boraoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 16:18:30

كۆلچەك

كۆلچەك
تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

بۇ كىچىك شەھەرنىڭ مەركىزىدە بىر كىتابخانا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بىر نېمە كىتابخانىسى دەپ يېزىلغان چوڭ خەتلەرنى دەرەخ شاخلىرى توسۇپ قالغان بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇزۇن يىللىق كىتابخانىنى تېپىشى ئۈچۈن ئۇ ۋىۋىسكىغا ھاجىتى چۈشمەيتى.
كىتابخانا يېڭىدىن بېزىلىپ راۋۇرۇس زامانىيۋىلىشىپ قالغان بولۇپ ئىچى يورۇق ۋە ئازادە، كىتابلار ۋە پايدىلىنىش ماترىياللىرىمۇ كۆپ ئىدى. لېكىن يېقىندا بىر مەسىلە يۈز بەردى. كىتابخانىنىڭ بوسۇغىسىدىكى چوڭ مەرمەرگە بىر كىچىك كۆلچەك پەيدا بولۇپ قالدى. دەسلەپتە ھېچكىم دېققەت قىلمىغان بولسىمۇ ھازىر خېلى كۆزگە چېلىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆلچەكتە شەھەردىكى ھەممە كىشىنىڭ ئەمگىكى بارلىقىغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايتى. چۈنكى ئۇ كۆلچەك كىشىلەرنىڭ تۈكرىكىدىن شەكىللەنگەن تۈكرۈك كۆلچىكى ئىدى.
دەسلەپتە مەنمۇ دېققەت قىلماپتىمەن. بىرىنچى قېتىم دىققەت قىلغىنىم مۇشۇ شەنبە كۈنى ئىدى. ئۇ كۈنى مەن كىتابخانىنى بىر ھازا ئايلىنىپ ھېچبىر كىتابنى ئوقۇش خۇش ياقماي سىرتقا چىقماق بولۇپ ئەينەك ئىشكنى ئېچىپلا بوسۇغىدىكى كۆلچەكنى كۆرۈپ يېرگىنىپ كەتتىم. ئىختىيارىسىزلا تۈكرىكىمنى يىغىپ ئۈستىگە شالاققىدە بىر تۈكرۈپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئاندىن ئالدىدىكى دەرەخ تۈۋىگە بېرىپ بىر دەم تۇرۇپ قالدىم.  قىزىق يېرى مەندىن كېيىن چىققان ھەربىر ئادەممۇ ئۇ كۆلچەككە بىرنى تۈكرىۋىتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىر كىچىك بالىمۇ كۆلچەكنىڭ يېنىغا بېرىپ تۈكرىكلىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يىغىۋالغاندىن كېيىن ئېغىزىلىرىنى لىق تولدۇرۇپ بىراقلا تۈكۈردى ۋە ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتى. ئانىسى بىر چەتتە تۇرۇپ بالىسىنىڭ ئىشىغا كۈلۈپ كەتتى.
- ئاپا، بۇ ياققا كېلە
- ئوھۇش بالام، كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈرمىسەڭچۇ
-ئاپا، بۇنىڭ ئىچىدە بېلىق بارمىدۇ؟
-ھاھا... ۋاي جېنىم بالام، مەكتەپتە سىلەرگە نېمە ئۆتەۋاتقاندۇ؟ بېلىق دېگەن سۇدا ياشايدۇ. تۈكرۈك دېگەن بىرخىل كىسلاتا ئۇنىڭدا ياشىغىلى بولمايدۇ. نېمە دېسەم بولار، كىتابخانا ئىچىدىكى بىر كىتابتا بار ئىدى، ساڭا ئوقۇپ بەرسەم بوپتىكەن ھە؟
- بولدى ئاپا، مەن چۈشەندىم - بالا شۇنداق دېگەچ يۈگرەپ كېلىپ ئانىسىنىڭ پېشىگە ئېسىلدى.ئۇلار بىر بىرىگە ئېسىلغىنىچە كېتىپ قېلىشتى.
كىتابخانىدىن چىقىۋاتقان باشقا كىشىلەرمۇ كۆلچەككە توختىماي تۈكرۈپ ئۆتۈپ كەتمەكتە ئىدى. تۈكرۈك كۆلچىكى بۈگۈن كۆرىنەرلىك چوڭىيىپ قالدى. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغۇم كەلمەي ئۆيگە ماڭدىم. قايتقاچ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا خىيال قىلىپ باقتىم. تۇيۇقسىز يىراقتا بىر نەرسىنىڭ كۈن نۇرىدا يالت - يۇلت قىلىپ پارقىراۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. سىنچىلاپ قاراپ شەھەرلىك چوڭ مەسچىت ئالدىدىمۇ بىر كۆلچەك پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 17:18:35

چۈشەنمىدىم.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 19:14:22

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 17:18 static/image/common/back.gif
چۈشەنمىدىم.

يائاللاھ، شەھلاخانىم سىز چۈشەنمىگەن بولسىڭىز بىز قانداق قىلارمىز ئەمدى.:dizzy: :o :L

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 19:14:59

چۈشەنمىدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:08:50

مەن راسلا چۈشەنمىدىم.:lol

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:23:01

شەھلا ئايلامغا ئەگەشتىم، چۈشەنمىدىم....

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:31:44

بىلىپ- بىلمەي ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى ئەشۇنداق خورلاۋاتقانلىقىمىز... چۈشۈنۈشلۈكقۇ، يەنە ئەشۇ «كۆلچەك» نى كىم قويۇپ قويغان، ھىچ قايسىمىزنىڭ خىيالىغا نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋېتىش كەلمىگەنلىكى ... قاتارلىق مەسىلىلەر ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلە.

najlida يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:31:46

بىلىپ- بىلمەي ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى ئەشۇنداق خورلاۋاتقانلىقىمىز... چۈشۈنۈشلۈكقۇ، يەنە ئەشۇ «كۆلچەك» نى كىم قويۇپ قويغان، ھىچ قايسىمىزنىڭ خىيالىغا نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋېتىش كەلمىگەنلىكى ... قاتارلىق مەسىلىلەر ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:45:39

مەن مەدەنىيىتىمىزنى ھەم ئېتىقادىمىزنى خورلۇدۇق دەپ قارىمايمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 21:51:53

قالايمىقان تۈكۈرمەڭ دەيدۇ …ئ‍اددىلا ئ‍ويلىدىمغۇ،

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 22:18:56

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 20:45 static/image/common/back.gif
مەن مەدەنىيىتىمىزنى ھەم ئېتىقادىمىزنى خورلۇدۇق دەپ قا ...

ئۇخلاپ قوپۇپلا يازغان ئىنكاس





               

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 22:25:10

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 22:18 static/image/common/back.gif
ئۇخلاپ قوپۇپلا يازغان ئىنكاس

مەن تېخى ئۇخلۇمۇدۇم، ئۈمۈدسىزلىك ياخشى ئىش ئەمەس دىدىم، خاتا دىگەن بولسام كەچۈرگەيلا!!!

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 22:55:47

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 22:25 static/image/common/back.gif
مەن تېخى ئۇخلۇمۇدۇم، ئۈمۈدسىزلىك ياخشى ئىش ئەمەس دىد ...

شەھلا چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.

xaytan731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 22:57:47

دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلىشنى بىلمىسەممۇ، يازغانلارنى بىر چۈشۈنۈپ ھەزىم قىلسام ياخشى بولاتتى!

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 23:04:28

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 17:18 static/image/common/back.gif
چۈشەنمىدىم.

ما يازمىنى ئوقۇپ تۈكۈرۈكنىڭ گىپى كۆپ بولغاچقا كۆڭلۈم ئىلىشىپ تۈكۈرگۈم كەپ كەتتى، لىكىن تۈكۈرەي دېسەم يېتىپ بوپتىمەن، ئوڭ سول ئالدى كەينى گىلەم...

ئامال يوق تۈكۈرۈكۈمنى يۈتۈۋەتتىم
:curse:

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 23:06:57

ھەممەيلەن بىرەر ئىغىزدىن تۈكۈرەيلى، يازغۇچىنىڭ مۇرادى ھاسىل بولسۇن.

مەسچىتدىكى «ئىزدىنىشلىقلار»، كىتابخانىدىكى «ئىزدىنىشلىقلار» بىرلىشىپ كۆلچەك ھاسىل قىلايلى تۈكۈرۈپ...

:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 08:07:37

meyxor يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 22:55 static/image/common/back.gif
شەھلا چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.ياخشى نەتىجە چى ...

مەيخور بۇرادەر سىلىنىڭ ئىنكاسىڭلىدىكى چۈشەندۈرۈش بىھاجەت بولغان ئوبىيكت مەنمۇ

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 09:30:06

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 08:07 static/image/common/back.gif
مەيخور بۇرادەر سىلىنىڭ ئىنكاسىڭلىدىكى چۈشەندۈرۈش بى ...

ئارتۇق ئويلىماڭ قېرىندىشىم.مەلۇم بىر يازمىغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ چۈشىنىش چۈشەنمەسلىك ھوقۇقى بار.راست گەپنى قىلسام بۇ مۈجمەل يازمىنى مەنمۇ چۈشىنەلمىدىم.مۈجمەللىككە نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىۋالغانلار باشقىلارغا «سەنمۇ نىمىشقا مەندەك چۈشەنمەيسەن» دەپ تۇرۇۋالسا پىكىر ئۆكتەملىكى بولىدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:20:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 11:34  

ئاپتور بۇ مىكرو ھېكايىنى يېزىشتا كافكاچە ئۇسلۇپتا يېزىشقا تىرىشقان، كافكاچە ھېكايىلەردە ئالدى بىلەن ناھىيىتى چوڭقۇر بىر  ئىدىيە ئالدىن بەلگىلىنىۋېلىدۇ، ئاندىن ئەسەر پېرسۇناژلىرى ياكى ھالەت تەسۋىرلىرى بۇرمىلىنىپ ئەقلىيسىزلەشتۈرىلىدۇ. مەنچە مەزكۇر ھېكايىدە ئاپتورنىڭ يەتمەكچى بولغان سەنئەت ئىدىيىسىمۇ شۇنىڭغا يېقىن. بۇ جەھەتتىن ئاپتورنى مەن رىغبەتلەندۈرىمەن.
شۇغىنىسى، كافكاچە ھېكايىلەردە ئاساسى فوكۇس نۇقتىسى رېيال چىنلىقتىن بۇرمىلىنىپ ئەقلىيسىزلەشتۈرۈلسىمۇ، ئەمما ناھىيىتى چىن بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىگە قويىلىدۇ. يەنى ئاساسى فوكۇس نۇقتىسى ئەقلىيسىزلەشتۈرىلىدۇ، مەسەللەشتۈرىلىدۇ. لېكىن ئارقا كۆرۈنۈش يەنىلا خۇددى رېياللىقتىكى نەرسىلەر ئۆز ئەينى كۆرسىتىپ بېرىلگەندەك چىن تەسۋىرلىنىدۇ.
ئاپتور بۇ ھېكايىسىدە ئاساسى فوكۇس نۇقتىسى بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان. مەنچە بولغاندا، ناۋادا كافكا بۇ ھېكايىنى يازغان بولسا بەلكىم تۈكۈرۈكنى ئاساسى فوكۇس نۇقتىسى قىلىپ ئۇنى مەرمەر تاشتىن يىراق بولغان باشقا بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە ناھىيىتى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى مۈمكىن ئىدى. ئاساسىي فوكۇس نۇقتىسى بۇرمىلانغان بولسىمۇ ئەمما ئارقا كۆرۈنۈش بەكلا چىن ۋە ئەقلىي بولغان، ئىككى خىل ھالەت مۇۋاپىق دەرىجىدە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇش ھېكايىچىلىقتا ناھىيىتى زور ماھارەت كېتىدىغان ئىش.
بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ خىل ماھارەتنىڭ كەملىگى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغان. يەنى مەرمەر تاشتا تۈكۈرۈك سەۋەبىدىن بىر كۆلچەكنىڭ ھاسىل بولۇپ قېلىشى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەم ئاساسى فوكۇس نۇقتىسى ھەم ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان، لېكىن بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە بۇرمىلىنىش بىلەن چىنلىق ئامىلى ئۆزئارا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئايرىۋېتىلمىگەندە ئوقۇرمەنگە زورمۇ-زور قۇراشتۇرۇلغان بىر كۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە بېرەلمىگەن.
مەن  ئاپتورنىڭ مۇشۇ خىل ھېكايىچىلىقتا ئۆزىنى سىناپ كۆرگەنلىگىنى  ناھىيىتى قوللايمەن...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:30:25

چۇشەنمىدىم !!!!
بۇ سوز مودا بولسۇن ئەمدى . .
بەت: [1] 2
: كۆلچەك