windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 21:15:35

ۋىتىگىنسىتېيىن ۋە پەلسەپە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-16 21:16

ۋىتىگىنسىتېيىن ۋە پەلسەپە (ئوكىسفوردئاممىباپئوقۇشلۇقى)
         (كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى)
بۇ كىتاپنى ئوقۇپ يېرىم بولغاندا تاشلاپ قويماسلىق ۋە كىيىن بۇ كىتاپنى ئوقۇغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقم ئۈچۈن بۇ كىتاپنىڭ ئارىسىدىكى بەزى مۇھىم دەپ قارىغان بۆلەك ۋە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىپ بۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم.ئاخىرىنى بۇ كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا داۋاملىق يېزىپ ماڭىمەن.

1،ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ بۇ تەشەببۇسىلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىسى شۇيەردىكىپەلسەپنىڭ توغرا ۋەزىپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بولسا‹‹دىگىلى بولىدىغان يەنى تەبىئەت پەنلىرى تېمىلىرى (يەنى پەلسەپە بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان نەرسە)دىن باشقا ھىچنىمىنى دىمەسلىك،ھەمدە باشقىلار بەزى مىتافىزىكىلىق نەرسىلەرنى دىمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا ئۇنىڭ مەنىنى ئۇنىڭ تېمىسىدىكى مەلۇم بەلگىلەرگە يۈكلىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش(لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسىدا 6.53).لېكىن بۇ پاسسىپ خۇلاسە ئىشنىڭ پۈتۈن قىياپىتى ئەمەس،چۈنكى ۋىتىگىنسىتېيىنچە بولغاندا ئېتىكا،ئىستىتكا،دىن ۋە ‹‹كىشلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرى››(لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسىدا6.52)گە ئوخشاش مۇشۇ تۈردىكى مەسىلىلەربۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن چىقىرىپ تاشلانغان بولماستىن،بەلكى ئۇلار توغرۇلۇق بىر نەرسە دىمەكچى بولۇنغاندا ئاندىن مەنىسىز نەرسىلەرنىڭپەيدا بولغانلىقىدا.‹‹بەزى نەرسىلەرنى ھەقىقەتەنمۇتىل بىلەن ئىپادىلىگلى بولمايدۇ.ئۇلار ئۆزى ئارقىلىق ئەكىس ئېتىدۇ.ئۇلار سىرلق نەرسىلەر››(لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسىدا 6.522)
2،،ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ ۋەزىپىسى تىلنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرىش،مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىز كېسىپ ئېيتقان تېمىغا مەنىنىڭ قانداق يۈكلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش.
3،،ۋىتىگىنسىتېيىنچە بولغاندا تىلنىڭ چېكى ئىدىيەنىڭ چېكى.ئالدىنقىسنى تەتقىق قىلىش كىينىكىسىنى تەتقىق قىلغانغا ئوخشاش.بىز چوقۇم باشتىن ئاخىرى ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ ئىدىيەسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى مەھكەم ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك،چۈنكى بۇ ئىنتاينى مۇھىم.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 07:53:20

«ۋىتىگىنسىتېيىن »نىڭ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە يىزىلىشى قانداق بولغىيتى ، بۇ ئاتالغۇنى چۇشىنەلمىدىم.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 08:09:30

matimatika يوللىغان ۋاقتى2014-4-17 07:53 static/image/common/back.gif
«ۋىتىگىنسىتېيىن »نىڭ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە يىزىلىشى...

ۋىتىگىنسىتېيىن ئادەم ئىسمى،ئاتالغۇ ئەمەس.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-4-23 21:58):
路德维希·约瑟夫·约翰·维特根斯坦,德语:Ludwig Josef Johann Wittgenstein

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 09:41:27

ياخشى تېمىغا تۇتۇش قىپسىز، بۇرادەر.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 16:32:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-17 16:34

4،ۋاقتىنچە بىر قىسىم مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى بىرياققا قويۇپ قويساق،بىز بىر تېما(命题   proposition )نى مەلۇم ھۆكۈم ياكى تەشەببۇس تەرىپىدىن راس دەپ قارالغان پىكىر دىيەلەيمىز،مەسىلەن ‹‹بۇ ئۈستەل قوڭۇر رەڭلىك››‹‹بۇ كىتاپ ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ››‹‹يامغۇر يېغىۋاتىدۇ››.لېكىن تېما بىلەن تېمنى بايان قىلىدىغان جۈملىنى ئارىلاشتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.
جۈملە بىلەن تېما بىر-بىرىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ،بۇ خىل پەرقنى تۆۋەندىكى پاكىتتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:ئوخشىمىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا دىگەن ياكى يازغان ئوخشاش بولمىغان جۈملىلەر ئوخشاش بىر مەزمۇننى سۆزلەيدۇ ،يەنى ئوخشاش بىر تېمىنى ئىپادىلەيدۇ.ئوخشىمىغان ئادەملەر ئوخشاش ياكى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئىشلەتكەن ئوخشاش جۈملىلەر ئەكسىچە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇننى ،يەنى ئوخشاش بولمىغان تېمىنى بايان قىلۋاتقان بولۇشى مومكىن.مەسىلەن
<><><><<下雨>>‹‹يامغۇر يېغىۋاتىدۇ››دىگەنلەر،ئۇيغۇرچە،ئېنگىلىزچە،فىرانسۇزچە،گىرمانچە ۋە خەنزۇچىدىن كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ھەممىسى ئوخشاش بىر تېمنى يەنى ‹‹يامغۇر يېغىۋاتىدۇ››دىگەننى ئىپادىلەيدۇ.بۇ بىرىنچى خىل ئەھۋالنى كونكىرىت چۈشەندۈرىدۇ.ئەكسىچە مەن ‹‹بېشم ئاغرىۋاتىدۇ››ۋە يەنە سەنمۇ ‹‹بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ››دىگەن ۋاقىتتا،ئوخشاش جۈملىنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىلىشى نىڭ دەۋاتقىنى بولسا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىش(يەنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تېمىنى ئىپادىلەيدۇ)،بۇئىككىنچى خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچىدىن :بىرىنچى خىل ئەھۋالغا تازا قايىل بولماي ئويلاپ باقسام بۇنىڭ ئاساسى باركەن مەسىلەن بىرىنچى خىل ئەھۋالغا يەنە ‹‹قورسىقىڭ تويدىمۇ››‹‹كېپىڭ تويدىمۇ››
‹‹ئۇئالەمدىن ياندى››‹‹ئۇ ئۆلدى››‹‹ئۇ بەندىچىلىك قىلدى››‹‹ئۇ قازا قىلدى››‹‹ئۇ ئامانەتنى تاپشۇردى››دىگەنلارنى مىسال قىلىش مۆمكىنكەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 21:33:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-17 22:19

5،ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ تەلىماتىدا،تېما دىيىلگەن ياكى يېزىلغان ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى.
ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ دىيىشىچە،تىل بىلەن دۇنيانىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر خىل قۇرۇلمىسى بار.تىل تېمادىن تۈزۈلىدۇ،بۇ تېمىلار يەنە ئۇنىڭ ئاتالمىش‹‹تۈپ››تېمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرىكمە تېمىلاردىن ئىبارەت. تۈپ تېما بولسا يەنە ناملارنىڭ بىرىكىشىدىن بارلىققا كېلدۇ.ئىسىم بولسا تىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەشكىلى قىسمى.شۇنىڭغا ماس ھالدا،دۇنيا پۈتۇن پاكىتلاردىن تۈزۈلىدۇ،پاكىت بولسا ‹‹ئىش››تىن تۈزۈلدۇ،ئىش بولسا ئوبىكىتتىن تۈزۈلىدۇ.تىلنىڭ مەلۇم قۇرۇلمىسى دۇنيانىڭ مەلۇم قۇرۇلمىسىغا ماس كېلدۇ.دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەشكىلى قىسمى بولغان ئوبىكىت تىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەشكىلى قىسمى بولغان نام تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ.ناملار بىرلىشىپ تۈپ تېمانى شەكىللەندۈرىدۇ،تۈپ تېما ئىش بىلەن ماس كېلىدۇ.تۈپ تېما بىلەن ئىش ئۆز ئالدىغا يەنىمۇ بىر قەدەم بىرىكىش ئارقىلىق ئايرىم- ئايرىم ھالدا تېما ۋە پاكىتنى شەكىللەندۈرىدۇ.چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان بىر خىل مەنىدە،بۇ تېمىلار پاكىتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:10:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-18 12:14

6،تۈپ تىما بىلەن ئىش ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق مۇنداق بىر پاكىتنى مەنبە قىلغان،يەنى تۈپ تېمىنى تەشكىل قىلغان نام (ئىسىم)ئۇنىڭغا ماس بولغان ئىشنىڭ ئوبىكتىنى كۆرسىدۇ،ئىسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى لوگىكىدا ئىشتىكى ئوبىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ياكى كۆرسىتدۇ.بۇنداق ئەكىس ئەتتۈرۈش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن،تۈپ تېمىلاردىن تۈزۈلگەن تېمىلار ئاندىن مەنىگە ئىگە بولدۇ.بۇ ‹‹لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسىدا››نىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى بولغان ‹‹مەنىنىڭ سۈرىتى تەلىماتى››دۇر،ئۇ تىل بىلەن دۇنيانىڭ ئۆز-ئارا قانداق باغلىنىدىغانلىقنى چۈشەندۈرىدۇ،ھەمدە بىز تىلنى توغرا ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا مەنىنىڭ بىزنىڭ سۆزىمىزدە قانداق تۇرىدىغانلىقنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ .


ت: لوگىك دەلىلچىلەرنىڭ ئىسىمنى ئاساس قىلىشى بىلەن مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ پىئىلنى ئاساس قىلىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:42:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 19:55

7،قارىغاندا مەنىلىك ھالدا سۆزلىگىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ چېكى ئەڭ ئاخىرىدا تىل ۋە دۇنيانىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ‹‹كۆرسىتىش›› مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككىسنىڭ باغلىنىش شەكلى ئارقىلىق بېكىتىلدۇ.پەقەت مۇشۇنداق مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولغاندىلا بىزنىڭ بەلگىمىز(تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش شەكلىمىز)ئاندىن مەنىگە ئىگە بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئېتكا ،دىن ۋە ‹‹كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرى››نىڭ مەزمۇنى دۇنيانىڭ سىرتىدا --پاكىتۋە پاكتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىشنىڭ سىرتدا بولغاچقا،شۇڭلاشقا ئۇلار توغرۇلۇق ھېچنىمە دىگىلى بولمايدۇ.
ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ كۆز قارىشى بويچە بولغاندا،ئېتىكا ۋە دىن مەنسىدىكى نەرسىلەر ئۆزى ئەكىس ئېتىدۇ،ئۇلار توغرۇلۇقسۆزلەشكە بولمايدۇ.
‹‹لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسىدا›› نىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەقىقەتەن ئىتىكا ۋە دىنى قىممەتلەرنىڭ ئىگەللىگەن ئورنىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:45:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 19:46

8،ۋىتىگىنسىتېيىنچە بولغاندا،پەلسەپە ساھەسنىڭ ۋەزىپسى بولسا بىر تۈرلۈك ساپ ئۇقۇملاشقان تەتقىقاتنى تاماملاش،يەنى دۇنيا ۋە تىلنىڭ باغلىنىشدا كەم بولسا بولمايدىغان لوگىكىلىق شەرتنى بېكىتىش.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 19:54:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 20:19

9،ئوبىكىت ئاددى بولىدۇ،بۇ نوقتا ئوبىكتتا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.ئۆزگىرىش يۈ بېرىدىغنى ئوبىكتىنىڭ گۇرۇپپىلىنشى ياكى تىزىلىشى.
دۇنيانىڭ قۇرۇلمىسنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پاكىت،پاكىت بولسا ئىشتىن تۈزىلىدۇ،ئىش ئوبىكىتتىن تۈزىلىدۇ.
10،مەۋجۇت بولغان ئىش قايشى ئىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
9.1،ئۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى(بولۇش ھالىتى)نى مۇھاكىمە قىلغاندا،پاكىت،ئىش ۋە ئوبىكىتقا ئەمەلى مىسال كەلتۈرمىگەن،تىلنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەسۋىرلىگەندىمۇ تېما،تۈپ تىما ۋە ئىسىمغا ئەمەلى مىسال كەلتۈرمىگەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:06:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 20:22

11،ۋىتىگىنسىتېيىنچە بولغاندا،كىشىلەر دۇنيادىكى مەلۇم نەرسنى -پاكىتنى ئويلىغان ۋاقتتا،ئۇلارنىڭ ئويىدەل مەزكۇر پاكىتنىڭ لوگىكىلق سۈرىتىدۇر،ھەمدە تېما ئوي(ئىدىيە؟)نىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولغاچقا،شۇڭلاشقا تېمىنىڭ ئۆزىلا پاكىتنىڭ سۈرىتىدۇر.

12،تېمانىڭ يىغىندىسى تىلدۇر.(4.001 لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)
13،راس تېمىلارنىڭ يىغىندىسى بارلىق تەبىئەت پەنلىرىدۇر.(4.11لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 20:59:21

ئۇيغۇر چە كىتابمۇ ؟ ئەگەر تەرجىمە قىلىنمىغان بولسا   ئوقۇغاچ تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 21:01:29

بۇ خەنزۇچە كىتاپ،كىتاپنى پۈتۈن تەرجىمە قىلىشنى ئويلاپ باقماپتىمەن.لېكىن يۇقارقىلارنىڭ ئارىسىدىكى ت ھەرپى قويۇلغانلىرىدىن باشقىلىرى تەرجىمە .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:33:11

14،بىز كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرغانلىقنى قىسقىچە تەتقىق قىلىپ باقايلى.تېمنىڭ ھەقىقى قىممىتى شەكسىز بولۇشى كېرەك،بۇ نوقتا ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ تېما چىنلىقنىڭ سۈرىتى دىگەن كۆزقارىشىغا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم.تېمىنىڭ راس ياكى يالغان بولۇشى پۈتۈنلەي تېمىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.تېما بىلەن پاكىتنىڭ ئوتتۇرىسدا قىسمەن ياكى مۇجمەل ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى مومكىن ئەمەس.بىردىنبىر تاللاش بولسا ‹‹شۇ››ياكى ‹‹ئەمەس››،بىر تېمابىر پاكىتنىڭ سۈرىتى،ياكى ئەمەس. ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ دىيىشىچە ئىش چۇقۇم مۇشۇنداق،بۇنىڭ سەۋەبى تېمىنىڭ قۇرۇلىمىسىدىن،يەنى تېما بولسا تۈپ تېمىنىڭ ھەقىقى قىممەت فونكىسىيەسى،تۈپ تىما بولسا ئىسىمدىن تەشكىللەنگەن قۇرۇلما.
تېما بولسا تۈپ تېمىنىڭ ھەقىقى قىممەت فونكىسىيەسى(5 لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)
ئەڭ ئاددى بىر تىما يەنى تۈپ تېما بىرخىل ئىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئىيتىدۇ(4.21لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)
ئەگەردە بىر تۈپ تىما راس بولسا ،ئۇنداقتا مەزكۇر ئىش مەۋجۇت.ئەگەردە بىر تۈپ تېما يالغان بولسا ،ئۇنداقتا مەزكۇر ئىش مەۋجۇت ئەمەس.(4.25 لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)
بىر تۈپ تىما ئىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ،ئۇ ئىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياكى ئۇلىنىش.(4.22لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)
ئىسىم بولسا ئاددى بەلگە(4.24 لوگىكا پەلسەپىسى توغرىسدا)

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:40:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 23:12

命题   proposition
命题 دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنسى ئۇيغۇر سوفىت چوڭ لوغىتدە مۇنداق ئىزاھلانغان:
1،ھۆكۈم جۈملە

2، تېما چىقارماق، ماۋزۇ بەلگىلەپ بەرمەك (2) ھۆكۈم جۈملە

3،پروپوزىتسىيە (ئىسپاتلىماقچى ياكى ھېسابلاپ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلماقچى بولغان ماتېماتىكىلىق ھەقىقەت ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش) (2) مەسىلە (ماتېماتىكا ياكى فىزىكىدىكى چۈشەندۈرۈلىدىغان مەسىلە) (3) تېما چىقارماق، ماۋزۇ بەلگىلەپ بەرمەك (4) ھۆكۈم جۈملە

4،قائىدە، مەسىلە، سوئال

5،تېما چىقىرىش، سوئال چىقىرىش

خەنزۇچىسى:一般的,在数学中我们把用语言、符号或式子表达的,可以判断真假的陈述句叫做命题。其中判断为真的语句叫做真命题,判断为假的语句叫做假命题

بەيدۇ قامۇسىدا يۇقارقىدەك دىيىلىپتۇ.




ئىنگىلىزچە خەنزۇچە لوغەت(تور لوغىتى)تە مۇنداق ئىزاھلىنىپتۇ:
proposition [,prɔpə'ziʃən]
n.
提议;建议;主张;提案;计划
议题;论点;陈述
【逻辑学】命题
【数学】命题;(待证明的)定理;待解决的问题
【修辞学】(要讨论的)主题;主题句
[美国口语]邪恶的建议;(尤指)下流的要求
[美国口语]事业,企业;生意
[美国口语]家伙;问题;事情;东西;目的
更多结果

مەندە كەسپى لوغەتلەر بولمىغاچقا مۇشۇنچىلىك ئىزدەپ بولدى قىلدىم.


windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:45:54

ۋىتىگىنسىتېيىن ئاددى ئىككى قەدەم بىلەن تېما سۈرەتتۈر دىگەن بۇ مۇھىم مۇھاكىمە تېمىسىغا ئۆتكەن.بىرىنچى قەدەمدە ئۇ ھەربىر سۈرەت بولسا بىر لوگىك سۈرەت دەيدۇ.ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى تۆۋەندىكى سۆز بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ :سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسلا بىرخىل تۈرگە تەۋە ئەمەس،مەسىلەن ھەممىسلا ماكاننىڭ سۈرىتى ئەمەس،ئەگەردە بىرلا خىل ئاھاڭدىكى سۈرەت كۆپ خىل رەڭدىكى نەرسىنى تەسۋىرلىگەن بولسا،ئۇ(نەرسىنى تەسۋىرلەش؟)نىرەڭ بىلەن تاماملىغىلى بولمايدۇ.لېكىن ھەربىر سۈرەت سۈرەت شەكلىگە ئىگە.يەنى ئاساسى جەھەتتىن ئۆزى تەسۋىرلىگەن شەيئى بىلەن ئورتاق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى مومكىن،مەلۇم نەرسە پەقەت مۇشۇ خىل ئەڭ تۆۋەن تەلەپنى قاندۇرغاندىلا ئاندىن سۈرەت بولالايدۇ.شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى مۇھىم نوقتا سۈرەتنىڭ سۈرەت بولالىشىدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك لوگىكىلىق شەرتتە.بۇ خىل شەرت لوگىكىلىق شەرت،شۇڭلاشقا ئۇ پەقەت شەكىل ۋە قۇرۇلمىنىلا نەزەرگە ئالدۇ،بۇ خىلشەكىل ۋە قۇرۇلما، سۈرەتنىڭ كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتا مۇقەررەر ھالدا سۈرەت ۋە ئۇ تەسۋىرلىگەن چىنلىقتا ئورتاق بولىدۇ.چۇنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئىككىسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرسىتىش مۇناسىۋىتى ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ.شۇڭلاشقا ۋىتىگىنسىتېيىن سۈرەتنىڭ شەكلى لوگىك شەكىل دەيدۇ.بۇ لوگىكىلىق شەكلىگە ئىگە ھەرقانداق نەرسىنىڭ بىر سۈرەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
،ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ ئىككىنچى قەدىمى راس-يالغانغا چېتىلىدۇ.ئۇ،بىر سۈرەت چىنلىققا ماس ياكى ماس ئەمەس، توغرا ياكى خاتا،راس ياكى يالغان.دەيدۇ.،ۋىتىگىنسىتېيىن مەقسەتلىك ھالدا بۇ مۇھاكىمە تېمىسنى بىۋستە كۈزىتىش مەنىسىدە دىگەن.ئەگەردە بىر سۈرەت مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا شەيئىنىڭ چىنلىقتىكى ھالىتىنى كۆرسىتىپ بەرسە،ئۇنداقتا ئۇ بۇ خىل چىنلىققا ماس كەلگەن بولىدۇ،بىزمۇ شۇ سەۋەپتىن ئۇنى توغرا تەسۋىرلەش دەيمىز.دىيىلگەن سۈرەت بىر ئىدىيە ياكى تېما بولغان ۋاقتتا،ئۇنىڭ چىنلىققا ماس كەلگىنىنى راس دەيمىز،چىنلىققا ماس كەلمىگىنىنى يالغان دەيمىز.ماس كىلىش بىلەن كەلمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مۇتلەق بولىدۇ.،ۋىتىگىنسىتېيىننىڭ دىگىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە:تاللىغىلى بولىدىغان جاۋاپ پەقەت ‹‹ھەئە›› ۋە‹‹ياق››.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 11:55:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-28 11:59

