Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 20:31:35

Android دىكى Recovery دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئالدىنقى قېتىم Android دىكى Root ھوقۇقى دېگەن نېمە؟ دېگەن تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن بىر قىسىم تورداشلار Recovery توغرىسىدىمۇ بىرەر تېما يوللىشىمنى ئېيتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن مانا Recovery ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

Recovery دېگەن نېمە؟
Recovery سۆزنىڭ مەنىسى «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بولۇپ، سىستېمىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ۋە ياكى بىرەر ئىقتىدارى قوشماقچى بولسىڭىز يەنە root ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغان چاغلاردىمۇ مۇشۇ Recovery نىڭ ياردىمىغا تايانماي بولمايدۇ. (3-تەرەپ دېتالى ئەسقاتمىغاندىكى ئەھۋال ھە بۇ). يىغىپ ئېيتساق Recovery دېگىنىمىز يانفوندا سىستېما قاچىلايدىغان، يانفون سىغىمىنى تازىلايدىغان، فورماتلايدىغان، رايونغا ئايرىيدىغان.... دېگەندەك ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەنگەن بىر باشقۇرۇش قورلىدۇر.

Recovery نى قانداق ئىشلىتىمىز؟
ئادەتتە Recovery ئىقتىدارى Android يانفونلارغا سىستېما قاچىلايدىغان چاغدا بىر قەدەر كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.  يەنى بىز قاچىلىماقچى بولغان rom نى يانفون SD كارتىسىغا ياكى يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرۈپ ئاندىن Recovery ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
ھەرقايسى ماركىلىق يانفونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ Recovery سىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە يېڭى يانفونلاردا زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكى Recovery نىڭ ئىقتىدار سەل ئاجىز بولىدۇ، بۇنى ئۆزىمىز نەشرىنى كۆتۈرۈش ياكى باشقىلار يېڭىلاپ قويغان Recovery غا كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئىتىدارىنى ئاشۇرساق بولىدۇ. Recovery نى شەخسلەر ئۆزىمۇ ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىرالايدۇ خۇددى rom نى ئۆزگەرتكەندەكلا ئۆزگەرتىپ چىقىرالايدۇ، بۇنداق Recovery لارنى ئادەتتە 3-تەرەپ Recovery سى دەيمىز.
Recovery نىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى:
ئەسلى Recovery






مانا بۇلار 3-تەرەپ Recovery لار بولۇپ، ھەممىسى باشقىلار ئۆزگەرتىپ ئىقتىدار قوشۇپ ياساپ چىققان Recovery لار.

Recovery غا كىرىش ئۇسۇلى قانداق؟
ئادەتتە كۆپۈنچە ئەقلىفونلاردا ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى+HOME كۇنۇپكىسى (يانفوننىڭ ئوتتۇردىكى يوغان قايتىش كۇنۇپكىسى شۇ) + توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ (ئۈچ كۇنۇپكا ئىچىدە ئاۋازنى يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن HOME كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇقىم تۇرىمىز) Recovery غا كىرسەك بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كىرەلمىسەك 3-تەرەپ دېتالى ئارقىلىق يانفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ تۇرۇپ بۇيرۇق بېرىپ كىرسەك بولىدۇ.

Recovery نىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇتۇش
Recovery نىڭ ئىقتىدارلىرى كۆپ، سىز يانفونغا Recovery ھالىتىدە كىرىپلا، ئۇنى بىر بارماق دىسكا قىلالايسىز، سىستېمىلىرىڭىزنى زاپاسلاپ باشقا سىستېما قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىپ يەنە ئەسلگە ئەكېلەلەيسىز، سىغىم كارتسىڭىز ياكى يانفون سىغىمىنى فورماتلاپ، رايونغا ئايرىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇنداق بولسا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ.




