adip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 12:31:25

تەۋەللۇت چاغى(دوستىمىز تۇرسۇن شەيىخنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك .....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 12:32  






بۇگۈن دوستىمىز تۇرسۇن شەيىخ نىڭ 40ياشقا قەدەم قويغان قۇتلۇق كۈنى ئىكەن. ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغابەخىت تىلەيمىز.
توۋەندە ئۇنىڭ ئوزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان شىئېرلىرى بىرىلدى.

تەۋەللۇت چاغى





سۈبھى دىدەم دەرىزىگە چۈشمىگەن چاغ

ئۆمرۈم ئېتى قىرىق مەرتە كىشنىگەن چاغ

ئۇشبۇ سەھەربىر لوقمىنى چىشلىگەن چاغ

يىغا تۇتۇپ ھەلقۇمىمنى بېسىپ قالدىم،

ھەسرىتىمنى قاراقىمغا ئېسىپ قالدىم.




بۈگۈن يەنە كۈندىكىدەك سەھەر ئۆتەر
ئۆمۈر كارۋان مەنزىلىدە سەپەر ئۆتەر
يىللارسېرى بەلكى  ھالىم بەتەر ئۆتەر
چۈنكى ياشلىق قايتىلانماس ئەسلەش بىلەن
ئەمدىكى ئىش ھەسرىتىمنى بەزلەش بىلەن.

ئىنسان شۇنداق تەغدىر ئىلە ياشار ئىكەن
غايە ئۈچۈن تاغ داۋانلار ئاشار ئىكەن
گاھى چۆكۈپ گاھى قايناپ تاشار ئىكەن
ياشاپ كەلدىم مەنمۇ ئەجر-مىېھنىتىمدە
باغلىيالماي ئالتۇن كەمەر ھېممىتىمدە.

تۇغۇلغانمەن كۆككە بېقىپ ئەلپازىمدا
يېرىلغانكەن تۈن كېچىلەر پەرۋازىمدا
جاھان كۈلگەن «ئىڭە» دىگەن ئاۋازىمدا
قانچە تاڭلار ئاتتى جاھان كۆلگەنى يوق
ياكى گۈلۈم ئېچىلغان يوق سۇلغانى يوق

ھاياتىمدىن قىرىق باھار ئۈتۈپ كەتتى
تالاي ئارمان ئىزىدىلا يۈتۈپ كەتتى
ئىچىم دەردۇ-زەرداپ بىلەن پۈتۈپ كەتتى
ئىجادىمدىن بىر ئىمارەت سالالمىدىم
ياشلىغىمنى قايتا قولغا ئالالمىدىم

يازغىنىمدىن ئازغىنىم كۆپ قەلەم بىلمەس
ۋەسلى جاھان رەپتارىدىن ئەلەم بىلمەس
بولۇشىمنى ئاتام بىلمەس،ئانام بىلمەس
يا ھەسرەتا، پەدەرىمگە   ئايان قىلاي،
يىتىملىكتە پۇغانىمنى بايان قىلاي..




بۈگۈن مانا قىرىق ياشقا تولغان كۈنۈم

ئەزدى ئانا سىزدىن جودا بولغان كۈنۈم

سىزنى تولغاق ئازابىغا سالغان كۈنۈم

سېغىنىشتىن قۇچاقلىدىم قەبرىڭىزنى،

ساناپ بولماس چەككەن جاپا- جەبرىڭىزنى.




شام ياقىدۇ بەلكى دوسلار بەخت تىلەپ

ھاياتىمغا شانۇ-شەۋكەت تەخت تىلەپ

چىن بەختكە قويغان سىزغۇ مىنى بۈلەپ

جېنىم ئانا سىزنى شۇنداق سېغىندىمغۇ،

سىز كۈمۈلگەن تۇپراق سۈيۈپ ئېغىندىمغۇ...




جۇدا قىلدى ئىگەم سىزنى ئانا مەندىن

ئايرىمىسۇن ئەمدى يەنە يۇرت ۋەتەندىن

ھايات بولسام ئايرىلمىسا جېنىم تەندىن

ھامان بىر كۈن ئەجرىڭىزنى ئاقلىغايمەن،

دۇئا بىرلەن ئىزنىڭىزنى ساقلىغايمەن.










ھېجران داغى




ھايات شامى ھامان بىر كۈن ئۈچەر ئىكەن

جان قۇشلىرى بۇندىن ئۈزگە كۈچەر ئىكەن

تىرىك جانلار غەم تەكتىگە چۈكەر ئىكەن

ئاتا، ئۆلۈم يۈرەكىمنى پارە قىلدى

بۇ ھىجرانغا دۇنيادا كىم چارە قىلدى؟





ئادەم گويا كۆلەڭگىدەك ئۆتەر ئىكەن

بايلىق، ئامەت، كۆزدىن ھەممە يۈتەر ئىكەن.

تەقدىر شۇنداق پىشانىگە پۈتەر ئىكەن،

بۇ ئۆمرىڭىز ئۆتتى جاپا مېھنەت بىلەن.

ھەپىلەشمەي قۇرۇق ئاتاق شۆھرەت بىلەن.





دۇنيا شۇنداق، مەنزىلىدۇر ئاخىر زۇلمەت.

ئارمان قىلىپ ئېرىشكىنى پەقەت ھەسرەت.

ئىنسانلارنى شاد ئەتكىنى پەقەت غەپلەت.

بىر رازىلىق ئالالمىدىم ئاتا سىزدىن،

ئەجرىڭىزگە بولمىدى ھېچ جاۋاب بىزدىن.





تىرىكلىكنىڭ كويى بىزنى قىلار سەرسان،

ئاھ،ئۆلۈمنىڭ سىرى بىزنى قىلار ھەيران.

قېنى كىم بار بۇ دۇنيادا ئۆلمەي قالغان؟

پەقەت سىزنى سېغىنىپلا قالار بولدۇق،

ھەسرەت بىلەن يىغلاپ تىلغا ئالار بولدۇق.





باغدا ھەربىر گۈلگە بىر كۈن سۇلماق باردۇر،

تاپقان بايلىق، تۇتقان جاھان قالماق باردۇر،

جاھان ئۈچۈن كۆپ پالاقلاپ ھارماق باردۇر،

قارا تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالار بىر كۈن.

ئىشىكى يوق سارايىغا سالار بىر كۈن.





سىز كەلمەيسىز ئەمدى قايتىپ، بىز بارغىچە،

يازدىن قىشقا، قىشتىن يەنە باھارغىچە،

كۆز ياش بىلەن بېغىڭىزنى سۇغارغىچە

ئاتا، دائىم سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدا،

ئېيتقان ھەر بىر گەپلىرىڭىز بار يادىمدا.





ھەسرەت بىلەن ئېگەر تاغمۇ باشلىرىنى،

ئاسمان يىغلاپ تۆكەر ئۈنسىز ياشلىرىنى.

ئاتتى ئەجەل يۈرەكلەرگە تاشلىرىنى،

قالدى ئاتا، كۆڭۈللەردە ئېغىر داغلار.

ھەسرەت بىلەن ياپراق تۆكۈپ قالدى باغلار.







سىز بەردىڭىز كۆزلىرىمگە نۇر ئاتىجان،

ئاتا قىلىپ ۋىجدان غۇرۇر ھەم ئاتىجان،

سىز روھىمدا تۈۋرۈك غايەت زور ئاتىجان،

ماڭا مەڭگۈ پاك روھىڭىز مەدەتكاردۇر.

ئارزۇيىڭىز تا ئەبەتكە دىلغا ياردۇر.

adip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 12:38:03

تولۇق ئىسمى: تۇرسۇن شەيخ تۆمۈر
مۆچىلى - يولۋاس
ئاقسۇدا دۇنياغا كەلگەن.ە. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى يۈكسەك تالانتى بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، سەنئەت كۆرىكىدە 1- دەرىجىلىك ئىجادىيەت ۋە 1- دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
  1994-يىلى ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.
1995-يىلدىن 1998-يىلغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان.
2002-يىلى بېيجىڭ زامانىۋىي مۇزىكا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن.
2000-يىلى «كۆك بۆرە» مۇزىكا ئەترىتىدە مۇزىكانت بولغان.
2004-يىلى «يىپەك يولى» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان.
1997-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 6- نۆۋەتلىك «ئاممىۋىي چولپانلار» سەنئەت كۆرىگىدە 2-دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن.
1994 -يىلى شەنتۇ خەيياڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى «ئايرىلىش ئالدىدىكى سىر» ناملىق ئۈن - ئالغۇ لېنتىسىنى نەشر قىلغان.
1996 -يىلى شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى « يىتىمنىڭ ئاھى» ناملىق ئۈن - ئالغۇ لېنتىسىنى نەشر قىلغان.
1998-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى « ھايات رىسالىسى» ناملىق ئۈن - ئالغۇ لېنتىسىنى نەشر قىلغان.
1999-يىلى شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشر قىلغان تۇرسۇن شەيخ ئىجادىيىتى ۋە ئىجراسىدىكى «خىجالەت دوقمۇشى» ناملىق بىرلەشمە پىلاستىنكىسى بازارغا چىققاندا قىززىق نوقتىغا ئايلانغان.
2004-يىلى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ  «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىگى»، « ئوخشاش بىر ناخشا»، «ناخشا-ئۇسسۇل ئىشىكى»، «غەربى دىيارسەنئىتى» قاتارلىق داڭلىق پىروگىراممىلاردا ماھارەت كۆرسەتكەن.
2005-يىلى شياڭگاڭ ئاگۇا كىنوچىلىق گوروھى ئىشلىگەن «ئەركىنلىك» ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان.
2006-يىلى«ئاشىق باياۋان» ناملىق پىلاستىنكسنى  خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
2013- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئىشلىگەن «ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر» ناملىق كۆپ قىسىملىق بەدىئىي فىلىمدە باش پىرسۇناژ بابا رەھىم مەشرەپنىڭ رولىنى ئالغان ۋە قوشۇمچە فىلىمنىڭ كومپوزىتورلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.
  ئۇ يېقىندا يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىر مەيدان ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلماقتا.

ئۇندىن باشقا بىر پارچە شېئىرلار توپلىمى، بىر پارچە ماقالىلار توپلىمى ۋە بىر دانە ئەڭ نادىر كۈيلىرىدىن تەركىب  تاپقان MTV پىلاستىنكىسىنى نەشرگە تاپشۇردى. پات ئارىدا كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 13:11:10

ما ئەدەمنى بىلىمە، ئالامەت ياڭزىسى بىلەن ئورۇنلىغان م ت ۋ لىرىنى كۆگەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 13:24:39

تىرشچان سەنئ‍ەتكار،
بەكمۇ ھاياجان بىلەن تۇنۇشتۇرۇلۇپتۇ ئ‍ۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى يۈكسەك تالانتى…

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 14:21:27

شېئىرنى ياقتۇردۇم...

Abaidul يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 14:22:53

ئىسىل {:112:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 14:44:09


يېڭى پلاستىنكىلىرى چىقسا قوللاپ ئالىمىز دە

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 14:52:53

تاركاننىڭ ناخشىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېيىتقان ئادەم شۇما ؟

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:07:10

تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن.......

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 22:39:37

ما .ەدەمنى تۈنجى كۆرۈشۈمكە مىنىڭ. ..  تونۇمايدىكەنمە

owchi99 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 23:51:29

ما ئەدەمگە سالاملار بولسۇن...شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 06:59:30

ماڭىغۇ ماختاش-مەدىيھەلەر بەك ئاشۇرۋىتىلگەندەك بېلىندى....:P

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 11:43:29

ئۈنئالغۇ زامانىدا خىجالەت دوقمۇشى بىلەن سومبۇل چاچ دىگەن ناخشىسى ئاڭلىغانتىم.
خىجالەت دوقمۇشىدىن بىر پەدە :

مەن دوقمۇشتا ساقلاۋاتىمەن،
سەن قىزچاقنى قايدىن چىقا دەپ،
قاراپ كەتتى تونۇش بىلىشلەر،
ئەستاغپۇللا ئەستاغپۇللا خەپ.

خىجالەت دوقمۇشى
ئوھوھوي

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 15:33:37

بۇ يېقىندا تارقىتىۋاتقان ئۈندىدار سالونىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، «ئەستايىدىل، تىرىشچان ئادەمكەن» دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ مېنىڭچە.

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:54:58

مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ
سۇندى قاناتىم قايرىلىپ
....دەيدىغان ناخشىلىرى بولىدىغان...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:00:22

يۇرت ناخشىسى دەپ بىر ناخشا بولىدىغان. تۇرسۇن شەيخ ئېيتقانغۇ دەيمەن. ياقتۇرغانتىم شۇ ناخشىنى....
بەت: [1]
: تەۋەللۇت چاغى(دوستىمىز تۇرسۇن شەيىخنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك .....