NASA: تاشقى پلانېتىنىڭ ئاي شارى
تاشقى پلانېتىنىڭ ئاي شارىبىلىمخۇمار
2014-يىلى 16-ئاپرېل
ناسا مەركىزى ج پ ل نىڭ تور بېتىدە 2014-يىلى 15-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان، «خەلقئارا ئىگىلىك دەۋرى گېزىتى» (International Business Daily) گە بېسىلغان بىر پارچە ماقالىگە ئاساسلانغاندا، ئالىملار يېقىندا قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر جىسىمنى بايقىغان بولۇپ، بۇ جىسىم تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىنىڭ بىرسى بولىشى مۇمكىن ئىكەن: (1) بىرەر ئانا يۇلتۇزىنى ئايلانماي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر يالغۇز پلانېتىنى ئايلىنىدىغان بىر ئاي شارى، ياكى (2) بىر يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان تاشقىي پلانېتا.
بۇ پەرەز بۇرۇن يىغىلغان، كائىناتنى كۈزىتىشتىن ھاسىل قىلغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇ جىسىمنى قايتا تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن.
ئەگەر يۇقىرىدىكى 1-ئېھتىماللىق راس بولۇپ قالسا، بۇ قېتىمقى بايقاش بىر يېڭى تاشقىي پلانېتا سىستېمىسىنىڭ، يەنى بىر ئانا يۇلتۇزنى ئايلانماي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پلانېتا سىستېمىسىنىڭ، بايقالغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ بايقاش ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلى «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژورنىلى» نىڭ ئەڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
تۆۋەندىكى پايدىلىنىش ماتېرىيالىدا ج پ ل دىكى ئالىي دەرىجىلىك ئالىم ۋەس ترائۇب (Wes Traub) نىڭ بۇ بايقاشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ھەققىدىكى سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ۋەس ترائۇبنىڭ مەسئۇللىقىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىگە تەۋە.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە رەسىم:
First Exomoon Spotted: Is It The Real Deal, Or Just A Planét Orbiting A Star?
http://www.ibtimes.com/first-exomoon-spotted-it-real-deal-or-just-planét-orbiting-star-1570939
ئەسكەرتىش: بۇ يەردە بېرىلگىنى سىزىلغان رەسىم بولۇپ، كامېرا بىلەن تارتىلغان رەسىم ئەمەس.
يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە تەشەككۇر !
ئاي شارى ئەسلىدە يەر شارىنىڭ خاس ھەمرايىىنىڭ خاس ئىسمى بولغاچقا ، بۇ تىمىدىكى ئاۋۇ ئاي شارى دېگەننى « مۇستەقىل پېلانىتانىڭ ھەمرايى»دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدىكىن -دەپ ئويلاپ قالدىم. matimatika يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 10:06 static/image/common/back.gif
يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە تەشەككۇر !
ئاي شارى ...
ئىنگلىزچىدە يەر شارىنىڭ ھەمرايىنى «moon» دەپ ئېلىپ، تاشقىي پلانېتىنىڭ ھەمرايىنى «exomoon» دەپ ئالىدۇ. شۇڭا مەنمۇ بۇ يەردە شۇ بويىچە ئېلىپ قويدۇم. ئەگەر سىز تەكلىب قىلغان ئاتالغۇ ئۆلچەملىك ئاتالغۇ بولسا، مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن شۇ بويىچە ئالاي. ياخشى تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 10:25
ئەركىنكا ئالدىنقى تىمىمڭىزدا يەنى مارىستىكى ھىلىقى يورۇقلۇقنىڭ ئىشدا مەن سىزدىن سوئال سورىغان ئىدىم قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ چۇشەنچە بەرسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى،
؟
ئەركنكا ھەۋەسكار ئادەتتە تارتقان نەرسىلىرنى فىلىم شەكلىدە يوللامدۇ ؟ ياكى سۇرەت شەكىلىدە يوللامدۇ؟
سىز ئككى كامىرا بار دەپسىز ھەرئككلىسى بىرلا ۋاقىتتا رەسىم تارتامدۇ ياكى ئارسىدا ۋاقىت پەرقى بارمۇ؟
سول تەرەپتىكى كامىرا بۇنى نىمىشكە تارتالمايدۇ؟؟؟؟؟؟؟ 281151976ar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 10:23 static/image/common/back.gif
ئەركىنكا ئالدىنقى تىمىمڭىزدا يەنى مارىستىكى ھىلىقى يو ...
