bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 07:56:40

(bilgejan) تەبئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 09:35  

تەبىئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



تۇغۇت - ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخىكىسىىمۇ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىدۇ؛ بالىغا نىسبەتەن تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشى ياكى قالالماسلىقى، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئەھۋالدىمۇ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدىكى بىر ئۆمۈر ساغلاملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغانىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە دوختۇر-سىستىرالار يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىپ، ئاللاھ مەرھەممىتى بىلەن پەقەت بىردىنبىر ئۆزىگە خاس بىر ئىنسان سۈپتىدە دۇنيا ئىنسانلىرىغا قوشۇلىشىدەك بۇ مۇھىم ئىشقا ئالاھىدە تەييارلىقتا تۇرۇشى ۋە تۇغۇت جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىشى بىر زۆرۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمەشۇناسلىق ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئاتا بەدىنىدىن كەلگەن ئىسپرما ھۈجەيرىسىنىڭ ئانا بەدىنىدىكى (ياكى تەن سىرتىدا) تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىر يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ بۇ مۆجىزىلەرگە تولغان كۆپيىىشتىن ئىبارەت بىئولوگىيلىك ھادىسە جانلىقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى خۇسۇسىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنلارنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى بىر ھاياتلىق دېگەن قاراشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم گەرچە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر كىچىك ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، بۇ ھۈجەيرە بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە ھۈجەيرە، ئۇ توختىماي بۆلۈنۈپ باشقا ھېچقانداق ھۈجەيرىدە يوق بىر رەۋىشتە تۆرەلمە، ئاندىن كىين بالا ھەمرىيى ۋە ھامىلىنى ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تۇغۇتتىن ئىبارەت ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بىر يېڭى جانلىقنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىغا يېتەرلىك بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلار ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە ھامىلە يېتىلىپ بىر ئاي، 40 كۈن ياكى 3 ئاي دېگەندەك ئوخشىمىغان ھامىلدارلىق مەزگىللىرىدە ئاندىن بىر ھەقىقىي جانلىق دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تېخى بۆلۈنۈپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمىنىمۇ ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا جانلىققا تەبىر بىرىدىغان بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنسانلار جەمئىيتىدە شۇنداق مۆجىزىلەر بىلەن تولغان بىر ھاياتلىق ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى زورلاپ چۈشۈرۋىتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى دەسلەپكى تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئانا بالىياتقۇسىغا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى گېنتىكىلىق، ھورمۇنلۇق، پاتولوگىيىلىك بىنورماللىقلار ۋە ياكى تەبئىي ھادىسىلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئامېرىكىدا تەخمىنەن 10-20% تۇغۇت بالىنىڭ تەبئىي چۈشۈپ كېتىشى بويىچە ئاخىرلىشىدۇ. مۇشۇنداق خەتەرلەردىن ئامان قېلىپ تۇغۇت باسقۇچىغا يېتىپ بارالايدىغان بالىلار ئامېرىكىدا ئومۇمىي تۇغۇتنىڭ 60% نى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بۇ ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى كۆپ مۇنازىرىسىز ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى پەرەز قىلالايدۇ. دېمەك، تۇغۇلۇش نېسىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان تەلەيلىك ھامىلىلەرنىڭ ساق سالامەت تۇغۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ھەر قانداق ساغلاملىق مەسلىلىرىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئاممىباپ يازمامدا ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىننىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولغان تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدىكى باشقا بارلىق ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، پەقەت ۋە پەقەت تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى بىر قىسىم بىلىملىرىم ۋە كۆز-قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار دوختۇرخانىلاردا تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ئانىلارنىڭ تۇغۇت شەكلىنى تاللاشتىكى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ياكى دوختۇرلارنىڭ ئانىلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان تۇغۇت ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئۇنداق بولسا، بىز بۇ يەردە دوختورخانىلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇغۇت شەكلىنى تاللاشتىكى (ئۆز ئىختىيارلىقىڭىزدا دەپ پەرەز قىلىنغاندا) بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. (مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، ھېچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن پايدىلانمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچۇرلارغا پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش پىكىرى سۈپىتىدە مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن).

تۇغۇت ئۇسۇلىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزى تۇغۇش ياكى ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۆزى تۇغۇشنى ئۆز ئىچىدىن يەنە تەبئىي تۇغۇش، ناركوز دورىسى ئىشىلىتىپ تۇغۇش دېگەن ئىككى مۇھىم تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. ئامېرىكىدا ئادەتتە مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئانىنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت بالىنىڭ تۇغۇت جەريانىدا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىش ئېھتىمالى چوڭ بولغاندا ياكى ھامىلدارلىق جەريانىدىكى مەلۇم كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ بەدىنى تەبئىي تۇغۇشقا شارائىتى يار بەرمىسە، ئانىدىن بالىغا مەلۇم كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغاندا... دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئوپراتسىيە ئۇسۇلى تېخمۇ ماس كېلىدىغان ئۇسۇل سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتىكى يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوپراتسىيە قىلىنغان بولسا، شۇ قېتىملىق تۇغۇتتىمۇ ئانىنىڭ ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار دەسلەپ ئۆزى تۇغۇشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇغۇت جەريانىدىكى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان قېينچىلىقلار تۈپەيلى تۇغۇت باشلىنىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدىغان ئەھۋلمۇ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا قايسى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن قانداق بىۋاستە باغلىنىشلىقى بار؟ تۇغۇت تەتقىقاتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال نورمال تۇغۇت جەريانىنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ زادى قانداق جەريانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۆزى تۇغىدىغان ۋە پۈتۈنلەي تەبئىي تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللىغان ئانىلارنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمەن.

