waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:31:56

شىرئەلىجان خوتەندە مۇسابىقە ئوينايدۇ


  
  ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى؛  2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا « خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئىلىپ بىرىلدۇ.
بۇ قىتىمقى ئەل ئىچى مۇسابىقىسىگە، يىقىندا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.
مۇسابىقىگە خوتەندىكى يەرلىك مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن ئۇدۇن ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە شىنجاڭ ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ پىداگوگىگا ئۈنۋىرستىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋاسكىتبول كۇلۇبى ۋاسكىتبول كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.
خوتەندە ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرى بۇلۇپ، ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى  دائىم ئۆتكۈزۇلۇپ تۇرىدۇ. يىقىندىن بۇيان  « مۇبارەك لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »، «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ئۆتكۈزۈلۇپ. پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مۇرات، مەۋلان قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچى ئەزمەتلىرىمىز تەكلىپ بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، خوتەندىكى ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۈچۇن ئىسىل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبول ئىشلىرىغا كۈڭۇل بۆلگەن مىللى كارخانىلارغا تەشەككۇر بىلدۈرىمىز ۋە بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » نىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۇلىشىگە تىلەكداشمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php



atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:47:39

شىرئەلىجاننىڭ قول ئىشارەت ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:55:11

atarut يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 20:47 static/image/common/back.gif
شىرئەلىجاننىڭ قول ئىشارەت ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش ...

سىزگە تېگىپ كەتمىگەندۇ ھەرىكەتلىرى;P

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:10:18

:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:40:26

ۋاسكىتبول ماھىرى شىرئەلى،  ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر !!

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:58:38

atarut يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 20:47 static/image/common/back.gif
شىرئەلىجاننىڭ قول ئىشارەت ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىش ...

چاپىنى بارغا مۇش ئاتسام، جۇۋىسى بارغا دو كەتتى.:lol

maslakdax114 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 22:08:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maslakdax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 22:11  

شىرئەلىجاننىڭ قول ئىشارەت ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىزنىڭ ئەمدى چۈشكەن ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 23:23:37

قانداق قول ئىشارىسى ئۇ باللا؟ ھېچ چۈشەنمىدىمغۇن
مەنغۇ بۇرۇندىن ۋاسكىتبول كۆرمىگەندىكىن چۈشەنمەمدىم يا

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 23:31:17

ۋاقتى كەلگەندە رەسىم ۋە سىنلىرىنى تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 09:41:05

بۇرۇن ۋاسكىتبول كۆرمەيتىم. شىرئەلىجان ۋە ئۇنىڭ مەردانە قول ئىشارىسى بىلەن بۇ توپ تۈرىگە قىزىقىش پەيدا بولدى. ياشا ئەزىمەت.
مۇسابىقە سىنلىرى بولسا يوللاڭلار كۆرەيلى.

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 13:07:01

قول 。ىشارىسىنى مودا قىلىۋالامدۇق, باللا

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 13:23:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atarut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 13:26  

مەيلى سىلەرنىڭ ئۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشكە قانچىلىك ئورۇنلۇق سەۋەبىڭلار بولسۇن، (ئۈندىداردا دىيىلگەندەك)  مەن يەنىلا شۇ چاغدا بۇنداق قىلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن. ئىت بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۇنى چىشلىسە توغرا دەپ قارىساق بولمايدۇ.  بولۇپمۇ مىللەتنى تونۇنىۋاتقان ماھىرلار ھەربىر ئىش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى كىرەك.
بەلكىم مەن بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالغاندىمەن.
رەسىم مانا



خوتەندىكى مۇسابىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ZOR يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 12:33:32

ناۋادا ئۈندىدارداردا دېيىلگەندەك نەخمەيداندا ئاشۇنداق ھاقارەتلىك كالدىرلاشلاربولغان بولسا شىرئەلىجان ئوغۇل بالدەك ئىش قىلدى .ماۋۇ ئەل جامائەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىپ، بىلجىرلاۋاتقانلار خەتنەڭلىنى قىلدۇرغان داداڭلىنىڭ يۈزى بولسۇن ئۈچۈنمۇ ،زەيپانىلەر بۇرنۇڭلىغا قولىنى تىقىۋەتسە كەلتۈرۈپ پەشۋا دىن بىر نى ئاتالمىساڭلىمۇ ،ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇدەك بولاڭلا.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 12:43:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 12:46  

ئوغۇل بالا !!!
خەقتەك ئالدىدا ساختا ھىجاراپ، كەينىدىن پىچاق سالىدىغان نامەرت خۇمسىلاردىن،
ئۆلىسىمۇ غالىبلارچە ئالدىدا ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، غەيۋەتچىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدىرالىغان نوچى .
جاھاندا ھەممىگە خوش خوش دەپ ياشاپ بولغىلى بولمايدۇ دە.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 15:27:40

ئۆتكەن يىلى تېرىشىپ ئاتا-ئانىسىغا ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئېلىپ بېرىش خىيالى بارلىغىنى ئېيتىپتىكەن، بىلمىدۇق بۇ يىل بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدىمىكىن.

ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىززىتىنى قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپ ياخشى قىپسىلەر.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:02:49

ZOR يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 12:33 static/image/common/back.gif
ناۋادا ئۈندىدارداردا دېيىلگەندەك نەخمەيداندا ئاشۇندا ...

ئارتۇقچە كايىپ كەتكەندەك تۇرىسىلەر.:lol
ئۇ بۇرادىرىمىز ھېچكمنىڭ ئېسىدە يوق چاغدا ئەسكەرتىپ قويۇپتۇ، ھەمدە رەسىمىنىمۇ يوللاپتۇ. مەن تەتەر گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپلا چۈشەنگەن ئىدىم.:lol

مەردانە ئەزىمەتلەرگە تەشەككۈر.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 20:39:18

بۇرۇن قەشقەر ۋە قەشقەرنىڭ ناھىيىلىرىدە ئۈزۈلمەي ھەرخىل توپ مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. قەشقەر ۋىلايىتىمۇ چېلىش، توپ تۈرلىرى تەنھەركەتچىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان بىر ھەقىقىي ئوچاق ئىدى. داموللىكام، يولۋاسخان، تاش، مەمتىمىن سىدىق، ئارسلان، ئابلەت پولشا، غالىپ، ئالىمجان، تۇرەك قاتارلىق تەنھەركەت پېشىۋالىرى قەشقەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى ئېقىتقان.
‏قەشقەردە ئۇنداق مەنزىرە قالمىدى ھازىر، ئەزىمەتلەرمۇ يوق. تەنتەربىيە ساھەسىنى بىر توپ ھاراقكەش، ساختىپەز، مەسئۇلىيەتسىز چۈپرەندىلەر باشقۇرىۋاتىدۇ.
‏قارىغاندا، خوتەن بۇرۇنقى قەشقەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 14:08:22

   قول ھەركىتى بولىدىكەنغۇ ... مەن ۋاسكىتبول مۇسابىقىنى ئانچە كۆرمەيتتىم ئەمدى كۆرەپ باقسام بولغۇدەك :lol
بەت: [1]
: شىرئەلىجان خوتەندە مۇسابىقە ئوينايدۇ