TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 12:33:25

تاشپولات: 57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 12:37  

57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم

تاشپولات روزى



مەن 4-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنە شەنبە بىر كۈن دېگۈدەك بېغىمنىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا، ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىم دەۋىدنىڭ ئۆيىگە ئوغلۇم بىلەن بىرگە باردىم. ئۇنۇڭ ئۆيى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر 57 ياشتا بولۇپ بىزنىڭ مەكتەپتە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ دەۋىدنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم بىرىنچى قېتىم بولۇپ، ئۇنۇڭ قورۇسىنىڭ چوڭلۇقى 16،187 كۋادرات مېتىر ئىكەن. ئۇ ھازىر ئاپىسى ھەم ئايالى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بولۇپ 3 ئېتى، بىر ئىتى، 3 قورالى، بىر كىنوخانا ئويى، 2 پاراخوتى بار ئىكەن. ئۇ تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئېتىراپى ئەپيۈن گۈللەر بىلەن ئورالغان بولۇپ تاغنىڭ باغرىسىغا توغرا كېلىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئۇ ماڭا ئۆيۈمگە كېلىپ ئات مىنىپ ئويناپ كەتكىن دەپ تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى. مېنىڭ ئات مىنمىگىنىمگە 40 يىلدەك بوپتۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئات مىنىشنى بىلەتتىم. مەن باشلانغۇچ ۋاقتىمدا تۇلۇق ئاتقا مىنىپ بۇغداي سوققان ئىدىم. 40 يىلدەك ئۆتۈپمۇ ئات مىنىشنى ئۇنتۇپ قالمامتىم! بۈگۈن ئوغلۇم ئات مىنىپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى!



دەۋىد ھازىر لوس ئانجېلېس شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مۇھىت تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ بىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتغا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە مەكتىپىمىزگە كەم دېگەندە 30،000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ. دەۋىدنىڭ خىزمەت ئورىنىمۇ مۇقىم بولۇپ تۇرمۇشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىقى يوق بىر ئامېرىكالىق. ئۇنۇڭ تۇرمۇشى شۇنچە ياخشى تۇرۇپ 57 ياشقا كىرگەندە نېمە ئۈچۈن باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىردى؟
مەن بۇ سوئالنى ئۇ مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاشقا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان ئىدىم. خىزمەت بىلەن بولۇپ باكالاۋرلىق ئوقۇش پۇرسىتى بولمىدى. مەن باكالاۋرلىق ئوقۇمىغانلىقىمغا ھەر ۋاقىت پۇشايمان قىلىپ كەلدىم. بولۇپمۇ بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا بەكمۇ خىجىل بولىمەن. ئۆزۈڭدە بىلىم بولماي بالىلىرىڭنى ۋاي ياخشى ئوقۇغىن ياخشى ئوقۇساڭ ئۆزەڭگە ياخشى ھەم دۆلىتىڭگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىسەن دېسەڭ خىجىل بولىدىكەنسەن. بالىلىرىم كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇمىدىڭ دەپ سوراپ قالاتتى بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خىجىل بولاتتىم. ھازىر مەندىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ بىراق باكالاۋرلىق ئۇنۋانى مەندىن تېپىلمايدۇ."



دەۋىد سىنىپىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىنغان بىر ئىمتىھانىدا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولدى. ئۇ تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەيدۇ. سىنىپقا بىرەر قېتىم كېچىكىپ كەلمىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن ئۇنۇڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ ئەتىدىكى ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنۇڭ شەنبە كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مېنىڭ ماتېماتىكا دەرس ئىمتىھانىمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.



دەۋىد كۈندۈزى ئىشلەپ كېچىسى ئوقۇيدىغان سىنىپتا بولۇپ مەكتەپنىڭ كەچلىك دەرسى چۈشتىن كېيىن 5 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. مەن ئۇنۇڭغا ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم دەرس بېرىمەن دەرس ۋاقتى 5 يېرىمدىن7 گىچە بولىدۇ. بىراق دەۋىد باشقا دەرسلەرنى ئاڭلاپ كەچ سائەت  10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. دەۋىدنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى 5 سائەتلا ئۇخلىيالايدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرىدىكەن. بۇنداق بۆلىشى ئويى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئارىلىقى ماشىنا بىلەن 1 يېرىم سائەتتەك كېتىدىكەن. ئۇ خىزمەتتىن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدا چۈشۈپ مەكتەپكە سائەت 5 دىن ئۆتكەندە كېلىپ بولىدىكەن. مۇشۇنداق ۋاقىتنىڭ تەكرارلىنىشى ھەر ھەپتە دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بولىدىكەن.



مەن دەۋىدتىن سەن ھەر كۈنى بەكمۇ زىچ ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئىش قىلىدىكەنسەن چارچاپمۇ كەتكەنسەن دەپ سورىسام چارچاشنىغۇ چارچايدىكەنمىز بىراق ھازىر كۆنۈپ قالدىم تېخى دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دەيدۇ!  مەن مۇنۇ دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنۇڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مېنىڭچە قىلماقچى بولغان ئىشقا بەل باغلىسىڭىز ياش چەكلىمىسى سىزنىڭ يولىڭىزنى توسالمايدۇ. يېقىندا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم ئۇنۇڭدا دېيىلىشىچە ئىنساننىڭ ئەقلى تەپەككۇرى ياش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.  ئەلۋەتتە مۇمكىن بولسا ياش ۋاقتىدا ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ. بىراق يېشىم چوڭىيىپ كەتتى دەپ ئۆز مەخسەتلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانە يول ئەمەس. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىمدا 38 ياش ئىدىم. خېلى كوپ ئاغىنىلەر يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ئەڭ ياخشىسى ئىنگلىزچە ئوقۇيمەن دېمەي ھازىرقى ئىنگلىزچە سەۋىيەڭ بىلەن بىرەر ئادەتتىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانساڭ بولامدىكىن دېگەن ئىدى. بىراق ياشقا قارىماي تىرىشىپ ئاخىرى ئويلىغان مەقسىتىم  ئوقۇتقۇچى ،مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ماتېماتىكا پروفېسسور بولۇپتىمەن. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن پروفېسسور دېگەن بۇ نام ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھازىر ئويلىسام ئامېرىكادا 38 ياش، 40 ياش، 50 ياش دېگەنلەر قېرىغا كىرمەيدىكەن!



مەن ياشلارنىڭ بولۇپمۇ يېشى چوڭىيىپ ئۆز مەخسەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋىدنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز مەقسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەي تىنىمسىز تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئۆتۈپلا كېرىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم! بەلنى ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا بوشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوز مەقسەتلىرىڭىز ئۈچۈن تىنماي تىرىشىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە سىزگە مەنسۇپ!

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:09:48

ئېسىل يازمىڭىزغا رەھمەت

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:19:22

رەسىمدىكى بىزنىڭ يۇرتمۇ نېمە

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:00:13

سوغۇق بەك بولامدۇ نىمە؟  قويلارمۇ پاختىلىق چاپان كىيگەندەك:P:lol

Nashtar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:05:45

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەن ئىزدىنىشقا كىيىنراق تىزىملىتىپ كىرگەن بىلەن مۇنبەرنىڭ 6 يىللىق كونا زىيارەتچىسى.
مىنىڭمۇ ئامىركىغا چىقىپ تولۇق كۇرۇس ئوقوغۇم با. بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم. تولوق ئوتۇرنىمۇ ئادەتتىكىدەك ئوقۇغان. پاسپورت ئالالىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەمەلگە ئاشامۇ تاشپولاتكا؟

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:14:02

كۆپ قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭ توختاۋسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.  ئېسىل يازمىڭىزغا رەھمەت

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:16:24

نىمىدىگەن سەممىي يازمىلار بۇ . ئامرىكىنىڭ كۈچلۈك بۇلالشى بىكاردىن كەلگەن ئەمەس جۇمۇ.  رەھمەت تاشپولاتكا نىمدىگەن يېقىملىق ئاممىباپ گەپلەر.. بەك تەسىرلەندىم ، خېلى كۈلۋالدىم.

--------------------------------------------
ئۇنۇڭ ئۆيى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر 57 ياشتا بولۇپ بىزنىڭ مەكتەپتە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ دەۋىدنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم بىرىنچى قېتىم بولۇپ، ئۇنۇڭ قورۇسىنىڭ چوڭلۇقى 16،187 كۋادرات مېتىر ئىكەن. ئۇ ھازىر ئاپىسى ھەم ئايالى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بولۇپ 3 ئېتى، بىر ئىتى، 3 قورالى، بىر كىنوخانا ئويى، 2 پاراخوتى بار ئىكەن. ئۇ تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئېتىراپى ئەپيۈن گۈللەر بىلەن ئورالغان بولۇپ تاغنىڭ باغرىسىغا توغرا كېلىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئۇ ماڭا ئۆيۈمگە كېلىپ ئات مىنىپ ئويناپ كەتكىن دەپ تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى. مېنىڭ ئات مىنمىگىنىمگە 40 يىلدەك بوپتۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئات مىنىشنى بىلەتتىم. مەن باشلانغۇچ ۋاقتىمدا تۇلۇق ئاتقا مىنىپ بۇغداي سوققان ئىدىم. 40 يىلدەك ئۆتۈپمۇ ئات مىنىشنى ئۇنتۇپ قالمامتىم! بۈگۈن ئوغلۇم ئات مىنىپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى!

سەمىيمىلىك ۋە يۇمۇرغا تولغان گۈزەل سۆزلەر ،بەدىۋىي  پاساھەتتىن مۇستەسسىنا پاساھەتكەن بۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:21:12

تاشپولات ئاكىمىزنىڭ بۇ يازمىسىنى قەۋەتلا ياقتۇردۇم.{:112:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 17:31:14

ئەزھەرى قېرىندىشىمىزمۇشۇ دىنى زىيالىلارنىڭ ئىچىدە ئاددى،چۈشىنىشلىك،ئىخچام،نەق مەنىسىنى ئۇدۇل يازىدىكەن
باشقىلار ھەيۋەت،كاتتا قىلىپ سۆز ئويۇنى ئويناپ،گەپنى يۆگەپ پايتمىدەك ھەم ئۇزۇن ھەم سېسىق قىلىپ يازىدۇ،نىمە دىمەكچى بولغىنىنى بەش قېتىم ئوقۇساڭ بۇلۇت لەيلەپ يۈرگەنچىلىك ئارانلا غۇۋا ھېس قىلغىلى بولىدۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 17:49:41

قالتىسكىنا. ئوقۇش پۈتتۈرگىچە 30000 دوللار تۆلىسە، تۆت يىل ئوقۇدى دېسە 7500 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەندە.

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 18:55:08

بۇ تېمىنى شۇنداق ياخشى تاللاپسىز ...   كۆپ ئۇچۇر بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 20:23:29

ماڭا ئىچكىردىكى بىرەر خەنزۇچە ئۇگەنگۇدەك مەكتەپ تەۋسىيە قىلساڭلار !

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 20:53:57

بېيجىڭ ئ‍ونۋېرستىتى ياكى فۇدەن بوپ قالىدۇ ،

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 07:06:58

ھەجەپ گۈزەلكەن ئاۋۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ، غەرىپ تەرەققى قلغان بىلەن مۇھىت بۇلغانماپتۇ

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 10:14:45

تاشپولاتكا تۇققۇستارانىڭ تاغلىرىدا يۇرگەندەك بولوپ قالغانسىز ئات مىنگەندە .مەنزىسىمۇ ئوخشاپ كىتىدىكەن .

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 10:50:13

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 15:00 static/image/common/back.gif
سوغۇق بەك بولامدۇ نىمە؟  قويلارمۇ پاختىلىق چاپان كىيگە ...

قىشتا بەك سوق بولمايدۇ.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 10:54:47

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 17:31 static/image/common/back.gif
ئەزھەرى قېرىندىشىمىزمۇشۇ دىنى زىيالىلارنىڭ ئىچىدە ئا ...

تاققا-تۇققىما بۇ؟:lol

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:03:15

Nashtar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 15:05 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەن ئىزدىنىشقا كىيىنراق تىزىملىتىپ ...

مېنىڭ تەشەببۇسۇم مۇمكىن بولسا باكالاۋرلىقنى ۋەتەندە ئېلىپ كەلسىڭىز ياخشى. باكالاۋرلىقنى ۋەتەندە راۋۇرۇس ئوقۇڭ. ماگىستىرلىقنى ئامېرىكادا ئوقۇسىڭىز مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى باكالاۋرلىققا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:24:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 11:26  

Nashtar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 15:05 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەن ئىزدىنىشقا كىيىنراق تىزىملىتىپ ...

سىزنىڭمۇ تولۇق كۇرستا ئوقۇغىڭىز باركەندە؟
ياش بىر يەرگە بارغاندا ئەمدى تولۇق كۇرستا ئوقۇسام قانداق بولار دەپ مەن تېخى چوڭلار مائارىپىنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىدىغان مەخسۇس كۇرس دىپلوم ئالىدىغانغا تىزىملاتقانتىم، 2 يېرىم يىلدا ئاران ئەپ بولالايدىكەنمەن، ئاندىن يەنە تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاتسام بولىدىكەن. :dizzy:

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:25:05

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 10:54 static/image/common/back.gif
تاققا-تۇققىما بۇ؟

تاققا تۇققا ئەمەس
تاشپولات ئاكىمىزدەك ئاددى،چۈشىنىشلىك يازمامدۇ قەستەن مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يۈرگىچە ،ئوقۇغان ئادەم چۈشەنمەي قايمۇقۇپ قالىدىغان يازمىسىمۇ بولىدىغۇ.....
بەت: [1] 2
: تاشپولات: 57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم