nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 20:10:30

[تەرجىمە] تويوتا شىركىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-17 22:34

تويوتا شىركىتى



تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى ئىنگىلىزچە نامى:(Toyota Motor Corporation)خەنسۇچە نامى 丰田汽车،باش شىتابى ياپۇنىيە ئەيجى ناھىيسىنىڭ تويوتا شەھىرى ۋە پايتەخت توكيونىڭ ۋىنجىڭ رايونىغا جايلاشقان ئاپتۇمبىل ياساش سانائىتى شىركىتى بولۇپ مېتسۇئىي مالىيە گورۇھىغا تەۋە.

TOYOTA دۇنيادىكى 1.ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ 2012.يىلى ساتقان ئومومىي ئاپتۇمبىل سانى 9 مىليۇن 730 مىڭ دانىغا يەتكەن.2013.يىلى مۆلچەردىكى ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقىرىش نىشانى 10مىليۇن100مىڭ دانە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سانى 10مىليۇنغايىتىش جەھەتتە1.ئورۇندىكى ئاپتۇمبىل ياساش سودىگىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. TOYOTA شىركىتى LEXUS، HINO،،DAIHATSU ماركىلارنىڭ ئانا شىركىتى بولۇش بىلەن بىرگە ياپۇنىيە فۇجى ئىغىر سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىك ئىگىدارى.


ئۇيغۇرچە نامى: تويوتا                                                                  دۆلىتىمىزدىكى كەسپى        :1.ئاپتۇمبىل تويوتا،گۇاڭجۇ تويوتا
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 丰田汽车                                                          سودا ئابۇرتى:265مىليارد701مىليۇن دوللار (2013.يىلى)               
ئاساسلىق كەسپى:ئاپتۇمبىل،پۇل-مۇئامىلە،ئېنىرگىيە                          دۇنياۋى 500 تەرتىپتە::سەككىزىنجى ئورۇندا (2013.يىلى)               
ئاساسلىق ئاپتۇمبىل تۈرى:corolla,camry,highlander,crown                           سىتىش تەرتىپى: بىرىنجى ئورۇندا.(2013.يىلى.9998000 دانە)       
بالا ماركىلىرى: LEXUS,SCION,SUBARU,HENO                                  ھازىرقى لىدىرى: (Akio,Toyoda)
خادىم سانى        :650 مىڭ(2012.سېتاستىكا)                                 ئاساسلىق بازىرى:شىمالىي ئامىرىكا،ئوتتۇرا شەرق،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
باش شىتاپ ئادرىسى: پايتەخت توكيو شەھىرى ۋە تويوتا شەھىرى
   نىڭ جۇڭگودىكى شۇئارى:ماشىنا كەلسە تاغ باغرىغا يول بار چوقۇم.يوللا بولسا بۇ يولدا باردۇر تويوتا.

1.تەرەققىيات تارىخى: TOYOTA   شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Kiichiro Toyoda مىلادىي 1895.يىلى ياپۇنىيەدە تۇغۇلغان.(مىلادى دىگەننى ئالمىسام خەت ئالمىشىپ قالىدىكەن ، تورداشلار توغرا چۈشەنگەي) .توكيوخانلىق ئوتتۇرا مەكتىپى سانائەت ئېنىستىتۇتىنىڭ مىخانىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
1986.يىلى 29 ياشلىق Toyoda Sakiichi (تويوتا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتىسى) پار ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان توقۇمچىلىق ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىدۇ.ئۇ كەشىپ قىلغان توقۇمچىلىق ماشىنىسا ياپۇنىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكىئادەم كۈچىگە تايانمايدىغان ئاپتۇماتىك توقۇمچىلىق ماشىنىسى بولۇپ ئىش ئۈنۈمى جەھەتتە ئالاھىدە بولغاچ،ئىلگىرىكى قەتئىيلا ئوخشىمايتتى. بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ-توت توقۇش ماشىنىدا ئىش ئىلىپ بارالىغاچقا ئۈنۈمى زور بولغانىدى.شۇ ۋاقىتتا توقۇمچىلىق ماشىنا ساھەسىدە 1.ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنگىلىيە فرائۇد شىركىتىKiichiro Toyoda كەشىپ قىلغان توقۇش ماشىنىسىغا قارىتا پاتېنىت ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش تەلىپىنى قويغان بولۇپ،ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ 100مىڭ فوندسېتىرلىڭ(بىرمىليۇن ياپۇنىيە يىنى) باھا بىلەن پاتېنىت ۋە ئىشلىتىش ھوقوقى ئۆتۈنۈپ بىرىش سودىسى تاماملانغان.       
1929.يىلىنىڭ ئاخىرىدا، Toyoda Sakiichiياۋرۇپا-ئامىرىكىنىڭ ئاپتۇمبىل ياساش ساھەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
1933.يىلى،تويوتا توقۇمچىلىق ماشىنا ياساش ئورنى ئاپتۇمبىل بۆلۈمى قۇردى. Toyoda Sakiichiنىڭ ساۋاقدىشى ۋەيبۇ يىشىيۇڭ گىرمانىيەدە ياسالغان DKW ماركىلىق ئالدى چاقتىن قوزغىلىدىغان ماشىنىنى سىتىۋىلىپ ئەكىلىپ بەردى.ئىككى يىلغا يىقىن چۇۋۇپ قوراشتۇرۇش،تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى 1935.يىلى8.ئايدا تۇنجى GI ماركىلىق ماشىنا ياساپ چىقىلدى. بۇ ماشىنىغا ئىككى ھالقىلىق ئىككى سىلىندىرلىق ماتور،ياغاچ قۇرۇلمىلىق ماشىنا گەۋدىسى،خۇرۇمدىن ياسالغان ماشىنا تورۇسى ئىشلىتىلدى..
1934.يىلى Toyoda Sakiichiئاپتۇمبىل ياساش شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
1937.يىلى تويوتا ئاپتۇمبىل سانائىتى تۈۋرۇكسىمان جەمئىيتى ،ياپۇنىيەنىڭ ئەيجى ناھىيەسىنىڭ جۈتىيەندىڭدا 12مىليۇن ياپۇنىيە يىنى مەبلەغ،300خىزمەتچى خادىم ئاساسىدا قۇرۇلدى.
1936.يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1937.يىلىنىڭ بىشىغىچە بولغان ئارلىقتا،تويوتا شىركىتى ياساپ چىققان يۈك ئاپتۇمبىلى سۈپەت جەھەتتە ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن سىتىلىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.ياپۇنىيە جۇڭگوغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن،قۇرۇقلۇق ئارمىيسى زور مىقداردا ئاپتۇمبىل سىتىۋالغاچقا ئامباردا بىسىلىپ قالغان نۇرغۇن ماشىنا بىراقلا پۇلغا ئايلىنىپ تويوتا شىركىتى نۇرغۇن پۇل تىپىۋالدى.
1939.يىلى ،تويوتا شىركىتى ئاككۇمۇلىياتۇر تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ،قول-توكتا قوزغىلىدىغان ماشىنا تەتقىقاتىغا كىرىشتى.1940.يىلى تويوتا شىركىتى 15000 دانە ماشىنا ياساپ چىققان بولۇپ بۇنىڭ 98% تى دىگۈدەك يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ماشىنىلار ئىگەللىدى.
1941.يىلى12.ئايدا،تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلاپ تاكى 1945.يىلى8ئايغىچە 2.دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋاقىتقىچە ياپۇنىيەنىڭ سانائەت ئۇل-ئەسلىھە قۇرلۇشلىرى ئاساسەن دىگۈدەك ۋەيران بولدى.تويوتا شىركىتىنىڭ ئاپتۇمبىل زاۋۇتلىرى ئىغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.ياپۇنىيە ئېقتىسادىي ۋەيرانچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ۋاقىتتا،ئاپتۇمبىل ياساش سانائىتىنى تىنچ ۋاقىتتكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قايتا قۇرۇشنى تويوتا شىركىتى تاماملىدى.تويوتا 1945.يىلى ئەسلىدىكى يۈك ئاپتۇمبىلىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئاساسىدا كىچىك ماشىنا ياساش زاۋۇتىنى قايتا قۇرۇپ چىقتى.
