irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 15:23:04

ئىغۋا تارقاتقۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 15:26  

                          مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «قىزىل چىراقتىن بېسىپ ئۆتسىڭىز ئېتىۋېتىدۇ» دەپ ئىغۋا تارقاتقۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىدىكى ياش ئابدۇباسىت ئابلىمىت موتوسىكلىت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلار ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرغان، ئابدۇباسىت ئابلىمىت ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە قورالنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، ئەتىسى سەھەردە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

    بۇ قېتىمقى ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قورال تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر يامان غەرەزدە پاكىتنى بۇرمىلاپ، «قىزىل چىراقتىن بېسىپ ئۆتسىڭىز ئېتىۋېتىدۇ» دەپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، بەزى تور ئەھلى بۇنى كۆپتۈرۈپ، پىتنە-ئىغۋا توقۇغان ۋە تارقاتقان. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئا xx چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋاسىنى كۆپلەپ تارقاتقانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى قانۇنغا ئاساسەن، ئامانلىق ساقلاش بويىچە 15 كۈن توختىتىپ قويۇلغان.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 17:04:30

ئىبرەت ئېلىپ،  قىزىل  چىراقتىنمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەيلى(ئالدى تەرەپتە يانغان قىزىل چىراق دىگەن  ماڭساڭ بولمايدۇ دىگەن گەپكەنغۇ؟ بىخەتەر قاتناش قائىدىسىدە. )قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغاندا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ئادەم ئۆلىدىغان ئېھتىماللىقى يۇقۇرى. .
ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىنمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەيلى(نىمە قىلىمىز بۆسۈپ ئۆتۈپ؟  ئامانلىق ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەۋاتسا ئۇلار.)، قولغا  تاياق، ياكى تاش، ياكى داڭگالدەل ئادەم زەخىملەندۈرەلەيدىغان بىرەر نەرسە كۆتەرگەن ھالدا  ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ  قالماسلىق  كېرەك. ھەر ۋاقىت جىدىىي ھالدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادەم ،سىزنى  ھۇجۇم قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالسا  بىكاردىن بىركار ھادىسە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
جىم تۇرغان ئادەمگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك( ،
ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتمايلى(ئەمەلىيتتە قانداق بولغانلىقىنى بىلمەي ، ئاقمۇ قارىمۇ  بىلمەي ھاياجان بىلەن ئۇچۇر تارقاتقان بىلەن  چاتاق چىقىدۇ)،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:58:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-18 10:05  

مۇشۇ بىر ھەپتىنىڭ ياقى، كوچا ئاپتوبوسى بىكەتكە كىرىشىگە ئالدىراپ يۈگرەپ ماڭغاندا، ياكى پىيادىلەر يېشىل چىرىقىغا 4-5 سىكونت قالغاندا يۈگرەپ ماڭغان ۋاقتىمدا، بىرەرى مېنى ئورۇنسىز ئاۋارە قىلىپ قالارمۇ دەپ خۇدۇكسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. توۋا.. ھېلىمۇ ياخشى بېكەتتىكى خادىملار يىل بويى كۆرۈپ تۇرغاچقا "توختا" دەپ ئورۇنسىز چاقىرمايدۇ..
ئاشۇنداق ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت قۇراللىق خادىملارنى تۇرغۇزمىسا بولغۇدەك. ئىشقا كېچىكىشتىن ئەنسىرەپ يۈگۈرگەنگە كۆڭۈل ئاغرىقى كەلسە راستلا ئەرزىمەيدۇ
بەت: [1]
: ئىغۋا تارقاتقۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى