ئوغلانى : ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار
ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بارمۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
نادان خەق بار ، قالاق خەق بار ، ئارقىدا قالغىنى ھەم بار .
ھاراقكەش بار ،خوتۇنپەز بار ، زەھەرگە بولغىنى يەم بار .
قىمارۋاز بار ، قىزىل كۆز بار ، ئالدامچى ،ھىلىگەر جەم بار .
كىسەللەر بار، بىشەملەر بار ، ھارامدىن تېتىغان تەم بار .
چاپلىسۇن قانچىلىك ئىللەت،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئەسەردە تىللىدى مەزگىل چاۋىنى بىر يېيپ چىتقا ،
ئۇيغۇر دەپ ئالدى ئىلھاملار يوتقاندا ئۇچرىسا پىتقا .
سۆڭەك يىسە يەنە بىرسى« ئۇيغۇرۇم ئوخشىدى ئىتقا» .
ياخشىلار بولدى بىر بېلىق ،يامانلار تەسۋىرى كىتقا .
تۆھمەتكە چىداملىق مىللەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئالىمىڭ ئالدى شۆھرەتنى ئالدىڭغا باققىنە قاراپ،
ئۆز كىشىڭ بەردى خىزمەتنى دىيارغا ناملىرى تاراپ .
ياشلىرىڭ تاپتى قۇدرەتنى دۇنيامۇ قىلدىلەر ئىتراپ .
مۇشۇنداق تۇتسا پۇرسەتنى بىزگىمۇ تىگىدۇ مىھراب .
ماختىسام كۆپ يەنە خىسلەت ،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئۇچرىسا ئانچىكىن توسقۇن ، يانمىغىن كەينىگە تېزدىن ،
غەيرەتتە يۆتكىلەر تاغمۇ ، ھەقنى سەن ئايرىما سۆزدىن .
بېشىڭغا كەلسىمۇ دەتلەر ، ئەقىلدە ئازمىغىن ئىزدىن .
تەر قانچە ئاقسىمۇ ئاقسۇن ، لىكىن ياش ئاقمىسۇن كۆزدىن .
ھامان تارقايدۇ شۇم قىسمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
بىلىمسىزلەر قەدىرسىزدۇر ،جاھانغا بىر قاراپ باققىن ،
يۇيۇلماس دىل كىرى ھەتتا، مەيلى دەريادا ھەم ئاققىن .
چۈشەن ئۇشبۇ ھېكمەتلىنى ، مىختەك دىلىڭغا بەك قاققىن .
بىلىملىك ئۈلگمىز كۆپتۇر ، ھۆرمەتلەر بابىغا قاتقىن .
شۇندا سەنمۇ يارات قىممەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئىللەتكە تىك ئۆتكۈر كۆزۈڭ ،كۆرسۇن ھەم ياخشنى قوشلاپ ،
ئۈمىدسىز قويمىغىن دىلنى ، ئۈمىدلەر كەتمىسۇن تاشلاپ .
نەدىن ،كىم بولمىغىن مەيلى ،روھلىرىڭ تۇرسا گەر ياشناپ ،
ئىگەم ھامان بېرەر ئوڭلۇق ، ھىدايەت سۈيىنى باشلاپ .
باردۇر ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىيەنجىن
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، بەك ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك. ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر بىرىنى پالۋان دەر، چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر بىرىنى گالۋاڭ دەر .
ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت. {:112:} مۇنداق ياخشى شېئرنى ئوقۇغاندا ئەلانى بېسىۋەت _____ دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە{:112:} بىلىمسىزلەر قەدىرسىزدۇر ،جاھانغا بىر قاراپ باققىن ،
يۇيۇلماس دىل كىرى ھەتتا، مەيلى دەريادا ھەم ئاققىن .
چۈشەن ئۇشبۇ ھېكمەتلىنى ، مىختەك دىلىڭغا بەك قاققىن .
بىلىملىك ئۈلگىمىز كۆپتۇر ، ھۆرمەتلەر بابىغا قاتقىن .
شۇندا سەنمۇ يارات قىممەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
...................................................................................
مۇشۇ قۇرلار ماڭا بەك يارىدى...:)
مەنىسى ھەقىيقەتەنمۇ چۇڭقۇر شىئېر بوپتۇ ، بارىكاللا مۇشۇنداق ئۈمىدۋارلىققا يىتەكلەيدىغان شىئىرلارنى ياقتۇرىمەن. {:112:} خو بەلگىسىنى ئورنىتىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتەن ئوغلانكەن ماۋۇ شېئىرنى يازغان ئاداش. {:112:} رەخمەت.بەك ياخشى يىزىپسىز فائىزە034 تور ئىسمىڭىزنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە قىلالىدىڭىز ؟
بەت:
[1]