TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 11:08:09

تاشپولات: 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان قاراتەنلىك ئوقۇغ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 11:09  

8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان قاراتەنلىك ئوقۇغۇچى

تاشپولات روزى



بۇ خەۋەر 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدە كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى. نيۇيورك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  Kwasi Enin بولسا ئامېرىكانىڭ شەرقىگە جايلاشقان 8 دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ جەمئىي 12 ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، يۇقىرىدا دېيىلگەن 8 ئالىي مەكتەپتىن سىرت يەنى نيۇيورك شتاتىدىكى 3 شتات ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن Duke ئۇنىۋېرسىتېتقىمۇ ئىلتىماس قىلىپ قوبۇل قىلىنغان. يۇقىرىدىكى داڭلىق 8 ئالىي مەكتەپ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

Harvard, Yale, Brown, Columbia, University of Pennsylvania, Dartmouth, Princeton and Cornell .

بۇ مەكتەپلەرگە كىرىش ئامېرىكادا بەكمۇ تەس بولۇپ، مەسىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 5.8% لا قوبۇل قىلىنىدۇ.



Kwasi Enin بۇ يىل 17 ياشتا، ئۇنۇڭ ئاتا-ئانىسى سېستىرا بولۇپ گانا (Ghana) دۆلىتىدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.  Kwasi Enin ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرگىنىدە ئۇنۇڭ نەتىجىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 647 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 11 ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانسات (Scholastic Assessment Test)SAT كە قاتنىشىپ 2250 نومۇر ئالىدۇ. بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 2400.  Kwasi Enin بولسا يەنى ئىسكىرىپكا قاتارلىق 3 چالغۇ ئەسۋابىنى چالالايدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ ھەم بىر نەچچە تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ خالىسانە ئىشلەپ بېرىدۇ.

Kwasi Eninنىڭ قايسى مەكتەپنى تاللىشى ناھايىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ، ئۇنۇڭ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىغا ئاساسلانغاندا ئۇ Yale ئۇنىۋېرسىتېتنى تاللاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. بۇنداق بۆلىشى، Yale ئۇنىۋېرسىتېت بولسا بىر ئائىلىگە ئوخشاش بولۇپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت بار ئىكەن. ئۇنۇڭ ئۈستىگە Yaleنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك  بىئو-مېدىتسىنا ئىنژېنېرلىق پروگراممىسى (biomedical engineering program) بىلەن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كۈچلۈك مۇزىكا پروگراممىسى بار ئىكەن. ئۇ كەلگۈسىدە مېدىتسىنا(medicine) ئىلمىنى ئۆگەنمەكچى.

Kwasi Enin، مۇخبىرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تەۋسىيەرىڭىز بار دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "مەكتەپتە نىمىنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنىڭ بىلەن ئەپلەشكىن ھەرگىزمۇ مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ئۆزەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە. ئۇ يەنە ئوقۇش بىلەيلا بولۇپ كەتمەي، مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆزەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى تەرەقى قىلدۇرغىن دەيدۇ"

Kwasi Eninنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا تەربىيىلەشتە "تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاتا-ئانا" دەپ نام ئاپتىكەن. ئۇلار بالىسىنى تىك ئۇچار ئايروپىلاندەك نەگە بارسا شۇ يەرگە بېرىپ كۆزىتىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار يەنە دائىم بالىسىغا، "كاللاڭلا بولسا باشقىلار قىلالىغان نەرسىنى سەنمۇ قىلالايسەن، شۇڭا بىر ئىشنى قىلساق ئەڭ ياخشىسىنى قىلغىن دەيدىكەن". Kwasiنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشىنى قوللاپ ئۇنۇڭغا ياردەم قىلىدىكەن.

مېنىڭچە بالىنىڭ بىلىملىك بۆلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم. ئاتا-ئانا بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىنلا نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم. مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قىزىقتۇرۇشنى بىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانا بالىغا مەجبۇرلاپ كەسىپ تاللاپ بەرمەسلىكى لازىم بىراق بەزى بىر مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى بالىغا كىچىكىدىن باشلاپ قىزىقتۇرۇشى لازىم. ئەگەر بالىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە چىققان ۋاقتىدا ئاشپەزلىكنى ياخشى كۆرگەن بولسا ئۇنى ئىككىلەنمەي ئاشۇ كەسىپكە يوللاڭ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر نوقۇل كەسىپ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس!

مېنىڭچە يەنە ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ كۈچلۈك بۆلىشىنىڭ سەۋەبى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگە قاراپلا قوبۇل قىلماستىن ئۇنۇڭ مەكتەپ سىرتىدا قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغىمۇ ئاساس قىلغانلىقىدۇر. ئوقۇشنىمۇ ياخشى ئوقۇغاچ باشقا ئىشلارنىمۇ ياخشى ئېلىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئېڭى يۇقىرى بولۇپ ئىجادچانلىق روھى ئۈستۈن تۇرىدىكەن. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى تولۇق نومۇر ئالغان بىراق مەكتەپ سىرتىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان بالىلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن، 2008-يىلى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا يەنى SAT كە قاتناشقان بولۇپ ئىمتىھاندا تولۇق نومۇر ئالىدۇ. ئۇ بالا  Stanford بىلەن Princetonنى تاللىغان بولسىمۇ رەت قىلىنىدۇ.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 14:46:01

تاشپولات دوكتۇرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
بۇ ياشلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى ياشاشنىڭ ھەقىقى مەنىسى ھەققىدە ئويلاندۇرىغان ئېسىل تېما ئىكەن.
مەكتەپنى خۇددى تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالغاندەك بەھۇزۇر تاللاش...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 15:01:33

دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇش نەتىجىسىدىن باشقا تەرەپلىرىگىمۇ تەلەپ قويىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.  ئەكسىچە جۇڭگودا بولسا ئۆگىنىش ماشىنىلىرىنى تەربىيلەيدۇ، ئەتىۋارلايدۇ.
ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا قوشنا سىنىپتا بىر يولداش بولىدىغان، سىنىپتىن قايتقاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى  ئېلىپلا ياتاققا قايتىپ، ئۈستىدىكى كارۋىتىغا چىقاتتى دە ئۆگىنىشنى باشلايتتى. كەچ بولغاندا ئانىسىغا تېلىفون ئۇرۇپ بىرەر سائەت پاراڭلىشاتتى، يەنى بۈگۈن قايسى پەندىن قانداق مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىرمۇ-بىر  دوكلات قىلاتتى، ھەر كۈنى مۇشۇ رېتىمدا ئۆتەتتى. ئانىسى چىش پاستىسىدىن تارتىپ، كوسار-پايپاقلىرىغىچە ھەممىنى ئەكىلىپ بېرەتتى. شۇڭا ئادەتتە قانچىنچى نومۇرلىق ئاياق كىيىدىغانلىقىنىمۇ ئانىسىدىن سورايتتى. شەنبە-يەكشەنبىدىمۇ كارىۋاتتىن چۈشمەيتتى. يا بىرەر قېتىم توپ ئوينىغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى.  شۇنىڭغا چۇشلۇق نەتىجىسىمۇ يىللىق بويىچە ئالدىدا تۇرغاچقا بىرەر يىلدىن كىيىنلا يەتتە يىلللىق سىنىپقا(باكلاۋۇرلۇق بىلەن ماگېستىرلىقنى قوشۇپ ئوقۇيدىغان) يۆتكىلىپ چىقىپ كەتكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن قالتىس خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشىدە گەپ يوق. ئەگەر چەتئەلدە بولسا بەلكىم پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلامدىكىن دەيمەن.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 15:20:29

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 15:01 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قى ...

توغرا دەيسىز!
بۇ تەرەپتە نەزىرىيە ئاساس، ئەمەلىيەت يوقنىڭ ئورنىدا، ياۋرۇپا، ئامېرىكا مائارىپىدا دەل ئەكسىچە. ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمەلىيەت جەريانىدا نەزەرىيەنى يەكۈنلەپ چىقىدىكەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 16:59:49

رەسمىي شائىركەن ما گۇي.

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:10:45

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 15:01 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قى ...

راست دەيسىلەر، ھازىرقى جۇڭگۇ مائارىپپى ئۈگىنىشكە بەك ئېتىۋار بېرىپ ، تەپەككۇر قىلىشقا ، تەسسەۋۋۇر قىلىشقا سەل قارايدۇ  . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ، قىزىقىشىنى ئاستا ئاستا خورىتىپ تۈگىتىدۇ  .

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:13:32

ئەمما  ھەممە مەسئۇلىيەتتنى مۇھىتقىلا ئارتىپ قۇيۇشمۇ دۇرۇس ئەمەس ئەلۋەتتە .  شەخسنىڭ ئىزدىنىش، ئىنتىلىش روھىغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك  .

Heqiqet2013 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 12:03:57

تاشپولات روزى مۇئەللىمنىڭ ۋاقتى بەرىكەتكە تولسۇن! مېنىڭچىمۇ ئەمىلىيەت بەك مۇھىم،ئەمىلىيەت جەريانىدىكى نەزىرىيە ئاساس قىلىنسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئۆزۈمنى ئېيتسام كىچىكىمدىن رەسىم دەرسىنى ھېچ چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىپتىكەنمەن، ھازىر ئويلىسام شۇ ئىشنىڭمۇ ھازىرقى بەزى كۈزىتىشىم، تەسەۋۋۇرۇمغا كۆپ تەسىرى بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن.
نېمىنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنىڭ بىلەن ئەپلەشكىن دەپ توغرا دەپتۇ، بەزى مۇھىم نەرسىلەرگە قىزىقىشنى ئۆزى يېتىلدۈرمىسىمۇ بولمايدۇ، لېكىن جەمئىيەت ئېھتىياجلىقمۇ دەپ سورىغاندىن كۆرە ئۆزى قىزىققان كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشمۇ ئەڭ مۇھىمكەن. ئەلۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ پۈتۈنلەي چەتكە قېقىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەسقۇ؟!
ئىشقىلىپ يەنىلا بەك قاتتىق تىرىشمىساق بولمايدۇ. سىرىتقى پائالىيەتلەرنى قىسقارتىپ قاتتىق ئورۇندۇق، قاتتىق ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئۆگەنمىسەك، بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تاپالماي ئاخىرىقى ئۆمرىمىز ھەسرەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ جۇمۇ..ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپرەگى مېنىڭچە مۇشۇ تەڭ قىسلىقتا دەپ قارايمەن. تولا سۆزلەپ كەتتىممۇ قانداق، ئىنگىلىزتىلىدا يېڭى سۆزلۈك يادلاۋاتقىنىمنىمۇ ئۇنتۇپلا قاپتىمەن، ئەمىسە داۋاملاشتۇراي...
بەت: [1]
: تاشپولات: 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان قاراتەنلىك ئوقۇغ...