irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:19:41

بىغۇبار قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى

torگارسىيە ماركوز [كولومبىيە]

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى



ھاياتىدىكى جىمى خۇشلۇقلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ئاپەتلىك بوران چىققاندا، ئېلوندىرا مومىسىنى يۇيۇندۇرۇۋاتاتتى. تەلۋە بوراننىڭ بىرىنچى قېتىملىق زەربىسىدە ھاكلىرى چۈشۈشكە باشلىغان، غېرىبانىلىق ئىچىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان بۇ سۆرۈن بىنا تىتىرەپ كەتتى. لېكىن، تەبىئەتنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە كۆنۈكۈپ كەتكەن موماي بىلەن قىز قانچە بال بوراننىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. مۇنچىنىڭ ئىچى رىم مۇنچىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان توز ۋە قورچاق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنىدى.

مەرمەر تاشلىق مۇنچىدا ئولتۇرغان موماينىڭ لاخسىدەك يوغان، يالىڭاچ بەدىنى چىرايلىق لەڭنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن زىلۋا بويلۇق نەۋرە قىزىنىڭ تۇرۇقىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. يۈرۈش- تۇرۇشى يېشىغا نامۇناسىپ ھالدا نازاكەتلىك ئىدى. قىز قان ساپلاشتۇرىدىغان يۇپۇرماق ۋە خۇشپۇراق گۈل سۈيى بىلەن مومىسىنى يۇيۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ تولۇق كەلگەن مۈرىلىرىگە، چۇۋۇلغان چاچلىرىغا يۇپۇرماقلار يېپىشىۋالغانىدى.

- تۈنۈگۈن ئاخشام بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر پارچە خەتنى كۈتكۈدەكمەن،- دېدى مومىسى.

ئېلوندىرا ئالدىراپقىنا سورىدى:

- چۈشىڭىزدە قايسى كۈنى خەت كەلگۈدەك؟

- پەيشەنبە كۈنى.

- ئۇنداق بولسا ئۇ خەتتە چوقۇم بىر شۇم خەۋەر بار،- دېدى ئېلوندىرا،- لېكىن، بۇ خەتنى سىز مەڭگۈ تاپشۇرۇۋالالمايسىز.

ئېلوندىرا مومىسىنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە ھۇجرا ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. موماي شۇنچىلىك سەت سەمرىگەنىدىكى، شۇ تۇرۇقىدا بەئەينى ھاسىغا تايانمىسا ماڭالمايدىغان ئېپىسكوپقا ئوخشاپ قالغانىدى، نەۋرىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن دەلدۈگۈنۈپ ئاران- ئاران ماڭاتتى. ئېلوندىرا چىرايلىق بېزەلگەن ھۇجرىدا مومىسىنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ياساندۇردى: چاچلىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ چىرايلىق بانتىلىدى؛ كىيىمىگە ئەتىر چاچتى؛ يۈزىگە ئۇپا، لەۋلىرىگە ئەرنلىك سۈركىدى؛ ئۇچىسىغا گۈللۈك چاپان كىيگۈزدى، قاپىقىغا ئىپار سۈرتتى، تىرناقلىرىنى بويىدى. بۇ ھال خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ئېلوندىرا مومىسىنى قىزىلگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللۈككە ئېلىپ كىرىپ ئۇنى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان كونا ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى ۋە كىچىك ئۈنئالغۇسىدا مۇزىكا قويۇپ بەردى.

مومىسى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش بىلەن ئولتۇرغان چاغدا ئېلوندىرا ئۆينى پاكىز تازىلاپ چىقتى. قالايمىقانچىلىق بېسىپ كەتكەن بۇ قاراڭغۇ ئۆي ئىمپراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، ياش تۆكۈۋاتقان ئۆمۈچۈك ۋە پەرىشتىلەرنىڭ گەجدىن ياسالغان ھەيكىلى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئۆيدە يەنە ئالتۇن يالىتىلغان پىئانىنو ۋە ھەرخىل سائەتلەرمۇ بار ئىدى. ھويلىدا بىر كۆلچەك بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سۇنى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئىندىئانلار يىراق جايلاردىن يۈدۈپ كېلىۋاتاتتى. كۆلچەكنىڭ نېرىقى تەرىپىدە ئوسال ھاۋادىن قېپقالغان بىردىنبىر جانلىقنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە بىر ئاۋارە تۆگىقۇش تۈگۈلۈپ ياتاتتى. تاشقىي دۇنيادىكى جىمى نەرسىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان بۇ خىلۋەت رايوندىكى بىر قانچە كونا كوچىدىنلا تەركىب تاپقان بۇ كەنت ئوتتەك قىزىق ھاۋادا كۆيۈۋاتاتتى. ھەر قېتىم قاتتىق بوران چىققاندا، بۇ يەردە ئارقارلار تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتەتتى.

بۇ ئاجايىپ قورونى ئېلوندىرانىڭ ئەتكەسچىلىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامادىس ئىسىملىك بوۋىسى سالدۇرغانىدى. ئېلوندىرانىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسى ئوتتۇرىسىدا بىر بالىلا قالغانىدى. بۇ دەل ئېلوندىرانىڭ دادىسى ئامادىس ئىدى. جەمەتتىكىلەرنىڭ كەنتكە قاچان كېلىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ قەيەرلىكى توغرۇلۇق ھېچكىم بىلمەيىتتى. ئىندىئانلار ئارىسىدا: «ئامادىس ياش ۋاقتىدا ئاندېرىس تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر پاھىشىخانىدىن بىر چىرايلىق پاھىشىنى سېتىۋېلىپ خوتۇنلۇققا ئالغانمىش ۋە كېيىن ئاندېرىس تاقىم ئاراللىرىدا بىر ئەرنى ئۆلتۈرۈپ، قانۇن تورىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خوتۇنى بىلەن بۇ خىلۋەت ، نامرات كەنتكە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانمىش» دېگەندەك گەپلەر ئېقىپ يۈرەتتى. چوڭ ئامادىس ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆلگەن، كىچىك ئامادىس بىر ئۇرۇشتا قازا قىلغانىدى. ئېلوندىرانىڭ مومىسى ئېرى ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ھويلىغا كۆمدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاكارلىققا ئىشلىتىۋاتقان 14 يالىڭاياغ قىزنى قايتۇرۇۋەتتى. يالغۇز نەۋرىسى موماينىڭ جىق قۇربانلارنى بېرىشى، مىڭ بىر جاپادا قاتارغا قېتىشى بىلەن ئەمدىلىكتە بۇ سىرلىق قورودا بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئۇلاشتى.

ئېلوندىرانىڭ تام سائىتىگە ماياتنىك سېلىشى ۋە ۋاقىتنى توغرىلىشى ئۈچۈنلا ئالاھەزەل ئالتە سائەتكىچە ۋاقىت كەتتى. ئېلوندىرا بەختسىزلىككە يولۇققان كۈنى سائەتنى توغرىلىمغانىدى. چۈنكى تام سائىتىنىڭ ئەتىسى چۈشتى بۇرۇنقى ۋاقىتقا قەدەر توغرا ماڭالايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. سائەت 11 گىچە مومىسىنى يۇيۇندۇرۇش، كىيىمىنى كىيگۈزۈش، پولنى سۈرتۈش، چۈشلۈك تاماق ئېتىش، ئەينەك سۈرتۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئېلوندىرانىڭ پۇت- قولى يەرگە تەگمىدى. قىز تۆگىقۇشنىڭ ئالدىدىكى چىلەككە يېڭىدىن سۇ تولدۇرۇپ پاسكىنا سۇنى بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ توپىسىدىكى كۆكاتلارنىڭ ئارىسىغا قۇيۇۋېتىپ تۇرۇشىغا كىشىنىڭ دېمىنى تۇتۇلدۇرىدىغان نەس باسقۇر بوران چىقىپ كەتتى. قىز بۇنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىۋاتقان بەخىتسىزلىكنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى. چۈش سائەت 12 دە ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە تال شامپان ھارىقى بوتولكىسىنى سۈرتۈۋاتقان قىز غەيرىي بىر پۇراقنىڭ بۇرۇنىغا ئۇرۇلۇشى دەرھال ئاشخانا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى. ھېلىمۇ ياخشى، قىز ھالقىلىق پەيىتتە ئەقلىنى جورۇپ ئەينەك ئاپىتىدىن ساقلىنىپ قالدى.

قازاندىكى شورپا ھەدەپ تېشىپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن، ئېلوندىرا ئۇنىڭغا ھېچ يېتىشىپ بولالمايۋاتاتتى. قىز بايا تەييارلاپ قويغان كۆكتات يۇپۇرماقلىرىنى قازانغا تاشلىغاندىن كېيىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر پەسكە ئارام ئېلىۋالدى. ئاۋۋال كۆزىنى يۇمدى، ئاندىن ھايال ئۆتمەي ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە كۆزىنى يەنە ئاچتى- دە، قازاننىڭ  شورپىسىغا سۇ قاتتى. قىز دائىم ھازىرقىدەك مۈگىدىگەچ ئىش قىلاتتى.

12 ئادەم سىغىدىغان، ئۈستىگە كۈمۈش شامدان قويۇلغان تاماق شىرەسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە قىزنىڭ مومىسى يالغۇز ئولتۇراتتى. موماي قوڭغۇراقنى جىرىڭشىتىپ تۇرۇشىغا ئېلوندىرا شورپىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. قاچىسىغا شورپا ئۇسسۇلىۋاتقاندا، موماي نەۋرىسىنىڭ ئۇيقۇلۇق چىرايىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈردى. موماي ئەينەك ئېيىتماقچى بولغاندەك، قولىنى چىقىرىپ نەۋرىسىنىڭ كۆزى ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. لېكىن، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ قولىنى كۆرمىدى. موماي نەۋرىسىدىن تېخىچە كۆز ئۈزمەي تۇراتتى. ئېلوندىرا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپ تۇرۇشىغا موماي ۋارقىرىدى:

- ئېلوندىرا!

قىز قاتتىق چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى، قولىدىكى شورپا ئۇسسۇلغان كورا گىلەمگە چۈشۈپ كەتتى.

- كېرەك يوق، بالام،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن،- بايا كېتىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپسەن.

- كۆنۈپ قاپتىمەن،- دېدى ئېلوندىرا ئىپادىسىز يوسۇندا.

تېخىچىلا ئۇيقۇسىراپ تۇرغان قىز كورىنى قولىغا ئېلىپ گىلەمدىكى شورپىنىڭ دېغىنى سۈرتمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، موماي:

- مۇنداق بولسۇن، ئۇنى چۈشتىن كېيىن يۇيۇۋەتكىن،- دېدى.

شۇنداق قىلىپ، چۈشتىن كېيىنلىكى كۈندىلىك مەشغۇلاتلاردىن باشقا، ئېلوندىرانىڭ گىلەمنى يۇيۇشىغا توغرا كەلدى. قىز كۆلچەككە بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشەنبە كۈنى كىيىدىغان كىيىملىرىنىمۇ يۇيۇۋالدى. ھۇشقىيتىپ چىقىۋاتقان بوران ئۆيگىمۇ شىپقاپ كىرىدىغاندەك قىلاتتى. قولىدا چېچىدىن تولا ئىش بولغاچقا، قىز قاراڭغۇ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ تاماقخانىدىكى گىلەمنى يىغقاندا، ئاللىبۇرۇن ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغانىدى.

موماي كەچ كىرگىچە پىئانىنونى تىرىڭشىتىپ ئولتۇردى، تېخى ئۆز- ئۆزىدىن مەستخۇش بولۇپ ياش ۋاقتىدا تولا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارغا غىڭشىپمۇ قويدى، كۆزىگە ياشمۇ ئالدى. يۇمشاق پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ كارىۋىتىغا چىقىۋېتىپمۇ ئاش ئازابلىق ھەم شېرىن ئەسلىمىلىرى ئارىسىدىن چىقالمايۋاتقاندەك بىر يوسۇندا تۇرۇپ قالدى.

- ئەتە زالدىكى گىلەمنى يۇيۇۋەتكىن،- دېدى موماي ئېلوندىراغا،- ئۇ گىلەمنىڭ كۈن كۆرمىگىنىگە ئۇزۇن بولدى.

- بولىدۇ موما،- دېدى قىز جاۋابەن.

ئېلوندىرا پەي يەلپۈگۈچنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىگە توختىماي بۇيرۇق سوقۇۋاتقان شەپقەتسىز مومىسىنى يەلپۈشكە باشلىدى، ھايال ئۆتمەي ئۆزىمۇ ئۇخلاپ قالدى.

- ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋەتكىن. شۇنداق قىلساڭ خاتىرجەم ئۇخلايسەن.

- بولىدۇ موما .

- كىيىم ئىشكابىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇما. بورانلىق كەچلەردە كۈيە دېگەندەك بىر نېمىلەر تازا ئېچىرقاپ كېتىدۇ.

- بولىدۇ موما.

- ۋاقىت چىقىرىپ گۈللەرنى ھويلىغا ئاچىقىۋەتكىن، ئۇلارمۇ يېڭى ھاۋادىن نەپەسلەنسۇن.

- بولىدۇ موما.

- تۆگىقۇشقا ئازراق يەيدىغان نەرسە تاشلاپ بەر.

موماي ئۇيقۇغا كېتىۋېتىپمۇ بۇيرۇق سوقۇشنى ئۇنتۇمىدى. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ بۇيرۇقۋازلىقى نەتىجىسىدە توختىماي ئىشلەپ چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئېلوندىرا تۇيدۇرماي سىرىتقا چىقىپ بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئىشنى قىلىپ تۈگەتتى. قىز ئەزەلدىن مومىسىنىڭ جۆيلۈپ تۇرۇپ تاپىلىغان ئىشلىرىنى بەجانىدىل ئورۇنلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى.

- ئازراق ئىچىدىغان نەرسە ئېلىپ بوۋاڭ بىلەن داداڭنىڭ توپىسىغا بېرىپ تىلاۋەت قىل.

- بولىدۇ موما.

- ئۇخلاشتىن بۇرۇن بارلىق نەرسىلەرنى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغىن. بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنىڭمۇ ئىچى پۇشۇپ قالىدۇ.

- بولىدۇ موما.

- بوۋاڭ بىلەن داداڭ كېلىپ قالسا كىرگۈزمە. ئۇلارغا دەپ قوي، بوفېللو گراننىڭ ئالىقاپلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز دەپ پايلاپ يۈرىدۇ.

ئېلوندىرا ئەمدى مومىسىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىدى. چۈنكى ئۇ مومىسىنىڭ جۆيلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلەتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىرنى قويماي ئورۇنداشقا مەجبۇر ئىدى. قىز دېرىزىلەرنىڭ ھىم يېپىلغان- يېپىلمىغانلىقىنى تەكشۈردى، ئاخىرقى بىرنەچچە تال شامنى ئۆچۈردى، ئاندىن چىۋىقسىمان شامنىڭ يورۇقىدا ھوجرا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا مومىسى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا خورەككە چۈشۈپ كەتكەن، سىرىتتا بوران بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى.

ئېلوندىرانىڭ ھوجرىسى مومىسىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئوبدانلا چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى. لاتا قورچاقلار ۋە ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئوينىغان كىچىك جانۋارلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇنچۇقلىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئالغانىدى. بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقتا ماجالىدىن كەتكەن قىز كىيىمىنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي شامنى كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويدى ۋە تەتۈرىسىگە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ئېلوندىرانى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغان تەلۋە بوران ئۇ ياتقان ھوجرا ئۆيگە شىپقاپ كىرىپ شامداننى ئۆرۈۋەتتى، دېرىزە پەردىسىگە ئوت كەتتى.

بوران تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ توختاپ يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى، سىم- سىم يامغۇر ئەڭ ئاخىرقى ئوت ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۆيدىكى كۈلنى يەنە ھۆل قىلىۋەتتى. ئاساسلىقى ھىندىئانلاردىن تەشكىل تاپقان بازارلىقلار يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت ئىچىدىن تۆگىقۇشنىڭ كۆيگەن جەسىتى، ئالتۇن يالىتىلغان پىئانىنو جاھازىسى، پۇتى سۇنغان ھەيكەل دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. موماي ئوت ئاپىتىدە ئامان قالغان روزىغارلىرىغا تېڭىرقاش نەزەرى بىلەن قاراپ قالدى. بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ توپىسى ئارىلىقىدا ئولتۇرغان ئېلوندىرانىڭ ئەمدى يىغلىغۇدەك ماجالى قالمىدى. شېخىل تاشلارنىڭ ئارىسىدا ساقلاپ قالغۇدەك بىر نەرسىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرگەن موماي ئىچى سىيرىلغان ھالدا نەۋرىسىگە قاراپ قويدى.

- بىچارە بالام،- دېدى موماي ئاچچىق ئۇھسىنىپ،- جېنىڭنى سېلىپ بەرسەڭمۇ بۇ زىيانلىرىمنى تۆلەپ بولالمايسەن جۇمۇ!

شۇ كۈنى– چىلەكلەپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا، ئېلوندىرانىڭ مومىسى تارتقان زىيانلىرىنى تۆلىتىش مەقسىتىدە ئۇنى بازاردىكى بىر سودىگەرنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ باردى. سودىگەر بۇ نامرات كەنت بويىچە نارەسىدە قىزلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش بىلەن نامى چىققان، خوتۇنى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن، پاسكىنا، ئاچكۆز كىشى ئىدى. ئۇ غۇرۇر- ۋىجدانىنى يوقاتقان مومايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلوندىرانىڭ بەدىنىنى مىجىقلاپ چىقتى. قىزنىڭ ئىككى پاقالچىقىدا قانچىلىك كۈچ بارلىقى، كۆكسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە يوتىسىنىڭ دېئامېتىرىنى ھېسابلاپ كۆردى، ئەمما باھا توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشتىن ئىلگىرى بىر ئېغىز تىنمىدى.

- ئۇ بەك كىچىككەن، ئەمچىكىنىڭ توپچىسىلا قانجىقنىڭكىدەك يوغان ئىكەن،- دېدى سودىگەر.

دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن سودىگەر ئېلوندىرانى تارازىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ توختاتتى. قىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 42 كلوگرام كەلدى.

- 100 پېسوغىلا يارايدىكەن، – دېدى سودىگەر.

موماي ۋارقىرىۋەتتى.

- بۇلماقتەك بىر قىزغا 100 پېسو باھا قويۇۋاتقىنىڭىزنى قارىڭە!- دېدى موماي توۋلاپ دېگۈدەك،- بولمايدۇ، بۇ– يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ ئىپپىتىگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق كۆز يۇمغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟

- ئەمىسە 150 پېسو بولسا قانداق؟- دېدى سودىگەر يەنە.

- مۇشۇ قىزنىڭ كاساپىتىدىن بىر مىلىيون پېسودىن ئارتۇقراق پۇلغا يارايدىغان ماللىرىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى،- دېدى موماي،- بۇ باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ مېنىڭ زىيانلىرىمنى 200 يىلدا ئاران تۆلەپ بولغۇدەك.

- ھېلىمۇ ياخشى بۇ دېگىنىڭىزگە نەۋرىڭىزنىڭ ياش بولۇپ قالغىنى،- دېدى سودىگەر.

جۇدۇنلۇق يامغۇردا خېلىلا ئىسكەتىدىن كەتكەن بۇ ئۆينىڭ تورۇسىدىن يامغۇر تامچىلىرى چۈشۈۋاتاتتى. كۈلپەتنىڭ ئايىغى قۇرۇمايدىغان بۇ زېمىننىڭ شاھىدى بولمىش موماي شۇ قەدەر ئېغىر غېرىبلىق ئازابىنى تارتىۋاتاتتى.

- 300 پېسو بولسۇن،- دېدى موماي.

- 250 پېسو بېرەي.

ئەڭ ئاخىرىدا سودىگەر 220 پېسونى نەق بېرىدىغان، ئاندىن يەنە ئازراق يەيدىغان نەرسە قوشۇپ بېرىدىغان بولدى. موماي شۇندىلا نەۋرىسى ئېلوندىرانى سودىگەرنىڭ ئارقىسىدىن سېلىپ قويدى.

- سېنى مۇشۇ يەردە ساقلايمەن،- دېدى موماي.

- بولىدۇ موما،- دېدى ئېلوندىرا.

دۇكاننىڭ كەينىدە تورۇسى پاخالدا ئېتىلگەن، كېسەكتە قوپۇرۇلغان تۆت تۈۋرۈكنىڭ ياردىمىدە ئۆرە تۇرغان بىر ئەسكى ئىسكىلات بار ئىدى. قاتتىق يامغۇر ياغقاندا بۇ ئىسكىلاتتىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى. تام تۈۋىگە بىر نەچچە داس ۋە باشقا ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكلىرى قويۇلغانىدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدا رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بىر ئاسما كارىۋات بار ئىدى؛ قارىماققا كىشىگە دولقۇندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان يەلكەنلىك كېمىنى ئەسلىتەتتى. سىرىتتا يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتاتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ نەدىندۇر بىر يەردىن ئاللىكىملەرنىڭدۇر ۋارقىراپ- جارقىراشلىرى، ھايۋانلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى، سۇيىقەستكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ياردەم سوراپ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى.

ئېلوندىرا بىلەن سودىگەر يامغۇردا تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ ئىسكىلاتقا كىردى. ئىككىيلەن سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشەرەپ كەتكەنىدى. يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر- بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىدى. سودىگەر تۇنجى قېتىم قولىنى سوزغاندا ئېلوندىرا قورققىنىدىن چىرقىرىۋەتتى ۋە قاچماقچى بولدى. سودىگەر قىزنىڭ قولىنى بېغىشىدىن ئاستا تۇتۇپ كەينىگە قايرىدى- دە، قىزنى ئاسما كارىۋاتقا ئېلىپ ماڭدى. ئېلوندىرا جېنىنىڭ بارىچە تىپىرلايىتتى، سودىگەرنىڭ يۈزلىرىنى مورلايىتتى، ئىچ- ئىچىدىن ئېسەدەپ يىغلايىتتى. سودىگەر قىزنىڭ يۈزىگە چاڭڭىدە بىرنى سالدى ۋە ئۇنى دەس كۆتۈرۈپ بىردەم پىرقىراتقاندىن كېيىن يەرگە دەسسەتكۈزمەيلا بېلىدىن تۇتۇپ ئاسما كارىۋاتقا باستى. قىز قورقۇپ ھۇشىدىن كەتتى. سودىگەر ئېلوندىرانىڭ كىيىمىنى ئوت ئالغان پەدىدە تىتىپ- تىتىپ تاشلىدى. بۇرۇچ لاتىلار بوراندا ئۇيان- بۇيان ئۇچۇشقا باشلىدى.

ئېلوندىرا بازاردىكى جىمى ئەرلەرنىڭ باغرىنى بىرەر قېتىمدىن قاندۇرغاندىن كېيىن، مومىسى بىر يۈك ماشىنىسىنى كىرا قىلىپ ئۇنى ئەتكەسچىلەر ماڭىدىغان يول بىلەن ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار گۈرۈچ قاچىلانغان تاغار بىلەن ئاپتول تۇڭىنىڭ ئارىلىقىدا ئولتۇراتتى، ماشىنىدا يەنە ھېلىقى قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئامان قالغان ئازغىنە نەرسە- چىرايلىق ياسالغان كارىۋات، ئۇرۇش پەرشتىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەيكەل، كۆيۈپ تۈگىشىپ كېتەي دېگەن ئورۇندۇق، ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەر ۋە سىرتىغا ئىككى دانە كرىست بەلگىسى سىزىلغان، ئىچىگە چوڭ- كىچىك ئامادىسلارنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان يوغان بىر ساندۇقمۇ بار ئىدى.

موماي ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر كونا كۈنلۈكتە قوياشتىن دالدىلىنىپ ئولتۇراتتى، ئاچچىق تەر، توپا- توزان ئۇنىڭ جېنىنى تازا قىينىماقتا ئىدى ؛ ئۆزى قىينىلىپ تەستە نەپەس ئالاتتى. لېكىن، مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ سۈرىنى بۇزماي ئولتۇرۇشنى ئۇنتۇمىغانىدى. ئاپتول باكلىرى بىلەن گۈرۈچ قاچىلانغان تاغارنىڭ كەينىدە ئېلوندىرا يۈك ماشىنىسىنىڭ مال توشۇغۇچىسىغا تېنىنى سېتىۋاتاتتى. قىز مۇشۇ ئوقىتىدىن كىرىدىغان 20 پېسو پۇل بىلەن كىرا ھەققىنى تۆلىمەكچى ئىدى. دەسلىپىدە، ئېلوندىرا ھېلىقى قېرى سودىگەرنىڭ پوكىنى ئاستىدا يېتىشتىن ئىلگىرىكىدەكلا خېلى قارشىلىق كۆرسىتىپ باقتى. ئەمما، مال توشۇغۇچى ناھايىتى قۇۋ ئىدى. ئۇ سودىگەرنىڭ ئەكسىچە قىزنى شېرىن- شېكەر گەپلەر بىلەن ئاستا ئىندەككە كەلتۈردى. مۇشەققەتلىك سەپەر ئاياغلىشىپ ماشىنا بىرىنچى بازارغىمۇ يېتىپ كەلدى. لېكىن ئېلوندىرا يۈك- تاقلارنىڭ كەينىدە تېخىچە مال توشۇغۇچىنىڭ ھەۋىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ ياتاتتى. يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى مومايغا قاراپ توۋلىدى:

- مۇشۇ يەردىن ئالدىمىزغا ماڭساڭ يەنە بىر دۇنياغا چىقىمىز.

موماي نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان غېرىبانە كوچىغا گۇمانسىراش نەزەرى بىلەن يالىتتىدە قارىدى . ئۇلار تېخى بايىلا ئايرىلغان كىچىك بازار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ بازار سەل چوڭراق، ئەمما ئوخشاشلا چۆل ئىدى .

- مەن ھېچ كۆرمەيمەنغۇ،- دېدى موماي.

- بۇ دېگەن دىن تارقىتىش رايونى.

- مەن ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەمەس، ئەتكەسچىلىك سودىسىغا قىزىقىمەن.

ئېلوندىرا يۈك- تاقلارنىڭ كەينىدە ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى، گۈرۈچ تاغىرىغا بارماقلىرىدا بىر نېمىلەرنى جىجىۋېتىپ قىزنىڭ قولىغا بىر تال يىپ ئۇرۇندى، يىپنى تارتىۋېدى، بىر تىزىق مارجان قولىغا چىقتى. بۇ چاغدا شوپۇر تېخىچە مومىسى بىلەن پاراڭدا ئىدى. ئېلوندىرا بارماقلىرىدا ئېسىلىپ تۇرغان مارجانغا قورقۇمسىراپ دېگۈدەك قارىدى.

- خانىم، چۈشەكىگەندەك گەپ قىلمىسىڭىزچۇ. ھازىر ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان كىم بار دەيسىز؟

- ئەلۋەتتە بار،- دېدى موماي،- قېنى تېز ئېيتىڭە!

- ئىشەنمىسىڭىز ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ،- دېدى شوپۇر كۈلۈپ قويۇپ،- ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ، لېكىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەمدىن بىرسى يوق.

مال توشۇغۇچى ئېلوندىرانىڭ قولىدىكى مارجاننى كۆرۈپ شارتتىدە تارتىۋالدى- دە، گۈرۈچ تاغىرىغا تىقىپ قويدى. شۇ ئەسنادا مومىسى ئېلوندىرانى ئۆزىنى يۆلەپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈشكە چاقىردى، بازاردىن غۇربەتچىلىك تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، موماي يەنىلا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. ئېلوندىرا مال توشۇغۇچىنى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ خەيرىلەشتى. بۇ سۆيۈش شۇنچىلىك تېز يۈز بەردىكى، قىز بۇنى چىن كۆڭلىدىن خالاپ تۇرۇپ قىلدى.

موماي كوچىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ نەرسە- كېرەكلەرنى چۈشۈرۈشىگە قاراپ ئولتۇردى، ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان يوغان ساندۇق ماشىنىدىن ئەڭ كەينىدە چۈشۈرۈلدى.

- ھەجەپ ئۆلۈكتەك ئېغىر ساندۇقكىنە بۇ،- دېدى شوپۇر كۈلۈپ قويۇپ.

- ئىچىدىكىسى ئىككى ئادەمنىڭ جەسەت كۈلى تۇرسا، ئېغىر بولمامتى ئەمىسە،- دېدى موماي،- بەڭ ئاۋايلاڭلار جۇمۇ.

- ئۇنچىۋالا ئاۋايلىغۇدەك، ئىچىدىكىسى پىل چىشىدىن ياسالغان ھەيكەل ئەمەستۇ؟

شوپۇر ساندۇقنى ئوتتىن ئامان قالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇۋېتىپ قولىنى مومايغا تەڭلىدى:

- 50 پېسو بەرسىڭىز بولىدۇ.

- ماۋۇ ياردەمچىڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېلىپ بولدى،- دېدى موماي مال توشۇغۇچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

بۇ گەپتىن ھەيران قالغان شوپۇر مال توشۇغۇچىغا لاپپىدە قارىدى، مال توشۇغۇچى راسىت شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول ئىشارىسى قىلدى. شوپۇر كابىكىغا چىقتى، كابىنكىدا بالا كۆتۈرۈۋالغان، چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئايال ئولتۇراتتى، قۇچاقتىكى بالا قىرقىراپ يىغلايىتتى. مال توشۇغۇچى زور ئىشەنچ بىلەن مومايغا دېدى:

- ماقۇل كۆرسىڭىز، ئېلوندىرا مەن بىلەن كەتسە. بۇ گەپلەرنى مەن چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ دەۋاتىمەن.

- بۇ گەپنى ئۇنىڭغا مەن ئۆگەتمىدىم جۇمۇ!- دېدى ئېلوندىرا قورقۇمسىراپ.

- دېگەنلىرىم راست،- دېدى مال توشۇغۇچى.

موماي زادى قانچىلىك بىر نېمىسى باردۇر، دېگەن نەزەردە مال توشۇغۇچىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە بىر قۇر قارىۋېتىپ دېدى:

- زىيىنىمنى تۆلىيەلىسەڭ، باشقا گېپىم يوق. چۈنكى شۇ زىيانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. جەمئىي بولغان زىيان 862 مىڭ 315 پىسو، ئۇنىڭدىن 420 پىسونى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە 861 مىڭ 890 پىسو قالدى.

ماشىنا قوزغالدى.

- ماڭا ئىشىنىڭ، ئەگەر مەندە شۇنچىلىك پۇل بولغان بولسا، سىز بىلەن ھەرگىز تالىشىپ ئولتۇرمايىتتىم،- دېدى مال توشۇغۇچى تەمكىنىنى بۇزماي،- بۇ قىزنىڭمىغۇ شۇنچىلىك پۇلغا يارىغۇچىلىكى بار بولمىسا.

موماي مال توشۇغۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن دېدى:

- چاتاق يوق بالام. ھازىرچە كېتىپ، ئاشۇ پۇلنى تاپقان كۈننىڭ ئەتىسى كەلگىن. ھېسابلاپ كېلىدىغان بولسام، سەن ماڭا يەنە 10 پېسو قەرز بولغان بولىسەن تېخى!

مال توشۇغۇچى ماشىنىنىڭ تەكچىسىگە پۇتىنى ئالدى، ماشىنا ئاستا- ئاستا ئۇزاپ كەتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېلوندىرا بىلەن خەيرىلەشتى، مومىسىدىن قورقۇپ ئاران تۇرغان ئېلوندىرا ئۇنىڭ قول ئىشارىسىگە دىققەت قىلمىدى.

ماشىنا ئۇلارنى ئاشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئېلوندىرا بىلەن مومىسى قاڭالتىر ۋە گىلەم پارچىلىرى بىلەن قوياش نۇرى تىككىدە چۈشۈپ تۇرغان ئوچۇقچىلىققىلا بىر چېدىر تىكتى، ئاندىن داق يەرگىلا ئىككى پارچە بورىنى سالدى- دە، بەئەينى ياسىداق ئۆيىدە ياتقاندەك تولىمۇ تاتلىق ئۇخلىدى، قوياش چېدىرنىڭ تورۇسىدىكى تۆشۈكتىن قىزىق تەپتىنى يۈزلىرىگە سەپكەندىلا ئاندىن كۆزىنى ئاچتى.

ئۇ كۈنى مومىسىنىڭ پوزىتسىيىسى باشقىچىلا يۇمشاپ قالدى، ئەتىگەندىلا ئېلوندىرانىڭ چاچلىرىنى تۈجۈپىلەپ تارىدى، چىرايلىق ياساندۇردى. ياشلىقىدا ئۆزىنى قانداق ياساپ يۈرگەن بولسا، يەنە شۇ پەدىدە قىزنىڭ قاش- كۆزلىرىنى بويىدى، يالغان كىرپىك تاقىدى، چاچلىرىنى كېپىنەكنىڭ قانىتىغا ئوخشىتىپ چىرايلىق بانتىلىدى.

- نېمە ئۇ بايامقى تۇرۇقۇڭ، ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرۈپ،- دېدى مومىسى رازىمەنلىك بىلەن،- مانا ماۋۇ تۇرۇقۇڭ بولدى. ئەر كىشى دېگەن ئەر – ئاياللىق ئىشىدا تولىمۇ ياۋايىلىشىپ كېتىدۇ.

يىراق بىر يەرلەردىن قېچىرنىڭ تىكىسلاپ مېڭىپ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. مومىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ، ئېلوندىرا گويا تۇنجى رەت سەھىنىگە چىقىۋاتقان ئارتىستقا ئوخشاش ئۆزىنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ بولۇپ، تۆشەككە كىرىپ ياتتى. مومىسى ھاسىسىغا تايانغىنىچە چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقتى- دە، ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ قېچىرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.

بىر پوچتالىيون يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. پوچالىيون 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت بولسىمۇ، خەت توشۇيمەن دەپ كەچكىچە سوكۇلداپ يۈرگەچكىمىكىن، ئوزايىدىن خېلىلا قېرى كۆرۈنەتتى. ئۇچىسىغا قىپقىزىل كىيىم، پۇتىغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك، بېشىغا يوغان گىرۋەكلىك شىلەپە كىيگەن، بېلىدىكى تاسمىسىغا ھەربىيلەرنىڭ تاپانچىسىنى قىستۇرۇۋالغان بۇ يىگىت پوچتا تاغىرى ئارتىلغان قاۋۇل قېچىرنىڭ ئۈستىدە چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇ موماينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قول ئىشارىسى بىلەن سالام قىلىپ قويۇپ يولىنى داۋام ئەتتى. موماي ئۇنىڭغا چېدىر ئىچىگە قاراپ بېقىپ ماڭمامسەن دېگەن مەنىدە شەرەت قىلدى. پوچتالىيون قېچىرىنى توختىتىپ، ئۇچىسىغا گىرۋەكلىرىگە گۈل تۇتۇلغان توق بىنەپشە رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن، كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك چىرايلىق ياسىنىۋالغان بىر قىزنىڭ تۆشەكتە ياتقىنىنى كۆردى.

- قانداق، يارىدىمۇ؟- سورىدى موماي.

موماينىڭ گېپىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان پوچتالىيون كۈلۈپ قويۇپ دېدى:

- نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم.

- 50 پىسو،- دېدى موماي.

- بەللى، زەھەردەك قىممەتچىكەنسىزغۇ سىز!- دېدى پوچتىكەش،- 50 پىسوغا مەن دېگەن بىر ئاي تاماق يەيمەن.

- نېمانچە پىخسىق نېمە سەن، ئاۋىئاتسىيە پوچتىكەشلىرىنىڭ مائاشىنىڭ باستېرلارنىڭكىدىنمۇ يوقىرى ئىكەنلىكىنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟

- مەن دېگەن يەرلىك پوچتالىيون، ئاۋىئاتسىيە پوچتالىيونلىرى كىچىك تىپتىكى قارا ماشىنا ھەيدەيدۇ.

- دەۋاتقان گېپىڭنى قارا، كۆڭۈل ئېچىشمۇ تاماققا ئوخشاشلا موھىم ئەمەسمۇ.

- لېكىن ئۇ ئىشنى قىلغانغا قورساق تويمايدۇ- دە!

موماي بۇ يالاڭتۆش پوچتالىيون بىلەن باھا تالىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى.

- قانچە پۇل بېرەلەيسەن؟- سورىدى موماي.

پوچتالىيون قېچىرىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشتى- دە، كولاشتۇرۇپ يۈرۈپ يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى ئېلىپ مومايغا تەڭلىدى. پۇلنى كۆرسە يىرتقۇچ قۇشتەك ئېتىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان موماي ئاچكۆزلۈك بىلەن پۇلغا كاپپىدە ئېسىلدى:

- پۇلۇڭ سەل ئازكەن، بوپتۇ دەي. لېكىن بىر شەرتىم بار، بارغانلا يېرىڭدە بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلىسەن.

- چاتاق يوق، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە داۋراڭ قىلىسەن دېسىڭىزمۇ قىلالىغۇچىلىكىم بار مېنىڭ،- دېدى پوچتالىيون.

ئېلوندىرادا مومىسىنىڭ قارارىغا قارشى قوپقۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى. ئۇ كۆزلىرىگە قادىۋالغان يالغان كىرپىك، يالغان كۆزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۆشەككە ئۆزىنى تاشلىدى- دە، نېرىسىغىراق سۈرۈلۈپ پوچتالىيونغا ئورۇن راسلىدى. پوچتالىيون چېدىر ئىشىكىدىن پۇتىنى ئېلىشىغىلا موماي ئىشىك پەردىسىنى يېپىۋەتتى.

راست دېگەندەك، پوچتالىيوننىڭ داۋرىڭى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، ئېلوندىرانىڭ باغرىغا قېنىش ئۈچۈن 20 ئەر يىراقنى يىراق دېمەي كېلىشتى. كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا لاتارىيە ساتقۇچىلار، ئۇششاق يېمەكلىك ساتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن، ۋېلىسىپىت مىنىۋالغان بىر فوتوگرافمۇ كەلدى، ئۇ چېدىرنىڭ ئالدىغا سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ جاھازىسى تىكلىدى، ئاققۇنىڭ كۆلدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دېكوراتسىيە تارتتى.

موماي گويا بۇ يەر ئۆزىنىڭ شەخسىي بازىرىدەك، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆزىنى يەلپۈيىتتى، قاياقتىن خېرىدار كېلەركىن دەپ ھاياجان ئىلىكىدە ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇراتتى. موماي دەسلەپتە بەك چىڭگىزلىك قىلىپ تۇرۇۋالدى، بىر قېتىم ھەتتا بەش پېسونى دەپ بىر كونا خېرىدارىنى رەت قىلىپمۇۋەتتى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى تەجرىبىلىك بوپ قالدى، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىزنىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تويلۇق ئۈزۈك، ئالتۇن دېگەندەك نەرسىلەرگىمۇ ماقۇل دەۋېرىدىغان بولدى.

ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، مومايمۇ خېلى جىق پۇل يىغىۋالدى. ئېشەكتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئورۇن يۆتكەپ تۇردى، چالا قالغان زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بازار قىلىشقا ئەپلىك جاي ئىزدىدى. مومىسى ئېشەككە ئارتىلغان جاھازا ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئېلوندىرا ياندا مومىسىغا كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭاتتى. كەينىدىن تۆت ئىندىئان ئۇلارنىڭ جىمى مەنقۇلاتلىرىنى- ئۇخلىغاندا سېلىپ ياتىدىغان بورا، ئورۇندۇق، گەژدە قاتۇرۇلغان پەرىشتە ھەيكىلى ۋە ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان ساندۇقنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. ھېلىقى فوتوگرافمۇ ۋېلسىپىتىگە مىنىۋېلىپ ئۇلار بىلەن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئەگىشىپ ماڭاتتى.

ئوت كەتكەن ئىشقىمۇ ئالتە ئاي بولۇپ قالدى، موماينىڭ ئوقىتىمۇ ئوبدانلا يۈرۈشۈپ بەردى. بىر كۈنى ئۇ ئېلوندىراغا دېدى :

- ئوقىتىمىز مۇشۇنداقلا يۈرۈشۈپ بېرىدىغان بولسا ، يەنە 8 يىل 7 ئاي 8 كۈندە جىمى قەرزلىرىڭنى تۆلەپ بولغۇدەكسەن. ئەلۋەتتە بۇ ئىندىئانلارنىڭ ئىش ھەققى، يېمەك- ئىچمىكى ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئېلوندىرا ئېشەكنىڭ كەينىدىن قالماي كېلەتتى، ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ھېچ ھالى قالمايۋاتاتتى، مومىسىنىڭ ھېساب سوقۇشلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگىنى بىلەن، سەللا ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلايدىغاندەكلا قىلاتتى.

- ئۇستىخانلىرىم ئۈگە- ئۈگىلىرىگىچە ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

- ئەمىسە بىردەم ئۇخلىۋالغىن.

- بولىدۇ موما.

قىز كۆزلىرىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى- دە، كېتىۋېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

لىققىدە سىۋەت بېسىلغان بىر قارا ماشىنا يىراقتىن توپا- چاڭ توزىتىپ كېلىۋاتاتتى، ماشىنىدىن ئۈركۈگەن بۆكەنلەر تەرەپ- تەرەپكە پېتىراپ كەتتى. سىۋەتتكى مەھكۇم قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى ئېغىر بۇرۇقتۇرمىلىق قاپلىغان يەكشەنبە كۈنىدە، گويا سۈزۈك بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلدۇق- بۇلدۇق سۇ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى. ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقىنى يەل بېرىپ قويغان توپتەك سەمرىگەن گوللاندىيىلىك دېھقانچىلىك فېرما خوجايىنى ئىدى، بوران- چاپقۇندا تولا يۈرگەچكىمىكىن، تېرىلىرى قاتاڭغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. خېنە رەڭ ساقال- بۇرۇتلىرىنىڭ قايسى بوۋىسىدىن ئېرسىيەت قالغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى. يېنىدا ياشلىقىنىڭ تازا ئالتۇن پەسلىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئۇلىسېس ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزلىرى دېڭىز سۈيىدەك يېشىل، مەرۋايىتتەك نۇرلۇق، بوي- بەستى قاملاشقان زىلۋا يىگىت ئىدى. ئېلوندىرالار تىككەن چېدىر دېھقانچىلىق فېرمىسى خوجايىنىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر ئارمىيىنىڭ جىمى ئەسكىرى چېدىرنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت بوپ كەتكەنىدى. ئەسكەرلەر بىر بوتولكا ھاراقنى بوتولكىسى بىلەنلا ئايلاندۇرۇپ ئىچىپ ئولتۇراتتى، ھەممىسىنىڭ بېشىدا شاپتۇل شېخىدىن ياسالغان سەللە، گويا ھېلىلا ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغاندەك ھالەتتە تۇراتتى. گوللاندىيىلىك كىشى گوللاند تىلىدا ئوغلىدىن سورىدى:

- ئاۋۇ يەردە نېمە سېتىۋاتقاندۇ؟

- بىر قىزنى دەپ شۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئۇ،- ئۇدۇللا جاۋاب بەردى ئۇلىسېس،- ئۇ قىزنىڭ ئىسىمى ئېلوندىرا.

- بۇنى سەن قانداق بىلىسەن؟

- بۇ قاقاسلىقتا بۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق،- دېدى ئۇلىسېس.

گوللاندىيىلىك كىشى بازاردىكى بىر كىچىك مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇلىسېس ماشىنىدا قېپقېلىپ، دادىسىنىڭ ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان ھۆججەت سومكىسىنى تېزلىك بىلەن ئاچتى ، ئىچىدىن بىر تاتازا پۇلنى ئالدى- دە، ئارىسىدىن بىر نەچچە ۋارىقىنى سۇغۇرۇپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن قالغىنىنى يەنە ئۆز جايىغا قويۇپ قويدى. جاھاننى قاراڭغۇلۇق ئۆز قوينىغا ئالدى، ئۇ دادىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، مېھمانخانىدىن ئاستاغىنە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، ئۇدۇل بېرىپ ئۆچرەتتىكىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدى.

بايرام تۈسىنى ئالغان بىر شادىيانىلىك تازا ئەۋجىگە چىققانىدى، ئوبدانلا مەست بوپ قالغان ياشقا چوڭراق بىر ئەسكەر بىكارلىق مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، فوتوگراف پاراسلىتىپ سۈرەت تارتىش بىلەن مەلەك ئىدى. موماي خېرىدار كۈتكەچ، ئېتىكىگە ئۈزۈلمەي چۈشۈۋاتقان پۇللارنى سانايىتتى. يەنە 12 ئەسكەر نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتى، چۈشتىن كېيىن بىر نەچچە كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. ئۇلىسېس ئۆچرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇراتتى.

نۆۋەت چىرايىنى مۇڭ باسقان بىر ئەسكەرگە كەلگەندە، موماي ئۇنى كىرگۈزمىدى، پۇلىنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى.

- بولدى بالام،- دېدى موماي ئەسكەرگە،- مورلارنىڭ جىمى ئالتۇنلىرىنى بەرسەڭمۇ ساڭا ماقۇل دېمەيمەن. ئەپتىڭگە قارىسا ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىكەن.

ئەسكەر ھەيرانلىق ئىلىكىدە سورىدى:

- نېمىشقا ئەمدى؟

- سەندە بىر پېشكەلچىلىك باردەك تۇرىدۇ. بۇ، چىرايىڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.

موماي كەينىڭدىكىگە يول بوشات دېگەن مەنىدە ئەسكەرگە قولىنى شىلتىدى.

- سەن كىرگىن پالۋان،- دېدى موماي مۇلايىملىق بىلەن يەنە بىر ئەسكەرگە،- بالدۇرراق چىقارسەن، ۋەتەن ساڭا مۇھتاج.

ئەسكەر كىرىپ كېتىپ ھايالشىمايلا يېنىپ چىقتى، چۈنكى ئېلوندىرا مومامغا گېپىم بار دەپ ئۇنى چىقىرىۋەتكەنىدى. موماي پۇل سېلىنغان سىۋەتنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە چېدىرغا كىردى. چېدىرنىڭ ئىچى ناھايىتى تار بولۇشىغا قارىماي تولىمۇ رەتلىك، پاكىزە ئىدى. چېدىرنىڭ بۇلۇڭىدا– تاغاردا راسلانغان تۆشەكتە ياتقان ئېلوندىرانىڭ بەدىنى دىر- دىر تىتىرەيىتتى، ئۈستىبېشى ئەسكەرلەردىن ساقىغان تەر بىلەن چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن دەپ ھالىدىن كەتكەنىدى.

قىز ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى:

- موما، زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.

موماي قولىنى قىزىنىڭ پىشانىسىگە قويۇپ قىزىمىغانلىقىنى بىلدى- دە، تەسەللىي بېرىپ ئېيىتتى:

- چىدىۋەتكىن بالام، يەنە 10 ئەسكەرلا قالدى.

ئېلوندىرا گويا قاپقانغا چۈشكەن جانۋاردەك ئېسەدەپ يىغلايتتى. قىزنىڭ بولالمايۋاتقىنىنى بىلگەن موماي باشلىرىنى سىيلاپ، قىزنى يىغىدىن پەس قىلدى.

- بەك ئاجىزلاپ كېتىپسەن. بولدى، يىغلىمىغىن! تۇز سۈيى بىلەن ئوبدان يۇيۇپ بەرسەڭ ياخشى بوپ قالىسەن . . .

ئېلوندىرا جىمىپ قالدى. موماي چېدىردىن چىقىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان بايىقى ئەسكەرگە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىپ دېدى:

- بۈگۈن ئوقىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. ئەتە كەلگىن، نۆۋەتنى بىرىنچى بولۇپ ساڭا بېرەي،- ئارقىدىن موماي ئۆچرەتتە تۇرغانلارغا ۋارقىرىدى:

- قايتىڭلار يىگىتلەر، ئەتە سائەت 9 دا كېلىڭلار.

خېرىدارلار بىردىن – ئىككىدىن تارقىغاچ غۇدۇرۇشۇپ قويدى. موماي ھاسىسىنى شىلتىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى:

- ھۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان خۇمپەرلەر! شۇ ئىشتىن باشقىنى ئويلاشمايسىلەر زادى، قىزىمنىڭ جېنىنى تۆمۈرمىكىن دەپ قېلىشتىڭما! ھەر قايسىڭ ئاشۇنداق يېتىشىپ باقە قېنى قانداق بوپ كېتىشەرسەنكىن. ھۇ خوتۇنپۇرۇش گۇيلار، تەربىيە كۆرمىگەن پەسەندىلەر!

كىشىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئەپسانە گەپلەر بىلەن موماينىڭ دەككىسىنى بەردى. موماي ئۇلار بىلەن تىللىشىپ ئولتۇرۇشنى خوپ كۆرمىدى بولغاي، قولىغا ھاسىسىنى ئېلىۋېلىپ كىشىلەر تامام كەتكۈچە ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالدى. موماي چېدىرغا كىرىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، ئۇلىسېسنىڭ قاراڭغۇدا ئۆزى يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ خۇددى بىر تازقاراغا ئوخشاش، كەچ كىرىپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋامۇ قىلماي تىككىدە تۇراتتى.

- قانىتىڭنى بىر يەردە قويۇپ قويغانمىتىڭ؟- دېدى موماي ئۇنىڭغا.

- بوۋامنىڭ قانىتى بار ئىدى،- دەپ جاۋاب بەردى ئۇلىسېس تەمكىنلىك بىلەن،- لېكىن، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

موماي بالىغا سىنچىلاپ قارىۋېتىپ دېدى:

- گېپىڭگە ئىشەندىم. ئەتە قانىتىڭنى ئالغاچ كېلەرسەن،- موماي ئۇلىسېسنى تېشىدا قالدۇرۇپ چېدىرغا كىرىپ كەتتى.

ئېلوندىرا بويىنى سۇغا سالغاندىن كېيىن خېلى راھەتلىنىپ قالدى. ئۇچىسىغا گۈللۈك مايكا ئالماشتۇرۇۋالدى، يىغىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەستە تۇتۇۋالدى، چاچلىرىنى قۇرۇتۇپ يېتىشقا تۇتۇندى. مومىسى ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.

ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ كارىۋىتىنىڭ كەينىدىن ئاستاغىنە بېشىنى چىقاردى. قىزنىڭ كۆزلىرى ئۇلىسېسنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى، لېكىن لام- جىم دېمىدى، چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلماستىن قولياغلىقى بىلەن يۈزلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇۋەردى. ئۇلىسېس قىزغا كۆزىنى قىستى. قىز پەس ئاۋازدا سورىدى:

- كىم سىز؟

ئۇلىسېس كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ دېدى:

- ئىسمىم ئۇلىسېس،- ئۇ دادىسىنىڭ يېنىدىن ئوغىرلاپ كەلگەن پۇللارنى چىقىرىپ گېپىنى داۋام قىلدى،- ماۋۇ پۇلنى كۆردىڭىزمۇ.

ئېلوندىرا قوللىرى بىلەن كارىۋاتقا ئېسىلىپ تۇرۇپ بېشىنى ئۇلىسېسقا يېقىن ئەكەلدى، خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىكى ئويۇنلارنى ئويناۋاتقاندەك، ئۇلىسېس بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.

- ئۆچرەتتە تۇرمىسىڭىز قانداق بولىدۇ،- دېدى قىز.

- ھېلىمۇ بىر كېچە ساقلىدىم.

- ئەمىسە ئەتىگىچە ساقلاڭ. شۇ تاپتا بېلىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.

شۇ ئەسنادا موماي يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى:

- ئەڭ ئاخىرقى رەت يامغۇر ياغقان ئاشۇ كۈنگە 20 يىل بولاي دەپ قالدى. ئۇ كۈنى بوران ئاجايىپ دەھشەت چىقتى، چىلەكلەپ قۇيغاندەك دەھشەتلىك يامغۇردا ئۇلغايغان دېڭىز سۈيى تېشىپ، ئۆينى بېلىق بىلەن قۇلۇلە بېسىپ كەتتى، رەھمەتلىك بوۋاڭ ئامادىس نۇر چېچىپ تۇرغان بىر نەرسىنىڭ كۆكتە ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ.

ئۇلىسېس ئۆزىنى دەررۇ كارىۋاتنىڭ كەينىگە ئالدى. ئېلوندىرا ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭغا دېدى:

- ئۈش، ئاۋاز چىقارماڭ، مومامنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنسىلا ئاشۇنداق ساراڭدەك جۆيلۈيدۇ، لېكىن قاتتىق يەر تەۋرىسىمۇ ئويغانمايدۇ.

ئۇلىسىېس كارىۋاتنىڭ كەينىدىن يەنە بېشىنى چىقىرىپ، كارىۋات كىرلىكىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن تۇتتى. كىرلىك كارىۋاتقا باققاندا بەكلا چوڭ بولغاچقا، سۆرۈلۈپ قالغان يېرىنى قاتلاشقا خېلى ۋاقىت كەتتى. كىرلىك ھەربىر قاتلانغاندا ئۇلىسېس ئېلوندىراغا ئاز- ئازدىن يېقىنلىشاتتى.

- سىزنى قاچان كۆرەرمەن دەپ بەك تەقەززا بولغانتىم. خەقنىڭ سىزنى قالتىس چىرايلىق دېگىنى بىكار ئەمەسكەن، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىقكەنسىز،- دېدى ئۇلىسېس تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا.

- ئۆلۈپ قالاي دەپ قالدىم،- دېدى ئېلوندىرا.

- ئاپامنىڭ دېيىشىچە، قاقاس دالىدا ئۆلگەن كىشى جەننەتكە كىرەلمەسمىش، ھامان ئۆلگەندىكىن، بىراقلا دېڭىزدا ئۆلگەن ياخشىمىش،- دېدى ئۇلىسېس قىزغا.

ئېلوندىرا بايىقى مەينەت كىرلىكنى بىر ياققا قايرىۋېتىپ، ئورنىغا پاكىز، دەزماللانغان كىرلىكنى سالدى.

- مەن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان،- دېدى قىز.

- دولقۇنلىنىپ تۇرغان سۈيىنى دېمىسە، دېڭىزمۇ مۇشۇ قاقاسلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ،- دېدى ئۇلىسېس.

- ئەمىسە پىيادە ماڭغىلى بولمىغۇدەك.

- دادام سۇدا ماڭالايدىغان بىر كىشىنى تونۇيىتتى، لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتتى.

ئېلوندىرانىڭ كۆڭلى ئوبدانلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى، لېكىن ئۇيقۇنىڭ قىينىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇلىسېسقا دېدى:

- ئەتە بالدۇرراق كېلەلىسىڭىز، ئۆچرەتنىڭ ئالدىدا تۇرالايسىز.

- تاڭ ئاتسىلا دادام بىلەن كېتىپ قالىمەن.

- ئەمدى بۇ يەرگە كەلمەمسىلەر؟

- تاڭەي، ھېچ بىلمىدىم،- دېدى ئۇلىسېس،- چېگراغا بارىدىغان يولدا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىپ، مۇشۇ يەرگە كەپ قالدۇق.

ئېلوندىرا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان مومىسىغا لاپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ دېدى:

- بوپتۇ، ئەكېلىڭە پۇلىڭىزنى.

ئۇلىسېس پۇلنى قىزغا تەڭلىدى. ئېلوندىرا كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتتى، جۈرئىتىنى يوقاتقان ئۇلىسېس غال- غال تىتىرىگىنىچە جايىدا جىممىدە تۇراتتى. قىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تېزرەك بولۇشقا ئالدىراتتىيۇ، يىگىتنىڭ مۇڭ باسقان چىرايىغا دىققەت قىلىپ ئۈلگۈردى. قىز ئەر زاتىدىكى بۇنداق يۈرەكسىزلىكنى ئوبدان چۈشىنەتتى.

- بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم قىلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ؟- سورىدى قىز.

ئۇلىسېس ئۇن چىقارماي خىجىللىق ئىلىكىدە كۈلۈپ قويدى. قىز ئۇنىڭغا ئۆز تەجرىبىسى بويىچە دېدى:

- جىددىيلەشمەڭ، ئاستا نەپەس ئېلىڭ، تۇنجىسىدا شۇنداق بولىدۇ.

قىز ئۇنى يېنىدا ياتقۇزدى، كىيىملىرىنى سالدۇرغاچ، ھەرخىل ناز- خۇلقلارنى چىقىرىپ ئۇنى سىيلاپ- سىيپاشقا باشلىدى.

- ئىسمىڭىز نېمە؟

- ئۇلىسېس.

- بۇ دېگەن ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمىغۇ؟

- ياق، دېڭىزچىلارنىڭ ئىسىمى.

ئېلوندىرا ئۇنى بالىلارچە ھېسسىياتتا سۆيدى.

- بىر قارىسا ئالتۇن بويلۇق يىگىتكەنسىز، لېكىن بويىڭىزدىن گۈل ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا .

- گۈل ھىدى ئەمەس، ئاپېلىسىن ھىدى كېلىۋاتىدۇ دېسىڭىز توغرا بولىدۇ،- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇلىسېستىكى بايىقى جىددىيلىك ئوبدانلا پەسىيىپ قالغانىدى، ئۇ چىرايىغا سىرلىق كۈلكە يۈگۈرتۈپ دېدى:

- ماشىنىدىكى قۇشلارنى ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىۋالغان، ئەمەلىيەتتە ئاپېلىسىننى چېگرىدىن ئەتكەس قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى.

- ئاپېلىسىن توشۇش ئەتكەسچىلىك ھېسابلانمايتتىغۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

- توغرا، ئاپېلىسىن سودىسى ئەتكەسچىلىك ھېسابلانمايدۇ،- دېدى ئۇلىسېس،- لېكىن بىزنىڭ ئاپېلىسىنلىرىمىزنىڭ بىر تېلى 50 مىڭ پىسو.

ئېلوندىرا تۇنجى رەت ھوزۇرلىنىپ كۈلدى.

- مەن سىزنىڭ يالغان گەپ توقۇغان چاغدىكى سۈرلۈك تۇرۇقىڭىزغا ئامراق بوپ قالدىم.

ئېلوندىرا يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايىتتى، گەپلىرىمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى، ئۇلىسېسنىڭ ساددىلىقى يالغۇز كەيپىياتىنىلا ئەمەس، مىجەز- خۇلقىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولدى. موماي ئۇلارنىڭ يېنىدىلا ياتاتتى، جۆيلۈشلىرى ھېچ بېسىقىدىغاندەك قىلمايىتتى.

- مارت ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئۇلار سېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدى. سەن خۇددى ئۇزۇن كەسلەنچۈككە ئوخشاش پاختىغا يۆگىنىپ ياتاتتىڭ. داداڭ ئامادىس شۇ چاغدا ناھايىتى ياش، قاملاشقان كىشى ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ خوشلۇقىدا ئادەم ئەۋەتىپ ئىككى پەيتۇن گۈل ئەكەلدۈردى، كوچىمۇ- كوچا توۋلاپ يۈرۈپ گۈل چاچتى، بازارنىڭ ھەممە يېرىنى گۈلگە پۈركۈۋەتتى.

موماي نەچچە سائەتكىچە ئاغزى بېسىقماي جۆيلىدى، ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھاياجان بىلەن سۆزلىدى. ئېلوندىرا تاكى مەشرىق تەرەپ ئاقارغۇچە ئۇلىسېسنى پۈتۈن ئىشقى- مۇھەببىتى بىلەن سىيلاپ- سىيپىغاچقا، موماينىڭ جۆيلۈشلىرى ئۇلىسېسنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.

بىر توپ مىسسىيونېر خىرىستوسنىڭ كىرىسىتقا مىخلانغان سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ قاقاس دالىدا يانمۇيان تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كاناپتا تىكىلگەن يەكتەكلىرى، ساقال- بۇرۇتلىرى شىددەتلىك شۇم بوراندا توختىماي يەلپۈنەتتى، ئۇلارغا ئورنىدا مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بەرمەيىتتى. ئۇلارنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر موناستېر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مۇستەملىكە دەۋرىدىن قالغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان قوپال ھاك تېمىغا چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر سائەت ئېسىقلىق تۇراتتى.

بۇ كىشىلەرنىڭ باشلامچىسى- ياشقا كىچىكرەك كەلگەن بىر مىسسىيونېر سېغىز توپىلىق يەردىكى بىر يېرىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

- مۇشۇ سىزىقتىن ئۆتكۈچى بولۇشما!

تۆت ئىندىئان ياغاچ تەختىرىۋاننى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، موماي تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىپپىدە توختاشتى. موماي تەختىراۋاندا ئولتۇرۇۋېرىپ ئوبدانلا قىينالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك، قاقاس دالىدا پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن توپا- چاڭ روھىنى سۇندۇرۇپ پۇسكايىتىۋەتكەن بولسىمۇ، پېتىنى بۇزماي ئولتۇراتتى. ئېلوندىرا پىيادە كېلىۋاتاتتى. تەختىراۋاننىڭ كەينىدە سەككىز يۈك توشۇغۇچى ئىندىئان ، ئۇنىڭ كەينىدە ھېلىقى فوتوگراف ۋېلىسىپىت مىنىپ كېلىۋاتاتتى.

- بۇ قاقاسلىق ھەرقايسىڭنىڭمىدى،- دېدى موماي.

- بىزنىڭ بولمىغىنى بىلەن تەڭرىنىڭ،- دېدى مىسسىيونېر،- سەن ئۆرپ- ئادەتنى پايخان قىلىدىغان ئاشۇ پەسكەش ئوقىتىڭ ئارقىلىق تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھۆكمىنى دەپسەندە قىلىۋاتىسەن.

موماي مىسسىيونېرنىڭ تەلەپپۇزى، سۆزلەش ئۇسۇلىدىن ئىسپانىيىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. موماي ھەم كەينىگە چېكىنمەسلىك، ھەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇپ قالماسلىق نىيىتىدە سىپايىلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى:

- سىلەرنىڭ ئۇ سىرلىق ئىشلىرىڭلارنى مەن چۈشەنمەيدىكەنمەن بالام.

مىسسىيونېر ئېلوندىرانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى:

- قىز بەكلا كىچىككەن.

- لېكىن ئۇ مېنىڭ نەۋرەمدە.

- بۇ گېپىڭىز تېخىمۇ قاملاشمىدى،- دېدى مىسسىيونېر رەددىيە بېرىپ،- بوپتۇ، ئۇنى بىز ھامىيلىقىمىزغا ئالايلى، بولمىسا باشقىچە تەدبىر قوللىنىمىز.

ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يېتىپ بېرىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن موماي نائىلاج كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بولۇپ دېدى:

- بوپتۇ، ئۆتمە دېسەڭلەر ئۆتمەي. لېكىن قاراپ تۇرۇڭلار، بۇ سىزىقتىن بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئۆتمەي قويمايمەن.

شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، موماي ئېلوندىرانى ئەگەشتۈرۈپ موناستېرغا يېقىنلا جايدىكى بىر كىچىك بازارنى ماكان تۇتتى. تۈن تەڭ بولغان مەھەلدە بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە غىپپىدە چېدىرغا كىردى. كىرگەنلەر بىر- بىرىدىن بەستلىك، ياش ئالتە ئىندىئان ئىدى، ئۇچىسىدىكى قوپال ماتادىن تىكىلگەن كىيىملىرى ئاي نۇرىدا ۋال- ۋۇل پارقىرايىتتى. ئۇلار تىۋىش چىقارماستىن ئېلوندىرانى دەس كۆتەردى- دە، پاشىلىق بىلەن يۆگىدى.

موماي قىزنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، دەسلىۋىدە قىزىنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش خىيالىغا كەلمىدى. جىمى ھوقوق- مەنپەئەتلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا بولسا، يەرلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلىش نىيىتىگە كەلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھوقوقى بىر ھەربىينىڭ قولىدا ئىدى. موماي باشلىقنى ئۇدۇل ئۆيىگىلا ئىزدەپ باردى، باشلىق بېلىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ ھالەتتە مىلتىق كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ شۇ تۇرۇقىدا تونوردەك قىزىپ كېتىۋاتقان ئىسسىققا چىدىيالماي، ئاچچىقىدا مىلتىقى بىلەن كۆكتە بىر يەرگە غۇجمەكلىشىۋالغان بۇلۇتلارنى ئېتىپ پارچىلاپ، يامغۇر ياغدۇرماقچى ئىدى. ئۇ موماينى كۆرۈپ قولىدىكى ئىشنى قويدى، موماينىڭ دەردۇ- ھالىنى ئىشىتكەندىن كېيىن دېدى:

- بۇ ئىشقا مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ. رىم پاپاسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە بولغاندا، مىسسىيونېرلارنىڭ بۇ قىزنى تاكى بالاغەتكە يەتكۈچە ياكى توي قىلغۇچە قوغداش ھوقۇقى بار.

- ئەمىسە سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز نېمە؟- سورىدى موماي.

- مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇش،- دېدى بازار باشلىقى.

بۇلۇتلار ئۇنىڭ مىلتىقىنىڭ ئوقى يەتمىگۈدەك جايلارغا سۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان چېغى، مىلتىقىنى تاشلاپ موماي بىلەن رەسمىي پاراڭغا چۈشتى.

- ئۆزىڭىزگە موھىم ئادەمدىن بىرنى كېپىل قىلىڭ،- دېدى ئۇ مومايغا،- شۇ ئادەم سىزنى دىيانەتلىك ئايال، ئەخلاقىدا مەسىلە يوق، دېگەن مەزمۇندا ئىمزا خەت يېزىپ بەرسۇن. سىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنى تونۇمامسىز؟

قۇياش نۇرى زېمىننى تونۇردەك قىزدۇرۇپ تۇراتتى، موماي ياندا تۇرغان تۆت چاسا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، يوغان ساغرىسى شۇنچە يوغان ئورۇندۇققا لىقلا كەلگەنىدى. ئۇ جىددىي يوسۇندا جاۋاب بەردى:

- بۇ قاقاسلىقتا تىكەندەك يالغۇز بىر بىچارىمەن.

بازار باشلىقى ئىسسىقتا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان ئوڭ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويدى- دە، مومايغا ئېچىنىش ئىلىكىدە قاراپ قويۇپ دېدى:

- قىزىڭىزنى ئەكېتىپ بوپتۇ، ئەمدى تولا ۋاقتىمنى ئالماڭ خانىم.

ئەمەلىيەتتە ئېلوندىرانى ئېلىپ كېتىشمىگەنىدى. موماي چېدىرنى موناستېرنىڭ ئالدىغىلا تىكتى. ئۇ گويا قەلئەگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغان پالۋاندەك، تولىمۇ غېرىبانە بىر ھالدا تەگسىز ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنى بىردىنبىر چۈشىنىدىغان كىشى ھېلىقى فوتوگرافلا ئىدى. موماينىڭ شۇنچە پىژغىرىم ئىسسىقتا موناستېردىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغىنىنى كۆرگەن فوتوگراف لاقا- لۇقىلىرىنى ۋېلسىپىتىگە ئارتتى- دە، مېڭىشقا تەمشەلدى.

- قېنى كۆرەرمىز، كىم باشتا ئۆلىدىكىن،- دېدى موماي،- ئۇلار باشتا ئۆلەمدۇ ياكى مەن باشتا ئۆلەمدىم، بىر كۆرۈپ باقاي.

- ئۇلار 300 يىلنىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ يەردە بار ئىدى، مانا ھازىرمۇ مۇشۇ يەردە تۇرۇپتۇ،- دېدى فوتوگراف،- مەن كەتتىم.

شۇندىلا ئاندىن موماي نەرسە- كېرەكلەر بېسلىپ مېڭىشقا تەق بولۇپ تۇرغان ۋېلىسىپىتكە كۆزى چۈشتى.

- نەگە ماڭدىڭ؟

- جاھان شۇنچە كەڭرى بولغاندىكىن، پىرقىراپ كېلەيمىكىن دەيمىنا،- فوتوگراف گېپىنى تۈگىتىپلا ۋېلسىپىتىگە مىندى- دە، يولىغا راۋان بولدى.

موماي ئۇھسىنىپ قويۇپ دېدى:

- ھۇ نانقېپى خۇمپەر، ئىش سەن ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس.

موماي كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى، كۆزى يەنىلا ئاشۇ موناستېردا ئىدى. ئىسسىقلىقىدىن كىشىنى تىن ئالغۇزمايدىغان تالاي كۈن، بوران ھۇشقۇيتىپ تۇرغان تالاي تۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، موماينىڭ كۆزلىرى موناستېرنىڭ دەرۋازىسىدىن بىردەممۇ نېرى بولمىدى، لېكىن موناستېردىن بىرەر ئىنسان چىقىپ قويمىدى. ھېلىقى ئىندىئانلار موماينىڭ چېدىرىغا يۆلەپلا كەپە سالدى، كەپىسىگە ئاسما كارىۋاتلىرىنىمۇ ئاستى. موماي تۈن كېچىگىچىمۇ چېدىرىغا كىرىپ كەتمەي، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتىلا مۈگىدەپ قالاتتى، گاھىدا قىزىنى ئەكەتكەنلەرگە لەنەت ياغدۇرغاچ، يانچۇقىغا سېلىۋالغان گۈرۈچلەرنى يېنىدا ياتقان بۇقىغا تاشلاپمۇ بېرەتتى.

بىر كۈنى قاش قارايغان مەھەلدە، كوزۇپى ھىممىدە يېپىلغان بىر قاتار قارا ماشىنا ئۇنىڭ يېنىدىن غۇييىدە ئۆتۈپ كەتتى، ماشىنىلارنىڭ چوڭ چىرىغى ئۆچۈك، كىچىك چىراغلىرىلا يېنىق ئىدى. موماي ماشىنىلارنى بىر قاراپلا تونۇۋالدى، بۇ ماشىنىلار ئىلگىرى ئامادىس ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ماڭغان ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ چىپپىدە توختىدى، كابىنكىدىن بىر ئەر چۈشۈپ، كوزۇپتىكى ماللارنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى. بېشىغا كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە، پۇتىغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك كىيگەن، ئىككى تىزىق ئوقنى كۆكرىكىدىن يۆگەشتۈرۈپ ئېسىۋالغان، ئۆشنىسىگە مىلتىق ئارتىپ، بىقىنىغا ئىككى تال تاپانچا قىستۇرۇۋالغان بۇ كىشى ئامادىسقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايىتتى. قارشى تۇرۇپ بولمايدىغان بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان موماي ئەرگە ئېغىز ئاچتى:

- مېنى تونۇمىدىڭما؟

ئەركىشى قولچىراغنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن موماينىڭ كۆزىگىلا تۇتتى. موماينىڭ سولغۇن چىرايى ئۇيقۇسىزلىق دەستىدىن پۈرۈلۈپ كەتكەن، كۆزلىرى چارچاشتىن يۇمۇلۇپ قالايلا دەپ قالغان بولۇپ، ناھايىتى قېرى كۆرۈنەتتى. موماي شۇ تۇرۇقىدا تولىمۇ ئاۋارە كۆرۈنسىمۇ، چىرايىدىن ياشلىقىدا كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك گۈزەللەردىن ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئەر مومايغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن خېلىغىچە قارىدى، تونۇمايدىغانلىقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن قولچىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ دېدى:

- ھۆددە قىلالايمەنكى، سىلى سان دىرۇس رىمىتىيۇس ئەمەس.

- دەل ئەكسىچە، مەن شۇ خانىمنىڭ نەق ئۆزى شۇ بولىمەن،- دېدى موماي ئاۋازىنى يېقىملىق چىقىرىپ.

ئەرنىڭ قوللىرى بىئىختىيارلا بېلىدىكى تاپانچىسىغا سوزۇلدى.

- كىمنىڭ خانىمى بولىلا؟!

- كېنەز ئامادىسنىڭ.

- ئەمىسە سىز بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەسكەنسىز. نېمە قىلماقچىسىز؟- سورىدى ئەر جىددىيلىشىپ.

- ماڭا ياردەم قىلىپ، نەۋرەمنى- كېنەز ئامادىسنىڭ نەۋرىسى، كىچىك ئامادىسىمىزنىڭ قىزىنى ئەچىقىپ بەرسىڭىز، ئۇ ھازىر مۇشۇ موناستېردا سولاقلىق ياتىدۇ.

قورقۇنچتىن ئاستا- ئاستا ئۆزىگە كەلگەن ئەر مومايغا دېدى:

- سىز بۇ يەرگە خاتا كەپ قاپسىز. ئەگەر بىزنى تەڭرىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشالايدۇ دەپ قالغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىز دەۋاتقان ھېلىقى خانىم ئەمەس بوپ چىقىسىز، ئامادىسنىڭ دادىسىنى تونۇيدىغىنىڭىزمۇ يالغان بوپ چىقىدۇ. سىزنىڭ ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەقەللىي قائىدىلىرىدىنمۇ خەۋىرىڭىز يوقكەن.

بۈگۈن موماي ئادەتتىكىدىنمۇ ئاز ئۇخلىغىنىغا قارىماي، تاڭ سەھەردىلا ئويغىنىپ كەتتى. ئاغزى زارلىنىشتىن ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ بەدىنىگە ئورىۋالغان يۇڭ ئەدىيالنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇ كېچە ئۇنىڭغا جىمى ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. موماي دېڭىز بويىدىكى گۈزەل يۇرتىنى خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن قوللىرى بىلەن كۆكرىكىنى چىڭڭىدە بېسىۋالدى. گۈل- گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن ئاشۇ ئۆيىدە ئۇ تولىمۇ بەخىتلىك ياشايىتتى. ئۇ ئاشۇ خىياللار بىلەن ئولتۇرۇپ، موناستېر سائىتىنىڭ داڭ ئۇرغىنىنى تۇيۇمايلا قالدى، تاڭ قۇياشىنىڭ شولىسى دەرىزىلەردە نازغىپ ئويناشقا باشلىدى، ھاۋادىن يېڭىلا پىشقان بولكىنىڭ مەززىلىك ھىدى كېلەتتى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولدى، «ئېلوندىرا شۇ تاپتا ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ يېنىمغا قېچىپ كېلىشنىڭ كويىدا يۈرگەنمىدۇ» دېگەنلەرنى خىيال قىلدى.

ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى، ئېلوندىرا موناستېرغا ئېلىپ كېلىنگەندىن بېرى كەچلىرى ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدى. موناستېردىكىلەر ئۇنىڭ چاچلىرىنى تەكشى قىرقىپ قويدى، ئۇچىسىغا مەھبۇسلار كىيىدىغان ماتا كىيىم كىيدۈردى، قولىغا ھاكتىن ياسالغان چىلەك بىلەن سۈپۈرگە تۇتقۇزۇپ، پەلەمپەيدىن بىر كىم ماڭغان ھامان دەرھال سۈرتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئىش يېنىك ئەمەس ئىدى، مىسسىيونېرلار بىلەن قارا ئىش قىلىدىغان مۇناخلار ھېلىدىن ھېلىغا پەلەمپەيدە مېڭىپ ئۇنى بىكار قىلمايىتتى. لېكىن، ئىنسان بالىسى چىدىمايدىغان پاھىشىلىكنى بېشىدىن جىق ئۆتكۈزگەن ئېلوندىرا ئۈچۈن بۇ ئىشلار دەم ئالغاننىڭ ئورنىدا ئىدى. يەنە كېلىپ، ھېرىپ- چارچىغىنىدىن كەچكە ئاران ئۇلىشىدىغان يالغۇز ئۇلا ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ موناستېر يالغۇز جىن- شاياتۇنلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پايانسىز كەتكەن قاقاسلىق بىلەنمۇ كۈرەش قىلاتتى. ئېلوندىرا نۇرغۇن ئىندىئان ئايال مۇرتلىرىنىڭ قانداق ئىشلىگىنىنى كۆرگەن: ئۇلار كالا قوتىنىدا سۈت ساغاتتى؛ ئەتىگەندىن- كەچكىچە تىنىم تاپماي تاختاي ئۈستىگە چىقىۋېلىپ پىشلاق ياسايىتتى؛ تۇغالماي قىينىلىۋاتقان ساغلىقلارنى پەرۋىش قىلاتتى، تېرە ئاشلاش ئىشچىلىرىغا ئوخشاش قارا تەرگە چۆمۈلۈپ، چىلەك- چىلەكلەردە سۇ توشۇپ كۆكتاتلىقلارنى تۈجۈپىلەپ سۇغۇراتتى، بۇ كۆكتاتلىقنى بىر قىسىم ئىندىئان ئايال مۇرتلىرى قاقاسلىقلارنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ بەرپا قىلغانىدى. ئۇ يەنە زىنداندىن پەرقسىز ھالدىكى بولكا پىشۇرۇش ئوچاقلىرىنى، كىيىمگە دەزمال سېلىش ئۆيلىرىنى كۆرگەن؛ بىر مۇناخنىڭ ھويلىدا ئۈركۈپ كەتكەن بىر چوشقىنى ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ بۇلۇڭغا قوغلاپ يۈرگىنىنى، مىڭ بالالىقتا قۇلىقىدىن كاپلا قىلىپ تۇتقاندا، تېيىلىپ كېتىپ پاتقاققا دۈم چۈشكىنىنى، شۇ ھالەتتىمۇ يەنە چوشقىنىڭ قۇلىقىدىن قولىنى قويۇۋەتمىگىنىنى؛ بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىككى ئىندىئان ئايال مۇرىتىنىڭ خۇرۇم ئېتەكلىك كۆينىكى بىلەن چوشقىنى تورىۋالغانلىقىنى، بىر ئايالنىڭ پىچاق بىلەن چوشقىنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىغىنىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئايالنىڭ پۈتۈن ئەزايىنىڭ قان- پاتقاققا مىلىنىپ كەتكىنىنى كۆرگەن؛ دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىپ كۆزىتىش ئۆيىدىكى سىل كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان مۇناخلارنىڭ ئاخىرەتلىك كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يېڭى توي قىلغانلار ئىشلىتىدىغان كارىۋات كىرلىكلىرىنى توقۇشقاچ، تەڭرىنىڭ ئۆزلىرىنى يېنىغا چاقىرىشىنى كۈتۈپ يېتىشقىنىنى كۆرگەن؛ ئەر مىسسىيونېرلارنىڭ قاقاسلىقنى قاقاسلىق دېمەي دىن تارقاتقىنىنى كۆرگەن ئىدى. ئېلوندىرا ھەر كۈنى تىكەندەك يالغۇز ئىشلىگىنى بىلەن، ئاجايىپ- غارايىپ، كىشى تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئىشلارنى ئاستا- ئاستا بايقاپ يېتىشكە باشلىدى. بۇ ئىشلارنى ئۇ ئىلگىرى دوپپامچىلىك كېلىدىغان ئاشۇ دۇنياسىدا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. موناستېرغا ئېلىپ كېلىنگەننىڭياقى، مەيلى ياۋا مىجەز ئاياللار بولسۇن، ياكى گەپخۇمار مۇناخلار بولسۇن، ئۇنىڭغا بىرلا ئېغىز گەپنى دېمىدى. بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ چىلەككە ھاك ئۇسسۇۋاتاتتى، بىردىن قۇلىقىغا مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ مۇزىكا گويا قوياش نۇرى كەمدىن كەم چۈشىدىغان بۇ يەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلغاندەك بولدى. بۇ غەلىتىلىككە قىزىقىپ قالغان ئېلوندىرا قەددىنى رۇسلاپ، يوغان بىر زالنى نىشانلاپ ماڭدى، زالنىڭ تېمىغا ھېچنېمە ئېسىلمىغانىدى، ئىيۇل قوياشىنىڭ ئىللىق نۇرلىرى يوغان كەلگەن پەنجىرىلەردىن ئۆتۈپ، زالنىڭ تۆت تېمىنى ئاجايىپ يارقىن بىر تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. زالنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئۇ تۇغۇلۇپ كۆرۈپ باقمىغان چىرايلىق بىر مۇناخ تىرىلىش بايرىمىنىڭ مۇزىكىسىنى چېلىۋاتاتتى. ئېلوندىرا تاكى چۈشلۈك تاماققا داڭ ئۇرۇلغۇچە پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكىغا قۇلاق سالدى. تاماق يېيىلىپ بولۇندى، ئۇ پەلەمپەينى چوتكىلاشنى يەنە داۋام قىلدى. جىمى ئىندىئان ئايال مۇرتلىرىنىڭ ئايىغى بېسىلىپ، ئۆزى يالغۇز قالغاندا: «مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك- ھە!» دەۋەتتى، بۇ ئۇنىڭ مۇناستېرغا كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى رەت گەپ قىلىشى ئىدى.

موماينىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى كۆپۈككە ئايلاندى، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ قېشىغا قېچىپ چىقمىدى. لېكىن موماي موناستېرغا يېقىنلىشىشنى ھېلىھەم توختىتىپ قويمىغانىدى، تاكى بېنكېستىس يەكشەنبە كۈنىگىچە ھېچ تەدبىر قوللانمىدى. مۇشۇ كۈنلەردە، ئەر مىىسىيونېرلار جىمى قاقاسلىقنى ئالا قويماي ئاختۇردى، توي قىلماي تۇرۇپ بويىدا قالغان ئاياللارنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشتى. ئۇلار كونىراپ كەتكەن بىر قارا ماشىنا بىلەن تولۇق قوراللانغان تۆت خادىم ۋە بىر يوغان مال ساندۇقىنى ئېلىپ تەرەپ- تەرەپكە قاترىدى. ئىندىئانلارنى بويسۇندۇرۇشتا ئەڭ تەسكە توختايدىغىنى ئاياللىرىنى قايىل قىلىش ئىدى. ئۇلار ھەدېسىلا پولاتتەك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايىتتى؛ ئەر كىشىلەرنىڭ«سەن دېگەن مېنىڭ قانۇنلۇق خوتونۇم، سېنى قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن» دەپ، ئاسما كارىۋاتتا پۇتىنى ئالماپ يېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە ئاشنىسىدىنمۇ بەك زۇلۇم سالىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلاتتى. ئاشنا بولۇشنى خالىغان ئاشۇ ئاياللار شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ بۇرنىدىن چىقاتتى، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرەتتى، نەتىجىدە ئاياللارمۇ ئاستا- ئاستا قايىل بولاتتى. ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ئەكسىچە، ئاياللىرى قوشۇلسىلا مىسسىيونېرلار مىلتىقلىرىنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇلارنى ئاسما كارىۋاتلىرىدىن سۆرەپ چۈشكەن پېتى ماشىنىغا باساتتى- دە، ئاشنىلىرى بىلەن مەجبۇرىي تويىنى قىلىپ قوياتتى.

شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، موماي ھامىلدار بوپقالغان ئىندىئان قىزلىرى بىلەن لىق تولغان ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي موناستېرغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇردى، لېكىن موناستېر ئىچىگە كىرىشكە پۇرسەت تاپالمىدى. بۇ پۇرسەت ئۇنىڭغا يەكشەنبە كۈنى ئاران نېسىپ بولدى. ساليوتلار ئېتىلىپ، قوڭغۇراقلىق سائەت داڭ ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، نامرات كىشىلەر زوق- شوخ بىلەن بايراملىق مىسا ئوقۇغىلى مېڭىشتى، توپ ئارىسىدىكى ئىككىقات قىزلار گۈلچەمبىرەكلەرنى تاقاپ، ئىلگىرى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئەرلىرىنى قولتۇقلىشىپ، قانۇنلۇق ئوپچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگىلى كېتىشىپ باراتتى.

سەپنىڭ ئەڭ كەينىدە مۇھەببەت سېزىملىرى ئويغىنىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن، كىيىملىرى جۇلجۇل بىر يىگىت كېتىپ باراتتى، ئىندىئانلارچە چاچ قويۇۋالغان بۇ يىگىتنىڭ بېشى كىشىگە بەئەينى بىر كاۋىنى ئەسلىتەتتى، قولىدا يىپەك چۇچىلىق يوغان شام بار ئىدى. موماي يىگىتنى توختىتىتپ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى:

- سەندىن بىر ئىشنى بىلىۋالاي دېگەنتىم بالام، بۇ پائالىيەتتە سەن نېمە ئىشقا مەسئۇل؟

يىگىت بۇ سوئالدىن چۆچۈپ كەتتى، ھەيرانلىقتىن كالاچتەك ئېچىلغان يوغان ئاغزى خېلىغىچە يېپىلمىدى. ئۇ مەڭدىگىنىچە بىردەم تۇرۇپ كېتىپ جاۋاب بەردى:

- پوپ ئاتام ماڭا ئاۋۋال مۇقەددەس غىزاغا ئېغىز تەگكۈزىدۇ.

- ئۇلار ساڭا قانچە پۇل بېرىدۇ؟

- بەش پېسو.

موماي شۇ ئان يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى. يىگىت ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى.

- مەن ساڭا 20 پېسو بېرەي، مۇقەددەس غىزانى يېگىلى بارما، شۇنىڭ بەدىلىگە تويۇڭنى قىلىپ قويايلى.

- توينى كىم بىلەن قىلىمەن؟

- نەۋرەم بىلەن قىلىسەن.

شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا ئۇچىسىغا مەھبۇسلارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ماتا كىيىم كىيىپ، بېشىغا ئىندىئان ئاياللىرى بەرگەن ئۈچبۇرجەك ياغلىقنى ئارتىپ، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان، مومىسى پۇل بېرىپ سېتىۋالغان ئېرى بىلەن موناستېردا توي قىلدى. قىز قەلبىنى ئىگىلىگەن غۇۋا بىر ئىنتىزارلىق ئىلىكىدە يەرگە تىزلاندى، ھاك تېشىنىڭ ئېچىشتۇرۇشلىرىغا، 200 ھامىلدار قىزنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان سېسىق ھاراق پۇرىقىغا، ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئېپىستۇرا، سان پابلونىڭ لاتىنچە مۇناجاتلىرىنى ئوقۇش جازالىرىغا چىدىدى. چۈنكى مىسسىيونېرلار بۇ كۈتۈلمىگەن تويغا قارشى تۇرۇشقا باشقا چارە تاپالماي قالغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېلوندىرانى موناستېردا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىدى. توي تۈگىگەندە، كىشىلەر مىلتىق بىلەن بۇلۇتلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقى پۇل بېرىپ سېتىۋېلىنغان يىگىت ۋە شەپقەتسىز مومىسىنىڭ ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان قىزدىن ئۆزىنىڭ قانداق قارارى بارلىقىنى سوراشتى. قىز ئارتۇقچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا جاۋاب بەردى:

- مېنىڭ كەتكۈم بار،- قىز مومىسىنى ئىما قىلىپ دېدى،- ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس، مومام بىلەن كېتىمەن.

شۇنداق قىلىپ، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىغا يەنە چۈشتى، بۇ ئىپلاس چاڭگال ئۇنى تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ ئۆز ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.

ئۇلىسېسنىڭ باغدىن بىر تال ئاپېلىسىن ئوغرىلاپ قويۇشى سەۋەبلىك، چۈشتىن كېيىنكى ئىش سۇغا چىلاشتى. دادىسى قۇرت چۈشكەن ئاپېلىسىن شاخلىرىنى قىرقىغاچ ، دەرەخ ئۈستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋالدى، ئاپىسىمۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە كۆز- قۇلاق بولۇپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى، ھېچبولمىغاندىمۇ بۈگۈن بولمايىتتى. ئۇ تولىمۇ روھسىز بىر قىياپەتتە دادىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپېلىسىنلارنى قىرقىشىغا ھە- ھۇ دېيىشتى.

باغ تىمتاسلىققا چۆمگەن، ياغاچ ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىدە يالت- يۇلت نۇر چاقنايىتتى. گۈللۈكتە گۈل- گىياھلار بولۇق ئۆسكەن، ئۇلىسېسنىڭ ئاپىسى ئاشۇ گۈللۈكتىكى ئىلەڭگۈچتە ئولتۇراتتى. چىڭقىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقان بېشىنىڭ ئاغرىقىغا ئارام بولارمىكىن دەپ چېكىسىگە ئىككى تال ھۆل يوپۇرماق چاپلىۋالغانىدى. ئاپىسىنىڭ ساپ ئىندىئانلارغا خاس ئۆتكۈر كۆزلىرى ئوغلىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىدىن نېرى بولمايىتتى. ئۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئايال ئىدى، يېشى ئېرىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك ئىدى. ئۇ ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئۇچىسىدىن زىنھار چۈشۈرمىدى، ئۆز قەبىلىسىنىڭ بەزى كونا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى .

ئۇلىسېس شاخ چاتاش سايمانلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىۋاتقاندا، ئاپىسى ئۇنىڭغا دورىسىنى ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇ دورىنى ياندىكى چاققانغىنە كەلگەن ئۈستەلگە قويۇپ، ئاپىسىغا سۇ قۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن ماڭدى، ئۇ قولىنى شۇنداقلا ئۇزىتىشىغا ئىستاكان بىلەن سۇ بوتولكىسىنىڭ رەڭگى بىردىن ئۆزگىرىپ كەتتى. ھەيران بولغان ئۇلىسېس ئىستاكاننىڭ يېنىدىكى يەنە بىر يوغان ئەينەك بوتولكىنى ئەتەي تۇتۇپ كۆرۈۋېدى، ئۇ بوتولكىمۇ كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى. دورىسىنى ئىچىپ ئولتۇرغان ئاپىسى بۇ ھالنى كۆرۈپ قالدى، بۇنىڭ ئۆزىدىكى خاتا سېزىم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ، گۇجرا تىلىدا سورىدى:

- قاچاندىن بېرى بۇنداق بولۇپ قالدىڭ؟

- قاقاسلىقتىن يېنىپ كەلگەندىن بېرى،- ئۇلىسېسمۇ گۇجرا تىلىدا جاۋاب بەردى،- ئەينەكتىن ياسالغان نەرسىلەرنى تۇتساملا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ.

ئۇ گېپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۈستەلدىكى ئىستاكانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرلەپ تۇتۇپ كۆردى، دېگەندەك ئىستاكانلارنىڭ رەڭگى ھەر خىل رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ كەتتى.

- كىشى مۇھەببەت تورىغا ئىلىنىپ قالغاندا ئاشۇنداق بولۇپ قالىدۇ،- سورىدى ئاپىسى ئۇلاپلا،- قايسى قىز ئۇ؟

ئۇلىسېس زۇۋان سۈرمىدى. دادىسى گۇجرا تىلىنى بىلمەيىتتى، ئاپېلىسىن كۆتۈرۈپ گۈللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دادىسى گوللاند تىلىدا ئۇلىسېستىن سورىدى:

- نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟

- ئادەتتىكى پاراڭ،- جاۋاب بەردى ئۇلىسېس.

ئاپىسىمۇ گوللاند تىلىنى بىلمىگەچكە، ئېرى ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن گۇجرا تىلىدا ئۇلىسېستىن سورىدى:

- داداڭ نېمە دەيدۇ؟

- ھېچنېمە،- دېدى ئۇلىسېس.

دادىسى ئۇدۇل ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. ئاپىسى ئىككىسى يالغۇز قالغاندا ئۇلىسېستىن سورىدى:

- ئېيتە، ئۇ قىز كىم؟

- ھېچكىم،- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى دادىسىدا بولغاچقا، خوشياقمىغاندەكلا جاۋاب بەردى. بايا ئۇ دەرىزىدىن دادىسىنىڭ ئاپېلىسىنلارنى چامادانغا قاچىلاپ بەلگە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. ئۇ دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭمۇ ئۆزىگە كۆز- قۇلاق بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتى.

- ئۇزۇن بولدى، بولكا يېمەيدىغان بوپ قالدىڭغۇ؟- سورىدى ئاپىسى.

- يېگۈم كەلمىسە.

بۇ گەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاپىسى زەردە بىلەن دېدى:

- تولا يالغان سۆزلىمە! قىز بالىنىڭ دەردىدە شۇنداق بوپ قالدىڭ سەن. ئادەم شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە بولكا يېمەيدىغان بوپ قالىدۇ،- ئاپىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى:

- دېگىنە، ئۇ زادى كىم؟ بولمىسا ئەدىپىڭنى يەيسەن.

دادىسى ئاپېلىسىنلارنى چامادانغا قاچىلاپ بولۇپ، ئىشخانىسىنىڭ تۆمۈر ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ يېنىپ چىقتى. ئۇلىسېس دېرىزىنىڭ يېنىدىن يېنىپ كېلىپ، ئاپىسىغا زەردە بىلەن دېدى:

- ھەممىنى دېدىمغۇ، ئەمدى ئىشەنمىسەڭ، بېرىپ دادامدىن سورا.

دادىسى قولتۇقىغا تىكىشلىرى سۆكۈلۈپ كەتكەن ھېلىقى قىستۇرۇپ، دېڭىزچىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان غاڭزىسىدىن ئىس چىقارغىنىچە ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەلدى.

- قاقاسلىقتىن ئۆتكۈچە بىرەرسى ئۇچرىغانمىدى؟

- ئۇنداق ئىش يوق،- چۈشىنىكسىزلا جاۋاب بەردى دادىسى،- دېگەنلىرىمگە ئىشەنمىسەڭ، ئۇلىسېستىن سوراپ باق.

دادىسى كارىدوردا ئولتۇرۇپ تاماكىسىنى چېكىپ تۈگەتتى، ئاندىن ئىنجىلنى ئاچتى- دە، گوللاند تىلىدا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىپ ئىككى سائەتكە يېقىن ئىنجىل ئوقۇدى.

يېرىم كېچە، ئۇلىسېس ئېلوندىرانى تولا ئويلاپ خېلىغىچە كۆزىگە ئۇيقۇ بارمىدى، ئاسما كارىۋاتتا ھېلى ئۇياققا- ھېلى بۇياققا ئۆرۈلۈپ بىرەر سائەتتىن ئارتۇقراق قىينالدى. ئۇ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمايۋاتقان ئاشۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەرگە ھالاقىت بەرمەكچى بولاتتى- يۇ، بۇ ئازابلار بېرىپ- بېرىپ يەنە ئۇنى ۋەسۋەسىگە سالاتتى. ئۇ كارىۋاتتىن ئىرغىپ چۈشۈپ پادىچىلار ئىشتىنى، چاقماق كۆينىكى ۋە ئۆتۈكىنى كىيدى، ئاندىن دەرىزىدىن سەكرەپلا چۈشتى- دە، قۇش توشۇيدىغان ھېلىقى كىچىك قارا ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى ھويلىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. ئاپېلىسىنلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تازا مەي باغلاپ پىشقان ئاپېلىسىندىن ئۈچ تال ئۈزۈۋالدى، بۇ ئۇ چۈشتىن كېيىندىن بېرى ئوغرىلايمەن دەپ ئوغرىلىيالمىغان ئاپېلىسىن ئىدى.

ئۇ كېچىچە ماشىنىسىنى ئاشۇ قاقاسلىقتا مەقسەتسىز چاپتۇرۇپ يۈردى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن، بازارمۇ بازار، ھويلىمۇ ھويلا ئېلوندىرانىڭ دېرىكىنى قىلدى، لېكىن ھېچكىمدىن تۈزۈك جاۋاب ئالالمىدى. ئاخىر ئۇ كىشىلەردىن ئېلوندىرانىڭ پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ سايلام تەشكىلاتىغا ئەگىشىپ كېتىپ قالغانلىقىنى، بۇ چاغقا پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېڭى كاستىيا بازىرىغا بېرىپ بولغانلىقىنى ئۇقتى. ئۇلىسېس ئۇلارنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى، نېرىسىدىكى بازارغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. لېكىن، ئېلوندىرا پالاتا ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى، چۈنكى مومىسى پالاتا ئەزاسىنىڭ «بۇ، دىيانەتلىك ئايال» دېگەن مەزمۇندا ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتىگە ئېرىشكەنىدى، مۇشۇ خەت بولسىلا ئۇ قاقاسلىقتا ئوقىتىنى ھېچقانداق دەخلىسىز، بىمالال يۈرۈشتۈرەلەيىتتى. ئۇلىسېس ئۈچىنچى كۈنى ھېلىقى پوچتالىيوننى ئۇچرىتىپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئېلوندىرانىڭ دېرىكىنى بىلدى:

- ئۇلار دېڭىز بويىدىكى جايلارغا بارماقچى، تېزراق ماڭساڭ يېتىشىۋالالايسەن، ئۇ دەللە خىيالىدا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئارۇۋا ئارىلىغا بارماقچى.

ئۇلىسىېس پوچتالىيون كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ ماشىنا بىلەن ساق يېرىم كۈن چاپتى، نىھايەت، كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ھېلىقى يوغان چېدىر يىراقتىن ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى، بۇ چېدىرنى ئېلوندىرانىڭ مومىسى ۋەيران بولغان بىر سېرىك ئۆمىكىدىن سېتىۋالغانىدى. ھېلىقى سەييارە فوتوگرافمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەنىدى، ئۇ دۇنيانىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەسلىكىگە چىنپۈتكەنىدى. ئۇ دېكوراتسىيە لاتىسىنى چېدىرنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرغانىدى. سازەندىلەر مۇڭلۇق ۋالىس مۇزىكىسى چېلىپ، ئېلوندىرا ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىشماقتا ئىدى.

ئۇلىسېسنىڭ چېدىرغا كىرىپ تۇنجى كۆزىگە چېلىققىنى چېدىرنىڭ چىنىدەك پاكىزلىقى بولدى. موماينىڭ ھېلىقى كارىۋىتى گۇبىرناتۇر خانىمىنىڭ ھەشەمەتلىك كارىۋىتىدەك سۆلىتىنى يوقاتمىغانىدى، پەرىشتىنىڭ ھەيكىلى ئاتا- بالا ئامادىسنىڭ جەسەت كۈلى ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى، بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنىڭ ئىچىدە يەنە ئاليومىندىن ياسالغان شىر پۇتلۇق يۇيۇنۇش دېسىمۇ بار ئىدى. ئېلوندىرا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېڭى كارىۋىتىدا كۆزى ئوچۇق جىممىدە ئۇخلاۋاتاتتى. بىر دەستە نۇر چېدىر ئۈستىدىن ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلىسېس ئاپېلىسىننى چىقىرىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدى، ئېلوندىرانىڭ قىمىر قىلماي ياتقىنىنى كۆرۈپ، قولىنى قىزنىڭ يۈزىگە يېقىن ئەكېلىپ، ئۆزى قويۇۋالغان ئىسىم بىلەن قىزنى چاقىردى:

- ئالدىنېر!

- ئېلوندىرا ئىتتىك كۆزىنى ئاچتى، ئاچتى- يۇ، ئۆزىنىڭ ئۇلىسېسنىڭ كۆز ئالدىدا قىپيالىڭاچ ياتقىنىنى سېزىپ، قورققىنىدىن«ۋاي ئانامەي!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە كارىۋات كىرلىكىنى تارتىپ ئېلىپلا بېشىغىچە پۈركۈنۈۋالدى.

- ماڭا قارىماڭ، مەن بەك قورقۇنچلۇق،- دېدى قىز.

- تېرىڭىزنىڭ رەڭگى ماۋۇ ئاپېلىسىننىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىكەن،- ئۇلىسېس شۇنداق دېگەچ قولىدىكى ئاپېلىسىننى ئۇنىڭ كۆزىگە يېقىن ئەكەلدى.

ئېلوندىرا كارىۋات كىرلىكىنىڭ ئارىچىدىن ئاپېلىسىننى كۆرۈپ، تېرىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئاپېلىسىننىڭ رەڭگىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

- بۇ يەردە تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ، چىقىپ كېتىڭ،- دېدى ئېلوندىرا.

- مەن سىزگە ئاتايىن مۇشۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كىردىم، قاراڭ بۇنىڭغا.

ئۇلىسېس ئاۋۋال تىرنىقى بىلەن ئاپېلىسىننىڭ شۆپۈكىنى سويدى، ئاندىن ئاپېلىسىننى ئىككى پارچە قىلىپ، ئىچىگە پاتۇرۇپ قويۇلغان ئالماسنى ئېلوندىراغا كۆرسەتتى.

- مانا بۇ بىز چېگراغا ئاپىرىدىغان ئاپېلىسىن شۇ.

- لېكىن ماۋۇ ئاپېلىسىننىڭ شۆپۈكى سويۇلماپتىغۇ!- سورىدى ئېلوندىرا ھەيرانلىق ئىلىكىدە.

- ئەلۋەتتە، بۇنى دادام ئۆز قولى بىلەن ئۆستۈرگەن،- دېدى ئۇلىسېس كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ئېلوندىرا بېشىنى كىرلىكتىن چىقاردى- دە، ئالماسنى قولىغا ئېلىپ قىزىقسىنىپ قاراپ كەتتى.

- مۇشۇنىڭدىن ئۈچ تاللا بولسا، پۈتۈن جاھاننى بىر ئايلىنىپ چىقالايمىز،- دېدى ئۇلىسېس.

ئېلوندىرا ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ئالماسنى ئۇلىسېسقا سۇندى، ئۇلىسېس يەنە قىزغا ئىتتەردى.

- يەنە بىر قارا ماشىنىمۇ ھەيدەپ كەلدىم تېخى،- دېدى ئۇ،- ئۇنىڭدىن باشقا يەنە . . . قاراڭ ماۋۇنىڭغا.

ئۇلىسېس قوينىدىن كونا تىپتىكى بىر تاپانچىنى چىقاردى.

- 10 يىل توشمىغۇچە بۇ يەردىن كېتەلمەيمەن،- دېدى ئېلوندىرا.

- كەتمىسىڭىز بولمايدۇ،- دېدى ئۇلىسېس،- ئاۋۇ ئاق كىت ئۇيقۇغا كەتكەندە، سىزنى تالادا ساقلايمەن، مۈشۈكياپىلاقنى دوراپ سىزگە بەلگە بېرىمەن.

ئۇ مۈشۈكياپىلاقنى دورىۋېدى، ئاۋازى بەكلا ئوخشاپ كەتتى. ئېلوندىرا ۋىلىققىدە كۈلۈپ تاشلىدى.

- مومامنى دەۋاتامسىز!

- مۈشۈكياپىلاق!

- كىت.

ئىككىيلەن ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى، ئېلوندىرا كۈلكىدىن دەررۇ ئۆزىنى توختىتىپ دېدى:

- مومامنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھېچنەگە كېتەلمەيمەن.

- ئۇنىڭغا دېمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ.

- ھەر قانچە قىلغىنىمىز بىلەنمۇ ئۇ بىلىپ قالىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا،- بۇ ئىشلار ئۇنىڭ چۈشىدە ئايان بولىدۇ.

- سىز ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ بولغۇچە بىز چېگرىدىنمۇ چىقىپ بولىمىز. بىز ئەتكەسچىلەرگە ئوخشاش چېگرىدىن ئۆتۈپ كېتىمىز . . .- دېدى ئۇلىسېس.

ئۇلىسېس كىنولاردىكى قەھرىمانلارنى دوراپ، تاپانچسىنى چەنلەپ ئوق چىققاندەك بىر ئاۋازنى دورىدى، ئۇ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق قورقماس كۆرسىتىپ، ئېلوندىراغا مەدەت بەرمەكچى ئىدى. ئېلوندىرا زۇۋان سۈرمىدى، ئەمما كۆزلىرىدىن بىر خىل ئۈمىد ئۇچقۇنى چاچرىدى. قىز ئۇلىسېسنى چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ خوشلاشتى. ھاياجانغا چۆمگەن ئۇلىسېس پەس ئاۋازدا دېدى:

- ئەتە پاراخوتتا مۇشۇنداق سۆيۈشەيلى جۇمۇ!

شۇ كۈنى كەچ، سائەت 7 دىن ئاشقان چاغ، ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چېچىنى تاراۋاتقاندا، ئۆزىنى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلغان ھېلىقى تەلۋە بوران يەنە چىقتى. مال توشۇغۇچى ئىندىئانلار بىلەن سازچىلار ئىش ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر چەتتە ساقلاپ تۇراتتى. موماي يېنىدىكى كورۇپكىغا چۈشكەن پۇللارنى ساناپ بولۇپ، ھېسابات دەپتىرىگە خاتىرىلىدى، ئاندىن ئىندىئانلارنىڭ باشلىقىغا پۇلنى ئۇزىتىۋېتىپ دېدى:

- مانا ئالە، ھەپتىلىك ئىش ھەققىڭ 20 پىسو، بۇنىڭدىن تاماق پۇلى 8 پىسو، سۇ پۇلى 3 پىسو، يېڭى كۆينەكنىڭ ئۇپراش ھەققى ئۈچۈن يەنە يېرىم پېسونى چىقىرىۋەتكەندە، قولۇڭغا تېگىدىغىنى 8 يېرىم پىسو بولىدىكەن، ئوبدان سانىۋال.

- ئىندىئانلارنىڭ باشلىقى پۇلنى ساناپ بولۇپ: «رەھمەت سىزگە، ئاق تەنلىك خانىم»دېدى، ئاندىن قالغان ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تازىم قىلىۋېتىپ چىقىپ كېتىشتى.

ئارقىدىن سازەندىلەر موماينىڭ ئالدىغا كەلدى. موماي ھېسابات دەپتىرىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ، كەينىگە شاققىدە بۇرۇلۇپ فوتوگرافقا قارىدى، فوتوگراف ھەدەپ شىلىمدا سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ نۇر توسۇش لاتىسىنى چاپلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.

- قانداق، مۇزىكا ھەققىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنىغۇ سەن چىقىرارسەن؟- دېدى موماي فوتوگرافقا.

فوتوگراف بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن جاۋاب بەردى:

- مۇزىكا بىلەن رەسىمگە چۈشكىلى بولمىسا- يە.

- ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، مۇزىكا خەقلەرنىڭ رەسىمگە چۈشۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ- دە،- دېدى موماي رەددىيە بېرىپ.

- دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،- دېدى فوتوگراف،- مۇزىكا سۈرەتكە چۈشىدىغانلارغا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ، شۇڭا رەسىمگە كۆزى يۇمۇق چۈشۈپ قالىدۇ.

سازەندىلەرنىڭ باشلىقى گەپنى بۆلدى:

- مۇزىكا قانداقسىگە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويالىسۇن، كېچىدە سۈرەتكە چۈشكەندە ئاپپاراتنىڭ نۇر چىقىرىش چىرىغى ئادەمنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويىدۇ.

- ئۇنداق ئەمەس، كۆزنىڭ يۇمۇلۇپ قېلىشىغا مۇزىكا سەۋەب بولىدۇ،- دېدى فوتوگرافمۇ بوش كەلمەي.

موماي ئىككىيلەننىڭ تالاش- تارتىشىنى بېسىقتۇرۇپ، فوتوگرافقا دېدى:

- ئۇنچىلىك چىڭلىق قىلىپ كەتمە، پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالما. ھېلىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ سازەندىلەرنى باشلاپ كەلگىنى،- دېدى ئۇ قەتئىي تەلەپپۇزدا،- يا پۇلنى تۆلە، يا بولمىسا يېنىمىزدىن نېرى كەت. بۇنچىۋالا چىقىمنىڭ ھەممىسىنى بىچار ئېلوندىراغىلا ئارتىپ قويساڭ قانداق بولىدۇ.

- كەتسەم كەتتىم،- دېدى فوتوگراف،- نېمە دېسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ مەن دېگەن بىر سەنئەتكار.

موماي مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلدى- دە، ھېسابات دەپتىرىدىكى سان- سىفىرلار بويىچە سازەندىلەرنىڭ باشلىقىغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزدى:

- 254 مۇزىكا چېلىپسىلەر، بىر مۇزىكا يېرىم پىسو، ئۇنىڭغا يەنە يەكشەنبە ۋە بازار كۈنىدىكى 32 مۇزىكىنى قوشساق، ھەر بىر مۇزىكا 60 سېنت بولىدىكەن، شۇنداق بولغاندا جەمئىي 165.2 پىسو بولىدىكەن.

سازەندىلەر باشلىقى پۇلنى ئېلىۋېتىپ دېدى:

- 182.4 پىسو بولسا توغرا بولاتتى، ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ باھاسى سەل قىممەت ئىدى.

- نېمىشقا ئەمدى؟

- چۈنكى، ۋالىس مۇزىكىسى بەك ھەسرەتلىك.

موماي ئۇنى مۇشۇ پۇلغا رازى قىلماقچى بولغاندەك:

- ئەمىسە بۇ ھەپتە جۇشقۇنراق مۇزىكىلارنى چالغىن، شۇنىڭ بىلەن تۈگەشكەن بولايلى،- دېدى.

سازەندىلەرنىڭ باشلىقى موماينىڭ قانداق ھېسابلغىنىنى چۈشىنەلمىدى، شۇنداقتىمۇ كاللىسىدا ھېساب سوققاچ پۇلنى ئالدى. تۇرۇپلا كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان تەلۋە بوران قۇتراپ چېدىرنى ئۇچۇرتۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بوران توختاپ ئەتراپ سەل جىمىققاندا، مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ھۇۋلىغان سۈرلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئېلوندىرا چاندۇرۇپ قويارمەنمۇ دەپ تەمتىرەپ كەتتى. ئۇ غەللە ساندۇقىنى ئوبدان قۇلۇپلاپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقتى. ئاچقۇچنى مومىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندا، مومىسى ئۇنىڭ قولىنىڭ تىتىرەۋەتقانلىقىنى سېزىپ قالدى:

- قورقما، كېچىسى شامال چىقسىلا مۈشۈكياپىلاقلار ئاۋۇپ قالىدۇ.

موماي شۇنداق دېگىنى بىلەن، فوتوگرافنىڭ لاقا- لۇقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچىگە سەل قورقۇنچ كىرىۋالغانىدى.

- يا بولمىسا، ئەتە تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ماڭغىن. بۈگۈن كېچىدە ئەزرائىل قۇترايدۇ،- دېدى موماي فوتوگرافقا.

مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازىنى فوتوگرافمۇ ئاڭلىدى، ئەمما ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى.

- ئوبدان بالام ، مەن ساڭا ئامراق،- دېدى يەنە موماي.

- ئەمىسە مۇزىكا ھەققىنى تاپشۇرمىساممۇ بولار،- دېدى فوتوگراف.

- ياق، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.

- قارىڭە مانا، سىز ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيسىز.

- ۋاي يوقىلە كۆزۈمدىن، ھاراملىق!

موماي كۆڭلى ئازار يېگەندەك تۇيغۇدا بولدى، ئېلوندىرا يۆلەشتۈرۈپ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ بولغۇچە فوتوگرافنى:«ھۇ ئىتنىڭ بالىسى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان دەلتە»دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ خېلىغىچە تىللىدى. ئېلوندىرانىڭ مومىسىنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلغۇدەك رەۋىتى يوق ئىدى، بوران جىمىققاننىڭياقى ئۇلىسېس مۈشۈكياپىلاقنى دوراپ ئۇنىڭغا نەچچە رەت بەلگە بەردى، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەي دېلغۇل بولۇپ تۇراتتى. موماي كارىۋىتىدا ياتقاندىن كېيىن ئادىتى بويىچە ئېلوندىراغا ئۆزىنى يەلپۈتتى. موماي تۈگىمەس تاپشۇرۇقلىرىنى جېكىلەشكە باشلىدى:

- ئەتە بالدۇرراق تۇرغىن، خېرىدارلار كېلىپ بولغۇچە ماڭا يۇيۇنغىلى سۇ ئىسسىتىپ قويغىن.

- بولىدۇ موما.

- ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئىندىئانلارنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى يۇيۇۋەتكىن، مۇشۇنداق قىلساڭ، كېلەر ھەپتە ئۇلاردىن جىراق پۇل تۇتۇپ قالالايمىز.

- بولىدۇ موما.

- ئوبدان ئۇخلىۋالغىن، ئۆزۈڭنى چارچىتىپ قويما. چۈنكى ئەتە كۈنگە پەيشەنبە، مۇشۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈن.

- بولىدۇ موما.

- تۆگىقۇشقا ئازراق يەم سېلىپ بەرگىن.

- بولىدۇ موما.

قىز يەلپۈگۈچنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ، جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا شامدىن ئىككىنى ياندۇرۇپ قويدى. مومىسى ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇيرۇق سوقۇشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى.

- بوۋاڭ بىلەن داداڭ ئۈچۈن شام يېقىپ قويۇشنى ئۇنتۇما.

- بولىدۇ موما.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئەمدى ئويغانمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى مومىسى جۆيلۈشكە باشلىغانىدى. تالادا تەلۋە بوران قۇترىماقتا ئىدى، لېكىن ئېلوندىرا بۇ ئاپەتلىك بوراننىڭ بۇ قېتىممۇ ئۆزىگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىدى. ئۇنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىستىكى مومىسىنىڭ قاغىشلىرىدىن غالىپ كەلدى. يىراقتىن مۈشۈكياپىلاقنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.

قىز چېدىردىن چىقىپ بەش قەدەم ماڭار- ماڭمايلا فوتوگراف بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى، فوتوگراف ۋېلسىپىتىگە ھەدەپ لاقا- لۇقىلىرىنى تېڭىۋاتاتتى، ئۇنىڭ توغرا قىلدىڭ دېگەندەك كۈلۈمسىرەشلىرى قىزنىڭ كۆڭلىنى خېلى ئارام تاپقۇزدى.

- مېنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرىم يوق،- دېدى فوتوگراف،- ھېچنېمىنىمۇ كۆرمىدىم، مۇزىكا ھەققىنىمۇ ھەم تۆلىمەيمەن.

ئېلوندىرا بەخت تىلىگەندەك بىر تەرزدە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ فوتوگراف بىلەن خوشلاشتى. ئاندىن كەڭ دالىنى نىشانلاپ ماڭدى، ئۇ مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭسا خاتالاشمايدىغانلىقىغا جەزىم قىلدى- دە، يۈگۈرگىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.

مومىسى بۇ ئىشنى يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلدى. موماي پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتىنى ھېلىقى ھەربىي بازار باشلىقىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىۋېدى، بازار باشلىقى ئاسما كارىۋىتىدىن دىرىڭڭىدە سەكرەپ چۈشتى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسىمۇ ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.

- ئاناڭنى، مەن يا خەت تونۇمىسام،- ۋارقىرىدى بازار باشلىقى.

- بۇ پالاتا ئەزاسى ئو . سانچىسنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتى،- دېدى موماي.

بازار باشلىقى ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا ئاسما كارىۋاتنىڭ يېنىغا تىكلەپ قويغان مىلتىقىنى ئالدى- دە، قول ئاستىدىكىلەرگە يىغىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممە كىشى بىر كىچىك مىنىبوسقا چىقىپ، چىگرا تەرەپنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتى. بوران قاچقۇنلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىنى پاكپاكىز ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى. بازار باشلىقى شوپۇرنىڭ يېنىدا، ئارقا رەتتىكى ئورۇندا ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بىلەن ئېلوندىرانىڭ مومىسى ئولتۇراتتى، قالغان ئورۇنلاردا تولۇق قوراللانغان ژاندارمىلار ئولتۇرۇشاتتى.

بىر كەنت بازىرىنىڭ يېنىدا يامغۇر ئۆتمەس پالاز بىلەن مەھكەم چۈمكەلگەن ئۇزۇن بىر رەت قارا ماشىنىلار توختاغلىق ئىدى، كوزۇپقا مۆكۈشىۋالغان كىشىلەر پالازنى قايرىپ پىلىموت ۋە مىلتىقلىرى بىلەن مىنبوسنى قارىغا ئېلىشتى. بازار باشلىقى بىرىنچى قارا ماشىنىنىڭ شوپۇرىدىن قۇش بېسىلغان بىر قارا ماشىنىنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى.

شوپۇر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ جاۋاب بەردى:

- بىز ئەسكى ئادەملەر ئەمەس، ئەتكەسچىلەر.

ئۆزلىرىگە قارىتىپ قويۇلغان قوراللارنىڭ قاپقارا ئىستىۋۇلىنى كۆرگەن بازار باشلىقى قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ۋارقىرىدى:

- ھەر نېمە بولسا كۈپكۈندۈزدە ھەرىكەت قىلىشتىن خىجىل بوپسىلەر.

ئەڭ كەينىدىكى بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا«ئېلوندىرا، مەن سىزنى سېغىندىم» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات ئېسىپ قويۇلغانىدى.

ئۇلار شىمالنى بويلاپ ماڭغانسېرى شامال شۇنچە كۈچىيىشىكە باشلىدى، ھاۋامۇ بارغانسىرى قۇرغاقلىشىپ، تونۇردەك قىزىپ كەتتى، ئۇلار ئىسسىق دەستىدىن نەپەس ئالالمايلا قېلىشتى.

موماي يىراقتا كېتىۋاتقان فوتوگرافنى بىرىنچى بولۇپ كۆردى، فوتوگراف بېشىغا قولياغلىقىنى چىگىۋېلىپ، ۋېلسىپىتىنى تولىمۇ مۇشەققەتتە ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى.

- ئاۋۇ ھارىمىمۇ شۇلارنىڭ گۇماشتىسى،- دېدى موماي فوتوگرافنىڭ كەينىدىن چىنەپ تۇرۇپ.

بازار باشلىقى بىر ژاندارمىغا فوتوگرافنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلىپ دېدى:

- ئۇنى تۇتۇپ مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇر، بىز بىردەمدىلا يېنىپ كېلىمىز.

ژاندارما ماشىنىدىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، فوتوگرافنى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، فوتوگراف ئاڭلىمىدى. مىنىبوس ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتكەندە، موماينىڭ چىراي ئىپادىسىدىن فوتوگراف گاڭگىراپلا قالدى، موماينى ئۆزىگە سالام بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، كۈلۈپ قويدى ۋە خەير- خوش دېگەندەك قىلىپ مومايغا قول ئىشارىسى قىلدى. ئۇ ئوق ئاۋازىنى ئىشىتمەستىنلا ئالدىغا بىرنى دۈگجۈدى- دە، ۋېلسىپىتىنىڭ ئۈستىدىلا جان بەردى. قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر پاي ئوق ئۇنىڭ مېڭىسىدىن تۈڭلۈك ئاچقانىدى.

چىڭقى چۈش پەيتىگە ئاز قالغاندا، ئۇلارغا قۇش پەيلىرى ئۇچرىدى. قۇش پەيلىرى شامالدا ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى. پەيلەر تېخى يېڭى ئىدى. ئۇلىسېسنىڭ دادىسى بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قۇشلارنىڭ پېيى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. شوپۇر يۆنىلىشنى توغرىلىۋېلىپ، ماشىنىنىڭ مېيىنى قۇلاققىچە دەسسىدى، ئارىدىن يېرىم سائەتمۇ ئۆتمەي، ئۇلار يىراقتىن ھېلىقى كىچىك قارا ماشىنىنى كۆردى.

ئۇلىسېس نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىدىن كەينىدە بىر ھەربىي ماشىنىنىڭ تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقىنىنى كۆردى، ئۇ ماينى بولۇشىغا دەسسەپ ئۇزاپ كەتمەكچى بولدى، لېكىن ماشىنىنىڭ ھالى شۇنچىلىك بولغاچقا، ھەر قانچە قىلىپمۇ سۈرئەتنى تېزلىتەلمىدى. ئۇلار كېچىچە ئۇخلىماي ماڭغاچقا، ھارغىنلىق، ئۇسسۇزلۇق ئوبدانلا قىينىغانىدى. ئۇلىسېسنىڭ يەلكىسىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ئولتۇرغان ئېلوندىرا چۆچۈپ ئۇيقۇسىنى ئاچتى، بىر مىنىبوسنىڭ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تاپانچىنى قولىغا ئالدى.

- ئەمدى بولمىدى، ئۇ دېگەن فرانسىس دىراك،- دېدى ئۇلىسېس.

ئېلوندىرا قولىدىكى تاپانچا بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ، مىنبوسقا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. مىنىبوس ئۇلىسېسنىڭ ئالدىغا ئۆتتى- دە، جىددىي بۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى.

«بۇ ئاۋات زاماننىڭ ئىشلىرىنى چۈشەندىممۇ دەي، مەيلى نېمە ئىش روي بەرسۇن، پەقەت تالاي يىللار ئۆتسىلا، ئۇنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن.» بۇ، رافائىل ئېسكارونا بىر ناخشىسىدا ئېچىپ بەرگەن تىراگېدىك خاتىمە. مېنىڭچە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ئارتۇقچە ئەمەس. مەن رىيوئاگا ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىنىسكلوپېدىيە ۋە دوختۇرلۇق ھەققىدىكى كىتابلارنى سېتىپ يۈردۈم. ئا . س . سامىدىيومۇ مۇشۇ ئەتراپتا پىۋا ئىشلەش ماشىنىسى ساتاتتى، مېنى ئەپچىلگىنە كەلگەن قارا ماشىنىسىغا سېلىۋېلىپ مۇشۇ قاقاسلىقتا ئۇياقتىن- بۇياققا ئايلاندۇراتتى، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. بىز بىللە بولساق، دېيىشمەيدىغان گېپىمىز قالمايتتى، چىلاشقۇچە پىۋا ئىچەتتۇق، بۇ قاقاسلىقتىن قاچان، قەيەردىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزنىمۇ ھەم بىلمەيىتتۇق. كېيىن چىگرا بويىغا باردۇق، ئۇ يەردە ھېلىقى ھەرىكەتچان چېدىر بارئىدى، «ئېلوندىرا ئەڭ نوچىسى، قېنى مەرھەمەت! ئېلوندىرا سىلەرنى ساقلىماقتا! ئېلوندىراسىز ھايات ھايات ئەمەس!»دېگەن يوغان خەتلەر يېزىلغان ماتا رەخت چېدىرغا ئېسىپ قويۇلاتتى. شەھەرنىڭ ھەممە كوچىسىدا ئاشكارا قىمارخانا بار ئىدى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك قاۋاقخانا ئىدى، قاچقۇنلارنىڭ پاناھگاھى ئىدى. گۈلدۈر- غالاپ مۇزىكا ئاۋازى بىلەن ھۆپىگەرلەرنىڭ مېلىنى داڭلاپ ۋارقىراشلىرى قوشۇلۇپ كىشى نېرۋىسىنى قوچۇيدىغان سىمفونىيەگە ئايلىناتتى.

قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئارىسىدا بۇراگمان ئىسىملىك ياخشى نىيەتلىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ ئۈستەلگە چىقىۋېلىپ زەھەرلىك يىلان ئوينىتاتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى نەق مەيداندا تەجرىبە قىلىپ بېرەتتى. بۇ يەردە يەنە ئاتا- ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرمىگىنى ئۈچۈن ئۆمۈچۈككە ئايلىنىپ قالغان يەنە بىر قىز بالا بار ئىدى، ئىشەنمىگەنلەر يېرىم پىسو تۆلەپ سىيلاپ باقسا بولاتتى، بۇ ئۆمۈچۈك قىز يەنە ئۆزى ئۇچرىغان كۈلپەتلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەتتى. پالچىلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئەپەندىم پىلانىتلاردىكى قورقۇنچلۇق شەپەرەڭلەرنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقى، ئاشۇ شەپەرەڭلەر ئەگەر بىر نەپەس ئالىدىغان بولسا پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى، دېڭىز ئاستىدىكى جىمى نەرسىلەرنىڭ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە پال سېلىپ خەۋەر بېرەتتى.

بىردىبىر قۇلاق تىنچ جاي چېركاۋ ئىدى، شەھەرنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىدىن بەزگەن كىشىلەر ئۇدۇل مۇشۇ يەرنى تاپاتتى. يىراق- يېقىندىن ئارامچىلىق ئىزدەپ كەلگەن ئاياللار چېركاۋنىڭ بۇ تاشلاندۇق زالىدا بەھۇزۇر ھاردۇقلىرىنى چىقىرىپ ئەسنىشىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنى ھېچكىم نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەيىتتى. ئۇلار تورۇستىكى شامالدۇرغۇچ ئاستىغا كېلىۋېلىپ، پىلانتلاردىكى شەپەرەڭلەر قاچان كېلەركىن دەپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇراتتى. توساتتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئايال لىككىدە ئورنىدىن تۇردى- دە، كوچىغا قارايدىغان كارىدورنى نىشانلاپ ماڭدى، كوچا ئېلوندىرانىڭ چۆپقەتلىرى بىلەن توشقان ئىدى، ئايال باشقىلارغا قاراپ توۋلىدى:

- قاراڭلار! ئۇنىڭدا بىزدە يوق نېمە خىسلەت باردۇر؟

- پالاتا ئەزاسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن خېتى بار،- ۋارقىرىدى بىر ئايال.

باشقا ئاياللارمۇ قىزىقسىنىپ كارىدورغا ئولاشتى.

- 15 كۈن بولدى، خەقلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئادەمدىن 50 پىسو پۇل تاپسا،- دېدى يەنە بىر ئايال.

دەسلەپتە چىققان ھېلىقى ئايال ئىشنىڭ تېگى- تەكتىگە يېتىش نىيىتىگە كېلىپ دېدى:

- بېرىپ بىر قاراپ باقاي، زادى ئۇنىڭ نېمىسىگە خەقلەر شۇنچىلىك قىلىدىكىن.

- مەنمۇ بىللە باراي،- دېدى يەنە بىر ئايال،- ئۇ يەر چوقۇم پۇل ئالمايدىغان بۇ يەردىن ياخشى.

يولدا ئۇلارغا يەنە بىر مۇنچە ئايال قېتىلدى، ئېلوندىرانىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەپ بولغۇچە، بىر توپ ئايال يىغىلدى. ئۇلار گەپمۇ قىلماستىن چېدىرغا ئېتىلىپ كىردى- دە، پۇل تۆلەپ بولۇپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان خېرىدارلارنى ياستۇق بىلەن ئۇرۇپ يۈرۈپ قوغلاپ چىقاردى، ئاندىن ئېلوندىرانى كارىۋېتى بىلەنلا قوشۇپ كۆتۈرگىنىچە كوچىغا ئەچىقىپ قويدى.

- كۆرۈڭ بۇ مۇتتەھەملىكنى!- ۋارقىرىدى موماي،- ھۇ بۇزۇقلار، ھەر قايسىڭنى يىغىشتۇرىدىغان قانۇن يوقمۇ بۇ يەردە!- موماي ئاياللارنى بىر ھازا تىللاپ بولۇپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان ئەرلەرگە شالىنى چاچتى،- ھۇ سامان تاغىرى ئوغرىلار، قېنى، ھەرقايسىڭنىڭ جىگىرى نەگە كەتتى؟ ئاۋۇ بۇزۇقلار كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر بىچار قىزبالىنى مۇشۇنداق ئانىي تېپىۋاتسا قاراپ تۇرۇشامسەن؟ ھۇ پەسەندى گۇيلار!

موماي ھاسىسىنى ئۇياق- بۇياق چۆرۈپ كىشىلەر توپىنى ئىككىگە ياردى ۋە ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ چوقان سالدى. لېكىن ئەتراپنى ۋاڭ- چۇڭ ۋە مەسخىرىلىك كۈلكە بىر ئالغاچقا، مومايغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

ئېلوندىرا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدى، چۈنكى ئۆتكەن قېتىم قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، مومىسى ئىت باغلايدىغان زەنجىردە ئۇنى كارىۋاتقا باغلاپ قويىدىغان بولغانىدى. لېكىن ئۇلار ئېلوندىرانى ھېچنېمە قىلمىدى، پەقەت ئۇنى ئەڭ ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرسىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ سازايى قىلدى، گويا باغلاقتىكى توۋا قىلغۇچىنى كۆتۈرگەن پەدىگە كۆتۈرۈپ مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويدى. ئېلوندىرا ئېڭىشىپ يۈزىنى ئېتىۋالدى، لېكىن كۆزلىرىدىن ياش چىقارمىدى. ئۇ ئەنە شۇ تەرزدە تەپتى تونۇرنى ئەسلىتىدىغان پىژ- پىژ ئىسسىقتا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا چىشىنى چىشلەپ تۇردى، بوينىغا سېلىنغان ئىت باغلايدىغان زەنجىردىن خورلۇق ھېس قىلدى، غەزىپى ئۆرلىدى. نىھايەت، بىرەيلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تال كۆينەكنى ئارتىپ قويدى.

مەن تۇنجى بولۇپ كۆرگەن ئەھۋال شۇ ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاشۇ چېگرا شەھەردە ئاممىنىڭ ھىماتىغا ئېرىشكىنىنى ئاڭلىدىم. مومىسىنىڭ غەللە ساندۇقى پۇل بىلەن لىق توشۇپ ئېتىلىپ كېتەي دېگەندىلا ئاندىن ئۇلار بۇ قاقاسلىقنى تاشلاپ دېڭىز تامان يۈرۈپ كەتتى. ئۇ نامراتلار دۆلىتىدە ئەزەلدىن مۇنداق داغدۇغىلىق مەنزىرە كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى: كالا ھارۋىسىغا ئوت ئاپىتىدىن ئامان قالغان نەرسىلەر چوقچىلاپ بېسىلغانىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە رىم پادىشاھىنىڭ يېرىم ھەيكىلى بىلەن تام سائىتىدىن باشقا، يەنە پىئانىنو بىلەن نۇرغۇن پىلاستىنكىلىرى بار قولدا چۆرۈيدىغان بىر فاتىفونمۇ بار ئىدى. بىر توپ ئىندىئان ھارۋىنىڭ كەينىدىن توختىماي كېلەتتى، ھەر قېتىم بازار ئىچىگە ئاز قالغاندا سازەندىلەر سازلىرىنى ياڭرىتىپ، كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىۋاتقىنىنى نامايىش قىلاتتى.

موماي بوينىغا قەغەزدىن ياسالغان گۈلچەمبىرەك ئېسىلغان ھالەتتە تەختىراۋاندا تىككىدە ئولتۇراتتى. چېركاۋنىڭ سايىسىدا يانچۇقىغا سېلىۋالغان يېمەكلىكلىرىنى ئاغزى بېسىقماستىن يەيىتتى. چاپىنىنىڭ ئىچىگە بېرزىنتتىن تىكىلگەن جىلىتكە كىيىۋالغان بولغاچقا، بېلىنىڭ ئۈستۈنكى قىسىمى يەنە سەمىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، جىلىتكىسىگە زىخچە ئالتۇنلارنى ئوق تاسمىسىغا ئوخشىتىپ قاتىرىسىغا ئېسىۋالغانىدى. ئايدەك ياسانغان ئېلوندىرا مومىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، پۇتى بىلەن بوينىغا يەنە ھېلىقى ئىت باغلايدىغان زەنجىر سېلىقلىق ئىدى.

- تولا زارلانما،- چېگرا شەھەردىن قوزغالغاندا موماي قىزغا شۇنداق دېدى،- سېنىڭمۇ خانىشلارنىڭكىدەك كىيىملىرىڭ، ياسىداق كارىۋىتىڭ بار بولىدۇ، ئۆزۈڭگە تەئەللۇق ئوركېستېرىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ تاشايىنىدا يەنە 14 ئىندىئان خىزمىتىڭنى قىلىدۇ. سېنىڭچە بۇ قالتىس ئىش ئەمەسمۇ؟

- شۇنداق موما.

موماي گېپىنى يەنە داۋام قىلدى:

- كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن، ئەرلەرنى كۈتۈپ يۈرمەيسەن، چوڭ شەھەرلەردە ئۆزۈڭگە خاس ئۆيۈڭ بولىدۇ، تولىمۇ ئەركىن، بەختلىك ياشايسەن.

بۇ گەپلەر ئۆز ئىستىقبالى ھەققىدە زىنھار ئويلىنىپ كۆرمىگەن ئېلوندىرا ئۈچۈن يېڭىچە بىر مەنزىل ئىدى. موماي قەرزنىڭ گېپىنى تىلغا ئالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئوقەت يۈرۈشۈپ بەرگەنسېرى موماينىڭ قەرز ھەققىدىكى چوتلىرىمۇ سۇسلاپ قالغانىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئېلوندىرا كۆڭلىدە ئويلاپ يۈرگەنلىرىنى تېشىغا چىقارمىدى، ئۇ بۇ خورلۇقلارغا جىممىدە سۈكۈت قىلماقتا ئىدى. موماي گويا بىر پالچىدەك، قىزنىڭ ئالدىدا كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە توختىماي ۋالاقلايىتتى.

بىر كۈنى ئۇلار كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەل بىلەن دىمىقلىقىدىن كىشىنىڭ نەپسىنى قىينايدىغان بىر جىلغىنىڭ ئايىقىغا چىقىپ قالدى، ئۇلار بۇنىڭدىن قەۋەتلا خۇش بوپ كەتتى، يامايكا يايلاق توخۇسىنىڭ قىچقارغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەلبىنى بېسىپ كېلىۋاتقان بىر تال تاش ئىرغىتىپ تاشلانغاندەك بولدى، ئۇلار ئاخىرى دېڭىز بويىغا يەتكەنىدى.

موماي قوياش نۇرىدا ئالتۇندەك پارلاپ تۇرغان كارىپ دېڭىزىنى كۆرۈپ، قاقاسلىقتا ئۆتكەن يېرىم ئۆمرىنىڭ ئەمدى ئاخىرلاشقانلىقىنى تونۇپ يەتتى- دە، ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ دېدى:

- ئەنە ئاشۇ يەردە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ بار بولىدۇ، خوش بولۇۋاتامسەن؟

- شۇنداق موما.

ئۇلار چېدىرنى تىكتى. موماينىڭ ئاغزى گەپتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى، تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرنى كەلگۈسىدىكى ئارمانلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتى. شۇ كېچىسى موماي ئادەتتىكىدىنمۇ راھەت ئۇخلىدى، دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئارام بەرمىگەندىلا ئاندىن ناھايىتى كېچىكىپ چۆچۈپ ئويغاندى. ئېلوندىرا ئۆزىنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇۋاتقاندىمۇ كەلگۈسى ئىستەكلەر ھەققىدە سۆزلەشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى، ئۇنىڭ ئەسەبىي تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان گەپلىرى چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى.

- كەلگۈسىدە ئېسىلزادە خېنىمغا ئايلىنىسەن،- دېدى موماي قىزغا،- ھىمايەڭگە ئالغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سەن ھۆرمەتكە سازاۋەر خوجايىنغا ئايلىنىسەن، يوقىرى دائىرىلەرنىڭ ھىممىتى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولىسەن، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ كاپىتانلىرى دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدىكى پورتلاردىن ساڭا ئاتكىرىتكا ئەۋەتىشىدۇ.

مومىسىنىڭ گەپلىرى ئېلوندىرانىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئىسسىق سۇ يۇيۇنۇش دېسىغا بىر تال شىلانكا ئارقىلىق كىرىپ تۇراتتى، داسقا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر چىلاقلىق ئىدى. قىز بىر قولىدا چۆمۈچ بىلەن مومىسىغا سۇ قۇيغاچ، يەنە بىر قولىدا مومىسىنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرەتتى. موماي تېخىچە ئاغزى بېسىقماي ۋالاقلىماقتا ئىدى:

- ئائىلەڭنىڭ شۆھرىتى ئاندىلىس تاقىم ئاراللىرىدىن ھالقىپ گوللاندىيە پادىشاھلىقىغىچە بېرىپ يېتىدۇ. شۆھرىتىڭ زۇڭتۇڭ جەمەتىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بىلىپ قالغىنكى، زۇڭتۇڭنىڭ جەمەتىدە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ- چوڭ ئىشلار ھەققىدە سوقا- سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ.

شىلانكىدىكى سۇ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ئېلوندىرا چىقىپ قاراپ بېقىۋېدى، شىلانكىغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىندىئاننىڭ ئوتۇن يېرىۋاتقىنىنى كۆردى.

- سۇ ئىسسىپ بولدى، سەل سوۋۇۋالسۇن،- دېدى ئىندىئان.

ئېلوندىرا ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئوچاققا يوغان بىر داش قازان ئېسىقلىق ئىدى، قازاندا خۇشپۇراق ئوت- چۆپلەر قايناۋاتاتتى. قىز بىر پارچە ئەسكى لاتا بىلەن قولىنى يۆگەپ، قازاننى كۆتۈرۈشكە تۇتۇندى ۋە ئىندىئانغا:

- ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، سۇنى مەن تەڭشەي،- دېدى.

ئىندىئان ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى، قىز ئوچاقتىن قازاننى ئالدى- دە، ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىچە شىلانكا تەرەپكە ماڭدى. قىز قايناقسۇنى تۆكەي دەپ تۇرۇشىغا، موماي چېدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

- ئېلوندىرا!

قىزنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، گويا بىرى ئىچىدىكى خىياللىرىنى بىلىپ قالغاندەك، ئالدىراپقىنا جاۋاب بەردى:

- موما، مەن سۇ تەڭشەۋاتىمەن، قېشىڭىزغا ھازىرلا كىرىمەن.

شۇ كېچىسى قىزنىڭ كۆزىگە خېلى بىر كەملەرگىچىمۇ ئۇيقۇ بارمىدى، قىز كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەنىدى. موماي ئۈستىدىكى چوكا ئالتۇنلار بىلەن لىق توشقان جىلىتكىسىنى سالمايلا ئۇيقۇغا كەتكەن، ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ بىر ناخشىلارغا ھەدەپ غىڭشىماقتا ئىدى. ئېلوندىرا ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ مومايغا چەكچەيگىنىچە قاراپ تۇردى، قاراڭغۇدا قىزنىڭ كۆزلىرى بەئەينى مۈشۈكنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرىدەك پارقىرايىتتى.

قىز كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ سوزۇلۇپ ياتتى، ئىككى قولىنى جۈپلەپ كۆكرىكىگە قويدى- دە، ۋۇجۇدىدىكى جىمى قۇدرىتىنى توپلاپ ئىچىدە قاتتىق نىدا قىلدى:

- ئۇلىسېس!

ئاپېلىسىنزارلىقتىكى ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقان ئۇلىسېس چۆچۈپ ئويغاندى، ئۇ ئېلوندىرانىڭ نىداسىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدى. ئۇ ئەتراپتىكى گۆرنى ئەسلىتىدىغان قاپقاراڭغۇ ئۆيلەرگە قاراپ قويدى- دە، بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئىگىنلىرىنى، ئايىقىنى كۆتۈرگىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھوجرىسىدىن چىقتى، پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، كەينىدىن دادىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

- نەگە ماڭدىڭ؟

ئۇلىسىېس ئاينىڭ يورۇقىدا دادىسىنىڭ سايىسىنى ئېنىق كۆردى.

- جاھان كۆرگىلى ماڭدىم،- جاۋاب بەردى ئۇلىسېس.

- بۇ دورەم ئەمدى سېنى توسۇمايمەن،- دېدى دادىسى،- لېكىن شۇنى دەپ قوياي، مەيلى قەيەرگىلا بارما، قارغىشلىرىم ھامان سەن بىللە.

- بەلكىم شۇنداق بولار،- دېدى ئۇلىسېس.

دادىسى ھەيران بولغىنىدىن تۇرۇپلا قالدى، توغرىراقى ئوغلىنىڭ قارارىدىن ئىپتىخارلاندى. ئۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىن خېلىغىچە قاراپ تۇردى ۋە چېھرىدە ئاستا- ئاستا كۈلكە جىلۋە قىلدى. ئاپىسى ئىندىئان گۈزەللىرىگە خاس لاتاپىتى بىلەن ئېرىنىڭ كەينىدە جىممىدە تۇراتتى. ئوغلى باغنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر ئايالىغا دېدى:

- ئۇ ھامان قايتىپ كېلىدۇ، ھاياتنىڭ رەھىمسىز زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندە قايتىپ كېلىپ يەنە مۇشۇ ئۆينى تاپىدۇ.

- ھەجەپ غەم يېمەس ئادەمكەنسىز،- دېدى ئايال ئۇھسىنىپ قويۇپ،- ئۇ ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ.

بۇ دورەم ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ ئىز- دېرىكىنى باشقىلاردىن سوراپ يۈرمىدى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قارا ماشىنغا تۇيدۇرماي يامىشىپ چىقىۋېلىپ، قاقاسلىقتىن يىراقلاپ كەتتى، قورسىقى ئاچسا ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ يېدى، چارچىسا بىرەر دالدا جاينى تېپىپ قېنىپ ئۇخلىۋالدى، گاھىدا تېخى تۇتۇلۇپ قالسام قانداق قىلارمەن دېمەي، قەستەن ئۇنى- بۇنى ئوغرىلاپ كۆڭلىنى خۇشمۇ قىلدى، تاكى دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەردە ئۆزىگە تونۇش چېدىرنى تاپقۇچە شۇنداق قىلدى. شەھەر تولىمۇ چىرايلىق ئىدى، يېقىندىمۇ، يىراقتىمۇ ئەينەكلىك قۇرۇلۇشلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. تۈن قاراڭغۇسىدا ئارۇۋا ئارىلىغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر نەچچە ھەربىي پاراخۇت خوشلىشىش گۈدۈكى چالماقتا ئىدى. ئېلوندىرا كارىۋاتقا باغلاپ قويۇلغان، ئۆتكەندە ئۇلىسېسنى چاقىرغان چاغدىكى تۇرۇقىنى بۇزماي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇلىسېس يېقىن كېلىپ قىزغا جىممىدە قاراپ تۇردى، لېكىن قىزنى ئويغاتمىدى. ئېلوندىرا ھايال ئۆتمەيلا ئۇيقۇسىنى ئاچتى، قاراڭغۇدا ئۇلار چىڭڭىدە قۇچاقلاشتى، پۈتۈن ئىشىقى بىلەن سۆيۈشتى، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر شېرىن لەززەت ئىلىكىدە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى قانغۇچە سۈرۈشتى.

ئۇلارنىڭ يېنىدىلا مەلەخ- مەلەخ ئۇخلاپ ياتقان موماي بىرلا ئۆرۈلدى- دە، يەنە جۆيلۈشنى باشلىۋەتتى:

- گرېتسىيىلىكلەرنىڭ كېمىسى كەلگەندە بىر بەختسىزلىك يۈز بەردى، ئەسلىدە ئاياللارغا بەخت ئاتا قىلىشقا تېگىشلىك ئۇ ساراڭلارنىڭ ئاياللارغا بەرگىنى پۇل- پۈچەك ئەمەس، قان شورىغۇچ قۇرۇت بولۇپ چىقتى، بۇ قۇرۇتلار كېيىن ئۆي- ئۆيلەرگە يامراپ، كىشىلەرنى دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارغا ئوخشاش كۈنبويى ئىڭراپ توختىمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، بالىلارنىڭ يىغىسىمۇ ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.

موماي يەنە بىر ئۆرۈلۈپ كارىۋىتىدا ئۆرە بولدى- دە، ۋارقىراپلا كەتتى:

- ۋاي خۇدايىم، دەل شۇ ئەسنادا ئۇ كېلىپ قالدى، ئۇ ئامادىستىنمۇ قاۋۇل، قامەتلىك ئىدى.

ئۇلىسېس باشتا موماينىڭ جۆيلۈشلىرىگە دىققەت قىلمىدى، موماينىڭ تۇرۇپلا ئۆرە بولغىنىنى كۆرۈپ ئالمان- تالمان ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. ئېلوندىرا ئۇنى بېسىپ تۇرۇپ:

- جىم تۇرۇڭ، ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق قىلىدۇ. ھەر قېتىم جۆيلۈپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆرە بولۇپ ئولتۇرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇ ئۇنىڭ ئويغانغىنى ئەمەس،- دېدى.

ئۇلىسېس قىزنىڭ قوينىغا يەنە ئۆزىنى ئاتتى.

- شۇ كۈنى كېچىسى دېڭىزچىلار بىلەن بىللە ناخشا توۋلىدىم، مەن تېخى يەر تەۋرىگەن چېغى دەپ قاپتىمەن،- موماي جۆيلۈشلىرىنى يەنە داۋام ئەتتى،- خەقلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ئويدا ئاللا- توۋا كۆتۈرگىنىچە ئۆزلىرىنى تالاغا ئېتىشتى، ئۆيدە ئۇ ئۆزىلا يالغۇز قالدى. ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلىسەم، تېخى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك تۇيۇلىدۇ. شۇ چاغلاردا مودا بولغان ناخشىلارنى ئېيتىپ يۈرسەم، ھويلىدىكى شاتۇتىمۇ ئۆگىنىۋاپتۇ.

موماي جۆيلۈۋېتىپ، ھەسرەتلىك ئىككى مىسرا ناخشىنىمۇ قوشۇپ قويدى:

ئەي ئەپەندى، قايتۇرۇپ بەر مەسۇملۇقۇمنى،

تۇنجى سۆيگۈ شارابىڭدىن قانغۇچە ئىچەي.

ئۇلىسېس ئەنە شۇندىلا موماينىڭ جۆيلۈۋاتقانلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

- ئۇمۇ شۇ يەردە ئىدى،- موماي جۆيلۈشلىرىنى يەنە باشلىدى،- ئۇ خۇددى گىۋاتالار گىۋئاناغا بارغان چاغدىكىدەك ئۆشنىسىگە مەخسۇس يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئاتىدىغان يوغان كالبېرلىق ئوۋ مىلتىقىنى ئارتىپ، يەلكىسىگە ۋايجرا شاتۇتىسىنى قوندۇرۇپ، ئالدىمدا مەردانە قىياپەتتە تىككىدە تۇراتتى. ئۇ ماڭا: «جاھاننى نەچچە مىڭ مەرتە ئايلىنىپ چىقتىم، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە باردىم، خىلمۇخىل ئاياللارنى ئۇچراتتىم، بىلدىمكى، دۇنيادا ھېچقانداق ئايال سەندەك مەغرۇر، ئىشچان، چىرايلىق ئەمەسكەن» دېگەنىدى.

موماي ئۆزىنى يەنە كارىۋاتقا تاشلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلىسېس بىلەن ئېلوندىرا موماينىڭ مەلەخ- مەلەخ ئۇخلاۋېتىپ ئۇھسىنغان ئاۋازىدىن دىرىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى ۋە خېلىغىچە جىممىدە تۇرۇۋالدى. ئېلوندىرا تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى:

- ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟

ئۇلىسېس قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي:

- ئۇقمايمەن، سىز شۇنداق قىلالامسىز؟- دېدى.

- ئۇ ئىشنى مەن قىلسام بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن مېنىڭ مومام تۇرسا.

ئۇلىسېس موماينىڭ قانچىلىك جېنى بارلىقىنى دەڭسەپ باقماقچى بولغاندەك، ھېچنېمىنى تۇيۇماي قاتتىق ئۇخلاۋاتقان لاخسا مومايغا لەپپىدە بىرنى قاراپ قويۇپ، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى:

- سىز ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن.

ئۇلىسېس بىر قاداق چاشقان دورىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى پىشلاق ۋە بۆلجۈرگەن قىيامى بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇردى، ئاندىن يەنە بىر يوغان تورتنىڭ قىيمىسىنى ئويۇپ ئېلىپ زەھەرلىك دورا ئارىلاشتۇرۇلغان قايماقلىق قىيام بىلەن قوچۇدى، ئارقىدىن ئۈستىگە قايماق سۈرتۈپ، قوشۇق بىلەن ئىز قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئوبدان سىيلىقلىدى، ئۈستىگە 72 تال ئەتىرگۈل بەرگىسىنى قويۇپ قويدى.

ئۇلىسېسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تورتى كۆتۈرۈپ چىدىرغا كىرىپ كەلگىنىنى كۆرگەن موماي ئورۇندۇقتىن ئىرغىپ تۇردى- دە، ھاسىسىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى:

- ھۇ يۈزى قېلىن پەسەندە، بۇسۇغامدىن قەدەم بېسىشقا قانداق پېتىندىڭ!

ئۇلىسېس كۈلۈپ تۇرۇۋالدى، موماينى جايلىۋېتىش نىيىتىنى زىنھار ئاشكارىلىمىدى:

- بۈگۈن سىلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى، شۇڭا ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىغىلى كەلدىم،- دېدى ئۇ.

موماي ئۇنىڭ ياغلىما گەپلىرىدىن ئېرىپ كەتتى، ئۈستەللەرنى تىزدۇرۇپ، خۇددى تويى بولغان كۈنىدىكى كەچلىك تاماققا تەييارلىق قىلغان پەدىدە داستىخان راسلىدى. ئۇلىسېسنى ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى، ئېلوندىرا بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. موماي بىرلا پۈۋلەپ شاملارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى، ئاندىن تورتنى ئوخشاش چوڭلۇقتا بۆلۈپ، بىر پارچىسىنى ئۇلىسېسقا ئۇزاتتى.

- ئادەم خاتالىقىنى بوينىغا ئالسا، يېرىم دۇنياغا ئېرىشكەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ماۋۇ تۇنجى پارچىسى، شۇنداقلا ئەڭ ئامەتلىك يېرى، بۇنى سەن يېگىن.

- مەن تاتلىق نەرسىلەرنى يېمەيمەن، ئۆزلىرى يېسىلە،- دېدى ئۇلىسېس.

موماي تورتنىڭ يەنە بىر پارچىسىنى ئېلوندىراغا تەڭلىدى، قىز تورتنى ئالغان پېتى ئاشخانىغا كىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى.

موماي تورتنى ئاز- ئازدىن تىتىپ ئاغزىغا تىقاتتى- دە، چاينىمايلا يۇتاتتى، ئۇ شۇ خوشلۇقىدا تورتنى پاكپاكىز يەۋەتتى. ئۆز تەخسىسىدىكىنى يەپ بولۇپ، ئۇلىسېس يېمىگەن تورتنىمۇ ئېلىپ يېدى. تورتنىڭ ئاخىرقى پارچىسىنى مالاچلىتىپ يەۋېتىپ قولى بىلەن داستىخاندىكى تورتنىڭ ئۇۋاقلىرىنىمۇ تېرىپ ئاغزىغا تىقتى.

موماي يەۋەتكەن زەھەر بىر ئۇۋا چاشقاننى تۈگەل ئۆلتۈرۈۋېتىشكە يېتەتتى، لېكىن ئۇ يېرىم كېچىگىچە ئادىتى بويىچە پىئانىنوغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا توۋلىدى، ئاندىن كارىۋىتىغا چىقىپ ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلىدى، پەقەت نەپەس ئېلىشىلا سەل قىيىنلاشتى.

ئېلوندىرا بىلەن ئۇلىسېس نېمە ئىش يۈز بېرەركىن دەپ كۆزىتىپ ئولتۇردى، موماي جۆيلۈشكە باشلىدى، لېكىن ئاۋازىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

- ئاھ تەڭرىم، مەن يەنە ساراڭ بولدۇم! ئۇنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ھۇجرامنىڭ ئىشىكىنى چىڭڭىدە تاقىدىم، فاتىفۇن قويىدىغان ئۈستەلنىمۇ ئىشىككە تىرەپ قويدۇم، ئۈستەلگە يەنە ئورۇندۇقلارنى ئېلىپ قويدۇم، لېكىن ئۇ ئۈزۈكى بىلەن مۇنداقلا ئىتتىرىپ قويۇۋېدى، ئۈستەل- ئورۇندۇقلار ئۆرۈلۈپ، ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ كەتتى.

ئېلوندىرا بىلەن ئۇلىسېس مومايغا ھەيرانلىق ئىلىكىدە قاراپ تۇراتتى، موماينىڭ جۆيلۈشلىرى بارغانسېرى ئەدەشكە باشلىدى، ئاۋازى تېخىمۇ يېقىملىق تۈس ئالدى.

- ھېلىلا ئۆلىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى، قورققىنىمدىن چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ، ئۇنىڭغا يېلىندىم: ئۇنىڭغا ھېلى ئىشىكنى ئاچ دېسەم، ھېلى ئاچما دەيىتتىم؛ ھېلى كىر دېسەم، ھېلى كىرمە دەيىتتىم؛ تۇرۇپ يېنىمدىن مەڭگۈ ئايرىلما دېسەم، دەپ يەنە تۇرۇپلا ئىككىنچىلەپ كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما دەيتتىم.

موماي چۈشىدە گويا شۇ ئىشلارنى قايتىدىن بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك، ھېكايىسىنى مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بىر كارىۋاتقا چىققۇچە بولغان تەپسىلاتلارنى زىر- زەۋرىگىچە قويماي دېدى. تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا موماي يەنە ئۆرۈلدى ۋە ئۆكسۈپ يىغلاشقا چۈشتى، ھېكايىسىمۇ شۇ يەردە توختاپ قالدى. ھايال ئۆتمەي ھېكايىسىنى يەنە داۋام ئەتتى:

- مەن ئۇنىڭغا كەلگۈسىنى قىياس قىلىپ بېرىۋېدىم، كۈلۈپ كەتتى. پال ئېچىپ بېرىۋېدىم، يەنە كۈلۈپ كەتتى. كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي خانىشىم، ۋاي خانىشىم» دېيىشكە چۈشتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا ئاغزىدىن ئەمەس، كارنىيىدىن بوغۇلۇپ چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

موماينىڭ بۇ قورقۇنچلۇق ھەرىكىتىدىن قورقۇپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئۇلىسېس ئېلوندىرانىڭ قوللىرىغا چىڭ ئېسىلغىنىچە موماينى تىللىدى:

- ھۇ جادۇگەر قېرى!

تاڭ يورۇدى، سائەتمۇ 5 كە داڭ ئۇردى.

- تېز كېتىڭ، ئۇ ئەمدى ئويغىنىپ قالىدۇ،- دېدى ئېلوندىرا.

- نېمە ئىشتۇ بۇ؟ ھەجەپ ئۆلمىدىيا؟ جېنى نىمانداق چىڭ بۇ قېرىنىڭ؟- دېدى ئۇلىسېس ھەيران بولۇپ.

ئېلوندىرا ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ئۇلىسېسقا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ دېدى:

- قويۇڭە سىزنى، مۇشۇ ئىشقىمۇ كېرەككە كەلمىدىڭىز. بۇ تۇرۇقىڭىزدا سىز ئادەم ئۆلتۈرەلمىگۈدەكسىز.

قىزنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن خىجىل بولۇپ پىغانى ئۆرلىگەن ئۇلىسېس چېدىردىن چىقىپ كەتتى. ئېلوندىرا تېخىچە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان مومىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى، قارىغانسېرى قەلبى ئۆچمەنلىك بىلەن تولدى، ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىدىن ئەرۋايى ئۇچتى. تاڭ ئېتىپ، ئەتراپ يورۇپ كەتتى، قۇشلار خەندان ئۇرۇپ سايراشقا باشلىدى. موماي كۆزىنى ئېچىپ قىزغا لەپپىدە قاراپ قويدى ، جاۋغىيىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋە قىلدى.

- خۇدايىم ئىشىڭنى ئاسان قىلار قىزىم.

مومايدىكى بىردىنبىر ئۆزگىرىش– كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ تەرتىپى ئۆزگەرگەنىدى. كۈنگە چارشەنبە بولسىمۇ، لېكىن موماي ئۇچىسىغا يەكشەنبە كۈنلىرى كىيىدىغان ئىگىنلىرىنى كىيدى، ئېلوندىرانى سائەت 11 بولمىغۇچە مېھمان كۈتمەسلىككە بۇيرۇدى. ئېلوندىرا مومىسىنىڭ تىرناقلىرىنى ئانارنىڭ رەڭگىدە بويىدى، ئاندىن چاچلىرىنى تازا چىرايلىق پاسون چىقىرىپ تاراشقا تۇتۇندى.

- كۆڭلۈم ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ياسىنىشنى خالاپ باققان ئەمەس.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چاچلىرىنى تاراشقا باشلىدى، چاچقا ھەر قېتىم تارغاق سالغاندا بىر تۇتام چاچ يۇلۇنۇپ چىقاتتى، قىز قورققىنىدىن يۇلۇنۇپ چىققان چاچلارنى دەررۇ مومىسىغا كۆرسەتتى. موماي چاچقا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى ۋە قولى بىلەن چاچلىرىم يەنە يۇلۇنۇپ چىقارمۇ دېگەندەك قىلىپ بېشىدىكى چېچىنى تارتىپ بېقىۋېدى، يەنە بىر تۇتام چېچى قولىغا چىقتى. موماي قولىدىكى چاچنى يەرگە تاشلىۋېتىپ چېچىنى يەنە تارتىپ باقتى، بۇ دورەم ئۇنىڭدىنمۇ جىق بىر تۇتام چاچ يۇلۇنۇپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن موماي ئەسەبىيلەرچە كۈلۈپ كەتتى- دە، چاچلىرىنى ئىككى قوللاپ يۇلۇشقا باشلىدى، تۇرۇپلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر خۇشلۇق ئىلىكىدە چاچلىرىنى تۇتاملاپ يۇلۇپ ئاسمانغا ئاتتى، بۇ ھالنى تاكى چاچلىرى پاكپاكىز يۇلۇنۇپ گويا بىر بەدبەشىرە تازغا ئوخشىغۇچە داۋام قىلدى.

ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلىسېستىن ھېچ خەۋەر ئالالمىغان ئېلوندىرا چېدىر سىرتىدىكى چاقماق كاۋا ئېلانىغا قاراپ تۇراتتى، بېشىغا قىممەتباھالىق كەيمە چاچ كىيىۋالغان مومىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىنىڭ قوينىغا غەرق بولغىنىچە پىئانىنورىنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇراتتى.

ئېلوندىرا مومىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن چېدىرغا كىردى، كىرىپلا پىئانىنو ساندۇقىدىن تاشقىرىدىكى چىملىققىچە سوزۇلغان بومبا پىلىكىنى كۆرۈپ قالدى. قىز بومبا پىلىكىنى بويلاپ ئۇلىسېسنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى- دە، چاتقاللىقنىڭ ئارىسىغا مۆكۈندى. ئىككىيلەن يۈرىكى پوك- پوك ھالەتتە پىلىككە يېقىلغان ئوتنىڭ كۆيۈپ- كۆيۈپ چېدىر ئىچىگىچە تۇتۇشىشىغا قاراپ تۇراتتى.

- قۇلىقىڭىزنى ئېتىڭ!- دېدى ئۇلىسېس.

ئىككىيلەن تەڭلا قۇلاقلىرىنى ئېتىشتى، لېكىن ئىش ئەپلەشمىدى. چېدىر ئىچىدىن غىل- پال ئوت ئۇچقۇنى كۆرۈنۈپلا پۇررىدە ئىس چىقىپ توختاپ قالدى، پارتلاش ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى. ئېلوندىرا ئۇچقاندەك يۈگۈرگەن پېتى چېدىرغا كىردى، مومىسىنى پارتلاپ ئۆلدىمىكىن دەپ قارىۋېدى، مومىسىنى كەيمە چاچلىرىغا ئوت كەتكەن، بىرتال ئەسكى يوتقان تېشى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈۋاتقان ھالەتتە كۆردى.

ئۇلىسېس ئىندىئانلارنىڭ پاتپاراق بولۇشۇپ كەتكەن پەيتىدىن پايدىلىنىپ غىپلا قىلىپ تىكىۋەتتى، ئىندىئانلار موماينىڭ ۋارقىراپ- جارقىراپ چۈشۈرۈۋاتقان بۇيرۇقلىرىدىن بېشى ئايلىنىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشقانىدى. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئوت ئۆچۈرۈۋالدى، ئىدىتلاپ كۆرۈۋېدى، زىياننىڭ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى.

- قارىغاندا، بۇزۇق نىيەتلىك بىرەرىنىڭ قىلغان ئىشى ئوخشايدۇ،- دېدى موماي،- ھېلىمۇ شۈكرى، پىئانىنو پارتلاپ كەتمەپتۇ.

موماي نېمە سەۋەبتىن ئوت كەتكەنلىكىنى ئۇقالماي، خىلمۇخىل قىياسلارنى قىلدى، لېكىن ئېلوندىرانىڭ ھودۇقماي- تەمتىرىمەي جاۋاب بېرىشلىرى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇشلىرى موماينىڭ گۇمانلىرىنى يوققا چىقاردى. موماي ئېلوندىرانىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىدىن ھېچ گۇمانلىق ئالامەتلەرنى بايقىمىدى، ئۇلىسېسنى تېخىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىدى. تاڭ سۈبھىگىچە كۆزىنى يۇمماي، تۈرلۈك قىياسلارنى قىلدى، بولغان زىيانلىرىنى مۆلچەرلىدى. ئەنە شۇ خىياللار ئىلىكىدە كۆزى خىرە- شىرە ئۇيقۇغا كەتتى. ئەتىسى سەھەردە ئېلوندىرا مومىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى چوكا ئالتۇنلار تىكىلگەن جىلىتكىسىنى سالدۇرغاندىلا ئاندىن يەلكىسى بىلەن كۆكرەكلىرىنىڭ كۆيۈپ، سۇلۇق قاپارتقۇلارنىڭ ئۆرلەپ كەتكىنىنى بايقىدى. قىز موماينىڭ يارىسىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈركەۋاتقاندا، مومىسى دېدى:

- ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاۋېتىپ تولا قىينالغىنىم، ھەررەڭ- سەررەڭ چۈشلەرنى كۆرگىنىم بىكار ئەمەسكەندە.

موماي گېپىنى تۈگىتىپ چۈشىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشتى، ئاخىرى كۆرگەن چۈشى ئېسىگە كەلدى.

- چۈشۈمدە بىر توز ئاق رەڭلىك بىر ئاسما كارىۋاتقا قونۇۋالغاندەك قىلغان.

ئېلوندىرا بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ھولۇقۇپ كەتتى ، ئەمما ئۆزىنى دەررۇ ئوڭشىۋېلىپ دېدى:

- ياخشى چۈش كۆرۈپسىز، توز دېگەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىشارىتى.

- جۆيلۈمە، ئەمدى بىزنىڭ بۇرۇنقى گاداي ۋاقتىمىزدىن ھېچ پەرقىمىز قالمىدى، ھەممىنى باشتىن باشلىمىساق بولمىدى،- دېدى موماي.

ئېلوندىرا زۇۋان سۈرمىدى، داكا بىلەن لىق تولغان پەتنۇسنى كۆتۈرگىنىچە چېدىردىن چىقتى، چېدىردا مومىسى بەدىنىگە تۇخۇم ئېقى، بېشىغا ئۇپا سۈرۈلگەن ھالەتتە يالغۇز قالدى. ئېلوندىرا ئاشخانا ئۆيدە پەتنۇسقا تۇخۇم چېقىۋېتىپ، كۆزلىرى ئوچاقنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالغان ئۇلىسېسنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. قىز بۇنىڭدىن ھەيرانمۇ قالمىدى، خارامۇش بىر قىياپەتتە ئۇلىسېسقا دېدى:

- سىز تېرىغان بالا ئەمدى قەرزىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولدى.

ئۇلىسېسنىڭ كۆزلىرى تەشۋىشلىك تۈس ئالدى، پۈتۈن زېھنى بىلەن تۇخۇم چېقىۋاتقان ئېلوندىراغا قاراپ مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممدە تۇرۇپ كەتتى، ئېلوندىرا گويا ئۇلىسېس بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇلىسېس خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۆي ئىچىگە سەپ سالدى، قازان، باش پىياز، تەخسە، گۆش توغراش پىچىقى دېگەندەك نەرسىلەر كۆزىگە چېلىقتى.

ئېلوندىرا ئۇلىسېسقا نەزەر كۆزىنى سالمىدى- يۇ، ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا پەس ئاۋازدا دېدى:

- پەخەس بولۇڭ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇرۇنىغا ئەجەل ھىدى پۇراپ بولدى، ئۇ چۈشىدە ئاپئاق كارىۋاتقا قونۇۋالغان بىر توزنى كۆرۈپتۇ.

ئۇلىسېسنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن موماي ھاسىسىغا تايانمايلا تىرەجەپ ئورنىدىن تۇردى- دە، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىرقىرىۋەتتى:

- ساراڭ بولدۇڭمۇ بالام.

ئۇلىسېس يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى موماينىڭ يالىڭاچ كۆكرىكىگىلا چاپتى. موماي بىرلا چىرقىراپ، ئېيىقنى ئەسلىتىدىغان قوللىرى بىلەن پوكىنىغا بېسىپ قىيما-چىيما قىلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۇلىسېسقا ئېتىلدى.

- ۋۇ جالاپنىڭ بالىسى!- ئاغزىنى بۇزدى موماي،- سېنىڭ بۇ مۇناپىقلىقىڭنى ھەجەپ بۇرۇن بىلمەي قاپتىمەنا.

ئۇلىسېس قىڭراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ موماينى يەنە بىرنى چاپتى. بۇ دورەم موماينىڭ بىراقلا ئۈنى ئۆچتى- يۇ، بوشقىنە خارقىراپ قويۇپ ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. ئۇلىسېس ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر چېپىۋېدى، چاچراپ چىققان قىپقىزىل قان يۈز- كۆزلىرىنى بويۇۋەتتى. موماينىڭ قېنى مايغا ئوخشاش كۆكۈچ ئىدى، بىر قارىغان كىشىگە يالپۇز ھەسىلىنى ئەسلىتەتتى.

پەتنۇس كۆتۈرگەن پېتى چېدىر ئىشىكىدە ھازىر بولغان ئېلوندىرا بۇ قانلىق ئېلىشىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى.

موماينىڭ لاخسىدەك يوغان تېنى دىر- دىر تىتىرەيتتى، ئۇلىسېسنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان قوللىرى ھېچ بوشاي دېمەيىتتى. موماينىڭ پۇت- قولى، پاچاقلىرىدىن تارتىپ تاقىر بېشىغىچە قىپقىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتتى، شامالدۇرغۇچنىڭكىدەك خىر- خىر ئاۋاز چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىلا قېپقالدى.

ئۇلىسېس يۇلقىنىپ چىقىش ئۈچۈن موماينىڭ قورسىقىغا يەنە بىر پىچاق تىقتى، مومايدىن ئاققان قاندا ئۇنىڭ پاچاقلىرىمۇ يېشىلغا بويۇلۇپ كەتتى. موماي خارقىراپ جان تالاشقىنىچە پالاققىدە يەرگە يىقىلدى. ئۇلىسېس موماينىڭ بوشىشىپ كەتكەن قولىدىن ئاجراپ چىقتى- دە، ھاۋا تاپان بولۇپ يەردە ياتقان موماينى زەردە بىلەن يەنە بىرنى چاپتى.

ئېلوندىرا قولىدىكى پەتنۇسنى ئۈستەلگە قويۇپ يەرگە ئېڭىشىپ مومىسىغا قارىدى، مومىسىنىڭ جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ چىرايى بىردىن تەمكىن تۈس ئالدى، قىزنىڭ 20 يىللىق بەختسىز تۇرمۇشىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىغانىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلىك بىلەن مومىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلتىكىسىنى سالدۇردى- دە، چېدىردىن چىقىپ كەتتى.

ئۇلىسېس موماينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى، بايامقى جىددىي ئېلىشىش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى. ئۇ سۈرتۈۋېتىش ئۈچۈن يۈزىنى تۇتۇۋېدى، يۈزلىرى تېخىمۇ مەينەتلىشىپ كەتتى، قان گويا ئۇنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقاندەك، ھەممە يېرى ياپيېشىل مايلىق قان بىلەن بۇلغاندى. ئېلوندىرانىڭ ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئاندىن چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى.

ئۇلىسېس ئېلوندىرانى بار ئاۋازى بىلەن توۋلىدى، لېكىن قىزدىن ھېچبىر سادا كەلمىدى. ئۇ ئۆمىلىگىنىچە چېدىرنىڭ ئىشىكىگە چىقتى- دە، ئېلوندىرانىڭ دېڭىز بويىدا شەھەرنىڭ قارشى تەرىپىنى نىشانلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. ئۇلىسېسمۇ ئاداققى ماغدۇرىنى يىغىپ قىزنىڭ كەينىدىن قوغلىغاچ، بار ئاۋازى بىلەن قىزنى توۋلىدى، بۇ ئاۋاز ئاشنا ئوينىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ھېچ ئوخشىمايىتتى، بەلكى بالىلارچە ئاۋاز ئىدى. ئۇ موماينى ئۆلتۈرىمەن دەپ ئوبدانلا ماغدۇرىدىن كەتكەچكە، يۈگۈرەلمەيلا قالدى. كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلگەن ئىندىئانلار ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ تۇتۇۋالدى، ئۇ قورقۇنچ ھەم غېرىپلىق ئىلىكىدە پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى.

ئېلوندىرا ئۇلىسېسنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىمىدى، قىز تېخىچە شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، شۇ تۇرۇقىدا ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى جەرەندىنمۇ تېز ئىدى، ئەمدى ئۇنى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئاۋاز توختىتىپ قالالمايىتتى. قىز كەينىگە قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈۋەردى، شۇ يۈگۈرۈشىدە پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ناترىي كۆلىدىن، چىرىمتاللىق يانار تاغ ئېغىزلىرىدىن ئۆتتى، ئىپتىدائىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئاجايىپ چىرايلىق سۇ ئۈستى ئولتۇراق رايونلىرىنى كەينىگە تاشلىدى، دېڭىزنىڭ بۇ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسىمۇ تۈگەپ، يەنە قاقاسلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قىز چوكا ئالتۇن تىكىلگەن جىلىتكىنى كۆتۈرگەن پېتى پۇرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇم- بورانلار ئارىسىدا مەڭگۈ يوقىمايدىغان قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى . . .

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېلوندىرانىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىدى، قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەت ئۇچرىغان بەختسىزلىكىدىنمۇ ئىز قالمىدى.

                                                           1972- يىل

(خەنزۇچە «گارسىيە ماركۇز ھېكايە- پوۋېستلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى)

«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى
توردىكى مەنبەسى : پاساھەت بىلوگى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:45:31

يۈز يىل غېرىبلىق !!!

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 15:00:26

رەھمەتلىك گارسىيە ماركوز ئۇچۇن بىر ئوقۇپ چىقاي دەيمەن  .

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:16:32

、ئۇ قانداقلا بۇلمىسۇن قىچىپ كىتەلەپتۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 23:44:25

كىنو كۆرگەندەك ئوقۇۋەتتىم . لىكىن ئاخىرىدا ھىلىقى ئوغۇل بالىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى .
بەت: [1]
: بىغۇبار قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى