history يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 17:20:17

دىسنىي شىركىتى



خەنزۇچە: 华特迪士尼公司

ئىنگلىزچە: The Walt Disney Company

قۇرۇلغان ۋاقتى: قۇرۇلغان ۋاقتى: 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

قۇرغۇچىسى: ۋولت دىسنىي (Walt Disney)

باش شتابىنىڭ ئورنى: ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتى بۇربەك (Burbank)

مەھسۇلاتلىرى: كىنو ۋە تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، باغچا، مېھمانساراي، ئويۇنچۇق، بالىلار كىتابلىرى قاتارلىقلار

تىجارەت سوممىسى:38 مىليارد 63 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2010-يىلى)

ساپ پايدىسى: 4 مىليارد 313 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2010-يىلى)

ئومۇمىي كاپىتالى: 39 مىليارد 342 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2010-يىلى)

تور بەت ئادرېسى: Disney.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى

دىسنىي شىركىتىنىڭ تولۇق ئىسمى The Walt Disney Company بولۇپ، قۇرغۇچىسى ۋولت دىسنىينىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، باش شتابى ئامېرىكىدا بولۇپ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت، ئاساسلىق كەسپى: كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى تەييارلاش، باغچا، ئويۇنچۇق، كۇتۇپخانا، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.پىكىسار كارتون ئىشخانىسى (Pixar Animation Studios)، Touchstone كىنو شىركىتى، Miramax كىنو شىركىتى، Hollywood كىنو شىركىتى،Buena Vistaفىلىم ۋە تېلېۋىزىيە شىركىتى، ESPN تەنتەربىيەسى، ئامېرىكا رادىئو شىركىتى (ABC) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارمىقىدىكى شىركەتلەر.

دىسنىي شىركىتىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

1923-يىلى~1939-يىلى

1923-يىلى: ۋولت دىسنىي ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى روي ئولىۋېر دىسنىي (Roy Oliver Disney) 10-ئاينىڭ 16-كۈنى كاپىتالى 3200 ئامېرىكا دوللىرى بولغان دىسنىي ئاكا-ئۇكا ئىشخانىسى (Disney Brothers Studio) نى قۇرۇپ، ئەلىس (Alice) كومىدىيەسىنى ئىشلىدى.

1926-يىلى: نامىنى دىسنىي شىركىتىگە ئۆزگەرتتى.

1927-يىلى: «ئەلىس كومىدىيەسى» ئاخىرلاشتى، ۋولت كارتون فىلىم «تەلەيلىك توشقان ئوسۋولد (Oswald the Lucky Rabbit)» توختامىغا ئېرىشتى.

1928-يىلى: «ئوسۋولد» فىلىمى توختامى بىكار قىلىندى، چاشقان مىكىي باش رول ئالغان، كىنو تارىخىدىكى تۇنجى ئاۋازلىق كارتون فىلىم «ۋىللىي پاراخوتى (Steamboat Willie)» ئىشلەندى.

1929-يىلى: «ئەخمىقانە سىمفونىيە (Silly Symphony)» نىڭ بىرىنچى بۆلىمى-ئىسكىلىت ئۇسۇلى

1930-يىلى: پلوتو (Pluto) پېرسوناژى تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقتى.

1932-يىلى: كارتون فىلىم پېرسۇناژى Goofyبارلىققا كەلدى.

1934-يىلى: ئۆردەك دونالد (Donald Duck) پېرسوناژى تۈنجى قېتىم بارلىققا كەلدى.

1937-يىلى: تۇنجى رەڭلىك كىنو «قار مەلىكە ۋە يەتتە پاپا» بارلىققا كەلدى.

1940-يىلى~1966-يىلى

1940-يىلى: ھازىرقى ئورنى كالفورنىيە شتاتى بۇربەككە كۆچۈپ كەلدى.

1941-يىلى: دىسنىنينىڭ ھەجىۋىي رەسىم رەسسامى بىكارغا ئىشلىگەن بولدى، چۈنكى ئەينى چاغدا ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، شىركەت ھۆكۈمەت ئۈچۈن جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇدىغان تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى.

1944-يىلى: شىركەتنىڭ مەبلىغى يېتىشمىدى، قار مەلىكە ۋە يەتتە پاپانىڭ تىياتىر نۇسخىسى غەلبىلىك ئورۇنلىنىپ، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

1949-يىلى: تۇنجى ئادەم رول ئالغان كىنونى ئىشلەشكە باشلىدى.

1954-يىلى: «Buena Vista شىركىتى» قۇرۇلۇپ، كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى ھەمدە « دىسنىي تاللانمىلىرى» نىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى باشلىدى.

1955-يىلى: كالفورنىيە شتاتى ئاناخېيمغا جايلاشقان دىسنىي كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قۇرۇلىشى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى.

1961-يىلى: دىسنىي شىركىتى كىچىك ئېيىق ۋىننىي (Winnie the Pooh) نىڭ بارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇ پىرسوناژ تا بۈگۈنگە قەدەر يۇقىرى قىممەت يارىتىپ كەلدى.

