hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:47:48

مىزاجغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەر

مىزاجغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەر
بۇغداي
بۇغداي بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئارپا
ئارپا قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، سىڭىشلىك، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئوزۇقلۇقى مول، ئارپا سەپراۋى كېسەللىك بىمارلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ياغ بىلەن پىشۇرۇپ يېگەندە غىزائى لەتىپ بولىدۇ.
ئاق ئارپىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇقتۇر، ئارپا سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. قۇۋۋەتنى يوقىتىدۇ، جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئەرلىك قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، قاننى ئازلىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، قاننى زەئىپلەشتۈرىدۇ، قاننى زەئىپلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق يېمەكلىكتە قۇۋۋەت بولمايدۇ، قاننى جانلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەردە قۇۋۋەت كۆپ بولىدۇ.
تېرىق
تېرىق قۇرۇق ئىسسىقدۇر، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، چىراينى نۇرلاندۇرىدۇ لېكىن قان مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
قوناق
قوناق بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، تەركىبىدە ئوزۇقلۇقى مول. ياشانغان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، قويۇق قاننى تازىلايدۇ.
كوچى قوناق
كوچى قوناق قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. قۇۋۋەتنى يوقىتىدۇ، جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئەرلىك قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،
پۇرچاق
كۆك پۇرچاق قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ، باشقا مىزاجلىقلارغا ئوتتۇرىھال كېلىدۇ، سېرىق پۇرچاق زىيىنى كۆپ يېمەكلىك بولۇپ، ناچار ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. پۇرچاق نېنىنى ئوچاقتىن قومۇرۇپلا، ئىسسىق ھالەتتە يېگەندە، پالەچ كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرگە بەك زىيان قىلىدۇ، ئەمما تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرگە چوڭ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
يېسسىمۇق
يېسسىمۇق قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، يامان كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرگە مۇناسىپ كېلىدۇ.
قىزىل لوبىيا
قىزىل لوبىيا (ئەدەس) قۇرۇق سوغۇقتۇر.
سېرىق لوبىيا
سېرىق لوبىيا قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بۇزۇق يەللەرنى تازىلايدۇ، قىزىغان بىمارلارنىڭ ياخشى ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ.
نوقۇت
نوقۇت بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قەنت سىيىش كېسەللىكى بارلار، مەنى كەملىك كېسەللىكى بىمارلىرىغا نان يېقىپ بەرگەندە تولىمۇ مەنپەئەتلىكدۇر.
ماش
ماش بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولۇپ، كېزىك كېسەللىكىنىڭ ئاخىرىدا بىمارغا ماشنى شوۋىگۈرۈچ ئاش بىلەن پىشۇرۇپ ئىچكۈزگەندە، قاندىكى ھارارەتنى تۈگىتىپ، كېسەللىكنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

كۈنجۈت
كۈنجۈت ھۆل ئىسسىق بولۇپ، كۈنجۈت ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ يېيىلسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
خەشخاش
خەشخاش تۈركى تىلدا كۆكنار دېيىلىدۇ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، يۆتەل توختىتىش تەسىرىگە ئىگە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، بوغۇز ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ.
زاغۇن
زاغۇننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقدۇر.
زىغىر
زىغىر (بەزرى كەتان) بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ھەرخىل يەللەرنى يوقىتىدۇ.
قوغۇن ئۇرۇقى
قوغۇن ئۇرۇقى ھۆل ئىسسىق بولۇپ،، كۆپ خاسىيىتى ھەم زىيانلىق تەسىرى بار.
ياڭاق مېغىزى
ياڭاق مېغىزى قۇرۇق ئىسسىقدۇر، سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، بەلغەم مىزاجلىقلارغا پايدىلىق.
مۇنىس كار
مۇنىس كار (بىر خىل مايلىقدان زىرائىتى بولۇپ، تاغلىق رايونلاردا تېرىلىدۇ، كۆكياردا يۇنىسكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇرۇق سوغۇق، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرگە ئازراق زىيان قىلىدۇ، باشقا مىزاجدىكىلەرگە ئوتتۇراھالدۇر.
شەھدانە
شەھدانە (كەندىر ئۇرۇقى) قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنىينى تورمۇزلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئوغرىتىكەن
ئوغرىتىكەن (خەسەكدانە) نىڭ ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، سۈيدۈك تۇتۇلۇپ تېمىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، بۆرەكتىكى تاشنى ئېرىتىپ چۈشۈرىدۇ.
رەيھان ئۇرۇقى
رەيھان ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولۇپ، سەۋدانى پەسەيتىپ ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
گۆشلەر
قوي گۆشى
قوي گۆشى بارلىق گۆشلەردىن پايدىلىقتۇر، بەدەنگە ياخشى ئوزۇق بولىدۇ، تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، تەمى ياخشى، ساغلىق گۆشى مۆتىدىلدۇر، ھۆللۈكنى ۋە ھارارەتنى كېمەيتىدۇ، ياشانغانلارغا زىيانلىقتۇر. قوچقار گۆشى ياشانغان ئاياللارغا قۇۋۋەت بولىدۇ، مېڭىنى ساپ قىلىدۇ. قوينىڭ قوزىسى يىگىرمە تۆت كۈنلۈكتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغىنى پاقلانغا تەۋە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىچىك قوزىنىڭ گۆشى پايدا قىلمايدۇ. تۆت ئايلىقتىن ئېشىپ، ئىككى ياشقىچە بولغان قوينىڭ گۆشى سوغۇقتۇر.
ئەچكۈ گۆشى
ئەركەچ گۆشى قۇرۇق سوغۇقتۇر، سېمىزراق بولسا، قۇۋۋەتلىك، قېرى ئەچكۈنىڭ گۆشى ھۆل سوغۇق بولۇپ، بەدەندە زىيادە ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تېكە گۆشى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر يېمىگىنى تۈزۈك، ئۇلارغا، بولۇپمۇ قۇلۇنجى، لەقۋا، پالەجلەرگە بەك زىيان قىلىدۇ. بىر ياشلىق ئوغلاق گۆشى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، تەبىئەتكە ماسلىشىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بىمارلارنىڭ يېيىشىگە مۇناسىپ كېلىدۇ

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:54:59

تاۋۇز
تاۋۇزنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە خەربۇزە، قەربۇزە دېگەن ناملىرى بار، دولقۇنسىمان سىزىقچىلىرى، ئۇرۇقى بار، تازا پىشقان، تەمى تاتلىق سوقا تاۋۇزنىڭ تەبىئىتى ئىسسىقدۇر، توڭ، تەمسىز تاۋۇز ھۆل سوغۇقتۇر، قارا ئۇرۇقلۇق تاۋۇز سوغۇق، يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان كىشىلەر بۇخىل تاۋۇزنى يېمەسلىكى لازىم، لەقۋا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. تاۋۇزنىڭ تەبىئىتى كۆپ ھاللاردا سوغۇق، لېكىن شىرىسى بار.
قوغۇن
قوغۇننىڭ ئىچىدە ئەڭ تاتلىق بولغىنى ئاق ناۋات قوغۇن بولۇپ، تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېتىقسىز قوغۇنلاردىن غاز قوغۇن، كۆرۈك قوغۇن ھۆل سوغۇق بولۇپ، كۆپ يېگەندە ھۆللۈكنى ئاشۇرۇپ ھەزىمنى بۇزىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:56:33

كاسىنە
كاسىنە ھۆل ۋاقتىدا ھۆل سوغۇق، ئۇرۇقى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.

سەۋزە
سەۋزە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. سەۋزىنى خام ھالەتتە يېسە مۆتىدىل، ئوتتا پىشۇرۇپ يېگەندە ھۆل ئىسسىق، سۇدا ياكى شورپىدا پىشۇرغاندا ھۆل سوغۇق بولىدۇ، سەۋزىنى چوڭ قازاندا پىشۇرۇپ كۆپ يېگەندە، سوغۇقتىن بولغان مۇپاسىل ۋە كۆز خىرەلىشىش، كۆپ سىيىش، يۈرەك سېلىش، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ، ئۈچەينى يوغىنىتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت شورپا ياكى گۈرۈچ بىلەن يېگەندە، جىگەرنىڭ تومۇرلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. سەۋزىنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە، سۈيدۈك تۇتۇلغان ئادەم يېسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، بولۇپمۇ سوغۇقچان كىشىلەر سەۋزىنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يېمىگىنى ياخشى. چۈنكى، سەۋزە پەي _ مۇسكۇللارنى، نېرىپلارنى، ئۈچەيدىكى رودا (چاپلاشقاق ماددا) لەرنى بوشىتىۋېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ياشانغان كىشىلەرنى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. يەنىمۇ زىيانلىق تەرىپى شۇكى، سەۋزىنى كۆممە قوناق، قىزىل قوناق، ماش، لوبىيا قاتارلىقلار بىلەن ئوماچ قىلىپ يېگەندە، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ قازاندا پۇشۇرۇلغان سەۋزىنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېگەندە، ئىستىسقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:58:31

ئاق سەندەل
ئاق سەندەل قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، يۈرەك تىترەپ ھوشسىزلىنىش، تەپ، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ياللۇغىغا زىماد قىلىنسا، بۇ كېسەللىكلەرنى ساقايتىدۇ.
شومشىنىڭ خاسىيىتى
شومشىنى شورپىغا سېلىپ ئىچكەندە، يۈرەك ئۈچەي ۋە جىگەردىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئىستىسقانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ساقايتقىلى بولىدۇ،


يەرقان
مۇھەممەد زەكەرىيا ئېيتىدۇركى: قارلىغاچنىڭ بالىسىنى ئۇۋىسىدىن ئېلىپ، سېرىق رەڭدە بوياپ، ئۇۋىسىغا سېلىپ قويسا، ئانا قارلىغاچ بالىسىنى يەرقان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ، دەپ قارايدۇ، ھەمدە بالىسىنىڭ قېشىغا يەرقان تېشىنى ئەكىلىپ قويىدۇ، بۇ تاشنى يەرقان كېسەللىكىگە دۇچار بولغان كىشىنىڭ بوينىغا ئاسسا، يەرقاننىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر ئىلاج: چوڭ كىچىك بېلىقلارنى سۇغا سېلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرسا، يەرقاننىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق، جىگەردىكى ئاغرىق يوقىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:59:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 11:03  

        تۇخۇمى كەشۇش
        تۇخۇمى كەشۇش ئۇيغۇرچە سېرىق ئوت ئۇرۇقى دېيىلىدۇ.
        مىزاجى، ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل.
        خۇسۇسىيىتى، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.، كۆپىنچە باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشى تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى پۇشۇرۇپ يېسە، جىگەر ئاغرىقى تېز ساقىيىدۇ.

كىشىنىڭ جىگىرى ئاغرىسا، جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسا، يېڭى قاپاق (كۆك قاپاق)، ئىسبىغۇلغا بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا شىپا بولىدۇ. بۇ خىل بىمارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا بىنەپشە بىلەن نېلۇپەرنى قاينىتىپ بېرىلىدۇ.

گۆش يۇغان سۇدەك (گۆشرەڭ قىزىل) بولسا، بۇ بۆرەك ۋە جىگەردە كىسەللىك بارلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بىمارنىڭ سۈيدۈكى كەندىر يىغىنىڭ رەڭگىدە (كۆكۈش) بولۇپ دانە- دانە ياغ كۆرۈنسە، بۇ ئىچكى ئەزادىكى ئىششۇق ۋە ئىستىسقا (سۇسىزلىنىش، قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش) ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئىپادىسى.

جىگەر قىتىش كىسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ.
تەركىۋى: يۇمىلاق، ئىچى قىزىل تۇرۇپ (لوبۇ)، ئوسما، پىياز نىڭ ھەر بىرى بىر جىڭدىن ئىلىنىدۇ، تۇرۇپنى قەلەمچە قىلىپ قايناقسۇغا بىرلا بىسىپ ئىلىنىدۇ، پىياز نىپىز يالپاقلىنىدۇ، ئوسما قىلدەك ئۇزۇن توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن خام سەي قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا خام سەينى تاماق بىلەن قوشۇپ كۈنىگە 3 ۋاخ يىيلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:04:08

ئوسما مۇرەبباسى- ئۆت ياللۇغى ئۈچۈن
ھەسەل بىركىلو
كۆك ئوسما بىر جىڭ
تەييارلىنىشى؛ كۆك ئوسمىنى گۆش توغراش ماشىنىىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
ھەسەلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئالغاندىن كىين ئوسمىنى سۇيى تىرىپلىرى بىلەن قوشۇپ ھەسەل ئۈستىگە سپلىپ بىر قاينىتىپ قۇرۇق شىشىگە ئىلىپ ساقلىنىدۇ.
تەبىئىتى؛ 3- دەرىجىنىڭ ئەۋۋىلىدە ھۆل ئىسسىق.
تەسىرى؛ سوزۇلما خارەكتىرلىق ئۆت ياللۇغى، يەرقان، جىگەر ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش ،جىگەر قىتىش، قورساققا سۇ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش، باش كپپەكلىشىش قاتارلىق كپسەللىك لەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:06:27

جىگەر قىتىش كىسەللىكىنى داۋالاش دورا نۇسخىسى
تەسىرى؛ جىگەر قىتىش، ۋە بارلىق ئىستىسقا كىسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ سۈيدۈكى ئازلايدۇ، تۇتۇلىدۇ، بەدەن ئىششىيدۇ، ئورۇقلايدۇ، قورساق يوغىنايدۇ.
تەركىۋى: قارا چىكەتكۈ دىن بىر دانە، قوناق ساقىلى دىن 100 گىرام، تاۋۇز ئۇرۇغىنىڭ مىغىزىدىن 50 گىرام، قاپاق ئۇرۇغىنىڭ مىغىزىدىن 50 گىرام، قوغۇن ئۇرۇغى ۋە تەرخەمەك ئۇرۇغى پوستى بىلەن، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گىرامدىن.
تەييارلىنىشى: چىكەتكۈنىڭ پۇت، قوللىرىنى ئىلىۋىتىپ، ساپال قاچىدا كۆيدۈرۈپ (كۈشتە قىلىپ) كۈلى ئىلىنىدۇ، قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەممىنى قوشۇپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
قوشۇمچە ئۇسسۇزلىقىغا: گاۋزۇبان، تۇخۇمى كاسىنە، ئوسما ئۇرۇغى، ئارپا بەديان قاتالىقلارنىڭ ھەر بىرى 15 گىرامدىن، ئاۋۇز ئۇرۇغى مىغىزى، قوغۇن ئۇرۇغى، تەرخەمەك ئۇرۇغى، ئوسما يىلتىزى لەرنىڭ ھەر بىرى 30 گىرامدىن ئىلىپ چالا سوقۇپ دەملەپ كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى: مامۇت دۆلەت (مامۇت CT) تەمىنلىگەن نۇسخا

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:09:37


94- رېتسىپ؛ئۆتكۈر جىگەر راكنىڭ دورىسى
ئالقات10گرام،سېرىق ھېلىلە4گرام،زىرە6گرام،باش پىيۈز 50گرام، يۇمىلاق چىلان100گرام،قومۇش يىلتىزى100گرام، گۈلە100گرام،ئاق ئۈژمە يىلتىزى300گرام،سىيادان 6گرام، ئەنجۈر قېقى40گرام.
ھەممىسىنى سوقۇپ7كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ 2كىلو سۇ قالغاندا تېلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز،قالغان 2كىلو سۈيىگە بىر كۈن كۆك كەپتەر،(پۇتنى ئېلىۋېتىپ بېشى بىلەن سالىمىز)بىر كۈن ئوغلاق گۆشى(250گرام)سېلىپ قاينىتىمىز، قىزىل گۈل ھەسىلىنى50گرام ئارىلاشتۇرۇپ بەش كۈن ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى: توردىن ئېلىنغان ماترىياللار

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:18:55

«راك شاھى» جىگەر راكىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش

جىگەر راكى- جىگەر ئىچىدە كېلىپ چىقىدىغان جىگەر ھۈجەيرە راكى ئۆت نەيچە ھۈجەيرە راكىدىن ئىبارەت. جىگەر- قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدا. دىئافراگما ئاستى، قوۋۇرغىنىڭ تېگىگە جايلاشقان. ئۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش، مېتابولىزم، قان ئۇيۇش، ئىممۇنىت، ۋاستىلىك قان ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مۇرەككەپ مۇھىم بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇڭلاشقا، جىگەر راكىنىڭ كېلىپ چىقىشى تېز، ئاقىۋىتى ئېغىر (ئاخىرقى دەۋرىدە ئادەتتە بىر نەچچە ئايدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ) بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «راك شاھى» دۇر.

دۇنيادا جىگەر راكى ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يەنى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىلىرى، جياڭسۇ ۋە گۇاڭشىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ناھايىتى كۆپ كېلىپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 110 مىڭ ئادەم جىگەر راكى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يۈز بېرىشى ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ئاشلىقنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن تاشقىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق يەنە بىر سەۋەب B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كۆپ بولۇشىدۇر. دۆلىتىمىزدە ھازىر 120 مىليون B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانماقتا. بۇلار جىگەر راكىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە ئۇچرايدىغان ناھايىتى زور قوشۇن بولۇپ، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتتە ناھايىتى مۇھىم ھەم ئېغىر ۋەزىپىدۇر.

(يازمىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز، كېيىنكى بېتىگە قاراڭ!)
http://news.eldawa.com/quick/2012/0307/2008.html

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:24:26

يىراق ئارىلىققا يۆتكىلىشنىڭ ئالامەتلىرى: ئەمچەك راكى قان ئايلىنىش ياكى لىمفا يولى ئارقىلىق يىراققا يۆتكىلىدۇ. ئاسان يۆتكىلىدىغان ئورۇنلار كۆكرەك پەردىسى، سۆڭەك، جىگەر، مېڭە ھەمدە يۇمشاق توقۇلمىلار.
جىگەرگە يۆتكىلىش: جىگەرگە يۆتكەلگەن كېسەللىك ئوچىقى بىر قەدەر كىچىك بولغاندا ئالاھىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، ئىششىق بىر قەدەر چوڭ ياكى دائىرىسى كەڭ بولسا جىگەر يوغىناش، جىگەر رايونى ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاخىرىدا سېرىق چۈشۈش، ئىستىسقا قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
http://www.eldawa.com

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:25:40

جىگەر راكى
گەرچە، «ناۋادا ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئۇزاقراق ياشاپ قالسىلا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولىدۇ» دېگەن گەپ ئاڭلىماققا مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىلگەندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ جىگەر راكىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:27:59

جىگەر راكى بىلەن جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك
  
تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى جىگەر راكى بىلەن جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش بولۇپ، ئۇلترا B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرگەندە جىگەر ئۆسمىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ جىگەر راكى ياكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. CT نىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنى %92 گە كۈچەيتكەندىمۇ، يەنىلا %8 ئەتراپىدىكى قان تومۇر ئۆسمىسىنى پەرقلەندۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇ نوقتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.


ئادەتتە، بىر قىسىم بىمارلار ئاۋۋال جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جىگەر راكى دەپ دىئاگنۇز قويۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى، بىر قىسىمى راستىنلا قان تومۇر ئۆسمىسى بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ جىگەر راكى بولغان، ئەمما يەنە بىر قىسمى بولسا خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالغانلىقتىن بولىدۇ.
ئۇنداقتا، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خاتا دىئاگنۇز ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى بىمارلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. تۆۋەندە، بۇ ھەقتىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي:
(1) چوقۇم CT غا چۈشۈپ جەزملەشتۈرۈش، ئەگەر CT دىمۇ قان تومۇر ئۆسمىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.
(2) بىماردا بىرلا ۋاقىتتا جىگەر قېتىشىش، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، AFP مۇسبەت ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ جىگەر راكى ئىكەنلىكىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى، چوقۇم كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
(3) جىگەر راكىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدىلا بىر ھەسسە، ھەتتا نەچچە ھەسسە چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئالاھىدە ئاستا ئۆسكۈچى بىمارلاردىمۇ بىر ئايدا %30 ئەتراپىدا چوڭىيىش بولىدۇ. لېكىن، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، كۆپ ساندىكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىدە بىر يىلدىمۇ يوغىناش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، بىمار جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن قايتا تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. ئومۇمەن قايتا تەكشۈرۈتۈشتە تەكشۈرۈش تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ (قاتا تەكشۈرۈتۈش ئۇلترا B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈلسە بولىدۇ.) دىققىتىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
http://www.eldawa.com

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:35:04

كۆپ رەھمەت ،

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:56:44

ھەزرەت ئەپەندى مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى نەچچە خىلغا يىتىدۇ؟شىنجاڭدىن چىقىدىغىنىچۇ؟
يەنە قايسى رايۇنلاردىن دورا ئەكىرىپ ئىشلىتىلمەكتە؟نېمە ئۈچۈن دورىلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۇتۇۋېلش
قىيىن?قايسى تىلدىكى تىبابەت ئاتۇلغۇلىرى بار؟
سىزنىڭچە ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن بىلەن جۇڭيى ۋە غەرب دورىلىرىنىڭ پەرقى نەدە؟

JKD يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:39:26

ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ياخشى بىلىملەركەن  . {:112:}{:112:}{:112:}  

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 22:16:00

ئۆزىمىزنىڭ مىزاجنى قايسى فورمىلاغا سىلىپ تىپىپ چىقىمىز.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 11:48:25

مىزاج ھەققىدە ياخشىراق چۈشەنچىگە ئېرىشكەن بولساق، بۇ تىمىدىن تېخخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولار ئىكەن.
بەت: [1]
: مىزاجغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەر