ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 09:17:18

كەتمەنباي: شامال لىرىكىسى


پارە-پارە ھىسلىرىم


ساداقەتجان ھاجى


شامال لىرىكىسى

خىياللىرىم شامالدۇر-شامال،
تىلەكلىرىم تاڭدەك جىلۋىدار.
يۈرىكىمگە يولىماس زاۋال،
چۆل ئەيلىدى ئىشقىمنى بىدار.

ناخشا ئېيتسام بارخانلار ئۇچار.
قاناتلىنىپ گۈلخانلار ئۇچار.
قەبرىلەردە مىڭ يىلدىن بېرى
ئويغاق ياتقان ئارمانلار ئۇچار.
★★★★★
2004-يىلى. قەشقەر
★★★★★


ھەقىقىي شائىر

شائىرلىققا قىلىپ مەن ھەۋەس،
چاغلاپتىمەن ئۇنى بەك ئاسان.
چىن، ھەقىقىي شائىر دىگەننىڭ
بولمايدىكەن قەلبى چۆل-خازان.
★★★★★
1986-يىل 13-مارت
★★★★★


ۋاپادارغا قىلىدۇ ۋاپا

«بۇ جاھاندا يوق ئىكەن ۋاپا»
دەپ بەزىلەر قىلىدۇ تاپا.
بۇ جاھاندىن بولمايلى خاپا.
ۋاپادارغا قىلىدۇ ۋاپا.
★★★★★
1986-يىل 6-ئاي
★★★★★


سۇنىڭ سۆزى

ئېرىقتىكى سۇ
دەريادا ئاقسام دەرمىش.
دەريادىكى سۇ
دېڭىزدا ئاقسام دەرمىش.
دېڭىزدىكى سۇ
زىمىننى يۇتسام دەرمىش.
★★★★★
1987-يىل
★★★★★


يوقالغان كۈي

كۈيلىرىمنى بەرسەم شامالغا
چۈشلىرىنى بۇزىۋەتسۇن دەپ
ئۇخلاپ ياتقان قەدىمىي ئورماننىڭ.
بىراق،
يوقاپ كەتتى كۈيلىرىم
بورىنىدا تەكلىماكاننىڭ.
*******
1987-يىل
*******


قارچۇقسىز كۆزلەر

ساڭا قاراپ ئولتۇرسام جانان،
ھەسەتخورلۇق قىلىپ بىر قاغا
كۆزۈمنى چوقۇپ
ئويۇۋالدى قارچۇقلىرىمنى.
قارچۇقى يوق قانلىق كۆزۈمدە
سەرسان بولۇپ يۈرەر مۇھەببەت...
*******
1987-يىل
*******


خۇمار

بۇلۇتقا يۆگەپ
قۇملىرىنى تەكلىماكاننىڭ،
چەكسەم
تۇتاشتۇرۇپ قۇياش چوغىدا،
قانارمىكىن خۇمارى جاننىڭ؟
بىراق،
ئىچى ئاغرىپ ماڭا ئاسماننىڭ
بۇلۇتىنى بېرىپ تۇرارمۇ؟
سەھەردەك ئويغاق،
سۇدەك ئويناق بۇلۇتلىرىنى...
★★★★★
1987-يىل
★★★★★


ئىشەنچىم

مەن كېزىپ باقمىدىم سامانى،
ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
سامادىن كەڭرى دەپ يۈرىكىم.

مەن چىقىپ باقمىدىم چوققىغا،
ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
چوققىدىن يۈكسەك دەپ تىلىكىم.

مەن دۆڭنى تۈزلەپمۇ باقمىدىم،
ۋەلىكىن ئىشەنچ قىلىپ يۈرىمەن
تەۋرىتەر تاغنى دەپ بىلىكىم.
★★★★★
1988-يىل 2-ئاي
★★★★★


كۈلۈش ۋە كۆيۈش

چىقساڭ ئەگەر ئېگىز چوققىغا،
قۇدرىتىڭدىن كۈلۈپ ئۆتىسەن.
چىقالمىساڭ ئەگەر شۇ تاغقا،
چىققانلارغا قاراپ، ئارماننىڭ
ئوتلىرىدا كۆيۈپ ئۆتىسەن ...
★★★★★
1989-يىلى 27-مارت
★★★★★


يۈرىكىم

ۋەزنى تاغدىن يىنىك ئەمەستۇر،
قارىماققا مۇشتەك يۈرىكىم.
ئۇچار چەكسىز كۆكنى باغاشلاپ،
كىچىككىنە قۇشتەك يۈرىكىم.
نىچۈن دەمسەن؟
چۈنكى يۈرەكتە
ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى بار!
★★★★★
1990-يىل
★★★★★


شائىر كۆڭلى

شائىرنىڭ شېئىرغا سىغقان كۆڭلىگە
بۇ كەڭرى جاھانمۇ تار كىلىدىكەن.
شائىرنىڭ ساپ ۋىجدان، ئاق كۆڭۈللىكى
ئىچى تار زامانغا ھار كىلىدىكەن.
شۇڭلاشقا تەۋپىقتەك، ئابدۇخالىقتەك
شائىرنىڭ بېشىغا دار كىلىدىكەن.
★★★★★
1997-يىل 1-نويابىر
★★★★★
بەت: [1]
: كەتمەنباي: شامال لىرىكىسى