نورمال تۇغۇت مەزگىلى 38 ھەپتىدىن 42 ھەپتىگىچە بولۇپ، ئەگەر بالا 38 ھەپتىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالسا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ بىر قاتار سەلىبىي تەسىرلىرى بولىدۇ (بۇ نۇقتىدا ئايرىم تېما يېزىپ توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ)؛ ئەگەر 42 ھەپتىگىچىمۇ ھەقىقىي تولغاق كەلمىسە، ئۇ ھالدا بۇ كەينىگە سوزۇلغان تۇغۇت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىندۇكسىيىلەش (دورا ئارقىلىق تولغاق كەلتۈرۈش ئۇسۇلى) ئارقىلىق بالىنىڭ تۇغۇلۇشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئادەتتە كۆپ زېيىنى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئانىلار ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ئايلىقى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىلىدىغان بولۇپ، دەماللىققا قايسى كۈنى قورساقتا قالغانلىقىنى بەلگىلەش مۇمكىن بولمىغاچقا، تۇغۇت دوختۇرلىرى ئانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتملىق ئايلىق كۆرگەن كۈنىنى تۇغۇتنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بالا بۇ كۈندىن ئاز دېگەندە 2 ھەپتە كېيىن قورساقتا قالىدۇ چۈنكى ئاياللارنىڭ تۇخۇمى ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلى كۆپىنچە ئايلىقتىن ساقىيىپ بىر ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپىيىش بىئولوگىيە ئالىملىرى ناھايتى كۆپ تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئورتاق قاراشقا كەلگەن بولۇپ، بالىنىڭ قاچان تۇغۇلۇشى بالا مېڭىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن سېگناللارنىڭ ئانا فىزىئولوگىيسىگە تەسىر قىلىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى ئىنسانلاردا ئىشلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ قوي، مايمۇن قاتارلىق ھامىلدارلىق جەريانى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ ھايۋانلاردىن بىلىنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئېتراپ قىلىنغان. بۇنى بىر ئاز تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم، ھامىلدارلىقنىڭ فىزىئولوگىيلىك جەريانىنى ھورمۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەسئۇلى دېيىش تامامەن توغرا بولۇپ، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېزىك تارتىشى ۋە قورسىقىنىڭ بىئارام بولۇپ كۆڭلى ئىلىشىشى دەسلەپ ھامىلدارلىقنىڭ نورمال ساقلىنىپ (چۈشۈپ كەتمەي) مېڭىشىدا ئەڭ مۇھىم رولى ئوينايدىغان ئانىلىق ھورمۇن پىروگىستېرون ۋە ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئوتتۇرا مەزگىلدە ھامىلدارلىقنىڭ بىر قەدەر راھەت داۋملىشىشى، پىروگىستېرون مىقدارىنىڭ ئاللىقاچان مەلۇم تۇراقلىق مىقدارغا يېتىپ، ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بولغان. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بولسا، ئانىلاردىكى بىئارام بولۇش ۋە براكىستون-ھىكىس تولغىقى (يالغان تولغاق) دەپ ئاتىلىدىغان تولغاقنىڭ يۈز بېرىشى دەل تۆرەلمە مېڭىسى ھىپوسالامۇس قىسمىنىڭ فۇنكىسيىسىنى جارى قىلدۇرغىدەك پىشىپ يېتىلىپ كۆپ مىقداردا روھىي بېسىم ھورمۇنى كورتىزولنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئانا قېنىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئانا تېنىنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. قىسقارتىپ ئيېتسام، دەل ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە مېڭىسى ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى سېزىشكە ياردەم بېرىدىغان ھىپوسالامۇس دەپ ئاتالغان پۈتۈن بەدەندىكى بىردىنبر ھەم نېرۋا ھۈجەيرىلىك ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۈجەيرىلىك خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان مېڭە رايونىنىڭ (ئورنى: بۇرۇننىڭ تۆشۈكىدىن قولىنى ئۇدۇلغا تىقسا سۆڭەكلەر يوق ئەھۋالدا قولنىڭ ئۇچى ھىپوسالامۇسقا بېرىپ توختايدۇ، دېمەك مېڭىنىڭ ئىچكى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كىلىدۇ) قوزغىلىشى بىلەن قوماندان ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھامىلە بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ زور مىقداردا كورتىزول ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نەق يۇقىرى مىقداردىكى كورتىزول ھامىلەنىڭ ھېچقانداق فۇنكىسىيە ئۆتىمەيدىغان ئۆپكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قانداق دېگەندە، كورتىزول ئۆپكىدىن سىرفاكتىنىت دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىللىق ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى غىدىقلايدۇ ۋە مۇشۇ ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە ئۆپكە ھۈجەيرىلىرى ئاخىرقى يېتىلىش باسقۇچىنى تاماملاپ فۇنكىسىيەگە ئىگە، پىشىپ يېتىلگەن ئۆپكىگە ئايلىنالايدۇ. كورتىزولنىڭ باشقا بارلىق ئەزالاردىمۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئاستىلىتىپ فۇنكىسيەلىك ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان تەجىرىبخانىدىكى پىروفىسورۇم بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ كورتىزول ھامىلىنىڭ ئەزا-ئورگانلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا تېنىگە قان ئارقىلىق ئۆتۈپ ئانا بەدىنىدىكى پىروگېستىروننى ئېستىروگېنغا ئايلاندۇرغان ئېنزىملارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە ئېستىروگېننىڭ مىقدارى ئېشىپ پىروگېستېروننىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن ھالەتكە كەلگەندە بالياتقۇ تېمىدا تولغاق باشلىنىدۇ. تولغاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېستروگېن مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىر تەرەپتىن ئانا بەدىنىدىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن ئېستىروگېننىڭ زور بىر بۆلۈكى ھامىلە ھەمرىيىدىن كەلگەن. ئېستىروگېن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالياتقۇ تېمى دىۋارىدا PGF2a  دەپ ئاتىلىدىغان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى خېمىيلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ-دە تولغاققا لازىم بولىدىغان قاننىڭ تېخىمۇ راۋان بالياتقۇغا يىغىلىشى (ئەمەليەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بەدىنىدىكى قاننىڭ 60% ئاللىقاچان بالياتقۇغا يىغىلغان بولىدۇ) ۋە تولغاقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ باش سۈيى يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھامىلە بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىدىكى ناھايتىي خېلىۋەت ۋە كاتتا بىر قەسىردە ياشايدىغان بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىنىڭ ئەمەلىيەتتە 70% تەك ھەجىمى سۇ بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئۈچ قەۋىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئىچكىرى قەۋىتى بولغان ئامنىيوندا بالا ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان ھالاتتە ياشايدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغۇلغاندا سۇدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ كەتكەن ئەتتەك رەڭگى ناھايىتى سىدام بولىدۇ) ۋە دەل مۇشۇ ئامنىيون  قەۋىتىنىڭ تولغاق باشلانغاندا يېرىلىشى بىلەن ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ھامىلە يولىدىن سىرتقا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسىنى بالنىڭ باش سۈيى يېرىلىش دەيمىز. باش سۈيى يېرىلىشنىڭ ئەھمىيتى زور بولۇپ، بۇ سۇيۇقلۇق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتكەندىن كىينلا تولغان ھەقىقىي تۇردە بالىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ بالىنىڭ بالياتقۇ تېشىغا يۆتكلىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئاستا-ئاستا كۈچىيىشكە باشلىغاندىن كىيىن ھامىلە بېشى توختىماي بالياتقۇنىڭ تېشىدىكى ھامىلدارلىق يولىغا تېگىپ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە رىلەكسىن دەپ ئاتىلىدىغان قاتتىق مۇسكۇللارنى بوشىتىش رولىغا ئىگە ماددىلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھامىلە يولىنىڭ بالياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىغا جايلاشقان دوختۇرلار مانچە سانتىمېتىر ئېچىلىپتۇ دەيدىغان قىسمىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بالياتقۇ تېمىدىكى موسكۇللارنىڭ توختىماي قىسقىرىىشى نەتىجىسىدە تولغاقنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئانا مېڭىسى بۇنى سېزىپ ناھايىتى ئالاھىدە رولغا ئىگە بولغان، «مۇھەببەت ھورمۇنى» دەپ ئاتالغان ئوكسىتوسېن دەپ ئاتىلىدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ھورمۇن دۇنيادىكى ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇل قىسقارتىش رولىغا ئىگە خېمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئوكسىتوسېننىڭ قويۇپ بېرىلىشى تولغاقنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئازاپلىق تولغاق باشلىنىدۇ ۋە بۇ چاغدىكى مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى دەرىجىسى باشقا ھەر قانداق ئەھۋلدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ تارتىشىپ قالىدىغان كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان مۇسكۇل قىسقىرىشىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنى پەقەت مۇشۇ جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئانىلارلا بىلەلەيدۇ (ئانىلارنىڭ ئاتىلاردىنمۇ ئۇلۇغ بولۇشى بەلكىم مۇشۇ يەردىن باشلانسا كېرەك). شۇ قەدەر ماسلاشقان ۋە بىر-بىرىگە ئۇلاشقان ھادىسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە جىپسىلىشىپ ناھايىتى سىستىمىلىق ھالدا ھورمۇنلارنىڭ قاتتىق ۋاقىت بويىچە كونتىرول قىلىشى ئاستىدا بوۋاقنىڭ ئاخىرى ساق-سالامەت تۇغۇلۇشى ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ جەرياندىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ھادىسە بولسا بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن سۈت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى بولۇپ، بۇمۇ تۇغۇتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىلارنىڭ ئەمچەك بېزى توختىماي يوغىنايدىغان بولۇپ، بۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى مەزگىلىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ چۈنكى دەل ئانىلىق ھورمۇن ئېستروگېننىڭ سۇ يىغىش ۋە ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمچەك بېزىنىڭ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇغىنىسى، ئېستىروگېننىڭ يەنە بىر رولى سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشىنى چەكلەش بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالا ھەمرىيىمۇ تۇغۇلىدۇ (چۈشىدۇ) ۋە شۇنىڭ بىلەن ئېستىروگېننىڭ مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ، دە- بۇ خىل چەكلەش كۈچى رولىنى يوقىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەت ھورمۇنى ئوكىستوسېن مېڭىدىن پرولاكتىن دەپ ئاتىلىدىغان سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجىرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئانا بەدىنى سۈت ئاجىرىتىپ چىقىشقا نەق تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئادەتتە تېخى يەڭگىمىگەن ئايال (ياكى باشقا جانلىقلار) دىن سۈت ئاجىرىلىپ چىققىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئوكسىتوسېننىڭ يەنە بىر رولى ئانا مېڭىسىدىن بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت سېزىمىنى ئويغىتىدىغان بولۇپ، دەل شۇ سېزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئانا مەيلى قانچىلىك ھېرىپ كەتسۇن، ئومۇمەن تۇغۇپ بولغان مەزگىلدە كاللىسىدىكى بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى بوۋىقى بولۇپ ھەرقانداق ئىش ئانا دېققىتىنى بالىسىنى ئېمىتىشتىن بەكرەك تارتالمايدۇ ۋە شۇ مېنۇتتىن باشلاپ بىر ئايال ھەقىقىي ئانىغا ئايلىنىدۇ.

ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ئۆزى تۇغقان ئانىلار نورمال ئەھۋالدا يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيسىدىن تارتىپ روھىي ھالىتىگىچە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئانا بولۇشقا فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ھەقىقىي تەييار بولىدۇ. ئانىلار تۇغۇت جەريانىدا ناركوز قىلىشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا مۇشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ (ئۆزى سەزسۇن-سەزمىسۇن)، ئوپراتسىيە قىلغاندىكى تۇغۇت جەريانى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوپراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولغاندا بالا ۋە ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەشغۇلات بولسىمۇ، تۇغۇت جەريانىدا چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئوپراتسىيەدىن ساقلىنىش ئانا ۋە بالىنىڭ كىيىنكى ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم. ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندا ئانا بەدىنى يۇقاردىكى فىزىئولوگىيىلىك، ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسىسى ياكى بىر قىسىمىنى باشتىن كەچۈرمەيدىغان بولغانلىغى، يەنە كىلىپ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ناركوز ئوكۇلى ئىشىلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق زىيانلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوپراتسىيە قىلغان ئاياللاردىن سۈت كېچىكىپ چىقىدۇ ۋە سۈت چىقىشنىڭ سەل تەسكە توختايدىغانلىقى بايقالغان. نورمال ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوكسىتوسېن ۋە پرولاكتىنلار ئوپراتسىيە جەريانىدا ئانا بەدىنىدىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن سەل تۆۋەنرەك مىقداردا قويۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتلەرگە مۇناسىپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپراتسىيە نىسبەتەن ئاسانراق تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ساقىيىشقا نورمال تۇغۇتتىن ئەسلىگە كىلىشكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ ۋە بىر قەدەر ئازاپلىق بولىدۇ. ئانا دەماللىققا بالىنى ئىمىتىشكە ئىمكانىيتى بولماي قىلىپ، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئانا سۈتىدە ئەمەس پاراشوكتا بېقىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن دەسلەپكى 4 ئايدا ئانا سۈتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە بىردىبىر يېمەكلىك بولۇشى كېرەكلىكى سانسىزلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئىسپاتلانغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەخسەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تۇغۇش يولىنى تاللىشىنى، پەقەت زۆرۈر تېپىلغان شارائىت ئاستىدا ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىشنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاخىرىدا ھەر بىر ھامىلدار ئانىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىنىڭ كۆيۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئازادىچىلىك ئىچىدە ئەڭ ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىشقا شارائىتىغا ئېرشىپ ئۆتۈشىنى، شۇ ئارقىلىق ھامىلىگە روھىي ۋە ئوزۇقلۇق بېسىمىدىن خالىي ياخشى بىر ئازادە بالياتقۇ مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇشىنى، شۇنداقلا تۇغۇت ئۇسۇلىنى ئىلمىي تاللاش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

