satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 13:47:54

ساتۇق: سوپىلارنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى (1)

مۇقەددىمە

غەرىب تىللىردىكى مستىسىزىم (mysticsm) دىگەن ئاتالغۇ يۇنان تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ، بۇنىڭ سەۋەبى ئىھتىمال يۇنان مىستىك چۇشەنچىلەرنىڭ دەسلەپكى ماكانلىردىن
بىرى بولغانلىقىدىن بولسا كىرەك .
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپمۇ ئومۇمى خاھىش ، تۇپكى مەقسەت جەھەتلىردىن ، مىستىزىم بىلەن كوپ ئورتاقلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۇچۇن ، غەرىب ئالىملىرى  بۇ ئىقىمنىڭ نامىنى شۇ ئىقىمغا مەنسۇپ شەخسنى كورسۇتىدىغان "سوفى " سوزىگە ئوز تىللىردىكى "ئىقىم ، مەسلەك ، يۆنىلىش " مەنىلىرىنى بىلدۇردىغان "ئىزىم " قوشۇمچىسىنى قوشۇپلا
"سوفىزىم " ( sufism) دەپ ئاتاشقان . بىزدىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتاش ئومۇملىشىپ قالغان .
ياۋرۇپالىق شەرىقشۇناسلار ، ئىسلامشۇناسلار بۇ ئاتالغۇنى " سوفىزىم " ، " تەسەۋۋۇپ " دەپ قوللانغاندىن سىرىت ، تىخىمۇ چۇشۇنۇشلۇك ئىپادىلەش ئۇچۇن
" ئىسلام مىستىسىزىمى " ياكى " مۇسۇلمان مىستىسىزىمى " دەپمۇ ئاتايدۇ .
بىز ئەرەپ تىلىدىكى ئەسلى نامى بويىچە " تەسەۋۋۇپ " دەپ نام بىرىشنى مۇۋاپىق كوردۇق .
تەسەۋۋۇپ - ئىسلام دىنىدىكى مۇرەككەپ بىر دىنى پەلسەپىۋى ئىقىم . ئۇ ئوز تەرەققىياتى جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشغا ئەگىشىپ ئىسلام دىنى تارقالغان
رايۇنلارنىڭ ھەممىسىگە يىتىپ بارغان . شۇ رايۇننىڭ ئىجتىمائى ، سىياسى ھاياتىغا سىڭىپ كىرگەن ۋە بەلگىلىك تەسىر كورسەتكەن . شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ، سىياسى ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا تەسەۋۋۇپنىڭ ئىزلىرى روشەن كورنۇپ تۇرىدۇ . شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەقتە تەتقىقات ئىلىپ بارغان شەرىقشۇناسلار ، ئىسلامشۇناسلار ھامان تەسەۋۋۇپنىڭ مۇسۇلمان شەرىق ئەللىرى مەنىۋى مەدىنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائى ، سىياسى ھاياتىغا كورسەتكەن تەسىرىنىڭ
ناھايىتىمۇ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كىلىۋاتىدۇ .
تەسەۋۋۇپ دەسلىپىدىلا شىئىرىيەتنى ئوزىنىڭ ئىپادىلىنىش ۋاستىسى قىلغان ئىدى . تەسەۋۋۇپتىكى چۇشەنچىلەرنى ئىپادىلەش ئىھتىياجى بىلەن شىئىرىيەت تەدىرىجى ھالدا ئۇنىڭغا سىموۋۇللۇق مەنىگە ئىگە بىر قاتار ئوبرازلارنى ئىلىپ كىرىپ ، تەسەۋۋۇپنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بىيتىپ ، بىلىشنىڭ ئابىستىراكىت جەريانلىرنى سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىدى . شۇنىڭ بىلەن تەسەۋۋۇپتا ئوزگىچە مەنىگە ئىگە بولغان بىر يۇرۇش سىموۋۇللۇق مەيدانغا كەلدى . مەسىلەن ؛ مەي ، مەيخانە ، مۇغبەچە ،
گۇل-بۇلبۇل ، شام-پەرۋانە ، ....... ۋە باشقىلار .
ئوتتۇرا ئەسىرلەر مۇسۇلمان شەرقىنىڭ بۇيۇك سىمالىرى بولغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمى (1206 - 1273 ) ، پەرىددىن ئەتتار ( 1145 - 1229 ) ، شەيىخ سەئىدى
( 1209 -1291 ) ، ھاپىز شىرازى ( 1320 - 1389 ) ، ئابدۇراھمان جامى ( 1414 - 1492 ) ، ئەلىشىر ناۋائى ( 1441 - 1501 ) قاتارلىق كوپلىگەن مۇتەپەككۇرلەرنىڭ
ئىددىيسى تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەممىگە چۇشۇنۇشلۇك . بۇلاردىن بەزىلىرى مەخسۇس تەرىقەتلەرنىڭ ئاساسچىلىرى ياكى يىتەكچىسى بولغان . مەسىلەن ؛ جالالىدىن رۇمى تۇركىيەدە بارلىققا كەلگەن " مەۋلىۋى " تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى بولسا ، ئابدۇراھمان جامى بولسا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىرلىرىدىن
بىرى ئىدى . ئەلىشىر ناۋائىنىڭ ئابدۇرھمان جامىنىڭ تەسىرى بىلەن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەنلىكى مەلۇم .
بۇ بىزگە تەسەۋۋۇپنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمان مەدىنىيتىگە كورسەتكەن تەسىرىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىنىق كورسۇتۇپ بىرىدۇ . شۇڭا ئاتاقلىق ئىرانشۇناس ،
تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىدا تەسىرى چوڭ ئالىملاردىن بىرى   يى . ئى . بىرتىلىس ( 1890 - 1957 ) ئەينى ۋاقىتتىلا " تەسەۋۋۇپ ئەدىبىياتىنى ئۇگەنمەي تۇرۇپ ، ئوتتۇرا ئەسىرلەر مۇسۇلمان شەرقىنىڭ مەدىنى ھاياتى ھەققىدە ئىنىق چۇشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ " دىگەن ئىدى .
" تۇرك ئەدىبىياتىدا ئىلىك مۇتەسەۋۋىپلەر " نامىلىق ئەسىرى بىلەن دۇنيا تۇركولوگلىرى ئارىسىدا كاتتا ئابروي قازانغان دوكتۇر مۇھەممەد فۇئاد كۆپرۇلۇ ( 1890 - 1967 )
مۇ شۇ كىتابنىڭ 1-بىتىدە بۇ ھەقتە شۇنداق يازىدۇ : " ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى تۇرك ئەدىبىياتىدىكى مىللى روھ ۋە مىللى زوقنى چۇشۇنۇش ئۇچۇن ، ئەڭ كوپ تەتقىقات قىلىشقا
تىگىشلىك بولغان دەۋىر - خەلىق تىلى ۋە خەلىق ۋەزنىنى قوللىنىپ كەڭ ئاممىغا خىتاب قىلغان ۋە ئەسەرلىرى ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن بۇيۇك مۇتۇسەۋۋىپلەر دەۋرىدۇر "
دەپ يازغان .
باشتا ئىيتىقىنىمىزدەك  ، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى دەسلىپىدىلا شىئىرىيەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ، ئىمان تەلىماتلىرىنى نەزىريىۋى جەھەتتىن
شەرھىلەپ يىزىلغان ئەسەرلەرگە قارىغاندا ، شىئىرى شەكىل ئارقىلىق سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ياردىمىدە بايان قىلىنغان ئەسەرلەر كوپرەك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ . شۇڭا تەسەۋۋۇپنى پەلسەپىۋى نوقتىدىن تەتقىق قىلىش بىلەن ئەدىبىيات نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن .
ژانىر ، شەكىل ، ئۇسلۇب ، ۋەزىن ۋە باشقا مەسىلىلەر ئەدىبى جەھەتتىن تەھلىل  قىلىنسىمۇ ، ئىددىيۋى مەزمۇن ئۇستىدىكى مۇھاكىمىلەر ھامان پەلسەپىۋى نوقتىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
پەلسەپىۋى جەھەتتىن قىلىنغان تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيتى يەنە شۇ يەردە ئىپادىلنىدۇكى ، " تەسەۋۋۇپنى تەسىرى چوڭ بىر دىنى پەلسەپىۋى ئىقىم سۇپىتىدە ئۇگىنىش ، مۇسۇلمان شەرق خەلىقلىرى پەلسەپىسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانىنى تىخىمۇ ئىنىق گەۋدىلەندۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ . " تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىنىڭ پىشۋالىرىدىن
بىرى رەينولىد نىكولسۇن ( 1868 - 1945 ) 11-ئەسىرگىچە بولغان يازما مەنبەلەردىن تەسەۋۋۇپقا بىرىلگەن تەبىرنىڭ 78 خىلغا يەتكەنلىكىنى ئىنىقلىغان . بۇنىڭدىنمۇ تەسەۋۋۇپنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ تەلىمات ئىكەنلىكىنى چۇشنىش مومكىن .
تەسەۋۋۇپنىڭ ئومۇمى تەلىماتىنى تولۇق يورتۇش ئۇچۇن ، دىنشۇناسلىق ، پەلسەپە ، تارىخشۇناسلىق ، ئەدىبىياتشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە ، جەمىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كوپلىگەن ساھالەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىغا تاينىشقا توغرا كىلىدۇ .
شۇڭا تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتى كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ بولوشىنى تەلەپ قىلىدىغان تەتقىقات ، ھەتتا مومكىن بولسا خەلىقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىپ تەتقىقات ئىلىپ بىرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئالىملارمۇ بار . تەسەۋۋۇپنى تەتقىق قىلىش - شىنجاڭغا نىسبەتەن تەتقىق قىلنىشى زورۇر بولغان ، ئەمما تىخى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان
بىر چوڭ تىما ، شۇنداقلا بىر بوشلۇق . ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئومۇمى قىياپىتىنى چۇشۇنىش ، يورتۇش ئۇچۇن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە جەزمەن ئەتراپلىق
ۋە چۇڭقۇر تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىدۇ . شۇڭا بىزنىڭ قارشىمىزدا ، تەسەۋۋۇپنى تەتقىق قىلىش بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى چوقۇم تەتقىق قىلنىشى
زورۇر بولغان موھىم تەتقىقات تىمىلىرنىڭ بىرى ھىسابلىندۇ . بۇ كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ، ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىق كورسىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
بىز تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىدىن ئىبارەت بۇ بوشلۇققا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا نىسبەتەن باسقان دەسلەپكى قەدىمىمىزدە تەسەۋۋۇپنى پەلسەپىۋى نوقتىدىن قولغا ئىلىپ ،
ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىددىيلىرى ئۇستىدە ئىزدەندۇق .
مەلۇمكى ، تەسەۋۋۇپ - كوپ قىرلىق مۇرەككەپ بىر ئىقىم . بىز بۇ دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمىز بىلەن تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە دائىر ئۇنچە كوپ مەسىلىلەرنى يورتۇپ بىرەلمەسلىكىمىز مومكىن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار ئۇستىدە ئىلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بولغان بۇ ئەمگىكىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى بولسىمۇ يورتۇپ بىرەلەيدىغانلىقىغا ھەم بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .

                                                                          " تەسەۋۋۇپ " ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىشى

" تەسەۋۋۇپ " ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە تاكى ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن بىر ئورتاق قاراش يوق . گەرچە كوپ ساندىكى ئالىملار بۇ ئاتالغۇنى ئەرەپ تىلىدىكى " يۇڭ " مەنىسىنى بىلدۇردىغان " سۇف " سوزىدىن كىلىپ چىققان دىگن پىكىرنى ياقىلىسىمۇ ، بۇنى دەلىللەيدىغان ئىشەنچىلىك بىرەر مەنبە بولمىغانلىقتىن ، بۇمۇ
يەنىلا بىر خىل پەرەز بولۇپ تۇرماقتا .
" تەسەۋۋۇپ " ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلار ئاساسەن توۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1 . ئەرەپ تىلىدىكى " يۇڭ " مەنىسىنى بىلدۇردىغان " سۇف " سوزىدىن كىلىپ دىگەن قاراش ، بۇلار دەلىل ئۇچۇن دەسلەپكى سوپىلار ئاساسەن يۇڭدىن قىلىنغان قوپال ، كورۇمسىز تون كىيىپ يۇرگەنلىكى ئۇچۇن كىشىلەر ئۇلارنى " سوفى  " ، يەنى " يوڭدىن تون كەيگەن كىشى "  دەپ ئاتاشقان ، يەنى " سۇف " سوزىنىڭ تۇرلىنىشىنىدىن كىلىپ چىققان دەپ پەرەز قىلغان .
2 . گىرىك تىلىدىكى " ئەقىل - پاراسەت ، ھىكمەت " مەنىسىنى بىلدۇردىغان " سوفوس  sophos " ياكى  " سوفىيا sophia  " سوزىدىن كىلىپ چىققان دىگەن قاراش .
3 . " ئەسھابى - سۇففە " ياكى " ئەھىل ئەل - سۇففە " دىن كىلىپ چىققان دىگەن قاراش ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ، مەدىنىدە بىر
مەسچىت سالدۇرغان بولۇپ ، بۇ مەسچىتكە " مەسچىتى نەبى " ( يەنى پەيغەمبەر مەسچىتى ) دىگەن نام بىرىلگەن . مەسچىتنىڭ ئىچىگە بىر سۇپا سالدۇرۇلغان بولۇپ ، پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ مەككىدىن مەدىنىگە كەلگەن ساھابىلەر ئەنە شۇ سۇپىغا جايلىشىپ ، شۇ يەرنى ماكان تۇتقانلىقى ئۇچۇن ، " سۇپىغا ئورۇنلاشقانلار " ياكى " سۇپىنى ماكان تۇتقانلار " دىگەن مەنىدە " ئەسھابى سۇففە " ياكى " ئەھىل ئەل - سۇففە " دەپ ئاتالغان . سوپىلارنىڭ خانقادا ئولتۇرۇپ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللانى ياد ئىتىشى
بىلەن " ئەسھابى سۇففە " ئارىسىدا مەلۇم باغلىنىش بار دىگەن پىكىر ئاساسىدا " تەسەۋۋۇپ " ئاتالغۇسىنى مۇشۇنىڭدىن كىلىپ چىققان دىگەن قاراش ئوتتۇرغا چىققان .
4 . " سەفى - ئەۋۋەل " - نامازدا سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىشلىتىلدىغان بۇ سوزنى تەسەۋۋۇپ ئاتالغۇسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىغانلارنىڭ پىكىرىچە ، سوپىلار ئاللانىڭ رازىلىقى ئۇچۇن قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرى بىلەن ئاخىرەتتە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇدۇ ، شۇڭا بۇ نام مۇشۇ سوزدىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ .
5 . " بەنۇس - سۇفا " - بۇ بەدىۋى قەبىلىلەرنىڭ بىر تارمىقىنىڭ نامى بولۇپ ، كەبىنىڭ پۇتۇن ئىشلىرنى مۇشۇلار قىلىپ كەلگەن ، بۇلارنىڭ ھەق يولىدا سادىقلىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن سوپىلارنى ئاللاغا قىلغان ئىخلاسى ئوتتۇرسىدا باغلىنىش بار دەپ قارالغان .
6 . " پاكىز ، ساپ " مەنىلىرنى بىلدۇردىغان " سافا " سوزىنىڭ گىرامماتىكىلىق ئوزگىرشى بىلەن " سۇفىيە " بولۇپ قالغان دىگەن قاراش .
7 . " بىر تەرەپتە تۇرماق ، يۇز ئورىمەك " دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇردىغان " سەۋف " (  sawf ) سوزىدىن كەلگەن دىگەن قاراش . بۇ قاراشنى ياقىلىغۇچىلارنىڭ پىكىرچە ، سوپىلار قەلبىنى ئاللاغا قارىتىپ ، باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ يۇز ئورۇيدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى بىلەن مۇشۇ سوزنىڭ مەنىسى ناھايىتىمۇ يىقىن كىلىدۇ دەپ قارىغان .
يۇقۇردىكى قاراشلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئاساسى ئورۇندا تۇرغان ۋە ئومۇمىراق بولغان قاراش ( 1 ) ۋە ( 2 ) قاراش بولۇپ ، مەيلى تارىختا ئوتكەن ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە
بولسۇن ، مەيلى ھازىرقى زاماندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قاراشلىردا بولسۇن ، شۇ ئىككى تۇرلۇك قاراش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ . بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى كوپىنچە ئالىملار
" تەسەۋۋۇپ " ئاتالغۇسى ئەرەبچىدىكى " يۇڭ " سوزىدىن كىلىپ چىققان " سۇف " سوزىدىن كەلگەن دىگەن پىكىرنى ياقىلايدۇ .

                                                         
                                              تەسەۋۋۇپنىڭ ( سوپىلارنىڭ ) مەيدانغا كىلىشى

" تەسەۋۋۇپ " دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى بىر قەدەر كىيىنرەك بولسىمۇ ، لىكىن تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى مىلادىيە 7 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 8 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا  ( بىز بۇ يەردە ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپ چۇشەنچىلىرنى كوزدە تۇتىمىز ) كورلۇشكە باشلىغان . ھەتتا بەزى ئالىملار تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتىنى
يەنىمۇ ئىلگىرى سۇرۇپ ، " تەسەۋۋۇپ باشقا ئىسلامى ئىلىملەرگە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋرىدە باشلانغان . تەسەۋۋۇپ نامى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىشى بولسا ھىجىرىيە 2- ئەسىرنىڭ ( مىلادىيە 8-ئەسىرگە توغرا كىلىدۇ ) ئوتتۇرلىرغا توغرا كىلىدۇ دەپ قارايدۇ .
ئۇنداق بولسا تەسەۋۋۇپ قانداق پەيدا بولغان ؟ ياكى بولمىسا خۇددى بىر قىسىم غەرىب ئالىملىرى ( مەسىلەن ، پالمىر ۋە دوزىي )  ئىيىتقىنىدەك ، باشقا دىنلاردىكى بۇ خىل چۇشەنچىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كورسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنمۇ ؟ تەسەۋۋۇپنىڭ ئىددىيۋى تەرەققىياتى جەريانلىرى قانداق بولغان ؟
توۋەندە دىققىتىمىزنى بۇ مەسىلىگە قارتىمىز .

