hunbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:12:24

ھۇنبەگ : يا رەب

   يا رەب

                  مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ

كۆرمىدىم يا رەب ، سېنىڭدەك مېھرىبان يول باشچىنى ،
سۆزى دۇر ، لەۋزى ھالال ، بەرگىنى نۇر تاشقىنى .


قانچە دىل تەكتى سۆيۈنگەي ، سۇنغىنىڭ ئابى ھايات ،
ھەۋزى-كەۋسەر باغلىرىڭدا تەن ئۆلۈك ، تاپتى نىجات .

مەن دېدىڭ : ‹‹ يەككە –يىگانە بىر ئىلاھ ئالەم ئارا ،
قىل ئىبادەت ماڭىلا ، ئارزۇلىرىڭ بولغاي ئادا .

مەن ئەۋەتتىم بىر رەسۇل ئۆمرۈڭ بويى دوست تۇت ئۇنى ،
ئۇ شاپائەت ئەيلىگەي مەھشەر كۈنى ، دەھشەت كۈنى .

قانچە زۇلمەت ، غەم ، زولۇم باسسا سېنى قىلغىن سەۋر ،
مەن ئەمەسمۇ بىلگۈچى ، ئايلىنىپ تۇرار دەۋر .

ئالدىنىپ قالما ھاياتنىڭ رەڭ –جۇلاسى ، ھۆسنىگە ،
ئۇ تۈگەر تۆت كۈن تۇرۇپ ، يول ئالار كۆك قەھرىگە .                     بارچە نەرسە گول بولۇر ، يا گۈل بولۇر كۆزۈڭ ئارا ،      
بىرلىرى دۇررى –جاۋاھىر ، بىرلىرى يىرىڭ ، يارا .

مەن ياراتتىم پاراسەت ، ھەم ئەقىلنى سەندە جەم ،
توغرا يول بەردىم ئاڭا ، مول تەسەۋۋۇر ، چارە ، پەم .

كىم يولۇمدا ئازمىغاي ، ئۆمرى ئۇنىڭ  بولغاي زۇلال ،
كىم تەرك ئەتكەي ئۇنى ، باغلىرى تاپقاي زاۋال .

مەن ۋە رەسۇل سۆزىنى چىڭ تۇت ، دىلىڭدىن چىقمىسۇن ،
كىم نىجات تاپماق بولۇرسا ، ئۆزگە نەرسە ئىچمىسۇن . ››

مەن دېدىم : يا رەب تىلىڭدىن چىققىنى جان ، قان ماڭا ،
سەن بۈيۈك تەڭرى ئېرۇرسەن ، ئەلچىنى سۆيدۈم ئاڭا .

چىڭ تۇتۇپ دەستۇر سۆزۈڭنى ، ماڭىمەن تا سەن تامان ،
يارۇ ئەيلەپ پەيغەمبەر سۇننىتىنى دىلغا ئان .

ئازدۇرالماس مىنى ئۇ شەيتان ، كەرەشمە ، ئۇز زۇۋان ،
مەيلى تۈلكە ، بەچچىغەر ياكى دىلى قانخور جۇۋان .

سەن ئۈمىد شامىم ئېرۇرسەن ، تاڭلىرىم زۇلمەت يىسە ،                      مەن ئەمەس خائىن ، مۇناپىق‹‹ ھەق يولۇڭدىن كەچ ›› دېسە .

بارچە زۇلمەت ، زۇلۇمنى يا رەب ئۆزۈڭ قىلغىن جۇدا ،
ئى مۇھەممەد سەن ئۈچۈن ،غالب نىشان تۇرغاي بۇندا .

2014-4-16 ئۈرۈمچى   

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:09:58

ياخشى يىزىلغان شېئىركەن. ئادەمگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يارەب ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدىكەن.

                       يارەب
                ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئىلاھا ھىممەتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن،

كۈلەرمەن دەپ ئۈمىد قىلسام قالۇرمەن گاھىدا يىغلاپ،
تۇرۇپ بىردەم بولۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.


ئۆزۈم قىلدىم ئۆزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كىلەلمەيمەن،

بىرىپ كەلدىم دىگەن بىرلا ھەرەم ،مەككە ،مەدىنەمگە،
ئۆزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يارەب ئۆزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن.


ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە، جىنى بولغان بىلەن تەندە،
ئۆزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يارەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن.

تىنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم سىنىڭ پەزلىي كەرىمىڭدۇر،
ئۆزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ،تىنىمنى ساق ئىتەلمەيمەن،.

ئۆزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىلەن كۆزۈم ئاچتىم بۇئالەمگە،
ئۆزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يارەب كىتەي دەپمۇ كىتەلمەيمەن.

hunbag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 21:38:17

ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى پاساھەت بابىدا كۆپ يۇقۇرى . مېنىڭ بۇ يازمامدا كۆپ كەمچىللكلەر بار . ئىنشا ئاللاھ ، ياخشى پىكىر لەرنى بايان قىلغىلى يەنە نېسىپ بولار .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:14:23

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 12:09 static/image/common/back.gif
ياخشى يىزىلغان شېئىركەن. ئادەمگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ...

تەشەككۈر!  بۇنى ئاشخانىلارنىڭ تاملىرىدا تولا ئۇچرىتاتتىم بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇچراتماي توردىنمۇ تاپالمىغانتىم. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شېئىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بۈگۈن بىلدىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 22:56:27

يارەب
نەمەت خەلپەت
تۇلا غاپىل ئىكەنمىز ،ھەي، بۇنى بىلمەپتىمىز ، يا رەب،
قوتانغا بۆرىنى كەل دەپ ، خاتا چىللاپتىمىز ،يا رەب،

مۇسۇلمان دىسە بۇ شەيتان ،كالامنى بىلىپ ھەق راست ،
دۇئا-تەكبىر بىلەن باشتا ئۇنى يادلاپتىمىز ، يارەب .

‹‹ئىشەنگەن تاغدا ياتماپتۇ كىيىك ›› دەپ بىر ماقال تۇرسا ،
ئاتالار سۆزىگە چىن دىل ئەمەل قىلماپتىمىز ، يارەب.

تىلى شىكەر ، دىلى زەھەر ،ئىكەن ھەي ، بىز چۈشەنمەستىن ،
ئەجەپ ئاسان ،قېرىنداش دەپ ئۈمۈد باغلاپتىمىز ، يارەب.

ئۇ مەككار ھەر قەدەمدە ھىساپلاپ قۇم ساناپ يۈرسە ،
گۆدەكتەك گۆل بولۇپ بىز ، ھەي ، تاش ساناپتىمىز ،يارەب.

بۈگۈن ئۇقساق تېخى بىزنى جەھەننەم سارى باشلارمىش ،
ئېچىپ كەڭرى قۇيۇننى بىز يىلان ئاسراپتىمىز ، يارەب.

ئۇنىڭ باتىل خىيالىچە بۇيارمىشقانغادۇنيانى ،
بۇنىڭدەك زور خاتا بولماس ، خاتا چاغلاپتىمىز ، يارەب.

<<ئاتاڭغا بەرمىگىن بىلگەن يولۇڭنى >>دەر ئىدى دانا ،
نادامەت ئوتىدا ئەپسۇس ، جىگەر داغلاپتىمىز، يارەب.

گاھى تۇلپارمۇ تۈز يولدا مۆدۈرۈلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ ،
سىراتىل مۇستەقىم *بەرگىن، خاتا ئويلاپتىمىز ، يارەب .

كەمى نەمەت يېزىپ ئەشئار ، سۇخەندانلىق قىلىپ قويدى،
كەچۈرگەي مېنى دوست-يارلار،بۇرۇن بىلمەپـتىمىز، يارەب.
******************
*تۇغرا يول.
مەنبەسى:ياقۇپ ئىسمائىل قۇرولچىنىڭ <<نەمەت خەلپەت >> ناملىق رومانىدىن ئېلىندى>

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 23:10:15

قەلەملىرىڭىز بەركەتلىك بولسۇن.. ئاستىدىكى ئىنكاستا ىالدۇرۇلغان ئىككى شائېرنىڭ شېئىرى بىلەن قۇشۇلۇپ تېخىمۇ مەنپەئەت بەرگۈسى
بەت: [1]
: ھۇنبەگ : يا رەب