ئۈچ-ئۆلچەملىك رەسىم (-3-dimensional picture) تارتىش ئۈچۈن، «ھەۋەسكار» دىكى ئىككى كامېرا ھەر بىر كۆرىنىشنى تەڭلا رەسىمگە ئالىدىغان بولۇپ، سول تەرەپتىكى كامېرانىڭ بۇ يورۇقلۇقنى رەسىمگە تارتمىغىنىغا قاراپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ يورۇقلۇقنى ئوڭ تەرەپتىكى كامېرانىڭ سەزگۈچى ئېلېمېنتىدىكى مەسىلىمىكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان.
ھەۋەسكاردىكىسى رەقەملىق (digital) كامېرالاردۇر.
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 10:13 static/image/common/back.gif
ئىنگلىزچىدە يەر شارىنىڭ ھەمرايىنى «moon» دەپ ئېلىپ، تا ...
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېزاھلىق لۇغىتىدە« ئاي ‹ئاستىر› يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييارە، يۈزى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ تەكشى ئەمەس، ئۆزى نۇر چىقارماي ، قۇياش نۇرىنى قايتۇرىدۇ . دىئامېتىرى يەر شارى دېئامىتىرىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ، تارتىش كۈچى يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ ئالتىدىن بىرگە توغرا كىلىدۇ» (شۇ لۇغەت، بىر توملۇق نۇسخا ، 61-بەت) دەپ تەبىر بىرىلگەن . بۇ ئىنىقكى يەر شارىنىڭ ھەمرىيىنىڭ خاس ئىسمى دېگەنلىك بولىدۇ.
شۇڭا ، بۇ تىمىدىكىنى يەنىلا «ھەمرا»دەپ ئالساق مۇۋاپىقمىكىن دەپ ئويلىدىم.
مەن يەنە« ئىنگىلىزچە - ئۇيغۇرچە ئاستېرونومىيە لوغىتى »گە قاراپ باقاي. ھە ئەمدى چۇشەندىم رەخمەت سىزگە ئۇ يەردە قايتا يورۇقلۇق ئۇچۇرى ئىنق كۆرۇنمەستىن بۇرۇن ، بۇنى كامىرانىڭ ئىشى دەپ ئىنقلا دىسەك بولغۇدەك ئەمسە. ئەركىنكا ھەۋەسكار ئاۋاز يوللىيالامدۇ؟ http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201404/09/075058oyby1sf2zjsfrpz1.jpg.thumb.jpg
مارىسقا قارسىغۇ كشى ياشغىلى بولىدىغاندەكلا كۆرۇندىكەن كىشگە ، ئاۋۇ دۆڭلۇكنى كولاپ ئىسسىقراق ئو ي ياسسا ، سۇ بولسا ، شۇ سۇدىن پايدىلنىپ ئوكسىگىن ھاسىل قىلىنسا ، 5 ۋاخ نامازنى خاتىرجەم ئوقىلى بولسا شۇ يەردە ياشسىمۇ بولغۇدەك جۇما.
281151976ar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:18 static/image/common/back.gif
ئەركىنكا ھەۋەسكار ئاۋاز يوللىيالامدۇ؟
ئەلۋەتتە. ھازىر ھەممە ئۇچۇرلار رەقەملىق ئۇچۇرلار بولغاچقا، سىن ئۇچۇرى بىلەن ئاۋاز ئۇچۇرى ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش ئۇسۇلدا مارستىن يەر يۈزىگە يوللىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا قونغاندا، مارسنىڭ يۈزىگە قونۇش جەريانىدىكى كۆرىنىش بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىگە (يەنى بىزنىڭ ئىدارىگە) يوللىنىپ تۇرىدۇ. ھەۋەسكارنىڭ تىخمۇ چوڭ بايقاشلارنى بايقىشنى ئۇمۇد قىلىمەن ، سۇ ، قىممەتلىك مىتال ، ھەم ئۆزگىچە نەرسىلەرنى بايقىشغا تىلەكداشمەن.
دۇنيادىكى ئەڭ قىززىق نوقتا ئىشلىرنىڭ بىر دەل مۇشۇ ھەۋەسكارنىڭ بايقاشلىرى بولسا كىرەك، مۇشۇنداق ئېسىل ئۇچۇرلاردىن خەۋەردەر قىلغنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ، ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭ قىلىسۇن .!!!!!!!!!!! مارىسقا بىرەر يۈز خىل دەل-دەرەخ، زىرائەت، ئوت چۆپنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ چېچىپ باقسا قانداق بۇلار.
بۇ تەجىربىلەنى ئىشلەپ بولدىڭلىمۇ يە؟ :) بىلىمخۇماركا، سىزگە بىر تەكلىۋىم بار ئىدى، ھازىرغىچە ئامرىكىنىڭ ئايغا چىققىنىنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى قانچە قىتىم ئايغا ئادەم چىققىننى بىلمەيدىغان بالىلار كۆپكەن. بۇ توغۇرلۇق ئەتراپىمدىكىلەردە بىر قانچە قىتىم تالاش تارتىش بولدى. شۇڭا ۋاقتىڭىز چىقسا مۇشۇ ئامرىكىنىڭ ئايغا چىقىشى، ئاپوللو پىلانى، گۇمانلغۇچىلارنى قايىل قىلغۇدەك پاكىتلار دىگەنلەر بىلەن تەپسىلى بىر پارچە ماقالە يازغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن. matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 14:18 static/image/common/back.gif
مارىسقا بىرەر يۈز خىل دەل-دەرەخ، زىرائەت، ئوت چۆپنىڭ ...
ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئۈچ شەرت كېرەك. سۇ ياكى نەملىك،مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا،يورۇقلۇق
مارستا سۇ بولمىسا ، يەنە كېلىپ كېچىىدىكى تېمپىراتۇرىسى بىلەن كۈندۈز تېمپىراتۇرا پەرقى زور تۇرسا قانداق بىخلانغاي ؟؟؟؟؟؟؟؟ matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 14:18 static/image/common/back.gif
مارىسقا بىرەر يۈز خىل دەل-دەرەخ، زىرائەت، ئوت چۆپنىڭ ...
كۈندۈزى قۇياشنىڭ ھارارىتىدە كۆيۈپ ئۆلىدۇ،ساق قالغانلىرى كېچىسى توڭلاپ ئۆلىدۇ قاپ ياساپ تېرىيدۇ، ئەينەك قاپ. مارس قۇملىرىدىن ئەينەك ياساپ ئىشلەتسە بولىدۇ. yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 15:20 static/image/common/back.gif
كۈندۈزى قۇياشنىڭ ھارارىتىدە كۆيۈپ ئۆلىدۇ،ساق قالغان ...
كۈندۈزى 20 ، كېچىسى 80- ئەتىراپىدا. شۇڭا كۈندۈزى نەرسىلەر كۆيۈپ كەتمەيدۇ. زۆھرەدە شۇنداق بولارمىكىن.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matros5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 20:47
yigana523 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 15:20 static/image/common/back.gif
كۈندۈزى قۇياشنىڭ ھارارىتىدە كۆيۈپ ئۆلىدۇ،ساق قالغان ...
بىرەر يۈز خىل ئۇرۇقنىڭ ئىچىدە بىرەر تال بولسىمۇ ئۈنۈپ قالامدىكىن دەيمىنا:P مەسلەن : قار لەيلىسى، توغراق، قارغاي، چاكاندا دېگەندەك سۇغوققا، قورغاقچىلققا چىدايدىغان ئۆسۈملۈكلەر bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 10:13 static/image/common/back.gif
ئىنگلىزچىدە يەر شارىنىڭ ھەمرايىنى «moon» دەپ ئېلىپ، تا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنكا، ياخشى ئۇچۇردىن خەۋەردا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
moon غا نىسبەتەن Exomoon دىگەن ئاتالغۇغا سىز بىرەر قىسقا، يىغىنچاق، ئىلمىيراق ئىسىمدىن بىرەرنى قويغان بولسىڭىزمۇ بوپتىكەن، بولمىسا ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى كەپ چىققۇدەك، ھەم كەپ مۇرەككەپ بوپ قالغۇدەك.
moon نىغۇ «ئاي» دەپ، ئەھۋالىغا قاراپ «ئورغاق ئاي»، «تولۇن ئاي» ... دەپ كەپتۇق.
ئەمدى Exomoon نى «تاشقى ئاي»، «ئولتىرا ئاي» ياكى «قاراڭغۇ ئاي» دىگەنلەرنىڭ بىرىنى تاللاپ دەمدۇق ياكى باشقىلارنىڭ مۇۋاپىق ئويلىغىنى بارمۇ، قېنى ئىزدىنىشتىكى بىلىمخۇمارلار ... iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 15:12 static/image/common/back.gif
ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئۈچ شەرت كېرەك. سۇ ...
خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق، سۇ، ھاۋا، تېمپىراتۇرا دېگەن ئۈچ شەرت بارغۇ دەيمەن.
بەت:
[1]
2