kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 03:33:41

جىگەر قېتىش كېسىلىگە شىپار بارمۇ

ئاپامنىڭ قوسقى ، پۇتى ئىششىپ قېلىپ دوختۇرغا ئاپىرىپ كۆرسەتسەك قوساقتا سۇ باركەن . ب چاۋ غا چۇشكەندىن كېيىكى نەتىجىسى جىگەر قېتىش دەپ چىقتى ھەم جېگەر كىچىكلەپ كېتىپتۇ ، جىگەر سىلىق ئەمەس ئېگىز - پەس دەپ چىقىپتۇ . بۇگۇن مۇشۇ جىگەر قېتىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىريالارنى كۆرۇپ ئاپامنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، تۇپدىن ساقايتقىلى بولماسمىش پەقەت ئالدىنى ئېلىش ، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولدىكەن ....  ھەم  ،  ئاپام بىلەن بىر كېسەلخانىدا ياتقان ئايال بىزنىڭ بىر قوشنىمىز ياشقى چوڭ ئايال ئىدى ، مۇشۇنداق قوساق ئىششىپ نەچچە قېتىم سۇ تارتىقۇسسا يەنە قوساق يوغۇناپ ساقايماي تۇگەپ كەتتى دېگىنى ئېسىمگە كېلىپ ...... بۇلارنى كۆرۇپ بولۇپ ئازراق كۆڭلۇم يېرىم بولدى . ھازىرقىچە ماتىريال كۆرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ...
دوختۇر ساقايتقىلى بولدۇ دېگەن ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 07:09:59

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسىنى ئېشەك سۈتى دەپ ئاڭلىغان، ھەم مۇشۇ كېسەل بىلەن مەخسۇس ئېشەك بار يەردە تۇرۇپ سۈت ئىچىۋاتقانلارمۇ بار.
بولسا ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلسۇن، بولمىسا ئېشەك سۈتى پاراشوكى بار، بۇمۇ پايدا قىلىدۇ.
ئەمدى بۇ جەھەتتە قوبۇل قىلالماسلىق بار، لېكىن دورا بولغانكەن ئامال يوق، ئىستىمال قىلغۇچىغا راست گەپنى قىلماي، تۆگە سۈتى دەمسىلە ياكى ئۆچكە سۈتى دەمسىلە شۇنداق دەپ قويۇپ ئاپىرىپ بەرمىسەڭلا كۆڭلى كۆتىرىشى ناتايىن

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:22:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 08:37  

جىگەر قېتىشىش كېسىلى توغۇرلۇق ئازراق بىلىمەن. بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان دەسلەپكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ئاخىرىدا جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەل كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئالدىنئالا بايقاپ كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىرگە كېسەلنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغان ئامىللارنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
1. ئانىڭىزدا B-تىپلىق جىگەر ياللۇغى بارمۇ؟
2. ئانىڭىز سېمىزمۇ، دىئابىت كېسىلى بارمۇ؟ ئىنسۇلىنغا قارشىلىق بارمۇ؟

مۇشۇ ئەھۋاللار بولسا جىگەر قېتىشىشنىڭ دورىسىنى يىگەچ بۇ ئالامەتلەرنىمۇ تەڭ داۋالاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا جىگەر قېتىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ جىگەر فۇنكىسىيىسى مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنسە ئاخىرقى تاللاش جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيسى قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇرۇن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تەجىرىبخانىمىزدا ياردەملىشىپ بېرىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە، مېلىسا بېرگ ئىسىملىك بىر قىز بار بولۇپ، بۇ قىز جىگەر راكى تۈپەيلى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيسى قىلدۇرغان. ئۇ قىز ئوپراتسىيە قىلدۇرغاندا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ۋە ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن بۇ يىل مىدېتسىنا دوكتورلۇقىدا ئوقۇشقا كىرمەكچى بولۇۋىتىپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاخىرقى تاللاش، ئەمما ئۈمىد بارلىقىنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن بۇنى دەۋاتىمەن. جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنى ئامېرىكا كالورادو ئۇنىۋېرستېتى-دەنۋېر تارمىقىدىكى دوختورخانا دۇنيادا ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان دوختۇرخانا بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ قىز شۇ يەردە ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ئىكەن. ئانىڭىزنىڭ كېسىلىگە بىر شىپالىق تېپىلىشىنى تىلەيمەن. ھەممىمىزنىڭ ئانىلىرى سالامەت بولسۇن...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:27:16

بىزنىڭ بۇيەردە ئېشەك سۈتىنى چىرايلىقلاشتۇرۇپ كۆك ئىنەك سۈتى دەيدۇ:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:45:48

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:07:48

بىزنىڭ يۇرتتا كۆك ئەچكۈنىڭ سۈتى دەيمىز.

tarimrose يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:59:52

بىلگەجان سىزگە كۆپ رەخمەت ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تىببى مەسلىھەت بەرگىنىڭىنىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:03:06

قۇلىقىڭىزغا ياقمىسىمۇ ئۆزەمنىڭ بىلىدىغىنىم ۋە راست گەپنى قىلسام قېرىندىشىم -جىگەر قېتىش باشلىنىپ بولغان بولسا ئامال يوق ،پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك مەسىلىسى ! يەنە كېلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ بوپتۇ
تەكلىپ :
ئىقتىساد ۋە ياش قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ يار بەرسە جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇڭلار
بولمىسا ياخشى بېقىۋېلىڭلار
مەنمۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى جىددى خاراكتېرلىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولغان ئىدىم،ھازىرغۇ ساقايدىم دەپ يۈرىمەن ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان-ئېسەن قىلغاي

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:28:17

جىگەر ئىششىقىنى داۋالاش
ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ زىمادى
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئاق سەندەلدىن 6 گرام، زەپەردىن 1.5 گرام، رەۋەن چىنى، كاسىنە ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرى 6 گرامدىن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 1.5 گرام، ئارپا ئۇنى، قىزىلگۈل يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ ھەمدە بۇ دورىلار يۇمشاق سوقۇلۇپ، گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇلۇپ جىگەر ئۈستىگە تېڭىلسا جىگەرنىڭ ئىششىقى يانىدۇ.
شىرلاش بەلغەمنى سۇيۇلدۇرۇپ سۈرۈپ چىقارغۇچى مۇسھىل نۇسخىسى
مەستىكىدىن 3 گرام، تۇربۇت ئېتىدىن 6 گرامنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 6 گرام بادام يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ. بۇنىڭغا يەنە 1.5 گرام زەنجىۋىل، 10 گرام شېكەر قوشۇلۇپ سۈپۈپ تەييارلىنىدۇ. بۇ دورا ئۈچكە بۆلۈنۈپ، 3 ئاخشام ياتار ۋاقتىدا يېيلگەندىن كېيىن 100 گرام مىقداردا قايناق سۇ ئىچىلىدۇ، بۇ دورا ئاشقازان ۋە مېڭىدە بولغان ھۆللۈكنى تازىلاپ بەلغەم سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىكلەردىن بەدەننى خالىي قىلىدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
ئەسكەرتىش: بۇقرات، ئارىستوتېل، ھەزرىتى لوقمان، بەھرات، مېھرات، بەرھايات قاتارلىق يەتتە ھۆكۈما شۇنداق دەپتۇركى، مىڭ خىل كېسەللىكنىڭ باش سەۋەبچىسى سەپرا ماددىسىدۇر. تۈرلۈك خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش قان خىلىتى سەۋەبىدىندۇر، بۇزۇلغان قان ۋە كۆيۈك سەپرانى بەدەندىن تازىلاي دېسەڭ، بارلىق يامان كېسەللەردىن خالاس بولاي دېسەڭ، تۆۋەندىكى سۈپۈپى مۇسھىلنى تەييارلاپ ئىچكەيسەن. بۇ مۇسھىل سەپرانى كېسىپ، بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلاپ، بەدەننى يەڭگىل قىلىدۇ، تېرىنى داغ ۋە مۇدۇرلاردىن پاكىزلايدۇ.
سۈپۈپى مۇسھىلى سەپرا نۇسخىسى
پوستى ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، قوغۇن ئۇرۇقى، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرى 10 گرامدىن، ئادىراسمان ئۇرۇقىدىن 3.5 گرام، ھىندى تۇزىدىن 10 گرام ئېلىنىدۇ ھەمدە بۇ دورىلار بىرلىكتە سوقۇلغاندىن كېيىن، قايناق سۇ بىلەن دەملىنىپ تەڭ مىقداردا قەنت سېلىنىپ ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى: موللا ئارىف خوتەنىينىڭ گۈلدەستە ئافىيەت ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:33:40

ئىستىسقا
ئىستىسقائى لەھمىي (قورساققا سۇ چۈشۈشنىڭ گۆش قاتلىمىغا سۇ چۈشۈش تىپى) گە گىرىپتار بولغان كىشىگە تۆۋەندىكى دورىلار بىلەن ھەببە مۇسھىلنى تەييارلاپ ئىچكۈزگەندە ئىششىقنى ياندۇرغىلى، ئىستىسقانى داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، خىيار شەنبەر فولۇسنىڭ شىرىسىنى كاسىنە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە چىلاپ ئېزىپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ئىچكۈزگەندە قويۇق ماددىنى سۇيۇلدۇرغىلى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەببە مۇسھىلنى تەييارلاپ ئىچكۈزگەندە ئىستىسقانى تولۇق داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئىستىسقائى لەھمىينى داۋالايدىغان ھەببە مۇسھىل

ئىستىسقائى تەبەلىگە مۇپتىلا بولغان كىشىگە تۆۋەندىكى بۇ شەربەتنى تەييارلاپ ئىچكۈزگەندە ئىستىسقانى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
ئىستىسقائى تەبەلىنى داۋالايدىغان شەربەت نۇسخىسى
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئۈستىقۇددۇستىن 10 گرام، بادرەنجىبۇيىدىن 8 گرام، ماكلانغان پىلىدىن 10 گرام، ئاق قەنتتىن 30 گرام، رۇمبەدىياندىن 5 گرام، ئەفتىمۇندىن 10 گرام، ئارپىبەدىياندىن 6 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى، يەرلىك شوخلا (ئىت ئۈزۈمى)، سەۋسەن يىلتىزىنىڭ ھەر بىرى 6 گرامدىن ئېلىنىدۇ ھەمدە بۇ دورىلار 2 چوڭ چىنە سۇغا 12 سائەت چىلاپ قويۇلغاندىن كېيىن قاينىتىلىدۇ، يېرىم سۈيى قالغاندا سۈزۈلۈپ 30 گرام گۈلقەنت سېلىنىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
ھەر كۈنى ناشتىدا ئىچكەندە ئىستىسقائى تەبەلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
ئىستىسقاغا پايدىلىق شەربىتى بۇزۇرىنىڭ نۇسخىسى
تەسىرى: جىگەر ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

ئىستىسقانى داۋالاشنىڭ يەنە بىر ياخشى ئىلاجى
كۆك شاپاق تاۋۇز، قارا شاپاق تاۋۇز، ئاق شاپاق تاۋۇزدىن بىر دانىدىن ئېلىنىدۇ، بۇ تاۋۇزلار قازانغا سېلىنىپ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن قاينىتىلىدۇ. سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا، قازانغا ئىسسىقلىق دورىلاردىن سېلىپ، يەنە قاينىتىلىدۇ. تاۋۇزلار راسا پىشقاندا قازاندىن ئېلىنىپ، ھەر بىر تاۋۇزنىڭ بېغىشى تەرەپتىن تۆشۈك ئېچىلىدۇ، ئىچىگە 50 گرامدىن ھەسەل قۇيۇپ كېچە ئايدىڭدا قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ناشتىدا بىمارغا ھەر بىر تاۋۇزدىن بىر قوشۇق (5 گرام)دىن سۈيى ئىچكۈزۈلىدۇ. ھەمدە بۇنىڭ سۈيىدىن جىگەر _ ئۆت ئۈستىگە چېپىلىدۇ. بىمار بىر ئاز تەرلىسە ياخشى بولىدۇ. قالغان تاۋۇز سۈيىدە بىمار يۇيۇندۇرۇلىدۇ.
ئىستىسقائى تەبەلىنى داۋالاش ئۈچۈن يەنە بىر نۇسخا

قەدىمقى ھۆكۈمالار ئەيتىدۇركى: ئىستىسقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەمگە دورا بېرىپ دىئاگنوزى ئايدىڭلاشمىغىچە (9~36 سائەتكىچە) ئۇن تامىقى بەرمەسلىك كېرەك. ئەگەر بۇ ئىستىسقا كېسەللىكى بىمارنىڭ مىزاجى سوغۇقتىن بۇزۇلۇشتىن بولسۇن ياكى قان بۇزۇلۇشتىن بولسۇن، ياكى سەپرانىڭ ئاچچىق ئۆتكۈر ماددىسىدىن بولسۇن، بىمارغا دەسلەپتە تۆۋەندىكى ئىسكەنجىبىن بۇزۇرىنى بىر نەچچە قېتىم بېرىش كېرەك.
ئىسكەنجىبىن بۇزۇرىنىڭ نۇسخىسى

ئەگەر ئىستىسقا بولغان كىشىنىڭ جىگىرىدە ھارارەت (قىزىقلىق) ھەم ئۇسسۇزلۇق زىيادە بولسا، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى سوغۇق تەبىئەتلىك بۇزۇرى شەربىتىنى بېرىش لازىم.
شەربىتى بۇزۇرى بارىد نۇسخىسى

جىگەرنىڭ تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدىغان شەربىتى بۇزۇرى مۆتىدىل نۇسخىسى

سوغۇق بەلغەم ماددىسى سەۋەبىدىن بولغان ئىستىسقانى تۆۋەندىكى ئىسسىق تەبىئەتلىك شەربىتى بۇزۇرى ھار بىلەن داۋالاش كېرەك.
شەربىتى بۇزۇرى ھار نۇسخىسى
بىمارنىڭ غىزاسىغا نوقۇت سۈيى بىلەن پاقلان گۆشى بېرىش كېرەك.
پەرھىزى: ئىستىسقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەم قەتئىيي سوغۇق سۇ ئىچمەسلىكى كېرەك، پەقەت ئىچمىسە تاقەت قىلالمىغان ئەھۋالدا، سۇنى تۆمۈر قازاندا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سوۋۇتۇپ ئىچسە بولىدۇ.
ئەگەر ئىستىسقا بەلغەم خىلىتى بىلەن سەپرا خىلىتىنىڭ بىرىكىۋېلىشىدىن پەيدا بولغان بولسا، بىمارنىڭ قول _ پۇتلىرى ئىششىيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىسكەنجىبىن بۇزۇرىنىڭ تۆۋەندىكى نۇسخىسى تەييارلاپ بېرىلىدۇ:

تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى:
ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: بۇ شەربەتتىن 100 گرامى 150 گرام ئەرەقى بەدىيان ياكى ئەرەقى كاسىنە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تەسىرى: جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سەپرانى پەسەيتىپ، ئىستىسقانى داۋالايدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىستىسقا كېسەللىكى ئۈچ خىل بولىدۇ: 1ئىستىسقائى زىققى،2 ئىستىسقائى لەھمىي،3 ئىستىسقائى تەبەلى.
ئىستىسقائى زىققىنىڭ ئالامىتى
بىمارنىڭ چىرايى خۇنۈك، يۈزى ئېسىلەڭگۈ، قورسىقى يوغان، بوينى ئىنچىكە بولىدۇ، دېمى سىقىلىدۇ، سۈيدۈكى ئاز كېلىپ قول _ پۇتلىرى ئىششىيدۇ، يول يۈرگەندە قورسىقى لوقۇلداپ سۇ بار تۇلۇمدەك ئاۋاز چىقىدۇ. بۇ خىل ئىستىسقا باشقا ئىككى خىل ئىستىسقاغا قارىغاندا خەتەرلىك ھەمدە بىمارنى تېزلا ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەمما، ئۈچ خىل ئىستىسقانىڭ ھەممىسىدە بىمار قىزىيىدۇ. ئىستىسقائى زىققىغا دۇچار بولغان كىشى ھەرگىز سۇ ئىچمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بىمار ئۇسسۇزلۇقى يامان بولۇپ تاقەت قىلالمايدىغان ئەھۋال بولسا، قاينىتىلغان بىر پىيالە سۇغا 50 گرام ئانار شەربىتى قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ. غىزاسىغا، توخۇ گۆشى ياكى ياش پاقلان گۆشىنى نوقۇت سۈيى بىلەن دارچىن، زىرە، بەدىياننىڭ ھەر بىرىدىن بىر گرامدىن سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېچىشى كېرەك.
شەربىتى دىنار كەبىر ئۈچ خىل ئىستىسقاغا مەنپەئەتلىكدۇر.
شەربىتى دىنار كەبىر نۇسخىسى
مەنبەسى: موللا ئارىف خوتەنىينىڭ گۈلدەستە ئافىيەت ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:35:23

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى
كىشىنىڭ جىگىرىدە قۇرت، بولسا ياكى ئىسسىق ماددىنىڭ سەۋەبىدىن قىزىتما بولسا، تاجىگۈلنىڭ سىقىلغان سۈيىنى زىرىق سۈيى بىلەن ئىچكەندە داۋا بولىدۇ.

جىگەر كېسەللىكنى داۋالاش
جىگەردە ھارارەت يۇقىرى بولۇپ، جىگەر ساھەسى قىزىپ بىئارام بولغاندا ھارارەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بىمارغا تۆۋەندىكى دورا تەييارلاپ بېرىلىدۇ:
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل (ئۇندەك يۇمشاق سوقۇپ تاسقالغىنى)، ئارپا ئۇنى، بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈلنىڭ ھەر بىرى 10 گرامدىن ئېلىنىپ سوقۇلۇپ تاسقالغاندىن كېيىن كۆك كاسىنە سۈيى ياكى سېمىز ئوتنىڭ سۈيى ۋە ياكى يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيىنىڭ بىرى بىلەن يۇغۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە بىر گرام كافۇر، بىر گرام رەۋەن چىنى ئارىلاشتۇرۇلۇپ جىگەر ئۇدۇلىغا چېپىلسا ھارارەتنى پەسەيتىدۇ.
مەنبەسى: موللا ئارىف خوتەنىينىڭ گۈلدەستە ئافىيەت ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:42:12

تۆگە سۈتى
تۆگە سۈتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، نەپەسنى راۋان قىلىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىستىسقا (جىگەر قېتىش) كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ


ھۆل ئۈزۈم (قىزىل ئۈزۈم)
ھۆل ئۈزۈم (قىزىل ئۈزۈم) ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قاننى كۆپەيتىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، جىگەرنى ياشارتىدۇ. ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇق سوغۇق. ئىسھال (ئىچ سۈرۈش) نى توختىتىدۇ.
غوراپ ئۈزۈم (توڭ ئۈزۈم)
غوراپ ئۈزۈم (توڭ ئۈزۈم) قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، سەپرانى پەسەيتىپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.
قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئۇۋاقلىرى (ئۇششاقلىرى) مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
كىشمىش ئۈزۈم
كىشمىش ئۈزۈم بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولۇپ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، كىشمىش ئۈزۈمنى چىلاپ شەربەت قىلىپ، ئۈزۈن مەزگىل كېسەل تارتىپ ساقايغان، بەدىنى ئاجىز كىشىلەرگە بەرگەندە، بەدەننى مۆتىدىل قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
زىخ (زىرىق)
زىخ (زىرىق) قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئاشقازاننى ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
كاسىنە
كاسىنە ھۆل ۋاقتىدا ھۆل سوغۇق، ئۇرۇقى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.
پىننە
پىننە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، سوغۇق ماددا سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان ئاجىزلىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
چىقىندۇر (قىزىلچا چامغۇر)
چىقىندۇر (قىزىلچا چامغۇر) جىگەر ۋە تال كېسەللىكىدە بىمارغار شەربەت قىلىپ بېرىلسە پايدا قىلىدۇ.

داۋائىلكۇركۇم
تەسىرى: سوغۇقتىن بولغان تال ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ، بۇزۇق يەلنى تارقىتىدۇ، جىگەر ۋە تال ئىششىغانلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سۇلۇق ئىششىق (ئىستىسقا) نى ياندۇرىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دوۋساقتىكى سۈيدۈكنى ماڭدۇرىدۇ.

داۋائىلكۇركۇم سەغىر
تەسىرى: جىگەر، تال ئاغرىقى ۋە ئىششىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئاشقازان ئاغرىقى ۋە قورساق ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ، قورساق بوشلۇقىغا يىغىلىۋالغان زەرداب سۇنى يوقاتقىلى بولىدۇ، چىراينى سۈزۈك قىلىدۇ.

قۇرسى لۇكىمەغسۇل
تەسىرى: جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، قورساقتىكى كېرەكسىز سۇنى تازىلاپ بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ، ئومۇمىي بەدەن ئىششىغان ئىستىسقائى لەھمىنى داۋالايدۇ.


جىگەر ۋە تال ئىششىغان سەۋەبتىن كىشىدە قەۋزىيەت پەيدا بولسا، تال _ جىگەر ئۇدۇلىدا ئىششىق پەيدا بولسا، بەدەن سىرتىدىن بېسىپ كۆرگەندە جىگەر- تال ساھەسى ئاغرىسا، نەپەس سىقىلىش بىلەن ئاغرىپ ياتالمىسا، تۆۋەندىكى زىمادنى تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا، ئىششىق تېزلىكتە يېنىپ، بىمارغا ئارام بېرىدۇ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: كالا تېزىكى، ئۆچكە مايىقى، تال ياغىچىنىڭ كۈلى، تۆگىنىڭ سۈيدۈكى قاتارلىقلار ئېزىلىپ، سىركە بىلەن خېمىر قىلىنىدۇ، ھەمدە بۇ زىماد ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قورسىقىغا چېپىلىپ ياتقۇزۇلىدۇ.
ئەگەر كىشى ئىستىسقائى لەھمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، قورساق، دۈمبە ۋە پاچاقلىرىغا ئىششىق پەيدا بولسا، بىمارنىڭ سۈيدۈكى راۋان ماڭمىسا، تۆۋەندىكى دورىلار قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىلىپ ئىچكۈزۈلسە، ئىششىق تېزلىكتە يانىدۇ.
ئەرەقى ئىستىسقا
بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى، ئىزخىر، سۇزاب ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان، ئارپا بەدىيان، شوخلا، ئوغرى تىكەن، كەبىر يىلتىزىنىڭ پوستى، شومشىنىڭ ھەر بىرى 30 گرامدىن ئېلىنىدۇ ھەمدە بۇ دورىلار 4 كلو گرام سۇغا 12 سائەت چىلىنىپ، 2 كلو گرام ئەرىقى تارتىپ ئېلىنىدۇ.
ئىستىسقائى لەھمىدە بىمارغا بۇ ئەرەقى ئىستىسقا بىلەن بىللە يەنە كۈندە 2 قېتىم 50 گرامدىن بۇزۇرى كاشكىپى ۋە بۇزۇرى شەربىتى بېرىلىدۇ.
تەسىرى: سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، سوغۇقتىن بولغان ئىستىسقانىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ.


بىمارنىڭ تامىقىغا: سېمىز چۈجە گۆشى پىشۇرۇلۇپ، ئۈستىگە زىرە، پىىننە سېلىپ يېگۈزۈلىدۇ. بىماردا سەپرا خىلىتى غالىب بولسا، بۇ شورپىغا يېرىم باش كۆپ تۇرۇپ توغرىلىپ سېلىنىپ يېگۈزگەندە ياخشى پايدا قىلىدۇ. يەيدىغان ناننىڭ خېمىرىغا ئارپا بەدىيان، زىرە، كەرەپشىنىڭ سۈيى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، نان يېقىپ بېرىلسە، چۈجە، كەپتەر شورپىسىدا نۇقۇت پۇشۇرۇلۇپ بېرىلسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.


ھەببى سەكبىنەج
تەسىرى: قورساققا سۇ چۈشكەن ئىستىسقائى زىققىي، نەپەس سىقىلىش، جىگەر _ تالنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئىششىقى، پۇت _ قولى ئىششىغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەنبەسى: موللا ئارىف خوتەنىينىڭ گۈلدەستە ئافىيەت ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:43:44

ئىستىسقائى لەھمى
ئىستىسقائى لەھمىي (قورساققا سۇ چۈشۈشنىڭ گۆش قاتلىمىغا سۇ چۈشۈش تىپى) نىڭ ئىلاجى: ئالدى بىلەن بىمارغا، خىيار شەنبەر، فولۇسنىڭ ھەر بىرىنى 21 گرامدىن ئېلىپ، كاسىنە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە چىلاپ ئېزىپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ھەب تەييارلاپ يېگۈزۈش لازىم.
يەنە بىر ئىلاجى: غارىقۇن، تۇربۇت، زەنجىۋىل، رەۋەن چىنى، رۇببىسۇسنىڭ ھەر بىرىنى 21 گرامدىن، مۇدەببەر قىلىنغان ھەببۈلمۈلۈكتىن 2 دانە (1 گرام) نى قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، ھەر كۈنى ناشتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكەندە، ئىستىسقائى لەھمىنى داۋالىغىلى بولىدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
ئىستىسقائى تەبەلى
ئۈستىقۇددۇس، بادرەنجىبۇيا، كاسىنە، ئەنگۈر شىپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، تۇرراشىدىن شېرىننىڭ ھەر بىرى 8.5 گرامنى چوڭ 2 چىنە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، شەربەت تەييارلاپ، ئۈستىگە 30 گرام ھەسەلدە ياسالغان گۈلقەنت ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ناشتىدا 4 قوشۇقتىن ئىچكەندە ئىستىسقائى تەبەلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
ئىستىسقائى تەبەلىنىڭ يەنە بىر ئىلاجى
بىمارغا تۆۋەندىكى شەربىتى بۇزۇرى تەييارلىنىپ ئىچكۈزۈلىدۇ:
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: كاسىنە يىلتىزىنىڭ پوستىدىن 127 گرام، كاسىنە ئۇرۇقىدىن 85 گرام، بەدىيان يىلتىزىنىڭ پوستىدىن4.25 گرام، سېرىق يۆگەي (ئەفتىمۇن) ئۇرۇقىدىن 4.25 گرام، كۈدە يىلتىزىنىڭ پوستىدىن 42 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن 32 گرامنى 4 چىنە سۇغا چىلاپ يېنىك ئوتتا ئالدىرىماي قايناتقاندىن كېيىن، يېرىم سۈيى قالغاندا سۈزۈپ، 127.5 گرام قەنت سېلىپ، يەنە قاينىتىپ قىيامغا كەلتۈرۈپ شەربەت تەييارلاپ، ھەر كۈنى ناشتىدا بىر قوشۇق دورىغا 4 قوشۇق قايناق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك.
تەسىرى: جىگەر ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى قايتۇرىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ (تەجرىبىدىن ئۆتكەن).
شەربىتى ئىسكەنجىبىن
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: 30 گرام كاسىنە يىلتىزىنىڭ پوستى، 30 گرام يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى، 170 گرام قۇرۇتۇلغان ئىت ئۈزۈمى، 170 گرام ئاق قەنت قاتارلىق دورىلارنى قاينىتىپ، سۈزۈلدۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: بىر قوشۇق دورىغا ئۈچ قوشۇق قايناق سۇ قوشۇلۇپ ئىچىلىدۇ.
ئىستىسقائى لەھمىنىڭ يەنە بىر ئىلاجى
ئىستىسقائى لەھمى سوغۇقتىن بولىدۇ، بۇنىڭدا بەلغەمنىڭ ئىلاجىنى قىلىش كېرەك. بۇنى داۋالاش ئۈچۈن، بىمارغا تۆۋەندىكى ئىسسىق تەبىئەتلىك شەربىتى بۇزۇرىنى تەييارلاپ ئىچكۈزۈش لازىم:
بەدىيان، بەدىيان رۇمى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئەپيۇننىڭ ھەر بىرى 21 گرامدىن ئېلىنىدۇ، ھەممە دورىلار بىر چىنە سۇدا قاينىتىلىپ سۈزۈلىدۇ، ئۈستىگە 21 گرام قەنت سېلىنىپ يەنە ئۇزۇنراق قاينىتىلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ، بىر قوشۇق دورىغا ئىككى قوشۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىمارغا ئىچكۈزۈلىدۇ.
بىمارنىڭ غىزاسىغا، نوقۇت سۈيى، پاقلان گۆشى بېرىلىدۇ، بىمارنىڭ سوغۇق سۇ ئىچىشى چەكلىنىدۇ.
ئىستىسقائى سەپراۋى
ئىستىسقا كېسەللىكىدە بىمارنىڭ قورسىقى ئىششىش بىلەن بىرگە قول بارماقلىرى ئىششىغان بولسا، بۇ خىل كېسەللىكنى ئىستىسقائى سەپراۋى دېيىلىدۇ. بۇنى داۋالاش ئۈچۈن، بىمارغا تۆۋەندىكى شەربەتنى تەييارلاپ ئىچكۈزۈش لازىم:
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: بەدىيان ئۇرۇقى، يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرى 17 گرامدىن ئېلىنىدۇ، ھەمدە بۇ دورىلار يەنە 13 گرام تەرخەمەك ئۇرۇقى، 300 گرام قەنت ئارىلاشتۇرۇلۇپ قاينىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈلۈپ، كۈندە ئىككى قېتىم، يەنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇق دورىغا ئىككى قوشۇق سۇ قوشۇلۇپ بىمارغا ئىچكۈزۈلىدۇ.
تەسىرى: قورساقتىكى ئىششىقنى قايتۇرىدۇ، سەپرانى ياندۇرىدۇ.
ئىستىسقائى دەمى
ئىستىسقائى دەمى كېسەللىكىدە، بىمارنىڭ يۈزى قىزىق، ئېسىلگەن، چىرايى كۆكۈش، تىلى ئاق، كۆزىنىڭ ئېقى سېرىق بولىدۇ، دىمىغى پۈتۈپ قالىدۇ، بېشى، قول پۇتلىرى ئېغىر، ھەرىكىتى سۇس بولىدۇ، ئېغىزىدىن ئاچچىق شالە ئاقىدۇ. بىماردا بۇخىل ئالامەتلەر بايقالسا، كېسەللىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، كۆڭۈل قويۇپ، تېز تۇتۇش قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكتە يەنە مۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ: چۈشتىن كېيىن ئۈگرە، خولۇپ دېگەندەك بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن ياپىلاق سۇيۇق ئاش ئىچكەندە بىمارنىڭ بەدىنى ئىششىيدۇ، ئەتىسى ئىششىق يانىدۇ، بىمارنىڭ زارى ئاستا- ئاستا ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى ئالدىن بايقاپ، يېنىك ۋاقتىدا تېز تۇتۇش قىلىپ داۋالاش، بىمارنى سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، تەمسىز قوغۇن، تاۋۇز يېيىشتىن قەتئىي چەكلەش كېرەك، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، قاتتىق پەرھىز بىلەن داۋالىمىغاندا، كېسەللىك بىمارنىڭ جېنىغا خەتەر يەتكۈزىدۇ، بىمارنىڭ ئۇسسۇزلۇقى يامان بولسا، غىزاسىغا ئانار شەربىتى، توخۇ گۆشى، قوي گۆشى، نوقۇت سۈيىگە دارچىن، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىننى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىمارغا تۆۋەندىكى شەربەتنى تەييارلاپ بېرىش لازىم:
بەدىيان، بەدىيان رۇمى، بىخ كەبىر، كاسىنە يىلتىزى پوستى، كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان يىلتىزى، سۆسەن يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرى 8.5 گرامدىن ئېلىنىدۇ، 17 گرام يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى، بىر تۇتام قىزىلگۈل قاتارلىق دورىلار سوقۇلىدۇ، 21 گرام رەۋەن چىنى قوشۇلۇپ، 2 چىنە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈلىدۇ، بىر قوشۇق دورىغا ئىككى قوشۇق قايناق سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.