تېما چىنلىقنىڭ سۈرىتى
ئىدىيە(ئوي)پاكىتىنىڭ لوگىكىلىق سۈرىتى
تېما ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى

ناخشا پىلاستىنكىسى،موزىكا ئاساسى تېمىسى،نوتا ۋە ئاۋاز دولقۇنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تىل بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى تەسۋىرلەش مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 21:58:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-28 22:11

ت:نۇمۇرلاركىتاپنى قايتا ئوقۇغاندا يېڭىدىن مۇھىم دەپ قارىغان نوقتىلارنى قوشۇپ قويۇشۋەئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى ئارىلىشپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قويۇلغان،ئەسلى كىتاپتكى نۇمۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

5.1،‹‹ھازىرقى فىرانسىيە پادىشاھى ناھايىتى ئەقىللىق››دىگەن تېمىنى كۆرۈپ باقايلى.بۇ تېمنىڭمەنىسى بارلىقى مۇتلەق،ئۇنىڭ مەنىسى بولغاچقا،ئۇنى راس ياكى يالغان دەپ سوراش تەبئىلا بىر ئىش.بۇ سۇئالنىڭمۇ تەبئى ھالدا بىر جاۋابى بار.ھازىر فىرانسىيەنىڭ پادىشاھى يوق،جۈملە ئىگىسى ھىچقانداق نەرسىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.شۇڭلاشقا تېما يالغان دەپ قارىلىشى كېرەك.لېكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ،يەنى تېمنىڭ يالغانلىقنى قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ؟:.بۇنىڭ سەۋەبى نورمال ئەھۋالدا بىز مەلۇم بىر نەرسىنى(ئۇنى X دەپ ئاتاپ)Xئەقىللىق دىسەك،ئۇنداقتا ‹‹X ئەقىلىلق››دىگەن بۇ تېما X ئەقىللىق بولغان ۋاقىتتا ئاندىن راس بولغان بولىدۇ،X ئەقىللىق بولمىغان ئەھۋالدا يالغان بولىدۇ.لېكىن ئەگەردە X مەۋجۇت بولمىسا،ئۇنداقتا ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟،مەۋجۇت بولمىغان بىرنەرسىنى قانداقمۇئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەس دىيەلەيمىز؟
دەسلەپتە روسسىل 19 - ئەسىردىكى پەيلاسوپ ئالكىسۇس مىنوڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلنى ھەل قىلىش چارىسنى قوبۇل قىلغان.مەسىلنى ھەل قىلىش چارىسى بولسا جۈملىدىكى كۆرسىتىش ياكى ئىپادىلەش رولىغا ئىگە ھەربىر ئىپادىلەش شەكلى ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم بىر نەرسىنى كۆرسىتدۇ،ئۇ بەلكىم رىئال مەۋجۇت بولمىغان نەرسە بولىشى مومكىن ،مەسىلەن،‹‹بۇ ئۈستەل قوڭۇر رەڭلىك›تىكى ‹‹بۇ ئۈستەل››بىر ‹‹يوشۇرۇن مەۋجۇت››نەرسە،بۇ يەردە‹‹يوشۇرۇن مەۋجۇت››نىڭ مەنىسى ئەمىلى مەۋجۇت ئەمەس يەنى بىرخىل چىن لېكىن يېرىم ياكى ‹‹ئاتاقتىلا››مەۋجۇت.بۇ خىل كۆز قاراشقا ئاساسلانغاندا،ئالەم بارلىق ئويلىغىلى ياكى دىگىلى بولىدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتىكى فىرانسىيە پادىشاھىمۇ بار،لېكىن ئالەم ئۆز ئىچىگە ئالغان شەيئىلەر ئىچىدە پەقەت بەزى نەرسىلەرلا رىئال مەۋجۇت بولغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا،‹‹ھازىرقى فىرانسىيە پادىشاھى ناھايىتى ئەقىللىق››دىگەن بۇ تەسۋىرچان ئىبارە ھەقىقەتەن بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ،ئۇ كۆرسەتكەن نەرسە بولسا بىر مەخپى مەۋجۇت (چىن لېكىن رىئالنى مەۋجۇت ئەمەس)بولغان فىرانسىيە پادىشاھى.
مىنوڭنىڭ كۆزقارىشى قارىماققا ئۇنچىۋالا كالامپايدەك ئەمەس،چۈنكى ئۇ   ئورۇنلۇقھەم مۇھىم مۇلاھىزىنى ئاساس قىلغان.بۇ، ئوي مۇددىئالىق(意向性غەرەزلەشكەن،مايىللاشقان)،يەنى ئوي قاراتمىلىق ياكى دىققىتىنى مەلۇم ئوبىكىتقا مەركەزلەشتۈرگەن بولىدۇ دىگەنلىك بولۇپ،بۇ يەردە ‹‹ئوبىكىت››نىڭ مەنىسى كىشىلەر‹‹نىمىنى ئويلاۋاتىسەن››دىگەن سۇئالغا جاۋاپ چاغدا دىگەن نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 09:13:02

ۋىندوۋىس100 ئەپەندى
كىتابلاردىن قايسى مەزمۇندىكى كىتابلارنى ياقتۇرىسىز؟
بولسا ئۆزىڭىزنىڭ پەلسەپە،ئەدەبىيات.چۈشەنچىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟
ئۆزىڭىز ياقتۇرغان،تەسىرى چوڭقۇر كىتابلارنىڭ خەنچە نامى،مۇبادا توردىن ئالساق قايسى بىكەت ياخشى..
دەپ بەرسىڭىز؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 10:59:40

ئوقۇغۇم كەپ قالسا ھەرقانداق مەزمۇندىكى كىتاپنى ئوقۇپ قويىمەن.
مەندە پەلسەپە ياكى ئەدەبىيات توغرىسدا تۇتامغا چىققۇدەك چۈشەنچە يوق،ئاغزىمدىن چىققاننىڭ ھەممسى باشقىلاردىن ئۈگىنۋالغان نەرسىلەر.
تاۋباۋ،جىڭدوڭ،ئامازوننىڭ ئىزدەش كاتەكچىسىگە قايسى مەزمۇندىكى كىتاپنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز شۇ خەتنى كىرگۈزسىڭىزسىزگە شۇ خىلدىكى نۇرغۇن كىتاپلانى تېپىپ بېرىدۇ،مەسىلەن 哲学 دىگەندەك.
سىزگە بىرەر كىتاپ تەۋسىيە قىلاي دىگەن ئىدىم،لېكىن ھەرقانچە ئويلاپمۇ قايسى كىتاپنى تەۋسىيە قىلىشنى بىلمىدىم.
مېنىڭچە توردىن بىر كىتاپنى تۇتۇۋېلىپلا ئوقۇسىڭىز شۇ كىتاپ سىزگە نۇرغۇن كىتاپلارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىدۇ.


بەت: [1] 2 3
: ۋىتىگىنسىتېيىن ۋە پەلسەپە