(يۇقارقى رەسىمدىكى تەرجىمىدە مەسىلە بولسا، پىكىر بەرسەڭلار توغرىلىۋەتسەم بولىدۇ)

مانا بۇ Android يانفونلاردىكى Recovery شۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىكراق چۈشىنىپ تۇرساق بولىدۇ. قالغان ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن.

مەزكۇر يازمىنى ئۆزۈمنىڭ يولۇققان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم. شۇڭا بەزى بىر خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق بولسا ئىنكاس شەكلىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە مەلۇم قىلساڭلار تۈزەتسەم بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، بۇ يازمىنى باشقا يەرگە كۆچۈرمەسلىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازما قۇتيار توردىن بىلىك كۇلۇبى ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاندى. باشقا يەرلەردە ئېلان قىلىنمايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار مۇنبىرىدىن كۈلكە

2014-يىلى ئۇمۇتنىڭ 15-كۈنى

بىر قىسىم رەسىملەر نورمال كۆرۈنمەي قالدى. ئەسلى مەنبەدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
http://www.qutyar.net/mb/thread-8410-1-1.html

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 21:33:46

مىنىڭ تىلىفۇنۇم فەنتەي ئا 850ئىدى ، رىكوۋېرغا پەقەت كىرمەيۋاتىدۇ،

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:06:51

karahaniya يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 21:33 static/image/common/back.gif
مىنىڭ تىلىفۇنۇم فەنتەي ئا 850ئىدى ، رىكوۋېرغا پەقەت كىر ...

3-تەرەپ دېتالىنى ئىشلىتىڭ. لېكىن يانفونىڭىزنى شۇ دېتاللار قوللىشى كېرەك. قوللىمىسا يەنە بولمايدۇ.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 22:38:08

كەچۈرۈڭ ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال بوپ قالدى(يانفۇندا چىققاشقا روتقا مۇناسىۋەتلىك يازمىغا كىرەلمىدىم)
   ئاندىرويىدقا روت ھوقۇقى ئىلىپ   ئۈچىنجى تەرەپ ئەپلىرىنىڭ  شەخسى ئۇچۇرغا ئىرىشىشىنى توسقىلى بولىدۇ ، يەنى بەزى ئەپلەر  ئورۈن ، ئالاقىلىشىش نۇمۇرلىرى ، ئۈچۈر، سۆزلىشىش خاتىرىسى   ……قاتارلىق شەخسى ئۈچۈرلارغا ئىرىشمەكچى بولىدۇ ، بىز روت ھوقۇقى ئىلىپ  يانفۇن قاراۋۇللىرى (安全大师) ئارقىلىق ئۇلارنى چەكلىيەلەيمىز ، روتلانمىغان يانفۇندا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ
   روت ھوقۇقىغا ئىرىشىپ يەنە  ئۆزلىكىدىن قوزغۇلىدىغان ئەپلەرنى چەكلىگىلى ، ئەپلەردىكى ئىلانلارنى تازلىغىلى ، ئەپلەرنىڭ تور ئىقىمىنى خورىتىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ
روت ھوقۇقىنىڭ سىستىما ئەپلىرىنى يۈيۈشتىن باشقا مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىمۇ بار  ، مەن مۇشۇ مەقسەتتە يانفۇننى روتلاپ ئىشلىتىمەن ،  سىزنىڭچە بۇنداق قىلغاندا راستىنلا شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولامدۇ ؟ ئەگەر بۇنىڭ ئۈنىمى بولسا يانفۇننى روتلاپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كىرەكمۇ قانداق ؟  

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 23:32:03

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 22:38 static/image/common/back.gif
كەچۈرۈڭ ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال بوپ قالدى(يانفۇند ...

root ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولۇپلا ھاجەتتىن چىقىپ بولغاندا تاقىۋەتكەن ياخشى. بۇنداق بولغاندا سىز دېگەندەك لۈكچەك ئەپلەر، بىخەتەرلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا 3-تەرەپ ئەپلىرى ئالالمايدۇ. بۇنىسى ئېنىق، چۈنكى سىز ئۇنىڭ كىرىشىگە ھوقۇق بەرمىگەنكەنسىز، سىستېمىڭىزغا مەجبۇرى كىرىپ ئالالمايدۇ. شۇڭا root ھوقۇقىنى ئامال بار تاقاش كېرەك، تاقىمايتتىم دېسە ئەپكە ھوقۇق بېرىدىغان ۋاقتى بار، يەنى شۇ ئەپنى پەقەت 5 مىنۇتلا root ھوقۇقىدىن بەھرىمان قىلسۇن (5-15... مىنۇت ھەتتا بىرەر كۈنگىچە دېگەندەك) دېگەندەك تاللاشنى تاللاپ ئاۋارىچىلىق كۆرمىسىڭىز ھەر بىر قېتىم بىرەر ئەپنى قوزغاتقاندا ئۇ ئەپكە ھوقۇقنى قولدا بېرىپ ماڭسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 10:53:00

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 23:32 static/image/common/back.gif
root ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولۇپلا ھاجەتتىن چىقىپ بولغاندا  ...

ئەگەردە روت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يانفۇنغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇپ بولغاندىن كىيىن روتنى تاقىۋەتسەك ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالامدۇ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 11:04:50

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 10:53 static/image/common/back.gif
ئەگەردە روت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يانفۇنغا ئۇيغۇرچە ت ...

ئەلۋەتتە ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى سىز ئاللىبۇرۇن ئۇنى ئۆزگەرتىپ بولدىڭىز. ھوقۇق شۇنى ئۆزگەرتىشكە يول قويىدۇ، يول قويۇپ بولغاندىن كېىيىنلا سىز خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولدىڭىز، ئاندىن ئىش تۈگىگەندىن كېيىنلا root نى تاقىۋەتسىڭىز ئەسلى ھۆججەت جايىدا تۇرۇۋېرىدۇ. بۇ يەردىكى root بىرەر ھۆججەتنى كۆرسەتمىگەچكە ھۆججەتلەرگە چېقىلمايدۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:39:20

مەندە بىر دانە سامسۇڭ بارىتتى،ئاكامنىڭ ئاغىنىسى ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بەسەڭ دەپ ئەكەپتىكەن.قارىسام سىسىتىمىسى 2.3.5كەن، 4.0.3كە كۆتۇرۇپ ئۆزەم سىناپ بىركۇن سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن قايتۇرۇپ بەسەم،ئەتىسى ياندۇرۇپ كەپتۇ،تېلفۇن قوزغالمىدى دەپ.....كومپىيۇتىرغا چاتسام تونۇدى،سىستىما يازدىم.odin دا نورمال يىزىلىپ تىلفۇن قايتا قوزغۇلىدىغان يىرىگە كەلگەندە قىزىل خەت چىقىۋىلىپ سىستىما يىزىلمىدى،رىمونىتچىلارغا كۆرسەتسەم 字库 سىدىن مەسىلە چىقىپتۇ دەيدۇ،  ئۇ قانداق يىرى بولغۇيتى دەپ قالدىم:(:(:(:(:(:(:(

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 19:34:31

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 16:39 static/image/common/back.gif
مەندە بىر دانە سامسۇڭ بارىتتى،ئاكامنىڭ ئاغىنىسى ئۇيغۇ ...

字库 دېگەن سىستېما يازغانغا ئۆلىدىغان يەر ئەمەس. ئۇ ئاساسلىق شۇ سىستېما ھۆججەتلىرىنى ساقلايدىغان قاتتىق دېتال قىسىمى. يەنى مۇنداقچا ئېيتقاندا يانفوننىڭ قاتتىق دىسكىسى شۇ دېسەك بولىدۇ. باشقا يانفونلارنىڭ قانداقكىن ماۋۇ سەنىشڭنىڭ 字库 سى تەملەكلىك چىقىدىكەن. ئۇ ئاساسلىقى قاتتىق سىلكىنىشتىن ئاجراپ كېتىدىغان نەرسىكەن. ئۇ ئاجراپلا كەتسە بولدى يانفون قوزغالمايدۇ. يەنى توك ئۆتىدۇ، تىترەيدۇ ئەمما ئېكراندا ئۇچۇر چىقمايدۇ. ئاۋۇ تېلېفوندا ئۇچۇر باركەن. شۇڭا ئەنسرىمەڭ، باشقا rom يېزىڭ. ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

مۇشۇ نەرسە شۇ. قولىڭىزدىن كەلسە ماس بولغان 字库 نى توردىن ئېلىپ ئۆزىڭىزمۇ سېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاۋۇ يانفوننىڭ بۇ نەرسە چوقۇملا ئۆلمىدى

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 19:21:26

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 19:34 static/image/common/back.gif
字库 دېگەن سىستېما يازغانغا ئۆلىدىغان يەر ئەمەس. ئۇ ئاس ...

دىمەك مەن تېلفۇننى كۆرسەتكەن رىمۇتچى مەندىن سەل ئۇستا ئوخشىمامدۇ؟؟؟  سىزچە مۇشۇ سىستىما يىزىلماسلىقتىكى چاتاق نەدىدۇ؟؟؟ئاتۇشتىكى رىمۇتچىلا ئوڭشىيالماي قەشقەگە كىرگۇزۇپ بەرسەممۇ ساقايماپتۇ،ئۇمۈدنى ئۇزۇپلاۋىتەيدىسەم تىخى ›

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 19:25:56

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 19:34 static/image/common/back.gif
字库 دېگەن سىستېما يازغانغا ئۆلىدىغان يەر ئەمەس. ئۇ ئاس ...

تېلفۇننىڭ تىپى 三星 GALAXY SL I9003  ئىدى....

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 19:28:48

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 19:25 static/image/common/back.gif
تېلفۇننىڭ تىپى 三星 GALAXY SL I9003  ئىدى....

ئەمدى مەنمۇ ھەممىنى بىلىپ كەتمەيمەن. لېكن بۇ زىكۇنىڭ ئېنىق بۇزۇلۇش قانۇنىيىتى بار نەرسە. ئۇنداق سىستېما يېزىپ قويغانغا ئۆلىدىغان نەرسە بولمىسا يا.
تاۋباۋدىكى يولداشلار بىلەن ئالاقە قىلىڭ كۆرۈلگەن ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ بېقىڭ. ئامالى چىقىپ قالا.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 19:30:40

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 19:28 static/image/common/back.gif
ئەمدى مەنمۇ ھەممىنى بىلىپ كەتمەيمەن. لېكن بۇ زىكۇنىڭ  ...

:)

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-17 21:51:45

مەنمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي،ئاۋۇ زاپاسلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سېستىما زاپىسىنى كارتىغا ياكى تېلفۇن سىغىمىغا چىقىرىۋېلىپ،سېستىمىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئوخشاش تىپتىكى يەنە بىر تىلفۇنغا ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئوڭشىغىلى بولامدۇ.مەن ۋە ئاغىنەمنىڭ ئوخشاش تېلفۇنى بار ئىدى.ئاغىنەمنىڭ تېلفۇنى خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بۇزۇلۇپ قوزغالماس بولدى.توردىن شۇنچە ئىزدەم رومىنى تاپالمىدۇق.شۇڭا مېنىڭ تېلفۇنۇمدىكى سېستىمىنى ئاغىنەمنىڭ تېلفۇنىغا قانداق قاچىلايمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 06:36:18

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 21:51 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بىر سۇئال سورىۋالاي،ئاۋۇ زاپاسلاش ئىقتىدارىدىن  ...

ئومپۇ ئوخشاش بولسا بولىدۇ. بىرەر سايمىنى ياكى تىپى ئوخشىمىسا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بەت: [1]
: Android دىكى Recovery دېگەن نېمە؟