بارچە ئانىلار ۋە كىلەچەكنىڭ ئانىلىرىغا ئەڭ ئالىي ھۆرمەت سالىمىمنى يوللاپ،

  بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)

2014-يىلى ئۈمىد ئېيىنىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى ئىلىپ ئاندىن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 08:34:13

دادا بولۇش .الدىدا تۇرغان مەن .ۈچۈن ياخشى يازما بولدى

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 08:34:17

دادا بولۇش .الدىدا تۇرغان مەن .ۈچۈن ياخشى يازما بولدى

emetbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 08:38:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىگەي ، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز . ھارماڭ !
تۇغۇت ئىنىسانىيەتكە ئورتاق بىر چوڭ مەسلە ، بۇلۇپمۇ سەھىيە ئىشلىرى تۆۋەن باسقۇچتا تۇرۋاتقان ، پۇل ئۈچۈنلا(ئوپىراتسىيە ھەققىنى ئۈندۈرۋېلىش)  نورمال تۇغۇتنىمۇ ۋاي تۇغۇتۇڭ قىيىنكەنەي ، ئۇ ، بۇ دەپ مەجبۇرى ئوپىراتسىيە قىلىۋاتقان دوختۇرخانلار مەۋجۇت بولۇۋاتقان دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر مەسلە .
يەنە بىر قىسىم قىز ئاياللىرىمىز تۇغۇت ئازابىنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلالماي ئوپىراتىسيە ئۇسۇلىنى تاللىماقتا . مىنڭىچە بۇ تېمىڭىز مۇشۇ مەسىللەرگە ئىنتايىن توغرا بىر ئۇچۇر بولۇپتۇ .
داۋاملىق مۇشۇنداق مۇھىم مەسىللەرنى يوللاپ تۇرغايسىز !

beliver يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 08:58:10

بىزنىڭ ئۆيدىكلەرمۇ بىر ھەپتە تولغاق يەپ (مەنمۇ تەڭ ئازاپلىنىپ)ئۆزى تۇغۇشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ ئاخىرى 9 بارماق ئېچىلىپتۇ دېگەن چاغدا بالا تەتۇر كەن دەپ ئوپىراتسىيە قىلىۋەتتى تەتەي.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 10:44:04

ئۆزى تۇغۇشقا ئىمكانىيەت بولسا ئۆزى تۇغسا تېخى ياخشى، بىراق ئىمكانىيەت بولمىسىمۇ ئۆزى تۇغۇمەن دەپ تۇرۇۋالماسلىق كېرەكمىكىن، بولۇپمۇ دوختۇرلار ئاسان تۇغۇت ۋە ئوپىراتىسىيەگە ئۆگىنىپ كەتكەندە، قىيىن تۇغۇت تېخنىكىسى تاڭ جۇمۇ
خۇدايىم بارلىق ئانىلارغا ئاسانلىق بەرگەي

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 10:58:50

تۇنجى بالام تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا ، باش سۇيى يېرىلىپ كەتتى ، دوختۇرغا ئاپارساق ئوپراتسىيە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى ...
ئاساسلىقى نۇرمال تۇغۇت بولسا چىقىم 1500 يۇەن ئاشسا بولمايمىش ، ئوپراتسىيە قىلىنسا 3500 دىن ئاشمايمىش ،
ئاق مۇشۇك ، قارا مۇشۇك . چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك   سىياسىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، دوختۇرخانىلار  ئامال بار  ئىقتىسادي ئۇنۇمى يۇقرارق دورا ، تەكشۇرۇش ، داۋالاشلارنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر .

قاچان ئامرىكا جاھانگىرلىكىدەك داۋالىنىش شارائىتىغا ئېگە بولارمىز ، داۋالاشنى ئىسلاھات قىلىمىز دەپ تولا تەجىرىبە قىلىپ ، بارغانسىرى قاملاشمىغىلى تۇردى .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 10:59:27

تۇغۇت ئوپىراتسىيەسىنىڭ ئەڭ پايدىلىق بىر يېرى، بالا مەن قانداق پەيدا بولدۇم دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىشمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئاپىسىنىڭ قوسىغىدىكى پىچاق ئىزىنى بالىغا كۆرسىتىپ سېنى ئاپاڭنىڭ قوسىغىنى دوختۇرلار كېسىپ چىقىرۋالغان دەپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.:lol:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:06:08

بىر مەسلەھەت سوراي
بۇرۇن تۇغۇپ باقمىغان قىرىق ياشلىق ئاياللار ئۆزى تۇغالامدۇ ؟
تۇنجى تۇغۇت ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، توت يىلدىن كىيىن ئىككىنچى تۇغۇتنىڭ ئۆزى تۇغۇشقا ئىمكانىيەت بارمۇ ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:07:09

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 10:59 static/image/common/back.gif
تۇغۇت ئوپىراتسىيەسىنىڭ ئەڭ پايدىلىق بىر يېرى، بالا مە ...

بۇ قىززىق گەپكەن. ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە دەرىسىدە بالىنىڭ قانداق تۇغۇلىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش لازىم. كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن قورسىقىمدىن چىققان دەپ قويسىلا بولامدىكىن... :D

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:14:34

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:06 static/image/common/back.gif
بىر مەسلەھەت سوراي
بۇرۇن تۇغۇپ باقمىغان قىرىق ياشلىق  ...

ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا كىشىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئاۋۋال دوختۇرنىڭ نازارىتى ئاستىدا، باشقا بىنورمال ئەھۋاللار يوق بولسا ئۆزى تۇغۇشنى سىناپ، ئەگەر تەسكە قېلىش ئېھتىمالى بولسا ئاندىن ئوپراتسىيە ئورۇنلاشتۇرسا بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:16:46

ياخشى تېما.
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن دەپ كۆچۈرەي دەۋاتىمەن بىلگەجان، ئىجازەتمىكىن...

hey-hey يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:16:48

بارىكاللاھ، قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن. پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالە ئىكەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:56:29

بىلگەجان ئاكا قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىگەي!
مۇشۇ يازغان تىما ،ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ ساقلاپ كىلىۋاتقانسىزھە؟دېمەكچى يازغىنىڭىز مەيلى تىما،ئىنكاس بولسۇن
شۇنداق راۋان ،ئىلمىيلىكى يۇقۇرى،كىيىن يۇرتقا كەلگەندە ژورناللاردا ئېلان قىلىشقا پايدىسى بۇلاتتى.
پاتولوگىيىلىك دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
سىزنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقىنىڭىز مۇشۇ تىمىدىكى ئىشلارغا بەك يېقىنكەن،لىكىن سىز دوختۇرلۇقتا ئوقۇمىغان،قىزىققىنىم بىر بىئولوگىيە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ساغلاملىق،دوختۇرلۇققا يېقىن بىر ئىشلارنىمۇ تەتقىقات قىلىشى.دېمەكچى جۇڭگۇدا بەلكىم سىز ئوقۇغان كەسەپتە بۇنداق ئىشلار بۇلۇنماسلىقى مۇمكىن.
_________________________________________
بولسا مۇشۇ ئۆزى تۇغۇشنى قانداق قىلغاندا ئاياللارغا چۈشەندۈرۈپ رازى قىلغىلى بۇلىدۇ؟ئوپىراتسىيە
قىلسا قانداق پايدىسىز ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى نېمە مىساللارنى ئالساق بۇلار؟
مەسلەن ئاياللار قانچە مەزگىلدىن كىيىن ئىش قىلماسلىقى كېرەك؟يېزىلاردا ئېتىز ئىشلىرىنى تۇغۇتلۇق
ئاياللارمۇ تەڭ قىلىدىغان ئىشلار بار.
بۇرۇن ئىىنك ئانىسى دەپ مەخسۇس ئاياللار بارئىكەن ،ئەمما ئۇلار زادى ھېچقانداق ئۈسكىنىنىڭ ياردىمىدە زادى
قانداق بالا تۇغدۇرالايدىغاندۇ؟

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 13:57:43

ھارمىغايسىز !

bahram710 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:53:04

ھازىر ھۈكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا توغۇتلۇق ئاياللار كىرىپلا قالسا ،دوختۇر يولداشلار تاس قالىدىكەن ئۈزى تۇغالايدىغانلارنىمۇ قېتىپ ئوپراتسىيە قىلغىلى...
شۇنىڭ بىلەن  ھېلىقى ئوپراتسىيە قىلىنغان بىچارىلەر كىيىنكى توغۇتلىرىدىمۇ يەنە ئوپراتسىيە قىلىنۋاتقان....

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:59:28

ئىمكانىيەت يار بەرسىغۇ تونۇش دوختۇر ئىزدىسە بولىدۇ ، بولمىسا تۇغۇت دوختۇرلىنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق بولۇپ قالدى

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:14:46

بالىنىڭ بېشى زىيادە چوڭ بولغانلىقتىن تۇغۇتتا قىينىلىپ قازا قىپ كەتكەن ئانىلار بولغانكەن. مېنىڭ بالامنىڭ 9 يېرىم سانتە بولغاندا، ئوپېراتسىيە قىلدى. مۇنبەردە ئۆتكەندىمۇ بۇ توغرىلىق بىر تېما بولغان. قارىسا دوختۇرخانىلاردىن ئاغرىنىش خاھىشى كۈچلۈكرەككەن «ئاران تۇرىدۇ جىق پۇل ئۈندۈرۈۋالىدىغانغا»دەپ. مەن دوختۇرخانا «ئوپېراتسىيە قىلىمىز،بولمىسا خوتۇنۇڭ ئۆلىدۇ»دەپ تۇرىسمۇ «ئۆزى تۇغىدۇ»دەپ تۇرۇۋالغان ئەرنى بالام تۇغۇلغان دوختۇرخانىدا كۆرگەن.نەتىجىدە ئۆزى تۇغىدۇ دەپ ئەكىرىپ كېتىپ تۆت كېچە كۈندۈز قىينىلىپ بالىسى ئۆلۈك تۇغۇلغانىدى. كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەن...ھازىر ئويلىساممۇ ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ.
بەلكىم ئۇنداق ئەرلەر ئىزدىشتا يوقتۇ.
ھەر كىشىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە نەزەر دائىرىسى ئوخشىمايدۇ.
قىمارنى سۆكىمىز دەپ 90 مىنۇتلۇق بىر كىنو ئىشلەپ 80 مىنۇتتا قىمار ئوينىغان كۆرۈنۈشنى ئېلىپ،10 مىنۇتتا ئۇنىڭ ۋەيران بولغىنىنى ئالسىڭىز،70% ئادەم ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشنى ئەمەس قىمار ئويناشنى ئۆگىنىشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ سۆزى بولمىسىلا، ھەر قانداق توغرا دەپ قارىلىدىغان گەپنى پەيتنى تېپىپ سۆزلەش كېرەك.تۇرسۇنجان باشقىچە چۈشنىپ قالماڭ.
دېمەكچى بولغىنىم،ئوپېراتسىيەنى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى دەپ چۈشىنىش كېرەك دېمەكچىمەن. ئىككى ئۈچ مىڭ كوي ھەر قانچە جىق پۇل بولسىمۇ،خوتۇن بالىنىڭ ھاياتىدىنمۇ قىممەتمۇ...

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:17:23

ئوېراتسىيەدە تۇغقان ئايال ئىككى يىلغىچە قورساق كۆتۈرسە بولمايدۇ دەيدىكەن،تىككەن يەر يېرىلىپ كېتىدۇ دەپ،
قانچە ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن قورساق كۆتۈرسە بولىدۇ؟ ئىككىنچى قېتىممۇ ئوخشاش ئوپېراتسيە قىلىشقا توغرا كېلەمدۇ ؟
مۇشۇلارنى سورىۋالاي تۇرسۇنجان.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:39:31

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 16:14 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ بېشى زىيادە چوڭ بولغانلىقتىن تۇغۇتتا قىينىلىپ ...

سىز سەل ئارتۇقچە ئويلاپ قاپسىز ،مەنچە بۇ يەردە ھىچكىممۇ ئوپراتسىيە قىلماسلىق كىرەك دىمەيدۇ ، ئەمما دوختۇرخانىلاردا پۇلنى ئويلاشقا يانداشقان ئاساستا مەسئۇلىيەت بىخەتەرلىكىنى ئويلۇشۇپ ئوپراتسىيەگە زورلاش خاھىشى بارلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ،يەنى ئوپراتسىيە قىلغاندا ئالدىن تەييارلىقنى ياخشى قىلغاچقا دوختۇرلار ئەنسىرگۈدەك ،جىددىلەشكۈدەك،مەسئۇلىيەتتىن قورققۇدەك ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئەمما تەبىئي تۇغۇتتا ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىگى ھەر ۋاقىت بولغاچقا ۋاختىدا توغرا تەدبىر قوللىنالماسلىق ياكى سىز دىگەندەك ئاڭقاۋ كىشىلەرنىڭ تەتۈرلىك قىلىشى سەۋەپلىك كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر چىقىپ قالىدىكەن شۇڭا بىمارنىڭ كىيىنكى سالامەتلىكى دوختۇرخانا بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا شۇ يولنى تاللاشنى بىخەتەر يول دەپ قارايدىغاندەك ھىس قىلدىم.
ئايالىم تۇنجى تۇغۇتىدا قىينىلىپ كەتكىنىگە مەن چىدىيالماي ئوپراتسىيە قىلدۇراي دىسەم ياخشى نىيەتلىك تۇغۇت دوختۇرى ھەدەم ئەنسىرمەڭ نورمال ئەھۋال، ئۆزى تۇغالايدۇ دەپ تەلىۋىمگە ئۇنىمىغان،ئايالىم  كىچىكمەيلا  تېچ-ئامان يەڭگىۋالغان ئىدى گەرچە بۇ ئىشقا يەتتە يىل بولغان بولسىمۇ مۇشۇ  چاققىچە دۇئا  بىلەن ئەسلەيمەن شۇ ھەدەمنى.
بەت: [1] 2 3 4
: (bilgejan) تەبئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