Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 16:15:58

قايسى گەپنى كۆپ ئىشلىتىسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 16:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن تۆۋەندىكىدەك جۈملىلەرنى توپلاش ئېھتىياجى تۇغۇلدى.
سىلەر ئادەتتە قايسى جۈملىلەرنى كۆپ ئىشلىتىسىلەر. ھەر بىر ھەرپ ئۈچۈن ئۆزۈڭلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان جۈملىدىن ئاز بولغاندا بىرنى (كۆپ بولغاندا چەك يوق) يېزىپ باقساڭلار.جۈملە چوقۇم شۇ ھەرپ بىلەن باشلىنىشى كېرەك:
ئا
ئە
ئې
ئى
ئۆ
ئو
ئۇ
ئۈ
م‎
ن
د
ت
ب
ف
پ
ق
ك
ڭ
گ
غ
ھ
خ
ج
چ
ژ
ز
ر
ل
ي
-------------------
بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ھەرپلەر، مەسىلەن «ڭ» بىلەن باشلىنىدىغان جۈملە يوق، ....
تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە يېزىپ باقساڭلار بولىدۇ، مەسىلەن، مەن تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى كۆپ ئىشلىتىمەن:
ئا:
ئاللاھقا ئامانەت.
ئاداش، بارمۇ سەن؟
ئاق يول بولسۇن!
---------
ب:
بۈگۈن ۋاقتىم يوق.
بۇ نېمە؟
بۇنداق بولمايدۇ.
-----
ق:
قاچان كېلىسەن؟
قانداق بولدى؟
قەيەردە كۆرۈشىمىز؟
قورساق ئېچىپ كەتتى.
-------
ت:
تاماق يەمدۇق؟
تېز بولە!
تولا گەپ قىلمىغىنا!
تايىقىنى يەيدىغان نېمىكەن ماۋۇ!
تاكسىدا بارامدۇق كوچا ئاپتوبۇسىدىمۇ؟
------
.....
.....
.....
پ:
پەقەت ئۇنداق ئويلىما.
پۇل يوق.
پۇرسەت بولسا، شۇنداق قىلارمىز.


............
.....
....

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 17:53:41

ئە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ب: بۇ پالانى سايماننىڭ مەسىلىسى.
ت: تەكشۈرۈپ باقايلى.
ك: كۈرەپ باقاي.
ھ: ھۆججىتى بۇزۇلۇپتۇ.
ئا: ئالماشتۇرىشىمىز لازىم.
ئا: ئامال يوق.
پ: پۇل كەتمەيدۇ.
م: مەيلى ئىشلىتىۋىرىڭ.
س: ساقلىيالىسىڭىز ئوڭشاپ بىرەي.
ھ:ھازىرچە ۋاقتىم يوق.
خ: خوتەنگە بارمىدىم.
ن: نىمبولغان؟
م: ماقۇل.
خ: خوش ئەمىسە.
ۋ:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 17:54:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   melek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 18:10

ئا
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئانام تىللايدۇ ( بىر ئىشقا باھانە تاپماقچى بولسام، ئانام تىللايدۇ دەپلا قۇتۇلىمەن)
ئاشۇنداقمۇ؟


ئە
ئەستا، ئەمدى قانداق قىلارمىز؟
ئەمدىغۇ بولغاندۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ب
بولدى قىلسىڭىز بولارمىكى؟!
بامۇيا؟

پ
پۇل يوق
پۇرسەت بوپ قالار

ت

تونىمايدىكەنمەن.
تاماق يېدىڭمۇ؟
تاماق ئېتىۋاتىمەن.

ج

جۆيلىمىڭە تولا


چ
چىرايلىقكەن
چۆچۈتمىسەڭچۇ

خ
خۇدايا تۆۋە دېسەڭچۇ
خاتىرجەم بولۇڭ

د
دەيمىنا ئەمدى
دۇئا قىلىڭ

ر
راستمۇ؟

ز
زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت بوپ كەتتا بۇ.

