ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت!
ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت!
ھازىرقى دەۋېر قانداق دەۋېر ؟ سىتودېنتلارنىڭ زىممىسىدە يەنە قانداق ۋەزىپىلەر بار؟مىللەت يەنە نىمىگە مۇھتاج؟مىللىتىمىز بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ؟ بىز نىمە ئۇچۇن ئوقۇيمىز؟بىز نىمە ئۇقۇشىمىز كىرەك؟........ مىنىڭ بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچچىلىق قىلىپ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئىمتىيازىم يوق.پەقەت ھەممەيلەن بۇ توغۇرلۇق ئۇيلۇنۇپ باقساڭلار كۇپايە!
يېقىندا گۈلەن ئەپەندىنىڭ"ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار: مەسىلە ۋە مۇلاھىزە "دىگەن ماقالىسىدە ئىچكىرىدىكى كۆپلىگەن ئالى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقىنى 36نۇمۇر ،45 نۇمۇر ياكى50 نۇمۇر.... قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ھەرخىل ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.بەزىلەر بۇنداق سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك دىسە ،يەنە بەزىلەر ئۆزىنى ئاقلاپ بۇنداق سىياسەت بولسىمۇ ھەممەيلەن ئاساسەن 60 تىن يۇقىرى ئالىدۇ دىدى. "تەكشۇرۇش قىلماي تۇرۇپ،پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ"دىگەندەك.مەنمۇ مۇشۇ مەسىلەنى چۆرىدەپ مەلۇم بىر مەكتەپتە كىچىككىنە تەكشۇرۇش ئېلىپ بادىم.جەمى 70 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ"سىز مەكتىپىڭىزدىكى بۇ خىل ئىمتھاندا نۇمۇر سىزىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان سىياسەتكە قانداق قارايسىز؟" دىگەن سۇئالغا %30قوشۇلمايمەن،%29قوللايمەن،%41بەرىبىر دەپ جاۋاپ بەرگەن.
شۇ ئارقىلق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ تۈرگە بولدىم.1.تۈر:بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىلار 2.تۈر:بۇ خىل ئىتبارنى قوللىغۇچىلار3.تۈر:بەرىبىر دىگۈچىلەر.بۇ ئۈچ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتى،كەسىپىگە بولغان قىزىقىشى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك پەرىق بارلىقنى بايقىدىم.
مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،مەيلى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن،بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىىلارنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسى يۇقىرى ئىكەن.ئەمما بۇ ئېتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،ياكى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن ھەممىدىن تۆۋەن.بۇ بەلكىم بۇ ئىتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىمىشقا بۇ خىل ئېتىبارغا مۇھتاج بوپقالغانلىقىغا بىر خىل جاۋاب بولىشى مومكىن.
ئەمدى ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بىلەن ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزەتكىنىمدە ئالدىنقى بىر مەۋسۇمدا ھەممە پەندىن 60 دىن يوقىرى ئالغاللارنىڭ ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا يۇقىرى،بەزى پەنلەردە 60بىلەن ئىتبار نۇمۇرى سىزىقى ئوتتۇرسىدا ئالغانلار ۋە ئىتبار نۇمۇرى سىزىقىدىنمۇ تۇۋەن ئالغانلارنىڭ ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا تۆۋەن .
بۇ خىل ئېتبار سىياسىتى ئەسلىدە ئاسىاسى ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بولسا بولاتتى،ھازىر بۇ خىل ئېتبار تىرىشماسلىققا سەۋەپ بوپتۇ.بۇ خىل ھالەتنى كۆزدە تۇتۇپ مەن يۇقىرىقى دوكلاتنى شۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە سۇندۇم.ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن بۇ خىل ئېتبار سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشنى ،ئاساسى ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سىنىپ تەشكىللەپ ئايرىم كۈچەيتىش مەشىقى ئېلىپ-بېرىشنى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۇرىدىغان ھەرخىل پائالىيەت سەھنىلىرىنى ھازىرلاپ بىرىشنى(مەسىلەن :ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش،ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق شەخىسلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە ئورۇنلاستۇرۇش دىگەندەك) تەلەپ قىلدىم.ئەمما قىزىق يىرى مەكتەپ رەھبەرلىكى تېخى ئىنكاس قايتۇرماستا،شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالدى.بەزىلىرى بۇ خىل تەلەپكە قەتئىى قارشى ئىكەنلىكىنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا ماڭا بىلدۇردى،ھەتتا مۇشۇ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇغۇسى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار)مۇ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئەگەر بۇ خىل ئېتبار سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا كەلگۈسىدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغانلىق بولارمىش،ئەگەر ئۇلار مۇشۇ سەۋەپتىن ئوقۇش پۇتتۇرەلمىسە ئاتا-ئانىسىغا يۇز كىلەلمەيمىش.يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشچە ھازىر ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىشلىتىلىشى بولماسمىش.......
كۆپچىلىككە ئايان بۇ بىرلا مەكتەپنىڭلا ئىشى ئەمەس ،ئىچكىردىكى نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەردە بۇ خىل ئوخشاش ھالەت مەۋجۇت.سىلەردىن سورايدىغىنىم،ھەممەيلەن ئۆزىڭلارنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار،بۇ زادى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسا ئۇنداقتا قانداق ھەل قىلىمىز؟بىز قانداق قىلساق ئاتا-ئانىمىزغا يۇز كىلەلەيمىز؟قانداق قىلساق كەلگۇسى ئەۋلادلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويمايمىز؟مۇنبەردىكى ئاتا -ئانىلار: ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ قانداق ئوقۇشىنى ،قانداق ئۇقۇش پۇتتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟مۇنبەردىكى مائارىپچىلار سىلەرچە بۇ خىل ئىتبار ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلەنى كۆرسىتىدۇ؟
مۇنبەردىكى دوستلار ئىچىدە ئىچكىرىدە ئوقۇپ باققان ياكى ئۇرۇق-تۇققان،دوستلىرىڭىلارنىڭ مەكتەپلىرىدىكى
(بولسا مەكتەپ نامىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ)نۇمۇر ئۆلچەملىرىنى ۋە بۇجەھەتتىكى ئويلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ مەسىلە بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لىكىن ئاخىرى چىقمايلا يوقاپ كەتكەن ، گۈلەن ئوستازمۇ كۆپ سۈرۈشتە قىلغان . شۇ ۋاقىتتىمۇ ناھايىتى ياخشى پىكىرلەر چۈشكەن ،قارىغاندا ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان باللىرىمىزدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىغاندەك تۇرىدۇ ،بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش .مەن بىر ئانا ھەم بىر ئۇستاز بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنە بۇرۇنقى پىكىرىمنى تەكرارلايمەن ،نۇمۇر پەرىقى بىزگە نىسبەتەن بىر ھاقارەت ، بۇ مۇرەسسە قىلىپ ئولتۇرىدىغان مەسىلە ئەمەس ،ھەر بىر سىتودىنىت ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئادەم بولغاندىلا ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرالايدۇ .ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ نۇمۇر پەرىقىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقىنىنى، ھازىرقى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇلار تېخىچە بىلمىسە كىرەك ، مائارىپنىڭ مەقسىتى بىلىم قاچىلاش ئەمەس بەلكى ، ھەقىقىي ئىنساننى شەكىللەندۈرۈش بولسا بۇنداق ئاقىۋەتمۇ كېلىپ چىقمايتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sazhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 10:34
1. مېنىڭ مەكتىپىمدە بۇنداق ئىش يوق ، ھەممە ئادەم 60 نۇمۇر . 山东聊城大学
2. بارلىق ۋاقتىنى دەرسلىك كىتاپ ئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتكەن يە رلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ( ئەگەر يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ ، ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىشىنى تاللىمىسا ) ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىش نىسپىتى ناھايىتى تۆۋەن ( خىىزمەت تېپىش تەس ئەمەس ، قابىلىيەت يوق ) .
