Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 07:29:41

ئائىلىدە ھەسەلدىن تېرە ئاسراش بويۇمى ياساش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 17:15  

تېرە ئاسراش- قىز- ئاياللار مەڭگۈ قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.
بۈگۈن بۇ يەردە ھەسەلنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئاشخانا ئۆيىمىزدىن تېپىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ياسىۋالغىلى بولىدىغان تېرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ ئاددى رېتسىپىدىن ئۈچنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
ساپ ھەسەل- «يەر يۈزىدىكى بۇزۇلۇپ قالمايدىغان بىردىنبىر يېمەكلىك» دەپ تەرىپلەنگەن ئوزۇقلۇق بولۇپ، مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدىن تېپىلغان، تا بۈگۈنگىچە ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان ھەسەللەر بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ.   
ھەسەل- گلۇكوزا، فرۇكتوزا (مېۋە شېكىرى) ۋە تۆمۈر، كالتسىي، فوسفاتلار، كالىي، ماگىنىي قاتارلىق مىنېراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاز مىقداردا كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە (pH 3.2-4.5) ئىگە. دەل مۇشۇ كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت باكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلەيدۇ ۋە ھەسەلنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەسەل يەنە ئوكسىدلىنىشقا (قېرىشقا) قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، ئالتۇن رەڭلىك يېپىشقاق بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە خاسىيىتى «قۇرئان كەرىم»دىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
  بازاردا يۈز تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇش ۋە ياشارتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان ھەسەل تەركىبلىك تېرە ئاسراش بويۇملىرى ئاز ئەمەس، ئەگەر بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ ئەتراپىمىزدىكى تەبىئىي نەرسىلەردىن بۇ تۈردىكى بويۇملارنى ياساپ چىقالىساق تېخىمۇ قولاي، ئىشەنچلىك، ئەرزان، شۇنداقلا كۆڭۈللۈك بولىدۇ.  
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئاۋال ئەسكەرتەي: پۈتۈن مەشغۇلات جەريانىدا پاكىزلىق ۋە قۇرغاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ. خۇرۇچلار ساپ بولسۇن.

1. ھەسەل ۋە بادام ئۇۋىلاپ يۇيۇش مەلھىمى (face scrub، 磨砂膏)
لازىملىق ماتىرىياللار:
200 مىللىلىتىرلىق ئىستاكاندا چارەك ئىستاكان كەلگۈدەك بادام، ئىككى ئاش قوشۇقى ساپ ھەسەل، يېرىم لېمون، ئىككى ئاش قوشۇقى كەلگۈدەك كۆك يالپۇز چانالمىسى.  (تاپالىسىڭىز ئازغىنە ئورگانىك قارا شېكەر ۋە كوكونات مېيى)

ياساش ئۇسۇلى:
بادامنى ھاۋانچىدا ياكى ماشىنىدا يۇمشاق ئېزىپ تەييارلىۋالىمىز. بۇ ئۇۋۇندا يۈز تېرىسىدىكى ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېرىنى پاكىزلاش رولىنى ئوينايدۇ. بادامنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن ئا بار بولۇپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ ۋە يۇمرانلاشتۇرىدۇ.
ئۇنىڭغا يېرىم لېموننى سىقىمىز. لېموننىڭ تەركىبى- كۈچلۈك بولغان ئالفا ھىدروكسىي مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، تازىلاش رولى كۆرۈنەرلىك.
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەلنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز. بۇ يەردە يەنە ھەسەلنىڭ يەنە تېرىدىكى يېتىشسىزلىكلەرنى داۋالاش رولىنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. دېمەك بۇ ياسالما يۈز تېرىسىنى تازىلاش، نەملىكىنى ئاشۇرۇش، يۇمشىتىش، شۇنداقلا داغ ۋە قورۇقتىن ساقلاشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.  
ئاخىرىدا يالپۇز چانالمىسىنى قوشىۋېتىمىز. يالپۇز- تېرىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ شۇنداقلا مەزكۇر ياسالمىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنىڭ (بۇزۇلۇشىنىڭ) ئالدىنى ئالىدۇ. بېشىدا دېگەندەك ئىككى قوشۇق قارا شېكەر قوشۇپ قويسىڭىز ياسالمىنىڭ ئۇۋىلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاشىدۇ، بولمىسىمۇ مەيلى. كوكونات مېيىمۇ يۈز تېرىسىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ قۇرغاق تېرىلەرگە ئالاھىدە ياقىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەملىكنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك. تاپالىسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ ئىككى قوشۇق قوشىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
بۇلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، قويۇقراق، بارماق بىلەن ئىلىپ ئالسا ئېقىپ قالمىغۇدەك بولسا توغرا بولغان بولىدۇ.  ئاندىن ئېغىزىنى ئېچىپ ياپماق قولاي بولغان قۇتىدا ساقلايمىز.

ھەر ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كەچ ياتار چاغدا يۈزىڭىزنى مەزكۇر بويۇم بىلەن بىر تازىلىۋېتىپ، ئۈستىگە نەملىك ساقلايدىغان مايلاردىن سۈرۈپ ياتسىڭىز بولىدۇ. كۆپرەك ياسىۋېلىپ، مۇنچىدا بەدەن يۇيۇشقا ئىشلەتسىڭىزمۇ بەك ياخشى بولىدۇ.

داۋامىنى كەچكىچە كېيىنكى قەۋەتلەرگە يوللاي.
كۆچۈرمەسلىكىڭىزنى سورايمەن، قايسىلا تور بەتكە كىرسە ئوخشاش مەزمۇن ئېقىپ يۈرگەن كۆرۈنۈشنى مەن بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، ئەگەر كۆچۈرۈشكە راستىنلا ئېھتىياجىڭىز بولسا يازما ئىگىسىنى ۋە ئەسلى مەنبە بولغان ئىزدىنىشنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.  

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 07:31:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 17:14  

ئىككىنچىسى: ھەسەل ۋە تەرخەمەك گىرىم سۈيى (Toner،爽肤水)
گىرىم سۈيى  بولسا چوقۇم ئىشلىتىشكە تېگىشلىك زۆرۈر بويۇملارنىڭ بىرى. يۈزنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن گىرىم سۈيى ئىشلىتىشنىڭ تېرە سۈپىتىنى ياخشىلاشتا رولى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
يەنىمۇ بىر دەرىجە تازىلاش، ئىشقارلىقنى تەڭشەش، ماي ئۆرلەشنى تۆۋەنلىتىش، تۈك خالتىلىرىنى تارايتىش.
تۆۋەندە ھەسەل ۋە تەرخەمەكتىن ياسىلىدىغان گىرىم سۈيىنى تونۇشتۇرىمەن:
ماتېرىياللار:
بىر دانە تەرخەمەك، ئىككى بال قوشۇقى كەلگۈدەك مىقداردا ساپ ھەسەل.
مەيلى ماشىنىدا ئېزىڭ، مەيلى چاناڭ، ئىشقىلىپ نېمىلا قىلماڭ، تەرخەمەكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئايرىم پىيالىگە يىغىسىز. ئاندىن بۇ سۇغا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرىسىز. شۇنچىلىك ئاددى. قۇتىغا قاچىلاپ، ئەتىگەن- كەچلىرى يۈزنى سوپۇنداپ يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن مەزكۇر سۇيۇقلۇقنى گىرىم پاختىسىغا ئازراق سىقىپ، يۈز ۋە بويۇنغا سۈركىسەك بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: كۆپىنچە ئاياللار گىرىم سۈيىنى پاختا ئارقىلىق تېرىگە سۈرۈشنى «گىرىم بويۇمى شىركىتى ئويدۇرۇپ چىقارغان گەپ، ئەمەلىيەتتە ئىسراپچىلىق» دەپ قارايدۇ ۋە بارماق ئۇچىدا يۈزگە سۈرۈپ تېرىگە سىڭدۈرۈپ قۇرۇتۇپلا بولدى قىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل توغرا ئەمەس. گىرىم سۈيىنىڭ تازىلاش رولى بارلىقىنى ئۇنتۇماڭ، پاختا بولسا دەل تېرىدىكى شۇ ئېشىنچە ماددىلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.
بۇ گىرىم سۈيىنى ئەڭ ياخشىسى توڭلاتقۇدا ساقلاڭ، بىر قېتىم ياسىغىنىڭىزنى بىر ھەپتىچە ۋاقت ئىچىدە ئىشلىتىپ بولسىڭىز بولىدۇ.
گىرىم سۈيىنى يۈزگە سۈرۈش جەريانىدىكى بىر- ئىككى مىنۇت بوشقىنا ئۇۋۇلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاماللىرىنىڭ بىرى.
گىرىم سۈيىنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە نەملىك ساقلاش مېيىنى سۈركىۋالسىڭىز بولىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 07:31:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 17:43  

