتنى يازدىم ، خەتكە بەكلا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدىم : كىتاپلاردىن يادىلىۋالغان مۇھەببەت ھېكمەتلىرىنى ئايىماي ئىشلەتتىم، ھەر بىر قۇرىنى بىر كۈن ئويلىنىپ يازدىم دېسەممۇ بۇلاتتى ، ھەتتا نەچچە كېچىنى خەتنى قانداق يازسام بۇلا دەپ ئويلىنىپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم ، خەت ئاخىرى پۈتتى ، قايتا قايتىلاپ ئۇقۇپ چىقتىم نۇقسان قالمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم، سېنىڭ بۇخەتنى ئۇقۇساڭ ماڭا كۆيۈپ قالىدىغانلىقىڭغا شەكسىز ئىشەندىم ، خەتنى پاكىز ئىش قەغىزىگە كۆچۈرۈپ چىقتىم،ئاندىن ژولنارنىڭ رەڭلىك ۋارىقىدا چىرايلىق بىر كونۋىرت ياساپ خەتنى مىڭ بالالىقتا يۈرەك شەكىلدە قاتلاپ ئىچىگە سالدىم (بۇنى مەن ئاكامدىن ئوغرىلىقچە ئۈگىنىۋالغان ئىدىم، لېكىن بىرلا قېتىم چالا پۇلا كۆرگەچكە بۇ قېتىم قاتلىمىقىم بەكلا تەس بولدى ) . كەچتە سېنىڭ دەرىستىن چۈشۈشىڭنى ساقلاپ تۇردۇم، باشقا چاغدا ئىت قوغلىغاندەك ئۆتىدىغان ۋاقىت ئەمدى ھېچ ئالدىغا ماڭمايدىغاندەك قىلاتتى ، مۇئەللىمنىڭ توختىماي سائەتكە قارىشىمدىن ئاچچىقى كەلدىمۇ مېنى سېنىپتىن چىقىرۋەتتى ، شۇ چاققىچە بىرەر ئوقۇتقۇچى ئەيىپلەپمۇ باقمىغاچقىمىكىن مۇئەللىمنىڭ قىلىقى بەكلا ھار كەلدى ، سىنىپقا يېنىپ كىرىپ ئۇ ئىش ئۇقمايدىغان يېڭى كەلدى ئاخۇن بىلەن تازا ھېساپلاشماقچى ۋە ئۇششۇقلۇق قىلىپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا كەچۈرۈم سوراتقۇزۇپ ئابرويۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدۇم يۇ، سېنى ئويلاپ يالتايدىم ، چۈنكى بۈگۈن ئۆمرىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىلماقچى ئىدىم ، شۇڭا سىنىپقا كىرىشنى قۇيۇپ ساڭا خەتنى نەدە ، قانداق بېرىش توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىۋالماقچى بولدۇم ، ئەلۋەتتە نەچچە كۈننىڭ ياقى پىلان كاللامدا پىشىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن بايام دوسكىدا ماتىماتىكىدىن ھېساپ ئىشلەۋاتقاندا ساڭا خەت يەتكۈزۈش پىلانىمنىڭ بىر يەرلىرىدە مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، لېكىن ھازىر قېرىشقاندەك نەدە مەسىلە بارلىقى ئېسىمگە كەلمەيۋاتاتتى، دەرىستىن چۈشىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالغان ئىدى ، جىددىيلىشىپ جايىمدا نەچچىنى پىقىرىۋەتتىم،! ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى : ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولسا سەن يالغۇز ماڭماي دوسلىرىڭ بىلەن مېڭىپ قالساڭ مەن خەتنى بىرەلمەيتتىم ، تۈگەشتىم دەپ تۇرسام مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كىچەك بالىسىنى كۆرۈپ قالدىم، كۆز ئالدىم پاللىدە يۇرۇدى، كاللامغا ناھايىتى ھەييار بىر ئەقىل كەلدى ، ئۇ بالىنى چاقىردىم : ۋە بىر ماروژىنا ئېلىپ بېرىش شەرتى بىلەن ماڭا ياردەم قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردۈم ، ئۇنىڭغا سېنى ئىلمى مۇدىر چاقىرۋاتىدۇ دەپ سىنىپىڭدىن ئالداپ ئېچىقتۇرماقچى بولدۇم ،……سەن سىنىپتىن چىقىنىڭنى كۆرۈپ تېخىمۇ جىددىلىشىپ كەتتىم ، سەن تەرەپكە ناھايىتى تەستە ماڭدىم ، پۇت قۇلۇم ئۆزۈمگە بويسۇنمايۋاتاتتى ، ھە دېسىلە يىقىلىپ چۈشەدىغاندەك قىلاتتىم ، قېرىشاندەك سەن ئىشخانا تەرەپكە ناھايىتى ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كتىۋاتاتتىڭ ، مەن يۈگۈرەي دىسەممۇ دەلدۈشلىشىپ يۈگۈرەلمەي قالدىم ، ئاخىرى سېنى چاقىرماقچى بولدۇم ، توۋا ئۈنۈممۇ چىقمايۋاتاتتى، يەنە بىر غەيرەتكە كېلىپ مەن ئۈچۈن سۈيۈملۈك بولغان ئىسمىڭنى _رەيھان دەپ چاقىرماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۈنۈم چىققاندا سەن ئلمى مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ بولۇپسەن ، شۇ چاغدا مۇئەللىملەر ئىشخانىسىدىن پاراققىدە كۈلكە كۈتۈرۈلدى، سېنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قۇيۇپ قويغانلىقمنى ئويلاپ پۇشايمان قىلدىم ، سېنىڭ خىجىلچىلىقتا قىزىرىپ كەتكەن ئۇماق چىرايىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۇرىكىم پىژژىدە ئېچىشقاندەك بولدى ،لېكىن سەن ئىشخانىدىن چىقىپلا نىم بولاركىن دەپ تۇرغان مېنىڭ 《ياردەمچىم》نى قوغلىدىڭ ، ئالدىمدىكى مەنزىرىگە قاراپ قېتىپلا قالدىم : سەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك غۇلڭچىڭنى كەڭ ئېچڭئۇ شۇمتەكنى تۇتۇۋالماقچى بۇلاتتىڭ ،ئۇ بولسا گۈللەكلەر ئارسىدا قىيغىتىپ سەكرەپ ساڭا تۇتۇق بەرمەيتتى، سېنىڭ گۈللەر ئارىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ھالىتىڭ ئۇچۇۋاتقان كېپىنەكنى ئەسلىتەتتى كۈلكەڭ شۇنداق جاراڭلىق ھەم ئۇماق ئىدى ، (ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن شۇ چاغدىلائاشۇ ئۇماق ئاۋازىڭ يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا مەڭگۈلىككە سىڭىپ كەتكەنىكەنلىكىنى بىلدىم). ئۇ شۇمتەك ئاخىرى 《ئەسىرگە》چۈشتى ۋە سېنىڭ 《قيىناش》لىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي مېنى چېقىپ قويدى ، مېنىڭمۇ ئۇ شۇمتەكتەك ئالدىڭدا قېچىپ يۈرۈشۈم مۇمكىن ئەمەستە ، ئەمدى راس گەپنى دېمەي بولمايتتى ، ئاخىردا غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتىم : ئۆتۈنۈپ قالاي ، خەتنى چۇقۇم ئاخىرغىچە ئۇقۇڭ، ياخشى ئويلۇنۇڭ ، مېنىڭ تەقدىرىم سىزنىڭ قولىڭزدا .
     لېكىن سەن مىڭ جاپادا يازغان خېتىمنى ئۇقۇيالماپسەن: بۇ قانداق يېزىق ?   ئەجەپ ئۇيغۇرچىغا ئوخشىمايدۇ، نەچچە سائەت قاراپ ئولتۇرۇپمۇ ، بىرنچى قۇرىنىمۇ ئۇقىيالمىدىم ، تېخى كۆرمە دېگەندەك ئادەم ئاچقىلى بولمايدىغان قىلىپ قاتلاپ قۇيۇپسىز، شۇنداق تەستە ئاچتىم    دېۋىدىڭ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى چۈنكى بۇ مەن ئويلاپ باقمغان بىر ئاقىۋەت ئىدى ، دەمالقققا قانداق قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم ، شۇ چاغدا كاللامغا قاملاشمغان بىر ئامال كەلدى :مەن نەسىردىن ئەپەندىمدەك ئۆزۈم يازغان خەتنى ساڭائۆزۈم ئۇقۇپ بەرمەكچى بولدۇم، باشتا ھۇدۇقتۇم، لېكىن كېيىن خەتنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم، ساڭا خۇددى ئاۋازلىق رومان ئوقۇيدىغانلاردەكلا ئۇقۇپ بەردىم، خەتنى ئۇقۇپ بولۇپ قارىسام سەن ئاشۇ چوڭ ھەم تىنىق كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇراتتىڭ ، ئاشۇ قېتىم تۇنجى قېتىم ساڭا تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلدىم ، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا بايام خەتتە دېيىلگەن گەپلەرنىڭ چىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىڭ ……خېتىمنىڭ سەت بۇلۇشى ماڭا تۇنجى قېتىم