سەۋەبى :
1. ھەممىمىز بىلىمىز مائارىپ تەربىيىسى ھازىرقى بازار ئۆلچىمى ۋە تەرىقيات بىلەني تەتۈر تاناسىپ. سىز كىتاپتىكى نەرسىلەرنى 100% يادىلىۋالسىڭىزمۇ ، كىيىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئىشلىتەلمەيدۇ.
بىزنىڭ فاكۇلتىتىكى ( كەسىپ يۇمشام دېتال قۇرۇلۇشى ) نەتىجىسى ئەڭ ياخشى 10 بالىنى دەرسلىكتە ئۆتۈلمىگەن ، لېكىن ناھايىتى ئاسان بولغان بىر پروگراممىنى ياساشقا بۇيرۇلغاندا ، ھىچقايسى ياساپ چىقالمىدى.
2. ئۇنۋىرسال ساپا تۆۋەن. كىشىلىك قاراش، دۇنيا قاراش ، تەپەككۈر ئىقتىدارى ... يوقنىڭ ئورنىدا ، بازار رىقابىتىدە ئۇنۋىرسال ساپا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھەر قېتىملىق كارخانىلار ئەمەلي مۇسابقىلىرىدە ( تۈر پېلانلاش ، ئېگىلىك تىكلەش ، دېلتال ئىچىش ) قاتنىشىدىغان ۋە نەتىجىگە ئىرىشىدىغانلار ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىدىكى ياكى ئارقىدىكى توپ ئىچىدىكى كىشىلەر ...
3. مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان 3 خەنزۇ. ھەممىسى ئىچكىردە ئوقۇغان ، كاللىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۇيۇلۇپ ، جەمىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدىم. بۇ مانداق مانداق ئىش دەپ بەرسەم ، شۇ بىز يۇقىرى نۇمۇر ئالىمىز دەپ ھىچنىمە بىلەن كارىمىز بولماي يۈرۈپتۇق دەپ كىتىشكەن ...
شۇڭلاشقا پۇرسەت بولسا ئوقۇغۇچىلارنى نەزىرىيە بىلىمنىڭ بىسىمدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ ، ئەمەلىي بىلىملەرنى ، دۇنيانى ، كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى ، ئىھتىياجىنى چۈشىنىشكە ۋاقىت چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
‹ شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى › بار ، ھازىرقى ئەزا سانى 249 نەپەر. كۆپ قىسمى ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار. ھەر يېلى بىر قېتىم يېغىلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ كەسىپ ۋە ئەمەلىي ئەمگەك نەتىجىلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇش ، تۇلۇق 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسىپ ۋە مەكتەپ جەھەتتىن مەسلىھەت بىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز.
مەيلى نۇمۇر 60 ياكى 40 بولسۇن ، ئۆزى ئۈچۈن ئويلانغان ئوقۇغۇچىلار ھامان تېرىشىدۇ ، ھارامتاماق ئوقۇغۇچىلارغا 10 نۇمۇر قېلىپ بەرسىمۇ ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا نۇمۇر جەھتتىن كونتىرول قىلىش ئەمەس ، ئاپتور ۋە مىنىڭكىدەك بىر قاراپلىما قاراش ئارقىلىق قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش ئەمەس ، ئوقۇغۇچىلاردىكى كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sazhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 10:33
‹ شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمسى › ئۈندىدار توپ نۇمۇرى : xjxslm مەن بۇ تېمىغا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ، تاشپولاتكامنىڭ، بېلگەجان ئاكىمىز قاتارلىق چەت ئەللەردە تۇرۇپ بىلىم ئېلىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ ھەممە ئۇيغۇر كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان،ھەممىنى تەقەززا قىلىدىغان مەسىلە، ئۆتكەن يىلى گۈلەن ئەپەندىم خېلى ئوبدان كۆڭۈل بۆلگەن بۇ ئىشقا.
ئەمما ئۇ ئادەمنى بەزەنبىر باھانە سەۋەپلەر بىلەن تۈرمىگە ئەكىرىپ كەتتى، ئۇ ئادەمنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىدىغان بىرەسىمۇ يوق.
مۇشۇ دەل ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئەمەلىي ئىش،نەدىكى ۋاھابىزىم دېگەن مەۋھۇم،تۇتامىغا چىقمايدىغان نەرسىگە ئېسىلىۋېلىپ،ياقا يىرتىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىدىغاندەك بوپ كېتىدىكەنمىز، ئەمما ئەمەلىي مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچىدىكەنمىز. يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، بۇ مەسىلە خۇددى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدەك يوغىناپ ھامان بىر كۈنى بېشىمىزغا چىقىدۇ.
تورلاردا،مۇنبەرلەردە قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئادەم بەك جىق، تۇتامىغا چىققۇدەك بىر ئىش قىلمىغان. بىزگە ھازىر ئۇنداق قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئادەم لازىم ئەمەس، ئەمەلىي ئىش قىلالايدىغان ئادەم لازىم. قۇرۇق گەپ قىلىش ئىنسانلارنىڭ باشقا جانلىقلار ئالدىدىكى ئىمتىيازىدۇر. قۇرۇق گەپ قىلغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىزنى چەتكە قاقماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن تېخى بىرەر قۇرۇق گەپ قىلغۇچىنىڭ مەن سىلەرگە لازىم دەپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرمىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئالى مەكتەپتە ماڭا ئۈگەتكەن دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى - ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى- ھازىرقى كەسپىمدە يەنى ئاپتوماتلاشتۇرش لاھىيە سېتىش ئېنژىنىرى خىزمىتىمدە شۇنداق بەك ئەسقاتتى .
ئەگەر ئۆز كەسپىمىزگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تاپساق ئۈگەنگەنلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى يەردە قالمايدىكەن .
باشقىلار قانداقكىن ، ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەن دەرسلەر ئەسقاتمايدۇ دېگەن گەپكە مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن.
خىزمەتنى قانداق تېپىش ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق .
چەتئەلدىكى بىر يىللىق خىزمەت جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىم بەكلا مۇھىمكەن . مەيلى خىزمەت جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئۈگۈنۈش جەھەتتە بولسۇن ئادەمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى تىجەيدىكەن.
مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئۈگۈنۈش جەھەتتە يولداشلار بىلەن رىقابەتلىشىپ بولالماي ، شۇ 60 نومۇرنى تاما قىلىپ ئەپلەپ سەپلەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنمۇ بولدۇم . لىكىن خىزمەتكە چىققان 3 يىل ئىچىدە ،مەن بىلەن بىللە كەلگەن 100 نەپەر يولداشنىڭ ئارىسىدا تۇنجى قاراردا چەتئەلگە ئەۋەتىلگىنىمۇ مەن. تۇنجى بولۇپ ئۆستۈرۈلگىنىمۇ مەن . بولمىسىغۇ مەنمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغان . ھىچبىر پەۋقۇلاددە ئارتۇقچىلىقىممۇ يوق . لىكىن شۇ باشقىلارغا باققاندا ئۈگۈنۈشكە ھىرىسمەن. ئازراقلا تىرىشچانمەنمىكىن ، پىكىر قىلىشتىن ، ئويلىغىنىمنى دېيىشتىن ،باشلىق بىلەن مۇنازىرلىشىشتىن بەكمۇ ئەنسىرمەيمەن.
ئىمتاھاندا گەرچە يولداشلارغا يەتمىسەممۇ لىكىن خىزمەت ئەمەلىي ئىقتىدار جەھەتتە ئوخشاش مەن بىلەن تەڭ كەلگەنلەر ئىچىدە ئۇلاردىن ياخشى .
ھەقىقىي رىقابەت خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئاندىن باشلىنىدىكەن . ھەقىقىي بىسىم تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن.
ئىتبار نومۇرنى خاتا دەپمۇ ئەيپلىمەيمەن . لىكىن ياخشى تىرىشسا ئىتبار نومۇردىن يۇقۇرى نومۇر ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن
. ئۆزىگە بەك ئىشەنمەي قالغان ،كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان ئىنى سىڭىللىرىمغا سەمىمىي تەۋسىيەرىم ئىتبار نومۇرنى نىشان قىلىپ ئۈگىنىپ ، قوشۇمچە ۋاقىتتا تىل ئۈگەنسە ،ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرسا ياخشى خىزمەت - نەتىجە يارىتىشقا بولىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىمەن .
پۇرسەت ساقلاپ تۇرغانلارغا ئەمەس ،تەييارلىقى پۈتكەنلەرگە مەنسۇپ . aypalta يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 10:57 static/image/common/back.gif
قۇرۇق گەپ قىلىش ئىنسانلارنىڭ باشقا جانلىقلار ئالدىدىك ...
گېپىمنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز، مەن پەقەت قۇرۇق گەپنى،ئەمەلىيەت رىئاللىقتىن يىراق بولغان گەپلەرنى قۇرۇق گەپ دەپ چۈشىنىمەن، ئەمەلىيەت رىئاللىق بىزنى ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان،ۋەزىيەت تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەشنى،قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇڭا ئەمەلىيەتچان بولايلى، مىڭ ئېغىز نەزىرىيە سۆزلىگەندىن،بىر قولغا چىقىدىغان، مەسىلە ھەل قىلالايدىغان ئىشتىن بىرنى قىلغىنىمىز ئەۋزەل. ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇدۇم.ئالىي مەكتەپكە يىڭى كەلگەندىكى قىزغىنلىقىمغا گەپ توغرا كەلمەيتتى.ئۆزۈممۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن شۇ يىلى فاكولتىت بويىچە بىرىنچى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ئىدىم.شۇڭا مەغرۇر ئىدىم.ئەمما كەسىپكە چىققان بىرىنچى يىلى ھەيرانلىق بىلەن شۇن ھىس قىلدىمكى بىزنىڭ سىنىپتىكى قىرىق نەچچە بالىنىڭ ئىچىدە كەسىپكە قىزىقىدىغىنى بەشتىن ئاشمايدىكەن.بەزىلەرنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئەسەر تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ يا كۈلۈشىڭىزنى يا يىغلىشىڭىزنى بىلمەيسىز.تۆۋەندە بۇ مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق يورۇتۇپ بىرەي.بىر كۈنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆتىدىغان ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ بىر قىز ساۋاقدىشىمىزدىن سوئال سوراپ قالدى.
_سىز ئىزدىنىش رومانىنى ئوقۇغانمۇ.
_ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇغان.
_ئەمىسە روماننىڭ باش پىرسۇناژى ئەلانىڭ ئوبرازىنى تەھلىل قىپ بىقىڭ.ئەلا قانداق ئوبراز.
_ئەلا شۇ ياخشى ئوبراز.
_ئەمىسە گۈزەلئايچۇ.:@
-ئۇ قىزمۇ ياخشىغۇ{:92:}
مۇئەللىم ئېغىر خۇرسىنىۋىتىپ يەنە سورىدى.
-مۇشۇ ئىككى ئوبراز ھەققىدە كونكىرتراق توختىلىپ باقسىڭىز.
-كونكىرتلاشتۇرغاندا ئىككىسى توي قىلدى شۇ:)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 14:27
بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش جەھەتىكى ھەرقانداق تەلەپنى ئامال بار ئۇرۇنداپ بىردۇ ... نۇمۇر چەكلمىسى خەنلەر بىلەن ئوخشاش ... كۈپۈنچى پەنلەردە يۇقىردىن تۈۋەنگە سىرىپ ئالدىنقى مەلۇم پىرسەنتىنى ئۆتكۈزدۇ ... 60 دەپ مۇقۇم ئۆلچەم بىزگىمۇ خەنلەرگىمۇ يوق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا meyxor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 14:39
يەنە بىر كۈنى غەيرەتجان ئوسمان ئوتغۇر مۇئەللىم ھەر بىرىمىزدىن ئېغىزچە ئىمتىھان ئالدى.بار قىزىقچىلىق شۇ كۈنى بولدى.ئىمتىھاننىڭ تەلىپى ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆزى ئوقۇغان مەلۇم ئەسەرنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدۇ.ئاندىن ئەسەر مەزمۇنى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇ بولدىكى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بىلەن ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى تولۇق ئىيتىپ بىرەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار بەك جىقكەن.بىر قىز ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە ئۇ شۇ كەمگىچە ئۇيغۇرلانىڭ بىرەر پارچە شىئېر ياكى ھىكايىسىنى تۈگىتىپ ئوقۇپ باقماپتۇ.ئەمما بەزىدە خەنزۇچە كىتابلاردىن قورقۇنۇشلۇق ھىكايلەرنى ئوقۇپ قويىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنداق بىر قورقۇنۇشلۇق ھىكايىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرىپ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولدى.قىزىق يىرى شۇكى ھەر يىللىق مەۋسۇملۈك ئىمتىھاندا دەل شۇ تىپتىكى ساۋاقداشلىرىمىز يۇقىرى نەتىجىسى بىلەن ئەلا باھالىنىپ يەنە بىر مەۋسۇمدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا نائىل بولاتتى.سىنىپتا مۇكاپات سوممىسى ۋە مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنىڭ ئىسمى ئىلان قىلىنغاندا گۈلدۇراس ئالقىش ياڭرىتاتتۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا meyxor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 14:38
ھە راس بىر گەپنى ئۇنتۇپتىمەن.غەيرەتجان مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە بىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پارچىمۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغان ھەم ئوقۇشقىمۇ قىزىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇ ساۋاقدىشىمىز ھازىر ئۇيغۇرچە گىزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەيدىكەن. يەنە بىر قىتىم ئابدۇللا مەتقۇربان مۇئەللىم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.بىر يىل بۇرۇن ئاسپىرانتلىققا يىڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكچى بوپتۇ.قارىسا ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي پەندە تولۇق كۇرسنى ئوقۇغانلاركەن.يەنە بىر قىسىملىرى بولسا يۇقىرىقى ساۋاقداشلاردەك ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ ئەسەبىي ئەسەر ئوقۇمىغان ئەمما ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغان سەرخىللاركەن.{:92:}مۇئەللىمنىڭ دىيىشىچە سىنىپقا كىرىپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى پەرەز قىپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ ياخشى نەتىجەچىقىپ قىلىشىدىن ئۈمىدلىنىپ ئۇلارنى بىر سىناپ باقماقچى بوپتۇ.ئاندىن ھەممىسىگە بىر ۋاراقتىن قەغەز چىقىرىپ ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ 2000-يىلدىن كىيىن ئىلان قىلغان رومانلىرىدىن بەش پارچىنىڭ نامىنى،ئاپتۇرىنى يىزىپ بىرىشنى ئىيتىپتۇ.كىيىن قەغەزنى تەكشۈرگەندە مۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپكەن.
1-ناتىۋانلار-ئاپتۇرى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
2-ئاق پاراخوت -ئاپتۇرى زوردۇن سابىر
3-يۈز يىل غېرىبلىق ئاپتۇرى-زۇنۇن قادىر
4-ئويغانغان زىمىن -ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇر
5-ئاخىرقى ئاقسۈڭەك-ئاپتۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
جاۋابلار مانا مۇشۇنداقكەن. يۇقۇردىكى بالىلارنىڭ جاۋابى قىزىقارلىقكەن ھە :lol meyxor يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 14:52 static/image/common/back.gif
يەنە بىر قىتىم ئابدۇللا مەتقۇربان مۇئەللىم مۇنداق بىر ...
1-ناتىۋانلار-ئاپتۇرى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
2-ئاق پاراخوت -ئاپتۇرى زوردۇن سابىر
3-يۈز يىل غېرىبلىق ئاپتۇرى-زۇنۇن قادىر
4-ئويغانغان زىمىن -ئاپتۇرى مەمتىمىن ھوشۇر
ماۋۇ خەتلەرنى كۆرۈپ يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمىدىم. ھېلىمۇ ياخشى ئەدەبىيات كەسپىدە بولغىنى.:P
ھېلىمۇ ياخشى «ئەگەر ماڭا ئۈچ كۈن يۇرۇقلۇق بېرىلسە» - ئاپتورى خالىدە ئىسرائىل دېمەپتۇ.:lol
ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار 3 خىل تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. 1- خىل ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇردا دەرىسكە قىزىقىدۇ، ئىلىم پەنگە ئىشتىياق بار،باشقىلار مەجبۇرلىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشىدۇ، بۇلار ئالى مەكتەپكە كىرگەندىمۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئوقۇيدۇ، ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقىنىڭ نەچچە بولۇش بۇلارنىڭ ئۆگۇنۇشىگە تەسىر بولمايدۇ، بۇلار ئويۇن-تاماشاغا گوللانمايدۇ . بۇلار كەلگۇسىدە چوڭ نەتىجىلەرنى يارتالايدۇ، لىكىن بۇلارنىڭ سانى كوپ ئەمەس،%10-%20 ئەتىراپىدا.
2-تىپ دىكىلەر تولۇق ئوتتۇردا ئاتا-ئانىسىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باشقۇرشى، مەجبۇرلىشى ۋە زورلىشى بىلەن ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھاننى ئەڭ ئاخىرىقى نىشان قىلىپ ، ئالى مەكتەپكە كەلگەن ،لىكىن بىسىم ئاستىدا ئۆگۇنۇش قىلىپ كۆنۇپ قالغان بۇ بالىلار ئالى مەكتەپدەك ئەركىن دۇنيادا راھەت ياشاشنى،ئويۇن-تاماشانى قوغلىشىپ، جاپا چەكمەي دىپلۇم ئىلىشنى ئالى مەكتەپدىكى ئەڭ چوڭ نىشان قىلدى،بۇلار ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغاندەك ئالى مەكتەپتە تىرىشمايدۇ، جىنىنىڭ بىرىچە ئىتبار نۇمۇرى سىزىقىنى قوغلىشىدۇ. بۇلارنىڭ سانى%20-%30 ئەتىراپىدا.
3-خىل دىكىلەر بولسا 1- ۋە 2-تىپ دىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بولۇپ، 1- خىلدىكىدك ئۇلۇغ غايە يوق، لىكىن بەلگىلىك كىرسىز تۇيغۇسى بار، ئالدى - كەينىگە قاراپ ئككىلنىش ئىغىر، ئۆگۇنۇش قىلغانلارنى كۆرسە ئۆگۇنۇش قىلىدۇ، ئوينىغانلارنى كورسە ئويناپ ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ، بۇلارنىڭ سانى ئەڭ كوپ.
ئىتبار نۇمۇرى سىزىقى 1- خىل ئوقۇغۇچىلارغا ئەھمىيىتى بولمىغان بىلەن، 2- ۋە 3-تىپدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سەلبى تەسىرى كوپ. ئۆزىگە قويغان تەلەپ، مەكتەپنىڭ ئۆلچىمى توۋەن بولسا،شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىزدىنىش،تىرىشچانلىق كىمىيدۇ.
"يۇزۇمنىڭ قىلىنلىقى جىنىمنىڭ راھىتى" دەپ كوپىنچە كىشىلەر جاپا چىكىش بىلەن خوشى يوق، بىر قىسىملار "كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ" دەپ، توۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا كونۇپ قالغاندەك، بەزىلەر ئوقۇغۇچىلار ئىتبار نۇمۇرغا كونۇپ قىلىپ، ئاتالمىش دەرىس قىيىن.......دەپ بىر توقام بانالارنى كورسىتىپ، نۇمۇرى سىزىقىنى 60 قا كۆتۈرۈشكە چىش-تىرنىقىچە قارشى تۇرىدۇ.
ئەگەر يۇقىردا بىر ئىنكاستىكى 河海大学دەك، مەجبۇرى نۇمۇرى سىزىقىنى 60 قا كۆتۈرسە ، ئىتبار نۇمۇرغا كونۇپ قالغانلارمۇ بىر مەزگىل قاقشاپ، ئاخىرىدا ئامالسىزدىپلۇم ئۈچۈن بولسىمۇ تىرشىپ ئۆگۈنۈپ، 60 تىن ئاشالايدىغان سەۋىيە ھاسىل قىلىدۇ.
بەت:
[1]