«يۈز يىل غېرىبلىق»ئاپتورى گارسيا ماركۇز ۋاپات بولدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 08:194-ئاينىڭ17-كۈنى، 1982-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپات ساھىبى كولۇمبىيلىك يازغۇچى گارسيا ماركۇز مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە87 يېشىداۋاپات بولدى.
گارسىيا ماركۇز 1927-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنى كولومبىيدە تۇغۇلغان، 1961-يىلى مېكىسكىغا كۆچۈپ بېرىپ ئەدەبىيات، ئاخبارات ۋە كېنو خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. سېھىرى رېئالىزىم ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى.ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىدىن«يۈز يىل غېرىبلىق»،«خولىرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت»قاتارلىق رومانلىرى. «ھېچكىم خەت يازمىغان پولكوۋنىك»...قاتارلىق پوۋستىلىرى بار.«يۈز يىل غېرىبلىق»ئۇنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەسەرلىدىن بىرى.
«يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق بۇ كىتاپنىڭ PDF نوسخىسىنى يوللاپ قويدۇم ، قىزىققۇچىلار چۈشۈرىۋېلىڭلار . بەك ئېسىل رومان بۇ .
http://pan.baidu.com/s/1qWxzKok بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 09:33
يىراق شىنجاڭدىكى ماكوندولۇقلار بۇ كىشىنى ئەسلەيدۇ. داڭلىق تەرجىمان غوپۇر نۇرىدىن تۆلەۋبېك مۇشۇ روماننى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن باشقا يىرىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلمىدى. بۇ رومان تەرجىمىسىمۇ بەك ئىسىل چىققان.
قايتا بىسىلسا بولاتتى، ھازىر شەخسى كىتاپخانىلاردا 150~200 يۇەندىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 09:43
پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ
گارسىيە ماركوس (كولومبىيە)
(خەنزۇچە« گارسىيە ماركوس پوۋېست، ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن)
دۇنيا ئەدەبىياتى 1998- يىل 5- سان
مەنبە :پاساھەت بلوگى
http://pasahet.com/?p=12002 بىغۇبار قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى
مەنبە:http://pasahet.com/?p=10216 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 09:38
matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 09:08 static/image/common/back.gif
داڭلىق تەرجىمان غوپۇر نۇرىدىن تۆلەۋبېك مۇشۇ روماننى ت ...
بۇ روماننىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمە نۇسىخلىرىنىڭ ئىچىدەئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى ئەڭ ناچار چىققان تەرجىمە نۇسخلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك.ئېسىل بىر يازغۇچى ئېدى. windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 09:07 static/image/common/back.gif
يىراق شىنجاڭدىكى ماكوندولۇقلار بۇ كىشىنى ئەسلەيدۇ.
يامان يىرى شىنجاڭدىكى ماكۇندۇلۇقلارغانىسبەتەن بۇكىشى بەكلا ناتۇنۇش. uzakyul يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 10:05 static/image/common/back.gif
يامان يىرى شىنجاڭدىكى ماكۇندۇلۇقلارغانىسبەتەن بۇكى ...
سىزگە تونۇش بولسىمۇ ھىساپ. مۇشۇ يەردىلام سورىۋالاي ئۈندىدار دانۇرغۇن داڭلىق رومانلارنىڭ پ د ئېف نۇسخسىنىڭ تور دېسكىسى تەمنلىگەن بىر ئۇلۇنىشى بار ئىدى ،قايسى كۈنى شۇ ئۇلىنىشلارنى باسسام ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كېتىپتۇ.
مەقسەت: بۇ روملارنى ئۆزنىڭ توردېسغا ئۇلىنىش قىلۋانلار مومكىن بولسا ئۇلىنىش ئادرسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار. http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46379&highlight=%D9%8A%DB%88%D8%B2%2B%D9%8A%D9%89%D9%84 tashadem يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 09:37 static/image/common/back.gif
بۇ روماننىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمە نۇسىخلىرىنىڭ ئ ...
سىز شۇنداق قارامسىز؟
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ دەسلەپ سېھرىي رىيالىزمنى تونۇشتۇرغان ۋە ئەسەرلىرىنى ياخشى تەرجىمە قىلغان تەرجىمان مۇشۇ غوپۇر نۇردۇن بولىدۇ.
ئۇ يەنە«قاناتلىق بوۋاق » قاتارلىق گارسىيەنىڭ نۇرغۇن ھىكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ «دۇنيا ئەدەبىياتى» دا ئىلان قىلغان.
كىيىنكى چاغلاردا مەمۇرى ئىشلار ۋە كارىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ 3 پارچە يىرىك ئەسەر يازدى. تەرجىمىلىرىمۇ توختاپ قالمىدى. ئۇيغۇرلار ئىدىكى خىلى تەسىرى بار تەرجىمان ھېسابلىنىدۇ.
مىنىڭچە بۇ رومانمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىنغان. matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 09:08 static/image/common/back.gif
داڭلىق تەرجىمان غوپۇر نۇرىدىن تۆلەۋبېك مۇشۇ روماننى ت ...
ئۈرۈمچىدە قايسى كىتابخانلاردىن تاپقىنى بولا.... windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 10:17 static/image/common/back.gif
سىزگە تونۇش بولسىمۇ ھىساپ.
يامان يىرى ماكاندۇلۇقلار ئىلۇندىراغا ئۇخشاش قىچىپ كىتەلمەيدۇ ،دە. uzakyul يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 16:54 static/image/common/back.gif
يامان يىرى ماكاندۇلۇقلار ئىلۇندىراغا ئۇخشاش قىچىپ كى ...
ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى
چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى
بابالار بىلىپتىكەن بىر نىمە
قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسدە پاناھلىنىپ
ئەمدى كۆز بىلەن قارىساق
يۈرمەپتىكەن خاتا قىلىپ
(بوغدا ئابدۇللاسالغا تېشى) قۇل قۇيدۇم،: قالتىس،لىكىن مىنىڭ قۇياشىم قىنى؟ شۇنداقلا ئۇلار ئەخمەتجاننىتۇنۇمايدۇ. windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 17:32 static/image/common/back.gif
ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى
چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپى ...
قۇل قۇيدۇم،: قالتىس،لىكىن مىنىڭ قۇياشىم قىنى؟ شۇنداقلا ئۇلار ئەخمەتجاننىتۇنۇمايدۇ
matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 11:59 static/image/common/back.gif
سىز شۇنداق قارامسىز؟
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ دەسلەپ سېھرىي ر ...
ئەگەر سىز بىر ئەستايىدىل ئوقۇرمەن بولسىڭىز «يۈز يىل غىرىبلىق»نىڭ تۈرك، ئېنگىلىز ۋە ياكى غورپۇركام تەرجىمە قىلغان ئەسلى مەنبە بولمىش خەنزۇچە نۇسىخىسىنى ئوقۇپ باقسىڭىزدۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بىر روماننىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئادەتتىكى بىر رومانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. رومان خەنزۇچە نۇسخسىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ كۆپ ئاممىباپلاشتۇرۋىتىلگەن. گارسىيا ماركوسنىڭ تىل ئۇسلۇبى، جۈملە قۇرۇلمىسى زور دەرىجىدە زورلاپ بۇزىۋىتىلگەن. گەرچە تەرجىمىدە كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ. روماننىڭ خەنزۇچە نۇسخسى بىلەن ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى سىلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقسىڭىزلا بىرىنچى جۈملىسىدىنلا خاتا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بايقايسىز. بولسا مۇشۇ روماننىڭ ۋەقەلىكىنى دەپ باقساڭلار،ئەڭ جەلپ قىلارلىق تەرىپى نەدە؟
tashadem@ئەپەندى يازمىلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالدۇق،ھېكايىلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرمامسىز؟
يېقىندا ئوقۇغان كىتابلىرىڭىز بولسا ناملىرىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
سىز توردىن كىتابنى كۆپ ئالىدىكەنسىز؟بولسا قايسى توردا ياخشى ،كىتاب ئېلىش تەجرىبىلىرىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
مەن ئامازون،داڭ-داڭدىن كىتاب ئالسام ،بىر دۇككاندىن بىرنى يەنە بىر دۇككاندىن بىرنى تاللىسام كىتاب پۇلى بىلەن
كىرا بىرىكىپ قىممەت چىكىتىدىكەن،بىر كىتابخانىدىن نۇرغۇن كىتاب ئېلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 19:43
newyork يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 19:05 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ روماننىڭ ۋەقەلىكىنى دەپ باقساڭلار،ئەڭ جەلپ ...
مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا تۈزىۋالغان يىللىق كىتاب سېتىۋىلىش پىلان جەدىۋىلىم بار. ئاساسەن شۇ بويىچە سېتىۋىلىشقا تېرىشىمەن.كۆپئالىدىغان كىتابلىرىم ئاساسەن ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، ئاكسىيە، دىن ۋە ئەدەبىىياتقا دائىر كىتابلار. پۇل مۇئامىلىگە ئائىت كىتابلارنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى نەشىرى بەكلا قىممەت. شۇ سەۋەبلىك خەنزۇچىسىنى ئوقۇيمەن. جوڭشىن نەشىرىياتىنىڭ كىتابلىرى ۋە سودا كىتابخانىسىنىڭ كىتابلىرى ئىزچىل مېنىڭ سېتىۋىلىش پىلانىم ئىچىدە بولىدۇ.ئەدەبىي كىتابلار ئاساسەن ئېنگلىز ۋە ئىسپان تىلىدىكى كىتابلار، چەتئەل تىلىدىكى كىتابلار ئامازوندا ئەڭ ئىشەنچىلىك. تاۋباۋ، جىڭدوڭدىن بىر نەچچە قىتىم ئالسام داۋبەن كىتابتەكلا بىلىنىپ يەنە ئىزچىل ئامازوندىن ئېلىپ كىلىۋاتىمەن. ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى (ئەۋەتىش ھەققىدىن رازى بولمىغان بولساممۇ) ئىزچىل http://www.islambook.net/ ماۋۇ توردىن ئالىمەن. بۇ يەردە بىر قەدەر تولۇق ئىكەن. ئادەتتە ئامازون كۈندە 20 مىڭ خىلغا يىقىن كىتابنى 70% پىرسەنىتتىن 20% كىچە ئىتبار باھادا ساتىدۇ. كۈندە ئى-خەت ئارقىلىق ئىتبار باھالىق كىتاب ئۇچۇرى تاپشۇرۋالىمەن.( ئۆزىڭىز ئوقۇيدىغان سەھپە ۋە تىل بويىچە ئالدىنئالا مۇشتەرى بولغىلى بولىدۇ) ئاندىن پايلاپ تۇرۇپ ئالماقچى بولغان كىتابلىرىمنى يىغىپ بىراقلا ئالىمەن.ئامازوندىن تاپالمىغانلىرىمنى كوڭ فۇزى كونا كىتاب تورىدىن. جىددى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامال بار ئېتبار باھالىق كىتاب ئېلىشقا تېرىشىمەن. بىر كىتابنى پايلاپ يۈرگىلى ئۈچ يىل بولغان. بۇ كۆپ ئادەم ئوقۇمايدىغان كىتاب. ئالاي دېسەم 390 سوم ئىدى. ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ بۈگۈن 70 سومغا چۈشۈپتىكەن سېتىۋالدىم.بۇمۇ بىر ھەۋەس بوپ قالغاندەك قىلىدۇ ماڭا. كۈندە ئەتىگەندە قولۇمغا تېلېفوننى ئېلىپ بىرىنچى قارايدىغان نەرسەم ۋال سىچىرت كۈندلىك گېزىتى بىلەن ئامازوندىن ۋە دوسىتلىرىمدىن تاپشۇرۋالغان ئى -خەت. ئادەتتە ئامازوندا 29 سومغا يەتسە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدۇ. مەن كۆپىنچە يىغىپلا بەش ئالتە پارچىنى بىراقلا ئالىمەن.
بەت:
[1]
2