bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 07:24:42

NASA: ئالەم تېلېسكوپىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى ئالگورىزم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 08:18  

ئالەم تېلېسكوپىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى ئالگورىزم

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 18-ئاپرېل

مەن ئۆزەمنىڭ ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى خىزمىتىم جەريانىدا ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئۆلچەش توغرۇلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئالگورىزم (ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قائىدىسى) نى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كەشپىيات نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ناسا نىڭ «يېڭى كەشپىيات ۋە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپىتى» غا ئېرىشكەن ئىدى.  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەن بۇ ئالگورىزمنىڭ تېخىمۇ ياخشىلانغان 2-نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» (NASA Tech Briefs) ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى ئاپرېل سانىدا خەۋەر قىلىندى.  تۆۋەندىكى رەسىمدە بېرىلگىنى مەزكۇر ژورنالنىڭ ژورنال تېشى ۋە مۇشۇ خەۋەر بېسىلغان ئىككى بەتنىڭ سۈرىتىدىن ئىبارەت.  مەن يېڭى تېخنولوگىيە ۋە كائىنات ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇرنى تەييارلاپ يوللاپ قويدۇم.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ جورنالدىكى ئىنگلىزچە تېمىسى «Adaptiwe Periodic-Correlation Algorithm for Shakk-Hartmann Wavefront Sensing» دىن ئىبارەت.

مۇشۇنداق كەشپىياتلار ناسا دا «يېڭى تېخنولوگىيە دوكلاتى» (New Technology Report, NTR) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ناسا دا ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە بىردىن خاس نومۇر بېرىلىدۇ.  ھەمدە ناسا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «ئامېرىكا پاتېنتى» (US patent) ئالىدۇ.  قالغانلىرىغا بولسا «نەشىر ھوقۇقى» (Copyright) ئالىدۇ.  مەن ناسا غا كىرگەندىن بۇيان جەمى 12 پارچە «يېڭى تېخنولوگىيە دوكلاتى» غا ئېرىشكەن بولۇپ، ناسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەشىر ھوقۇقى ئالدى، ھەمدە مۇشۇ دوكلاتنى قوشۇپ جەمى 5 پارچىنى «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلدى.  

بۇرۇنقى تېخنىكا بويىچە بولغاندا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ، بىرەر پلانېتىنىڭ ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە ئالىدىغان تېلېسكوپنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ تېلېسكوپنى بىر ناھايىتى يورۇق يۇلتۇزغا توغرىلاپ، تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن تېلېسكوپنى رەسىمگە ئالماقچى بولغان كۆرۈنۈشكە توغرىلاپ، رەسىمگە ئېلىشقا توغرا كېلەتتى.  بۇ قېتىم خەۋەر قىلىنغان تېخنىكىنى ئىشلەتكەندە، تېلېسكوپنى بىرەر يورۇق يۇلتۇزغا توغرىلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.  يەنى تېلېسكوپنى بىر كۆرۈنۈشكە توغرىلاپ، بىر تەرەپتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ كۆرۈنۈشنى رەسىمگە تارتسا بولىۋېرىدۇ.  شۇڭلاشقا بۇ تېخنىكا مەشغۇلات چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.  

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:31:42

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندى. ئىجتىھادلىق ئەمگەكلىرىڭىز، كەسپى ئىجادىيەتلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا تەشەككۇر. مۇۋەپپىقىيەت ھەمىشە يار بولغاي!

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:01:37

mevlana يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 08:31 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندى. ئىجت ...

رەھمەت!

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:03:38

ناسا ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇپسىز. بۇ ھەم سىزنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنى چۈشۈنىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزدۇر.

ئىلىم دۇنياسىدا تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
........
ئىنگىلىزچىدە Algorithm  دېگەن ئاتالغۇ «ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قائىدىسى»دېگەن مەنىدىكەن.مىنىڭچە  بۇ سۆز ئەسلىدە ماتېماتىك مۇھەممەت ئەل مۇسا خارازىمىنىڭ نامىدىن كەلگەن ۋە ئىنگىلىزچىگە كىرگەن سۆز بولسا كىرەك. شۇنداق بولغىنىكەن بۇنى «ئەلخارازىم»دەپ ئەسلىگە قايتۇرساق بولماسمۇ؟

marjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:44:33

ئالىملار بىلەن مۇنبەردە سوھبەتداش بولىغىنىمدىن خۇشالمەن ! ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىلەكداشمەن !ئۇيغۇر خەلقى سىزدەك ئالىملىرى بولغىنىدىن پەخرىلىنىدۇ !

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:01:36

ئەسسەلەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ، ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت ، ئىزدىنىشلىرىنى نەتىجىلىك قىلسۇن .
ئىدارىلىرىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىدا خىزمەتلىرىنى نەتىجىلىك ئىشلەپ يەنە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا مول مەزمۇنلۇق ئەھمىيەتلىك ھەجىمى چوڭ تېىمىلارنى يوللاپ ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ جاۋاپ قايتۇرۇپپ تۇرۋاتقانلىرىغا قاراپ ئەركىن ئاكاممۇ ئۇخلامدىغاندۇ ؟ دەم ئالامدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن .

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 13:45:21

ئەگەر مەخپىيەتلىك ھىسابلانمىسا ئىشخانىڭىزنى بىر كۆرۈپ باققان بولساق.

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 14:15:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saktikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 14:16  

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 09:03 static/image/common/back.gif
ناسا ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇپسىز. بۇ ھەم سىزنىڭ ئىنس ...

  ماتىماتىكا ئەپەندىنىڭ «ئىنگىلىزچىدە Algorithm  دېگەن ئاتالغۇ «ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قائىدىسى»دېگەن مەنىدىكەن.مىنىڭچە  بۇ سۆز ئەسلىدە ماتېماتىك مۇھەممەت ئەل مۇسا خارازىمىنىڭ نامىدىن كەلگەن ۋە ئىنگىلىزچىگە كىرگەن سۆز بولسا كىرەك. شۇنداق بولغىنىكەن بۇنى «ئەلخارازىم»دەپ ئەسلىگە قايتۇرساق بولماسمۇ؟»  دېگەن  بۇ  ئىنكاسى  كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ    ئەھمىيەت  بېرىشىگە تېگىشلىك  بىر ئىنكاس  بوپتۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 17:55:04

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن زادى سۆز چىقماسمۇ..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:32:59

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا!
يېڭى كەشپىياتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

Edikut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 17:59:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Edikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 18:01  

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 09:03 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە  بۇ سۆز ئەسلىدە ماتېماتىك مۇھەممەت ئەل مۇسا خارازىمىنىڭ نامىدىن كەلگەن ۋە ئىنگىلىزچىگە كىرگەن سۆز بولسا كىرەك ...

مېنىڭچە ماتېماتىكا ئەپەندىنىڭ قارىشىنىڭ ئاساسى باركەن. تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا
http://en.wikipedia.org/wiki/Algorithm
Though al-Khwārizmī's algorism referred to the rules of performing arithmetic using Hindu–Arabic numerals and the systematic solution of linear and quadratic equations, a partial formalization of what would become the modern algorithm began with attempts to solve the Entscheidungsproblem (the "decision problem") posed by David Hilbert in 1928
قاتارلىق بايانلار باركەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئۇلانمىدا
http://en.wikipedia.org/wiki/Al-Khw%C4%81rizm%C4%AB
Abū ʿAbdallāh Muḥammad ibn Mūsā al-Khwārizmī (Arabic: عَبْدَالله مُحَمَّد بِن مُوسَى اَلْخْوَارِزْمِي‎), earlier transliterated as Algoritmi or Algaurizin, (c. 780 – c. 850) was a Persian mathematician, astronomer and geographer during the Abbasid Empire, a scholar in the House of Wisdom in Baghdad.
قاتارلىق بايانلار باركەن. ئۇنىڭدىن باشقا «大话数据结构» دىگەن كىتابنىڭ 20 - بېتىدىمۇ بىرىنچى ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى خەنزۇچە بايان قىلغان.

Edikut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 18:16:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Edikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 18:20  

«算法»نىڭ ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىدىكى مەنىسى «ئالگورىفما، ھېسابلاش ئۇسۇلى، ھېسابلاش ئۇسۇلى قائىدىلەر سىستېمىسى، ئالگارىتىم» قاتارلىقلاركەن.
«algorithm»نىڭ ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتىدىكى مەنىسى «ماتېماتىكا» ئىكەن.
«算法»نىڭ بىلكان لۇغىتىدىكى مەنىسى «ھېسابلاش ئۇسۇلى، ئالگارىتىم» قاتارلىقلاركەن.
«algorithm»نىڭ بىلكان لۇغىتىدىكى مەنىسى «ھېسابلاش قائىدىسى(ماتېماتىكا)» ئىكەن.
------------------------------------------------------------
مىنىڭ بىلىشىمچە پروگرامما ساھەسىدە «ئالگورىزىم» دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز، خۇددى «كومپيۇتېر» دېگەندەك.

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 21:21:09

ئەمەلىيەتتە  《ئالگورىزم》نىڭ  ئەلخارەزىمىدىن  كەلگەنلىكىنى  مەرھۇم  ئالىم  《قۇتاتقۇ بىلىك خەزىنىسى》  ناملىق  كىتابىنىڭ  446-بېتىدە  تىلغا  ئالغانىكەن،

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 00:26:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 00:27  

بىلىمخۇمار ئەپەندى، سىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ مارستكى تەكشۈرگۈچى ماشىنىلىرى مارس يۈزىدە تۇرۇپ مارس ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارنى سۈرەتكە تارتامدۇ؟ ئەگەردە تارتقان بولسا يۇلتۇزلارنىڭ يەرشارىدا تۇرۇپ تارتىلغان سۈرىتى بىلەن مارستا تۇرۇپ تارتىلغان سۈرىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارامسىلەر؟مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم يۇلتۇزلارنىڭ تاشقى كۆرۈنشىلا بولۇپلا قالماستىن بەلكى جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن دىگەندەك،مەسىلەن ئاسماندىكى لەگلەكنى ئوخشىمىغان بىر قانچە ئورۇندا كۆرگەندەك.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 01:15:17

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 00:26 static/image/common/back.gif
بىلىمخۇمار ئەپەندى، سىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ مارستكى تەكشۈ ...

سالام،

يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى نۇر يىلىدا 3 مىنۇت كېلىدۇ.

يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يىراق ئارىلىقى نۇر يىلىدا 22 مىنۇت كېلىدۇ.

بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.6 نۇر يىلى كېلىدۇ.

شۇڭلاشقا، يەر شارىدا تۇرۇپ كۈزەتكەن يۇلتۇزلار بىلەن مارستا تۇرۇپ كۈزەتكەن يۇلتۇزلارنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوق.

مارسنىڭ ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بەرىۋاتقان ماشىنىلار پەقەت مارسنىلا تەكشۈرىدىغان بولۇپ، ھازىر كائىناتتىكى يۇلتۇز ۋە باشقا نەرسىلەرنى تەكشۈرىدىغان ئالەم تېلېسكوپىدىن 5 تەك تېلېسكوپ بار.  ھازىر بۇ ئىشقا ئەڭ كوپ ئىشلىتىلىدىغىنى خابۇل (Hubble) ئالەم تېلېسكوپى.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 01:32:54

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 01:15 static/image/common/back.gif
سالام،

يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى نۇر  ...

سالام سىزگە
دىمەك مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلىپ بېقىپتىكەندە؟
سىلەر دەۋاتقان يۇلتۇز بىلەن بىز دەيدىغان يۇلتۇز ئوخشىمامدۇ؟مەسىلەن بىزدەك تۈرك ئادەملەر مارسنى يۇلتۇز دەيمىز،لېكىن سىلەر كەسىپ ئەھلىلىرى ئۇنداق دىمەيدىغاندەك،مەسلەن بۇ گەپ:يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى نۇر يىلىدا 3 مىنۇت كېلىدۇ.

يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئەڭ يىراق ئارىلىقى نۇر يىلىدا 22 مىنۇت كېلىدۇ.

بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.6 نۇر يىلى كېلىدۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 01:43:05

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 01:32 static/image/common/back.gif
سالام سىزگە
دىمەك مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىل ...

ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان كائىنات جىسىملىرى يۇلتۇز بولۇپ، ئۆزى نۇر چىقارمايدىغان، پەقەت باشقا يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى قايتۇرغانلىقتىن يورۇق كۆرىنىدىغان جىسىملار يۇلتۇز بولمايدۇ.  مارس ئۆزى نۇر چىقارمايدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئانا يۇلتۇزى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت  قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ يۇلتۇز ئەمەس.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 01:53:17

ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتا سانى 1800 گە بارىدۇ

يۇقۇرىسدىكىسى  تاشپولات ئەپەندىمنىڭ تېمىسىدىكى جۈملە.مەن بۇ جۈملە گەپتىن ئازراق قېىيىپ كېتىپ شۇڭا سوراپ باقتىم،تاشپولات ئەپەندى يۇلتۇز دىمەكچى دىسەك توغرا بولامدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 02:42:02

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 01:53 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلا ...

ھازىرغىچە بايقالغان، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلارنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1800.  
بەت: [1] 2
: NASA: ئالەم تېلېسكوپىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى ئالگورىزم