1964-يىلى: دىسنىي دۇنياسى قۇرۇلۇشقا باشلىدى، شىركەت فلورىدا شىتاتىنىڭ ئورلاندوغا يېقىن جايىدا يەر سېتىۋالدى.

1966-يىلى ۋولت دىسنىي كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، روي ئولىۋېر دىسنىي شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

1967-يىلى~1984-يىلى

1967-يىلى: دىسنىي دۇنياسى، قانۇنىي كېلىشىمنى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى سېلىشقا باشلىدى.

1971-يىلى: ئورلاندوغا جايلاشقان دىسنىي دۇنياسى قۇرۇلىشى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى، 3 ئايدىن كېيىن روي ئولىۋېر دىسنىي كېسەل سەۋەبىدىن ئادەمدىن ئۆتتى.

1977-يىلى: روي ئولىۋېر دىسنىينىڭ ئوغلى ئىشلىگەن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

1979-يىلى: دون بلۇز (Don Bluth) بىر تۈركۈم ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كارتون ئىشلەش بۆلىمىدىنئايرىلدى. تۇنجى يېتەكچى كىنو «قارا ئۆڭكۈر» ئېلان قىلىندى.

1981-يىلى: سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ پىلانى ئېلان قىلىندى.

1982-يىلى: كەلگۈسى دۇنيا مەركىزى دىسنىي دۇنياسىدا ئېچىلدى.

1984-يىلى: Touchstone كىنوسى بارلىققا كەلدى.

1985-يىلى~1999-يىلى

1985-يىلى: تېلېۋىزور ئۈچۈن كارتون فىلىم ئىشلەشكە باشلىدى، «ياغاچ قورچاق» نىڭ سىن نۇسخىسى تارقىتىلىپ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.

1986-يىلى: تارماق شىركەت Touchstone شىركىتى تۇنجى R دەرىجىلىك كىنونى تارقاتتى؛ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى شىركەتنىڭ نامى «ۋولت دىسنىي شىركىتى» گە ئۆزگەرتىلدى.

1989-يىلى: دىسنىي جىم ھەنسون (Jim Henson) نىڭ شىركىتى Muppets نى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1990-يىلى: جىم ھەنسون ئالەمدىن ئۆتۈپ سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1996-يىلى: شىركەت «Disney Enterprises» نامىنى قوللاندى ھەمدە ئامېرىكا رادىئو شىركىتى ۋە Jumbo Pictures نى سېتىۋالدى.

1998-يىلى: دىسنىي دۇنياسى دىسنىي ھايۋاناتلار پادىشاھلىقى ئېچىۋېتىلدى.

21-ئەسىر

2001-يىلى: دىسنىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقى، پۇل يىغىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن «دەۋر ئاگاھلاندۇرۇشى (Time Warner)» تەرىپىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

2002-يىلى: دىسنىي شىركىتى سكۇئار شىركىتى (Square Company) بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇنجى مەھسۇلاتى «پادىشاھنىڭ يۈرۈكى (Kingdom Hearts) نى ئىشلىدى.

2003-يىلى: «كارىب دېڭىز قاراقچىسى» دىسنىينىڭ تۇنجى PG-13 نى باھالىغان كىنوسىغا ئايلاندى.

2004-يىلى: پىكىسار (Pixar) تۇنجى قېتىم سۆھبەتتە مەغلۇپ بولدى؛ دىسنىي «دىسنىي كارتون كارتون فىلىم مەيدانى» نىڭ مەيدانىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېردا ئىشلەشكە ئۆزگەرتتى.

2005-يىلى: شىياڭگاڭ دىسنىي باغچىسى دەم ئېلىش رايونى شىياڭگاڭدا ئېچىلدى.

2006-يىلى: دىسنىي 7 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا پىكىسار (Pixar) نى سېتىۋېلىپ، شىركەتكە قوشىۋالدى.

«ئوسۋولد» نىڭ بارلىق ھوقۇقى دىسنىي شىركىتىگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

2009-يىلى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، شاڭخەي پۇدۇڭدا دىسنىي باغچىسى قۇرۇش تەستىقلاندى، دەسلەپتە قۇرۇلۇشنى 2014-يىلى پۈتتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

2012-يىلى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دىسنىي 4 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا لۇكاس كىنوچىلىقى (Lucasfilm) نى قۇرغۇچىسى جورج لۇكاس (George Lucas) نىڭ قولىدىن سېتىۋالدى.

2013-يىلى: 5-ئاينىڭ 6-كۈنى دىسنىي «يۇلتۇز ئۇرۇشى» كومپيۇتېر ئويۇنىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىنى ئامېرىكىدىكى 3-چوڭ ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئىشلەش سودىگىرى Electronic Arts (EA) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى، ئوكيان تورى ئوكيان قامۇسىدىن كۆچۈرۇلدى.

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 18:16:53

مۇشۇنداق دۇنياۋىي شىركەتلەر توغۇرلۇق ماتىرىيال كۆرسەم قالتىس ھاياجانلىنىپ كىتىمەن.بىر كۈنلەردە مەنمۇ شۇنداق بىر ئىشنى قىلالايدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 18:55:04

nur يوللىغان ۋاقتى2014-4-17 18:16 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق دۇنياۋىي شىركەتلەر توغۇرلۇق ماتىرىيال كۆرسە ...

ئوتتەك ئىستەكلا بولىدىكەن،سىزمۇ قىلالايسىز.
دىسنېينىڭ ئىجاتچىسى ۋالىت دىسنېي ئەسلىدە كىرگۈدەك ماكانىمۇ يوق،رەسساملىقتىن ئاز-تولاخەۋىرى بار بىر يالاڭتۆش،ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىگە قىشتا ئوت قالىغۇدەك كۆمۈرىمۇ يوق،سوغۇق ئۆيدە دۈگدىيىپ يېتىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەم،شۇ ئۆيىدە چاشقانلار گۈلدۈرلەپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈيدىكەن،كۈندە زىرىكىشلىكتەچاشقانلارنىڭ قىزىقارلىق ھەركىتىنى كۈزىتىپ يېتىۋېرىپ كاللىسى تۇساتتىنلا مۇشۇ چاشقانلارنىڭ قىزىقارلىق ھەركىتىنى چاتما رەسىم قىلىپ سىزىپ بېقىش ئويىغا كېلىپ سىزىشقا باشلىغانكەن،ئىش شۇنداق ئاددىلا ئوي-پىكىردىن باشلانغان،رەسىملىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بۇ گاداي داۋاملىق سىزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان،كىيىنچەقولى ئاز-تولا پۇل كۆرگەندىن كىيىن،بۇنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەش ئويى بىلەن كارتون فىلىمگە تۇتۇش قىلغان،قالغىنى تەدرىجى زورىيىپ بىز كۆرۈۋاتقان ھازىرقى ھالەت شۇ.
سىز ئۇنىڭغا قارىغاندا تەلەيلىك،چاشقان قاينايدىغان ئۆيدە ياتمىغانسىز،شارائىتىڭىزدىن تولۇق پايدىلانسىز سىزمۇ ھەرقانداق ئىشنى قىلالايسىز.

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 21:31:32

kuchtunggur يوللىغان ۋاقتى2014-4-17 18:55 static/image/common/back.gif
ئوتتەك ئىستەكلا بولىدىكەن،سىزمۇ قىلالايسىز.
دىسنېين ...

دىسنى شىركىتى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قىززىقىپ مەنمۇ تويوتا شىركىتى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىۋاتسام ماۋۇ تىڭشۈن تور كۆرگۈ دىگەن بىر نىمە ئۆزىچە ئۆچۈپ قىلىپ ھەممىسى يوق بولدى...

مەنمۇ يامان ئەمەس سودا قىلىۋاتىمەن.ئىنشائاللاھ...ئۇلاردىن چوڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىساقمۇ ئاللاھ ئىگەم كىچىكىگە بولسىمۇ ئىگە قىلا دىگەن زور ئۈمىدتە مانا ھازىر خىبىي ئۆلكىسىنىڭ خەنسۇلاردىن باشقا ئىت-ئىشەكمۇ كەلمەيدىغان سەھرالىرىدا مال سىتىۋالىمەن دەپ كۆزگە ئۇيقۇ كەلمەي ئىزدىنىشنى ئىچىپ ئىنكاس يىزىپ كۈندۈزۈ ئاچ قورساق بازار كىزىپ يۈرۈپتىمەن.

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:52:37

nur يوللىغان ۋاقتى2014-4-17 21:31 static/image/common/back.gif
دىسنى شىركىتى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قىززىقىپ مەن ...

خىبىيدىن ئاساسلىقى ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر كۆپ چىقىدىغۇ دەيمەن.

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:49:58

sada425 يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 08:52 static/image/common/back.gif
خىبىيدىن ئاساسلىقى ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇنا ...

مەن دەل شۇ ماشىنا زاپچاس سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:52:40

لۇكاسنى قوشۇۋاپتۇدە. ياخشىغۇ ئەمىسە. بىر چاغلاردا لۇكاس شىركىتى بىلەن فوكىس شىركىتى بىرلىشىپ 100 قىسىملىق پىلانتلار ئار ئۇرۇش فىلىمىنى ئىشلىمەكچى دەپ گەپ چىققانتى. دىسنېنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا بۇ پىلانمۇ ئەمەلىيلىشىپ قالغۇدەك...

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 19:10:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sada425 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 19:43

nur يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 10:49 static/image/common/back.gif
مەن دەل شۇ ماشىنا زاپچاس سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن

ئىككىمىز ئوخشاش كەسىپ كىلىدىغاندەك قىلىمىز ، ئاساسلىقى قايسى خلدىكى زاپچاسلار    .    مەن ئاساسلىقى ئىلىكتىر قىسمى بىلەن شۇغۇللىنىمەن

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:20:43

بىركۈنلەدە بىزدىمۇ بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: دىسنىي شىركىتى