ئەرىز قىلىشتىن ياردەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا datman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-18 11:21ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى
پىقىر ئەرىز قىلىش ئىشى بىلەن بىيجىڭ غا بارماقچى بولىۋاتىمەن .
مەن بۇرۇن بىيجىڭ غا بىرىپ باقمىغانلىقىم ئۇچۇن قەيەردە تۇرۇپ نەگە ئەرىز قىلىشنى بىلمىدىم شۇڭا ئىزدىنىشتىكى مۆھتەرەملەر بىر يول كۆرسەتكەن بولسا.
بىرىنچى؛ ئەڭ ئاۋال پويىزدىن چۇشۇپ قايسى ياتاققا ئورۇنلىشىمىز قەيەرگە بىرىپ ئەرىز قىلىمىز دىگەن مەزمۇندا تەپسىلى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار،
بەلكىم سىلەر ئۇرۇمچىگە بارمىدىڭلىما ، نىمە توغۇرلۇق ئەرىز قىلىسىلە دەپ سورايسىلە ھەقەچان .
جاۋاپ . قەشقەرگە 3 قىتىم ئۇرۇمچىگە 1 قىتىم باردۇق ھەرقىتىم قايتىپ كىتىڭلار ئىشىڭلارنى ھەل قىلىدىغان بولدى دەيدۇ لىكىن قايتىپ كەلسەك
يەنە بۇرۇنقىدەك ئىشنى ھەل قىلمىدى .
نىمە توغۇرلۇق ئەرىز دىگەندە ھەقاچان ھەممىڭلار بىلىسىلەر مارالبىشى يەكەن يۇقۇر سۇرئەتلىك يولنى شۇ يۇقۇرى سۇرئەتلىك يولغا ئازراق يىرىمىز
توغرا كىلىپ قالغان شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشلار جايىدا مەركەزدىن يەر پۇلىنىمۇ يەكەن مالىيە ئىدارىسىغا يوللاپ بولغان پۇلنى يىزا باشلىقى تارقىتىپ بىرىمىز دەپ مالىيە ئىدارىسىدىن ئىلىپ كەتكەن ،لىكىن پۇل يەر ئىگىسى بولغان دىھقانلارنىڭ قولىغا تەگمىدى پۇل تەلەپ قىلساق ، ئەسلىدى 27مىڭ يۇەندىن كەلگەن پۇلغا 9 مىڭ يۇەندىن بىرىمىز ھەرموسىغا دەپ تۇرىدۇ قولىمىزدا پاكىتىمىز بار يەنى مالىيە ئىدارىسى قايسى ئائىلىنىڭ قانچىلىك يىرى يولغا توغرا كەلگەن قانچىلىك تۆلەم كىلىدۇ دىگەن بىر سىتاستىكا ھۆجىتىنى بىر پارچىدىن كۆپەيتىپ بەرگەن شۇنىڭغا قاراپ پۇل يىزىغا كەلگەندە
يوقاپ كەتكەن بولدى گەپ شۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن ، ئەقلىم ھەيران بولغىنى ئۇرۇمچىدەك بىر پۇتكۇل شىنجاڭ رايوننى باشقۇردىغان بىر ئورۇننىڭ بىر يىزا باشلىقىغا گىپى ئۆتمەسلىكى بولدى ئەھۋال ناھايىتى ئىنىق بولسىمۇ تۇرلۇك باھانىلەربىلەن ئىشنى بىجىرمەسلىكى بولدى بۇلارنىڭ، يىزىنىڭ ئەڭ چوڭ باھانىسى يەرنى قايتىدىن مىتىرلاپ قايتىدىن ھۆددىلىك ياكى ئىجارە ئىكەنلىكىنى قايتا بىكىتىمىز دىگىنى بولدى ، بۇيەردە زادى مەركەزنىڭ يەرنى مىتىرلىغىنى ھىساپمۇ ياكى يىزىنىڭ يەرنى مىتىرلاپ قايتا ئىنىقلىشى ھىساپمۇ ئىشقىلىپ بۇ ئەرىزنىڭ ئايغىنى چىقارماي قويمايمىز .
قىنى ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ساقلاپ قالدۇق زادى دەرت ئاڭلايدىغان يەر چىقمامدا؟
http://xinjiang.12388.gov.cn/site/index.jsp بۇ ئادىرىسقا كىرىپ ئىنكاس قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟ بارىدىغان يەرنىڭ ھەممىسىگە بىرقىتىمدىن باردۇق بۇ بىر ئىنتايىن ئىنىق مەسىلە ھىلىغىچە ھىلىقى ھۆججەتنىڭ
سايىلەنگەن نۇسخىسىنى چىقىرىپ قوياي كۆرۇپ بىقىڭلار قىرىنداشلار جۇڭگۇچىلىقتا ھېلىغۇ ئەرز قىلىشكەن . كىملىكىم يۇقاپ كەتسە بارىدىغان يەرنىڭ جىقلىقىدىن نەچچە رەت قاراپ باقىمەن بارمۇ يوقمۇ دەپ :( بىر يېزا باشلىقىغا ئاپتۇنۇم رايۇندىنمۇ «ئىشنى قانۇن بۇيچە دەرھال بىر تەرەپ قىلىڭلار» دىگەن بۇيرۇقىنى بىرەلمىگىنىنى، نەچچە يىلدىن بىرى يېزىلىق، ناھىيلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدە دەرد تۈكۈپ يۈرگەنلەر كۆرسە ھۇشىدىن كېتەرمۇ؟ قىرىنداشلارغا رەخمەت ئەتىگىچە پاكىتلارنى يوللاپ قوياي كۆرۇپ بىقىڭلار
ئۆگۇنلۇككە بىيجىڭغا قاراپ ئاتلىنىدىغان بولدۇق ئاپتۇنۇم رايونلۇق يەر-زېمىن نازارىتىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ باقتىڭلارمۇ ؟ مېنىڭچە مۇشۇ تىما ئاستىغا ئەرز قىلىش جەريانىدىكى ئىش پائالىيەتلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرۇڭ.بىرىنچىدىن كۆپرەك تەكلىپ ۋە ياردەملەرگە ئېرىشەلەيسىز.ئىككىنچىدىن باشقىلارغا تەجرىبە يەكۈنلەپ بىرىسىز.ئاللاھ يولىڭىزنى ئوچوق قىلسۇن. meyxor يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 14:13 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە مۇشۇ تىما ئاستىغا ئەرز قىلىش جەريانىدىكى ئىش پ ...
جايىدا گەپ
قارغاندا بىزنىڭ بېشىمىزدىمۇ بار ئوشايدۇ بۇنداق ئىشلار !
يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دىھقانلارنىڭ يېرى چىقىپ كەتسە پۇلنىڭ بىرقىسمىنى قايرىۋالىدىغانلىقى قايسۇ قانۇندا بەلگىلەنگەندۇ ؟ ئەرىز قىلىش جەريانىنى قەدەممۇ قەدەم مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا يوللاپ ماڭىمەن بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇل مۇئەسسسە قۇرلۇشىغا ئۆتكەن يەلەردە ئانىسىنىڭ ھەققى بارمىكەن ئاۋۇ يىېزا كەنىت باشلىقلېرنىڭ. سىز يالغۇز بارماڭ. بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ دىخانچىلق نازارىتى ، يەرزىمىن پىلانلاش نازارىتىگە بېرىڭلار، بەش ياكى ئۈچ ئادەم كۆپچىلىكىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئەرزنى ئېلىپ بېرىڭلار. مۇنداق ئۈچ ئادەم چوقۇم بولۇش كېرەك.
1. ساقاللىق بوۋاي، ياكى ئاجىز ئايال
2. شۇ ناھەقچىلىكنى باشتىن ئاخىر تەپسىلى بىلىدىغان 45 ياشتىن تۆۋەن ئەر
3. ساقال بۇرۇتى پاكىز قىرىلغان خىزمەت تاپالمىغان خەنزۇچسى ياخشى بالا.
قالغانلار يولدا ھەمرا.
بۇ ئىشنى ئۈرۈمچىدە 100% ھەل قىللالايدۇ.
1. ساقاللىق بوۋاي، ياكى ئاجىز ئايال
2. شۇ ناھەقچىلىكنى باشتىن ئاخىر تەپسىلى بىلىدىغان 45 ياشتىن تۆۋەن ئەر
3. ساقال بۇرۇتى پاكىز قىرىلغان خىزمەت تاپالمىغان خەنزۇچسى ياخشى بالا
بۇ تەكلىپ بەك ئەتراپلىق بېرىلىپتۇ!:) 2011-يىلى مەكتەپتە چاغدە مەلىمىزدىن بىرى كەپتىكەن، تەستە تېپىپ بارغان ئىدىم 国家信访局دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىنى. بېيجىڭنىڭ ئىككى ئۈچ يېرىدە بار چىراي، بىز ئۇدۇللا تىيەنتەن 天坛دىگەن جايدىكىسىگە بارغان، ئادەملە يۈك تاقىسىنى كۆتۈرۈپ بەك ئۇزۇن سەپ بولوپكىتتىكە.ئادەتتە ئۇلار بېيجىڭ جەنۇبى ۋوگزالىدا تۇراتتى، خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار بار ئىدى، ئۇلار ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇراتتى، كۆپىنچە ۋاقىتتا شىنجاڭدىن كەلگەن كادىرلارنىڭ تۇتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ سىرىتقمۇ چىقالمايدىكەنتوق، ئۇلاردىن قورقۇپ نەچچە كىچە تاغلاردىكى ئورمانلىقتا تۈنەپ چىققانلىقىنى ئېيتىشاتتى.قوللىرىدا يەتتى كاتىۋاشنىڭ رەسىمىلىرى، ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئىش قىلىمىز دىگەن باياناتلىرى، قولدىن قولدىن قولغا ئۆتۈپ ساقلىناتتىكەن. ئاساسەن مىليۇنلاپ پۇلنىڭ ئۆز ئىگىسىنى تاپالماي ئۇششاك چۈششەك باشلىقنىڭڭ قولىغا چۈپكەتكىنىگە ئەرىزگە بارغانلار ئىكەن. ئويلاپ باقسام ھېچقاچان ئونمىڭدىن ئارتۇق پۇل كۆرۈپ باقمىغەن ئىكەنمەن، مىليۇن پۇل قانچىلىك بۇلا دەپمۇ ئويلاپ قاغان. ئاخىرغە بارغاندا شۇ ھە سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئۈرۈمچىگە يوللاپ بەردۇق يولغا ساپتۇ، كۆپىنچىسى شۇنداق.لىىكىن مەلىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىجىرىپ بېرىش يوق بىرگە بارغان چوڭ بالىسىنى تۇتۇپ ئەكىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، ئىچىم ئاغرىدى، بېيجىڭدا كۈرۈشكەندە ئوبدانراق قارىيالمىغىنىمدىن ئۆكۈنسەم، ياشانغان ئاچىمىزمۇ دۇنيادىن ئايرىلدى، كىين ئاڭلىسام ئاشۇ بېيجىڭنىڭ سوغۇق قىشلىرىدا تالادا قالغاچقا كىسەل بولغاننىڭ ئىشى دەيدۇ، ئىشقىلىپ يات بىر شەدە پانا تارتىپ ئۆزىنى ئىزدەپكەلگەن كىشىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاشتىنمۇ بەكرەك كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغىنى، ۋىجدان ئازابىغا قويىدىغىنى بولمىسا كىرەك. ئوقۇغۇچى بولغاچقا قۇلۇمىزدىن كىلىدىغىنى يول باشلاش ئىكەن، ئۇندىن باشقا يول ۋە نەتىجە خۇداغا ئامانەت ئىكەن.
جېق سۆزلەپ قويدۇم ، يولنى ئۇقالمىسىڭىز تورلادىن تېپىپ ئەۋەتىپ بەرسەم بۇلۇدۇ(مەنمۇ ئۇنتۇدۇم يوللارنى) ،شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرغىلى بولسا شۇ يەردە تۇرۇڭ، تاماق، ئۇيغۇر كىشىلە، قاتناش ھەممىسى قۇلايلىق(ھازىر شىنجاڭدىن كەلگەن چۈپىرەندى كادىرلار ئەرىزدارلىنى قوغلىمىسا). مۇشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇققاندا..
قۇلىدا كامىرا تۇتالايدىغان بالىدىن بىرنى ئېلۋاڭساڭلا دەيمەن...ئەلۋەتتە يۇشۇرۈن ئالىدۇ.
قايسى باشلىق نېمە دىدى، قانداق شۈمەك سالدى...شۇنى ئۆز ئاينى خاتىرلەپ ئۇدۇللۇق ئېلخەتكە يوللاپ تۇرسا، ..ئېلخەت ياخىشى ئوتلوك ، ياكى جىمائىل بولسۇن...
ئۈرۈمچىدىن نىمدەپ ياندۇرۇپ ئەكەلدى؟ ...قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن نېمە سەۋەپ بىلەن ھەل قىلمىدى؟ قاچان ھەل قىلىپ برىدىكەن؟..ھەل قىلىپ بىرىمەن دىگەن كۈنى بارساڭلا يەنە قانداق قىلتاقلارنى قۇرۇپ ئىشلارنى ئاقىغا سۆرىدى؟ شۇلارنى ئەينەپ سىنغا ئېلىش كېرەك...سىنغا ئالغۇچى پەقەت سۆھبەتكە ھەمرا بولسىلا بولىدۇ. باش رولغا ئشىنى پىششق بىلدىغان ،جىق ئىش كۆرگەن ،ئۆزىنى تۇتىۋېلشىنى بىلدىغان ، ئىش تەرتىپىنى بىلدىغان بىرى بولسا بولدى.
سىنغا ئالغۇچى ھەرقانچە ئىش بولاپ كەتسىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالسۇن. قىزىق نوقتا ھەققىدە سۆبەتنى كۆرگەنمۇ ؟ ئەگەر باشلىق سىلەرگە بەك سەكرەپ كەتسە ، سىلەرگە قانچە پوپوزا قىلسا شۇنچە ياخىشى..ئىش چىڭىغا چىقىدۇ لكىن پاكىز بىرتەرەپ بولىدۇ...شۇڭا سەرۋىچان بولساڭلار...ھەرگىز ئېغىزدىن كىتىپ قالدىغان ئىشقا يول قويمىساڭلار...دىمەكچى بولغان گەپنى ۋاراققا يېزىپ ..نەق شۇ گەپىنىلا دەڭلا...سۇئال سوراڭلا جاۋابى سىلەر كۈتكەندەك چىقمىسا سەۋەبىنى ،نېمىشقا ھەل قىلغى بولمايدىغانلىقىنى ، قايسى ئورۇن ھەل قىلدىغانلىنى ئېنىق سوراڭلار... سەمىمىي تەكلىپىم شۇكى بېيجىڭغا كەلسەڭلەرمۇ سىلەرنىڭ نەدە تۇرۇپ، نەلەردە نىمىش قىلغىنىڭلار بۇلارغا بەش قولدەك ئايان. شۇڭا بولسا ئارتۇق ئادەمگە گەپ قىلماي، ئارتۇق ئادەم بىلەن پاراڭلاشماي، شۇ ئۆزەڭلىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشكە تىرىشىڭلا...... سىلنىڭ مەقسىتىڭلا بېيجىڭنى ساياھەت قىلىش بولسۇن، چۈنكى پۇل تاپتىڭلار ھەرقاچان... پايتەختىمىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۆرەش بولسۇن.... بولمىسا بەلكىم كىلىپ بولغۇچە ئويىڭىزگە بىرىپ بولىسىز تۇيدۇرۇلماي.... پويىزدىن چۈشۈپ،مېترو 9-لىنىيەگە ئولتۇرۇپ، 4-لىنىيەگە ئالمىشىپ، ھايۋاناتلار باغچىسى دىگەن بىكەتتە چۈشسىڭىز(جەمىي 20مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ)،شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئاز قالىسىز، بىرسىدىن سورىسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ، ياكى بۇ بىكەتتە چۈشمەي ۋېيگوڭسۈن魏公村دە چۈشۈپ Dئىشىكتىن چىقىپ، چىققان يۈلۈنۈش بۇيىچە ئۇتتۇر ماڭسىڭىز مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىغا كىلىسىز، خالىغان ئۇيغۇردىن سورىسىڭىز ،سىزنى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئاپىرىپ قويىدۇ. ۋاقىتقا قاراپ بېقىڭ، سىز بېرىپ ئون كۈندىن كىيىن ئەمگەكچىلەر بايرىمى دەپ 4كۈن قۇيۇپ بەرسە، ئشنى بىجىرىپ تۈگەتكىلى بۇلامۇ دىگەننىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 15:27 static/image/common/back.gif
پويىزدىن چۈشۈپ،مېترو 9-لىنىيەگە ئولتۇرۇپ، 4-لىنىيەگە ئ ...
راس ئەمگەكچىلەر بايرىمىغا توغرا كىلىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ
قارغاندا ھازىرچە توردا ئەرىز قىلغاچ تۇرۇپ بايرامدىن يانغاندا يولغا چىقساق بولغىدەك