history يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 09:58:25

ۋىلادىمىر پۇتىن



ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتەيتتى، ئانىسى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيتتى. 1975-يىلى لېنىنگراد دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىرقى سانكىت پېتېرسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ قانۇن پەنلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن پۇتىن، ئىقتىساد ساھەسى بويىچە ماگېستىرلىك دېسسىرتاتسىيەسى ياقلىدى. ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى–KGBدا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان پۇتىن، بىر مەزگىل گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى. گېرمانىيەدىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدا جاسۇس بولۇپ ئىشلەشنى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئارزۇ قىلغان ئىدىكى، بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىنى «پۇتىننىڭ رۇسىيەسى» دە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى چېغىمدىلا جاسۇس بولۇشنى خالايتتىم. رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىزنىڭ رايونىمىزدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئىستىكىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىزمەتچى خادىم ‹ئىشلىمەكچى بولغانلا ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقلىرىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرۈش كېرەكلىكى› نى ئېيتتى. مەن قايسى فاكۇلتېتنى پۈتتۈرۈشى كېرەك؟ دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ‹قانۇن، ئەمدى ئالدىڭمۇ جاۋابىڭنى› دەپ مېنى يېنىدىن چىقىرىۋەتتى. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى – KGBغا ئىشقا ئورۇنلاشقان چېغىمدا، 1930- يىللاردا ستالىن ئىجرا قىلغان كۈچ، بېسىم ئىشلىتىش ۋە سۈرگۈن قىلىش دېگەندەك سىياسەتلەردىن خەۋىرىم يوق ئىدى. جاسۇسلۇق فىلىملىرى ۋە رومانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىدىم.»

1990- يىلى لېنىنگراد شەھەرلىك كېڭىشىدە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن پۇتىن، 1991 ۋە 1992- يىللىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن 1996-يىلىغىچە ست.پتېرسبۇرگ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنسەپلىرىنى تۇتقاندىن كېيىن 1996-يىلى كرېملىن سارىيى مۈلكىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى 1997-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى. 1997 ۋە 1998-يىللىرى پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى.

1998 ۋە 1999- يىللىرى رۇسىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (FSB) نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى.

1999-يىلى 9-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باش مىنىستىر ۋەكىلى بولدى، 16-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. 1999-يىلى 31-دېكابىردا پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي ئىچىدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغقىچە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ۋاكالىتەن ئۆتەشكە باشلىدى. پۇتىن شۇ قېتىمقى پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا %50 دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. 2008- يىلى 7- مايدا ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان پۇتىن ئورنىنى يېڭى پرېزىدېنت دمىترى مېدۋېدېۋغا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزى رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى. 2013-يىلى 4-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ئۈچىنچى قېتىم 63.6% ئاۋازغا ئېرىشىپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.

2014- يىلىغا كەلگەندە، ئۇكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خورشۇفنىڭ 1954- يىلىدىكى قىرىمنى ئۇكرائىناغا بىرىۋېتىش خاتالىقىنى تۈزەتكەن، قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولدى.

تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئادەتلەنگەن، تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن پۇتىن، ناخشا–مۇزىكىغىمۇ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەپسانىۋى ناخشا–مۇزىكا ئەترىتى بىيتلېسنىڭ ئەزاسى پائۇل ماككارتنېي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر ئەترەتنىڭ «تۈنۈگۈن» دېگەن ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. تارىخىي ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقى، ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىغا مەستانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ھەتتا بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغانىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدە پۇتىن ست.پېتېرسبۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا، رەپىقىسى ليۇدمىلا پۇتىنا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسپانىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇغانىدى. ئۇلار 2013- يىلى 6- ئىيۇلدا ئۆزئارا كېلىشىپ ئاجراشتى. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ، بىرى ياپون ئەدەبىياتى ۋە تارىخى فاكۇلتىتىدا، يەنە بىرى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.


مەنبە: TRT،ئوكيان قامۇسى

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 13:13:32

سىتالىندىن قېلىشقۇسىز جاللات

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 15:13:28

دۇنيادىكى ھۇقۇققا ئەڭ ئامراق ئادەم مۇشۇمىكىن دەيمەن

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 15:51:02

ئوكيان قامۇسى دىگىنىڭىز Wikipedia شۇمۇ ياكى ؟{:136:}

يېڭى دەۋىردىكى چار پادىشاھ. روسلار بۇ كىشىنى تاللاپ توغرا قىلغان.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 18:00:52

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 15:13 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى ھۇقۇققا ئەڭ ئامراق ئادەم مۇشۇمىكىن دەيمەن

ئۇ جەھەتتە  جىياڭزېمىن بىرىنچى!!!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 19:32:29

سېرىق تۈك

President يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 00:33:21

يېڭى دەۋىرنىڭ گېتلىرى...فاشىست دېسەكمۇ بولىدۇ!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 01:23:43

مۈشۈك كۆزنى تىللاۋاتامسىلەر ؟!

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 10:42:36

ئۆزىنىڭ ئانا مىللىتى بولغان رۇسلارنىڭ  مەنپەئەتىنى ئەشەددى قوغدىغۇچى ۋاپادار ئىت ! :lol

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:03:23

  لىكىن رۇسلار ئۇنداق ئويلىشى ناتايىن ، ئۇنىڭ شىۋىتسارىيە بانكىسىدا 40 مىلىيارد ئامىرىكا دوللىرى بارلىقى يېندىلا ئاشكارلاندى ، غەرپ داۋاملىق جازا يۈرگۈزسسە بۇ پۇلنى توڭلىتىۋىتىشى مۈمكىن ، روسىيەدىكى نېفىت سودىسىنى پۇتتىنىڭ يېقىنلىرى مونىپول قىلىۋالغان ، روسىيە پۇتىن دىگەندەك قۇدىرەتلىك دۆلەتكە ئايلانماۋاتىدۇ ، ئەكسىچە بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ، روسىيەنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق پارچىلىنىشىنى پۇتىن تېخىمۇ تىزلاشتۇرۋېتىشى مۈمكىن .

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:10:07

                                        俄罗斯不是在崛起,而是在继续衰退

洛宾·尼布利特:正如19世纪至20世纪初,国家间的竞争日趋激化,凭力量说话的现象
的确十分突出。不过,经济的全球化产生了与当时完全不同的状况。创造财富的企业并非属于某个国家,而是构筑了全球性的供应链。凭借军事力量支配国家的方法阻碍了企业活动,将经济增长的萌芽毁于一旦。

俄罗斯并不是在崛起,而是一个在衰退的国家。因此才拼命维持其大国地位。(与全球化背道而驰)力争保持势力范围的俄罗斯注定会失败。与之相对,中国则在寻求平衡。其原因在于,一方面中国希望恢复历史上的影响力,另一方面中国很清楚树敌将对经济造成消极影响。

记者:有观点指出美国的衰退是俄罗斯失控的原因,您怎么看?

洛宾·尼布利特:美国的领导力曾被过度夸大了。美国只在遭受恐怖袭击后的短时期内显示出了其压倒性实力。阿富汗局势迅速恶化,伊拉克战争的成功也未能持续很长时间。冷战结束后,主导中欧和东欧整合的是欧盟(EU)。战争确实削弱了美国的实力,但也让美国重新认识到军事并非指导力的核心。如今,美国已开始有选择性地参与国际问题。

乌克兰危机方面,奥巴马总统扮演着传统指导者的角色。虽然军事介入叙利亚在美国国内并未获得支持,不过对抗俄罗斯却获得了超党派的支持。其原因在于这涉及到地缘政治学上的利益,取得冷战胜利的美国是不可能让俄罗斯收回乌克兰的。尽管无法派军队介入叙利亚局势,不过美国选择在乌克兰问题上与俄罗斯对抗。

记者:美国外交和安全保障政策的重心回到欧洲了吗?

洛宾·尼布利特:奥巴马政权重视亚洲的战略并不是从欧洲向亚洲转移,而是从中东向亚洲转移。对美国而言,欧洲一直是其在全球保持影响力的基础。双方拥有共同的价值观和经济结构,也是北大西洋公约组织(NATO)的同盟国。在多极化时代,美国离开欧洲将无法发挥其领导力。

记者:在经济上与俄罗斯相互依存的欧洲在对抗俄罗斯方面能够与美国团结一致吗?

洛宾·尼布利特:将俄罗斯引入欧洲的想法在普京统治的时代已经烟消云散。欧美正在灵活应对。通过对俄罗斯实施不太严厉的制裁向俄罗斯释放了能够对俄罗斯经济构成打击的信号。德国总理默克尔已明确表示,如果俄罗斯进一步反扑,欧洲有必要进一步采取制裁措施,哪怕制裁将伤害到自身。欧洲的意志十分坚定。

记者为日本经济新闻(中文版:日经中文网)编辑委员 古川英治

洛宾·尼布利特(Robin Niblett):曾在美国战略与国际问题研究中心(CSIS)任职,从2007年开始担任英国皇家国际事务研究所所长。主要研究英美的外交政策和欧美关系等。于英国牛津大学获得博士学位。现年52岁。
مەنبە:http://tieba.baidu.com/p/2984588710

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:50:56

روسىيەنىڭ كوزىرىى نىفىت ۋە تەبىي گاز، يىقىنقى كەلگۈسى ئىچىدە روسيە ئۇنداق تىز تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالالمايدۇ.
غەربلىك، رۇسىيەنىڭ ئاشكارلانغان پۇلىنىڭ خەۋىرىنى قايسى توردىن كۆردىڭلار؟ ئاددرىسىنى قالدۇرۇشقا مۇمكىن بولارمۇ؟{:87:}

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:55:54

گىتلىر ، ستالىنلارمۇ مۇشۇنداق ئادەم بولغىيتى ئەينى زاماندا.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:42:19

ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار، ھوقۇق بەرگۈچى ھوقۇقنى كىمگە بىرىشنى ئوبدان بىلىدۇ.

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:38:32

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:50 static/image/common/back.gif
روسىيەنىڭ كوزىرىى نىفىت ۋە تەبىي گاز، يىقىنقى كەلگۈسى  ...

http://world.haiwainet.cn/n/2014/0421/c345793-20552436.html
http://bbs.hupu.com/9340544.html?utm_source=rss&utm_medium=rss&utm_content=topic&utm_campaign=rss
http://mao110119.blog.we54.com/we54/gngj/2014/0421/137721.html

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:45:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Western تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 15:56  

نۇرغۇن كىشىلەر پۇتىننى ياخشى كۆرمەيدۇ ، ياۋرۇپادا پۇتىننى گېتلىرىغا ئوخشىتىدىغانلار بەك كۆپ ،ئامرىكا سابىق  دۆلەت كاتىپى ھېلارىمۇ ئۇنىڭ قىلمىشلىرى بارغانسىرى گېتلىرنىڭ قىلمىشلىرىغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ ، دەپ قارايدىكەن .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 21:49:16

Western يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 11:10 static/image/common/back.gif
俄罗斯不是在崛起,而是在继续衰退

洛宾·尼布利特:正如19世纪 ...

ماۋۇ خەۋەر خېلى قۇلاققا خۇشياقتى .:lol  :victory:

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 21:54:19

پوتىناخۇننىڭ شىۋىتسارىيە بانكىسىدا 40مىليارد دوللىرى بارمىكەن...بېشى پار-پار قىلىپ پاقىراپ تۇرىدىغان ئاقپىشماق ئىسىل يىتىمتى بۇ، قارىغاندا غەرپلىكلەر ئازراق ئۇيۇن چىقىرىپ بىرقول رەسۋا قىلىپ قۇيىۋىتىلى دىگەن چىغۋا....دىمىسىمۇ ئاز-تۇلا كۆڭلى ئېچىلغۇدەك ئاۋارىچىلىق تارتىپ ئۇكرائىناغا قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلەشنى باشلىسا بۇلىتتى...{:101:}

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 09:49:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuwax0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 09:51  

پوتىن ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتىما ؟ نىمىشقا ئاجرىشىپ كىتىپتۇ  بۇزۇلوپتىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمىكەن ؟شەخسى تۇرمۇشى تۇغرىسىدا غەيۋەت قىلىشايلى :lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 10:40:13

yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 09:49 static/image/common/back.gif
پوتىن ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتىما ؟ نىمىشقا ئاجرى ...

پۇتىن بىر گۈزەل ،ياش چوكانغا بۇزۇلۇپتىكەن .بىر توربەتتە شۇ ئاشنىسىنى چىقىرىپ قويۇپتىكەن . :)
بەت: [1] 2
: ۋىلادىمىر پۇتىن