ئۈچىنچىسى: ھەسەل ۋە ئالمىدىن ياسالغان يۈزلۈك (Facial mask، 面膜)
ئالما تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ (ۋىتامىن ئا ۋە ۋىتامىن س) يۈز تېرىسىنى نۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇندىن باشقا، ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى مالىك كىسلاتا (ئالما كىسلاتاسى) نىڭ داغ- سەپكۈننى يوقىتىش، ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنى تازىلاش ۋە تېرە تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىش رولىمۇ بار ئىكەن.
ياساش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ماتېرىياللار:
بىر دانە ئالما، بىر ئاش قوشۇقى ساپ ھەسەل.
مېۋە ئېزىش ماشىنىسىغا ئالما بىلەن ھەسەلنى بىللىلا سېلىپ تەكشى مەلھەم بولغۇچە ئېزىمىز. ئاندىن قۇتىغا قاچىلايمىز.

بۇ يۈزلۈك مايلىق تېرىگە بەكرەك ياقىدۇ. ھەر قېتىم ئىشلەتكەندە، ئاۋال يۈزگە سۈرۈپ ئون بەش مىنۇتچە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سۇدا چايقىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
قۇرغاق تېرە ئۈچۈن ئىككى قوشۇق قېتىققا بىر قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرغان يۈزلۈكنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

رېتىسىپلار مۇشۇ يەردە تامام، «سەت ئايال يوق، ھورۇن ئايال بار» دېگەن گەپ بار ئىكەن، ياسىنىشنىڭ ھەممىسى بوياقچىلىقنى كۆرسەتمەيدۇ،  يەنە شۇنداقلا گۈزەل بولۇش ئۈچۈن تاشقى جەھەتتىن پەدازلىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ھەممىمىز بىلىدىغان، لېكىن دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغان ھەقىقەتلەر- ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ساغلام بەدەن، ساغلام روھقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، ئىچكى گۈزەللىكنىڭ چېھرىمىزدە پارلىغىنىمۇ ئەۋزەل ئىش... دەپ كەلسەم سىلەر مەندىنمۇ بەك بىلىدىغان ئاشۇ گەپلەر يەنە شۇكەن.
ھەممەيلەنگە ساغلام تۇرمۇش، خۇشال كەيپىيات يار بولغاي.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 07:58:57

مۇشۇنداق ئەسلى يازمىلارنىڭ ئارىسىغا يازغۇچى ۋە ئەسلى مەنبەنى نەچچە ئورۇنغا يېزىپ قويۇش خاسلىقنى ئاشۇرىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 08:06:56

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 07:58 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق ئەسلى يازمىلارنىڭ ئارىسىغا يازغۇچى ۋە ئەسلى  ...

ئۇنداق قىلغان بىلەن «ئىچى قوتۇر» دەپ تىللايدىغاندىن نەچچىسى چىقىدۇ.:lol
مەيلى، باشقىلارغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دەپ يازدۇق، كۆچۈرۈپمۇۋالسۇن، ئەمما ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسۇن. (يازغۇچى ۋە مەنبە توغرىسىدا ئەسكەرتمەسلىكمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا كىرىدۇ.) مۇشۇنى يازغۇچە بىلگەنلىرىمىزدىن سىرت ماتېرىيال كۆرگەنلىرىمىزنى، «رېتىسىپقا ئەگەشكۈچى تېڭىرقاپ قالمىسۇن ياكى مەغلۇب بولمىسۇن» دەپ نەچچە قېتىم سىناق، تەجرىبە قىلغانلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلسۇن.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 08:18:42

Dilruba يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 08:06 static/image/common/back.gif
ئۇنداق قىلغان بىلەن «ئىچى قوتۇر» دەپ تىللايدىغاندىن  ...

خانىمغا ئەۋەتىپ قوياي :P . ئۇزۇن بوپتۇ سىز تېما يازمىغىلى.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 09:53:59

ياخشى تىما ئىكەن ، ھەسەل بىلەن تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چاپسا ، ھەسەل بىلەن باناننى ئارىلاشتۇرۇپ چاپسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ،دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، مۇشۇ يۈزدىكى داغنى ئۈنۈملۈك يوقىتىشنىڭ ئامالى بارمىدۇ ؟

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 10:49:49

رەھمەت ھەدە. بەكلا ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلكەن. بۇرۇن تېرەم سەل مايلىق ئىدى. بالام تۇغۇلغاندىن بېرى بەكلا قۇرغاقلىشىپ كەتتى.  ماتىرىياللارمۇ مەندە تۇلۇقكەن. قېنى بىر ياساپ سىناپ كۆرەي.  تېرەم بەكلا نازۇكلۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھەتتاكى كىتاپنىڭ بىرە تال ۋارىقىنى سەللا تېز ۋاراقلاپ سالسام قۇلۇمنى تىلۋىتىپ باردۇ. بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى.  

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 16:01:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 16:11  

sekine يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 10:49 static/image/common/back.gif
رەھمەت ھەدە. بەكلا ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلكەن. بۇرۇن ت ...

بۇ كۆپىنچە ئىچكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ، يەنى بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئانىنىڭ بەدىنىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولۇشى، شۇ سەۋەبلىك تېرە ناچارلاش، قۇرغاقلىشىش، چاچ چۈشۈش، تىرناقلار يېرىلىش... دېگەندەك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.  مۇۋاپىق دورا/ ساغلاملىق بويۇمى يەپ سىناپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇنداق ۋاقتلاردا ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا، تېرىنىڭ سۇ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشىنى ئازايتىش كېرەك دەپ قارايمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 17:59:17

sawr55 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 09:53 static/image/common/back.gif
ياخشى تىما ئىكەن ، ھەسەل بىلەن تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇر ...

تەبىئىي نەرسىلەر ئومۇمەن زىيان قىلمايدۇ، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
يۈزدىكى داغنى يوقتىشتا نېمە سەۋەبتىن مۇشۇ مەسىلە كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، يۈز تېرىڭىز ئاپتاپقا زىيادە قاقلىنىپ كېتىۋاتامدۇ؟ ئوزۇقلىنىش ئادىتىڭىزدىكى يېتىشسىزلىكلەر تۈپەيلى مېتابولىزىم ياخشى بولماي، بەدەنگە زەھەر يىغىلىشتىن بولۇۋاتامدۇ؟ نېرۋا خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بارمۇ؟... دېگەندەك. مۇشۇ ئامىللارنى تۈزەتكەن ئاساستا تېرىگە سىرتتىن ماي ياكى دورا ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 08:29:40

داغ... داغ.... يۈزۈمنىڭ تېرىسىنى شىلىۋەتكىدەك بولدۇم، باشقىلارغا كۆرسەتسەم يوق دەيدۇ، ئۆزەم ئېنىق كۆرىمەن. داغ چۈشكەندىن قورۇق چۈشكەن بولسىمۇ مەيلىتى دەيدىغان بوپ قالدىم.:(

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 16:52:36

يېڭى تۇغۇلغان موزايغا ھەسەل يالىتىپ ئاندىن مۇزايغا يۈزىڭىزنى يالىتىڭ:lol:lol:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 17:15:38

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 16:52 static/image/common/back.gif
يېڭى تۇغۇلغان موزايغا ھەسەل يالىتىپ ئاندىن مۇزايغا يۈ ...

مەنما؟موزاي بىشىمنى يالماپ يۇتىۋالسىچۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 11:50:52

ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالماڭ، بۇمۇ بىر رىستىپ.
   يەنە يۈزىڭىزدە قۇلۇلىنى ماڭدۇرڭە، پۈتۈن يۈزڭىزنى چامداپ بولغاندا تىېرىنى ئاسراش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 12:29:34

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 17:15 static/image/common/back.gif
مەنما؟موزاي بىشىمنى يالماپ يۇتىۋالسىچۇ؟

بېشىڭىز شۇنچىۋالا كىچىكما موزاينىڭ ئاغزىغا پۇتۇن پاتقۇدەك :lol  ؟

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:44:30

ھەسەلنى 25 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىشلەتسە بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان مەن ،كىتاپتىن كۆرمىدىم بىراق . راس شۇنداق بولامدۇ ؟

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:55:34

يەنە بىرسى ئالمىدا ياسالغان يۈزلۈكنىڭ سەپكۈن يوقىتىش ئالاھىدىلىكىمۇ باردەك قىلىدۇ ، بىراق قۇرغاق تىرىگە ياقىدىغان قىلىپ قانداق ياسايمىز ؟ تىرىنى ئۈنۈملۈك ئاقارتىدىغان رىتسىپ تەۋسىيە قىلىڭە ھەدە ، ھەممە ئادەمنىڭ بوينى قارا، يۈزى ئاق بولسا مەن بىچارىنىڭ بوينۇم ئاق ، يۈزۈم قارا نۇمۇسۇمنى كەلتۈرۈپ ;P
يۈزنى ئوچۇق قويۇپ ، بويۇن تەرەپلەرنى رومالدا يۆگەپ يۈرگەچكە شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:40:04

ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻜﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩڭ 2 ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.

1. ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ: ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﺧﯘﻡ
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﺋﯧﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻼﺭ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘﻏﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﭖ 15 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ: ﮪﻪﺳﻪﻝ-ﻟﯩﻤﻮﻥ ﻳﯜﺯﻟﯜﻛﻰ
ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﮪﻪﺳﻪﻝ، ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻢ ﻟﯩﻤﻮﻥ ﻣﯧﻴﻰ (ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﺗﯧﻤﯩﻢ ﻟﯩﻤﻮﻥ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ)، ﺋﻮﻥ ﺗﯧﻤﯩﻢ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ، ﺋﯘﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﯩﻴﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﯛﭖ، 15-20 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﮕﻤﯧﻨﺘﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺳﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺘﯩﭗ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:42:20

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 08:29 static/image/common/back.gif
داغ... داغ.... يۈزۈمنىڭ تېرىسىنى شىلىۋەتكىدەك بولدۇم، با ...

ھاي ھاي ئاندا دىمەيلى!داغ يوقايدۇ، قورۇق يوقىمايدۇ ماقما؟

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 16:43:35

نادىر تېما، ئەلا كەتتى
بەت: [1] 2
: ئائىلىدە ھەسەلدىن تېرە ئاسراش بويۇمى ياساش