pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 11:29:15

Ubuntu دا java مۇھىتى ھازىرلاش

1.ئاۋۋال jdk نى چۈشۈرىمىز
http://www.oracle.com/technetwork/java/javase/downloads/jdk7-downloads-1880260.html
سىستېما نەشىرىگە ئاساسەن 32 ياكى 64 لىكنى تاللاپ چۈشۈرىمىز.
كىڭەيتىلگەن نامى tag.gz نى تاللاپ چۈشۈرۈڭ.



2. سىستېمىنىڭ Home ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ ئېچىگە يېڭى ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇڭ، ئىسمىنى java دەپ بىكىتىڭ.




3.چۈشۈرگەن djk نى java دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈڭ.




4. مۇھىتنى تەڭشەڭ.sudo gedit /etc/environmentexport JAVA_HOME=/home/halil/java/jdk1.7.0_55
export JRE_HOME=/home/halil/java/jdk1.7.0_55/jre
export CLASSPATH=.:$CLASSPATH:$JAVA_HOME/lib:$JAVA_HOME/jre/libsudo gedit /etc/profileexport JAVA_HOME=/home/halil/java/jdk1.7.0_55
export JRE_HOME=//home/halil/java/jdk1.7.0_55/jre
export CLASSPATH=.:$CLASSPATH:$JAVA_HOME/lib:$JAVA_HOME/jre/lib
export PATH=$JAVA_HOME/bin:$JAVA_HOME/jre/bin:$PATH:$HOME/bin

مانا مۇشۇنداق ئاسان. شۇنىڭ بىلەن java مۇھىتى تەييارلاندى.

ئەمدى كىچىككىنە سىناق

public class Hello{
    public static void main(String args[]){
      System.out.println("hello wrold");
    }
}

دېمەك مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.java -version
javac
java

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 11:32:53



يېڭى Ubuntu بەك پەيزىكەن.

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 14:15:01

بۇنداق جاپا تارتقىچە بازاردىنلا چۈشۈرمەي، يىڭىسىدا بازار يوقمىكەن يا.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 17:44:25

ئىزچىل قىزىل قالپاقنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن، بۇيرۇق كودى يېزىشمۇ ئاۋارىچىلىق بىلىنمەس بوپ كېتىپتۇ، لىنۇكىس دېسە كۆرۈنمە يۈزلۈك مەشغۇلات پەقەتلا كاللامغا كەلمەيدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 19:24:18

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2014-4-19 17:44 static/image/common/back.gif
ئىزچىل قىزىل قالپاقنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن، بۇيرۇق كودى...

ubuntuنىڭ مۇلازىمىتىر سېستىمىسى كۆزنەكلىك بولمايدۇ، لىكىن چاپان كەيدۈرۈپ كۆزنەكلىك قىلۋالغىلى بولىۋىرىدۇ.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇيرۇق ئارقىلىق باشقۇرۇشمۇ قىزىل قالپاققا قارىغاندا، ubuntu نىڭ مىليۇن ھەسسە ئاسانكەن. :L

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 20:06:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-19 20:08

نىمە بۇ Ubuntu دېگەن؟ windows قا ئوخشاش كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا قانداق ئالاھىدىلىكى بار بۇنىڭ؟ (بىلىدىغانلار زاڭلىق قىلماي تەپسىلىيراق دەپ بېرەرسىلەر، بەلكىم باھانەڭلەردە شاگىرتىڭلار بوپ قالامدىم تېخى)

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 21:37:44

ئۇبۇنتۇنىڭ يېڭى نەشىرلىرى بەك ناچارلىشىۋالدى. يەنىلا سەككىزىنچى نەشىرىدىن 10-نەشىرىگىچە ياخشى چىققان. ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇق ئىدى. يېڭى كۆزنەككە ئالماشقاندىن بېرى ئامالنىڭ يوقىدا بەزى تېلىفۇنلارنىڭ روملىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئامالسىز قاچىلايمەن. ئىشىمنى قىلىپ بولۇپلا ئۆچۈرىمەن.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 22:55:23

ياخشىلىنىش بەك كۆپ
بەت: [1]
: Ubuntu دا java مۇھىتى ھازىرلاش