                                         تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى ئىجتىمائى سەۋەبلەر

تەسەۋۋۇپ تاساددىپى ھالدا مەيدانغا كىلىپ قالغان ياكى سىرىتقى تەسىرلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان تەسىرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائى ئارقا كورۇنىشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئوزىدە بەلگىلىك ئىددىيۋى ئاساسى بار .
تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئەينى چاغدىكى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ئىجتىمائى ، سىياسى ھاياتىدىكى ئوزگىرىشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەمىلىيەتتە تەسەۋۋۇپنىڭ ، مەيدانغا كىلىشى مانا شۇ ئوزگىرىشلەر  -  ھاكىمىيەت تەرەپتىكىلەرنىڭ ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ كەيپى - ساپا ، ئەيىشى - ئىشرەتكە بىرلىپ كىتىشى
نەتىجىسىدە كورلۇشكە باشلىغان ئەخلاقى چۇشكۇنلۇك ، چىرىكلىك ، دىنغا بولغان ئىتىبارسىزلىق قاتارلىق ئىجتىمائى كەيپىياتلارنىڭ ئىدىئولىگىيە جەھەتتىكى ئىپادىسىدىن ئىبارەت  ئىدى .
ئىسلام دىنىنى سىرىتقا كىڭەيتىش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىلغان غازاتلاردا بۇيسۇندۇرۇلغان ئەللەردىن ئىلىپ كىلىنگەن تۇرلۇك ماددى بايلىقلارنىڭ ئىشىپ بىرىشى بىلەن ھاكىمىيەت
ئۇستىدىكىلەر ، يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى بارا - بارا ئەيىش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا بىرلىشكە باشلىغان ئىدى . بۇ ئەھۋال ئومەۋۋىيلەر دەۋرى ( ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەتلىك دەۋرى 661 - 750 ) نىڭ ئاخىرغا كەلگەندە تىخىمۇ كۇچەيدى . ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەرنىڭ كوپرەك كوڭۇل بولىدىغىنى دىنى ئىشلار ئەمەس ، بەلكى دۇنياۋى
ئىشلار بولۇپ  ، دىنى ئىشلار بولسا ئىككىنجى ئورۇنغا چۇشۇپ قالدى .
مەلۇمكى ئىسلام دىنى دۇنيادىكى باشقا دىنلارغا ئوخشاش پەيدا بولۇپ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئاندىن ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەر تەرپىدىن قوبۇل قىلنىپ
دولەت دىنى قىلىنغان بولماستىن ، بەلكى دىن ھاكىمىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن بولۇپ  ، ئەرەب خەلىپىلىكى ھاكىمىيتى دىن ئۇستىگە قۇرۇلغان ھاكىمىيەت ئىدى .
شۇڭا خەلىقنىڭ نەزىرىدە ، ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەر چوقۇم دىنى ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويشى كىرەك ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ساپ ھالىتىنى ساقلىشى كىرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كىرەك ئىدى .
ئەمىلىيەت بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ، ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە دىن ئىككىنجى ئورۇنغا چۇشۇپ قالغان ئىدى . ئاۋام خەلىق ئىسلامنىڭ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن كەلگەن ئەبۇ بەكرى ، ئومەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار )نىڭ خەلىپىلىك دەۋرى بىلەن ئوخشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى . لىكىن رىئاللىق
بولسا " بۇ دەۋىرىكى ئىسلامنىڭ قىياپىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئىككى خەلىپىلەر دەۋرىدىكى ئىسلامنىڭ قىياپىتى ئارىسىدا زور پەرىق بار " لىقىنى ھىس قىلدۇرۋاتاتتى .
ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئوتمەي يۇز بىرىشكە باشلىغان بۇ خىل ئوزگۇرۇشلەر ئىتىقادى كۇچلۇك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ئاددى خەلىقنىڭ ئىددىيسىدىن زادىلا ئوتمەيتى . شۇڭا ئۇلاردا بۇ ئوزگۇرۇشلەرگە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە نارازىلىق ، قارشىلىق خاھىشى ئويغۇنۇش ، بۇ خىل كەيپىياتنى ئوزگەرتىش ئىستىكى تۇغۇلۇش تەبىئى ئىدى . مۇقەررەركى بۇ خىل خاھىش ، ئىستەكلەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىئولىگىيە ساھاسىدە ئەكىس ئەتتى .
ھاكىمىيەتنىڭ سىياسى ھاياتىدا بولسا ھوقۇق تالىشىش ، سىياسى ئۇستۇنلۇك مەقسەت قىلىنغان تۇرلۇك ئىچكى نىزالار ، سۇيقەسىتلەر كۇچىيىشكە باشلىدى . ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىردا ئەلى ( رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ) نىڭ كىچىك ئوغلى ئىمام ھۇسەييىن ( رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ) كەربالادا سۇيقەسىت بىلەن بوغۇزلاپ قەتلى قىلىندى .
بۇنداق ناھەق قان توكۇش ، قىرغىنچىلىقلار ئابباسىيلار دەۋرى ( 750 - 1258 ) نىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردە تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى . ئابباسىيلارنىڭ تۇنجى خەلىپىسى
ئەبۇ ئابباس ئابدۇللا ( 750-754 ) ھاكىمىيەتنى ساپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇمەۋىيلەر خانىدانىغا مەنسۇپ بولغانلارنى قىرغىن قىلىشقا باشلىدى . ھەتتا ئاللاقاچان بۇ دۇنيا
بىلەن خوشلاشقان ئۇمەۋۋىيلەر خەلىپىلىرنىڭ قەبرىلىرنى بۇزدۇرۇپ ، ئولۇكلەرنىڭ سوڭەكلىرگە ئوت قويۇپ ، سوڭەكلىرنى دارغا ئىسىپ سازايى قىلدى .
ئۇ يەنە ئۇمەۋىيلەردىن 90 ئادەمنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىش ھىيلىسى بىلەن ھەممىنى ئولتۇردى . شۇڭا ئىسلام تارىخىدا ئەبۇ ئابباس ئابدۇللا " قانخور ، قان تۇككۇچى "
دىگەن مەنىدىكى " سەففاھ " دىگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى .
ئۇنىڭدىن كىيىن ھاكىمىيەت ئۇستىگە چىققان ئەبۇ جەئفەر ئەل مەنسۇر ( 754 - 775 ) قىرغىنچىلىقتا سەففاھتىن ئىشىپ چۇشتى . ھەتتا ئوزىنىڭ ھاكىمىيەت ئۇستىگە چىقىشىدا
چوڭ ياردەمدە بولغان ئەبۇ مۇسلىمنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ قەسىتلەپ ئولتۇردى .
ھەنەفى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ زىنداندا جان ئۇزگەن . ( ئىزاھات : ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ( رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ) نامازدا ۋە باشقا دۇئالاردا " ئامىن " نى ئىچىدە دىيشكە مۇشۇ مەزگىلدە پەتىۋا چىقارغان ئىكەن . چۇنكى شۇ چاغدىكى قىرغىنچىلىقلارغا نارازىلىق بىلدۇرگۇچىلەر نامازدا ۋە دۇئالىرىدا ئۇلارغا بەد دۇئا قىلىپ " ئامىن " نى تىخىمۇ كۇچلۇك ئاۋاز بىلەن چىقارغاچقا بۇلارمۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئالىم كوپلەپ بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ قىرلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن " ئامىن " نى ئىچىدە دىسىمۇ ئاللانىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ " ئامىن " نى ئىچىدە
دىيىشكە پەتىۋا چىقارغان ئىكەن  ) .
ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۇنسىرى ئەۋىج ئىلىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كورەشلىرى ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىردىغان تۇرلۇك بالايى-ئاپەتلىرى يەنىلا ئاددى خەلىقنىڭ ئۇستىگە كىلەتتى . تاياق - توقماقنىڭ ئوبىكتى كوپىنچە يەنىلا ئاۋام - خەلىق بولاتتى . شۇڭا زۇلۇم سىلىۋاتقان بۇنداق تۇرلۇك سىياسى توقۇنۇش ، قىرغىنچىلىقلارغا
قارىتا نارازىلىق خاھىشى تۇغۇلىشى تەبىئى ئىدى .
مانا بۇلار تەسەۋۋۇپنىڭ ( سوپىلارنىڭ ) ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ دەسلەپكى ئىجتىمائى ئارقا كورنىشىدىن ئىبارەت . شۇنىڭ ئۇچۇن ئىيتىمىزكى ، تەسەۋۋۇپ ئىسلام مۇھىيتىدا بارلىققا كەلگەن . ئەينى دەۋىردىكى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ تۇرلۇك ئىجتىمائى ، سىياسى داۋالغۇشلىرى ، ھاكىمىيەت ئىچىدىكى نىزالار ، ئەخلاقى
جەھەتتىكى چۇشكۇنلۇكنىڭ كۇچىيىپ بىرىشى ، دىنى ئىشلارغا ئىتىبارسىز قاراش قاتارلىق ئامىللار تەسەۋۋۇپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولغان تەركى دۇنيا بولۇپ
زاھىتلىقنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە زىمىن ھازىرلىغان .
يۇقىردا ئىيتىقىنىمىزدەك ، ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەرنىڭ ، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ كەيپى - ساپاغا بىرلىشى نەتىجىسىدە بارغانسىرى كۇچىيۋاتقان ئەخلاقسىزلىق ، چىرىكلىك
كەيپىياتلىرى بىر تۇركۇم ئىتىقادى كۇچلۇك ، ئەخلاق - پەزىلىتى ياخشى كىشىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ جەمىيەتنىڭ توۋەن قاتلىمىدىكى ئاددى خەلىقنىڭ ئىددىيسىدە نارازىلىق خاھىشى
ئويغۇنۇپ بۇنداق ئىجتىمائى كەيپىياتقا خاتىمە بىرىش ئىستىكى پەيدا قىلاتتى . ئىبنى خەلدۇن ( 1332 - 1406 ) نىڭ سوزى بىلەن ئىيىتقاندا " كوپ ساندىكى دىنى زاتلار ،
پاك دىل موتىۋەرلەر ، بۇ ئەخلاقى بۇزلۇش ھادىسلىرگە خاتىمە بىرلىشىنى ، ئۇنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىردىغان يامان ئاقىۋىتىنى توسۇشنى تەلەپ قىلاتتى ."
ئەخلاقى چۇشكۇنلۇكلەرگە ، بۇزۇقچىلارغا نارازى بولۇپ ، بۇنداق ئىجتىمائى كەيپىياتقا خاتىمە بىرلىشىنى ئۇمىد قىلىدىغان دىنى ئىتىقادى كۇچلۇك بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا
باغداتتا تەشكىلات قۇرۇپ ، بۇنداق بۇزۇقچىلىقلارنى توسۇش ئۇچۇن پائالىيەتلەرنىمۇ ئىلىپ بارغان . بىراق ئۇلارنىڭ پىكىرلىرمۇ بىردەك ئەمەس بولۇپ ، بىر قىسىملىرى ھاكىمىيەت يول قويغان دائىردە ئىسلىھات ئىلىپ بىرىشنى تەشەببۇس قىلسا ، يەنە بىر بولۇكلەر " قۇرئان " ۋە " سۇننەت " كە تاينىپ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى كەيپىياتىدا
ئوزگۇرۇش ياساشنى تەشەببۇس قىلاتتى .
ھالبۇكى بۇنداق نارازىلىق خاھىشدىكىلەر جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى كەيپىياتىدىكى بارغانسىرى ئەۋىجىگە چىقىۋاتقان ئەخلاقى بۇزۇقچىلىقلارنى ، چىرىكلىكنىڭ باش مەنبەسى
ھاكىمىيەت ئۇستىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يىتەلمىگەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرى ئۇنچىلىك زور تەسىر قوزغىيالمىغان ۋە ئۇنۇمگە ئىرشەلمىگەن ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىجتىمائى ئەخلاقسىزلىق كوپىيىپ كەتكەن رىئاللىقتىن نارازى بولغان ، ئىتىقادىنىڭ ۋە دىننىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ ، ساپ دىنى ئىتىقاد ئىچىدە ياشاشنى ئۇمىد
قىلىدىغان ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى تەشەببۇسلىرىغا خىلاپ ئىشلاردىن ئوزىنى تارتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بەزى كىشىلەر بۇنداق بۇزۇقچىلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن جەمىيەتتىن ئوزىنى تارتىپ تەركى - دۇنيالىق ، زاھىتلىق يولىغا ماڭدى . گەرچە ئۇلار ئوزلىرنىڭ تەركى - دۇنيا بولۇشى بىلەن جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدا بىرەر ئوزگۇرۇش پەيداقىلالمايدىغانلىقىنى چۇشەنمىسىمۇ ، لىكىن مۇشۇ ھەركىتى ئارقىلىق پاسسىپ ھالدىكى نارازىلىق ھەركىتى بولسىمۇ ، شۇ تارىخى شارائىتقا نىسبەتەن يەنىلا بەلگىلىك ئىلغار
ئەھمىيەتكە ئىگە ھەركەت ئىكەنلىكىنى كورسۇتىدۇ .
دەسلەپكى باسقۇچتىكى بۇنداق دىنى ئىتىقادقا ساپلىق ،سادىقلىق ، ئەخلاقى جەھەتتىن تۇرلۇك ھاۋايى - ھەۋەسلەرگە بىرىلمەسلىك ئاساسى مەقسەت قىلىنغان ھالدا باشلانغان
زاھىتلىقتىن ئىبارەت بۇ دىنى پائالىيەت ئاساسەن ئايرىم شەخسلەرنىڭ يەككە ھالدىكى پائالىيەتلىردىنلام ئىبارەت ئىدى .
ئا . كىرىمىسكىنىڭ ئىنىقلىشىچە ، سوپى سوزى 8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردىن باشلاپ قوللۇنىشقا باشلىغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىتىقادى كۇچلۇك ، كامىل مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىشلىتىلگە.
ئابدۇرھمان جامىنىڭ " نەفەھاتۇل ئۇنىس " دىگەن ئەسىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئەڭ دەسلەپ سوپى دىگەن نام بىلەن ئاتالغان كىشى ئەبۇ ھاشىم سوپى بولۇپ
ھىسابلىندۇ . ئەڭ دەسلەپكى خانقامۇ سۇرىيەنىڭ رەمىل شەھرىدە بارلىققا كەلگەن ئەبۇ ھاشىم خانقاسىدىن ئىبارەت .
تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان زاھىتلىق " دەسلىپىدە بەسرىدە ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ ، دەسلەپكى دەۋىرلەردىكى سوپىلارنىڭ ھەممىسى زاھىتلاردۇر " دەسلەپكى
سوپىلار ئاساسەن بەسرە بىلەن كۇفەنى مەركەز قىلغان ھالدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان بولۇپ ئۇلار ھەسەن ئەلبەسرى ، مالىك بىننى دىنار ، فەزىل ئەرراققاشى ، ئابدۇلۋاھىد بىننى زەيىد ، قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتقان . كۇفەدىكى بولسا شىئە مەزھىبىگە مايىل بولۇپ ئۇلار رەبىئى بىننى ھايشام ، جابىر بىننى ھەييان ، كۇلەيىپ ئەلشايداۋى قاتارلىق
كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتقان .
تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى ئىجتىمائى ئارقا كورنۇشتىن كورۇشكە بولۇدىكى ، تەسەۋۋۇپ دەسلەپ پەيدا بولغاندا بەلگىلىك ئىددىيۋى ، نەزىريىۋى قاراشلارغا ئىگە بىر
پىكىر ئىقىمى ياكى ئىددىيۋى تەلىمات سۇپىتىدە پەيدا بولغان بولماستىن ، بەلكى ئىجتىمائى رىئاللىقتا يۇز بەرگەن نارازىلىقنىڭ پاسسىپ ھالدىكى ئىپادىسى سۇپىتىدە ئايرىم كىشىلەرنىڭ يەككە ھالدىكى دىنى پائالىيتى بىلەن باشلانغان . دەسلەپكى باسقۇچتىكى زاھىتلارنىڭ تەركى دۇنيالىق يولىغا مىڭىشتىكى ئاساسى مۇددىئاسى - ئوزلىرىنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى يوقاتماسلىق ، نەپسانىيەتچىلىككە ، ھاۋايى - ھەۋەسلەرگە بىرىلمەسلىك ، ئاللاغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتكە
مەشغۇل بولۇش بىلەن ئوتكۇزۇش ئارقىلىق ئاللانى ياد ئىتىش ئىدى .
مەلۇمكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى تەشەببۇسلىرى دۇنيادىكى باشقا دىنلارغا قارىغاندا كۇچلۇك . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " مەن گۇزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۇزۇش
ئۇچۇن پەيغەمبەر بولۇپ ئىۋەتىلدىم " دىگەن ئىكەن . يەنە بىر ھەدىستە ئىيتىلشىچە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام " قىيامەت كۇنى ماڭغا ئەڭ يىقىن تۇرغۇچىلار - ئەخلاقى گۇزەل
بولغانلاردۇر " دىگەن .
ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ تىخى ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئوتمىگەن بىر مەزگىلدە ، ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار ھوكۇمرانلار تەبىقىسىدە كورۇلگەن ئەخلاقسىزلىق ، چىرىكلىك ،
ئىشرەتۋازلىق ، ئاۋام خەلىق ئارىسىدىكى ئتىقادى كۇچلۇك تەقۋادار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىددىيسىدىن ئوتمىگەچكە ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەر ئەخلاقسىزلىق بىلەن
تولغان جەمىيەتتىن ئايرىلىپ ، ئىتىقادىغا ساپ ، سادىق بولۇپ ، پەيغەمبەرنىڭ سۇننەتلىرىنى تۇتۇپ مىڭىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئىيتىپ ئوتكەن ئىدۇق .
شۇڭا تەسەۋۋۇپ ئوزىنىڭ ئەخلاقى ئولچەملىرىدە ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننەتلىرىنى تۇتۇپ مىڭىشنى ، ئۇنىڭ گۇزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى ئورنەك قىلىشنى
تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇڭىمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە تەسەۋۋۇپقا بىرىلگەن تەبىرلەردە ئەخلاقى خاھىش ئاساسى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كورۋالالايمىز .
دەسلەپكى باسقۇچلاردىكى زاھىتلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئاددى - ساددىلىق ، مەئىشەتكە بىرىلمەسلىك ، ئاز يىيىش ، ئاز ئۇخلاش ، ۋاقتىنىڭ كوپ قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئوتكۇزۇش قاتارلىق زاھىتلىق تۇرمىشىنىڭ دەسلەپكى ئورنەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ تۇرمۇشلىردىنمۇ كورۋىلىشقا بولىدۇ .
مەسىلەن : كىچىسى قاتتىق ئوخلاپ ئىبادەتنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۇچۇن يۇمشاق كوپىلەردە ياتماستىن ، بورا ئۇستىدىلا ياكى قاتتىقراق ئورۇندا ئۇخلاش ، باشقىلارغا قارىغاندا ياخشى يىيىش ئىمكانىيتى بولسىمۇ ، ئاددى ئاز يىيىش ياكى بىر نەچچە تال خورما يەپلا بولدى قىلىش قاتارلىقلار ئەنە شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئورنەكلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى .
تەسەۋۋۇپتىكى قەلبىنى شىرىكتىن ، ماسۋادىن تازلاپ ، ئاللاغا قارتىش ، ئاللانى ياد ئىتىش ، قاتارلىق دىنى پائالىيەتلەرنىڭ " قۇرئان " " ھەدىس" تىمۇ بەلگىلىك ئىددىيۋى
مەنبەسى بارلىقىمۇ تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلەردە كوپ تىلغا ئىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئايەت ، ھەدىسلەرنى دەلىل كەلتۇرگەن . دەسلەپكى باسقۇچتىكى زاھىتلارنىڭ ( سوپىلارنىڭ ) ئاساسى پائالىيتى بولسا " زىكرى " ( ئاللانى ياد ئەتمەك ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى كورۇپ باقايلى :

" مىنى ياد ئىتىڭلار مەنمۇ سىلەرنى ياد ئىتىمەن " ( سۇرە بەقەرە 152-ئايەت ) .

" پەرۋەردىگارىڭنى كوپ ياد ئەت ، كەچتە ، ئەتىگەندە تەسبىھ ئىيىت " ( سۇرە ئال ئىمران 41-ئايەت ) .

" نامازدىن فارىخ بولغۇنۇڭلاردا ، ئورە تۇرغان ، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالىتىڭلاردا ئاللانى ياد ئىتىڭلار " ( سۇرە نىسا 102 -ئايەت ) .

" پەرۋەردىگارىڭغا يىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورىققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن ، ئەتىگەندە ، ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن ، غاپىللاردىن بولمىغىن "  ( سۇرە
     ئەئراف 205 - ئايەت ) .
" پەرۋەردىگارىڭنى نامىنى ياد ئەتكىن ، ئۇنىڭغا تولۇق يۇزلەنگىن ......... " ( سۇرە مۇزەممىل 8 - ئايەت ) .

" ئى موئمىنلەر ئاللانى كوپ ياد ئىتىڭلار ..... ئۇنىڭغا  ئەتىگەن ، ئاخشامدا تەسبىھ ئىيتىڭلار ."   ( سۇرە ئەھزاب 41 - ئايەت ) .

" ئاللا ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر . " ( سۇرە نەھىل 128 - ئايەت ) .

كورۇپ تۇرلۇپتىكى ، تەسەۋۋۇپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان زاھىتلىقنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان " قۇرئان كەرىمدە " ۋە " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ " سۇننەت " لىرىدە بەلگىلىك ئىددىيۋى ئاساسلىرى بار ئىدى . دەسلەپكى باسقۇچتىكى زاھىتلارنىڭ پۇتۇن دىققىتىنى بىلەن ئىبادەت قىلىش  ، ئاللانى ياد
ئىتىشقا قاراتقانلىقىنىڭ ئىددىيۋى مەنبەسىنىڭ يۇقۇردىكىگە ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە بولغانلىقىنى چۇشۇنۇش قىيىن ئەمەس . بۇ دۇنيانىڭ ئوتكۇنچى ھوزۇرلۇرىغا،
مەئىشەتلىرگە بىرلىشنىڭ ، مال - دۇنيا قوغلۇشىشىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭمۇ " قۇرئان " دا ئۇچرايدىغانلىقى زاھىتلارنىڭ ( سوپىلارنىڭ )
ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشغا تۇرۇتكە بولغان ئايەتلەرمۇ بولۇشىمۇ مومكىن :

" ئۇ كۇنى مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۇزەلمەيدۇ . پەقەت پاك قەلبى بىلەن كەلگەنلەرگىلام پايدا يەتكۇزلىدۇ . " ( سۇرە شۇرا 88 -89 -ئايەتلەر ) .


مەنبە : " تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى " دىگەن كىتابتىن ئىلىندى .   

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:06:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALMAS333 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 16:17  

زامانىمىزدىكى«ۋەھھابىى»لىق بىر قىسىم دىنى دىنى ئاشقۇنلار تەرىپىدىن ناتوغرا تەدبىقلىنىپ باشقىلارغا سەت كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش، «تەسەۋۋۇپ» مۇ بىر قىسىم ئاشقۇن ئىدىيىدىكى نادان كىشىلەر تەرىپىدىن ناتوغرا تەدبىقلىنىپ  باشقىلارغا «بىدئەت» قىلىپ كۆرسىتىلدى. ««ۋەھھابىى»لىق ۋە «تەسەۋۋۇپ» ھەر ئىككىلى ئېقىم بىر قىسىم ئاشقۇن ئىدىيىدىكى  نادان كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغۇچىدۇر.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:10:05

بەلەن يىزلغان كىتاپ ،تەسەۋۇپ پەلسەپىسى ...

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 17:19:02

ئاتا - بوۋىسىغا قارىسىغىلا ئەگىشىدىغان ، ئۆزىنى سوپىي دەۋالغان بىرەيلەنگە بىرى ھەپتىيەكتىن دەرىس بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ . ئۇمۇ ماقۇل بوپتۇ ۋە قارشى تەرەپنى ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ .

ئۇ تاھارەت ئېلىپ كەلگەندە بولسا ئويلىمىغان بىر ھالەتنى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇ ‹‹ سوپىي ›› كالتىكىگە نەشە قوندۇرۇپ چىكىپ ئولتۇرغۇدەك . قارشى تەرەپ ئاداش ھېي ، بۇ نېمە قىلغىنىڭلە ، دېسە ، سىلە ئۇقمايسىلە ئاداش ، بۇ دېگەن ئاتا مىراس دېگىدەك .

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بولدىلا ، سىلىدىن دەرس ئالغۇچە ئالمايلا قوياي دەپ نىيىتىدىن ۋاز كېچىپتىكەن . ئاشۇنداقلار سوپىينىڭ ئەسلى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدى بىلەن بىر چۈشەنسە ئىدى ، كىشىلەرنى سوپىيلاردىن يىرگىندۈرۈپ يۈرمىگەن بولاتتى .

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 17:24:53

دىننى سۆزلەۋاتقانلاردىن ئەمەس ، ئۆزى ئەمەل قىلىپ شۇ بويچە يول تۇتۋاتقانلاردىن ئۆگەن دەپتۇ بىرى يەنە بىرگە .

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 19:39:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   satuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 19:40  

0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 17:24 static/image/common/back.gif
دىننى سۆزلەۋاتقانلاردىن ئەمەس ، ئۆزى ئەمەل قىلىپ شۇ بو ...

ناھايىتى توغرا دەپتۇ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر ئايال بالىسىنى ئىلىپ كىلىپ ئۇنىڭغا « بالامغا نەسىھەت قىلىپ قويسا تىۋىپ ئۇنى بىر نەچچە كۇن خورما يىمىسۇن دىگەن ئىدى لىكىن بالام خورما يەيمەن دەپلا تۇرۋاپباردۇ » دەپتۇ . پەيغەمبىرمىز ئۇ ئايالغا ئۇچ كۇندىن كىيىن كىلىشنى ئىيتىپتۇ . ئۇ ئايال ئۇچ كۇننى ئوتكۇزۇپ يەنە كەپتۇ پەيغەمبىرمىز ئۇ بالىغا « ھەي بالا بۇندىن كىيىن ئاناڭنى گىپىنى ئاڭلاپ خورما يىمىگىن » دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ . ئۇ ئايال بالىسىنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا ) رەسۇلۇللاغا « سىلە ئۇچ كۇن ئىلگىرلام شۇنداق دەپ قويسىلى بولمامتى » دەپتۇ . رەسۇلۇللا « مەن ئۇ كۇنى خورما يىگەن ئىدىم ، شۇ كۇنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە خورما يىمىدىم » دەپتۇ .
دىمەك بۇ ھەدىستىن باشقىلارنى ئوزگەرتىشتىن بۇرۇن ئوزىنى ئوزگەرتىش كىرەك دىگەن ھىكمەت كىلىپ چىقىدۇ .

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 19:59:55

apsana123 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 17:19 static/image/common/back.gif
ئاتا - بوۋىسىغا قارىسىغىلا ئەگىشىدىغان ، ئۆزىنى سوپىي  ...

بۇرۇن بىز بىر مەھەللىدىكى مەسچىتتە شام نامىزى ئوقۇپ قالدۇق فاتىھەدىن كىين ياشلار ئوزىنى باسالماي ئامىننى ئۇنلۇك دەپ سالدى ، ئۇ زامانلاردا ياشلاردا ئۇنلۇك ئوقۇلغان نامازلاردا فاتىھەدىن كىيىن ئۇنلۇك ئامىن دىيىش ئەۋىج ئالغان ھەم ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئامىن دىيشى ئاخىرلاشماي  تۇرۇپلا ئىمام ئاغزىنى بۇزۇپ ئۇنلۇك قىلىپ «ئاناڭنى .........قىلاي دەپلا قايتا يىڭى سۇرە ئوقۇپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى ، جامائەتنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىقتا ئىمام رۇكۇغا بىرىپ بولسىمۇ رۇكۇغا دەرھال بارماي سەل تۇرۇپ قىلىشتى ئۇنىڭغىچە ھىلىقى ياشلار نامىزىنى كەلگەن يىرىدە بۇزۇپلا مەسچىتتىن چىقىپ كەتتى . ئۇ ئىمام شۇ چاغلاردا نامى بار بىر سوپى - ئىشان ئىدى ، ئۇ كىشىنى ئۇ يۇرىتلىقلار پالانچى قارىم دەپ ئاتايتى
، ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا جىلە بولۇپ مىنىمۇ نىمىشقا پالانچى بولگۇنچى ئۇنسۇر ۋاھابىدەك داموللام دىمەيسىلەر دەپ كايىپ يۇردى ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ،
ئۇ كىشى ئۇ يۇرىتتىكى ئەڭ چوڭ جامەگە خاتىپ بولدى ۋە ئۇزۇن ئوتمەي بىر جۇمە كۇنكى خۇتبىدە پارتىيە -ھوكۇمەتنىڭ ئوزىگە «داموللا ھاجىم » ئۇنۋانىنى
بەرگەنلىكىنى ئاشكارا ئىلان قىلدى ، ئۇزۇن ئوتمەي يەنە بىر بەخىت قۇشى بىشىغا قوندى ، ئۇ كىشى بىر يىزىغا بىرىپ بىر سوپىلارنىڭ ئولتۇرشىدا ئوي ئىگىسى سوپى بىر 20 ياشلار چامىسدىكى  قىزىنى ئۇ كىشىنىڭ بىر دۇئاسىغا نىكاھلاپ قويدىغانلىقىنى بىلدۇردى ئۇ داموللام ئوزى 60 تىن ھالقىغان ئىدى
داموللام دەرھاللا دۇئاغا قول كوتۇرۇپ ئۇ قىزنى نىكاھىغا ئىلىپ قايتتى ھازىر ئۇ قىزدىن بىر ئوغلى بارلىقى ئاڭلاندى .
ئەمدى بۇ داموللام سوپى بىلەن تىمىدىكى سوپىلارنىڭ پەرقى نىمە قايسى ھەقىقى «سوپى » .  

satuk يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 20:02:39

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 16:06 static/image/common/back.gif
زامانىمىزدىكى«ۋەھھابىى»لىق بىر قىسىم دىنى دىنى ئاشقۇ ...

بەك توغرا باھا بەردىڭىز بىز ھەرقانداق تۇردىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرشىمىز كىرەك .

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 20:31:55

‏ۋاي بېشىم...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 20:43:15

راستلا ئاشقۇنلار يوقىلىشى كېرەك

function يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 21:32:20

نەشە چېكىپ مەينەت يۈرىدىغانلار سوپى ئەمەس، تىللاۋاتقان ۋاھابىلار ئەسلى ۋاھابى ئەمەس.

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:11:35

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كەلگەن چۈشەنچەم شۇ ، سوپىلار دەيدىكەن ، دىننىڭ توغرا يولىغا كىرىمەن دىسەڭ ئىشەنچلىك ئۇستازىڭ بولسۇن ، دەپ ، ۋاھابىيلار دەيدىكەن ( مۇنبەرلەردە  بەزىلەر ۋاھابىيلار دەپ بىرەر توپ يوق ، ئۇلار ئىسلاھاتچىلار ، ئەسلى مەنىگە قايتۇچىلار دەيدىكەن ، نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم شۇڭا يەنىلا ۋاھابى دەۋىرەي ) كوزۇڭ بولغاندىكىن قۇرئان ھەدىسنى ئوقۇ ئۆگتىدۇ ، مۇشۇنچىلىك ئىشنى تالىشىپ نىمە قىلامىز ؟ پەقەت مەنىسى يوق ، ۋاي مەيلى بەك ئەقىللىق بۇلۇپ كەتسىڭىز قۇرئان ھەدىستىنلا ئۆگنىڭ ، ياكى ئۇستاز يىتەكچىلىك قىلسۇن ، مۇشۇنىمۇ تالىشامدۇق ئەمدى ؟  قايسى ئاشقۇن بولۇڭ مۇنبەردە پو ئېتىپ جەننەتكە كىرىپ كېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، لىكىن سىز مىللەتكە تەپرىقچىلىك تارقىتىۋاتىسىز ، بۇ قوزغىغان تەپرىقچىلىكىڭىز  بىلەن مىللەتنى ئەڭ ئاخىرقى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويشىڭىز مۇمكىن ، توققۇز مىليون مۇسۇلمان دىگەن بىر توپقا نىسبەتەن ئاز گەپ ئەمەس ، بۇ توققۇز مىليون توپىنىڭ ئەزالىرى مېنڭچە نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدىنيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر توپ ، سىزدەك ئاشقۇنلارنىڭ مېڭە قوچىشى بولمىسا ئىلغار بىر توپقا ئايلىنىپ ئىسلاميەتكە ھەسسە قوشالايدىغان توپ ، ئويلىشىپ ئىش قىلاسىز ئاشقۇنلار.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:28:40

ئاشقۇنلۇق نادانلىقتىن كېلىدۇ! ئۇيغۇر مىللىتىمىزدە قانچىلىك ئاشقۇن بار ؟ «ئاشقۇن بار دېگۈچىلىكى » بارمۇ؟...
مەن بۇنىڭغا تازا قايىل ئەمەس ! ئاشقۇن دېيىش ئۈچۈن - ئاشقۇن ئاتىلۋاتقان بىراۋلارنىڭ ھەرىكەتلىرى زادى ئاشقۇنلۇقمۇ ئەمەسمۇ،بۇنىڭغا دېئاگونۇز قويالايدىغان شۇ ساھەنىڭ پەزىلەتلىك ئەھلىللىرى كېرەك بولىدۇ. مەسلەن ، زادى دىن ھەققىدە ئىزدىنىپ باقمىغان بىر كىشى ، دىننىڭ ئىچىدىكى تەكىتلەنگەن ئەمما بۇ مىللەتتە ئادەتكە ئايلىنالمىغان بىر ھەرىكەتنى ئاشقۇن دەپ قارىشى مۈمكىن.ياكى گېزىت ژورناللاردا تەكىتلىنىۋاتقان ، قارا قويۇق ئەيبلىنىۋاتقان دۇرۇس ،يوللۇق نەرسىلەرنى شۇ ئېقىن بويىچە ئاشقۇن دەپ قارىشى مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەت ئۇنداق ئەمەس.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ،ئۇيغۇر مىللىتىدە ئاشقۇنلۇق يوق دېيەرلىك . پەقەت مىللەتنىڭ  ھەرقايسى قاناتلىرىدا ئېغىر چۈشۈنۈشمەسلىك ۋە خاتا يېتەكلەش بار .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:41:26

كىشىلەرگە قانداق كۆزدە قارىسا ئۇ شۇنداق كۆرۈنىدۇ.
شىرىنغا پەرھاتنىڭ كۆزىدە قارىسا ئۇ گۈزەل كۆرۈنىشى ، باشقا كۆزدە قارىسا ئۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەسلىكى مۈمكىن.
خۇددى شۇنىڭدەك ئاشقۇنلۇق داۋرىڭىنىڭ بولىشى - ئۇيغۇر ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ باشلامچىسى ، مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى بولىشى مۈمكىن. چۈنكى كاللا بۇنىڭ بىلەن يۇيۇلغاندا ،ماڭغاندىمۇ ،ئۆرە تۇرغاندىمۇ ، ئولتۇرغاندىمۇ ،ناماز ئوقۇغاندىمۇ بىراۋلارغا دېققەت قىلىپ قېلىشىمىز ،بىزگە ئازراقلا ئوخشىمىغانلار كۆزلىرىمىزگە ئاشقۇن كۆرۈنۈپ قېلىشى مۈمكىن.
شۇنىڭ بىلەن ۋاھابىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغانلار ۋاھابىي ئاتىلىپ قالغانغا ئوخشاش ، ئاشقۇنلۇققا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان ياخشى كىشىلەر ئاشقۇن ئاتىلىپ ، ئۇلاردا راستىنلا ھەممىنى رەت قىلىدىغان، ئۆچ كۆرىدىغان ئاشقۇنلۇق پەيدا بوپ قېلىشى ، مىللەت ئىچىدىكى زىددىيەت قورقۇنچلۇق ھالغا كەپ قېلىشى مۈمكىن.
شۇڭا مۇھىمى : كىملەر ئاشقۇنكىن ؟ مىللەتتىكى نېگىزلىك مەسلە ئاشقۇنلۇقتا، ئۆزىمىزدە...دەيدىغان تۈپتىن خاتا قاراشلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ ، ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان قېرىنداشلارچە مۇھەببەت كۆزىدە بىر بىرىمىزگە قارىشىمىز ،بىر بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ ئۆزئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشىمىز - بۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كەلگۈسىگە چېتىشلىق پەۋقۇلئادە ئىشتۇر . ئىنشائاللاھ ،ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي!

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:44:27

ئۆز ۋاقتىنىڭ سۇپىلىرى سۈزۈك سۇپى، جەمئىيىتىمىز سۇپىلىرى لاي سۇپى!..... سۈزۈك سۇپىلار ساناقلىقلا دىيارىمىزدا

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:50:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oqmasumut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 22:56  

جەمئيەت تەكشۈۈشكە تولا پۇرستىمىز  يوق ، لىكىن مۇشۇ مۇنبەرگە مەلۇم بىلىم قابىليىتى بارار كىردۇ دەپ ئويلايمەنغۇ.
دىن مىللەتنى خارپ قىلدى ، تەرەققىياتنى بوغدى.
يەنە دىننى كالتەك قىلىپ شانلىق مىللىي تارىخنى ، دىنغا مۇخلىپ بولمىغان مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىش ،
مۇشۇلار مۇنبەرلەردە يوق ئەمەسمۇ ؟ ئاشقۇنلۇق ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا يۇقارقى مەزمۇنلار تىزلا قىزىق نوقتىغا ئايلىنىدۇ ؟ نىمىشقا مۇشۇنداق تىمىلارلا نەچچە بەتكە سوزۇلدۇ ؟
بىلىمنىڭ %60 تى بويىچە سۆزلىسە ئاشقۇنلۇق بولماستى دەيمەن بەلىكىم ، لىكىن بەزىلەر بىلىمىنىڭ %300 تى بويىچە ئىنكاس يازمىلارنى يېزىشىدۇ . دىمەك ئاشقۇنلۇق نادانلىقتىن ، بىلىمسىزلىكتىن كىلىدۇ ،  ئىناقلىققا ، ئىتتىپاقلىققا ئەڭ پۇتلىشىۋاتقانلار مۇشۇنداق ئاشقۇنلاردىن كىلۋاتىدۇ .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 05:54:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 06:49  

oqmasumut يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 22:50 static/image/common/back.gif
جەمئيەت تەكشۈۈشكە تولا پۇرستىمىز  يوق ، لىكىن مۇشۇ مۇن ...

جەمئيەت تەكشۈۈشكە تولا پۇرستىمىز  يوق ، لىكىن مۇشۇ مۇنبەرگە مەلۇم بىلىم قابىليىتى بارار كىردۇ دەپ ئويلايمەنغۇ.
دىن مىللەتنى خارپ قىلدى ، تەرەققىياتنى بوغدى.
يەنە دىننى كالتەك قىلىپ شانلىق مىللىي تارىخنى ، دىنغا مۇخلىپ بولمىغان مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىش ،
مۇشۇلار مۇنبەرلەردە يوق ئەمەسمۇ ؟ ئاشقۇنلۇق ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا يۇقارقى مەزمۇنلار تىزلا قىزىق نوقتىغا ئايلىنىدۇ ؟ نىمىشقا مۇشۇنداق تىمىلارلا نەچچە بەتكە سوزۇلدۇ ؟
بىلىمنىڭ %60 تى بويىچە سۆزلىسە ئاشقۇنلۇق بولماستى دەيمەن بەلىكىم ، لىكىن بەزىلەر بىلىمىنىڭ %300 تى بويىچە ئىنكاس يازمىلارنى يېزىشىدۇ . دىمەك ئاشقۇنلۇق نادانلىقتىن ، بىلىمسىزلىكتىن كىلىدۇ ،  ئىناقلىققا ، ئىتتىپاقلىققا ئەڭ پۇتلىشىۋاتقانلار مۇشۇنداق ئاشقۇنلاردىن كىلۋاتىدۇ .
-----------
1.ئەتراپلىق تەكشۈرمەي ، تىپىك مىساللار بىلەن سۆزلىمەي تۇرۇپ بىر جەمىئەتنى ئاشقۇنلۇققا تولغان دېيىش ،ياكى جەمىئەتتىكى مەلۇم بۆلۈك كىشىلەرنىڭ ئېدىلوگىيىسىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ شۇ كىشىلەرنى ئاشقۇن دېيىشنىڭ ئۆزى ئاشقۇنلۇق بولىشى مۈمكىن. چۈنكى بىر نەرسىگە تەبىر بېرىش ،ئۆلچەم بېكىتىشنىڭ ئومۇم ئېتراپ قىلغان ئۇسۇلى -تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ،ھېسىياتقا بېرىلمەسلىك بولسا كېرەك
2. «دىن مىللەتنى خارپ قىلدى ، تەرەققىياتنى بوغدى.
يەنە دىننى كالتەك قىلىپ شانلىق مىللىي تارىخنى ، دىنغا مۇخلىپ بولمىغان مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىش ، »
مانا يۇقارقىلار كاللىڭىزغا ھېچ ئىختىيارسىزلا سىڭگەن ، ھېچبىر ئەمەلىي مىسالى بولمىغان رادىكال پىكىردۇر. ئەگەر مۇشۇ پىكرىڭىز ئوچۇق ئاشكارا داۋاملاشسا ،قارشى تەرىپىڭىزدە قارشى يۆنىلىشىڭىزدىكى ئاشقۇنلارنى تېزلا پەيدا قىلىشىڭىز مۈمكىن.

3.«مۇشۇلار مۇنبەرلەردە يوق ئەمەسمۇ ؟ ئاشقۇنلۇق ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا يۇقارقى مەزمۇنلار تىزلا قىزىق نوقتىغا ئايلىنىدۇ ؟ نىمىشقا مۇشۇنداق تىمىلارلا نەچچە بەتكە سوزۇلدۇ ؟»
بەزىدە ئويۇن تاماشا ، ئۇلانما چاقچاقلارمۇ نەچچە بەتكە نەچچە يۈز بەتكە سوزۇلۇپ كېتىدۇ.

4.«بىلىمنىڭ %60 تى بويىچە سۆزلىسە ئاشقۇنلۇق بولماستى دەيمەن بەلىكىم ، لىكىن بەزىلەر بىلىمىنىڭ %300 تى بويىچە ئىنكاس يازمىلارنى يېزىشىدۇ.»
كىشىلەر بىلىمى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سۆزلىشىدۇ . يامىنى بىلىمسىزلەرنىڭ بىلەرمەنلىك قىلىپ سۆزلىشى. دەسلىۋىدىكى ئاشقۇنلۇق بىلىمسىزلىكتىن كېلىدۇ دېيىشىمدىكى سەۋەبمۇ شۇنىڭدا.
بىلىمىسز بىر تۈركۈم دىنغا ئوتتەك قىزغىنلىقى بار ياشلارنىڭ دىن ھەققىدە خالىغانچە پەتىۋا پىچىپ يۈرگىنىگە ئوخشاش ، يەنە بىر قىسىم دىن ھەققىدە ھېچ نىمە بىلمەيدىغان(ھەتتا نامازمۇ ئوقۇمايدىغان ) بىر قىسىم ياشلار ،دىندارلار ھەققىدە ھەرخىل پەتىۋالارنى پىچىپ ئۈلگۈرمەكتە.
ئۇنداقتا كىم ئاشقۇن ؟ پەقەت بىرىنجى خىل ياشلارغا ئاشقۇنما؟ ئاشقۇنلۇق نوقۇل ئىسلام دىننىي ساھادىكىلەرگە تېڭىلغان ،باشقا ھەددىدىن ئاشقان باشلارغا توغرا كەلمەيدىغان قالپاقمۇ؟ ياق ،ئادىل بولۇش كېرەك !
بىز بۇ يەردە ئاشقۇن -دېگەنگە توغرا تەبىر بېرىشىمىز كېرەك . بۇنى ھەرگىزمۇ ئىسلامىي ساھەگىلا دۆڭگەپ قويماسلىقىمىز، تولۇق كۆزەتمەي ،تەتقىق قىلماي ،ئىزدەنمەي قارىسىغىلا قارشى تەرەپكە ئاشقۇنلۇق قالپىقىنى بېرىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولغىنىدا ، ئەينى دەۋرىدىكى ئاق ۋە قارا تاغلىقلار ھادىسىسى قايتا يۈز بېرىشى مۈمكىن. بۇنىڭچۈن بىز ئىلىمسىز سۆزلەشتىن ساقلىنىشىمىز ،ئۆزئارا بىر بىرىمىزگە مۇھەببەتلىك كۆزلىرىمىزدە قارىشىمىز كېرەك.
مىسال :
رەفىيەد قىلىپ ناماز ئوقۇش بۇنىڭدىن 10 يىل بورۇن مەن تۇرغان جايدىكى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ ئاشقۇنلۇق ،كافىرلىق ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق قارشلىق قىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىم بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمەيدىغان، خالىغانلار قىلىدىغان خالىمىغانلار قىلمايدىغان بولدى. نېمە ئۈچۈن ؟ - چۈنكى شۇ چاغدا چوڭلاردا بۇ ھادىسىنىڭ ماھىيىتى توغۇرلۇق بىلىم يوق ئىدى. كېيىنچە ئەھلى ئىلىملار تەرىپىدىن لايىق رەۋىشتە قايتا قايتا چۈشەندۈرۈلدى.شۇنىڭ بىلەن چوڭلارمۇ توغرا چۈشىنەلىدى ۋە  مانا بۇ ھادىسە شۇنچىكى بىر ئىش قاتارىدا قۇبۇل قىلىندى.
دېمەك سىز «ئاشقۇن»دەپ قارىغان كىشىلەرنى تىللاش ۋە تەھدىد سېلىش بىلەن ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك ،شۇ ھالدا ياكى ئۇلارغا چىرايلىق رەۋىشتە رەددىيە بەرگۈدەك ئىلىم سىزدە ھازىر بولىدۇ دە...قېرىنداشلىق مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلالايسىز.ۋەياكى سىز ئىزدىنىش جەريانىدا قەلبىڭىزدىكى «ئاشقۇن»لۇقىڭىز تەسكىن تېپىپ ئوڭشىلىدۇ دە، ئۇندىن كېيىن ئۇلارغا يامان كۆزدە قارىمايدىغان بولىسىز!
ئەمەلىيەتتە ئىشلار شۇنچىلىك ئاددى. بىلىم كېرەك ،كىتاب ئوقۇش كېرەك . ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ شۇ ئىشلىرىدىكى ھادىسىلەرنىڭ دەلىلىنى ئىزدەپ بېقىش كېرەك.
ئۇيغۇردا ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن  باشقا ئۇيغۇرغا زىيانكەشلىك قىلىش نېيىتىدە بولىۋاتقانلار يوق . پەقەت ئىلىمسىز ھالدا «ئاشقۇن» ئاتىلىپ قالغانلار ياكى ئىلىمسىز ھالدا «ئاشقۇن» ئاتاۋاتقانلار بار. ئاللاھ ، ئارىمىزغا ئىتىپاقلىقنى مۇيەسسەر قىلسۇن!

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 11:34:57

رەفىئەت قىلىش خاتا ئەمەس ، قىلماسلىقمۇ خاتا ئەمەس ، ھەركىم ئۆزمەزھىپىنىڭ  فىھقى ھۆكمى بويىچە ئىش تۇتىدۇ ، بىز مىڭىۋاتقان ھەنەفىيە مەزھىپىدە قىلمايدۇ ، ۋاھابىيلار ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ فىھقىسى بويىچە رەفىئەت قىلدۇ ، بىزنى ئەنسىرەتكىنى فىقھى ھۆكۇمنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كىپچىققان ئىختىلاپ ئەمەس (مەزھەپ چۈشەنچىسى توغرا  بولغان كىشىلەر بۇلارنى توغرا بىرتەرەپ قىلالايدۇ) ، بەلكى ۋاھابىيلارنىڭ خەلىقئارادىكى سەلبى تەسىرى ، ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكەن ئەرەب مىللەتچىلىكى ۋە سىياسى غەرەز ،ھەم  بۇ سەۋەبلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەننى كۆپەيتىۋىلىشى ، ئورۇنسىز بەدەل تۆلىشى ، باشقىلارنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كىتىشى ،ئورتاق  نىشاندىن چەتنەپ كىتىشى   ـ   شۇنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەككى باشقا يولدا مىڭىپمۇ ئىماننى كۈچەيتكىلى ، خەلىقنى ھەققە باشلىغىلى بولىدۇ ، بىر ئىجابى تەرىپىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ سەلبى ئاقىۋىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ  
   
   مەن قىرىنداشلارنىڭ  شەيىخ قەرداۋىنىڭ   《ئاۋال  نىمە قىلىش كىرەك 》 ، 《 ئىسلامدا چىكىدىن ئاشۇرىۋىتىش قىلمىشلىرى 》 قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 12:04:13

يولدا روبىرو كۆرۈشۈپ قالسا،چوڭنى چوڭ دىمەي، قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشتىن، ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دەپ خۇدانىڭ سالامىدىن بەھىرلىنىشتىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرۇپ،كۆرمەسكە سېلىپ ماڭغانلارنى،ياش ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر بەزى سەۋەپ تۈپەيلى پەرىزلەرنى تۇللۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، بامداتتىن كىيىن ھەممە ئادەم تەلىگە ماڭسا ،ئۆيىگە يۈگرەيدىغان، بىر كىشى ئۆلەپ قاپتۇ دىسە كىمنىڭ نىمىسكەن، مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ دەپ سورايدىغان، تۈزۈك باللىرى يوق، قول ئىلىكىدە بولمىسا نامىزىغا بارمايدىغان,جۈمە كۈنىلىرى مەھەللىنى تاشلاپ شەھەرمەسچىتلىرىگە جۈمەگە ماڭغان، يەنە بىر يۇرتنىڭ كىشىلىرى خەنزۇلار بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن(بۇرۇن بىڭتۈەن ئىدى)ئۇلار نامىزىنى مۇشۇ مەسچىتتە چۈشۈرەمدۇ دەپ سورىسام ،سوپىھاجىم (مەھەللىمىزدىكى بىر يېشى سەكسەندە بارسوپىھاجىم)نامىزىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قويىدۇ دىگەنلەر،،ئاشقۇنغا كىرەمدۇ?مەھەللىدە بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنى باشقىلار دومېتىكا موللام (تېلفۇندىن، كىتابتىن ئۆزى ئۆگۈنىۋالغان موللام)دەيدىكەنى

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 12:20:21

يەنە بىرسى سوپىلانىڭ مەركىزى بولغان تۈركىيە كىشىلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سادىقلىقى، ھەر قانداقۋاقىتتا دۆلەت ئابرۇيىنى قوغدايدىغان ،ئىتتىپاقلىقنى چوڭ بىلىدىغان(كۇردلاردىن باشقا )،سىياسى  ئۆزگۈرۈش بولسىمۇ قان تۈكۈلۈش ئاز بۇلۇشى  ۋە جەنۇبى ئاسىيا مۆتىدىل مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن ئەزەلدىن ئىسلامنىڭ يۈرىكى بولغان ئوتتۇرا شەرىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ ۋە ئىران خەلقنىڭ ۋەتەنگە تۇتقان قاراشلىرى،سادىقىلقى،تىنچلىققا بولغان تەلپۈنىشى، دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەھەتتە چوڭ پەرىق بار ئىكەن ،،بۇ ئوتتۇرا شەرىق ئەللىرىنىڭ بۇنچىلىك بوپكىتىشىدە ئۇلار تۇتقان يولنىڭ ھەسسىسى بارمۇ يوق، بۇمۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.ن
بەت: [1] 2 3 4
: ساتۇق: سوپىلارنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى (1)