irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 09:49:36

داۋېنچى ۋە مونالىزا





داۋېنچى ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سەنئەت پېشۋاسى، ئۇنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى ۋە تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى نەتىجىسى بىلەن 500 يىلدىن بۇيانقى «تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.
1513-يىلى داۋېنچىئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىن رىمغا كۆچۈپ كېلىپ، پاپالار ئۈچۈن رەسىم سىزغان، لېكىن ئەينى چاغدىكى رەسسام رافېللو بىلەن مايكىلانگىلو پاپالارنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەنىدى. ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پادىشاھى داۋېنچنى مۇھىم بىلگەچكە، ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ داۋېنچنى ئۇنى ئىتالىيەدىن فرانسىيىگە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ئامبويس ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاندىن داۋېنچنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مونالىزا» ناملىق ئەسىرىنى ياتاق ئۆيىگە ئېسىپ قويغان، كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى لۇۋرا ئوردىسىغا ئەكەتكەن. فرانسىيە 1952-يىلى داۋېنچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ داۋىنچى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سانى چەكلىك ئاتكېرتكا تارقاتقان. بۇ ئادەتتىكى ئاتكېرتكا بولماستىن بەلكى داۋانچىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى فرانسىسكو مېرتىزنىڭ سىزغان داۋېنچىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىدى. رەسىمدە 1515-يىلى داۋېنچى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى «مونالىزا» نى ئېلىپ، فرانسىيە شاھى ئەۋەتكەن مەپىگە ئولتۇرۇپ پارىژغا بارغان ۋە فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئۇنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى، لېكىن داۋېنچىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغاندىكى روھىي ئازاپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «مونالىزا» سۈرىتى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. ھازىرغا قەدەر «مونالىزا» ناملىق رەسىم ھەققىدە نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى توختىماستىن مۇلاھىزىلەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
رەسىمدىكىسى فرورىنسادىكى بىر بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋېنچى بانكىرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. داۋېنچى مۇنالىزا ناملىق رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ بۇ ئەسىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىر قانچە قېتىم رەسىمنىڭ ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار دەپ رەسىمنى ئېلىۋىلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
«مونالىزا» رەسىمى كېيىن پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىتىلغان، تۇنجى «مونالىزا» پوچتا ماركىسىنى گېرمانىيە 1952-يىلى تارقاتقان، كېيىن فرانسىيەمۇ تارقاتقان، ئەڭ غەلىتە بولغىنى ئىتالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ خىل پوچتا ماركىسىنى تارقىتىپ باقمىغان. «مونالىزا»پوچتا ماركىسى گۈزەل-سەنئەت تارىخىدىكى بىر ھەقىقىي تارىخنى ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا«مونالىزا» ئوغرىلانغان، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوغرى بۇ سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەن.
داۋېنچى ھەقىقەتەن تالانتلىق. لېكىن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، پەرزەنتلىرىمۇ يوق. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق قول يازما ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى مېرتىزغا قالدۇرغان، مېرتىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋەرۈكلىرىگە قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ، قول يازمىلارنى رەتلەش خىزمىتىنى مۇكەممەل ئاياغلاشتۇرۇپ ئۇستازىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان. داۋېنچى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا فرانسىيە پادىشاھى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن

hanjar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 10:48:17


توردىكى بىر پارچە رەسىم .

بۇ رەسىم توغۇرلۇق ئىشلەنگەن بىر كىنو مۇ بار.ھەم تورلاردا نۇرغۇن رىۋايەت ۋە ھېكايىلەر بار دەيدۇ.
يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە بۇ رەسىمگەئوخشىمىغان ۋاقىتتا قارىسا مونالىزانىڭ كۇلۇمسىرىشى ئوخشىمايدىكەن، يەنە بۇ رەسىمگە نۇرغۇن باشقا رەسىم يۇشۇرۇنغان دەپ قارايدىغانلارمۇ باركەن.
بۇ رەسىم توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويمامسىلەر ؟ بىزمۇ بىلىۋالايلى ، زادى نىمە سىر با بۇ رەسىمدە

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:07:46

داۋىنچىنىڭ مەخپىيتى دېگەن كىتاپتا بۇ رەسىمنى باشقىچە چۈشەندۈرىدىكەن، شۇ مەزمۇنلارنىمۇ ئورتاقلىشىپ باقساق

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 12:24:56

1.دىيىلىشچە بۇ ئايالنىڭ قىشى ۋە كىرپىكى يوقكەن، قارىساقمۇ يوق.