مەنبەسى: قولۇمدا ساقلىنىۋاتقان ئىلاجۇلمۇرەككەبات ناملىق قەدىمى قوليازمىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:45:24

يەرقان كېسەللىكى
ھۆكۈمالار ئېيتىدۇركى، بىر ئايال يەرقان كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولۇپ، چىرايى بەك سارغىيىپ كەتكەن ئىدى، بىر تېۋىپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرەقى كاسىنىنى، بەدىيان يىلتىزىنى 8.5 گرام شېكەر، 4.25 قىزىل قەنت، مۇۋاپىق مىقداردىكى كەشمىر تۇزى قاتارلىقلارنى سوقۇپ جىگەر ئۈستىگە تاڭغان ئىدى، بىمار ئايال ساقايدى.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:53:05

ئات سۈتى
ئەڭ ياخشى سۈت ھېسابلىنىدۇ، لەقۋا، پالەجلەرگە پايدا قىلىدۇ. سەۋدا ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەرگە داۋا بولىدۇ. ئېغىز، بۇرۇننى خۇشبۇي قىلىدۇ، مېڭىدىكى بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلايدۇ. ئېغىزدىن شالە ئېقىشنى تۈگىتىدۇ. ئاشقازان، تال، جىگەرنى تازىلايدۇ.
تۆگە سۈتى
تۆگە سۈتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، نەپەسنى راۋان قىلىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىستىسقا (جىگەر قېتىش) كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، قورساق كۆپۈشنى داۋالايدۇ، كۆزنى روشەن قىلىدۇ، بەدەننى يەڭگىل قىلىدۇ، بەلغەمدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ. سۈيدۈك يولىنى، دوۋساقنى تازىلايدۇ، بەدەننى قىزىتىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:53:40

ئىشەك سۈتى
ئىشەك سۈتىنى ئىچكىلى بولمايدۇ، ئەمما رەۋەن بىلەن قوشۇپ بىمارنىڭ ئۇچىسىغا تاڭغاندا، ئىستىسقانى داۋالايدۇ. جىگەر ۋە تال كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئىشەك سۈتىنى باشقا چاپقاندا، تۇتقاقلىق ۋە مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە سەرسامنى داۋالىغىلى بولىدۇ. جۈدەتكۈچى قىزىتما ۋە زىققا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەمگە ھۆقنە قىلغاندا، ياخشى پايدا قىلىدۇ.

428 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:57:47

يەرلىك رىتسىپلاردىن  كۆپىرەك ئاڭلىسام دەيمەن ،
ئاۋۇ دىگەن كۆك ئىنەك (ئىشەك) نىڭ سۈتى ئۆپكە تۇبىركىلىيۇزغا پايدا قىلىدىغاندۇ ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 13:16:02

بىر موڭغۇل دوختۇر مۇشۇ جىگەر كىسىلى توغۇرلۇق خىلى داڭلىقكەن .
ئىسمى : 阿南达
كىسەل كۆرىدىغان ئورنى : 内蒙古国际蒙医医院和鄂托克前旗蒙医医院出诊 مۇشۇ يەردە دەيدىغۇ توردا.

بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 天天向上 2013.11.1 پروگراممىسى .
http://www.iqiyi.com/v_19rrh7cf5k.html  بۇ يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ئۇچۇرلار ئىسىمدە قاپتىكەن .

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 13:54:19

كاسىنە
كاسىنە ھۆل ۋاقتىدا ھۆل سوغۇق، ئۇرۇقى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.

سەۋزە
سەۋزە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. سەۋزىنى خام ھالەتتە يېسە مۆتىدىل، ئوتتا پىشۇرۇپ يېگەندە ھۆل ئىسسىق، سۇدا ياكى شورپىدا پىشۇرغاندا ھۆل سوغۇق بولىدۇ، سەۋزىنى چوڭ قازاندا پىشۇرۇپ كۆپ يېگەندە، سوغۇقتىن بولغان مۇپاسىل ۋە كۆز خىرەلىشىش، كۆپ سىيىش، يۈرەك سېلىش، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ، ئۈچەينى يوغىنىتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت شورپا ياكى گۈرۈچ بىلەن يېگەندە، جىگەرنىڭ تومۇرلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. سەۋزىنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەننىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە، سۈيدۈك تۇتۇلغان ئادەم يېسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، بولۇپمۇ سوغۇقچان كىشىلەر سەۋزىنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يېمىگىنى ياخشى. چۈنكى، سەۋزە پەي _ مۇسكۇللارنى، نېرىپلارنى، ئۈچەيدىكى رودا (چاپلاشقاق ماددا) لەرنى بوشىتىۋېتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ياشانغان كىشىلەرنى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. يەنىمۇ زىيانلىق تەرىپى شۇكى، سەۋزىنى كۆممە قوناق، قىزىل قوناق، ماش، لوبىيا قاتارلىقلار بىلەن ئوماچ قىلىپ يېگەندە، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چوڭ قازاندا پۇشۇرۇلغان سەۋزىنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېگەندە، ئىستىسقا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاق سەندەل
ئاق سەندەل قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، يۈرەك تىترەپ ھوشسىزلىنىش، تەپ، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ياللۇغىغا زىماد قىلىنسا، بۇ كېسەللىكلەرنى ساقايتىدۇ.
شومشىنىڭ خاسىيىتى
شومشىنى شورپىغا سېلىپ ئىچكەندە، يۈرەك ئۈچەي ۋە جىگەردىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئىستىسقانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ساقايتقىلى بولىدۇ،


يەرقان
مۇھەممەد زەكەرىيا ئېيتىدۇركى: قارلىغاچنىڭ بالىسىنى ئۇۋىسىدىن ئېلىپ، سېرىق رەڭدە بوياپ، ئۇۋىسىغا سېلىپ قويسا، ئانا قارلىغاچ بالىسىنى يەرقان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ، دەپ قارايدۇ، ھەمدە بالىسىنىڭ قېشىغا يەرقان تېشىنى ئەكىلىپ قويىدۇ، بۇ تاشنى يەرقان كېسەللىكىگە دۇچار بولغان كىشىنىڭ بوينىغا ئاسسا، يەرقاننىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر ئىلاج: چوڭ كىچىك بېلىقلارنى سۇغا سېلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرسا، يەرقاننىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق، جىگەردىكى ئاغرىق يوقىلىدۇ.

      تۇخۇمى كەشۇش
        تۇخۇمى كەشۇش ئۇيغۇرچە سېرىق ئوت ئۇرۇقى دېيىلىدۇ.
        مىزاجى، ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇقتا مۆتىدىل.
        خۇسۇسىيىتى، جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.، كۆپىنچە باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشى تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى پۇشۇرۇپ يېسە، جىگەر ئاغرىقى تېز ساقىيىدۇ.

كىشىنىڭ جىگىرى ئاغرىسا، جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسا، يېڭى قاپاق (كۆك قاپاق)، ئىسبىغۇلغا بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا شىپا بولىدۇ. بۇ خىل بىمارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىغا بىنەپشە بىلەن نېلۇپەرنى قاينىتىپ بېرىلىدۇ.

گۆش يۇغان سۇدەك (گۆشرەڭ قىزىل) بولسا، بۇ بۆرەك ۋە جىگەردە كىسەللىك بارلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بىمارنىڭ سۈيدۈكى كەندىر يىغىنىڭ رەڭگىدە (كۆكۈش) بولۇپ دانە- دانە ياغ كۆرۈنسە، بۇ ئىچكى ئەزادىكى ئىششۇق ۋە ئىستىسقا (سۇسىزلىنىش، قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش) ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئىپادىسى.

جىگەر قىتىش كىسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ.
تەركىۋى: يۇمىلاق، ئىچى قىزىل تۇرۇپ (لوبۇ)، ئوسما، پىياز نىڭ ھەر بىرى بىر جىڭدىن ئىلىنىدۇ، تۇرۇپنى قەلەمچە قىلىپ قايناقسۇغا بىرلا بىسىپ ئىلىنىدۇ، پىياز نىپىز يالپاقلىنىدۇ، ئوسما قىلدەك ئۇزۇن توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن خام سەي قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا خام سەينى تاماق بىلەن قوشۇپ كۈنىگە 3 ۋاخ يىيلىدۇ.

ئوسما مۇرەبباسى- ئۆت ياللۇغى ئۈچۈن
ھەسەل بىركىلو
كۆك ئوسما بىر جىڭ
تەييارلىنىشى؛ كۆك ئوسمىنى گۆش توغراش ماشىنىىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
ھەسەلنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئالغاندىن كىين ئوسمىنى سۇيى تىرىپلىرى بىلەن قوشۇپ ھەسەل ئۈستىگە سپلىپ بىر قاينىتىپ قۇرۇق شىشىگە ئىلىپ ساقلىنىدۇ.
تەبىئىتى؛ 3- دەرىجىنىڭ ئەۋۋىلىدە ھۆل ئىسسىق.
تەسىرى؛ سوزۇلما خارەكتىرلىق ئۆت ياللۇغى، يەرقان، جىگەر ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش ،جىگەر قىتىش، قورساققا سۇ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش، باش كپپەكلىشىش قاتارلىق كپسەللىك لەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

جىگەر قىتىش كىسەللىكىنى داۋالاش دورا نۇسخىسى
تەسىرى؛ جىگەر قىتىش، ۋە بارلىق ئىستىسقا كىسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ سۈيدۈكى ئازلايدۇ، تۇتۇلىدۇ، بەدەن ئىششىيدۇ، ئورۇقلايدۇ، قورساق يوغىنايدۇ.
تەركىۋى: قارا چىكەتكۈ دىن بىر دانە، قوناق ساقىلى دىن 100 گىرام، تاۋۇز ئۇرۇغىنىڭ مىغىزىدىن 50 گىرام، قاپاق ئۇرۇغىنىڭ مىغىزىدىن 50 گىرام، قوغۇن ئۇرۇغى ۋە تەرخەمەك ئۇرۇغى پوستى بىلەن، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گىرامدىن.
تەييارلىنىشى: چىكەتكۈنىڭ پۇت، قوللىرىنى ئىلىۋىتىپ، ساپال قاچىدا كۆيدۈرۈپ (كۈشتە قىلىپ) كۈلى ئىلىنىدۇ، قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەممىنى قوشۇپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
قوشۇمچە ئۇسسۇزلىقىغا: گاۋزۇبان، تۇخۇمى كاسىنە، ئوسما ئۇرۇغى، ئارپا بەديان قاتالىقلارنىڭ ھەر بىرى 15 گىرامدىن، ئاۋۇز ئۇرۇغى مىغىزى، قوغۇن ئۇرۇغى، تەرخەمەك ئۇرۇغى، ئوسما يىلتىزى لەرنىڭ ھەر بىرى 30 گىرامدىن ئىلىپ چالا سوقۇپ دەملەپ كۈندە ئىككى ۋاخ ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى: مامۇت دۆلەت (مامۇت CT) تەمىنلىگەن نۇسخا



94- رېتسىپ؛ئۆتكۈر جىگەر راكنىڭ دورىسى
ئالقات10گرام،سېرىق ھېلىلە4گرام،زىرە6گرام،باش پىيۈز 50گرام، يۇمىلاق چىلان100گرام،قومۇش يىلتىزى100گرام، گۈلە100گرام،ئاق ئۈژمە يىلتىزى300گرام،سىيادان 6گرام، ئەنجۈر قېقى40گرام.
ھەممىسىنى سوقۇپ7كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ 2كىلو سۇ قالغاندا تېلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز،قالغان 2كىلو سۈيىگە بىر كۈن كۆك كەپتەر،(پۇتنى ئېلىۋېتىپ بېشى بىلەن سالىمىز)بىر كۈن ئوغلاق گۆشى(250گرام)سېلىپ قاينىتىمىز، قىزىل گۈل ھەسىلىنى50گرام ئارىلاشتۇرۇپ بەش كۈن ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى: توردىن ئېلىنغان ماترىياللار


«راك شاھى» جىگەر راكىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش

جىگەر راكى- جىگەر ئىچىدە كېلىپ چىقىدىغان جىگەر ھۈجەيرە راكى ئۆت نەيچە ھۈجەيرە راكىدىن ئىبارەت. جىگەر- قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدا. دىئافراگما ئاستى، قوۋۇرغىنىڭ تېگىگە جايلاشقان. ئۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش، مېتابولىزم، قان ئۇيۇش، ئىممۇنىت، ۋاستىلىك قان ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مۇرەككەپ مۇھىم بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇڭلاشقا، جىگەر راكىنىڭ كېلىپ چىقىشى تېز، ئاقىۋىتى ئېغىر (ئاخىرقى دەۋرىدە ئادەتتە بىر نەچچە ئايدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ) بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «راك شاھى» دۇر.

دۇنيادا جىگەر راكى ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يەنى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىلىرى، جياڭسۇ ۋە گۇاڭشىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ناھايىتى كۆپ كېلىپ چىقىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 110 مىڭ ئادەم جىگەر راكى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يۈز بېرىشى ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ئاشلىقنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن تاشقىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق يەنە بىر سەۋەب B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كۆپ بولۇشىدۇر. دۆلىتىمىزدە ھازىر 120 مىليون B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانماقتا. بۇلار جىگەر راكىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە ئۇچرايدىغان ناھايىتى زور قوشۇن بولۇپ، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتتە ناھايىتى مۇھىم ھەم ئېغىر ۋەزىپىدۇر.

(يازمىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز، كېيىنكى بېتىگە قاراڭ!)
http://news.eldawa.com/quick/2012/0307/2008.html


يىراق ئارىلىققا يۆتكىلىشنىڭ ئالامەتلىرى: ئەمچەك راكى قان ئايلىنىش ياكى لىمفا يولى ئارقىلىق يىراققا يۆتكىلىدۇ. ئاسان يۆتكىلىدىغان ئورۇنلار كۆكرەك پەردىسى، سۆڭەك، جىگەر، مېڭە ھەمدە يۇمشاق توقۇلمىلار.
جىگەرگە يۆتكىلىش: جىگەرگە يۆتكەلگەن كېسەللىك ئوچىقى بىر قەدەر كىچىك بولغاندا ئالاھىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، ئىششىق بىر قەدەر چوڭ ياكى دائىرىسى كەڭ بولسا جىگەر يوغىناش، جىگەر رايونى ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاخىرىدا سېرىق چۈشۈش، ئىستىسقا قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
http://www.eldawa.com


جىگەر راكى
گەرچە، «ناۋادا ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئۇزاقراق ياشاپ قالسىلا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولىدۇ» دېگەن گەپ ئاڭلىماققا مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىلگەندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ جىگەر راكىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.


جىگەر راكى بىلەن جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك
  
تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى جىگەر راكى بىلەن جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش بولۇپ، ئۇلترا B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرگەندە جىگەر ئۆسمىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ جىگەر راكى ياكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. CT نىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنى %92 گە كۈچەيتكەندىمۇ، يەنىلا %8 ئەتراپىدىكى قان تومۇر ئۆسمىسىنى پەرقلەندۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇ نوقتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.


ئادەتتە، بىر قىسىم بىمارلار ئاۋۋال جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جىگەر راكى دەپ دىئاگنۇز قويۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى، بىر قىسىمى راستىنلا قان تومۇر ئۆسمىسى بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ جىگەر راكى بولغان، ئەمما يەنە بىر قىسمى بولسا خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالغانلىقتىن بولىدۇ.
ئۇنداقتا، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خاتا دىئاگنۇز ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى بىمارلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. تۆۋەندە، بۇ ھەقتىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي:
(1) چوقۇم CT غا چۈشۈپ جەزملەشتۈرۈش، ئەگەر CT دىمۇ قان تومۇر ئۆسمىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك.
(2) بىماردا بىرلا ۋاقىتتا جىگەر قېتىشىش، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، AFP مۇسبەت ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ جىگەر راكى ئىكەنلىكىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى، چوقۇم كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
(3) جىگەر راكىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدىلا بىر ھەسسە، ھەتتا نەچچە ھەسسە چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن، ئالاھىدە ئاستا ئۆسكۈچى بىمارلاردىمۇ بىر ئايدا %30 ئەتراپىدا چوڭىيىش بولىدۇ. لېكىن، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، كۆپ ساندىكى جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسىدە بىر يىلدىمۇ يوغىناش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، بىمار جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن قايتا تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. ئومۇمەن قايتا تەكشۈرۈتۈشتە تەكشۈرۈش تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ (قاتا تەكشۈرۈتۈش ئۇلترا B تىپلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈلسە بولىدۇ.) دىققىتىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
http://www.eldawa.com

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 17:59:34

قېرىنداشلارغا رەھمەت ، ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپسىلەر !
بۇگۇن ، بىر كۇن ئاپامغا ھەمرا بولدۇم ، دوختۇردىن تەپسىلى سوردۇم ھازىر ھەرخىل ئاسمىلارنى دورىلارنى قىلىپ جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كېلتۇرۋاتىمىز ، نورمال ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن دوختۇرغانىدىن چىقىپ جوڭيىچە دورىلار بىلەن كۇتۇنسە جىگەر ئىقتىدارى نورمال تۇرسىلام بولدۇ دەيدۇ .
بەت: [1] 2
: جىگەر قېتىش كېسىلىگە شىپار بارمۇ