پايدا ئېلىپ كەلدى:نەسىردىن ئەپەندىمدىن ئۈگەنگەن بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئۈنىمى ئويلىمىغان يەردىن ماڭا سەندەك بىر ھۆر قىزنىڭ ۋەسلىگە يېتىشىمگە سەۋەپ بولدى، كېينمۇ سېنى خاپا قىلىپ قويسام ساڭا خەت يازاتتىم ئاندىن سېنىڭ ئۇقۇيالمايدىغانلىقىڭنى بانە قىلىپ سەن بىلەن كۆرىشىۋالەتتىم دە ھەييارلىق بىلەن سېنى كۈلدۈرۈپ ئالداپ شىيلاپ دېگۈدەك سەن بىلەن يارشىۋالاتتىم شۇنىڭدىن كېيىن خېتىمنىڭ سەتلىكىدىن پەخىرلەندىغان بولدۇم ، ئىلگىرى ئىنتاھانلاردا مۇشۇ سەت خېتىم سەۋەپلىك مەندىن نەچچە ھەسسە دۆت بالىلارنىڭ كەينىدە قالغان ئىدىم ، لېكىن سەت خېتىمنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بىلەن ئۇ كىچىك زىيانلارنى سېلىشتۇرغىلى بۇلاتتىمۇ?! شۇنداق قىلىپ مەن خېتىمنى چىرايلىق قىلىمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىمغا ئىككىنچى ئالمىدىم……
ئېسىڭدىمۇ بىز يۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ ئۈزۈم يازغان خەتنى ساڭا ئۈزۈم ئۇقۇپ بەرگەنلىكىم مەكتەپتە قىزىق يۇمۇر بۇلۇپ تارقىلىپ كەتكەن ئىدى، تۇنۇشلار ئۇچىرسا نەسىردىن ئەپەندىم بىلەن مەشۇقى كېلىۋاتىدۇ دەپ چاقچاق قىلاتتى .
      لېكىن ھازىر سېنىڭ قەيەردە ئىكىنلىكىڭنىمۇ بىلمەيمەن ھەم خەتنى يېنىڭغا بېرى ئۇقۇپ بېرەلمەيمەن شۇڭا خەتنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتا يېزىپ بولساممۇ چۇقۇم چىرايلىق يېزىشىم كېرەك ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچتىكەش مېنىڭ ھە دېسىلا ئادىرىسنى خاتا يېزىپ قويغانلىقىم سەۋەبىدى قايتىپ كەلگەن خەتلىرىمنى توشوشتىن زېرىكىپ مەندىن تۇلا گەپ سۇرايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭغاتېپىپ بېرىدىغان بىرەر باھانە سەۋەپ تاپمىسام بولمايتتى ، سائەتكە قارىدىم سائەت تېخى ئەمدى بىر بولغانىدى ، تاڭ ئېتىشقا يەنە نەچچە سائەت بار ئىدى ، شۇڭا خەتنى ئالدىرماي دانىمۇ دانە يېزىشقا باشلىدىم:……ئەسسالامۇ ئەلايكۇم رەيھانىم ، سالامەتمۇ سەن ?! بۇ خەتنى كۆرۈپ خۇددى ئاتا ئانىسى ئۈلۈپ كەتكىلى ئۇزاق بولغان ئادەمگە ئاتاڭ تىرىلدى دېسە ئىشىنەلمىگەندەك ھاياجان ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانسەن ، لېكىن بۇ راس ، خەتنى يازغۇچى باشقا بىر ئادەم بولماستىن سەن شادا پاچاق باندىت دەپ تىللايدىغان——ھېبىيىڭ ،.بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى خەتنى ئۇقۇپ بېرىدىغانغا يېنىڭدا مەن يوق، ئۈزۈڭ ئۇقۇيسەن……جېنىم رەيھان سېنىڭ خەۋرىڭنى ئۇققان بۇبەش يىلدىن بۇيان سېنى توختىماي ئىزدەۋاتىمەن ، ئاشۇ قېتىم قاتتىق پۇشايمەن قىلىمەن ، نېمىشقىمۇ گېپىڭگە كىرىپ سېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويغاندىمەن ، سەن كېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا يۇرتۇڭدا  يەر تەۋرىدى، خەۋەرنى كۈرۈپ ئەقلىمدىن ئازايلا دەپ قالدىم ، تىلفۇنىڭ ئېتىك ، كۆزىمگە ھېچ نىمە كۆرىنمىدى ، لېكىن ئۇلار شەھەرنى قامال قىلىۋالغان ئىكەن ، يالۋۇردۇم، ھەتتا ئۇرۇشتۇم، لېكىن كىرگۈزىشمىدى، ئاخىرى مېنى قالايمىقان چىلىق پەيدا قىلدى دەپ قاماپ قۇيۇشتى، بىر ئاي ئۆتۈپ مېنى قاماقتىن بوشۇتۇپ شەھەرگە ئەكىرىشتى كۆزىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم پۈتۈن شەھەر خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى ، ئەمدى ئىشەنمەسلىككە ئامالىم يوق ئىدى چۈنكى كۆز ئۆزىمنىڭ تۇرسا يالغان ئېيتتاتتىمۇ، سېنى ئاخىرقى قېتىم كۈرۈۋالماقچى بولدۇم، لېكىن ھەر قانچە قىلىپمۇ تاپالمىدىم، ئاخىرى دوختۇرخانىنىڭ ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىكىدىن تاپتىم ،بۇ بىر چۈشلا بولسىكەن دەپلا ئويلايتىم لېكىن رىئاللق ھەر قانچە قاباھەتلىك قۇبۇل قىلماسلىققا ئىمكان يوق ئىدى ، ھەممىسى تۈگىدى دەپ ئويلۇدۇم، ئىزدەپ سوراپ قەۋرىستانلىققا باردىم، پاتپات كاللامنى سىلكىپ قۇياتتىم ، تاملارغا ئۈسسۈپ باقاتتىم ، ئەمما بۇ چۈشۈم ئەمەس ئىدى ، سېنىڭ قەۋرەڭنى تاپالمىىدىم، پەقەت نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان قەۋرە تېشىدىن سۆيۈملىك ئىسمىڭنى كۆردىم، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاپۈتۈن قاباھەت ئىچىدە ئۆتتى ، ساراڭدەكلا يۈردۈم ، كۈندە ئاشۇ بىز بىللە بارىدىغان يەرلەرنى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرەتتىم ، تاماق يېسەم بىز دائىم بىللە ئولتۇرۇپ دەرىزنىڭ سىرتىدىكى گۈللەرنى تاماشا قىلغاچ تاماق يەيدىغان ئورۇنغا ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتىم ، ئەگەر ئۇ ئۇرۇن بوش بولمىسا تاكى بوشىغىچە ساقلاپ تۇراتتىم، بەزىدە دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى گۈللەرگە قاراپ سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم،ئېسىڭدىمۇ ئىلگىرى بۇيەردە سېنى ساقلىغاچ مۇشۇنداق گۈللەرگە قاراپ ئولتىراتتىم، ئاندىن سەن كېلىشىڭگە ئۆزۈم تاللىغان ئەڭ چىرايلىق ئېچىلغان گۈلدىن بىرنى ساڭا ئىما قىلاتتىم، بەزىدە سەن ئۈزۈپ بەر دەپ تۇرۇۋالاتتىڭ ، لېكىن مەن :سەن ئۇ گۈلدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق تۇرساڭ، سېنى كۆرسە چىدىماي سولۇشۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈزمەيلى دەيتتىم، سەن بولساڭ ئاۋازىڭنى قۇيۇۋېتىپ قاقاپلاپ كۈلۈپ كېتەتىڭدە، ئۇماق قوللىرىڭ بىلەن مېنى يېنىك ئۇرۇپ قۇيۇپ:《 ھۇ، ھېلىگەر ، بىرەر قېتىم راس گەپ قىلساڭ ئۈلەي، باغۋەننىڭ كۆرۈپ قېلىپ ئەدىپىڭنى بېرىشتىن قورقانسەن تايىنلىق ، 》دەپ قۇياتتىڭ، ئاشۇ قېتىم مەن باشقا بىر قىزنى ئۇسسۇلغا تارتىپ قويغۇنىمغا سەن ماڭا نەچچە كۈن قارىمىغان ئىدىڭ، خەت يازدىم ، ئۇقۇپ بېرەي دېسەممۇ ئۇنۇمۇدۇڭ، ئاخىرى ساڭا كۆرسەتكەن گۈلدىن بىرنى ئوغرىلىقچە ئۈزۈۋالدىم،ئاندىن سېنى مىڭ بالالىقتا ئالداپ يۈرۈپ ياتىقىڭدىن ئېپ چۈشتىم، ۋە ساڭا گۈلنى كۆرسەتتىم، ئەسلى سېنى چۇقۇم خۇشال بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانتىم، بىراق سەن ماڭا كايىپلا كەتتىڭ، مەن نېمىش قىلىشنى بىلەلمەي، خاپابولما دەپ يالۋۇرۇپ بولالماي قالدىم، ئاخىرى ئۈزۈۋالغان گۈلنى جايىغا قۇيۇپ قوياي دەپ كەينىمگە بۇرۇلغاندا، سېنىڭ ئۇماق كۈلكەڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، بۇ سېنىڭ مېنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىڭنى بۈلدۈرەتتى، مەنمۇ جاۋابەن ئوتتۇز ئىككى چىشىمنىڭ ھەممىسىنى كۆرسۈتۈپ ھىجايدىم، سەن گۈلنى ئالغاچ :《 ھۇ ، شادا پاچاق باندىت،!!جايىغا قۇيۇپ قويغىنىڭغا تىرىلىپ قالاتتىمۇ، ?ئەمدى مەن سۇغا چىلاپ قۇياي ، بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ ئۇزاق ياشىۋالسۇن، 》……دەپ گۈلنى ئېلىپ قالدىڭ.
      قاباھەتلىك كۈنلەر باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي تەجىربىخانىدىن ماڭا بىر ناھايىتى قىيىن بىر تەتقىقات ۋەزىپىسى تاپشۇردى ، تەجىربخانىغا كۈندە ئەتتىگەن بارسام كەچتە ئونلاردا ئاندىن قايتىپ كېلەتتىم ، چۈشلۈك تاماقنى بولسا ئاشۇ دەرىزە تۈۋىدەئولتۇرۇپ يېيىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم، تەجىربە قاراڭغۇ مۇھىتنى تەلەپ قىلغاچقا ئون نەچچە سائەتلەپ دېگۈدەك قاراڭغۇلىق ئىچىدە تۇراتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەجىربە بەك ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلاتتى، سەللا دىققەت چېچىلسا ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلار خاتا چىقاتتى ، شۇڭا سېنىمۇ ئويلىماسلىققا مەجبۇر بۇللاتتىم، بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئىدى تەجىربىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتسەم ، يۈرەكتىكى ياراممۇ ئېسىمگە كەلمەيتتى ، كېيىن چۈشلۈك تاماقنىمۇ تەجىربىخانىدا يەيدىغان بولدۇم ، بەزىدە ھەپتىلەپ كۈن نۇرىنى كۆرمەيتتىم، سىرىتقا چىقىپ قالساملا خىياللىرىمنى باشقىدىن ئېگىلىۋالاتتىڭ، چۈنكى يول بۇيىدىكى ھەر بىر گىياھ، ۋە ھەتتا ھەممە يەردە سېنىڭ سىمايىڭ بار ئىدى، چۈنكى ماڭا سېنى پەقەت گۈزەل نەرسىلادىنلا ئىزدەش ئادەت بۇلۇپ قالغان ئىدى ، شۇڭا بۇ قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە سېنى ئەسلىتىدىغان ھېچ نەرسە يوق ئىدى، بۇ قاپقاراڭغۇ تەجىربىخانىغا كىرسەملا سېنى بىردەم بولسۇمۇ خىيال قىلمايتتىم، ، ئون نەچچە سائەتلەپ ئىشلەپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن جىسممنى سۆرەپ شەھەر سىرتىدىكى يالغۇز كەپەمگە كىرەتتىم، بايام كەلگەن ئۇيقۇم ئۆيگە كىرسەملا نەلەگىدۇر قېچىپ كېتەتتى، چۈنكى ئۆيگە قەدەم باسقان ھامانلا سەن خىياللىرىمنى قايتىدىن ئىگەللەيتىڭ ، چۈنكى ئۆي دېگەن بۇ ئۇقۇم سېنىڭ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىدى،ئىلگىركى شېرىن خىياللىرىمىز ئېسىڭدىمۇ، بىزنىڭ دەريا بويىدا چىرايلىق بىر ياغاچ ئۆيىمىز بولماقچى ئىدى، ئۇنىڭدا ئىككىمىز تۇرماقچى ئىدۇق، لېكىن ھازىر سەن يوق تۇرساڭ، ماڭا ئۇنداق ئېسىل ئۆينىڭ كېرىكى يوق ئىدى،ئۆيگە كىرىپلا سېنىڭ مەندىن ئايرىلىش ئالدىدا بەر گەن سۈرىتىڭگە بىر ھازاغىچە قارايتتىم، ئاندىن تامغا ئىلىپ قويغان گىتتارنى ئېلىپ ئاستا چېلىشقا باشلايتتىم، بۇ شەھەرنىڭ سۇغۇق بىر بۇلۇڭىغا جايلاشقان غېرىبانە كەپىدە مۇڭلۇق كۈي ياڭرايتتى، ناخشىنى سەن بىلەن مەنلا ئوڭچە ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتۇق، باشقلارنىڭ ئاڭلىشىنى خالىمايتتىم :
ئويغاتقۇچى باغلارنى كەزدىم
تاپاي دىدىم قىردىن ئىزىڭنى
جۈپ مەڭزىڭدىن رەڭ ئالغان دىدىم
لالە زارغا بۇراپ يۈزۈمنى
ئۇچراتمىدىم ئەمما ئۆزۈڭنى …

       لېكىن ناخشىنىڭ ئايغىنى ئېيتىپ بولمايلا ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالاتتى ……ئەتىسى چاچلىرىم قۇش ئوۋىسىدەك قالايمىقان، ساقىلىم تىكەندەك ئۆسۈپ كەتكەن ،ۋە قاپاقلىرىم ئىششۇق ھالەتتە ئورنىمدىن تۇراتتىم، كۆزلىرىمنىڭ گۇنى قاچقان،قاپقاراڭغۇ ئۆڭكىرگىلا ئوخشايتتى ،……يۈزۈمنى چالا پۇلا يۇيۇپ، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئەكىرىپ قويغان قاتتىق نانى غاجاپ يەپ شاپاق دوپپامنى بېشىمغا باستۇرۇپ كىيىپ ھېچكىم ئورنىدىن تۇرماستا ئىشقا راۋان بۇلاتتىم،
      شۇنداق قىلىپ باشقلىلار ئىككى يىلدا تۈگىتەلمىگەن تەجىربىنى مەن سەككىز ئايدىلا تاماملىدىم، ئۇلار مېنى قايتىدىن تۇنۇدۇمۇ ئۇخمۇدۇم، چوڭ بىر ئۇنۋېرسىتتىتقا بىلىم ئاشۇرۇپ كەل دەپ ئۇقۇشقا ئەۋەتتى.مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مەن سېنى ئۇنتۇش تۈگۈل تېخىمۇ كۆپ ئەسلەيدىىغان بۇلۇپ قالغانلىقىمنى روشەن ھېس قىلدىم، مەكتەپتە ساڭا ئازراق ئوخشاپ قالغان قىزلار ئۇچۇرسىلا كەينىدىن قاراپلا قالاتىىم ، ئاشۇ قېتىم ھەربى دىققەتتە تۇرۇۇۋېتىپ كۆزىم تۇيۇقسىز ئۇدۇلۇمدا تۇرغان بىر جۈپ كۆز بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدى ، شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىندى، يۈرۈكىم قارتىدە قىلدى، ئۇ باشقا بىرىنىڭ ئەمەس سېنىڭ كۆزىڭ ئىدى ، قاراپ قېتىپلا قالدىم ، ئاشۇ قېتىم چۇقۇم ئېسىڭدە يوق رەيھانىم، ئالتە يىل ئىلگىرى بىز تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىدۇق، مەن ئاشۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىقتە سېنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىڭگە تۇنجى بۇلۇپ تىكىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلغانىدىم ، ئالدىمدا رىۋايەتلەردىكى جادۇ كىرپىك بىر پەرى تۇراتتى ، كىرپىكلىرىڭ ھەر بىر جۈپلەشكەندە يۈرۈكۈم بىر قېتىم سوقاتتى ، ئەگەر سەن بىر مىنۇت كۆزىڭنى يۇممىساڭ مېنىڭ يۈرۈكۈم سوقىشتىن توختاپ قالىدىغاندەك ئىدى، سەن مېنىڭ تىكىلىپ تۇرغىنىمنى سېزىپ قالدىڭمۇ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇناتتىڭ ، مەن بولسام بېزەڭلىك بىلەن تىكىلىپ تۇراتتىم ، ئاخىرى سەن چىدىماي ماڭا ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭ بىلەن بىرنى ئالىيىپ قويدۇڭ، مەن ئۈزۈمنى تۇتۇۋالاماي كۈلۈپ سالدىم، ئاندىن مەشقاۋۇل سېزىپ قېلىپ مېنى يۈزنى تورنىك تارتىشقا بۇيرىدى، ئىلگىرى يىگىرمە نەچچىنى ئاران تارتالايتتىم ،لېكىن ئۇچاغدا يۈزنى مىت قىلماي تارتىۋەتتىم ، چۈنكى تورنىكقا چىقىشتىن بۇرۇن مېنى دوسلىرىڭغا ئىما قىلىپ كۈلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، قىسقىسى مەن ئەزەلدىن جان كەتسە كەتسۇن شۆھرەت كەتمىسۇن دەيدىغانلاردىن ئىدىم شۇڭا بىر يارىماس ئىكەنغۇ دېيىشىڭدىن ئەنسىردىم، تورنىكتىن چۈشۈپ بۇلۇپ يەنە سەپكە قايتتىم ، ساڭا قانداق دېگەن مەنىدە مەغرۇرغىنە قاش ئېتىپ قويدۇم، بۇ چاغدا كۆزلىرىڭدىن ئوت چاقناپ كەتتى ئەگەر مەشقاۋۇلدىن قورقمىساڭ مېنى تىللايدىغاندەكلا ئەلپازدا ئىدىڭ، مەن بولسام سېنىڭ ئۇماق تۇرىقىڭغا قاراپ ئۆزىمنى كۈلىۋېتىشتىن ئارانلا تۇرۇپ تۇراتتىم ……لېكىن ھازىر ئالدىمدا تۇرغان بۇ بىر جۈپ كۆز خۇددى بۆرىنى كۆرگەندەك مەندىن ھە دېسىلا ئۈركيتتى……
      ئاشۇ كۈنى تۇنجى قار ياغدى، مەكتەپ قۇرۇسى ئىچىدە يالغۇز ئايلانغىم كەلدى ،بىر نەرسىلەرنى ئەسلىگىم كىلەتتى، لېكىن نىمىشقۇدۇر ئىسمىڭدىن باشقا ھېچ نىمىنى ئەسلىيەلمىدىم، ئاخىرى تىنىمسز قار چۈشۈۋاتقان ئاسمانغا يۈزلەنگىنىمچە كۆزىلىرىمنى يۇمۇپ جىم تۇردۇم، تىنىق ھەم چوڭ كۆزلىرىڭ يۈرۈكۈمنىڭ يۇشۇرنىۋالغان جايىدىن چىقپ كۆزئالدىمدا لاپپىدە پەيدا بۇلاتتىيۇ يەنە ئاشۇ ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان قەلىب چوڭقۇرلۇقۇم ئىچىدە غايىپ بۇلاتتى ، دەل شۇچاغدا ھەربىي مەشىق كۈنى ئۇچۇرغان ھېلىقى قىز پەيدا بولدى، ئۇ يەردىن بېشىنى ئۈزمەي خىيالغا چۆككىنىچە مەن تەرەپكە كېلىۋاتاتتى، ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈردى، كۆزلىرىمىز ئۇچۇرۇشۇپ قالدى ، مەن چۈش كۆرمەيۋاتاتىم ، ئۇ كۆزلەر نەق سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئىدى، شۇتاپتا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى، ئاشۇ چىرايلىق كۆزلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈم ، مەڭگۈ چىقىپ كەتكۈم يوق ئىدى……شۇنىڭدىن كېيىن كۈندە كەچتە مەكتەپ ئىچىدە لەيلەپ يۈرۈدىغان بولدۇم ، بۇ يەردە كۈندە دېگۈدەك قار ياغاتتى، سۇغۇقمۇ قاتتىق بۇلاتتى، لېكىن مەن ھامان مەكتەپ قۇرۇسى ئىچىدە ئەرۋاھتەك ئايلىنىپ يۈرەتتىم، مەخسىدىم بىرلائىدى، سېنىڭ ئاشۇماڭالايدىغان سۈرۈتىڭنى ئۇچۇرتۇپ قېلىشنى ،ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزلەرگە بىر قېتىم بولسىمۇ تىكىلىپ قارىۋېلىشنى ئىستەيتىم ، بۇنداق قاتتىق سۇغۇق بولغان كېچىدە ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقمايدىغانلىقى كۆڭلىمگە ئايان بولسىمۇ قانداقتۇر بىر غايىۋى كۈچ مېنى مەكتەپ قۇرۇسىدا ئايلىنىشقا كۈشكۈرتەتتى، كېيىن ئۇ قىز مەن ئىشلەۋاتقان تەجىربىخانىغا يۆتكىلىپ كەلدى، شۇنىڭدىم كېيىن مەن سېنىڭ ئاشۇ تىرىك سۈرىتىڭنى دائىم كۆرۈپ تۇرالايدىغان بولغان ئىدىم، ئۇ سېنىڭ نائۇستا رەسسام سىزغان رەسىمىڭگە ئوخشايتتى ، كۆزلىرى چوڭ ئىدىيۇ ئەمما سېنىڭ كۆزلىرىڭدەك تىنىق ھەم قاپقارا ئەمەستى، دائىم بىر خىل مۇڭ ھەم ھارغىنلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى …… ئۇ ماڭا قاباھەتلىك كۈنلەردە تاتلىق چۈش كۆرۈش پۇرسىتى ئاتا قىلغان ئىدى، مەن قايسى چۈشۇم، قايسى ئۇڭۇم ئايرىپ ئولتۇرۇشقا ھەركەت قىلمىدىم ، ئۇنى پەقەت سەن دەپلا ئويلۇدۇم، ھەتتا بەزىدە ئۇنى رەيھان دەپ چاقىرىپ سالاتتىم .
     لېكىن ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ كىچىككىنە خاتالىقى مېنى تاتلىق چۈش قوينىدىن، زەھەردەك ئاچچىق، نە نىشان مە يۇريقلۇق بولمىغان قاباھەتلىك رىئاللىق قوينىغا قايتىدىن غۇلىتىۋەتتى:ئۇ كۈنى بىز تەتقىقات تېمىمىزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ بولغانىدۇق، شۇڭا بىز تەبىركلەش يۈزىسىدىن بىللە تاماق يەپ كەلمەكچى بولدۇق،تۇنجى قېتىم سەن بىلەن تاماق يېگىلى چىققان چاغدىكىگەئوخشاش تازا پوچى ياساندىم ، كەيمىگىلى نەچچە يىل بولغان كاستىيۇم بۇرۇلكا، بەتىنكەمنى كەيدىم ئاندىن سوكنا چاپىنىمنى كەيدىم، ئاخىردا سەن ئەپ بەرگەن شارپىنى تاقىدىم، پەسكە چۈشۈپ ئۇنى ساقلاپ تۇرماقچى، ياق سېنى ساقلاپ تۇرماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۇ ئاللىقاچان مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن،ئېسىڭدىمۇ ئىلگىرى مەن ئەزەلدىن سېنى ساقلاتماستىن سېنى پەستە كۈتۈپ تۇراتتىم، باشلىنىلشىدا ئۇنىڭ مېنى بۇ تاتلىق چۈشۈمدىن ئويغىتىۋەتمەكچى بولغىنىغا كايىماقچى بولدۇميۇ، نىيىتىمدىن ياندىم، چۈنكى ئۇ بېشىغا ساڭا ئوخشاش رومال ئورىۋالغان ئىدى، لېكىن رومالنىڭ رەڭگى سەن ياخشى كۆرىدىغان ھاۋا رەڭلىك ئەمەس ئىدى ، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا سېنىڭكىگە ئوخشا ھاۋا رەڭدىكى رومال ئېلىپ بەردىم……تاماق يەۋەتىپ كۆزلىرىم تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرگە تىكىلدى، بېشمغا بىر چىلەك سۇقۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم ، ئۇ كۆزلىرگە بىر نەرسىلەرنى سۈركەپ مايمۇنغىلا ئوخشاپ قالغانىدى، كۆڭلىم ئېلىشىپ تاماقنى ياندۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدىم ، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا چېچىلدىم:مېڭ !كۆزىمگە ئالۋاستىدەك كۆرۈنمەي ،كۆزىڭىزدىكى نەرسىلەرنى يۇيۇۋېتىڭ، ئۇ نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاندەك ماڭا لاپپىدە قارىدىيۇ، لېكىن مېنىڭ غەزەپتىن ئوت چاقناۋاتقان كۆزلىرىمگە قاراپ لەسسىدە بۇشاپ قالدى ، ۋە تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، رەيھانىم!بەلكىم سەن مېنى :ھۇ ئۇزۇن تۇرا باندىت! ئاشۇنچىلىك ئىشقىمۇ خەخنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان بارمۇ دەپ قالغان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن، لېكىن بىلىشىڭ كېرەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس سېنىڭ ئاشۇ تەبىي چىرايلىق كۆزلىرىڭنى ساراڭدەك بۇياپ قويغان تۇرسا ئاچىققىم كەلمەمدۇ،ئۇنىڭ سېنىڭ كۆزلىرىڭنى بۇياشقا نىمە ھەققى بار،……ئۇ كۆزلىرىدىكى بۇياقلارنى يۇيۇۋەتكەن ئىدى لېكىن كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى، تۇيۇقسىز يۈرۈكۈم ئاغرىپ كەتتى ، بايام قىلغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، بۇياقتىن ئاجرىغان ئۇ كۆزلەردىن ياش تۆكۈلىۋاتاتتى ،بىلىسەن سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭغا قاراپ تۇرۇشقا مەندە قىلچە تاقەت يوق، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۇدۇم ، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىن چېچىلماسلىققا ۋەدە بەردىم، كۆزلىردىكى ياشنى سۈرتۈۋەتمەكچى بولدۇميۇ يالتايدىم، چۈنكى باياتىنقى بۇيالغان كۆزلەر مېنى شېرىن چۈش قوينىدىن ئويغۇتۇپ مەن قۇبۇل قىلىشتىن ئەڭ قورقۇدىغان مۇدھىش رىئالىق ئىچىگە قايتىدىن سۆرەپ كىردى، ئەمدى مېنىڭ بۇ چۈشنى قايت كۆرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھەم ئۈزۈمنى داۋاملىق ئالداشقىمۇ ئامالىم قالمىغان ئىدى ، شۇڭا خالىمىساممۇ ئاشۇ قاباھەتلىك كۈنلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشىم كىرەك ئىدى،……
شۇنداق قىلىپ مەن بۇ شەھەردىن جىمجىتقىنا كېتىپ قالدىم…
  بىرىنچى قىسمى تۈگىدى

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:53:43

داۋامىنى ساقلايمەن .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:47:56

tamqa1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 20:53 static/image/common/back.gif
داۋامىنى ساقلايمەن .

داۋامىنى يېزىۋاتىمەن، پات يېقىندا پۈتۈدۇ ، ياقتۇرقۇنىڭىزغا رەھمەت  
بەت: [1]
: مەنزىلسىز مەكتۇپلار