س
سائەت قانچىدە
سۇئال بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ

ش
شۇنداقمۇ،شۇنداق
شۇنى دەيمەن، شۇ شۇ..

غ
غەم قىلىدۇ


ق
قاراڭ! ياكى قايلىسىلا (ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن)
قويۇپ تۇرايلى
قاراپ باقارمىز
قېنى ئەمسە...

ك
كەلسىلە
كۈلىسىزغۇ

ھ
ھاۋا قانداقراق؟
ھاۋا سوغۇق

ئو
ئولتۇردۇم شۇ
ئوجون، ما گەپنى (گەرچە ئوجون دەپ گەپ بولمىسىمۇ، شۇنداق ئىشلىتىدىكەنمەن)

ئۇ
ئۇمۇ بولىدۇ
ئۇنداق بولسا....

ئې
ئېشىۋالمىدىمغۇ؟!

ئى
ئىللىقلىق ھېس قىلدىم

ي
يا بولمىسا..

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:09:49

ژ:ژورنال كۆرىۋاتىمەن ـ
ز:زاۋۇت قۇرىمەن ـ
ر:رازى بولۇڭ ـ
ل:لائىلاھە ئىللەللا ـ
لازىم ئەمەس ـ
ي:ياخشى بوپتۇ .

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:37:03

ئاللاغا تاپشۇردۇم ،
ئەرگە تەگمسەڭچۇ
ئېشەك ھاڭرېسا، كۆتې غېجەك چاپتۇ
ئىۋۇ بالىنى ئىمىتىۋەت
ئورمانلىقتا ئوۋچى بولسام
ئۇۋالچىلىققا ئۇھ تارىتما
ئۆردەك ئۆستەڭدە
ئۈزۈم ئۈزگەندە مېنى چاقىرغىن

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:42:17

مەن ئەمىليەتتە دىگەن گەپنى بەك كۆپ ئىشلىتىمەن .

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:45:05


ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىۋاتقان ھازىر،يېزىشنى كېيىنرەك باشلاپ قاغاچقا سەل جىددىچىلىك.... يېقىندىن بېرى كۆپ ئىشلىتىدىغان گەپلىرىممۇ مۇشۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك.
ئا
ئاداش بامۇ سەن ؟
ئانام قەنە؟
ئاللاھقا ئامانەت
ئە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەتىگىچە بىر گەپ بوسۇنچۇ
ئەكىلە كۆرەي
ب
بازااغا چىقامدۇق ؟
بۇلە تىز .
بىر يېزىپلاۋەتمىسەم خەپ
م
ماقالەمنى يېزىپ بۇلامەيمەنغۇ (ماقالە يېزىۋاتقان، مۇشۇ گەپنى تۇلا دەيمەنكەن)
مانگو يىگۈم كەلدى (مانگوغا بەك ئامراقتىم )
مالىم بىلەن كۆرۈشىمەن.
ي
يىغىن بامىكەن ؟
يەنە كۆرشەمىز ئەمسە.
ت
تۈزىتىۋاتىمەن شۇ (ماقالەمنى دىمەكچى )
تاماق ئەتمەيلىچۇ .
تىلفۇنۇم ئۇيغۇرچە تونىمايدۇ
ن
نېمىش قىۋاتىسە ؟
نىم دەيسە ؟
نىمدا قىلىدۇ ؟
ۋ
ۋاي ئانامەي ، ۋاي بېشىم ، ۋايجان
ئۇ
ئۇف ف ف.....
ئۇرۇقلاۋاتىمەن .
ھ
ھەجەپ چارچىدىم
ھە؟ نىم بولدى ؟
ك
كاللامگاراڭ ھازىر
كۆڭۈلسىز ئىشلارنى دىيىشمەيلىچۇ
پ
پۈتمىدىما تېخى ؟
پۇلۇم تۈگەي دېدى
س
سائەت نەچچە بوپ كەتتى ؟
سەي قورۇپلا يەيلى
سەۋىر قىلاي
ق
قاچانمۇ پۈتە بۇ ئۇقۇش ؟

