history يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 09:54:19

كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي

ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)

تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات



تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان، كىيىملىرىنى توپا-چاڭ باسقان بىر بوۋاي يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. دەريا ئۈستىدە بىر لەيلىمە كۆۋرۈك بار بولۇپ، چوڭ ھارۋىلار، يۈك ماشىنىلرى، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. قېچىر ھارۋىلىرى ئاستا سۈرئەتتە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۆرىدەش يولدا دەريا ساھىلىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئەسكەرلەر ھارۋىنى كەينىدىن ئىتتىرىشمەكتە. يۈك ماشنىلىرى يانداپ ئۆتۈپ ھەممىنى كەينىدە قالدۇردى، بىراق، دېھقانلار تېخىچە توپا كىچىپ ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە. بوۋاي بولسا مىدىر-سىدىر قىلماستىن يول بويىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

مېنىڭ ۋەزىپەم كۆۋرۈك ئارقىلىق دەريا ساھىلىغا بېرىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ نەگىچىلىك ئىلگىرىلىگىنىنى رازۋىدكا قىلىش ئىدى. ۋەزىپىنى تۈگىتىپلا كۆۋرۈك تەرەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەمدىلىكتە بىر نەچچە ھارۋا ۋە ئازغىنە پىيادە ماڭغان كىشىلەر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. بىراق، ھېلىقى بوۋاي يەنىلا شۇ جايىدا ئولتۇرىدۇ.

-سىز نەدىن كەلگەن؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-سېنت كارلوستىن،-دېدى ئۇ كۈلۈمسىرىگە ھالدا.

ئۇ يەر ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى. شۇڭىلاشقا، ئۇ يۇرتىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشى بىلەنلا روھلىنىپ، كۈلۈمسىرىدى.

-مەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ.

-ھە،-دېدىم مەن. ئەمما ئۇنىڭ دېگىنىنى تولۇق چۈشەنمىدىم.

-شۇنداق،-دېدى ئۇ،-مەن قېپ قېلىپ ئۆي ھايۋانلىرىىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. مەن سېنت كارلوستىن ھەممىدىن كېيىن ئايرىلغان.

ئۇنىڭ تۇرۇقىدىن پادىچىدەك كۆرۈنەتتى، ھايۋاناتلارغا قارايدىغان ئادەمگە ئوخشىمايتى. مەن ئۇنىڭ توپا-چاڭغا مىلەنگەن قارا رەڭلىك كىيىمىگە، يول ئازابى تارتقان چۈشكۈن چىرايىغا ۋە تۆمۈر جاھازىلىق كۆزەينىكىگە قارىۋېتىپ:

-قانداق ھايۋانلارغا قارايتتىڭىز؟-دەپ سورىدىم.

-ھەرخىل ئۆي ھايۋانلىرىغا،-دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ،-ئۇلاردىن ئايرىلمىسام ھەرگىز بولمايتى.

مەن كۆۋرۈككە، ئافرىقا تۇپرىقىغا ئوخشايدىغان ئېبرو دەريا دېلتىسىغا قاراپ، يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن دۈشمەن ئارمىيىسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. جىمجىت ھالدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى قۇچاقلاشما جەڭنىڭ شاۋقۇن-سۈرىنىنى كۈتتۈم. ھالبۇكى، بوۋاي تېخىچە شۇ يەردە ئولتۇراتتى.

-قانداق ھايۋانلار ئىدى؟-سورىدىم مەن.

-جەمئىي ئۈچ تۇياق ئىدى،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،-ئىككىسى ئۆچكە، بىرى مۈشۈك ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت جۈپ كەپتەرمۇ بار ئىدى.

-ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىلىشىڭىز كېرەكمىتى؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-شۇنداق. توپ زەمبىرەكلەر سەۋەپلىك. ئەترەت باشلىقى توپ زەمرەك سەۋەبلىك مېنىڭ كېتىشىمنى ئېيتتى.

-سىزنىڭ ئۆيىڭىز يوقمۇ؟-كۆۋرۈكنىڭ يىراق يېرىگە قارىغاچ ئۇنىڭدىن شۇنداق سورىدىم. ئەڭ ئاخىرقى نەچچە ھارۋا دەريا ساھىلدىكى تۆپىلىكتىن بۇ تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتتى.