2. داۋىنچىنىڭ كودى دىگەن كىتابدا ئىيتىلىشچە ،بۇ رەسىم تولۇق سىمتىرىككەن، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

http://www.boldsky.com/img/2013/02/01-1359724641-monalisa9.jpg

ماسۇنلارغا ئوخشاپ قالمىغاندۇ؟{:92:}

3.داۋىنچىنىڭ ئۆزىمىش:


bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 13:01:57

بۇ رەسىمدىكىسى ئەسلى ئەركىشىمىش ،داۋىنچى ھەمجىنىس بولۇپ ،بۇرەسىمدىكىسى دەل داۋىنچىنىڭ بىرنىمىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ بەك كۆپ بۇ توغرىلىق مىش مىش پاراڭلار

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:29:57

قىزىق گەپلەر چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئورۇن ئەپ قويغاچ تۇراي...

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:54:33

بۇ رەسىمنى لۇۋىردا نەچچە كۆرۈپتىمەن دەپ پو ئىتۋالسام تىللىۋەتمەڭلار ھە {:101:}

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 19:01:24

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى2014-4-21 15:54 static/image/common/back.gif
بۇ رەسىمنى لۇۋىردا نەچچە كۆرۈپتىمەن دەپ پو ئىتۋالسام ت ...

قالتىس بوپتۇ . ئىتالىيەگە بارغاندا باشلاپ باراسىلەر :D

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 19:31:47

    مەن مونالىزا ناملىق بۇ داڭلىق ئەسەرنىڭ رەسىمىنى نەچچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ،ئامما ئۇنىڭ قېشىنىڭ يوقلىقىغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن،رەسىم ئوقۇتقۇچىمىز(تۇلۇق ئوتتۇرا) ئەسكەرتكەندىن كىيىن ئاندىن بىلگەن ئىدىم.
بىلمىدىم،داۋىنىچ نىمە ئۈچۈن مونالىزانىڭ قېشىنى سىزمىغاندىكىن؟

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 00:50:39

مەنمۇ لۇۋىردا بىر قېتىم كۆرۈپتىمەن راس :lol
2008 نىڭ ئاخىرىغۇ دەيمەن
بىر دەمدە 6 يىل بوپ قاپتۇ.....

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 03:32:25

tashadem يوللىغان ۋاقتى2014-4-21 19:01 static/image/common/back.gif
قالتىس بوپتۇ . ئىتالىيەگە بارغاندا باشلاپ باراسىلەر...

فىرانسىيەگىلا كىلىڭ، ئىتالىيەلىكلەر ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئەكەتمىسلا بۇ گۈزەل لۇۋىردىن باشقا ھىچ يەرگە قوزغالمايدىغان ئوخشايدۇ:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 08:14:57

قېشى يوق سەت خۇتۇن{:119:}

Basay2 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 11:43:48

راسىت گەپ چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ، ما تىمىدا؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 12:22:11

قالغان تېمىلاردا يالغان گەپ بولۇۋاتامتى.

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 12:32:09

توۋا.....:o:o:o
راست قېشى يوق چوكانكىنا بۇ؟ ئەمدى بايقىدىم دېسە بۇنى....{:87:}

ئەمدى قارىسام دەششەت سەت كۆرۈنۈۋاتىدۇ ما خوتۇن كۆزۈمگە، قاش قاپاقنىڭ ئادەمنىڭ زىننىتى ئىكەنلىكىنى بۈگۈن قايتا باشتىن ھېس قىلدىم جۇمۇ...:lol:funk:{:92:}

tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:28:56

500 يىلنىڭ ياقى رەسىمنىڭ سۈپىتىدە ھېچ ئۆزگۈرۈش بولمىغانمىدۇ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 13:39:19

مونالىزا كۇلۈمسىرەپ تۇرۇۋاتامدۇ :lol

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:41:22

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 14:42:44

بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يەنە بىر تىمساقنىڭمۇ رەسىمى باركەن.

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:09:03

ئوڭ تەرەپتىن قارىسىڭىزمۇ سىزگە قاراپ تۇرغاندەك، سول تەرەپتىن قارىسىڭىزمۇ يەنىلا سىزگە قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىدىكەن. ئىشەنمىسەڭلار شۇنداق قاراپ بېقىڭلار. ئاندىن بۇ رەسىمدىكى قىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىبۇ رەسىمنىڭ سىرلىق بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.
بەت: [1]
: داۋېنچى ۋە مونالىزا