ج
جىم تۇرەئۇكام
جىلە قىمىغىنە .
ئى
ئىسىمگە كەممەيدا !
ئىلمىي ماقالەمنى يېزىپ شۇ
ئىمتىھان ئۇچۇرى بامىكەن ؟
ئو
ئوقۇش پۈتۈشكىمۇ ئاز قالدى مانا
ئويلىنىپ باقاي
ئۆ
ئۆيگە چىكىتەي .
ئۆگىنىش قىغۇم كەممەيدىغان بۇلاپ قالدى مۇشۇ كەمدە
خ
خىزمەت ئىزدەپ شۇ
خېلى يامان ئەمەس
خوشمايۋاتىدۇ .
ب
بۈگۈن نىمىش قىسام بۇلا ؟
بلوگ كۆرەي بىردەم (سىنا مىكرۇ بلوگىنى دىمەكچى )
ئۇ
ئۇيقۇم كەپلا تۇرىدۇ
چ
چارچاتتىغۇ ئەدەمنى
ش
شۈكۈرلۈك بولغان ياخشى
شەيتان، مەندىن يىراق كەت
ك
كۆرەپ باقىلى قېنى
كىتاپ ئوقاي بىردەم .
.......................
مۇشۇنچىلىك يازاي ، جىددى ئىش چىقتى ماڭا .










dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 19:06:33

مىنىڭ دائىم ئۇچرىشىدىغان كىشىلىرىم تۇلىمۇ ھەرخىل بولغاچقا،مەن دائىم ئىشلىتىدىغان جۈملىلەرنى تاللىيالمىدىم كەچۈرۈڭ .   
         

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 19:18:37

ئا :
ئاخشام كەلگەن
ئامانەتكە خىيانەت قىلما
ئاي توشۇپتۇ
ئاۋۇ يەردە
ئە :
ئەتە كۆرۇشەيلى
ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا
ئەڭ تىز بولغاندا
ئەسەر يوللاندى
ئې:
ئېتىز بىشىدا
ئى :
ئىگىزگە سەكىرەش مۇسابىقىسى
ئىرڭىز نەدە ئىشلەيدۇ؟
ئو:
ئوغاۋالىنىڭ خۇۋەينىسى
ئوغاقنىڭ سىپىنى تۇتقانمۇ ؟
ئۆ:
ئۆيگە كىرىڭ
ئۆردەك قانچە توخۇ قانچە ؟
ئۆكۇز بىلەن ساپان ھەيدە
ئۇ:
ئۇر دىسە شاپىلاق بىلەن سال
ئۇرۇق سىلىش
ئۈ:
ئۈزۇم پىشتى
ئۈستىگە چىق
م:
مايماق دەسسەپ يول يۇرمەك
مايمۇن ئويناتما!
مايلىق گۆش
مەزىن مۇنارغا چىقتى
ن:
نان يىگەندەك ئىشلە
نەرىڭىز ئاغرىدۇ
نۇرمىلىق تەمىنلەش
نور بىشىدىكى ئاشخانا
د:
دۇنيادىكى ئىشلار
دەريادا سۇ ئۇلۇغ
دانالەر شۇنداق ئىتىدۇ
ت:
تاۋۇزۇڭ قىزىلمۇ ؟
تاھارەت ئىلىۋالىنى
تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر
توساتىن پەيدا بولغان
ب:
باش ئۇستىگە
بەڭباش بالا
بىرلىكتە ئىشلەيلى
ف:
فىزىكا دەرىسى بار
فونىتىكا بولىكى
پ:
پادھشاھى ئالەم
پەيزى ئولتۇردۇڭلارمۇ ؟
پو ئاتقانغا نىمە كىلىدۇ
ق:
قەشقەر مىھرى ئوتلۇق يەر
قالتىس مۇسابىقە
قوشۇلمەن
ك:
كەڭرى ئاسمان
كادىر نىمە ئىش قىلىدۇ
كۆچەمسەن كۆچمەمسەن
ڭ
ياڭاق يەڭ
گ
گال پىچاقتا قوي بوغۇزلاش
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ
گۈرۇچ نەنىڭ ؟
غ:
غۇم ساقلىما
غاچ بول
غورا بولدى
ھ:
ھىجاراپ كەتكىنىنى
ھاجىم كەلسىلە
خ
خاراپ بولغان ئەل
خەجلە خائىنلارەي خەجلە
خۇشال خۇرام يايرىماق
ج:
جەننەت ئاتا ئاناڭنىڭ تاپىنىدا
جاۋاپ بەر ماڭا
جودالىشىشتىن ساقلىنىڭ
جومە ۋاىتى ئاز قالدى
چ:
چاقماق چاققاندا
چۆمۇشنى ئال
چەتئەل ماللىرى يوقمۇ ؟
ژ:
ژاندارما دىگەن نىمە دىگەن گەپ
ژۇندە چاچماڭ
ز:
زادى نىمە بولدى؟
زورۇر لازىم بولغان ئىدى
زەردەمنى قايناتتى
ر:
رايىم قايتتى
رەسىم سىزايلى
روھى ھالىتى ياخشى ئەمەس
ل:
رەسۇلۇللانىڭ ھاياتى ھەققىدە
لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزى
ي:
يامغۇر ياغدى قار ياغدى
يەلنى چىڭ ئۈر
يوغان ئىش بوپتۇ غوجووووووووم

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 19:54:02

ئامال يوق
ئەسالامۇ-ئەلەيكۇم!
سائەت نەچچە بولدى؟
قاچان دەستىن چۈشىمىز؟
بۈگۈن قانچە سائەت دەرس بار؟
قانداقىراق
چىشلىقما(تېنىچلىقمۇ)
مەن كەتتىم
خەيىر
تېلفۇننى قويىۋەتتىم
نېمە قىلۋاتسەن
ئويلاب باقسام بۇ گەپلەنى كۈندە نەچچە قېتىم دەيدىكەنمەن

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:48:11

قانداق ئەھۋالىڭ
قاچانراق كېلىسە
قاچان كۆرۈشۈمىز
قاچان ۋاقتىڭ بار
قاچان بېرىسەن

ئاللاھ خالىسا
ئىنشائاللاھ
ئەلھەمدۇلىللا
ئەستەغفۇرۇللا

ئۆزۈڭنى ئاسرا
كۆرۈشكۈچە ئامان بول
ئاللاھقا ئامانەت

تېلفون قىلاي
تېلفون قىلسام ئالمايسەن

بارغاندا كۆرۈشەيلى
كەلگەندە كۆرۈشەيلى

ساقلاپ تۇراي
سېغىندىم

...
دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىكەنمەن .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 06:24:22

خەپ توختاپتۇر توشقان . مۇشۇ گەپ خېلى كۆپ ئاڭلىنىۋاتىدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 10:31:53

خىزمەت ئورنىدا نىمادى ساۋنىما ژىنىدىيە دىگەننى جىق ئىشلىتىمەن


ئادەتتە قاباھەتلىك سەت گەپلەرنى ئىشلىتىمەن ئۇنى بۇۋەدە يازغىلى بولماس ھەقچان

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 12:14:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھازىر مەكتەپتە
دىجۇرنىلىك قىلىۋاتىمەن.
ماڭسىنا، ئىشىڭنى قىسىنا.
ساقمۇ يا؟
مۇئ.اش بېرىپتىمۇ؟
ۋەھاكازالار

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 14:26:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-24 14:30

:)

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 14:30:21

ھەممىڭلارغا ۋە ناھايىتى ئەستايىدىل پىكىر قاتناشتۇرغان
@melek
@aytarim
@muztag
@Batush
قاتارلىق تورداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 16:42:24

ئاي بالام ئاي ئاي ئاي
بەت: [1]
: قايسى گەپنى كۆپ ئىشلىتىسىز؟