1947.يىلى1.ئايدا، تۇنجى تۇنجى سىناق نۇسخىدىكى كىچىك ماشىنا مۇۋاپپىقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى.ئاقار جىسىم مىخانىكىسى پىرىنسىپى ئاساسىدا،بۇ سىناق ماشىنىغا،ئاقما لىنىيە تىپىدىكى ماشىنا گەۋدىسى،ئۇمۇرتقىسىمان ئاپتۇمبىل رام قۇرۇلمىسى،مۇستەققىل تۆت چاق ئاسما قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلىپ يىڭىچە ماشىناياساپ چىقىلدى.سائەتلىك سۈرئىتى 87كېلومېتېرغا يەتتى.بۇ ماشىنا بارلىققا كىلىپ ئىككى يىل ۋاقىتتىن كېيىن، 1949.يىلى تويوتانىڭ كەسپى ئاخىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يولىغا كىردى.
1950.يىلى4.ئايدا،تويوتا ئاپتۇمبىل سىتىش شىركىتى قۇرۇلدى.(خەنسۇچىدا 丰田汽车乐售公司 دەپ ئىلىنىپتىكەن.كەمىنە تەجرىبىسىز بولسا ئاپتۇمبىل سىتىش شىركىتى دەپ ئالدى تورداشلار يول كۆرسەتكەي) 1950.يىلى6.ئايدا چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلاپ ئامىرىكا ئارمىيسى 4مىليارد600مىليۇن دوللارلىق غايەت زورمال زاكاس قىلدى.تويوتا شىركىتى شۇنىڭ بىلەن ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئىرىشتى.
1952.يىلى3.ئاينىڭ27.كۈنى Kiichiro Toyodaقاتتىق ھاياجانلىنىش سەۋەپلىك مىڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلدى.
1962.يىلى تويوتا شىركىتى ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلدى. شۇ يىلى تويوتانىڭ سىتىلىش سانى مىليۇنلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى.
1966.يىلى بازارغا سىلىنغان corolla (گۈلتاج) ئاپتۇمبىلى كەڭ ئېستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سىتىۋىلىشىغا ئىرىشتى.ئۇنىڭدىن كېيىن 1968.يىلى شىمالىي ئامىرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنىپ مۇۋاپپىقىيەت قازاندى.سىتىلىش مېقدارى جەھەتتە باشلامچى ئورۇنغا ئۆتتى.
1970.يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تويوتا celica مۇسابىقە ئاپتۇمبىلىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.تۆت يىلدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش توختىغانغا قەدەر بۇ ئاپتۇمبىلدىن 4مىليۇن دانە ئەتراپىدا سىتىلدى.
1971.يىلى تويوتانىڭ يىللىق سىتىلىش مىقدارى 2مىليۇنلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى ئۈچىنجى چوڭ ئاپتۇمبىل ياساش كارخانىسىغا ئايلاندى.
1974.يىلى تويوتا بىلەن ھىنو،دەيخاتسۇ قاتارلىق 16 كارخانا بىرلىشىپ تويوتا گوروھىنى شەكىللەندۈردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 280 ئوتتۇرا-كىچىك كارخانا بىرلىشىپ ھەمكارلىق تورى ھاسىل قىلدى.
1981.يىلى،ئامىرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماشىنىلارغا چەكلىمە قويۇش كىلىشىمىكۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، تويوتا ئامىرىكا ھەممىباپ ئاپتۇمبىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاپتۇمبىل ياساشنى قارار قىلدى.
1982.يىلى7.ئايدا،تويوتا ئاپتۇمبىل سانائىتى شىركىتى ۋە تويوتا ئاپتۇمبىل سىتىش شىركىتى رەسمىي ھالدا قايتىدىن بىرلەشتى. شىركەتنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى بولدى.
1983.يىلى،ياپۇنىيە خوندا شىركىتىنىڭ ACCORDتۈرىدىكى ئاپتۇمبىللىرى شىمالىي ئامىرىكا رايونىدا تويوتانىڭ بازىرىغا خىرىس شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يىلى تويوتا شىركىتى CAMRY تۈرىدىكى ئاپتۇمبىلنى ئوتتۇرغا چىقاردى.
1993.يىلى،ئومومىي سىتىلىش سوممىسى 85مىليارد283مىليۇن دوللارلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،دۇنيا سانائەت شىركەتلىرى قاتارىدا 5.ئورۇندا،پۈتۈن يىللىق ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقىرىش سانى 4مىليۇن 450مىڭغا يىتىپ دۇنيا ئاپتۇمبىل بازىرىنىڭ 9.4%تىنى ئىگەللىدى.
2006.يىلى تويوتا ئاپتۇمبىلىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى سىتىلىش سانى 8مىليۇن 808مىڭغا يەتتى.

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

1867.يىلى Toyoda Sakiichiدۇنياغا كەلدى.
1924.يىلى Toyoda Sakiichi توختىماي ئاپتۇماتىك ئىشلەيدىغان توقۇمچىلىق ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى.
1929.يىلى ئاپتۇماتىك توقۇمچىلىق ماشىنىسىنىڭ پاتنىت ھوقۇقىنى ئەنگىلىيە شىركىتىگە ئۆتۈپ بەردى.



       


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-17 22:35):
باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ بەرسەڭلار داۋامىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىسام

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 22:40:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-17 23:31

1930.يىلى kakiichi toyoda كىچىك تېپلىق بىنزىن يىقىلغۇ قىلىنىدىغان ماتور تەتقىقاتىنى باشلىدى.
1933.يىلى تويوتا شىركىتى توقۇمچىلىق ماشىنىسى ياساش ئورنىدا تويوتا ئاپتۇمبىل ياساش زاۋۇتىنى قۇردى.
1936.يىلى تويوتا AA تىپلىق كىچىك ماشىنا دۇنياغا كەلدى.
1937.يىلى تويوتا ئاپتۇمبىل سانائىتى شىركىتى دۇنياغا كەلدى.(دەسلەپكى مەبلىغى 12مىليۇن ياپۇنىيە يىنى)
1938.يىلى ئەسلىدىكى زاۋۇت رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
1950.يىلى سودا كىرزىسى(پايچىكلەرنىڭ گەپ تالىشىپ قىلىشى)سەۋەپلىك تويوتا ئاپتۇمبىل سىتىش شىركىتى قۇرۇلدى.
1951.يىلى كاللا قاتۇرۇش لاھىيە تۈزۈمى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
1957.يىلى ئامىرىكىغا تۇنجى ئاپتۇمبىل ئىكىسپورت قىلىندى.ئامىرىكىدا تويوتا ئاپتۇمبىل سىتىش شىركىتى قۇرۇلدى.
1959.يىلى يۇەندىڭدىكى زاۋۇت قۇرلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
1962.يىلى كونا پايچىكلار باياناتى ئىمزالاندى.
1965.يىلى Deming مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
1966.يىلى COROLLA (گۈلتاج) ئاپتۇمبىلى دۇنياغا كەلدى. ھىنو ئاپتۇمبىل سانائىتى شىركىتى بىلەن كەسپىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق باشلاندى.
1967.يىلى دەيھاتسۇ ئاپتۇمبىل سانائىتى شىركىتى بىلەن كەسپىي ھەمكارلىق باشلاندى.
1972.يىلى ياپۇنىيەنىڭيىللىق ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي سانى 10 مىليۇنلۇق ئۆتكەلدىن بىسىپ ئۆتتى.شۇ يىلى تويوتا شىركىتى جۇڭگو ئاپتۇمبىل سانائىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ياپۇنىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
1974.يىلى تويوتا مالىيە گوروھى قۇرۇلدى.
1975.يىلى تۇرالغۇ ئۆي كەسپى ساھەسىگە كىردى.
1982.يىلى تويوتا ئاپتۇمبىل ياساش شىركىتى ۋە تويوتا ئاپتۇمبل سىتىش شىركىتى رەسمىي ھالدا بىرلىشىپ تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى بولۇپ قۇرۇلدى.
1983.يىلى لىكساس ئالىي دەرىجىلىك ئاپتۇمبىلىنى ياساش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1984.يىلى ئامىرىكا ھەممىباپ ئاپتۇمبىل شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى NUMI زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
1988.يىلى ئامىرىكا كىنتاكى شىتاتىدىكى مۇستەقىل مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان TMMKزاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
1990.يىلىCOROLLA (گۈلتاج) ئاپتۇمبىلىنىڭ سىتىلىش مېقدارى 15 مىليۇنغا يەتتى.
1992.يىلى ئەنگىلىيەدىكى مۇستەققىل مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان TMUK شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
1997.يىلى ئارلاشما ئېنىرگىيەلىك PRIUS ئاپتۇمبىلى بازارغا سىلىندى.
1998.يىلى ئىندىيانا شىتاتىغا قۇرۇلغان TMMI زاۋۇتى ۋە غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىغا مۇستەققىل مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان TMMWV زاۋۇتى ئىشقا كېرىشتۈرۈلدى.
1999.يىلى تويوتا شىركىتىنىڭ پېيى لوندۇن ۋە نيۇيۇركتا بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سىلىندى.شۇ يىلى ياپۇنىيە ئىشلەپچىقارغان يىغىندا ئاپتۇمبىل سانى يۈز مىليۇنغا يەتتى.ھىندىستاندىكى زاۋۇتى قۇرلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2000.يىلى جۇڭگو سىچۈەن تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2001.يىلى فىرانسىيەدىكى TMMF زاۋۇتى قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2002.يىلى جۇڭگو 1.ئاپتۇمبىل گورۇھىي بىلەن ئوموميۈزلۈك كىلىشىم ھاسىل قىلىپ،جۇڭگو تىيەنجىن تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى(بۈگۈنكى تىيەنجىن1.ئاپتۇمبىل تويوتا ئاپتۇمبىل چەكلىك شىركىتى) قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2004.يىلى جۇڭگو گۇاڭجۇ تويوتا ئاپتۇمبىل شىركىتى قۇرۇلدى.
2005.يىلى لىكساس ماركىسىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى سىتىش ئورنى تىجارەت باشلىدى.يىپيىڭى CROWN (خانتاج) ئاپتۇمبىلىنى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىش رىئاللىققا ئايلاندى.گۇاڭجۇ تويوتا ماتور چەكلىك شىركىتى AZ ماتورى ئىشلەپچىقىرىلىپ ئېكىسپورت قىلىندى.PRIUS ئالاشما ئېنىرگىيەلىك ئاپتۇمبىلىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىپ جۇڭگودا سىتىلدى.
2006.يىلى گۇاڭجۇ تويوتا ئاپتۇمبىل چەكلىك شىركىتى CAMRY ئاپتۇمبىلىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقاردى.لىكساس ماركىسىدىكى ئۈچ يۈرۈش ئاپتۇمبىل ES350、IS300、LS460 جۇڭگو بازىرىغا كىردى.
2006.يىلى تىيەنجىن تويوتا چەكلىك شىركىتى COROLLA ئاپتۇمبىلىنى ئىشلەپچقاردى.
2009.يىلى تويوتا ئارلاشما ئېنىرگىيەلىك ئاپتۇمبىلىنىڭ ئومومىي سېتىلىش سانى 2مىليۇنغا يەتتى.
2014.يىلى3.ئاينىڭ19.كۈنى،ئامىرىكا ئەدىلىيە مېنىستىرلىكى بايانات ئىلان قىلىپ،تويوتا شىركىتنىڭ 1مىليارد200مىليۇن دوللار جىرىمانە تۆلەپ ئاپتۇمبىل سۈرئىتىنىڭ ئىشىپ كىتىش ۋەقەسىنىڭ جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.تويوتا شىركىتى شۇ سەۋەپلىك ئامىرىكا ئېستىمالچىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 00:11:07

كارخانا ماركىسى:

TOYOTA ماركىسىنىڭ مەزمۇنى (1989.يىلى10.ئايدا بىكىتىلگەن)

TOYOTA ئاپتۇمبىلىنىڭ ھازىرقى ماركىسى 1989.يىلى10.ئايدا ئىلان قىلىنغان.TOYOTA شىركىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە،لاھىيلىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا ئوڭ سول تەرىپى سېممىتىرىك بولسان ئىللىپىس شەكىللدىن تەركىپ تاپقان.ئىللىپىس شەكىلنىڭ ئوتتۇرىدا ئىككى ئەگرى سىزىق بولۇپ بۇ ئاپتۇمبىل ياسىغۇچى بىلەن ئېستىمالچىنىڭ ئوي-پىكىرىنىڭ بىردەكلىكىگە ھەمدەTOYOTA نىڭ بىرىنجى ھەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.دانە ئىللىپىس شەكىل T ھاسىل قىلىش بىرگە ئۇ «ئىستىمال قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ روھىي ئۈيۈشمىسغا» ئىنىقىما بىرىدۇ.
ئارقىدىكى بوشلۇق بولسا TOYOTA نىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى دۇنيا مېقياسىدا تەرەققىي قىلدۈرىدىغانلىقىنىڭ،كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ،كائىناتقا يۈزلىنىپ توختاۋسىز قانات قاقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەھسۇلات دائېرسى

تويوتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاقە دائىرىسى :ئاپتۇمبىل،پولات تۈمۈر،سىتانۇك،ئېلېكترون،يىپ-توقۇلما ئۈسكۈنىلىرى،تالادىن ئىشلەنگەن توقۇلما بويۇملار، ئائىلە-كۈندىلىك تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرى،خىمىيە سانائېتى،قۇرلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرلۇش-قوراشتۇرۇش قاتارلىقلار.

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 00:11:55

باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلىپ ئىنكاس شەكىلدە يوللىغانلىرىمنى تىمىغا بىرلەشتۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:39:31

مىتسۇئى دېگىنى مىتسۇبىش   شۇمۇ ياكى ئۇ باشقا شىركەتمۇ ؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:46:28

تېخنىكا جەھەتتە خوندا يامانمىدۇ تويوتا مۇ ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 13:35:15

مىنۇتىغا 19 دانە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ھەقىقەتەن بىر سانائەت ئىمپرىيسىدە بۇ.
ئاۋۇ فۇجى شىركىتىنىڭ چوڭ پايچىكى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئاڭلىدىم .

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:40:17

Huqush يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 11:39 static/image/common/back.gif
مىتسۇئى دېگىنى مىتسۇبىش   شۇمۇ ياكى ئۇ باشقا شىركەتمۇ...

مىتسۇبىشى دېگەن سەنلېڭ . مىتسۇئىي دېگىنى سەنجىڭ. سەنلېڭ، سەنجىڭ دېگەن ھەر ئىككىلىسى خەنچە ئوقۇلۇشى، يەنى خەنلەر قويغان نام.

NEZERI يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 18:49:06

asalam يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 11:46 static/image/common/back.gif
تېخنىكا جەھەتتە خوندا يامانمىدۇ تويوتا مۇ ؟

تويوتا

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 00:22:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-19 00:28

ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يېزىۋاتىسىز. كۆپ رەھمەت.... بولسا، تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز... بۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنىڭ ئىملاسىمۇ توغرا چىقىپ كەتسە، تولىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كېتىدىكەن. ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر بار:
1. تىنىش بەلگىلىرى: تىنىش بەلگىسى ئەڭ ئاخىرقى سۆزدىن كېيىنلا قويۇلىدۇ، تىنش بەلگىسىدىن كېيىن بوشلۇق كېلىدۇ، تىنىش بەلگىسىدىن بۇرۇن بوشلۇق كەلمەيدۇ، مەسىلەن: ماشىنا گەۋدىسى، ئۇمۇرتقىسىمان ئاپتوموبىلقۇرۇلمىسى، مۇستەقىل تۆت چاق ئاسما قۇرۇلمىسى....
2. بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئىملاسى، توغرا ئىملا تۆۋەندىكىچە:
ئاپتوموبىل
ياپونىيە
مىقدارى
سېتىش
.... ۋاھاكازا دېگەندەك
بەت: [1]
: [تەرجىمە] تويوتا شىركىتى