-يوق،-دېدى ئۇ،-بايا دېگەن ئاشۇ ھايۋاناتلىرىملا بار. مۈشۈككىغۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. مۈشۈك دېگەن ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بىراق مەن باشقا ھايۋانلارنىڭ قانداق كۈنگە قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

-سىز بىرەر پارتىيىگە تەۋەمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-مېنىڭ پارتىيەرىم يوق،-دېدى ئۇ،-يەتمىش ئالتە ياشقا كىرىپتىمەن. مۇشۇ يېشىمغىچە ئون ئىككى كىلومېتىر يول ماڭدىم. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىنممۇ يىراققا ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى.

-بۇ ئارام ئېلىشقا ماس كېلىدىغان جاي ئەمەس،-دېدىم مەن،-ئەگەر ماڭالىسىڭىز، تاۋدۇشادىكى ئاچا يولغا بېرىڭ. ئۇ يەردە يۈك ماشىنىسى بار.

-بىردەم تۇرىۋالاي،-دېدى ئۇ،-بىر ئازدىن كېيىن ئاندىن ماڭىمەن. ئۇ يۈك ماشىنىلىرى قەيەرگە بارىدۇ؟

-بارىسلوناغا،-دېدىم مەن.

-ئۇ يەردە تونۇش-بىلىشلىرىم يوق. لېكىن سىزگە كۆپ رەھمەت. يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

ئۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ھارغىنلىق بىلەن ماڭا قارىدى. دەردىنى تۆكۈش ئارقىلىق غېمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:

-مۈشۈككە ھېچ ئىش بولمايدۇ، مەن جەزم قىلالايمەن. مۈشۈكتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق باشقىلىرى، سىز ھازىر ئۇلارنى قانداق بولىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسىز؟

-ھە، بەلكىم ئۇلار خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

-مۇشۇنداق ئويلىدىڭىزمۇ؟

-شۇنداق،-دېدىم مەن يىراقتىكى دەريا جىلغىسىغا نەزەر سالغاچ. ئەمدىلىكتە ئۇ ياقتا بىرمۇ ھارۋا كۆرۈنمەيتى.

-بىراق، توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟ مەن توپ-زەمبىرەكلەر سەۋەبلىك كېتىشكە بۇيرۇلغان.

-كەپتەرخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىمىدىڭىزمۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-ھەئە.

-ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

-شۇنداق. ئۇلار چوقۇم ئۇچۇپ چىكىتىدۇ. بىراق باشقىلىرىچۇ، ئەڭ ياخشىسى باشقىلىرىنى ئويلىمىغان تۈزۈك.

-ئارام ئېلىپ بولغان بولسىڭىز مەن ئەمدى ماڭاي،-دېدىم ئۇنى ئالدىرىتىپ،-ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ مېڭپ بېقىڭ.

-رەھمەت سىزگە،-ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ جىسمى ئۇياق-بۇياققا سەنتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى.

-مەن مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم،-دېدى ئۇ ماڭا قارىماستىن روھسىز ھالدا،-مەن پەقەت مال-چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم.

ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىلىدىغانغا ھېچ ئىش قالمىغان ئىدى. بۇ تىرىلىش بايرىمىنىڭ يەكشەنبەكۈنى بولسىمۇ، فاشىستلار ئېبروغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. بۇ ھاۋا بەكلا تۇتۇق بىر كۈن ئىدى. بۇلۇت قاتلىمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقانلىقتىن، فاشىستلارنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇچالمىدى. بۇ ھال ۋە مۈشۈكنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقى بوۋاينىڭ تەلەيلىكلىكىدىن بولغان ئىدى.



بۇ ھېكايە «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2014- يىللىق 2- ساندا ئېلان قىلىنغان

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:37:58

بۇنى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئەمما بۇ ئەسەر ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن، دەرسلىك 2008- يىلى تۈزۈلۈپ رەسمىي ئوقۇتۇشتا قوللىنىلغان. دېمەك ئاز دېگەندە 6 يىل بۇرۇن بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ بولغان. ئەمما بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن دەرسلىكتىكى تەرجىمىسىنىڭ نەقەدەر ياخشى تەرجىمە قىلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بەت: [1]
: كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي